تارىختىكى بۈگۈن (4.17)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-17 11:27:30 كۆرۈلۈش سانى : 17
تەيۋەن خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى
1895 - يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چىرىك مەنچىڭ ھۆكۈمىتى >جۇڭگو - ياپونىيە ماگۇەن شەرتنامىسى<غا ئىمزا قويۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر ئارىلى تەيۋەننى ياپونىيىگە بۆلۈپ بەرگەن.
بۇ ۋەتەن ساتقۇچلۇق جىنايى قىلمىش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ، تەيۋەن خەلقىنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدۇ.
5 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 6 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە ياپون قوشۇنلىرى تەيۋەننىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى قۇرۇقلۇققا تاجاۋۇز قىلىپ چىققاندا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر كوماندىر - جەڭچىلەر تۇشمۇ تۇشتىن تەشكىللىنىپ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ياپون قوشۇنلىرى ھەر بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەندە زور چىقىم تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. دۈشمەنلەر تەيجۇڭ شەھىرىگە بېسىپ كىرىش ۋاقتىدا، تەيجۇڭ شەھىرىدىكى مىڭدىن ئارتۇق خەلقنىڭ قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. بىر ياش دېھقان چوڭ بىر دەرەخ ئۈستىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، 20 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. تەيۋەندىكى جيايى دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردە، ۋەتەنپەرۋەر كوماندىر - جەڭچىلەر لەخمە كولاپ بېرىپ دۈشمەن گازارمىسى ئاستىغا نۇرغۇن مىنا كۆمۈپ، 700 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىدۇ. بەش ئاي داۋام قىلغان كۈرەش جەريانىدا، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يوقىتىلىدۇ، باش كوماندىرىمۇ ئېغىر يارىلىنىدۇ.
1895 - يىلى 11 - ئايدا، ياپونىيە تەيۋەننىڭ >تىنجىتىلغانلىقى<نى جاكارلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ياپون جاھانگىرلىكى تەيۋەننى ئىشغال قىلىۋالغان 50 يىل ئىچىدە، تەيۋەن تىنچ ھالەتتە ئۆتۈپ باقمىدى. تەيۋەن خەلقى تۈرلۈك چارە - ئاماللارنى قوللىنىپ تاجاۋۇزچىلار بىلەن كۈرەش ئېلىپ باردى. 1945 - يىلى، ياپونىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، تەيۋەن ئاخىرى ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى.
كۈئېتزال
1824 - يىلنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە، گۋاتېمالادا قۇللۇق تۈزۈمى بىكار قىلىنغان.
گۋاتېمالانىڭ دۆلەت بايرىغىدا گۈزەل بىر كىچىك قۇشنىڭ رەسىمى بار. بۇ قۇشنىڭ ئىسىمى كۈئېتزال بولۇپ، گۋاتېمالا دۆلىتى جايلاشقان ئوتتۇرا ئامېرىكىدا كۆپ ياشايدۇ. كۈئېتزال ئىنتايىن گۈزەل قۇش بولۇپ، بېشى، دۈمبىسى ۋە قۇيرۇقىدىكى پەيلەرنىڭ ھەممىسى يېشىل ۋە كۆك رەڭلىك، بىراق كۆكرىگى )پوكىنى(دىكى پەيلىرى قىپ - قىزىل.
گۋاتېمالا ھىندىئانلارنىڭ يۇرتى بولۇپ، 1524 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. شۇندىن ئېتىبارەن ھىندىئانلار قۇللۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. گۋاتېمالا خەلقى مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. تېگۇن.ئومان ئىسىملىك بىر مىللى قەھرىمان جەڭدە بەكمۇ باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ئاخىرى مەردلەرچە قۇربان بولىدۇ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ قەھرىمان جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، بىر كۈئېتزال )قۇش( ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ كۆكسىگە قونۇپ بىللە ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. شۇندىن تارتىپ ھەممە كۈئېتزال قۇشىنىڭ پوكىنىدىكى پەيلەر قىپ - قېزىل بولۇپ قالغانمىش.
كۈئېتزال قۇش تولىمۇ جىگەرلىك. ئۇنى كىشىلەر تۇتۇۋالسا، دانمۇ يىمەيدۇ، سۇمۇ ئىچمەيدۇ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتسە كېتىدۇكى، قەپەز ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى >ھۆر قۇش< دەپمۇ ئاتايدۇ.
گۋاتېمالا 1821 - يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، كۈئېتزالنى ۋەتەننىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە دۆلەت بايرىقىغا سىزىشنى ھەمدە ئۆز مەملىكىتىنىڭ پۇلىنى كۈئېتزال دەپ ئاتاشنى رەسمىي جاكارلايدۇ.
|
|