تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-17 10:32:35 كۆرۈلۈش سانى : 463
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
1. تۆمۈرنىڭ زاپاس ساقلىنىش مىقدارى يېتىشمەسلىك. ھامىلە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا كىندىك ئارقىلىق ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن تۆمۈر ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاي - كۈنى توشقان يېڭى تۇغۇلغان نورمال بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە زاپاس ساقلانغان تۆمۈر ھەمدە تۇغۇلغاندىن كېيىن قىزىل قان ھۈجەيرىسى بۇزۇلۇشتىن قويۇپ بەرگەن تۆمۈر، تۇغۇلۇپ ئۈچ - تۆت ئاي ئىچىدە قان ياساشتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يېتىدۇ. لېكىن ئەگەر ئانا ئېغىر دەرىجىدىكى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىققا گىرىپتار بولغان بولسا، بالدۇر تۇغۇلغان ياكى قوشكېزەك تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاپاس ساقلىغان تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئازلاشتىن ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ.
2. تۆمۈرنى تولۇقلىنىشى يېتىشمەسلىك. ئانا سۈتى ۋە كالا سۈتىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئوخشاشلا تۆۋەن، ئەگەر ۋاقتىدا تەركىبىدە تۆمۈر كۆپرەك بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرمىگەندە ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق يۈز بېرىدۇ.
3. تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسالغۇغا ئۇچراش. ئۇزۇن مەزگىل ئىچى سۈرۈش، ھەزىم يولىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش ياكى ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، يەنە تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. تۆمۈرنىڭ ئېھتىياج مىقدارى ئېشىش. بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، قان سىغىمچانلىقىنىڭ ئېشىشىمۇ تېز، ئەگەر ۋاقتىدا تۆمۈر مىقدارى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرمىگەندە تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. تۆمۈرنىڭ ئىشلىتىلىشى ياكى سەرپ بولۇشى بەك كۆپ بولۇش. نورمال بوۋاقلار ھەر كۈنى سىرتقا چىقىرىۋەتكەن تۆمۈر چوڭلارغا قارىغاندا كۆپ، بۇنىڭدىن سىرت ئۈچەي مونچاق گۆشى، ئىلمەك قۇرت كېسىلى قاتارلىقلاردا ئۈچەي يولى قان يوقىتىشتىن تۆمۈرنى يوقىتىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل قايتا - قايتا يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن كېسەللەنسە سەرپ بولۇشى كۆپ بولغانلىقتىن تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ. |
|