نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئۆزى تاماق يېيىشنى ئۆگىتىش كېرەك؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-21 12:59:14 كۆرۈلۈش سانى : 761
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بىز دائىم بالىلارنىڭ يۈگۈرەپ يۈرگەنلىكىنى، چوڭلارنىڭ بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بالىلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، بىر قوشۇق، بىر قوشۇقتىن تاماق يېگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ خىل ناچار تاماقلىنىش ئادىتىنى كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىدۇ، ئاتا - ئانىلار بالىلارنى تەربىيىلىگەن ۋاقىتتا تۇرمۇشتىكى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارايدۇ. ھەتتا مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز ھالدا بالىلارنىڭ ئۆزى تاماق يېيىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ تاماقنى يېگەندە ھەر تەرەپكە چېچىۋەتكەنلىكىدىن بىزار بولىدۇ - دە، بالىلارنىڭ ئۆزى تاماق يېيىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە پۇرسەت بەرمەيدۇ. ئاتا - ئانىلار تاماق بەرگەندە، بالىلارنىڭ قوشۇق، چوكا قاتارلىقلارنى ئېلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا قوشۇق ياكى چوكا بىلەن تاماق يېيىشكە رۇخسەت قىلمىسا، چوڭ مېڭە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنى يېتىلىشىگە پايدىسىز. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، چوكا بىلەن نەرسىلەرنى قىسىش ھەرىكىتى مۈرە، بىلەك، قول بېغىشى، بارماق قاتارلىق ئورۇنلاردىكى 30 دىن كۆپرەك بوغۇم ۋە 50 تىن كۆپرەك مۇسكۇللار ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بوغۇم ۋە مۇسكۇللارنىڭ پائالىيىتى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغاچقا، بالىلار ئۆزى تاماق يېسە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆز ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇستەقىللىقىنى يېتىشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە <مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ياخشىلاش> توغرىسىدا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. |
|