ئېيىقتاپان (野桑椹 )
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-30 13:23:09 كۆرۈلۈش سانى : 131
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئېيىقتاپان)野桑椹 Ye sang shen(
تونۇش: بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 70 سانتىمېتىر، پۈتۈن تېنى ئاق رەڭلىك ئۇزۇن تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئۇزۇن بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۈچكە چوڭقۇر يېيىلغان، يان يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرى ئىككىگە يېرىلغان، كىچىك يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرىنىڭ گىرۋىكىدە رەتسىز چىشسىمان يېرىقچىلىرى بولىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈچكە يېرىلغان؛ گۈلى سېرىق، شېخىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، ئۇرۇق مېۋىسى يالپاقراق تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، زىچ توپلىشىپ ئۈجمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆستەڭ بويلىرى ۋە تاغ جىلغىلىرى قاتارلىق نەم ئورۇنلاردا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ياللۇغ ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېيىقتاپان تەركىبلىك رېتسېپلار
ئېيىقتاپان مېۋىسىدىن 12 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، 110 ~ 150 گرام قوي جىگىرى بىلەن بىللە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېيىقتاپاننىڭ ھۆل مېۋىسىنى ئېزىپ، بەزگەك تۇتۇشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى قول بىلەزۈك قىسمىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە (ئەرلەرنىڭ سول، ئاياللارنىڭ ئوڭ قولىغا) تېڭىپ بەرسە، بەزگەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېيىقتاپاننىڭ پۈتۈن چۆپىدىن 12 گرام، بوزتىكەندىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېيىقتاپاننىڭ پۈتۈن چۆپىدىن 20 گرام ئېلىپ، قارا شېكەر بىلەن قوشۇپ، پىشۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل ئېيىقتاپاننى ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، يارا، باش تەمرەتكىسى ۋە تەڭگىسىمان تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېيىقتاپاننىڭ ھۆل چۆپىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل يارا، باش تەمرەتكىسى ۋە تەڭگە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
|
|