تارىختا بۈگۈن 4.28
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-28 17:33:07 كۆرۈلۈش سانى : 125
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۇلۇغ ئۇچرىشىش
1928 - يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىشچى - دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن بىر قوراللىق قوشۇن جۇدې، چېن يى يولداشلار يېتەكچىلىكىدە جىڭگاڭشەندىكى ئىنقىلابىي بازىغا يېتىپ بېرىپ، يولداش ماۋزېدۇڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابى قوشۇنى بىلەن غەلبىلىك ئۇچراشقان!
نەنچاڭ قوزغىلىڭى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، جۇ دې يېتەكچىلىك قىلغان بىر بۆلەك قوشۇن نەنچاڭدىن ئايرىلىدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭ جىڭگاڭشەن تېغىغا چىققاندىن كېيىن، جۇدې يېتەكچىلىگىدىكى بۇ قوشۇننىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. دۈشمەن گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن جۇدېنىڭ گۇاڭدۇڭغا كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئالاقىلىشىشقا دەرھال ئادەم ئەۋەتىدۇ.
نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەر ئىشلىنىشى ئارقىسىدا، بۇ ئىككى ئىنقىلابى قوراللىق قوشۇن ئاخىرى ئۇچرىشىپ بىر - بىرىگە جەم بولىدۇ. 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابى تايانچ بازىسىدىكى لۇڭشى دېگەن يەردە داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا، بۇ ئىككى ئىنقىلابى قوشۇن بىرلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيىسىنىڭ 4 - جۈنى )كورپۇسى( تەشكىل قىلىنىدۇ. يولداش ماۋزېدۇڭ پارتىيە ۋەكىللىكىگە، يولداش جۇدې جۈنجاڭ )كورپۇس كوماندىرى( لىققا، يولداش چېن يى سىياسى بۆلۈم مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.
ماۋزېدۇڭ ۋە جۇدې يولداشلارنىڭ رەھبەرلىكىدە، قىزىل 4 - ئارمىيە كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن قۇدرەتلىك بولۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىدۇ.
|
|