لالىگۈل(白头翁)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-21 12:32:15 كۆرۈلۈش سانى : 30
لالىگۈل白头翁
bai tou weng
تونۇش: بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 سانتىمېتىردىن 40 سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شەكلى كۆكنار ئۆسۈملۈكى ۋە يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. گۈلى، مېۋىسى ۋە ئۇرۇقلىرىمۇ ئوخشىشىدۇ. لېكىن كۆكنارنىڭكىدىن كىچىكرەك. ئۇرۇقىمۇ ئۇششاقراق. دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى، گۈلى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا گۈلى، چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: قان توختىتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 51 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 2 گرام، 51 ياشتىن چوڭلارغا ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 3 گرام، گۈلىدىن بىر گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
لالىگۈل تەركىبلىك رېتسېپلار
لالىگۈلنىڭ قۇرۇق گۈلىدىن ئالتە گرامنى ئېزىپ، مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىچ ئەزا ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
لالىگۈلنىڭ گۈلىنى يۇمشاق ئېزىپ بۇرۇنغا پۈركۈسە، بۇرۇندىن ۋە باشقا كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
لالىگۈلنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، ماددىلارنى يۇمشىتىپ، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان تۆشۈكچىلەرنى ئېچىپ، چېچەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
لالىگۈلنىڭ يوپۇرمىقى ۋە تېنىنى ئارپا سامىنى بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، سۈيدۈكنى، سۈتنى ۋە ھەيزنى ماڭدۇرىدۇ.
لالىگۈلنىڭ ئۇسارىسىنى جاراھەتلەرگە چاپسا، جاراھەتنىڭ قان - يىرىڭلىرىنى تازىلاپ، تېرىنىڭ سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىشىنى يوقىتىپ، كۆزنىڭ ئىششىقىنى تارقىتىدۇ.
لالىگۈلنىڭ ئۇسارىسىنى بۇرۇنغا تېمىتسا، مېڭىدىن كېلىدىغان ھۆللۈكنى تازىلايدۇ.
لالىگۈلنىڭ سىقىلغان سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا ياكى سۈرمە قىلىپ تارتسا، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىدۇ.
لالىگۈلنىڭ گۈلىنى ياڭاقنىڭ كۆك پوستى بىلەن ئېزىپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، چاچنى قارايتىپ، قۇبا كېسىلىنى يوقىتىدۇ.
لالىگۈلنىڭ ئۇرۇقىنى ئۈچ گرامدىن سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەرەس كېسىلىنى يوقىتىدۇ.
|
|