بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> بۈگۈن >> تارىختىكى بۈگۈن (5.1)

تارىختىكى بۈگۈن (5.1)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-01 11:16:38    كۆرۈلۈش سانى : 54  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
5 - ئاي ئېنگېلىزچە ماي( May) دېيىلىدۇ. رىم ئەپسانىلىرىدە باھارغا ۋە ھاياتقا مۇئەككەل مايا(maia)ئىسىملىك بىر ئىلاھە بار. قەدىمكى رىملىقلار بۇ ئىلاھەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 5 - ئاينى مايىئوس(Maius) دەپ ئاتىغان. دېمەك، ئېنگېلىزچە ماي دېگەن سۆز، لاتىنچە مايىئوس دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئېنگېلس <1 - ماي>بايرىمى<1 - ماي>خەلقئارا ئەمگەكچىلەرنىڭ شانلىق بايرىمى - ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇستاز ئېنگېلسنىڭ نامى بىلەن زىچ باغلانغان. 1886 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئامېرىكىدا 350 مىڭ ئىشچى ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىپ، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى كۈرەش بۇرژۇئازلار سىنىپىغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ. ئېنگېلس بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خوشال بولىدۇ. 1889 - يىل 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئېنگېلىسنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا، 22 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە خەلقئارا سوتسىيالىستىك ئىشچىلار قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزىدۇ. قۇرۇلتايدا، ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ كۈرىشىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى قىلىشنى قارار قىلىدۇ. 1890 - يىلى، خەلقئارا ئىشچىلار سىنىپى تۇنجى قېتىم ئۆز بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋاقتىدا ئېنگېلس ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئىدى. ماي ئېيىنىڭ تۇنجى يەكشەنبە كۈنىسىدە، لوندون شەھىرىدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى بايراقلارنى كۆتىرىپ، ناخشا - مۇزىكىلارنى ياڭراتقان ھالدا ھايتى باغچىسىغا يىغىلىپ، تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. 70 ياشقا كىرگەن ئېنگېلس خۇشال ۋە روھلۇق كەيپىياتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئۈستىگە جايلاشتۇرۇلغان نۇتۇق مۇنبىرىگە چىقىپ، تەبرىك يىغىنىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئۇ ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ جەڭگىۋار كۆرۈپ چەكسىز خوشال بولىدۇ. ئۇ:بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، گويا بىردىنلا بىر نەچچە مېتىر بوي تارتىپ ئۆسۈپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم ۋە ھېلىقى ئاپتوموبىل ئۈستىدىن روھلۇق ھالدا گىگانت قەدەم بىلەن چۈشتۈم، دەيدۇ. تۇخۇم سىزىش بۈگۈن، ئىتالىيىلىك داڭدار رەسسام داۋىنكى )1519 - 1452(ۋاپات بولغان كۈن. داۋىنكىنىڭ رەسساملىقنى ئۆگىنىشى توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە كەڭ تارقالغان:ۋىنكى ئۆسمۈرلۈك چېغىدا رەسساملىققا شاگىرت بولغاندا، ئۇستازى ئۇنىڭغا باشقا نەرسىنى سىزىشنى ئۆگەنمەستىن، ھەر كۈنى تۇخۇم سىزىشنى تاپشۇرىدۇ. داۋىنكى بىر نەچچە كۈن سىزغاندىن كېيىن، ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ كېتىدۇ، ئۇستازى ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:>تۇخۇم كىچىككىنە تۇرغىنى بىلەن، ئانچە ئاددى نەرسە ئەمەس!مىڭ دانە تۇخۇم ئىچىدە، بىر - بىرىگە ئوپمۇ - ئوخشاش كېلىدىغاندىن ئىككىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئوخشىغان ھالەتتىمۇ، سەن ئوخشاش بولمىغان تەرەپتىن قارايدىغان بولساڭ، ئۇلار يەنىلا ئوخشاش بولماي چىقىدۇ. سەن ئۇنى ئەينەن توغرا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرمىسەڭ بولمايدۇ. بۇ، رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشتىكى ئاساسلىق ماھارەت، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەك - دە!<. شۇندىن ئېتىبارەن، داۋىنكى ئىجتىھات بىلەن جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئاخىرى مەشھۇر رەسسام بولۇپ يېتىلىدۇ. داۋىنكىنىڭ >ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك زىياپەت< تېمىلىق بىر پارچە داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئالدىدا 21 نەپەر مۇخلىس بىلەن بىرلىكتە كەچلىك تاماق يەۋاتقان كۆرۈنۈشى سىزىلغان. بۇ رەسىمنى سىزىش ئالدىدا، داۋىنكى رەسىمگە چۈشۈرۈلىدىغان ھەر بىر شەخسنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بىر - بىرلەپ تەتقىق قىلىدۇ. يۇدا )12 مۇخلىسنىڭ بىرى، ساتقىن بولۇپ كەتكەن(نىڭ روھىي ھالىتىنى قاملاشتۇرۇپ سىزىش ئۈچۈن، داۋىنكى نۇرغۇن قىمارۋاز، لۈكچەك ۋە جىنايەتچىلەرنى كۈزىتىپ، نەچچە يۈز پارچە كوپىيە سىزىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە، بۇ رەسىمدىكى ھەر بىر شەخسنىڭ روھىي ھالىتى ئوخشىمىغان ھالدا كىشىنى قايىل قىلارلىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر پارچە رەسىم ئۆلمەس داڭلىق ئەسەر بولۇپ قالىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24
●  تارىختا بۈگۈن 4.23
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.22...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.21...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.20...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.19...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.18...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.17...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.16...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.15...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.14...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى