بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> بۈگۈن >> تارىختىكى بۈگۈن (5.30)

تارىختىكى بۈگۈن (5.30)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-30 13:20:28    كۆرۈلۈش سانى : 109  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center] شاڭخەيدىكى جاھانگىرلىككە قارشى غەزەپ ئوتى[/align] بۈگۈن، 30 - ماي ھەركىتىنىڭ خاتىرە كۈنى. 30 - ماي ھەركىتى 1925 - يىلى يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا، جاھانگىر مەملىكەتلەر جۇڭگودا نۇرغۇن زاۋۇت - فابرىكىلارنى قۇرۇپ، ئىشچىلارنى دەھشەتلىك تۈردە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماقتا ئىدى. شۇ يىلى 5 - ئايدا، ياپونىيىنىڭ شاڭخەيدىكى يىپ ئىگىرىش فابرىكىسىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ، كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلارنى يولسىزلىق بىلەن ئىشتىن بوشاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەندە، باستۇرۇشقا ئۇچرايدۇ. ياش ئىشچى، كومپارتىيە ئەزاسى گۇجېڭخۇڭ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئون نەچچە ئىشچى يارىلىنىدۇ. ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئېتراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شاڭخەيدىكى نەچچە مىڭلىغان ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار كوچىغا چىقىپ زور نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. نامايىشچىلار چەتئەل كونىسىيىلىرىنىڭ ئالدىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يەنە جاھانگىرلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. ساقچىلار زور تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ، يالغۇز نەنجىڭ كوچىسىدىكى ساقچى ئورگىنىلا 100 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالىدۇ. چۈشتىن كېيىن، ئون مىڭدىن كۆپ ئامما نەنجىڭ يولىدىكى ساقچى ئورگىنى ئالدىغا توپلىنىپ، قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ ساقچى ئەمەلدارى يەنە ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق بېرىشى ھامان، شۇ مەيداندىلا نەچچە ئون كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە يارىلىنىدۇ. مانا بۇ پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان 30 - ماي پاجىئەسى. شۇ كۈنى ئاخشىمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جىددى يىغىن چاقىرىپ، جاھانگىرلارنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تاشلاشقا، ئىشچىلارنى ئىش تاشلاشقا، تىجارەتچىلەرنى سودا تاشلاشقا چاقىرىشنى قارار قىلىدۇ. 30 - ماي ھەركىتى جاھانگىرلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىپ، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا نامايەن قىلىدۇ. [align=center]ئورلېئان قىزى [/align] فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدىكى بالۋيى ئىلاھىيە مەيدانىدا بىر قىزنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ. ھەيكەلدە ئۇ قىزنىڭ قولىدا شەمشەر تۇتۇپ، جەڭ ئېتىغا مىنگەن ھالدا دۈشمەن سېپىگە قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېتىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ قىز فرانسىيە تارىخىدىكى مەشھۇر مىللى قەھرىمان جېندئار. بۈگۈن، ئۇنىڭ شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان كۈنى. جېندئار 1412 - يىلى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شۇ يىللاردا ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى. بۇ ئۇرۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىغا 75 يىل بولغان. فرانسىيىنىڭ نۇرغۇن زېمىنى ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ بولغان ئىدى. 1428 - يىلى، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى يەنە فرانسىيىنىڭ مۇھىم قەلئەسىنى قورشىۋالىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان جېندئارنىڭ غەزىپى قايناپ تاشىدۇ. 1429 - يىلى، 17 ياشلىق جېندئار بىر بوز ئاتقا مىنىپ، قوشۇنلارنى باشلاپ ئورلېئان قەلئەسىدىكى ئالدىنقى سەپكە بارىدۇ، قاتتىق جەڭ بولۇۋاتقاندا، بەختكە قارشى ئۇنىڭغا ساداق )ئوق - يا ئوقى( سانچىلىدۇ. ئۇ ئاغرىققا چىداشلىق بېرىپ، تېنىدىكى ساداقنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىدۇ - دە، ئاندىن:>قېرىنداشلار ئالغا، ئالغا!< دەپ توۋلىغان ھالدا باشلامچىلىق بىلەن دۈشمەنلەر چېكىنىپ، ئورلېئان قەلئەسىنىڭ مۇھاسىرىسى بىتچىت قىلىنىدۇ، جېندئار فرانسىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىنىڭ بايرىقىغا ئايلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەت بىلەن >ئورلېئان قىزى< دەپ ئاتىشىدۇ. كېيىن، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن جېندئار ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. 1431 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۇنى جازا مەيدانىدىكى تۈۋرۈككە باغلاپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ 19 ياشقا كىرگەن ئىدى. 1453 - يىلى، فرانسىيە خەلقى ئاخىرى غەلبىگە ئېرىشىدۇ )تارىختا بۇ ئۇرۇش - 100 يىللىق ئۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ(.ھازىر، ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، فرانسىيە مەملىكىتى بويىچە بىر كۈن دەپ ئېلىپ، فرانسوز مىللىتىنىڭ بۇ مۇنەۋۋەر قىزىنى خاتىرىلەيدۇ.&&


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24
●  تارىختا بۈگۈن 4.23
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.22...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.21...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.20...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.19...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.18...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.17...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.16...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.15...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.14...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى