نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ سۆزىنى خالىغانچە بۆلۈۋەتمەسلىك كېرەك؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 12:56:45 كۆرۈلۈش سانى : 379
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ سۆزىنى خالىغانچە بۆلۈۋەتمەسلىك كېرەك؟
بۇ باسقۇچتا ئاتا - ئانىلار نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىنى تىل ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: ھەر كۈنى قەرەللىك ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش، ئۈنئالغۇلۇق ھېكايە ئاڭلاش ياكى ئۆزئارا ھېكايە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. يەنە بالىلارغا مۇۋاپىق بولغان بالىلار نومۇرلىرىنى كۆرسەتسە بولىدۇ. بىراق بۇ جەرياندا يەنىلا ئاتا - ئانىسىنىڭ ياردىمى ۋە چۈشەندۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بالا بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئۆگىتىشى ۋە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇپ سۆزلىشى ۋە ئاڭلىشى، پەقەت ئائىلە باشلىقى ياكى بالىلارلا سۆزلىسە بولمايدۇ، يەنە قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشنى ئۆگىتىش كېرەك. نۇرغۇنلىغان ئائىلە باشلىقلىرى ھەمىشە بالىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ناچار ئۇسۇل. مەيلى بالا خاتا سۆزلىگەن بولسۇن چوقۇم ئۇ سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئاستا - ئاستا خاتالىقىنى تۈزىتىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئۈلگىلىك خاراكتېرىدىكى تەربىيە بولمىسا، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ. |
|