بالىلار كىتاب ئوقۇشقا كۆڭۈل قويمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-15 10:27:02 كۆرۈلۈش سانى : 652
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئادەتتە، بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولغانسېرى دىققىتىنى يىغىدىغان مۇقىم ۋاقتى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار خەت تونۇمىغان ياكى خەت تونۇشتا مەلۇم بىر دەرىجىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، مۇستەقىل ھالدا ئوقۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭا، بىز يېشى كىچىك بالىلارغا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. يەنى ئائىلە باشلىقى بىلەن بالىلار بىرلىكتە رەسىملىك كىتاب كۆرگەندە، ئائىلە باشلىقلىرى بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى مۇستەقىل كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بالا كىچىكرەك ۋاقىتتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ بالىنىڭ كېيىنكى كۆپ دائىرىلىك ۋە كەڭرى مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇشىغا ياخشى ئاساس بولالامدۇ؟ بۇ يەردە بىز پايدىلىنىپ بېقىشقا بولىدىغان بىر قانچە پىكىرنى تەۋسىيە قىلىمىز:
1. چوڭلار بىلەن بالىلار ئارىسىدا ئورتاق كىتاب ئوقۇش ياخشى ئادىتىنى تۇرغۇزۇش. ياخشى بولغان ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا چىڭ تۇتۇپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئالدى بىلەن، ھەرىكەت جەھەتتە چوڭلار نەمۇنە بولۇش. مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىدە كۆڭۈل قويۇپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىتاب كۆرۈش، ئۆگىنىش قىلىش ياكى بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش. ئۇنىڭدىن باشقا، پەرزەنتلىرى بىلەن كىتاب ئوقۇشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش؛ بالىلارنىڭ يېشى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ھەر كۈنى بىرلىكتە ئوقۇسا بولىدۇ. ئوقۇغان ۋاقىتتا مۇھىتنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش؛ كىتاب ئوقۇش جەريانىدا سۆزىنى بۆلمەسلىك، توختاپ قالماسلىق؛ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن كىتابنى مۇقىم ئورۇنغا قويۇش؛ ئەڭ ئاخىرىدا، بالا ئۆزى مۇستەقىل كىتاب ئوقۇيالايدىغان بولغاندا، چوڭلار بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش جەريانىغا زىيادە دىققەت قىلىۋالماسلىقى كېرەك. ئۈچ مىنۇتتا بىر قاراپ قويۇشنىڭ، بەش مىنۇتتا بىر سوراپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق )بالىلار خۇددى چوڭلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا پائالىيەت قىلغاندەك بولۇپ قالىدۇ(. بالىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزى ئامراق بولغان كىتابىنى ئوقۇشقا يول قويۇش كېرەك.
2. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. ئوقۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش بالىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كىتاب ئوقۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئۈچ ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلارغا رەسىم بىلەن ناخشا بىرلەشتۈرۈلگەن كىتابنى ئوقۇپ بەرگەندە، بىر تەرەپتىن رەسىمنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ناخشىنى ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ. ھەر قېتىملىق ئوقۇش ۋاقتى بەش مىنۇتتىن ئالتە مىنۇتقىچە بولسا بولىدۇ. تۆت ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلارغا ياخشى بولغان بالىلار ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇتۇپ ۋە ئوقۇپ بەرسە، بالا گۈزەل رەسىملەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ئويلايدۇ. ھەر قېتىملىق ئوقۇش ۋاقتى ئون مىنۇت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. بەش ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولۇپ، ھەر قېتىملىق كىتاب ئوقۇش ۋاقتى ئون مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بولسا بولىدۇ.
3. بالىلارنىڭ تونۇش، قىزىقىشىغا ئاساسەن رەسىملىك كىتاب مەزمۇنىنى تاللاش كېرەك. بالىلارنىڭ بىلىش دائىرىسىگە ماس كېلىدىغان كىتابلارنى ۋە قىزىقىدىغان مەزمۇنلار بار كىتابلارنى سېتىۋېلىشىمۇ بالىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كىتاب ئوقۇشىدىكى ھالقىلىق مەسىلە. چوڭلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىتابى رەڭگارەڭ، كۆرۈنۈشلىرى روشەن، رەسىملەرنىڭ ئوبرازچانلىقى جانلىق، سۆز - جۈملىلىرى قىسقا، چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق بولۇشى كېرەك. ھەم شۇنداقلا بالىنىڭ بىلىم، ئەقلىي قابىلىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، بالىلارغا كىتاب سېتىۋالغاندا، كىتاب مەزمۇنىغىمۇ دىققەت قىلسا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ياخشى كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش بالىنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بالىغا ناھايىتى پايدىلىق. |
|