بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> بۈگۈن >> تارىختا بۈگۈن 4.29

تارىختا بۈگۈن 4.29

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-29 15:26:18    كۆرۈلۈش سانى : 93  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
>مەردلىكىم قالغاي مېنىڭ داستان بولۇپ< >قالدى كۈرمىڭ ئىز ۋەتەننىڭ كۆكسىدە، ئۆتتى ھەم نۇرغۇن كىشى نام قالدۇرۇپ،. ئەلەم - كۈلپەت مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس، مەردلىكىم قالغاي مېنىڭ داستان بولۇپ.< بۇ ئىنقىلاۋىي قۇربان يۈن دەييىڭ )1931 - 5189( نىڭ قۇربان بولۇش ئالدىدا تۈرمە كامىرىدىكى تامغا يېزىپ قالدۇرغان شېئىرى. بۈگۈن، ئۇ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان كۈن. يۈن دەييىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭجۇ رايونىدا توغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ياشلار ھەركىتىنىڭ رەھبىرى. 1920 - يىلى، ئۇ شياۋ چۇنۈ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1921 - يىلى، ئۇ جۇڭگو كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋە ياشلر ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، >جۇڭگو ياشلىرى< ژورنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن. 1930 - يىلى، يۈن دەييىڭ شاڭخەيدە قولغا ئېلىنىدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ ئۇنى قورقىتىش ۋە ئالداپ قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھەممە ئوسۇللىرى پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ. 1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۈشمەنلەر ئۇنى جياڭ جيېشىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. جازا مەيدانىدا، دۈشمەنلەر يۈن دەييىڭنى تىزلىنىپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغاندا، يۈن دەييىڭ:>كوممۇنىستلار ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدۇ!<دەپ خىتاب قىلىپ، گىرانىت تېشىغا ئوخشاش قىياپەت بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئۆرە تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان قاتىل لاغىلداپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرغاندا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئورنىغا كېلىدۇ. مىلتىقتىن چىققان سادا بىلەن تەڭ يۈن دەييىڭ يەرگە يىقىلىدۇ. لېكىن، ئۇ يەنە ئورنىدىن تىرمىشىپ قوپۇپ:>يوقالسۇن جياڭ جيېشى!ياشىسۇن جۇڭگو كومپاتىيىسى!<دەپ شۇئار توۋلايدۇ ۋەتەن سۆيەر گېئولوگىيە ئالىمى بۈگۈن، ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر گېئولوگىيە ئالىمى لى سىڭگۇاڭ )1971 - 1889(ۋاپات بولغان كۈن. لى سىگۇاڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ 15 يېشىدا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئارزۇسى بىلەن ياپونىيىگە بېرىپ كېمىسازلىقنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ توكيو شەھىرىدە سۇن جۇڭشەن ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىتتىپاقچىلار جەمئىيىتى )تۇڭمىڭخۇي( غا قاتنىشىدۇ. كېيىن، ئۇ ئەنگىلىيىگە بېرىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ ۋەتىنىمىزدە كېمە ياساش ئۈچۈن، پولات - تۆمۈر زۆرۈر بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئالدى بىلەن رۇدا كانلىرىنى تېپىش لازىملىقىنى ئويلايدۇ - دە، ئوقۇۋاتقان كەسپىنى گېئولوگىيىگە ئۆزگەرتىدۇ. لى سىڭگۇاڭنىڭ ئىگەللىگەن بىلىمى ناھايىتى مول ھەم چوڭقۇر بولسىمۇ، بىراق ئۇ كونا جۇڭگودا ئۇزاققىچە ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدا لى سىڭگۇاڭ ئەنگىلىيىدە ئىدى، ئۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇ قات توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي بېيجىڭغا قايتىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىم ماھارىتىنى ۋەتەن خەلقىغە تەقدىم قىلىدۇ. لى سىگۇاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ يەر ئاستى نېفىت بايلىقلىرىنى ئىزلەپ تېپىش يولىدا غايەت زور خىزمەت كۆرسىتىدۇ. ئۆتكەندە، چەتئەللىكلەر<جۇڭگودا نېفىت يوق، چۈنكى، چەتئەللەردىكى نۇغۇن نېفىتلىكلەر:>دېڭىز فاستىسى يەر قاتلىمى<دا، جۇڭگونىڭ زېمىنى بولسا، >قۇرۇقلۇق فاستىسى يەر قاتلىمى<غا جايلاشقان، دېگەن قاراشتا بولۇپ كەلگەن ئىدى. لى سىگۇاڭ ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، گېئولوگىيە - مېخانىكا نەزەرىيىسى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر نەزەرىيىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن، ئۇ:جۇڭگودىكى نېفىت بايلىقى ناھايىتى مول دېگەن قاراشتا بولىدۇ، نەتىجىدە، گېئولوگىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى لى سىگۇاڭ ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داچىڭ نېفىتلىكى قاتارلىق نۇرغۇن نېفىتلىكلەرنى ئىزلەپ تاپىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24
●  تارىختا بۈگۈن 4.23
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.22...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.21...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.20...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.19...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.18...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.17...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.16...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.15...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.14...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى