بالىنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-11 13:05:59 كۆرۈلۈش سانى : 455
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
مۇزىكا ئىنسانلار تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ شەخس ھېسسىياتىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، مىجەز - خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشتە ناھايىتى چوڭ رولى بار. مۇزىكا ئىنسانلار ھاسىل قىلغان باشقا ئىدىيە مەھسۇلاتىغا ئوخشاش بەلگىلىك ئەندىزىگە، بەلگىلىك تەرتىپكە ئىگە بولۇپ، قالايمىقان داقا - دۇمباق ئاۋازى ئەمەس. بىرەر نەرسىنى ئېنىق بىلمەيدىغان ۋاقىتتىن تارتىشىپ، ئانا ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتقىنچە بالىنى ئۇخلىتىدۇ. بالا مۇزىكىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ. ئۇلار قوشۇق بىلەن تەخسە، چىنىنى چېكىدۇ، گەرچە باشقىلار ئۇلارغا ئۆگەتمىسىمۇ، رىتىملىق ۋە تەرتىپلىك ھالدا چالىدۇ؛ مانا بۇنىڭ ئۆزى — مۇزىكا، گەرچە بالىدا مۇزىكىنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت تۇغما ئىقتىدار بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بالىلاردا مۇزىكا سەۋىيىسىنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدا مەغلۇبىيەت كۆپ بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئاتا - ئانا مۇزىكا تەربىيىسى بىلەن بالىنىڭ ئۆزىدىكى مۇزىكا ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ماسلاشتۇرالمىغان. نۇرغۇنلىغان بالىلار ئاتا - ئانىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ساز چېلىشنى ئۆگىنىدۇ ياكى مۇزىكا كېچىلىكىنى ئاڭلايدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئازابلىنارلىق تەجرىبە بىلەن مۇزىكىنى قوبۇل قىلىڭ دېسەك، ئېنىقكى ئاتا - ئانا مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى مۇزىكىدىن ھەقىقىي بەھىرلەندۈرمەكچى ۋە مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىماقچى بولسىڭىز، ئاقىلانە تەربىيە ئۇسۇلى ۋە قوزغىتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم. |
|