-
قۇم باسقان شەھەر(8)
2010-06-16
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139402.html
ناتونۇش شەھەر
سەپەر ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئۆيىدە تاتلىقلار بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا ، ئۇنىڭ ئاكىلىرى يول ئۈستىدە كېتىپ باراتتى . ئىلگىركى كۈنلەردىكىدەك جىدەللەپ ئەمەس ، بىر توختاپ ، بىر مېڭىپ ، بىر -بىرىگە قول سىلكىپ قىزىرشىپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى . ئۇلار ئەمدى شاھنىڭ لەشكەرلىرى ئارقىمىزدىن يېتىشىپ كېلىپ تۇتۇپ كېتەرمىكىن ، دىگەن ئەندىشىنى ئۇتۇشقانىدى . كىم بىر تىللانى ئوشۇق ئېلىش كېرەك دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىماي تالاش تارتىش قىلىشاتتى . سەپەرنى تاشلاپ يولغا چىقىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا « تىللا سېلىنغان خالتىنى كىم كۆتۈرىدۇ » دىگەن جىدەل باشلاندى .
_ ئەكەل ، خالتىنى مەن كۆتۈرىمەن ، _دېدى بارات .
_ بولدى ئۆزۈم كۆتۈرىۋېرەي ،_ دېدى ئۆمەر .
_ مەن كۆتۈرسەم نىمە بولغۇدەك ؟
_ مەن دېگەن سېنڭ ئاكاڭ ، خالتىنى « قاغىلىق باغ»دىكى كۆمۈكلۈك جايدىن دەسلەپتە ئۆزۈم كولىۋالغان ، شۇ يەردىن باشلاپ ئۆزۈم كۆتۈرۈپ كېلىۋاتىمەن .
-سەن خالتىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا مەنمۇ سەپەرنى يۈدۈپ ماڭغانتىمغۇ ؟ ئەكەل ، ئەمدى خالتىنى مەنمۇ بىردەم كۆتۈرۈپ ماڭاي .
ئەسكى تۈگمەن يېنىغا تاشلاپ كەتكەن ئىنسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن ئۆمەر جىمىپ كەتتى . چۆل جەزىرىدە يالغۇز قالغان سەبىي بالىنى ئەسكە ئېلىش قانداقلا بولسۇن ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى ئازابلايتى .
- بولدىلا ، يوقىلاڭ ئىشنى تالىشىۋەرمىگىنە ،- دېدى ئۇ ، - بۇ خالتىنىڭ ھېچقانچە ئېغىرى يوق ، ئۆزۈم كۆتۈرىۋېرەي .
_ مەن ساڭا ئىشەنمەيمەن !_دېدى بارات .
_ نىمىشقا ئىشەنمىگۈدەكسەن ؟ تىللالارنى ساناپ قويدۇققۇ؟بىرى كەم بولسا مانا مەن جاۋاپكار .
_سېنىڭ قولۇڭدا تۇرۇپ تىللالارنىڭ توقسان توققۇز بولۇپ قالغىنىغا تېخىچە ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ ، يەنە بىر مەنزىلگە بارغۇچە قانچىسى كېمىيىپ كېتىدۇ .....
_ ئەمىسە ، قانچە بولماقچىدى ، قانچە ؟ ئېيتىپ باققىنە ؟
_ئېيتتىمغۇ ، يۈز بولسا توغرا بولاتتى .
_ھەي ، نىمانداق غەرەز ئۇقمايدىغان نېمىسەن؟ ئۆزى توقسان توققۇز تۇرسا ، قانداق قىلىپ يۈز بولىدۇ ؟ تىللالىرىڭ مېنىڭ قوينۇمدا تۇرۇپ تۇغامدۇ يە؟ _ دەپ تېرىكتى ئۆمەر .
_ ئەسلىدە بىز تىللالارنى يەردىن كولۋالغاندىلا ساناپ قويساق بولغانىكەن . سەن ئۇنى ئالمان تالمانلا قوينۇڭغا سالدىڭ .
_ ھەي جېنىم ئۇكام ، ئۇ چاغدا ھەممىمىز جاننى پاتىراق قۇتۇلدۇرۇشنىڭ كويىدا ئىدۇق ، خالتىنىڭ ئىچىدىكىنى ساناپ ئولتۇرۇش كىمنىڭ ئېسىگە كېلىپتۇ دەيسەن ، راست ئېيتتىڭ ، ساناپ قويغان بولساق توغرا بولغانىكەن .
_ سانىمايلا قوينۇڭغا سالغىنىڭدا بىر غەرەز بار -دە!
ئۆمەر ئاچچىقىدا يېرىلىپ كېتەي دەپ قالدى .
_كەل تىللالارنى ھېلىمۇ بولسا يەنە باشقىدىن ساناپ قويايلى تۆھمەت قىلىدىغان ئوخشايسەن ، _ دېدى ئۆمەر .
_ سانىدۇققۇ ، توقسان توققۇز ، _ دېدى بارات ، _ بەلكىم بىرەر تىللانى باشقا بىر يېرىڭگە تىقىۋالغانسەن .
_ قىپقىزىل تۆھمەت ! _ دەپ قوينىدىن خالتىنى ئېلىپ غەزەپ بىلەن يەرگە ئاتتى ئۆمەر ،_ كەل مېنى ئاختۇرىۋال ! يېنىمدىن سۇنۇق يارماقمۇ تاپالمىساڭ قانداق قىلىسەن ؟
_ ئۇنى تېپىۋالىدىغان يەرگە تىقمايسەندە !_دېدى بارات خاتىرجەم ھالدا .
_ كىم بىلىدۇ ، _دېدى ئۆمەر يەردىكى خالتىنى ئېڭىشىپ ئېلىپ تۇرۇپ ، _ ئۇ بىر تىللانى بەلكىم ئۆزۈڭ تىقىۋالغانسەن .
_ قۇدرىتى ئۇلۇغ خۇدا !- دەپ نالە قىلدى بارات ،_ مانا قىززىق گەپ . بۇ خالتىنى سەن ماڭا بۇرجىكىنىمۇ تۇتقۇزماي كۆتۈرۈپ يۈرسەڭ ، مەن ئەپسۇن ئوقۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىن بىرتال تىللانى ئايرىپ يانچۇقۇمغا سېلىۋالىمەنمۇ ؟ ...ئەگەر شۇنداق ئەپسۇن ئوقۇش قولۇمدىن كېلىدىغان بولسا ، خالتاڭنى قۇرۇقداپلا قويغان بولمايتىممۇ ؟
_ مانا ، مانا !_ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۆمەر ، _ ھەي نىيىتى يامان پەس ، ئەزەلدىن سېنىڭ كۆڭلۈڭ قارا ، راست ، قولۇڭدىن كەلگەن بولسا خالتىنى قۇرۇقداپ ھەممىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالغان بولاتتىڭ .
_ئەمىسە ، ئۆزۈڭ دەپ باققىنە ، مەن قانداق قىلىپ بىرتىللانى ئېلىۋالالايتىم ؟
-دېسەم دېمىسەم ، ھېلىقى ئەسكى تۈگمەن يېنىدا ، تىللالارنى خالتىدىن تۆكۈپ ساناۋاتقان چېغىمىزدىلا بىر تىللانى جايلاشقا ئۈلگۈرگەنسەن ؟
_ ئەمىسە مېنى ئاختۇر ! _دەپ قوللىرىنى كەڭ يېيىپ ، ئاكىسىنىڭ ئالدىنى توسۇدى بارات .
_ئاختۇرمايمەن !_دەپ ئىنىسىنىڭ مەيدىسىنى ئىتتەردى ئۆمەر ،_ بەلكىم سەن ئۇتىللانى ئاللىبۇرۇن يۈتىۋالغانسەن ، خالىي بىر جايغا بارغاندا ئۇنى نىجاسەت بىلەن بىللە چىقىرىپ ، ياغاچ بىلەن مالتىلاپ ئېلىپ يانچۇقۇڭغا سالارسەن....
_تۈفى !_ دەپ يەرگە تۈكۈردى بارات كۆڭلى ئېلىشىپ ، _ بولدى توختا ، تىللالارنى ھازىرلا بۆلۈشىۋېلىپ ، ھەر ئىككىمىز ئۆز تېگىشلىكىمىزنى ئۆزىمىز كۆتۈرىمىز .
_ كەل ، مەنمۇ سەن بىلەن ئىتتەك تالىشىپ يۈرۈشتىن جاق تويدۇم !
لېكىن ئۇلار ھەر قانچە قىلىپمۇ توقسان توققۇز تىللانى تەڭ ئىككىگە بۆلەلمەيتى ۋە بىرەرىنىڭ بىر تال تىللانى ئوشۇق ئېلىۋېلىشىغىمۇ يول قويمايتى . ئۇلار تالاش تارتىش ئىچىدە يولىنى داۋام قىلاتتى . يىراقتىن بىرەر يولۇچىنڭ قارىسى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك بولسا جىمىپ قېلىشاتتى -دە ، يولۇچى كەتكەندىن كېيىن ، ئەنسىرەپ ئارقا كەينىگە قارىۋېتىپ ، يەنە جېدىلىنى قىلشاتتى .
ئۇلار شۇ ھالەتتە ئۇزاق يول بېسىشتى . كۈن ئولتۇرۇپ ، غەرىبكە توپلانغان بۇلۇتلار ئۈستىدە قۇياشنىڭ قىپقىزىل نۇرلىرى قېتىپ قالدى . ئەتىراپقا كەچكى گۇگۇم ئۆز پەردىسىنى يېيىپ جاھان قاراڭغۇلاشماقتا ئىدى . شۇ چاغدا ئۇلارغا ناتونۇش بىر شەھەرنىڭ ئېگىز سېپىللىرى كۆرۈندى . ئۇلار يېتىپ كەلگۈچە ئوبدانلا قاراڭغۇ چۈشۈپ ، گۈمبۈرلىگەن توپ ئاۋازى ئاڭلاندى . بۇ شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى . ئاكا _ ئۇكا يول ئۈستىدە قېتىپ
تۇرۇپ قېلىشتى .
_مانا !- دېدى بارات .
_ نېمە بولدى ؟
- شەھەر دەرۋازىسى تاقالدى ، توپ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ ؟
_ ھەممىنى قىلغان سەن ،- دېدى ئۆمەر ، _ يولدا جېدەللەشكەننىڭ ئورنىدا ئىتتىكرەك ماڭغان بولساق ، بۇ ئايدالادا قالماس ئىدۇق .
_ھەممىنى قىلغان ئۆزۈڭ ، شۇ بىر تىللانى تىقىۋالمىغان بولساڭ ....
_ توختا!- دەپ ئۇكىسىنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى ئۆمەر ، _ بىز يولدىن ئېزىپ كەتتۇقمۇ قانداق ؟
_ مەن نەدىن بىلەي ، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭدىم .
_ سەن تىللانىڭ جىدىلىنى قىلىپ كۆزۈمگە كىرىۋېلىپ قايسى يوللارغا ئەگىپ كېتىپ قالغىنىمىزنى بىلمەي قالغان ئوخشايمەن . « بىغەملەر شەھىرى»گە بارىدىغان يولدا مۇنداق شەھەر بولماسلىقى كېرەك ئىدى .
_ ئاۋال تىللالارنى ساق سالامەت بىر بۆلۈشىۋالايلى ، - دېدى بارات ، _ يانچۇقتا پۇل بولسا يۇرتنى يەنە ئىزدەپ سوراپ تېپىۋالىمىز .
بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا كەچ قالغان يولۇچىلار ئۈچۈن سېلىنغان ساراي ، ئاشخانىلار بار ئىدى . ئاكا ئۇكا يېنىدىكى تىللالىرىدىن ئەنسىرەپ ئادەم كۆپ يەرگە بېرىشقا پېتىنالمىدى . ئۇلار مۇشۇ ئوچۇقچىلقتا تۈنەپ ، ئەتە سەھەردە ، شەھەر دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلەنلا شەھەرگە كىرىۋېلىشنى ئويلاشتى . ئۇلار يەنە شەھەرگە كىرىشنىڭ ئالدىدا تىللالار ئۈستىدىكى ماجىرالىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ھەر قايسىسى ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ئالتۇنلارنى ئۆز بەلۋاغلىرىغا تۈگۈپ مېڭىشى كېرەك ئىدى .
ئۇلار يولدىن چىقىپ ، قانداقتۇر بىر چاتقاللىقلار ئىچىگە ئۆزىگە ئورۇن ھازىرلاشتى . ھەر ئىككىلىسى ئۇخلاپ قېلىشتىن قورقاتتى . ئۇلار قانداقتۇر بىر ئوغرى ياكى قاراقچىنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىنى بۇلاپ كېتىشىدىن ئەمەس ، بىر بىرىدىن ئەنسىرىشىپ قالغانىدى . يول ھاردۇقى بىلەن قورساقنىڭ ئاچلىقى قوشۇلۇپ ھەر ئىككىلىسىنى قىيناشقا باشلىدى . ئۇلارنى ھېلىدىن ھېلىغا مۈگدەك باساتتى . بارات ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ خالتىنى ئېلىپ قېچىشىدىن قورقۇپ ، ئۇ ياق بۇ ياققا ئۆرۈلۈپ ، بېسىپ كېلىۋاتقان مۈگدەكنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى . ئۆمەرمۇ ئۇخلىيالمىغانىدى .
- ئەتە مەن ساڭا قىرىق توققۇز تىللانى ساناپ بېرىمەن ،_دېدى ئۆمەر ئىنىسىگە .
_ ئۆزۈڭ ئەللىكىنى ئالىسەن ؟!
_ گېپىمنى ئاخىرغىچە ئاڭلىمامسەن ، بەتنىيەت ! مەنمۇ قىرىق توققۇز تىللانى ئالىمەن ، يەنە بىر تىللانى ئىككىمىز شەھەرگە كىرىپ ، پارچە پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بۆلۈشىۋالمىز ، ئىككىمىزنىڭ قېرىنداشلىقى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان بولىدۇ . سەن مېنى ئىككىنجى ئاكام دەپ ئاغزىڭغا ئالغۇچى بولما .
- سەن مېنى ئۇخلىتىپ قويۇپ قاچىسەن .
_ ئادەم ئەمەس ئىت!_ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ئۆمەر ، _كەل ئىشەنمىسەڭ بۇ خالتىنى ھەر ئىككىمىز تەڭ تۇتۇپ ياتايلى .
ئۇلار تىللا سېلىنغان تېرە خالتىنى بەلۋاغلىرىنىڭ ئۇچىغا تەڭ باغلاپ ، ھەر بىرى يەنە ئۇ خالتىنى ئۈستىدىن قوللىرى بىلەن مەھكەم بېسىپ يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىشتى .
تاڭ سەھەردە ، شەھەر سېپىلىنىڭ ئۈستىدىكى توپلار گۈمبۈرلەپ ئېتىلىشى بىلەن تەڭ ئۆمەربىلەن بارات كۆزلىرىنى ئېچىشتى _ دە، چاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشتى .
ھەر ئىككىسىنىڭ بەلۋاغلىرىنىڭ ئۇچى كېسىلگەن ، ھېلىقى تېرە خالتا تىللالار بىلەن نەگىدۇر غايىپ بولغانىدى . ئۆمەر بىلەن بارات ئالاقىزادە بولۇپ ئۇ ياق بۇياققا يۈگۈرۈپ ، يەنە ئۆز ئورنىغا قايتىپ كېلىشتى . يېقىن ئەتىراپتا ھېچكىمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى . ئۇلار ياتقان يەرنىڭ ئەتىراپىدا بىرەر گۇمانلىق ئىزمۇ يوق ئىدى . سەھەرنىڭ سالقىنىدا پۈتۈن ئەتىراپ جىمجىت سۈكۈتتە ياتاتتى .
_خالتا قېنى ؟ مېنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ئۇنى نەگە يوقاتتىڭ ؟_ دەپ ۋارقىرىدى ئۆمەر .
_ تىللالارنى سەن «قاغىلىق باغ» دىن چىققاندىن بېرى باغرىڭغا مەھكەم بېسىپ كېلىۋاتاتتىڭغۇ ؟ يەنە ئىزا تارتماي مەندىن بۇرۇن گۈركىرەيسەنغۇ ؟ ...ئۇنى نەگە يوقاتتىڭ ؟_ دەپ ئاكىسىدىنمۇ قاتتىقراق ۋارقىرىدى بارات .
_ مەن ئۇنى قوينۇمدا بىر ئوبدان ساقلاپ ، مۇشۇ يەرگىچە سالامەت يەتكۈزۈپ كەلگەنىدىم ، كېچە سېنىڭ :«ساڭا ئىشەنمەيمەن ، خالتىنى ئىككىمىز تەڭ تۇتۇپ ياتىمىز » دېگىنىڭدە باشقا گەپ بار ئىكەن _دە!
_ نېمە دېدىڭ ؟
بارات ئېتىلىپ كەلگىنىچە ئاكىسىنىڭ ياقىسغا ئېسىلدى . ئىككەيلەن تەڭ ياقىلىشىپ كەتتى . بارات ئاكىسىنىڭ گاھ بېقىنىغا ، گاھ قورسىقىغا مۇشت ئاتاتتى .
ئۆمەر باراتتىن پاكارراق بولغان بىلەن ئۇنىڭغا قارىغاندا كۆپ قاۋۇل ئىدى . ئاچچىقىدا ئۇ ئىنىسىنى بىر نەتچە قېتىم بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتى . بىر چاغدا ئۇلار نەپىسى بوغۇلۇپ ، ھېرىپ ئولتۇرۇپ قېلىشتى . نېرىراقتىكى يولدا ھېلىلا شەھەر دەرۋازىسىدىن چىققان بىر توپ كارۋانلار يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى .
تۆگىلەر سالماقلىق قەدەم ئېلىپ ، ئەتىراپقا كولدۇرمىنىڭ ئاۋازىنى قالدۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى ... ئاكا ئۇكىنىڭ ئوتتۇرسىنى ئېغىر جىمجىتلىق باسقانىدى . ھەر ئىككىلىسى ئويلىنىپ ، تىللالارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدە بىرەرىنىڭ ئالمىغانلىقىنى جەزىم قىلىشتى . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كىم بولسۇن بىرەرى تىللالارنى ئالغان بولسا ، ئۆزىمۇ بۇ يەردىن ئاللىبۇرۇن كېتىپ قالغان بولاتتى ... ئۇنداق بولسا خالتا قەيەرگە غايىپ بولدى؟ئۇنى ئىنىس جىن ئەكەتتىمۇ ؟ ئادەممۇ ؟ ...
ھەممىگە سەۋەپ بولغان ئۇيقۇ ، غەپلەت ئۇيقۇسى !
_ نىمىشقا ئاتام ھايات ۋاقتىدىلا بۇ تىللالارنى ئۆز قولى بىلەن بۆلۈپ بېرىۋەتمىگەن بولغىيتى ،_ دەپ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى بارات ، _ئۇ چاغدا بىز ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزگە تىگىشلىكىنى قوينىمىزغا سېلىپ مەھكەم ساقلىغان بولاتتۇق ، قېرىنداشلارمۇ ئازارلاشمايتۇق .
_ ئاتامنى گۇناھقا شېرىك قىلما !_دېدى ئۆمەر ،_ ھەممە ئەيىپ ئۆزىمىزدە ، شۇ ئالتۇنلاردا كىچىك سەپەرنىڭمۇ ھەققى بار ئىدى . بىز ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ ، نارسىدىنى چۆلگە تاشلىۋەتتۇق ، خۇدا بىزنى جازالىدى ...
ئاكا ئۇكا ئىككىسىنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى . ئورنىدىن قايتا قوپۇشۇپ ئەتىراپنى يەنە ئىزدەشتۈردى . ئۇلارنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ بېقىنلىرىغا چاپلىشىپ كەتكەنىدى . ئەمدى قانچە ھەسرەت چەككەن بىلەنمۇ ئىش ئورنىغا كەلمەيتى . يىراقتا شاۋقۇنلۇق ، ناتونۇش بىر شەھەر ئۇلارنى قوينىغا چاقىرماقتا ئىدى .
_ سەنمۇ ئەجەپ قىلىپ كەتتىڭ ، _ دېدى ئۆمەر ،_ بىر تىللانى كەم ئالغىنىڭغا نىمە بولاتتى ، بىز كېچىلا بۇ پۇللارنى بۆلۈشىۋېلىپ ، شەھەر دەرۋازىسى يېنىدىكى بىرەر سارايغا چۈشۈپ ياتقان بولساق بولاتتى ، مانا ئەمدى ھەممىدىن قۇرۇق قالدۇق .
- شۇنداق قىلىش لازىملىقىنى بىلگەن ئادەم نېمىشقا ئۆزۈڭ بىر تىللانى كەم ئالمىدىڭ ؟_ دەپ ئۆكتە قوپتى بارات .
_ بولدى ، بولدى ، ئەمدى يوق نەرسىنى تالاشمايلى ، _دېدى ئۆمەر .
ئاغىزىدا شۇنداق دېيىشسىمۇ ، ئورۇنسىز تالاش تارتىش بىلەن تىللالارنى ئوغرىغا بېرىپ قويغىنىغا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىچى ئېچىشاتتى . « بىر تىللا كەم ئالغىنىمغا نىمە بولاتتى -ھە، دەپ ئۆكۈنەتتى ئۆمەر ،_ ناھايىتى مەن ئاچقان دۇكىنىمغا بىر تىللالىق مالنى كەمرەك سالغان بولاتتىم ...»:
« بىر تىللا ئۈچۈن ئەجەبمۇ پەسلىك قىلىپ كېتىپتىمەن ، _ دەپ خىيال قىلاتتى بارات ، بىر تىللا كەم بولسا قانچىلىك ئىش ئىدى . ناھايىتى مەن ئالىدىغان تۆت خوتۇننىڭ ئورنىغا ئۈچنى ، ئىككىنى ياكى دەسلەپتە بىرنى ئېلىپ تۇرغان بولاتتىم...» ئۇلارنىڭ بارلىق شېرىن خياللىرى توزغاقتەك ئۇچۇپ كەتتى .
_ئەمدى ھەرقايسىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى ، بىز چىقىشالمىغۇدەكمىز !_ دەپ چاپاننىڭ پېشىدىكى توپىلارنى ئەتەي ئاكىسىغا يەتكۈدەك قىلىپ قاتتىق قاقتى بارات .
- مەنمۇ سېنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈشكە خۇشتار ئەمەس ، _دېدى ئۆمەر ، - قېنى سېنىڭ شەھەردە بىرەر يېرىڭگە تىقىشتۇرىۋالغان پۇللىرىڭنى خەجلەپ باققىنىڭنى كۆرۈپ باقاي .
_ كۆرىمىز ،_ دېدى بارات ، _ تېخى تىللالار ئۆزۈڭنىڭ يانچۇقىدىن چىقىپ قالامدۇ تېخى !...
ھەر ئىككىلىسى بىر بىرىگە باتنىغىنىچە مېڭىپ چوڭ يولغا چىقتى . ئالدىدىكى ئاچا يولغا كەلگەندە ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ كېتىشتى . بۇ ئىككى يول شەھەرنىڭ ئالدى ئارقا دەرۋازىلىرىغا تۇتىشىدىغان - يەنىلا بىر شەھەرگە كىرىدىغان يول ئىدى .قورسىقىم ئاچ ئىدى
ئاكا ئۇكىلار بىر بىرىگە قىيداپ ئالدى ئارقا دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەن بۇ شەھەر چۆللۈكتىكى يەنە بىر ئاۋات شەھەرلەردىن ئىدى . شەھەر ئەتىراپى مۇنبەت ئېتىزلار ، باغلار ، قىشلاقلارغا ئەكىتىدىغان يوللار بىلەن قورشالغانىدى . ھارۋىلار مېڭىۋېرىپ كاتاڭلاشتۇرىۋەتكەن يوللاردىن پۇرقىراپ توپا كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى .
يول ياقىسىدا ئۆسكەن چىغىرتماق ، ياۋا كەندىر ۋە يوغان يوپۇرماقلىق تىكەنلىك ئوتلارنى يىل بويى قېلىن چاڭ بېسىپ تۇراتتى . شەھەر بازىرىنىڭ ھەر بىر كوچىسى - ناۋايلار كوچىسى ، ئاشپەزلەر كوچىسى ، موزدوز، ياغاچچى ، جۇۋازچى ...دېگەندەك خىلمۇ خىل كاسىپلارنىڭ رەستىلىرىگە بۆلۈنگەنىدى . بۇ كوچىلاردىن ئۆتكەندە ئىسسق نان ، كاۋاپ ، زاسۈي ، ئاشمانتا ، ئوخشىغان پولۇلارنىڭ مەزىلىك پۇرىقى ئاچ قورساقلارنى غولدۇرلىتىۋېتەتتى .
ئۆمەر شەھەرگە كىرىپ ، شەھەر كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۈرگەن سانسىز مۇساپىرلارنىڭ قاتارىغا قېتىلىپ كەتتى . بۇ شەھەرنىڭ بايلىرى باي ، كەمبەغەللىرى تولىمۇ نامىرات ئىدى . ئۆمەر بىر ۋاخلىق قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ھەر قانداق خىزمەتنى قىلىشتىن باش تارتمىدى . ھەر نىمە بولسا خۇدا ئۇنى كۈچلۈك ۋە چىداملىق قىلىپ ياراتقانىدى . بەزىدە ئاشپەزنىڭ ئوتۇنىنى يېرىپ بېرىپ ، ئوچىقىغا ئوت قالىدى . قايسىبىر سودىگەرنىڭ ئالغان ماللىرىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ ، ئادەملەر مغىلداپ يۈرگەن شەھەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئۇ چۈشكەن سارايلارغا يەتكۈزۈپ بەردى . بەزىدە قايسىبىر يەر ئېگىسىنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرەتتى . ئىشقىلىپ ئۇ ھەرقانداق ئېغىر يىنىك ئىشلارنى قىلىشتىن قاچمايتى . ئەمما ئىش ھەممە ۋاقىت تېپىلىپ تۇرمايتى . بەزىدە كۈنلەپ ئاچمۇ قالاتتى .
_ پۇل تاپقان كۈنلىرى كەچلىكلىرى ئۆمەر چايخانىلارنىڭ يۇمشاق كېگىز تاشلانغان سۇپىلىرىدا سوزۇلۇپ يېتىپ ، ئۆزىگە ئوخشاش مۇساپىرلارنىڭ قىززىق پاراڭلىرىغا قۇلاق سالغىنىچە ئۇخلاپ قالاتتى . بەزىدە ئۇنىڭغا گۈلەخلەردە ، مازاردىكى گۈمبەزلەر ئىچىدە ياكى قانداقتۇر بىر ئوچۇقچىلىقلاردا تۈنەشكە توغرا كېلەتتى . مۇنداق چاغلاردا ئۇ كۆپىنچە ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمايتى . قەيەردىندۇر بىر يەردىكى ئىسلىق چايخانىلاردا تۈتەپ كۆيۈپ تۇرغان چىراغلار پاراسلاپ ئۇچقۇن چاچاتتى . ئېگىز ئۆسكەن تېرەكلەر ، مەسچىتلەرنىڭ كۆكە سوزۇلغان پەشتاقلىرى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا قېتىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى . ئۆمەرنىڭ بېشى ئۈستىدە بولسا سانسىز يۇلتۇزلار ئاجىز نۇر چاچاتتى . ئۆمەر ئۇياق بۇيېقىغا ئۆرۈلۈپ ھېلىقى ئۈستى ئوچۇق زىنداق - «قاغىلىق باغ»دا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ئەسلەيتى . ئۇ يەردە گەرچە ئەركىنلىك بولمىسىمۇ ، ھەر ھالدا ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ يەيدىغانغا بىر نەرسە بار ئىدى . ھازىر بولسا ئۆمەردە ئەركىنلىك بار ، يەيدىغان نان يوق ئىدى ... بەزىدە ئۆمەر ئاتىسىنى ، كىچىك ئىنىسى سەپەرنى چۈشەپ قالاتتى -دە، چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتەتتى . مىجەزى ئوسال ئىنىسى باراتمۇ كۆز ئالدىغا كېلەتتى . باراتنى ئويلىسىلا جۇدۇنى ئۆرلەيتى . «سەپەرنى تاشلاپ كېتىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچقانمۇ شۇ ،_دەيتى ئۇ ئۆز ئىچىدە ،- بىچارە بالىنى چۆلگىلا تاشلاپ قويدۇق ، مانا ، خۇدا بىزنىڭ جاجىمىزنىمۇ بەردى ،» يەنە بەزى كۈنلىرى ئۆمەر كونا تۈگمەنگە قايتىپ بېرىپ ، سەپەرنى ئىزدەپ بېقىشنى خىيالىغا كەلتۈرەتتى . لېكىن ئۇنىڭدا ئارقىسىغا قايتقۇدەك مادار يوق ئىدى ....
بۈگۈنمۇ ئۆمەر ئىش ئىزدەپ ئادەملەر توپى ئىچىدە چايقىلىپ يۈرەتتى . قورساقنىڭ ئاچلىقىدا ئۇ ئاشخانىلاردىن كېلىۋاتقان مەزىلىك پۇراق ، ئادەملارنىڭ بەدىنىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان ئاچچىق تەر ھىدى ، توپا چاڭلارنى تۈكۈرۈكىگە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىگە يۇتاتتى . بازار بولسا ئۆزىنىڭ ۋاڭ چۇڭى بىلەن ئېغىر گۈرۈلدەيتى . ئالارمەن ساتارمەنلەرنىڭ ۋارقىراشلىرى قۇلاق مىڭىنى يەپ ، ئۆمەرنىڭ بېشىنى ئايلاندۇراتتى . مىس يارماقلار ، كۈمۈش تەڭگىلەر ، ساپ ئالتۇن
تىللالار قولدىن قولغا ئۆتۈپ جىرىڭلايتى . ئۆمەرنىڭ يانچۇقى بولسا قۇپقۇرۇق ئىدى . ئۇ قوينىغا سېلىپ ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئەكەلگەن تىللالارنىڭ نەق مۇشۇ قارغىش تەگكۈر شەھەرنىڭ دەرۋازىىسى ئالدىغا كەلگەندە غايىپ بولغىنى ئۇنىڭغا تولىمۇ ئەلەم قىلاتتى .
« ئادەم ئەمەس جوھوت!_ دەپ تىللايتى ئۇ ئىچىدە ئىنىسى باراتنى ، _ بىر تىللانى كەم ئالغىنىڭغا ئۆلەتتىڭمۇ ؟...بىر تىللانى تالىشىپ توقسان توققۇز تىللادىن قۇرۇق قالدۇق . بەلكىم ، سەنمۇ بىر يەردە ماڭا ئوخشاش ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقاندۇرسەن ...»
ئۆمەر شۇنداق خىياللار بىلەن ئايلىنىپ بازار چېتىدىكى بىر ئوچۇقچىلىققا چىقىپ قالدى . نېرىراقتا دۈپدۈگىلەك دائىرە بولۇپ ئولىشىۋالغان ئدەملەر بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىرىشىۋاتاتتى . ئارقىدا تۇرغانلار بولۇنلىرىنى سوزۇپ دائىرىنىڭ ئوتتۇرسىغا قارىشاتتى . ئۇ يەردە بىرەر قىززىقچلىق بولىۋاتسا كېرەك ، ئۆمەر قىستىلىپ يۈرۈپ ئادەملەر توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى . مەيداننىڭ ئوتتۇرسىدا بويۇنلىرى بۇقىنىڭ بوينىدەك تۈرۈلۈپ كەتكەن يوغان بىر ئادەم توپىلىق يەردە ئولتۇرىۋېلىپ ، «قېنى ، يەنە قايسىڭ چىقىسەن؟» دەپ ۋارقىراپ ، ئالدىدىكى توپىنى ھەدەپ ئاسمانغا سورۇيتى .
_ بۇ ئادەم نىمە قىلىۋاتىدۇ ؟_ دەپ ھەيران بولدى ئۆمەر . لېكىن ، ئۇنىڭ سۇئالىغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى . ئەتىراپىدىكى ھەممە ئادەم چۇۋۇلدىشىپ :
_ قېنى كىم بار ؟
_ قېنى كىم چىقىدۇ ؟_دەپ ۋارقىرىشاتتى . ھاياجاندىن كۆپۈپ قىزرىشاتتى .
_ ئۇ نېمە ئادەم؟_ دەپ سورىدى ئۆمەر يېنىدا تۇرغان بىرەيلەننى نوقۇپ تۇرۇپ ، ھېلىقى كىشى ئۆمەرگە ئەجەبلىنىپ قارىدى _دە:
- سەن ئۇنى تونۇمامسەن ؟ _ دېدى .
_ تونۇمايدىكەنمەن ،_دېدى ئۆمەر ،_ مەن بۇ شەھەرلىك ئەمەسمەن .
-قادىر قاۋان دىگەن پالۋان شۇ بولىدۇ .
_ ئۇ نېمىشقا توپا سورۇپ ئولتۇرىدۇ ؟
_ نېمىشقا توپا سورۇپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان چېلىشچى چىقمىدى -دە، -دېدى ھېلىقى كىشى مەغرۇرلىنىپ ،- باياتىن بېرى ئۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچنى يىقىتتى .
_ ئۈچنى يىقىتسا توپا سورۇيدىغان گەپمۇ؟
_ بۇ يەرنىڭ قائىدىسى شۇ ، مەيداندا قالغان چلىشچى « يەنە قايسىڭ بار » دەپ توپا سورۇيدۇ ، قانچە باتۇر بولسا توپىنى شۇنچە ئېگىز ئاتىدۇ .
نېرىراقتىكى سايۋەن ئاستىدا شەھەرنىڭ بايلىرى ئاچچىق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ ، تاماشا كۆرۈپ ئولتۇراتتى . سايۋەننىڭ ئالدىدا بىر كىشى ئۆرە تۇرىۋېلىپ كۈچىنىڭ بارىچە ۋارقىرىماقتا ئىدى .
- قېنى ، قادىرغا تەڭ كېلەلەيدىغان يەنە كىم بار؟ كىم يەڭسە ئون تىللا تارتۇق ئالىدۇ ، ئون تىللا !... ئون بەش تىللا !... كىم چىقىدۇ ، مانا يىگىرمە تىللا ! كىم قادىرنىڭ يېنىنى يەرگە تەككۈزەلىسە ، بىكارغىلا يىگىرمە تىللاغا ئىگە بولىدۇ !...
ئۆمەرنىڭ قورسىقى ئاچلىقتىن غولدۇرلايتى . « يىگىرمە تىللا-ھە!_ دەپ ئويلايتى ئۆمەر ، _ يىگىرمە تىللا بىلەن نەتچە ئاي تويغۇچە تاماق يەپ ، يۇرتقىمۇ بېرىۋالغىلى بولاتتى . نېمىلا بولسا بولسۇن ، غەيرەت قىلىپ بىر تۇتۇشۇپ باقايمۇ -يە!» ئۆمەر بالا ۋاقتىدىن تاتىپ چېلىشىپ ئۆگەنگەنىدى . تەڭتۇشلىرى ئىچىدە ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغىنى يوق ئىدى . مۇنۇ باش كۆزىگە توپا چېچىپ ئولتۇرغان قاۋاننىڭ خېلى بىڭسى باردۇر ھەرقاچان ، بولمىسا توپىنى مۇنچە ئېگىز ئاتماس ئىدى ...زادى قانچىلىك كارامىتى باردۇر ئۇنىڭ ...خەپ ، قورساقنىڭ ئاچلىقىچۇ تېخى !....
ھېلىقى دەيدەيچى ئادەملەرنى چېلىشىشقا چۈشۈشكە قىززىقتۇرۇپ بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ سانىنى ئاشۇرماقتا ئىدى .
_ قېنى ھەي خالايىق ، شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئىچىدىن تۈزۈكرەك ئوغۇل بالا چىقمامدۇ ؟...مانا ئوتتۇزبەش تىللا !قىرىق تىللا ! ھەي ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق ، قىرىق تىللا ...قادىر پالۋانمۇ ئادەمغۇ ! ئاراڭلاردىن تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشقىدەك يەنە بىر ئەزىمەت چىقمامدۇ ؟...قۇلىقڭنى مەن تەرەپكە تۇتۇپ ئاڭلا خالايىق ، مانا قىرىق بەش تىللاغا قول يەتكۈزسەڭ دۇنيانىڭ ھەممە مەينەتچىلىكىدىن قۇتۇلۇپ بەگلەردەك ھوزۇر سۈرىسەن !...قىرىق بەش تىللا ، قولىقىڭلار پاڭ بولۇپ قالدىمۇ ، قىرىق بەش !...
دەيدەيچى قاراپ تۇرغانلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ قولىدىكى بىر ئوچۇم تىللانى شاراقلىتىپ ئۇ قولىدىن بۇ قولىغا تۆكەتتى . قادىر قاۋاننىڭ ئاتقان توپىسى بارغانسىرى ئېگىز ئۆرلەيتى .
_ مانا ، ھۆرمەتلىك بايلىرىمىز ئالقىنىنى تېخىمۇ كەڭ ئاچتى ! _ دەپ ۋارقىرىدى دەيدەيچى ، تولا ۋارقىراۋېرىپ ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ خرقىراپ قالغانىدى ،_ كىم يەڭسە ، نىزامباي نەق مەيداندىلا قولىغا ئەللىك تىللا ساناپ بەرمەكچى ، ئەللىك تىللا !...
« ئەللىك تىللا !_ دەپ ھاياجاندىن چوڭقۇر نەپەس ئالدى ئۆمەر ، _ ئەللىك تىللا دېگەن ھېلىقى ئاتامدىن قالغان تىللالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئەمەسمۇ ؟
بارات ئىككىمىز قىرىق توققۇز تىللاغا رازى بولماي ئەللىكنى ئالىمەن ، دەپ ھەممە تىللادىن قۇرۇق قالمىغانمىدۇق _ھە!...قولدىن كەتكەن ئەللىك تىللانى خۇدايىم مۇشۇيەردىلا قايتۇرۇپ بېرىۋەتسىمۇ ئەجەپ ئەمەس ... يېڭىلىپ قالسام ناھايىتى مەيداندىن شەرمەندە بولۇپ چىقىپ كېتەرمەن . بۇ يەردە مېنى كىم تونۇيتى ... يىقىلغان پۇل تۆلەيدىغانمۇ ئىش بارمۇ _يە ؟»
ئۆمەر يېنىدىكى كىشىدىن سوراپ كۆردى .
_ مەيدانغا چۈشكەن ئادەم يېڭىلىپ قالسا قانداق بولىدۇ ؟
_ قانداق بولاتتى ، يېڭىلىپ قالساڭ مەيداندىن سۈڭگۈچىڭنى سۆرەپ قايتىپ چىقىسەن ، ئۆلۈك تېرىكىڭگە ئۆزۈڭ ئىگە بولىسەن .
_ ئۇتتۇرغان ئادەم پۇل تۆلەيدىغان ئىش يوقتۇر ؟
_ ئاڭلاۋاتقانسەن پۇلنى نىزامباي تۆلەيدۇ ، ئۇ بۇ شەھىرىمىزدىكى كاتتا بايلارنىڭ بىرى . ئەللىك تىللا دىگەن ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىتى ...،_ سۆزلەۋاتقان ئادەم تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ئۆمەرگە بېشىدىن ئايىغىغىچە قارىدى -دە، _ خېلى قاۋۇل يىگىت كۆرۈنىسەن ، بىر تەلەي سىناپ باقمامسەن -يە؟
ئاڭلاۋاتقانسەن ، ئۇتساڭ ئەللىك تىللا بىر دەمدىلا جىرىڭلاپ يانچۇقۇڭغا چۈشىدۇ ،_ دېدى .
_ بىر تۇتۇشۇپ باقاي دەيمەن ، _ دېدى ئۆمەر ، _سەل قورقىۋاتىمەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆمەرنىڭ ئەتىراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا تەڭلا قاراشتى . قىززىقچىلىق كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ تۇرغان ئادەملەر ئۇنى :
_ قېنى ، بىر تەلەي سىناپ باقمامسەن !
_ قورقما ، يىقىلساڭ يەر كۆتۈرىدۇ .
_ ئۇتقانغا ئەللىك تىللا -ھە !...،- دەپ دەيدەيگە سالغىلى تۇردى . شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ :
_ مانا ، بۇيەردە بىر يىگىت مەيدانغا چۈشمەكچى !_ دەپ ۋارقىرىۋەتتى .
_ ھە مانا ! خۇداغا شۈكرى ، _دەپ توۋلىدى ئوتتۇردىكى دەيدەيچى ، - ئەللىك تىللا نىزامباينىڭ يانچۇقىغا قايتىپ چۈشۈپ كېتەرمىكىن دەپ بەك ئەندىشە قىلغانىدىم . ئەللىك تىللانىڭ ئىگىسى چىقتى ؛ قېنى يىگىت ، مەيدانغا كەل !
ئارقا ئارقىدىن ئۈچ ئادەمنى يەرگە ئۇرغان قادىر قاۋان بىلەن ئېلىشىشقا تەۋەككۈل قىلغان قايسى نوچىدۇر ، دەپ سايىۋەن ئاستىدا ئولتۇرغان بايلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى . ئەمدى مەيدانغا چۈشمەيمۇ بولمايتى . ھەممىنىڭ كۆزى ئۆمەرگە تىكىلگەنىدى . كىمدۇر بىرى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ ئارقىسىدىن ئىتتىرىۋىدى ، دېگەندەك ئۇ ئوتتۇرغا چىقىپ قالدى .
_ قېنى ، ھە ئوغۇل بالا ، قورقما !
_ مەدەتنى ئىگەمدىن تىلە !
كىشىلەرنىڭ شۇنداق قىيقاس چۇقانلىرى ئىچىدە ئۆمەر بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ توپا سورۇپ ئولتۇرغان پالۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپ قالدى . پۈتۈن مەيدان جىمجىت سۈكۈتكە چۆكتى . قادىر قاۋان ئالدىدا تۇرغان چېلىشچىنىڭ لەۋلىرىنىڭ ئۈستىگە ئەمدىلا تۈك چىققان بىر خام سويما ئىكەنلىكىنى كۆردى . ئەمما ، مۇنداقلارنى سەل چاغلاشقىمۇ بولمايتى . مۇنداق ياشلىق قۇرامىغا يەتكەن بەدەندە قاراكۈچ بولىدۇ . قادىر ئورنىدىن قوپماي تۇرۇپ ھەيۋە قىلدى .
_ ئۆزۈڭ كىم بولسىەن ؟
_ بۇ شەھەرگە مۇساپىرمەن .
_ خوتۇنۇڭ بىلەن خوشلۇشۇپ كەلدىڭمۇ ؟
_ مېنىڭ خوتۇنۇم يوق .
_ ھە ، تېخى بالا ئىكەنسەن ، ماڭ بېرىپ ئاناڭدىن رازىلىق ئېلىپ كەل .
_ ئاناممۇ يوق .
_ جاندىن تويغان بىر يالاڭتۆشمەن دېگىنە !
_ تولا توغان سۆزلىمەي ئورنۇڭدىن قوپمامسەن !
قادىر قاۋان چاچىراپ ئورنىدىن تۇردى . ئۇنىڭ باش كۆزىدىن توپا قۇيۇلۇپ تۇراتتى . قادىر سۇدىن چىققان ئىتتەك ئۆزىنى بىر سىلكىشتۈردى _ دە ، ئېتىلىپ بېرىپ ئۆمەر بىلەن بەل تۇتۇشتى . ئەتىراپتىكىلەرنىڭ قىيقاس چوقانى باشلاندى .
_ تاشلا !
_ يەرگە ئات !
_ ھاي يىگىت ، بوش كەلمە !
ئۇلار خېلىغىچە مۈرىلىرى بىلەن بىر بىرنى ئالدى كەينىگە ئىتتىرىشىپ ، توپىلىق يەردە پىرقىراشقا باشلىدى . قادىر قاۋان ئۆمەرنىڭ بېلىدىن قورۇپ ئالدىغا تارتىپ ، تۇيۇقسىز بېشىغا كۆتۈردى -دە، يەرگە ئاتتى . ئۆمەر يەرگە ئۆرە پېتى تىككىدە چۈشتى .
ھەممىنىڭ ئاغىزىدىن تەڭ چىققان «ئوھوي!» دىگەن ئېغىر تىنىق گۈرۈلدەشكە ئايلىنىپ توختاپ قالدى . قاۋان ئېتىلىپ كېلىپ ، ئۆمەرنى ئىككىنچى قېتىم بېشى ئۈستىگە ئالدى -دە، يەنە ئاتتى . بۇ قېتىممۇ ئۆمەر يەرگە تىككىدە چۈشۈپ ئۆرە تۇرۇپ قالدى . ئۈچىنچى قېتىم تۇتۇشقاندا ئۆمەر قاۋاننى بېلىدىن ئەپلىك تۇتىۋالدى . قاۋان بولسا ئۆز كۈچىنى خېلىلا خورىتىپ ھاسىراپ قالغانىدى . ئۆمەر بار غەيرىتىنى يىغىپ ، «ياپىرىم!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە قاۋاننى يەردىن يۇلىۋالدى .
_ ئاپىرىن يىگىت !- دەپ چوقان سېلىشتى ئەتىراپتىكىلەر .
_ قاراڭلار ، قاراڭلار ، ئەنە ئۇ بەلدىن ئېلىپ باشقا كۆتۈردى .
_ كىم كىمنى كۆتۈردى ؟_ دەپ سورايتى ئارقىدا تۇرۇپ قالغانلار پۇتىنىڭ ئۇچىدا بويۇنداپ .
- ھېلىقى يىگىت قاۋاننى كۆرۈردى .
_ بېشىچە قوي !
_ ئاتاڭغا رەھمەت ، يىگىت!
ئۆمەر قاۋاننى بېشىدا پىرقىراتماقتا ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ بۇ يوغان مەخلۇقنى يەرگە ئېتىشقا مادارى يەتمەيتى .
_ ئوغۇل بالا بولساڭ ئاتمامسەن ؟ _ دەيتى قاۋان ئۆمەرنىڭ بېشى ئۈستىدە تۇرۇپ ، _ يائاللا سەن چېلىشچى ئەمەس خوجايىنىڭنىڭ بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆگنگەن مەدىكار ئوخشايسەن ...
ئۆمەرنىڭ شۇ يوغان گەۋدىنى يەردىن كۆتۈرۋېلىشىنىڭ ئۆزى چوڭ جاسارەت ئىدى . ئۇنى يەرگە ئېتىشقا ماغدۇرى يەتمەيۋاتاتتى . قاۋان بولسا ئىككى قولى بىلەن ئۆمەرنىڭ بېشىنى چىڭ قاماللىۋالغانىدى . بارغانسىرى ئۆمەرنىڭ تىزلىرى ئىگىلىپ ، بېلى پۈكلۈنۈپ كەتتى . قادىر قاۋان ئۇنى بېسىپ ئۈستىگە يىقىلدى .
_ يارايسەن ، يارايسەن!_ دېدى قادىر قاۋان ئاستىدا قالغان ئۆمەرنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ، دولىسىغا ئۇرۇپ ،_ خېلى غەيرىتىڭ بار ئىكەن .
ئۆمەر ئارزۇ قىلغان ئەللىك تىللا يەنىلا خەقنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كەتتى . ئۆمەر دەلدەڭشىپ ماڭغىنىچە چەتكە چىقىپ ، تامغا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى .
شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئولتۇرغان ئورنىدىن قوپقىدەكمۇ ماغدۇرى قالمىغان ئىدى . مەيداندىكى ئادەملەر بىر بىرلەپ تارقىشىۋاتاتتى . .. تۇيۇقسىز ئۇنى بىرى چاقىرىپ قالدى .
_ ھاي نىمە ئادەمسەن ؟
ئۆمەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ئات ئۈستىدە تۇرغان سۆلەتلىك بىر ئادەمنى كۆردى . ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئويناقلاپ تۇرغان قۇمۇش قۇلاق ئارغىماق ، خىلمۇ خىل كۆزلەر قۇيۇلغان قىممەت باھالىق ئىگەر جابدۇق ، مەخمەل يوپۇق ، نەقىش ساپلىق چىرايلىق ئۆرۈلگەن قامچا ۋە كۈمۈش ئۈزەڭگىلەر بۇ ئادەمنىڭ ناھايىتى باي كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!_ دەپ تامنى تېرەپ ئورنىدىن تۇردى ئۆمەر .
باي ئۇنى تونۇپ قالدى .
_ سەن ھازىر چېلىشقا چۈشكەن يىگىت ئەمەسمۇ ؟
_ شۇنداق باي ئاكا .
_ ئەجەپ ئۇنى يەرگە ئاتالمىدىڭا ؟
_ قورسىقىم ئاچ ئىدى .
_ قورسىقى ئاچ تۇرۇپمۇ چېلىشقا چۈشكەن بارمۇ؟
_ ئامىتىم كېلىپ قالسا ئازىراق پۇللۇق بولۇپ قالارمەنمىكىن ،دېگەنىدىم .
_ ئامەت !_ دەپ كۈلدى باي ،_ ئامەت قوغلاشقاندىن قاچىدۇ .
_ شۇنداق ، باي ئاكا .
_ ئۆزۈڭ نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەمسەن؟
_ ئىشلەمچىمەن ، باي ئاكا ، قىلغۇزغۇدەك ئىش پىشلىرىڭىز يوقمىدى ؟
_ ئۆزۈڭ قەيەرلىكسەن ؟
_ بۇ شەھەرگە مۇساپىرمەن .
_ ئوغۇرلۇق قىلمايدىغانسەن ئ
_ يوقسۇ ، سىلىدەك ئۇلۇغلارنىڭ ئېشىغا ھارام نىيەت بىلەن قول سېلىشتىن خۇدا ئۆزى نېرى قىلسۇن . !
_ ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسەن ، مېنى تونۇمسەن ؟
_ تونىمايدىكەنمەن .
_ بۇ شەھەردە مېنى نىزامباي دېسە تونۇمايدىغان ئادەم يوق ، بىلىپ قوي!
_ مۇشۇ سۆلەتلىرىدىنلا سىلىنىڭ كاتتا دۆلەتمەن ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى پەملەپ بولدۇم . بىر ئاتىدارچىلىق قىلسىلا ، ھېچنىمەم يوق يېتىممەن .
_بولىدۇ ، كۈچۈڭ باردەك قىلىدۇ ، ياخشى ئىشلىسەڭ مېنىڭدە دائىملىق ئىشلەپ قالىسەن . ئاۋال كۈنلۈك ئىشلەپ باق ، قېنى ھەققىڭگە قانچە تەلەپ قىلىسەن ئ
_ قورسىقىمغا ئۈچ ۋاخ يېگۈدەك بىر نەرسە بەرسىلە ، يېتىپ قوپىدىغان ئورنۇملا بولسا بولىدۇ ، ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايمەن .
_ ياخشى گەپ ، قېنى ئارقىمدىن ماڭ !
ئۆمەر ، باينىڭ ئارغىمىقىنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭلار ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شەھەرنىڭ ئەگرى بۈگرى كوچىلىرى بىلەن كەتتى .历史上的今天:
قۇم باسقان شەھەر(15) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(14) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(13) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(12) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(11) 2010-06-16
收藏到:Del.icio.us