رۇم بەدىيان
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 10:19:24 كۆرۈلۈش سانى : 55
八角香
ba jiao xiang
تونۇش: بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تېنى چاسا، قىرلىق ئىنچىكە، يوپۇرمىقىمۇ ئىنچىكە، خۇشبۇي، گۈلى ئاققا مايىل سېرىق رەڭدە بولىدۇ. ئۇرۇقى كۆكرەك، ئۈچ بۇرجەكرەك غىلاپنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئارپىبەدىياندىن كىچىكرەك، تەمى ئاچچىق.دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: پالەچ، لەقۋا، پەي ئاجىزلىق، تۇتقاقلىق، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 2 ~ 4 گرام، بەش ياشتىن 10 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 8 گرام، 10 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
رۇم بەدىيان تەركىبلىك رېتسېپلار
رۇم بەدىياندىن 5.1 گرامنى 25.0 گرام مەستىكى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، 30 گرام گۈلقەنت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلسا كۆپ ئۇخلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
رۇم بەدىياننى قاينىتىپ سۈيىنى مائۇلھەسەلگە قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، كۆپ جۆيلۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
رۇم بەدىيانغا گۈلقەنت، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلىنسا يېڭىدىن بولغان پالەچكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
رۇم بەدىياننى سوقۇپ چىشقا باسسا، چىشنى چىرايلىق ھەم جۇلالىق قىلىدۇ.
رۇم بەدىياننى چاينىسا ئېغىز پۇراشقا، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا، يۆتەل ۋە خاپىغانغا مەنپەئەت قىلىپ، بۆرەك، جىگەر، تال ۋە بالىياتقۇ يوللىرىنى ئاچىدۇ؛ قىزىتما، سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇپ، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى چىقىرىپ، سۈت كۆپەيتىدۇ.
رۇم بەدىياننى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، يېڭى تۇغقان ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ.
رۇم بەدىياننى سىركە بىلەن قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ئىششىقنى ياندۇرۇپ، پىت ئۆلتۈرىدۇ.
|
|