تارىختىكى بۈگۈن 4.30
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-30 12:33:55 كۆرۈلۈش سانى : 111
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۇ نېمىشقا تېز ھېسابلىيالىدى؟
بۈگۈن، گېرمانىيىنىڭ ماتېماتىكا ئالىمى گاۋس )1855 - 1777( تۇغۇلغان كۈن. گاۋس كىچىكىدىنلا ماتېماتىكىغا ئامراق بولۇپ، مېڭە ئىشلىتىشكە بەك ماھىر ئىدى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، بىر كۈنى مۇئەللىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن بىر مەسىلە تاپشۇرىدۇ:
?= 100 + .....4 + 3 + 2 + 1
بىر ئازدىن كېيىنلا، گاۋس مەسىلىنى ئىشلەپ بولۇپ، تاش دوسكىنى كۆتۈرگەن پېتى مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا، باشقا بالىلار باش كۆتۈرمەي ھېساب ئىشلەش بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى.
مۇئەللىمى بەكلا ھەيران قالىدۇ: ئۇنىڭ مۇنداق تېز ئىشلەپ بولغىنى نېمىسى؟بىراق، مەسىلىنىڭ جاۋابىغا قارىسا:5050 دەپ يېزىقلىق تۇرغان، بۇ قىلچىمۇ خاتا ئەمەس ئىدى.
گاۋس نېمە ئۈچۈن مۇنداق تېز ئىشلىيەلىدى؟ئەسلىدە ئۇ 1 دىن 100 گىچە بولغان سانلارنى ئۆز تەرتىپى بويىچە بىر - بىرىگە قۇشۇش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلىمىگەن. ئۇ باش تەرەپتىكى ۋە ئاياق تەرەپتىكى سانلارنى ئۆز رېتى بويىچە بىر - بىرىگە قوشقاندا، ھەممىسىدە يىغىندى سان ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايقىغان:
19801 + 3 102911 110 100 +1
110 51 + 50........
ئاشۇنداق قوشقاندا 50 ئورۇندا 101 كېلىپ چىققان، 101 نى 50 كە كۆپەيتكەندە، ئۇنىڭدىن 5050 ھاسىل بولغان.
گاۋس بۇ يەردە تولىمۇ ئەپچىل چارە ئىشلەتكەن. ھېسابتىكى قوشۇش ۋە كۆپەيتىش ئەمەللىرىنى ھەممە ساۋاقداشلار ئۆگەنگەن، بىراق مۇنداق ئىشلەش ئۇسۇلىنى نېمە ئۈچۈ گاۋس ئويلاپ تاپىدۇ، باشقىلار ئويلاپ تاپالمايدۇ؟ سىز بۇ ھېكايىدىن قانداق ئىلھام ئالدىڭىز؟
فاشىستلار كاتتىۋېشىنىڭ شەرمەندە ئاقىۋىتى
1945 - يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان باش جىنايەتچى، گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى گىتلېر بېرلىندە جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
گىتلېر ئەكسىيەتچىلىكتە ئۇچىغا چىققان ئەبلەخ، ئۇ 1933 - يىلى گېرمانىيىنىڭ زۇڭلىسى بولۇۋالغاندىن كېيىن، 2 - يىلى ئۆزىنى دۆلەت باشلىقى دەپ ئاتاپ، ھەممە ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ، دۆلەت ئىچىدە فاشىستىك دىكتاتۇرىنى يولغا قويۇپ، كوممۇنىستلار تەرەققىپەرۋەر كىشىلەر ۋە يەھۇدىلەرگە قارىتا غالجىرانە زىيانكەشلىك ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. 1939 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇ ھەربى قوشۇن چىقىرىپ پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ. 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ بېرلىن شەھىرىنىڭ مەركىزىگە يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان گىتلېر ئۆز ھالاكىتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدۇ - دە، دۇنيا خەلقىنىڭ سوراق قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىدۇ.
2 - دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان يەنە ئىككى باش جىنايەتچى - موسسولىن بىلەن دۇڭتياۋيىڭجىلارمۇ شەرمەندە ئاقىۋەتكە ئۇچرىغان.
مۇسسولىن ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى بولۇپ، باش ۋەزىرلىك ھوقۇقىنى ئىگەللىۋالغان ئىدى. 1945 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۇ ئىتالىيە پارتىزانلار ئەترىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. كەڭ ئامما موسسولىننىڭ جەسىدىنى كوچا دوقمۇشىغا تەتۈر ئېسىپ، ئارقا - ئارقىدىن تۈكۈرۈپ نەپرەت بىلدۈرىدۇ. بىر ياشانغان موماي جەسەتكە بەش پاي ئوق ئېتىپ، ئۇرۇشتا قىرغىن بولۇپ كەتكەن بەش بالىسى ئۆچ ئالىدۇ.
ياپونىيە ئىچكى كابېنىتنىڭ باش ۋەزىرى بولغان دۇڭتياۋيىڭجى - ياپونىيىدىكى 1 - نومۇرلۇق ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1948 - يىلى، ئىككى قولى خەلقنىڭ قېنى بىلەن بويالغان جاللات دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
>ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ<. بۇ تارىخىي ھەقىقەت.
|
|