-
قۇم باسقان شەھەر(9)
2010-06-16
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139475.html
ئايىم
نىزامباينىڭ شەھەر سىرتىدا كاتتا بىر بېغى بار ئىدى . بۇ باغدا ئالما ، ئانار ، نەشپۈت ، شاپتۇل ، ئەنجۈر ، ئۈزۈم دىگەندەك ، مۇشۇ يۇرتتا ئۆسەلەيدىغان مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىلى تېپىلاتتى . بۇ باغدا نىزامباينىڭ چوڭ خوتۇنى ئايىم تۇراتتى . باغنىڭ بىر تەرىپىدە چوڭ خوتۇن ئۈچۈن سېلىنغان پىشايۋانلىق ئايۋان بار ئىدى . بۇ ھەشەمەتلىك قۇرلۇشنىڭ ئەتىراپىنى گۈللۈكلەر ئوراپ تۇراتتى . ھەممە نەرسە شۇنچىلىك پاكىز ۋە رەتلىك ئىدى . باغنىڭ ئوتتۇرسىدا تۈۋرۈكلەرگە نەقىشلەر چېكىلگەن چىرايلىق بىر شىپاڭ ، شىپاڭ تېنىدا چوڭ بىر كۆل بار ئىدى . بۇ يەردىكى سالقىنىلق ۋە تازا ھاۋا ، كۆل بويىدىكى ئېگىز ئۆسكەن دەرەخلەر يېشىل ئوتلاربىلەن قاپلانغان كۆل سۈيىنى سۈزۈك ۋە مۇزدەك ساقلايتى . باغنىڭ مېۋىلىرى سېۋەتلەرگە قاچىلىنىپ ھەپتىدە بىر قېتىم شەھەر ئىچىدىكى
نىزامباينىڭ باشقا ئۆيلىرىگە ، ئېشىپ قالغانلىرى باققاللارنىڭ دۇكانلىرىغا توشۇلاتتى . باغقا قارايدىغان ئىشچان باغۋەن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈچتىن قالغان بولۇپ ، ئەمدى ئۇ باغ يوللىرىدىكى ئوتلارنى يۇلۇش ، مېۋىلەرنى ئۇلاش ، چاتاش ، ۋاقتى ۋاقتدا سۇ قۇيۇش ، گۈللەرنى پەرۋىش قىلىش ، ئۇششاق بالىلار تولا يامىشىپ شور قىلىۋەتكەن تاملارنىڭ شورلىرىنى ئېتىش ، چۈشكەن مېۋىلەرنى يىغىش دىگەندەك تۈگىمەس ئىشلارغا ئۈلگۈرەلمەي قالغانىدى . نىزامباي ئۆمەرنى ئەنە شۇ ئىشلارغا ياردەملىشىشكە ئەكەلگەنىدى .
ئۆمەر بۇ يەردە كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشتى . قېرى باغۋەن ۋە ئۇنىڭ ئايالى مېھرىبان ئادەملەردىن ئىدى . باغۋەن باغنىڭ بىر بۇرجىكىگە سېلىنغان ئاددىي ئۆيدە تۇراتتى . ئۆمەرنىڭ تامىقى ئۇلار بىلەن بىللە بولدى . باغۋەن بوۋاي ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ، گۈرجەك ، كوناسېۋەت ، ئۈزۈم نوتىلىرىنى باغلايدىغان چىگىلەر ، پالتا ، قايچا دىگەندەك نەرسىلەر قويۇلغان ئۆينى بىكارلاپ ، ئۆمەرگە ياتاق ئۆي قىلىپ بەردى . باغۋەننىڭ ئۆمۈر بويى تىنىم تاپماي ئىشلەپ مۈكچىيىپ كەتكەن ئايالى ئۆمەر تۇرىدىغان ئۆينى سۈپۈرۈپ تازىلاپ ، قۇراق سېلىپ تىككەن پاكىز يوتقان كۆرپىلەرنى تەييارلىدى . ئۇلار بۇ ياش يىگىتنىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن ئىدى . ئۆمەر ئۇلارنى باغدىكى نۇرغۇن ئېغىر يىنىك ئىشلاردىن ئازاد قىلاتتى .
ئۆمەر ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ، ئۇنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن ئوقۇپ تۇرىدىغان بەش ۋاخ نامىزىنى يەنە باشلىۋالدى . ئۇ ھەر كۈنى سەھەر قوپۇپ ، تەرەت ئېلىپ بامدات نامىزىنى ئۆتەپ ، چاي ۋاقتىغىچە يەنە باغدا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بولاتتى . ھەر جۈمە كۈنى قېرى باغۋەنگە ئەگىشىپ بېرىپ مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى چوڭ مەسچىتتە جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ كېلەتتى . بۇ ئادەتلىرى بىلەن ئۇ باغۋەننىڭ ئائىلىسىگە ۋە نىزامبايغا يېقىپ قالدى . باي ئۇنى يىللىقچى قىلىپ ياللىۋالدى . ئۇنىڭغا تامىقىنى بېرىشتىن سىرىت ھەر يىلى يازلىق - قىشلىق ئىككى قۇر كىيىم ، ئازىراق ئىش ھەققىمۇ بېرىشكە توختام تۈزۈلدى .
ئۆز تۇرمۇشىنىڭ يولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆمەر خۇداغا شۈكرى ئېيتاتتى . ئۈستى ئوچۇق زىنداندىكى ۋە بۇ شەھەردە ئىش تاپالماي ئاش توق يۈرگەن چاغلىرىدىكىگە قارىغاندا ، بۇ يەردە ئۇ ئۆزىنى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى . بەزىدە بۇ باغ ئۆزىنىڭ سالقىنىلىقى ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ، گۈللەرنى ئايلىنىپ يۈرگەن ھەرىلەرنىڭ غۇڭۇلداشلىرى ، كېپىنەكلەرنىڭ پەرۋاز قىلىشلىرىغا چۆمۈلۈپ شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ كېتەتتىكى ، بۇ باغنى بىنا قىلش ئۈچۈن پۇل خەجلىگەن نىزامباينىڭ ئۆزىمۇ بۇ گۈزەللىكلەردىن بەھرە ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ئىدى . باي باغقا كەمدىن كەم كېلەتتى . ئۇ قەيەرلەردىندۇر ئۆزىنىڭ سودا ئىشى بىلەن پالاقلاپ ، تېرە ، يۇڭ ، گەزماللىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى ، خوتۇنلىرى ئارىسىدىكى تۈگىمەس ماجىرالار ، سودىدىكى پايدا زىيان ئىشلىرى بىلەن ئازاپ چېكىپ يۈرەتتى . ئەگەر باينى ھوزۇرلىنىدۇ دېسە ، ئۇ پەقەت بۇ كاتتا باغنىڭ ئۆز نامىدا ئىكەنلىكىدىنلا ھوزۇرلىناتتى .
تۇرمۇشتا شۇنداق ئىشلارمۇ بولىدۇكى ، بەزى ئادەملەر كۆركەم سارايلارنى ياسىتىپ ، ئۇنى ئېسىل گىلەم ، ئۆز جاپدۇقلىرى بىلەن تولدۇرۇپ قويۇپ ، بۇ سارايلارنى پاسكىنا بولۇپ كەتمىسۇن دەپ تۆۋەنگە يەنە ئاشخانا ئۆيلەرنى ياسىتىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ تولىسىنى ئەنە شۇ سارايلارغا يانداپ سېلىنغان ئاددىي ئۆيلەردە ئۆتكۈزىدۇ . بايلار نام شۆھرەت ئۈچۈن سالدۇرغان ئاجايىپ بىنالارنىڭ ئۆمرى ھامان ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولىدۇ . شۇ كاتتا سارايلارنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز ، ھەقىقىي ھوزۇرىنى ئالغانلار شۇ ئۆيلەرنى ياساتقۇچىلار ئەمەس ، باشقا بىرلىرى بولۇپ چىقىدۇ. ..ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارنى سالدۇرغان پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ھالى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر . ئۇنىڭغا شۇ مېھمانخانىلاردا يېتىش پۇرسىتى يىلىغا بىر نەتچە قېتىملا بولىدۇ ياكى مەڭگۈ بولمايدۇ . ئۇ يەرنىڭ ھەر كۈندىكى قەنتىنى باشقىلار چاقىدۇ .
ئۆمەر باغدا ئىشلەپ يۈرۈپ باغنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەتتى . پىشىپ يېتىلگەن ئەڭ شېرىن مېۋىلەرگە بىرىنجى بولۇپ ئېغىز تېگەتتى . قۇشلارنىڭ ئاۋازى ، گۈللەرنىڭ پۇرىقى ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ ئاۋۇتاتتى .
ئاستا ئاستا ئۇنىڭ سارغايغان چىرايىغا قان يۈگۈرۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ ھوجۇدىدىكى قورساق بېقىش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنتۇلغان ھېسىياتلار ، ياشلىق سېزىملىرى قايتا يېتىلىشكە باشلىغانىدى .
بەزىدە ئۆمەرگە باغقا سۇ باشلاپ كېلىش ئۈچۈن باغدىن چىقىپ ، تار كوچىلاردىن ئۆتۈپ ، يىراقتىكى شارقىراپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىغىچە بېرىشقا توغراكېلەتتى . دەرۋازىسى قىيا ئوچۇق تۇرغان ھويلىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ كۆزىگە ئۈزۈم باراڭلىرى ئاستىدىكى سۇپىلاردا ئولتۇرۇپ ، چىنىنىڭ كۆتىكىدىكى ئوسما سۈيىگە پەلكۈچلىرىنى چىلاپ ئوسما قويىۋاتقان قىزلار چېلىقىپ قالاتتى . بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ يۈرىكى ئىختىيارسىز دۈپۈلدەپ كېتەتتى .
بەزىدە يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا پۈركەنچىلىك چوكانلار ئۇچىرايتى . ئۇلارنىڭ جامالى چۈمبەل بىلەن يېپىلغان بولسىمۇ ، يەنە ئۇلارنىڭ تولغىنىپ مېڭىشلىرى ، پۈركەنجىنىڭ بىر بۇرجىكىنى نازاكەت بىلەن چىمدىپ تۇتقان خېنە قويۇلغان نازۇك بارماقلىرى ئۆمەردە تاتلىق سېزىملارنى قالدۇراتتى . ئۆسەڭدىن قاپاقلارغا سۇ ئېلىپ كېلىۋاتقان قىزلارنى كۆرگەندە ، ئۆمەرگە بۇ گۈزەل قىزلارنىڭ كۈندە قارايغان ئاياغلىرىدا سانسىز قۇڭغۇزلار جاراڭلاۋاتقاندەك ، ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن توپىلىق يوللارغا گۈللەر تۆكۈلۈپ ، ئەتىراپقا كىشىنى مەست قىلىدىغان خۇش پۇراق تارقىلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى . بەزىدە ئۇ قېرى باغۋەننىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى باراڭ ئاستىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا ، باغنىڭ تېمى ئارقىسىدىكى كوچا تەرەپتىن قىزلارنىڭ كۈلكىلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى . مۇنداق چاغلاردا ئۆمەر يەۋاتقان تامىقىنى ئۇنتۇپ ، ئىختىيارسىز تام ئارقىسىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپ قالاتتى . موماي بىلەن بوۋاي بولسا بىر بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ كۈلۈمسىرىشەتتى .
_ ھە ئالدىرما ئوغلۇم ،_دەيتى باغۋەن ، _ ئوبدان ئىشلەپ ، تاپقان پۇللىرىڭنى زايە قىلماي ، يىغقىن ، مۇشۇ ئەتىراپتا ئوبدان ئادەملەرنىڭ چىرايلىق قىزلىرى بار ھەر قانداق كىشى سېنىڭدەك يالغۇز يىگىتنى كۈيئوغۇل قىلىشقا جان دەپ ماقۇل بولىدۇ ...
ئۆمەر مۇنداق چاغلاردا ۋىللىدە قىزىراتتى -دە، باغۋەننىڭ ياخشى تىلىكىگە كۆڭلىدە خوش بولۇپ ، كەتمىنىنى ئېلىپ باغقا قاراپ كېتىپ قالاتتى . باغ ئىچى ئۇنىڭغا تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى . قۇياش نۇرىدا يۇپۇرماقلار تېخىمۇ يېشىل ، ئاسمان تېخىمۇ كۆپكۆك ، گۈللەر تېخىمۇ رەڭدار جۇلالىنىۋاتقاندەك ، ھايات ئۇنىڭغا تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئېچىۋاتقاندەك بىلىنەتتى .
نىزامباينىڭ بۇ چوڭ بېغىدا تۇرىدىغان ئايالىنى ھەممە ھۆرمەتلەپ «ئايىم » دېيىشەتتى . ئايىم تولۇق قامەتلىك ، گەپ سۆزى جايىدا ، ئاپئاق ، سۈزۈك مەڭزىلىرىدىن قىزىللقى كەتمىگەن كېلىشىملىك خوتۇن ئىدى . ئۇ ، باينىڭ تېخى نىزامباي بولۇپ ئاتىلىپ شەھەرگە تونۇلمىغان ۋاقتىدا ئالغان تۇنجى ئايالى بولۇپ ، ئايىمنىڭ ئاتىسى شەھەردىكى پۇلدارلاردىن ئىدى . نىزامباي كېيىن ، تېرە ، يۇڭ سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ قېينئاتىسىنىڭ يۆلىشى بىلەن تېزلا بېيىپ كەتتى . ئۇنىڭ شۇ ئەتىراپتىكى يېزا قىشلاقلاردىن تېرە يۇڭ يىغىدىغان مەخسۇس ئادەملىرى ، بىر قانچە يەردە خۇرۇم ، شاۋرۇن ئىشلەيدىغان ئىشخانىلىرى بار ئىدى . ھازى نىزامباينىڭ سودا سېتىق دائىرىسى يۇڭ تېرىلەردىن ھالقىپ ، ماتا - چەكمەن ، گەزمال ، ئالتۇن كۆمۈش سودىلىرىغىچە بېرىپ يەتكەنىدى .
نىزامباي ئۆزىنىڭ سودا ئىشلىرى بىلەن دائىملا ئالدىراش يۈرەتتى ، پايدا چىقىدىغان بىرەر پۇرسەت ، بىرەر يوچۇقنىمۇ قولىدىن بەرمەيتى . نىزامباي ئۆزى بىر ئاز ئەيمىنىپ ھۆرمەت قىلىدىغان قېينئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئايىمنىڭ ئۈستىگە ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ خوتۇن ئالدى . خوتۇنلىرى ئۈچۈن شەھەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايرىم ئايرىم جايلارنى سالدۇردى . ئايىمنى بولسا پىشايۋانلىق ئايۋانلارنى ياسىتىپ مۇشۇ باغقا كۆچۈرۈپ قويدى . ئىككى چاكار ئايال بۇ يەردە ئايىمنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئاش تامىقىنى ئېتىپ ، ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى . باي ئايىمنى خىراجەتتىن قىسمايتى . چوڭ باغ ئايىمنىڭ ھەر قانچە يايراپ ، ئەركىن يۈرىشىگە يېتەتتى . لېكىن ، ئايال كىشى ئۈچۈن پەقەت مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ -دە! ئايىم نىزامبايدىن يەنە مۇھاببەت تەلەپ قىلاتتى . باي بولسا ئۇنىڭغا ئېشىنالماس بولۇپ قالغانىدى .
دەسلەپكى چاغلاردا نىزامباي باغقا ئايدا بىر ئىككى قېتىم كېلىپ قونۇپ كېتىپ يۈردى . كېيىن كېيىن ئاياغ باسماس بولدى . ئۇ ھەر دائىم ئۆزىنىڭ تۈگىمەس سودا سېتىق ئىشلىرى ، قايسىبىر سودىگەرنىڭ ۋەدە قىلغان چەكمەنلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ كەلمىگەنلىكى ، خۇرۇم ئىشلىگۈچى ئۇستىلارنى ئوبدانراق رازى قىلش ئۈچۈن خۇرۇملارنى يىراققا توشۇپ ياخشى پۇل قىلىش لازىملىقى ، شەھەر بايلىرى بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىلەر ، بەگلەرگە تاپشۇرىدىغان سوۋغا سالام ۋە يەنە قانداقتۇر بىر دەۋا ئىشلىرى توغرىسىدا ئايىمغا ئەسكەرتىپ ، ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئېيتاتتى . ئەمما ، ئايىمنىڭ نەزىرىدە بولسا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق بىر باھانە ئىدى . ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۈندۈزى پۈتتۈرسە بولىدىغانلىقىنى ئايىم ئوبدان بىلەتتى . نىزامباينىڭ كېچىلىك ۋاقىتلىرى ياش خوتۇنلىرى بىلەن ئۆتەتتى .بۇلارنى ئويلىسا ئايىمنىڭ ئىچى ئېچىشاتتى .
يالغۇزلۇقتا ئۇزۇن كېچىلەرنى تاڭغائۇلىماق ناھايتى قىيىن ئىدى ، ئايىم قېلىن كۆرپىلەر ئۈستىدە يېتپ نىزامباينىڭ ئۆزىنى ئەركىلەتكەن چاغلىرىنى ، دائىما ئۇنىڭ قېشىدا بولغان كۈنلىرىنى خيالىدىن ئۆتكۈزەتتى . ئۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكەنىدى . نىزامباي ئايىمنى ئەتىگىنى خاپا قىلىپ قويۇپ كەتسە ، كەچلىكى كېلىپ كۆڭلىنى ئالاتتى . بۇ باغدا ھازىر مېۋە چېۋىلەر تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ ، نىزامباي ئۆز قولى بىلەن
ئەكىلىپ سۇنىدىغان بىر تال ئالمىغا يەتمەيتى : ئاشپەز خوتۇنلار ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىپ ئالدىغا قويسىمۇ ، يەنە نىزامباي ياغلىقىغا تۈگۈپ بازاردىن ئەكىلىدىغان بىر قانچە دانە سامسىنىڭ لەززىتى باشقىچە ئىدى . ...
ئايىم خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئالتۇن جابدۇقلىرىنى يىپەك ياغلىققا تۈگۈپ ، ئىسستقۇ -سوۋۇتقۇ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئالدىغا قاتىراپ يۈردى . نىزامباي تاسادىبى ئۇنىڭ يېنىدا بولۇپ قالىدىغان كۈنلەردەئۇ ئىسستقۇ ئوقۇغان ناۋاتلارنى سېلىپ ئۇنىڭغا چاي دەملەيتى . باي پەي ياستۇقلارغا بېشىنى قويۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كۆزىنى يۇمغىدەك بولسا ئايىم قاراڭغۇ باغدىكى ساراڭ باخشى ، يار كوچىسىدىكى ئاقساق خوتۇن ئۆگىتىپ قويغان ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ
ئۇنىڭغا ھۈرەتتى . مۇشۇنداق بىھۇدە ئاۋارىچلكلەر بىلەن ئايىمنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن جابدۇق ۋە تەڭگە تىللالىرى قانداقتۇر رەمماللار ، ئىسستقۇ قىلىدىغان خوتۇنلار ، ئەپسۇن ئوقۇپ ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنى يۇڭۇزلانغان پېتى يەرگە چۈشۈرىۋېتەلەيدۇ ، دەپ داڭقى چىققان سېھرىگەرلەرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتتى . لېكىن بۇ پالاقلاشلارنىڭ نەتىجىسى ئەكسىچە بولۇپ ، نىزامباينىڭ قەدىمى بارغانسىرى ئايىم تەرەپكە يەتمەس بولۇپ قالدى . « ھەي جادۇگەرلەر !_ دەپ قارغايتى ئايىم ئىچىدە نىزامباينىڭ باشقا خوتۇنلىرىنى ، _ سىلەرنىڭ ھىيلە مىكىرىڭلار مېنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتسا كېرەك . ئوقۇغان ئەپسۇنلىرىڭ ئۆزۈڭگە يېنىپ ئۆلۈشەرسەن !..» بەزىدە ئايىم : نىمىشقىمۇ بىرەر نامرات كاسىپ ياكى دېھقاننىڭ ئايالى بولۇپ قالمىغان بولغىيتىم ، دەپمۇ ھەسرەت چېكەتتى .
باغنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى قىيسىق ئۆيلەردە ئولتۇرىۋاتقان باغۋەننىڭ مومىيىغا ھەۋىسى كېلەتتى . چۈنكى ئۇلار نامىرات بولسىمۇ تەڭ قېرىپ ، تۇرمۇشتىكى خوشاللىق ۋە ئېغىرچىلىقلارنى تەڭ تارتىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى .
بارا بارا ئايىم ئۆز تەقدىرىگە تەن بېرىدىغان بولۇپ قالدى . تۆت خوتۇن ئالغانلار يالغۇز نىزامبايمىدى ، چامى يەتكەن ھەر قانداق مۇسۇلمان تۆت خوتۇن ئالىدۇ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايىم نىزامبايغا پەرزەنتمۇ تۇغۇپ بېرەلمىدى . باينىڭ باشقا خوتۇنلىرى ياش جەزبىدار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن نىزامباينىڭ بىر ئىككىدىن پەرزەنتى بار ئىدى . ئايىم ئەمدى كۈنىنى خۇداغا شۈكرى قانائىتىنى بىلدۈرۈپ ، بەش ۋاخ ناماز بىلەن جاينامازدا ئۆتكۈزەتتى . بالىسى بولمىغانلىقتىن ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ بايدىن كېيىن قالسام لازىمى بولىدۇ ، دەپ ئالتۇن كۈمۈش يىغاتتى . ئايىمغا ئاتىسىدىن تەككەن مىراس دۇنيالارمۇ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر يېتىپ يېيىشىگە يېتىپ ئاشاتتى . روزا رامزانلاردا ئايىم يىتم يېسىر ، غېرىپلارغا سەدىقە بېرەتتى . مەسچىتلەرگە پۇل ئىنئام قىلاتتى . باغدىكى ئىشلەمچى ئاياللار بىلەن پىشايۋاندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالغان چاغلىرىدا ئۇلارغا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى ، ئۇ دۇنيا بۇدۇنيالىقتىكى ئىشلار ، ئازاپ ۋە راھەتلەر ھەققىدە كىتاپخانلىق قىلىپ بېرەتتى . شۇڭا ئىشلەمچى ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ئايىم پاكىلق ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ نەمۇنىسى ئىدى . ئاشۇنداق ۋەزخانلىقلارنى قىلىۋېتىپ ئايىم تېخى ئەمدىلا قىرىق ياشلارغا كەلگىنىگە قارىماي ، ئۆزىنى قېرىپ خېلى ياشلارغا بېرىپ قالغان ئاياللاردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغاندى.
ئەتىراپتىكى ئاياللار شۇ خىسلەتلىرى ئۈچۈن ئۇنى «گۆھەر بانۇم»دېگەن ئىسمى بىلەن چاقىرماي ، ھۆرمەت بىلەن «ئايىم » دېيىشەتتى .
بۇ باغدا ياش ئىشلەمچى ئۆمەرپەيدا بولشى بىلەن ، ئايىمنىڭ كۆڭلىدىكى سەۋىر تاقەت توزانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان ھېسىياتلىرى قايتا باش كۆتۈرۈپ پاراكەندىچىلىك سېلىشقا باشلىدى . بۇ خۇددى ئۆچۈپ قېلىشقا ھازىر بولۇپ تۈتەپ تۇرغان ئوتنى تۇيۇقسىز كەلگەن بىر شامال قايتا يالقۇنجىتىۋەتكەندەك بىر ئىش بولدى .
جېنىم قوزام
ئۆمەر ھەر ئەتىگەنلىكى ئايىمنىڭ ئاشخانىسىدىكى يوغان تۇڭنى كۆلنىڭ سۈزۈك ۋە مۇزدەك سۈيى بىلەن تولدۇراتتى ، ئاندىن يەر ئاغدۇراتتى ، مېۋىلەرنى تېرەتتى . ئىشلەۋېتىپ غىڭشىپ ناخشىمۇ ئېيتىپ قوياتتى . ھارغاندا يېشىل چۆپلەر ئۈستدە ئالقىنىنى بېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئاسمانغا قارىغىنىچە خيالغا كېتەتتى . ئۇ خىيالىدا كىچىكىدە ئويناپ چوڭ بولغان كوچىلارنى ، ئاتىسىنى ، ئالەمنىڭ قايسىبىر چېتىدە قالغان «قاغىلىق باغ»نى ، ئىنىلىرى بارات بىلەن
سەپەرنى كۆرەتتى . بەزىدە ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى يوغان يوتىسىغىچە تۈرىۋېتىپ ، ئېچىقلارنى ئېچىپ ، ئېرىقلارغا سۇ باشلايتى . نىزامباينىڭ چوڭ خوتۇنى ئايىم تۇرىدىغان ئايۋاننىڭ ئەتىراپىدىكى گۈللۈكلەرگە ، ئانار ، ئۈزۈملەرگە سۇ تۇتاتتى . ئۆمەرنىڭ دائىم شۇنداق كەتمەننى مۈرىسىگە سېلىپ ، باغنىڭ يۇپۇرماقلار سايە تاشلاپ تۇرغان قاراڭغۇلۇقلىرى ۋە ياكى قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان ئوچۇقچىلىقلاردا يۈرگىنىنى كۆرگىلى بولاتتى . ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ يىرتىقلىرى ياكى ئوچۇق قالغان مەيدىلىرىدىن بۆرتۈپ چىققان بولجۇڭ گۆشلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى . مۇنداق چاغلاردا پىشايۋانغا چىقىپ قالغان ئايىم بۇ ئىشلەمچىگە ئىختىيارسىز قاراپ تۇرۇپ قالاتتى -دە، تەسۋي سىيرىۋاتقان قوللىرى توختاپ ، ئوقۇۋاتقان ئايەتلىرىدىن ئېزىپ كېتەتتى . ئۇ يەنە دەرھال ئېسىنى يىغىپ ، تەسۋىسىنى ئىتتىك ئىتتىك سىيرىپ :«خۇدا،شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسدىن ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن !»دەپ پىچىرلىغىنىچە ئۆيگە كىرىپ كېتەتتى .
ئۆمەر ئايىمنى كۆرگەندە ۋىللىدە قىزىرىپ ، بېشىنى يەردىن ئىگىز كۆتۈرمەي سالام بېرىپ ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ دوغلاق يىگىتنىڭ تومپىيىپ چىققان مۇسكۇللىرى ، كەڭ مەيدىسىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان مەيدە تۈكلەر ، ئۇنىڭ مەزمۇت دەسسەپ گۈرسۈلدەپ مېڭىشلىرى يىگىتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ياشلىق ۋە كۈچ قۇۋەتنى نامايىش قىلىپ تۇراتتى . يىگىت بارا -بارا ئۆز سىياقى بىلەن ئايىمنىڭ كۆز ئالدىدىن كېچە كۈندۈز كەتمەي ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان بولۇپ
قالدى . بۇ بىئاراملىق ئايىم ئۈچۈن ناھايىتى يېقىملىق بىلىنەتتى . ئۇنىڭ ئۇخلاپ قالغان سېزىملىرىنى غىدىقلاپ ، ئۇنى قانداقتۇر بىر گۇناھنى سادىر قىلىشقا قۇترىتاتتى . «توۋا!-دەيتى ئايىم ئۆز ئۆزىگە ،_مەن نىمە بولىۋاتىمەن ئۆزى ؟...بۇنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ ئىشى ...!» ئايىم شەيتاننى ئۆزىدىن قاچۇرۇشقا تىرىشسىمۇ ، ئۇنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن نېرى بولالمايتى . ئايىم ئەنە شۇنداق ئۆزىنى پاك تۇتۇش ئازابى بىلەن گۇناھ ئۆتكۈزۈشنى خالاس تىلىكى ئوتتۇرسىدىكى ئېلىشىشتا ھالسىزلىنىپ كەتتى . ئۇ بەزى كېچىلىرىنى كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزىۋېتىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ مامۇق چۈشەك ئۈستىدە قىپيالاڭاچ يېتىپ بەدەنلىرىنى سىلايتى . ئۇنىڭ بەدىنى قاشتېشىدەك سۈزۈك، بالا تۇغمىغان ۋە تۇرمۇشنىڭ جاپالىرىغا چېلىقمىغان بولغاچقا تېخى ساغلام ۋە چىڭ ئىدى . نىزامباينىڭ ئۆزىنى ناھايىتىمۇ ئەتىگەن تاشلىۋەتكىنىگە ئىچ-ئىچىدىن ئاغرىناتتى . ئەمدى ئايىم ئايۋان ئالدىدىن ئادىراش ئۆتۈپ قالىدىغان ئىشلەمچى يىگىتنى چاقىرىۋېلىپ ، پات پات گەپكە سالىدىغان بولۇپ قالدى . مۇنداق چاغلاردا ئۆمەر ھۆرمەت بىلەن قول قوشتۇرۇپ يىراقتا تۇرۇپلا :
_ لەببەي ، ئايىم ئاچا ،_دەيتى .
_ بېرى كەل ، يىگىت ، مەن سەندىن گەپ سورايمەن ،_ دەيتى ئايىم .
ئۆمەر قورۇنغان ھالدا پىشايۋانغا يېقىنلاپ ، يەردىن باش كۆتۈرمەي ئايىمنىڭ ئىش بۇيرۇشىنى كۈتۈپ تۇراتتى . لېكىن ، ئايىم ئۇنى زادىلا ئىشقا بۇيرىمايتى .
ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى گەپلەرنى سورايتى .
- قەيەرلىكسەن ؟
_ مەن بۇ شەھەرگە يىراقتىن كەلدىم ، مۇساپىرمەن .
_ ئاتا ئاناڭ كىم ؟ ئۇلار قەيەردە ؟
_ ئاتا ئانام ئۆلۈپ كەتكەن ، يېتىممەن .
ئۆمەر گەپنى ئۇزارتماي ، ئىتتىكرەك ئىشغا بېرىش ئۈچۈن سۇئاللارغا شۇنداق كالتىلا جاۋاب بېرەتتى . ئايىم بولسا گەپنى سوزۇپ ، ئۇنى ئۇزۇنراق تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشاتتى . بەزىدە ئۆمەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايىمغا قارىغان چاغلىرىدا بۇ ئايالنىڭ كۆزىدە يېنىپ تۇرغان ئوتنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتەتتى ۋە ھەيران بولاتتى . ئايىمنىڭ كۆزلىرىدە لاۋىلداپ يېنىۋاتقان يالقۇننىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۇ چۈشەنمەيتى .
_ يېتىممەن دېگىن ، ۋاي بىچارە !_ دەپ ئىچ ئاغرىتتى ئايىم ، _ ئۇرۇق تۇغقىنىڭمۇ يوقمۇ ؟
_ ھېچنىمەم يوق ،_دەيتى ئۆمەر . ئۇ ئىنىلىرى سەپەر بىلەن باراتنى ئېسىگە ئالغان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئېغىزدىن چىقىرىشقا كۆڭلى تارتمايتى .
_ ئۆيلەنمىگەنمۇسەن؟
ئۆمەر قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى .
_ كەمبەغەلمەن ، ئۆيلىنىشكە نەدە پۇل !_ دەپ يەرگە قارىدى ئۇ .
_ ۋاي بايقۇشەي ، ماڭا قارا، مەن ئۆزۈڭنىڭ ئاچىسى ئورنىدىكى قېرىندىشىڭ ، بىرەر نەرسە كېرەك بولسا تارتىنماي يېنىمغا كىر .!
_ رەھمەت ئايىم ئاچا ، ھېچنىمە كېرەك ئەمەس . باغدا باياشات ئوبدان تۇرىۋاتىمەن ، قورسىقىم توق ...
- ھەي ئەخمەق ، ئادەم دىگەننىڭ قورسىقى تويسىلا ھېسابمۇ؟ ساڭا باشقا لازىملىق بىر نېمىلەرنى سېتىۋېلىشقا پۇل لازىم بولىدىغاندۇر ؟ قارا ، ئۈستۈڭدىكى كىيىملىرىڭ كونىراپ چىرىپ كېتىپتۇ . كېرەك بولسا تارتىنماي ، ئۇدۇللا ئالدىمغا كىرىپ ئېيتىۋەر...
ئايىمنىڭ تۆت بەش يىلدىن بېرى قول تەگمىگەن پەرداز قۇتىلىرىنىڭ ئەمدى پات پات ئاغىزى ئېچىلىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ قاشلىرىنى تېرىپ قاپاقلىرىنىڭ ئاستىغا سۈرمە تارتىپ ، بىلىنەر -بىلىنمەس گىرىم قىلاتتى . ياش ۋاقتىدا ياقتۇرۇپ كېيىدىغان كۆڭلەكلىرىنى كىيىپ ، تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا ئۇياق -بۇ ياققا ئۆرۈلەتتى . كۆزلىرىنىڭ ئەتىراپىدا پەيدا بولغان ئۇششاق قورۇقلارنى ئۇزاق ئۇۋىلايتى . لېكىن ، ئىشلەمچى يىگىت نەرسە كېرەك بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايتى . ئۇ تولىمۇ تارتىنچاق ، يۈرەكسىز ئىدى . ئايىم كۈتۈپ كۈتۈپ ، ئىشلەمچى يىگىت كىرمىگەندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ساراڭدەك قىلىقلىرىغا ئۆزى ئاچچىق كۈلەتتى . يەنە توۋا قىلىپ ، نامىزىنى ئوقۇپ ، تەسۋىسىنى سىيراتتى ...ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا ئايىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئىستەكلەر يەنە يالقۇنجاپ ئۇنى ئارامسىزلاندۇرۇشقا باشلايتى . ئايىمنىڭ تارتىنچاق ، قىزىرىپ يەرگە قاراپ تۇرىدىغان ئاشۇ يىگىتنى باغرىغا باسقۇسى ، ئانىلارچە مۇھاببەت بىلەن قۇچاقلاپ باش كۆزىنى سىلىغۇسى كېلەتتى .
بىر كۈنى ئايىم ئۆمەرنى ئاشپەر خوتۇن ئارقىلىق ئالدىغا چاقىرىتتى . بۇ تومۇزنىڭ پېشىن نامىزىدىن كېيىن بولىدىغان تازا تىنجىق ۋاقتى ئىدى . مۇنداق ۋاقىتتا باغنىڭ ئېگىز دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان كۆل سۈيىدىن باشقا ھەممىلا يېرى تىككىدە چۈشۈپ قىزىتىپ تۇرغان قۇياش نۇرىدا كۆيۈپ تۇراتتى . قۇشلار يوپۇرماقلار ئارىسىغا مۆكۈنۈپ ، ھەلقەملىرىنى لىپىلدىتىپ دەم ئېلىشاتتى . باغدىكى چاكارلار بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىنى قاراڭغۇ قىلىپ كىرىپ كېتىشەتتى . ئۆمەر كۆل بويىدىكى شىپاڭدا ، بورا ئۈستىدە يېتىپ ھاردۇق ئالاتتى . ئاشپەز خوتۇن ئۆمەرنى ئەنە شۇ كۆل بويىدىن ئىزدەپ تاپتى . ئۆمەرنى ئىگىز ئايۋاننىڭ پەلەمپەيلىرى ئالدىغىچە باشلاپ كېلىپ :
_ ئىچكىرىگە ، ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى ساراي ئۆيگە كىرگىن ، ئايىم شۇ يەردە ،_ دېدى - دە كېتىپ قالدى .
ئۆمەر پۇتىدىكى چورۇقنى تۆۋەنگە سېلىپ قويۇپ ، پەلەمپەيدىن پىشايۋانغا كۆتۈرۈلدى . ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن دالان ئۆي پەيدا بولدى . پايانداز تاشلانغان دالان ئۆينىڭ ئىككى تەرىپىدە كىچىك ئىشكلەر بولۇپ ، ئەڭ ئاخىردىكى بىر ئىشىكنىڭ قاناتلىرى ئوچۇق تۇراتتى . ئۆمەرنىڭ بۇ باغدا ئىشلەۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ، قاپقاپلىق دېرىزە ، نەقىشلىق تۈۋرۈكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ ئايۋانغا قەدەم بېسىشى بىرىنجى قېتىم ئىدى . بۇ ئۆي ئۆز ھەيۋىتى بىلەن كىشىگە ئوردا سارايلىرىنى ئەسلىتەتتى .
ئۆمەر ئىشىكنىڭ ئالدىغا تاشلانغان ھۆل پالاسقا پۇتىنى پاكىز سۈرتۈپ ، يۇمشاق پايانداز ئۈستىدە مېڭىپ كەتتى ، ئوچۇق تۇرغان ئىشىك ئالدىدا توختاپ ، ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ يۆتىلىپ قويدى . بۇ ئۆينىڭ كەڭ دېرىزىلىرى ، يېرىم چۈشۈرۈلگەن دۇخاۋا پەردىلەر ، تامغا تارتىلغان رەڭلىك گىلەملەر كىرمەكچى بولغان كىشىنى ئەيمىندۈرەتتى .
_ ئىچكىرگە كىر !_ دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . شۇ چاغدا ئۆمەر ئۆينىڭ ئىچىدە ئىشىكى قىيا ئېچىقلىق تۇرغان بىر خاس ھوجۇرىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى . ئايىمنىڭ ئاۋازى ئەنە شۇ تەرەپتىن چىققانىدى . ئۆمەر يەرگە تاشلانغان قېلىن گېلەملەرنى ئەيمىنىپ دەسسەپ ئۆتۈپ ، خاس ھوجۇرىنىڭ بوسۇغىسىدىلا تۇرۇپ قالدى . بۇ ئۆينىڭ توللۇق چۈشۈرۋېتىلگەن يىپەك پەردىلىرى ئۆي ئىچىنى سىرلىق گۇڭگالىققا چۆمدۈرگەنىدى . ئەنبەر ۋە گۈل مېيىنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇپ تۇراتتى . ئۆينىڭ تۆرىدە قات قات سېلىنغان قېلىن كۆرپىلەر ئۈستىدە ئايىم نېپىز ئىچ كۆڭلەك بىلەنلا ياتاتتى .
_ كەل !_ دېدى ئايىم مامۇق ياستۇقلاردىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ، نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ چىقاتتى .
_ نىمە خىزمەتلىرى بار ئىدى ، ئايىم ئاچا؟_ دەپ يەرگە قارىدى ئۆمەر .
_ مانا ، ئىككى كۈن بولدى ساقلىقىم يوق ، كىرىپ يوقلاپ قويايمۇ دېمىدىڭ .
_ مەن ... مەن خەۋەرسىز ئىكەنمەن.
ئايىمنىڭ كۆڭلىدە شۇتاپتىمۇ ، شۇ گۇناھلىق ئىشنى قىلىش كېرەكمۇ ، قىلماسلىق كېرەكمۇ ؟ دېگەن خىيال كۈرەش قىلاتتى . قورقۇشتىنمۇ ياكى ھاياجاندىنمۇ ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئۇششاق تىتىرەك باسقانىدى .
_ كەل ...، قېشىمغا يېقىنراق كەل...، قورۇنما ...،پۇت -قوللىرىم سىرقىراپ ئاغرىپ تۇرىدۇ ، بىر تۇتۇپ قويغىن .
ئۆمەر ئايىمنىڭ ئايىغى يېنىغا كېلىپ يۈكۈندى -دە، ئۇنىڭ يالاڭاچ تۇرغان ئاپئاق پۇتىغا ئۆزىنىڭ قاداقلاشقان قوللىرىنى ئۇزاتتى . يىگىتنىڭ قولى بەدىنىگە تېگىشى بىلەن ئايىم ئۆزىدىكى بارلىق ئىككىلىنىشلەرنى يوقاتتى . ئۆمەرنى كاپلا قىلىپ تۇتۇپ ، ئۇنى قۇچاقلاپ ئۆزىگە تارتتى .
_ ئايىم ئاچا ، ئۇنداق قىلمىسىلا ...يامان بولىدۇ ، ئۇنداق قىلمىسىلا !...
_ جېنىم قوزام!...
ئۆمەر ئايىمنىڭ كۈچلۈك قۇچاقلاشلىرى بىلەن ئوتلۇق سۆيۈشلىرى ئىچىدە نەپەس ئالالماي بوششىپ كەتتى...
خاس ھوجۇرىدا ئايىم بىلەن بولغان غەلىتە مۇناسىۋەت تۇنجى قېتىم سادىر بولغاندا ئۆمەر ناھايىتى قورقۇپ كەتتى . ئۇزۇنغىچە ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى باسالمىدى . چېلىش مەيدانىدىن چىقىپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرغاندا نىزامباينىڭ :«ئوغرى ئەمەستۇرسەن ؟ بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدىغان بولساڭ بوينۇڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن !» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئۇنىڭ قۇلىقى تۈۋىدە قايتا جاراڭلىغاندەك بولاتتى . ئۇنىڭ قىلغىنى ئوغرىلىقتىنمۇ ئېغىر خىيانەت ئىدى . ئۇ بىر قانچە كۈنگىچە باغدىكى ئىشلەمچى ئاياللارغا ، باغۋەن ئائىلىسىدىكى بوۋاي بىلەن مومايغا خۇدۈكسىنىپ تىكىلىپ قارىيالمىدى . كۆڭلىدە ئىككىنجى مۇنداق غەيرى ئىشنى قىلماسلىققا ۋەدە بەردى .
لېكىن ئەتىراپتىكى ھەممە نېمە ئىلگىركىدەكلا بولۇپ ، قورققۇدەك ھېچنىمە يوق ئىدى . يەنە قۇشلار سايراپ تۇراتتى . ئايۋان ئالدىدىكى گۈللۈكلەردە رەڭمۇرەڭ گۈللەر قۇياشقا يۈزلىنىپ ئېچىلىشاتتى . چېچەكلەرنى كېپىنەكلەر ئەگىشەتتى . باغ ئىچىدىكى ئاياغ يوللارنى توغرا كېسىپ چۈمۈلىلەر ئالدىراش ئۆتۈشەتتى . پىشقان مېۋىلەر ئىلگىركىدەكلا توكۇلداپ تۈۋىگە چۈشۈشەتتى . تەبىئەت -قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇرغان جىمى نەرسە ئۆز پېتىچە بولۇپ ، ھېچنىمە ئۆزگەرمىگەنىدى . پەقەت ئۆمەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىلا كۈتۈلمىگەن دولقۇننىڭ تەسىرىدە ئەنسىز داۋالغۇپ تۇراتتى ...باغۋەن بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئۆمەرگە بۇرۇنقىدەكلا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ ، ھەر قېتىملىق چاي ئۈستىدە ئۇنى بىرەر كەمبەغەلنىڭ چىرايلىق قىزىغا ئۆيلەپ قويۇش توغرىسىدىكى ئارزۇلىرىنى ئېيتىشاتتى . ئايىمغا خىزمەت قىلىدىغان چاكارلارمۇ گۇماندىن نېرى ئىدى . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئايىم ئۆز تەقۋادارلىقى ، سېخىيلىقى ، ۋاقتى ۋاقتىدا قىلىپ بېرىدىغان كىتاپخانلىقى بىلەن ناھايىتىمۇ يۈكسەك ئورۇندا تۇراتتى .
ئىككىنجى قېتىم ئايىم ئۆمەرنى چاقىرىشقا ئاشپەز خوتۇننى ئەۋەتمەي ئۆزى باردى . ئۆمەر مېۋىلىرىنى كۆتۈرەلمەي ئېگىلىپ كەتكەن بىر ئالما شېخىغا تىرەك قويۇۋاتقانىدى . ئۇ ئايىمنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ قىزاردى . ئايىم ئۇنىڭغا بۈگۈن كېچە قېشىغا كىرىشنى تاپىلاپ كېتىپ قالدى . ئۆمەر ئايىمنىڭ سۆزىگە قارشى ھېچنىمە دىيەلمىدى . شۇ كۈنى ئۇ كۈن بويى دەككە دۈككىدە يۈردى .«ئەڭ ياخشىسى بارمىغىنىم تۈزۈك» دەپ ئويلايتى ئۇ . پۈتۈن ئەتىراپ قاراڭغۇلىشىپ ،
ھەممە ئۇيقىغا كەتكەندە ئۇ تېخى كۆز يۇممغان ئىدى . ئاخىر ئورنىدىن تۇردى -دە، شەپە چىقارماي مېڭىپ ، ئايىمنىڭ ئۆگەتكىنىچە ئايۋاننىڭ ئارقا دېرىزىسى تەرەپكە ئۆتتى . ئۇ يەردە ئىچكىركى خاس ھوجۇرىنىڭ باغقا قارىغان دېرىزىسى قىيا ئېچىپ قويۇلغان بولۇپ ، ئۆي ئىچىدىن مىس شامدانلاردا تۈتەپ كۆيۈپ تۇرغان شاملارنىڭ يورۇقى سۇس كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئۆمەرنىڭ يۈرىكى دۈپىلدەپ ئۇراتتى . ئۇ قاپقاق يېنىغا يېقىنلىشىشى بىلەنلا دېرىزە تۇللۇق ئېچىلدى .
يۇقىرىدىن ئايىمنىڭ ئۇنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن سۇنغان ئاپئاق بىلەكلىرى كۆرۈندى ...
شۇنداق چاقىرىشلار پات -پات تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى . ئايىم باشقلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىلاجى بار خاھىشىنى تىزگىنلەيتى . بولالمىغان چاغلىرىدىلا ئۆمەرنى چاقىراتتى . ۋەدىلەشكەن كېچە ئۆمەرنى ئايىم دېرىزەتۈۋىدە ئويغاق ئولتۇرۇپ كۈتەتتى . ئۇنى قىزغىن سۆيۈشلەر بىلەن قوينىغا ئالاتتى . ئۇنىڭغا مۇھاببەت بىلەن بېرىلەتتى . نازاكەتلىك ئەركىلەش ، نالە قىلىش ، مېھرىبانلارچە باش كۆزلىرىنى سىلاشلار بىلەن يىگىتنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى . سەھەرگە يېقىن ئايىم يەنە ھېلىقى دېرىزىدىن ئۆمەرنى چىقىرۋېتىپ ، يۇيۇنۇپ جاينامازدا ئولتۇرۇپ ، يىغلاپ تۇرۇپ خۇدادىن گۇناھىنى تىلەيتى . « خۇدا ماڭا بۇ ئوتنى ئۆزۈڭ سالدىڭ ، ئۆزۈڭ كەچۈرگەيسەن ، بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلمىغىن !» دەپ يېلىناتتى . ئايىم ئاللاھنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ئازابلىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى ، خۇدايىمدىن بۇ دۇنيادا بەندىلەر ئالدىدا رەسۋا قىلماسلىقنىلا تىلەيتى . ئۆزىنىڭ يىگىتكە بولغان مۇھاببىتى ئۈچۈن ئۇ دۇنياغا بارغاندا مەڭگۈ ئازاپ چەكسىمۇ رازىدەك قىلاتتى . جاينامازدىن تۇرغاندا ئۇ دائىم ئۆزىنى پاكىلىنىپ يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى .
ئۆمەر بارا بارا ئايىمغا ئۆگىنىپ قالدى . ئۇ ئايىمنىڭ ئۆيىدە تۈنەپ چىققان كۈنلىرى سەھەردە مېۋە تەرگەن ، گۈللەرگە سۇ تۇتقان قىياپەتتە ئايۋاننىڭ ئارقىسىدىكى دېرىزە ئەتىراپىغا كېلىپ ، ئۇ يەردە سۇنغان ، دەسسەلگەن ئوت چۆپلەرنى تۈزەشتۈرەتتى . ئايىم بىلەن ئۆتكەن دەككە دۈككىلىك ، ئەمما تولىمۇ شېرىن كېچىنى ئۇزاققىچە ئۇنتىمايتى . بەزى چاغلاردا ئايىمنىڭ تېزرەك چاقىرىشىنى كۆڭلى تارتىپ قالاتتى . چۈنكى ، ئۇ كۈچ قۇۋۋەتكە تولۇپ ، ۋايىغا يەتكەن
بىر ئەر ئىدى-دە ، شۇ ياشقا كېلىپ ئۇنىڭ ئاياللار دۇنياسىدا كۆرگىنى ئايىمنىڭ ئاشۇ ئىللىق قوينى ئىدى . گەرچە ئۇ ، سۇ باشلاپ كېلىش ئۈچۈن ئېچق بېشىغا قاراپ ماڭغاندا ، باغنىڭ شورلىرىنى ئېتىش ئۈچۈن تام تۆپىسىگە چىققاندا ، باغۋەن بىلەن جۈمە نامىزىغا كېتىپ بارغان چاغلىرىدا يوللاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ياش قىز -چوكانلارنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى قول يەتمەس ئېگىزلىكتىكى ئاچچىق ئۈزۈملەر ئىدى . باغنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى غېرىپ خانىدا يالغۇز تۈگۈلۈپ ياتقانغا قارىغاندا ئايىمنىڭ يېنىدا -پەي چۈشەكلەر ئۈستىدە ئېغىناپ يېتىش ئاجايىپ راھەت ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى. ئايىم ئۇنى مېھرى بىلەن پەپىلەپ قوينىغا سالاتتى ، كۆڭۈل قويۇپ يۇيۇپ ، ئېغىر ئەمگەكتىن قالغان توپا چاڭلىرىنى تازلايتى .
ئايىمنىڭ كۆڭلى كۆتۈرلۈپ تېتىكلىشىپ كەتتى . ئۇ چاكارلارغا ئىلگىركىدىنمۇ سېخيلىق بىلەن پۇل بېرەتتى . ئاياللارنى يىغىپ كىتاپخانلىق قىلغاندا ، گەپ ئارىسىغا ئانچە مۇنچە چاقچاقلارنىمۇ قىستۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ قالدى . ئۆمەر بولسا ئىلگىركىدەك ئۈنچىقماسلىق بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى نىزامباينىڭ ۋە باغۋەننىڭ كۈتكىنىدىن ئارتۇق بەجا كەلتۈرەتتى . ھەممىدىن ھەيران قالارلىقى ، نىزامباينىڭ ئۆمەرگە بولغان مۇئامىلىسىمۇ ئىلگىركىدىن
مۇلايىملىشىپ قالدى . نىزامباي باغدا پەيدا بولۇپ قالغان چاغلاردا ئايىم ئىشلەمچى يىگىتنىڭ ئىشچانلىقى ، ياۋاشلىقى ، يۈزىنىڭ تۆۋەنلىكى توغرىسىدىكى ماختاشلارنى توپتوغرىلا ئېيتاتتى . ئايىمنىڭ بۇ سۆزلىرى نىزامباينىڭ كۆڭلىدە ھېچقانداق بىر شەك تۇغدۇرمايتى . چۈنكى يېڭى ئىشلەمچىنىڭ تەرىپىنى باغۋەننىڭ ، باشقا چاكارلارنىڭمۇ ئاغىزىدىن ئاڭلايتى . ئايىم يەنە بايغا يېڭى ئىشلەمچىگە بېرىدىغان ھەقنى كۆپەيتىشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندۈرەتتى .
ئۆمەرنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئايىمنىڭ پۇل خەجلىگىنىگە قارىغاندا نىزامباينىڭ پۇل خەجلىگىنى ياخشىراق ئىدى . باي بولسا ئايىمنى ھۆرمەتلەيتى . ئۆزىنىڭ شۇنچە كاتتا باي بولۇشىدا شۇ چوڭ خوتۇنىنىڭ كۆپ ئەجرى بارلىقىنى ئۇنتىمىغاچقا ، ئايىمنىڭ گېپىنى يىرمايتى .
_ بولىدۇ !_ دېدى نىزامباي بىر كۈنى ئايىمنىڭ داستىخانىدا ئاچچق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ ، _ مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان ھەقنى كۆپەيتەي ، يەنە بىر قۇر يېڭى كىيىم كېچەك قىلىپ بېرەيلى ...، يەنە بىر گەپ ، بۇ ئوغۇلنى ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلىپ قويۇش زۆرۆر ئىدى . چوپچوڭلا بولۇپ قالغان يىگىتنىڭ بويتاق يۈرىشى دۇرۇس ئەمەس -دە! ...مانا مەن شۇ ئىشلار ھەققىدە باش قاتتۇرىۋاتىمەن ،_ دېدى باي ئايىمنىڭ ئۆزىنى بەزىدە « بېخىل»دەپ ئەيىبلەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ،_ شۇڭا ، دەماللىققا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ياردەم قىلمىغانىدىم . باغۋەن قېرىپ قالدى ، شۇ يىگىتنى ئۆيلەپ ، مۇشۇ باغدا دائىملىق ئىشلەشكە ئېلىپ قالايمىكىن دەۋاتىمەن .
مۇنداق گەپلەر ئايىمنى خوشال قىلاتتى ۋە نىمىشقىدۇر يەنە خىيالغا سېلىپ قوياتتى .历史上的今天:
قۇم باسقان شەھەر(15) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(14) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(13) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(12) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(11) 2010-06-16
收藏到:Del.icio.us