بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> پەرزەنت تەربىيىسى >> بالىسىغا ھاراق ئىچۈرگەن دادا

بالىسىغا ھاراق ئىچۈرگەن دادا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-12 19:33:24    كۆرۈلۈش سانى : 548  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بالىسىغا ھاراق ئىچۈرگەن دادا مەن تۈنۈگۈن مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى؛ بۇ ئاغىنەم  ئالدىنقى شەنبە كۈنى ،يېزا بازىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا بىر ھەپتىلىك ھاردۇقىنى چىقارماقچى بولۇپ، بىر مەكتەپتىكى كۆڭلى يېقىن 5-6 خىزمەتدېشى بىلەن كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتىشىپ، بىر سورۇندا  بىللە ئولتۇرۇپتۇ، رۇمكىلار  ئايلىنىپ ،سورۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا،سورۇندىكى ياشقا چوڭراق،ئادەتتە تولا ھاراق ئىچىپ يۈرۈيدىغان، مەكتەپتىن نەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ  6-7 ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىسى تۇيۇقسىز ئىزدەپ كىرىپتۇ، -دادا،ئاپام سېنى چاقىرىدۇ! -چاقىرىدۇ؟!  ، نېمە دەپ؟… -تاماق يەۋالسۇن دەيدۇ! - تاماق؟!!!... ، تاماق دىگەننى قورساق ئاچقاندا يەيدىغان گەپ!!!...كۆرمىدىڭمۇ ،خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىمنى؟!!!...تۇرۇپ تۇر، مانا ھازىرلا  سورۇنغا  دۇئا  قىلىمىز، ئاندىن بىللە قايتايلى!!!... … -دەپتۇ ۋە  ئارقىدىن ھاراق قۇيۇۋاتقان ساقىيغا  قاراپ ؛ -بالامغا بىرنى قۇيە، ئىككىمىز سوقۇشتۇرۇپ ئىچىمىز؟!... ھېلىقى بالا ھېچ ئىككىلەنمەيلا ھاراقنى قولىغا ئاپتۇ ۋە دادىسى بىلەن ‹جاراڭڭىدە › سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋىتىپتۇ، ھاراقنىڭ  ئاچچىقلىقىدىن  چىرايلىرى پۈرۈشۈپ ،كۆزلىرى نەملىشىپ كىتىپتۇ.  دوستۇم قارىسا ھېلىقى خىزمەتدېشى خىجىل بولماقتا يوق، ئەكسىچە ئوغلىنىڭ ‹ باتۇرلىقىدىن› پەخىرلىنىپ، مەمنۇن بولۇپ ، ئوغلىنى ماختاپ ،گىدىيىپ  ئولتۇرۇمىش . ئارقىدىن  ھەتتا بالىسىغا  بىر تال تاماكا تۇتقانىكەن، سورۇندىكىلەر دەرھال ئۇنى تۇشمۇ- تۇشتىن  ئەيىپلەپ، كىچىك بالىغا بۇنداق يامان ئادەتنى ئۈگەتمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە قىلغانىكەن، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئامالسىز بالىسىنىڭ قولىدىن تاماكىنى قايتۇرۋاپتۇ ۋە سورۇندا تولىمۇ خىجالەت  بوپتۇ . سورۇنمۇ  شۇنىڭ  بىلەن  تەڭ كۈڭۈلسىز  بىر ھالەتتە تارقاپتۇ… بۇنى ئاڭلاپ ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىپ، كۆڭلۈم تولىمۇ ئاچچىق بولدى.ھەي،… … ساۋاتسىز دېھقان  ۋە ياكى  باشقا بىرەر تەربىيە كۆرمىگەن ئادەم بولسىغۇ ،بولدى، مەيلىلا  دەر ئىدىم، ھەي، ئىسىت، مىللەتنىڭ كىلەچىكى بولغان كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەيدىغان، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى ھىساپلىنىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بالىسىغا مۇنداق دىسە ، مۇشۇنداق بولمىغۇر ئىشلارنى  ئۈگەتسە بۇنىڭغا ئەمدى نېمە دىگۈلۈك!!!... ،بىز كىيىنكى ئەۋلادلاردىن  نىمىلەرنى كۈتەلەيمىز؟!!!  !!!  !!!… … … … …  … … … … … … [يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال ].


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نېمە ئۈچۈن بالىلار...
●  تۇغۇلغان بوۋاقلارن...
●  تۆمۈر يېتىشمەسلىك ...
●  بالىلار كىتاب ئوقۇ...
●  بالىسىغا ھاراق ئىچ...
●  بالىنىڭ مۇزىكىغا ب...
●  ئوقۇش يېشىغا كىرىش...
●  نېمە ئۈچۈن بالىلار...
●  بالىلارنىڭ سۆزلىشى...
●  بالىغا رېزىنكە ئېم...
●  ئەتىيازدا بوۋىقىڭى...
●  بالىلارنىڭ تەپەككۇ...
●  نېمە ئۈچۈن بوۋاقنى...
●  بالا تەربىيەلەشتىك...
●  ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ 8يالغان سۇزى...
●  بەختى قارا ئانا
●  سەبىيلەركۆيۈمچان ت...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئۆ...
●  تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كى...
●  تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراك...
●  بالىلار كىتاب ئوقۇشقا ك...
●  بالىسىغا ھاراق ئىچۈرگەن...
●  بالىنىڭ مۇزىكىغا بولغان...
●  ئوقۇش يېشىغا كىرىشتىن ب...
●  نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ س...
●  بالىلارنىڭ سۆزلىشىگە قا...
●  بالىغا رېزىنكە ئېمىزگۈن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى