بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> بۈگۈن >> تارىختىكى بۈگۈن (4.21)

تارىختىكى بۈگۈن (4.21)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-21 12:27:38    كۆرۈلۈش سانى : 18  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
جەڭ بىلەن ئۆتتى چاڭجياڭدىن تۈمەن مىڭ قەھرىمان 1949 - يىلنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە، چاڭجياڭ دەرياسىنى توغرا كېسىپ ئۆتۈش ئۇلۇغ جېڭى باشلانغان. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى لياۋشېن، خۇەيخەي، پىڭجىن ئۇرۇشلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، بىر تەرەپتىن ساختا قىياپەتتە جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن تىنچلىق تەنپەنى سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ دېگەن يېرىدىن شاڭخەيگە قەدەر 1800 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارىلىقتىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا 700 مىڭدىن كۆپ ئەسكەر توپلاپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ. 1949 - يىل 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچكى تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك، تىنچلىق تەنپەننىڭ بۇزۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ، ئەتىسى رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن باش قوماندان جۇدې جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى جاكارلايدۇ. 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تاڭ سەھەردە، ليۇبوچېڭ، دېڭ شياۋپىڭ يولداشلار رەھبەرلىكىدىكى ئىككىنچى دالا ئارمىيىسى بىلەن چېن يى، سۇ يۈ، تەن جېنلىن يولداشلار رەھبەرلىكىدىكى ئۈچىنچى دالا ئارمىيىسى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا باشلايدۇ. مىليونلىغان پالۋانلىرىمىز خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا نەچچە مىڭلىغان ياغاچ كېمە ۋە سالغىلارغا ئولتۇرۇپ، ھەيۋەت بىلەن چاڭجياڭ دەرياسىنى توغرا كېسىپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ. ئىككى كۈن ۋاقىت ئىچىدە، گومىنداڭچىلار ئۈچ يېرىم ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىغان چاڭجياڭنى مۇداپىئە قىلىش لىنىيىسى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىپ تاشلىنىدۇ. 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، نەنجىڭ شەھىرى ئازاد قىلىنىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تارمار بولغانلىقى جاكارلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇمۇر يازغۇچىسى بۈگۈن، ئامېرىكا يازغۇچىسى مارك. تۋېن)9101 - 1835( نىڭ ۋاپات بولغان كۈنى. مارك. تۋېن 12 يېشىدىن باشلاپ شاگىرت، گېزىت توشۇغۇچى، مەتبە ئىشچىسى، دېڭىزچى بولغان. كېيىن ئاخبارات مۇخبىرى بولغاندىن كېيىن مارك. تۋېن دېگەن بۇ تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. مارك. تۋېن ئەسلىدە دېڭىزچىلار ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، مەنىسى >ئىككى فاتخوم)12 ئېنگېلىزچىسىغا باراۋەر(دېگەن بولىدۇ. يەنى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى >ئىككى فاتخوم<كەلسە، كېمىنىڭ بىخەتەر ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مارك. تۋېن - يۇمۇر يازغۇچى. ئۇ نۇرغۇن ھېكايىلەرنى يېزىپ، كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى مەسخىرە قىلغان ۋە پاش قىلغان. ئۇنىڭ ئىشتات باشلىقى سايلام مۇسابىقىسى< دېگەن ئەسىرىدە، بىر كىشىنىڭ ئىشتات باشلىقى سايلام مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىق ئەھۋالى تەسىۋىرلىنىدۇ. بۇ كىشى راستچىل، ئاق كۆڭۈل كىشى ئىكەن. بىراق مەلۇم بىر كىشى ئۇنى سايلاتقۇزماسلىق ئۈچۈن، گېزىت يۈزىدە ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇنىڭغا>ساختا ئىسپات توقۇغۇچى<،>جەللىگۇر<،>جەسەت ئوغرىسى<،>پارىخور< دېگەنگە ئوخشاش تۆھمەتلەرنى چاپلاپ، رەسۋاسىنى چىقىرىدۇ، نەتىجىدە بۇ كىشى سايلام مۇسابىقىسىدىن چەتكە چىقىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدە بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاتالمىش>دېموكىراتىك سايلام< دېگەن نېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلق ئاممىسىنى ئالداش ئىكەنلىكى جانلىق تۈردە چۈشەندۈرۈلىدۇ. مارك. تۋېن جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستى ئىدى، ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشىگە ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلاتتى. سەككىز دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئۇ:>مېنىڭ قەلبىم جۇڭگو خەلقى تەرەپتە<دەپ ئاشكارا جاكارلىغان ئىدى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29...
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24
●  تارىختا بۈگۈن 4.23
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.22...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.21...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.20...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.19...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.18...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.17...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.16...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.15...
●  تارىختىكى بۈگۈن (4.14...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تارىختىكى بۈگۈن (6.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.30)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.29)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.3)
●  تارىختىكى بۈگۈن (5.1)
●  تارىختىكى بۈگۈن 4.30
●  تارىختا بۈگۈن 4.29
●  تارىختا بۈگۈن 4.28
●  تارىختا بۈگۈن 4.27
●  تارىختا بۈگۈن 4.24

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى