بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> بۈگۈن >> تارىختىكى بۈگۈن (5.29)

تارىختىكى بۈگۈن (5.29)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-29 16:04:25    كۆرۈلۈش سانى : 106  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center] ئىنقىلابىي پىشقەدەم لىن بەيچۈ[/align] بۈگۈن، پۇرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى لىن بەيچۈ )1960 - 1886( ۋاپات بولغان كۈن. لىن بەيچۈ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لىنلى ناھىيىسىدىن. ئۇ 19 يېشىدا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىگىدىكى ئىتتىپاقچىلار جەمئىيىتى )تۇڭمىڭخۇي(گە ئەزا بولۇپ، شىنخەي ئىنقىلابىغا قاتناشقان. شىنخەي ئىنقىلابى چىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئاجىزلىق ۋە كەمبەغەللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان ئىدى. بۇنىڭدىن كۆڭلى قاتتىق غەش بولغان لىن بەيچۈ چىقىش يولى ئىزلەۋاتقاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلىدۇ. لى داجاۋ ۋە چېن دۇشيۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن لىن بەيچۈ 1921 - يىلى بۇ يېڭى تىپتىكى پۇرۇلېتارىيات پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرىدۇ. ئۇ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا، نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا، 25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان؛ شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن؛ پارتىيىنىڭ 7 - ۋە 8 - قېتىملىق  قۇرۇلتايلىرىدا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. دېمەك، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەشھۇر رەھبەرلىرىدىن بىرى. لىن بەيچۈ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۇ ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقاندا يېشى 50 كە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، ياش جەڭچىلەر بىلەن بىرلىكتە قارلىق تاغ - داۋانلار ئېشىپ، سايلىقلارنى بېسىپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ قولىدا ئاسما پەنەر كۆتىرىپ، ھاسا تايانغان ھالدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن باتۇرلارچە ئالغا قاراپ كېتىۋاتقان ئوبرازى، شۇ يىللاردا قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ئىلھام بېرىپلا قالماي، بۈگۈنكى كۈندە يېڭى ئۇزۇن سەپەردە يۈرۈش قىلىپ كېتىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلادلارنىمۇ ئىلھاملاندۇرماقتا. [align=center] جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەش تارىخىدىكى شانلىق بىر سەھىپە[/align] 1841 - يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى سەنيۈەنلى دېگەن يەردە، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ ئەدىپىنى بېرىش يۈزىسىدىن بىر مەيدان ئۇرۇش پارتىلىغان. ئەپيۈن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چىڭ خاندانلىقى ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئالدىدا قەدەممۇ قەدەم چېكىنىپ، كەڭ خەلقنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. 1841 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئەنگىلىيىنىڭ بىر بۆلەك تاجاۋۇزچى قوشۇنى سەنيۇەنلىگە بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغاندا، يەرلىك ئامما ئۇلاردىن ئون نەچچىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. تاجاۋۇزچىلارنىڭ  دەككىسىنى تېخىمۇ قاتتىق بېرىش ئۈچۈن، سەنيۈەنلىدىكى خەلقلەر ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، 2 - كۈنى تېخىمۇ زور كۆلەملىك بىر مەيدان كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەييارلىنىدۇ. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تاڭ سەھەردە، نەچچە مىڭ ئامما >پىڭينتۇەن< بايرىقىنى ئېگىز كۆتىرىپ، قوللىرىدا قىلىچ، نەيزە، قىڭراق تۇتقان ھالدا تاجاۋۇزچى قوشۇن جايلاشقان تۆت پوتەيگە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. ئەمما، دۈشمەنلەر پوتەيدىن چىققاندا، قوزغىلاڭچىلار ھۇجۇم قوزغىماستىن، ئەكسىچە ئارقىغا چېكىنىدۇ، تاجاۋۇزچىلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلايدۇ. قوغلاپ نيۇلەنگاڭ دېگەن يەرگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز ئېتىلغان توپ ئاۋازى بىلەن تەڭ يەنە 8000 - 7000 قوزغىلاڭچى قوشۇن پەيدا بولىدۇ. دۈشمەنلەر بۇ چاغدىلا ئۆزلىرىنىڭ توزاققا چۈشكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال تىكىۋەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقى ئاللىقاچان تۇتۇۋېلىنغان ئىدى. قوزغىلاڭچىلار دۈشمەننىڭ ئارقىدا كېتىۋاتقان تۈركۈمىنى قورشاۋ ئېلىپ يوقىتىپ تاشلايدۇ، ئالدىدا ماڭغانلىرىمۇ راسا ئەدىپىنى يەپ رەسۋا بولغان ھالدا قېچىپ كېتىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە، ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ 002 دىن ئارتۇق ئادىمى يوقىتىلىپ، ئون نەچچە ئادىمى ئەسىرگە ئېلىنىدۇ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ خورىگى سۇندۇرۇلۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەش تارىخىغا شانلىق بىر سەھىپە يېزىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24
●  تارىختا بۈگۈن 4.23
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.22...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.21...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.20...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.19...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.18...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.17...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.16...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.15...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.14...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى