تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىم - كېچىكىنى قانداق يۇيۇش كېرەك؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-05 12:33:27 كۆرۈلۈش سانى : 514
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىم - كېچىكىنى قانداق يۇيۇش كېرەك؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمى ئىنتايىن جانلانغان بولغاچقا، ئاسان تەرلەش بىلەن بىللە سۈت قۇسۇش، سۈتنى ياندۇرۇۋېتىش ھەمدە چوڭ - كىچىك تەرەتلەردىن ئاسانلا كىيىمىنى مەينەت قىلىۋېتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمران بولغانلىقتىن كىيىمىنىڭ ھەر قاچان پاكىز، يۇمشاق ھەم قۇرۇقلۇقىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. شۇڭا ھەر قاچان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ تۇرۇش، بەدەنگە تېگىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى ئەڭ ياخشىسى كۈندە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيمىنى يۇيۇش ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، پاكىزلاش؛ يەنە بىرى، دېزىنفېكسىيىلەش. كىيمىنى پاكىزلاشتا غىدىقلاش رولى كۈچلۈكرەك كىر يۇيۇش پاراشوكى ياكى سۇيۇقلۇقى ئىشلەتمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس بوۋاقلار كىيىمىنى يۇيىدىغان سوپۇن سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش ھەمدە چوقۇم پاكىز چايقاش. بوۋاقلارنىڭ بەدەنگە تېگىشىپ تۇرىدىغان كىيىمىلىرىنى دائىم دېزىنفېكسىيىلەپ تۇرۇش، كىيمىنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇنغا يېيىش، شارائىت يار بەرسە ئاپتاپقا سېلىش كېرەك. |
|