نېمە ئۈچۈن بوۋاقنىڭ كېكىرىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-22 12:02:37 كۆرۈلۈش سانى : 69
بالا بىر نەرسە يۇتقاندا بەلكىم ھاۋانى قوشۇپ سۈمۈرۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا بەزى بالىلار ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ياندۇرۇۋېتىدۇ. ياندۇرۇۋەتكەندىن كېيىن چىققان سۈتنىڭ ھەممىسى سۈت سۇيۇقلۇقى، سۈت پارچىلىرى ياكى بىرەر كېسەللىك ئەمەس، پەقەت بالا ئەمگەن ۋاقىتتا ھاۋانى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئەگەر ئېمىپ بولغاندىن كېيىنلا بالا ئۇخلاپ قالسا، ئاشقازىنىدىكى ھاۋا ئاشقازاننى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، سۈتنى ياندۇرۇۋېتىدۇ. بالا ئېمىپ بولغاندىن كېيىن سۈتنى ياندۇرۇۋەتمەسلىكىنىڭ ئامالى، ئېمىپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ دۈمبىسىنى يېنىك شاپىلاقلاپ، ئاشقازاندىكى ھاۋانى ھەيدەپ، بالىنىڭ كېكىرىشىگە ياردەملەشسە، بالا سۈتنى ياندۇرۇۋەتمەيدۇ.
بالىنىڭ دۈمبىسىنى قانداق شاپىلاقلاش كېرەك؟
دۈمبىگە شاپىلاقلاشنىڭ بالىنىڭ كېكىرىشىگە ياردىمى بولىدۇ، يەنى بالىنىڭ سۈتنى ياندۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى ئۇسۇل. بالىنىڭ دۈمبىسىنى شاپىلاقلىغاندا، ماھىرلىق بىلەن شاپىلاقلاش كېرەك. بالا ئېمىپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ دۈمبىسىنى شاپىلاقلاشتىكى مەقسەت — بالىنىڭ دۈمبىسىنى تەۋرەندۈرۈپ، ھاۋانى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. شاپىلاقلايدىغان ئورۇن چوقۇم مايكىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بولۇشى كېرەك، بۇ بالىنىڭ ئاشقازىنىغا ماس كېلىدۇ. ساغرا ۋە مۈرىگە شاپىلاقلىماسلىق كېرەك. شاپىلاقلاش ئۇسۇلى: ئالىقاننى ئازراق ئېگىپ، ناھايىتى يېنىكلىك بىلەن ئۇرۇش، مۇشۇنداق قىلغاندا ئاشقازاندىكى ھاۋانى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. بارماق بىلەن يېنىك چەكسە ياكى دۈمبىنى سىيلىسا، بالا خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. بالا كېكىرسە ئاندىن دۈمبىنى شاپىلاقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلىق بولىدۇ، كېكىرمىسە داۋاملىق شاپىلاقلاش كېرەك. ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن دۈمبىنى شاپىلاقلاش ئادىتى سۈتنى ياندۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، دۈمبىنى شاپىلاقلىغاچ، غىڭشىپ ئەللەي ناخشىسى ئېيتسا، بالا پسىخىكا جەھەتتىن تىنچلىنىدۇ. بۇ ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى ياخشى بولغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش جەريانى بولۇپ، بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق. |
|