بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ئۆسۈملۈكلەر >> سەرخىس  (贯众)

سەرخىس  (贯众)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-29 16:07:15    كۆرۈلۈش سانى : 41  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
سەرخىس)贯众Guan zhong 欧绵马(  تونۇش:    بۇ سەرخىس ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى يانتۇ ئۆسكەن، قاتتىق، كەسمە يۈزى سۇس يېشىل، سىرتىنى تەكشى تىزىلغان يوپۇرماق ساپاق قالدۇقلىرى ۋە خورما رەڭلىك پەردىسىمان تەڭگىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، كۆپلىگەن چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈستىدە قوڭۇر پەردىلەشكەن تەڭگىچىلەر بولىدۇ، يوپۇرمىقى ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان تولۇق ۋە چوڭقۇر يېرىلغان بولۇپ، كىچىك ياپراقچىلىرىدا ئۇششاق ھەرە چىشلىرى بار، سىپورا خالتا توپلىرى ئايرىم ھالدا كەينى تەرەپ ئوق تومۇرىنىڭ ئىككى يېنىغا تىزىلىدۇ. ئۆسۈش ئورنى:   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغلىق  جايلىرىدىكى كۈن چۈشمەيدىغان نەم تاغ باغرى،  دەريا ۋادىسى ۋە ئورمانلىقلاردا  ئۆسىدۇ. خۇسۇسىيىتى:   مەددە ئۆلتۈرۈش، ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.  سەرخىس تەركىبلىك رېتسېپلار  سەرخىستىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكام، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى  سەرخىسنى لاتىغا يۆگەپ ئىدىش ياكى كومزەككە چىلاپ قويۇپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تارقىلىشچان زۇكام ۋە قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەرخىستىن 35 گرام،  يالپۇزدىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا  قاينىتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام سەرخىسنى 12 گرام ئوسما يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەرخىستىن 35 گرام، ئۈچقاتتىن 30 گرام،  يۇنمۇدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا  قاينىتىپ، ئالتىگە بۆلۈپ،  ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان مېڭە - يۇلۇن پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆمۈرلەنگەن سەرخىسنى يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە 2 ~ 3  قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام سەرخىسنى 15 گرام  ئەينۇلا، 35 گرام كاۋا ئۇرۇقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ  كەچتە ئىچىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا 20 گرام  تازىلانغان شور ئىچىپ بەرسە، سازاڭسىمان مەددە، ئىلمەك مەددە ۋە يىلانسىمان مەددە قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سۇزاپ
●  زىغىر
●  رەتبە
●  رۇم بەدىيان
●  قەيسۇم
●  توغراق (胡杨)
●  ئېيىقتاپان (野桑椹 )
●  سەرخىس  (贯众)
●  ھىندى نېلۇپىرى (荇菜)...
●  ئۈجمە
●  كۆك كاۋا
●  سۆزە
●  جاغجاقئوت (漏芦)
●  ئاق قېيىن (白桦皮)
●  قاغا تىرنىقى (老鸦瓣)
●  ئۆشنە
●  ئېتىزلىق قىرىق بوغ...
●  جۇخار گۈلى(菊花)
●  ئېشەكقومۇشى (鸦葱)
●  لالىگۈل(白头翁)

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سۇزاپ
●  زىغىر
●  رەتبە
●  رۇم بەدىيان
●  قەيسۇم
●  توغراق (胡杨)
●  ئېيىقتاپان (野桑椹 )
●  سەرخىس  (贯众)
●  ھىندى نېلۇپىرى (荇菜)
●  ئۈجمە

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى