بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> پەرزەنت تەربىيىسى >> ئوقۇش يېشىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى مەزگىلنىڭ قانداق  ئالاھىدىلىكى بولىدۇ؟

ئوقۇش يېشىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى مەزگىلنىڭ قانداق  ئالاھىدىلىكى بولىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-08 16:51:08    كۆرۈلۈش سانى : 403  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ  ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە زۆرۈر  بولغان ئوزۇقلۇققا قانداق كاپالەتلىك  قىلىش كېرەك؟ نېمىگە دىققەت  قىلىش كېرەك؟      ئوقۇش يېشىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى مەزگىل ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىل يەنە بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ۋاقتى. بۇ ۋاقىتتا ئۆسۈپ  يېتىلىشى ئاستىلاشقا باشلايدۇ. ھەرىكەت ۋە تىل ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ، سەكرىيەلەيدۇ. پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشەلەيدۇ. ناخشا ئېيتالايدۇ، رەسىم سىزالايدۇ. خەت تونۇشقا باشلايدۇ. كوللېكتىپ پائالىيىتى كۆپىيىدۇ. قىزىقىشى، سورايدىغىنى كۆپىيىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بوۋاقلىق مەزگىلىدىكىدىن ئاستا بولىدۇ. بىراق ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسى تېز تەرەققىي قىلىدۇ. مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئالدىنقى شەرت. ئوقۇش يېشىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى چوڭلارنىڭكىگە يېقىن بولىدۇ. بىراق غىدىقلاش خاراكتېرىگە ئىگە يېمەكلىكلەر ۋە تېز ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن چوڭلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئادەتتە زىرائەت تۈرلىرى، كۆكتات تۈرلىرى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە يېمەكلىك تەركىبىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش. تاماق تىزىملىكىدە خىلمۇخىل ئوزۇقلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاماق تۈرلىرى بار. بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل )گۆش ۋە تۇخۇم تۈرىدىكىلىرى(، مىكرو ئېلېمېنتلار )تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلار( ۋە ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماقتا ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىىڭ ياخشى يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، تاماقتىن چىقىش، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىق ناچار تاماق ئادىتىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش. بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىشتاھا بولسا ھەزىم قىلىش بەزلىرىگە نىسبەتەن كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى رولىغا ئىگە. ئىشتىھا بولسا ئاندىن نورمال ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئىشتىھاغا سەل قارالسا، گەرچە تاماقنى مۇۋاپىق ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتە بەرسىمۇ، ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. خۇشال - خۇرام مۇھىت ۋە كەيپىيات ئىشتىھانى ئاچىدۇ. تاماق ماس كەلمىسە، ۋاقتىدا تاماق يېمىسە، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى كۆپ يېسە )مەسىلەن: كەمپۈت، شاكىلات قاتارلىقلار(، كەيپىيات بەك جىددىي بولسا )مەسىلەن ئاتا - ئانا زىددىيەتلىشىپ قالسا، بالىنى تەنبىھلەپ، جازا بەرسە ياكى بالىنى تاماق يېيىشكە بەك زورلىسا(، ھەرىكەت ئاز بولسا )چوڭ مۇسكۇللارنىڭ پائالىيىتى يېتەرلىك بولمىسا(، زىيادە روھلىنىپ كەتسە )زىيادە تېلېۋىزور كۆرسە(، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىشتىھانى تۇتۇلدۇرۇپ قويۇپ، ئوزۇقلۇقتا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى تاماققا زورلىماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ كۆڭلىدە ئوڭايلا قارشىلىقنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ ھەم نېرۋا خاراكتېرلىك تاماقتىن بىزار بولۇشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.     


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نېمە ئۈچۈن بالىلار...
●  تۇغۇلغان بوۋاقلارن...
●  تۆمۈر يېتىشمەسلىك ...
●  بالىلار كىتاب ئوقۇ...
●  بالىسىغا ھاراق ئىچ...
●  بالىنىڭ مۇزىكىغا ب...
●  ئوقۇش يېشىغا كىرىش...
●  نېمە ئۈچۈن بالىلار...
●  بالىلارنىڭ سۆزلىشى...
●  بالىغا رېزىنكە ئېم...
●  ئەتىيازدا بوۋىقىڭى...
●  بالىلارنىڭ تەپەككۇ...
●  نېمە ئۈچۈن بوۋاقنى...
●  بالا تەربىيەلەشتىك...
●  ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ 8يالغان سۇزى...
●  بەختى قارا ئانا
●  سەبىيلەركۆيۈمچان ت...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئۆ...
●  تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كى...
●  تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراك...
●  بالىلار كىتاب ئوقۇشقا ك...
●  بالىسىغا ھاراق ئىچۈرگەن...
●  بالىنىڭ مۇزىكىغا بولغان...
●  ئوقۇش يېشىغا كىرىشتىن ب...
●  نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ س...
●  بالىلارنىڭ سۆزلىشىگە قا...
●  بالىغا رېزىنكە ئېمىزگۈن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى