تارىختىكى بۈگۈن (4.15)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-15 13:03:54 كۆرۈلۈش سانى : 16
<روسىيىنىڭ تۇنجى داشۆسى>
بۈگۈن، روسىيىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى لومونوسوپ(7561 - 1711)ۋاپات بولغان كۈن.
لومونوسوپنىڭ بىلىمى ئىنتايىن مول ئىدى. روسىيە شائىرى پوشكىن ئۇنىڭغا >روسىيىنىڭ تۇنجى دۆشۆسى< دەپ باھا بەرگەن ھەم ئۇنى >تارىخشۇناس، تىلشۇناس، مېخاينىك، خىمىك، گېئولوگ، سەنئەتكار ۋە شائىر؛ ئىلىم - پەننىڭ بارلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە چوڭقۇر ھالدا تەتقىق ئېلىپ بارغان كىشى< دېگەن ئىدى.
لومونوسوپ، بىر بېلىقچىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 01 يېشىدىلا دېڭىزغا چۈشۈپ بېلىق تۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغاچقا، قوشنىسىدىن خەت ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگىنىدۇ، كېيىن لومونوسوپ بىلىم ئىگەللەشتە لاتىن يېزىقىنى بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاڭلاپ، 19 يېشىدا روسىيىنىڭ شەر قىسىمىدىن پىيادە مېڭىپ موسكۋاغا كېلىدۇ ۋە سىلاۋىيان - گېرىك - لاتىن شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ.
بۇ شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتا ئولتۇرىدىغان ئورنى لاتىنچىنى بىلىش سەۋىيىسىگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. لومونوسوپ شۆيۈەنگە يېڭى كەلگەن چاغدا، لاتىنچە بىرمۇ ھەرپنى بىلمەيدىغان بولغاچقا، مۇئەللىم ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى رەتتە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ. ساۋاقداشلارنىڭ مەسخىرىلىرى لومونوسوپنىڭ بىلىم ئىگەللەشكە بولغان قەتئىي ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى بارا - بارا ياخشىلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي، 1 - رەتتە ئولتۇرىدىغان بولىدۇ.
ئۇزاق مۇددەت ھارماي، زېرىكمەي ئۆگىنىش ئارقىلىق، لومونوسوپ ئاخىرى جاھانغا مەشھۇر ئالىم بولۇپ يېتىلىدۇ.
|
|