قەيسۇم
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-08 11:54:45 كۆرۈلۈش سانى : 102
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
细叶艾 xu ye ai
تونۇش: بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 14 ~ 100 سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدىغان بىرخىل ئىنچىكە ئۆسۈملۈك بولۇپ، چىشى، ئەركەك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئەركىكىنىڭ شاخلىرى ئىنچىكە، مېۋىسى كىچىك، شەكلى ئەمەنگە ئوخشايدۇ. گۈلى كەمرەك، چىشىسىنىڭ گۈلىدىن كىچىكرەك، گۈلىنىڭ رەڭگى ئاققا مايىل. چىشىسى دەرەكلىدىكى شەكلىدە بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاق تەرەپكە مايىل، شاخلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىرى يېرىلاڭغۇ، ئىنچىكە، سۇزاپنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشايدۇ، تېنىدە چاپلىشاڭغۇ ھۆللۈك بار. شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا يۇمىلاق گۈلى بولۇپ، رەڭگى ئالتۇننىڭ رەڭگىدەك سېرىق، خۇشبۇي، پۇرىقى ئۆتكۈر، تەمى ئاچچىق، مېۋىسى ھەببۇلئاسقا ئوخشايدۇ، تومۇزدا چېچەكلەيدۇ.دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: يەل تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، تەپنى پەسەيتىش، كۆكرەك ئاغرىقىنى پەسەيتىش، نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى ھەرخىل قۇرتنى ئۆلتۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاش، پەي تارتىشىشنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 5 ~ 7 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قەيسۇم تەركىبلىك رېتسېپلار
مۇۋاپىق مىقداردىكى قەيسۇمنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى ھەرخىل قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈپ، سۈيدۈك، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاپ چىقىرىپ، بوغۇم ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ؛ زەھەرلىك دورىلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇپ، تىترىتىدىغان تەپلەرنى پەسەيتىدۇ.
قەيسۇمنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ ئېزىپ پىشۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېىپىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە مېڭىدىكى سوغۇقلۇقنى يوقىتىدۇ.
قەيسۇمدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىششىق ياندۇرۇپ، جاراھەت پۈتتۈرىدۇ.
قەيسۇمنى كۆيدۈرۈپ، يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، قان توختىتىدۇ.
قەيسۇمنى كۆيدۈرۈپ بۇي سالسا، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ.
|
|