• قۇم باسقان شەھەر(11)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139641.html

    سۆيۈملۈك قاراقچى


      بارات ئاقساق سودىگەرنىڭ ھەركەتلىرىنى بىر نەچچە كۈن كۆزەتتى ، بۈگۈنمۇ سودىگەرنىڭ دۇكىنى ئەتىراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى . كۈن ئۆرلىگەنسىرى بازاردا خېرىدارلار كۆپىيىپ ، دۇكانلارنىڭ سودىسى قىزىماقتا ئىدى . ئاقساق سودىگەر پوكەي ئارقىسىدا تۇرۇپ دۇكانغا كىرگەن ھەر بىر خېرىدارىغا ماللىرىنى ئېلىپ كۆرسىتەتتى . پۈركەنچىلىك خېنىملارغا گۈللۈك چىلتلار دىن گەزلەيتى . يەنە كىملەر بىلەندۇر ماتا چەكمەنلەرنىڭ باھاسى ئۈستىدە ئۇزاق قىزىشىپ سودىلىشاتتى . كۈن پېشىنگە يېقىنلاشتى . ئەمدى ئۇنىڭ بۇ ياقىدىكى ئىشلىرى باراتقا بەش قولدەك ئايان ئىدى . بىردەمدىن كېيىن بۇ سودىگەر ئۆيدىن ئەكەلگەن قاتتىق نانلىرىنى قاچىغا چىلاپ قويىدۇ . نان ئېۋىپ سەل يۇمشىغاندىن كېيىن ئۇنى ئالدىراش ھالدا قوشۇقلاپ - قوشۇقلاپ ئاغىزىغا سېلىپ بىر پەستىلا تۈگىتىدۇ . كىرگەن خېنىملارغا مال سېتىشنىمۇ ئۇنتۇمايدۇ . شۇ تەرىقىدە سودىسىنى يەنە تاكى بازار تارقىلىپ ، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى بېسىلغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ . ئاندىن پۇللىرىنى ساناپ قوينىغا سېلىپ ، دۇكاننى مەھكەم قۇلپىلاپ ، بېرىپ كۆكتات بازىرىدىن نەرسە كېرەكلەرنى ئالىدۇ . ھازىردىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ، سودىگەرنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا تېخى يېرىم كۈندىن ئوشۇق ۋاقىت بار . بۇ ۋاقىت باراتنىڭ ھېلىقى سىرلىق ھويلىغا چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ چىقىشىغا تۇلۇق يېتىدۇ .
      بارات بازاردىن سودىگەرنىڭ ھويلىسى جايلاشقان كوچىغا ئۇچقاندەك قايتىپ كەلدى . ئېگىز تاملار ئارىسىغا قىستىلىپ قالغان تار كوچىدىن تېخى ئەتىگەننىڭ سالقىنى كەتمىگەن بولۇپ ، جىمجىت ۋە تىنىچ ئىدى . بارات ئۇ ياق بۇ يېقىغا بىر قارىۋەتتى -دە، سودىگەرنىڭ تېمى يېنىدىكى قاپاق تېرەككە مايمۇندەك يامىشىپ چىقىپ كەتتى . تېرەكنىڭ ھويلا تەرەپكە سوزۇلغان چوڭ شېخىنى ئاۋايلاپ دەسسەپ تام ئۈستىگە چۈشتى . تۆۋەندە - ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قۇتىدەك چىرايلىق بىر ھويلا تۇراتتى . بارات ھەيران بولدى . ھويلىدىكى ھەممە نەرسە شۇنچىلىك پاكىز ۋە رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويۇلغانىدى . ئوڭ تەرەپكە كۈنگەيگە قارىتىپ ئېگىز پىشايۋانلىق ئۆيلەر سېلىنغانىدى . ئۆينىڭ ئىشىك -دېرىزە، تۈۋرۈكلىرىگە ئەڭ ماھىر ئۇستىلارغا نەقىش چەككۈزگەنىدى .. كەڭ پىششىق خىشلار يېيىتلغان ھويلىدىكى تەشتەكلەردە قىپقىزىل گۈللەر تاۋلىنىپ تۇراتتى . پىشايۋانلىق ئۆيلەرنىڭ قارشى تەرىپىدە ئۇزۇن كەتكەن لاپاس بولۇپ ، لاپاس ئاسىتغا چوڭ كىچىك كۈپلەر ، تاي -تاي ماللار رەتلىك قويۇلغانىدى . بارات ھويلىنىڭ مۇنداق پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغىنىغا قاراپ ، ئۆيدە چوقۇم بىرەر ئايال كىشى ياكى خىزمەتچى بولسا كېرەك دەپ جەزىم قىلىدى . ئەگەر ئۇ ھويلىغا چۈشۈۋالسىلا ، ئۇيەردە بىرەر ئادەمنىڭ بولۇشىنىڭ كارى چاغلىق ئىدى .
      بارات ھويلىغا لاپاسنىڭ تۈۋرۈكىگە يامىشىپ سىيرىلىپ چۈشمەكچى بولۇپ ، مۈشۈكتەك ئۆملەپ لاپاس تەرەپكە ئۆتتى ...
       ئاقساق سودىگەرنىڭ ئىسمى نىياز ئىدى . بۇ ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئۇنىڭ ئايالى ئايجامال تۇراتتى . ئايجامال ئىسمى -جىسمىغا لايىق ئايدەك جامالى بار گۈزەللەردىن ئىدى . ئاقساق سودىگەر بۇ شەھەرگە ئۆزىنىڭ بايلىقى ۋە بېخىللىقى بىلەن ئەمەس ، ئاياللارغا بولغان قاتتىق قوللۇقى بىلەن مەشھۇر ئىدى .
      ئايجامال نىيازنىڭ ئۈچىنچى ئايالى ئىدى . نىيازنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايالىنىڭ بىرى نىيازنىڭ بېخىللىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقان گۇمانخور ، كۈنلەمچىلىكىنىڭ دەردىنى ھارغۇچە تارتىپ ئۆلۈپ كەتكەن ، ئىككىنجىسى بولسا قېچىپلا قۇتۇلغانىدى . نىياز ئۇلارنىڭ ھېچقايسىدىن بالا يۈزى كۆرمىدى .
    ئايجامال بۇ شەھەردىكى بىر ئۆلىمانىڭ قىزى بولۇپ ، نىياز بۇ گۈزەلنى ئۆزىنىڭ مال دۇنياسىنىڭ كۈچى بىلەن قولغا كىرگۈزىۋالغانىدى . نىياز بۇ ياش خوتۇنىنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىشىنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك خوشامەت قىلاتتى . ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىپ ھەر كۈنى بازاردىن نازۇ نېمەت ، مېۋە چېۋىلەرنى توشۇيتى ، قوشلاپ كىيىم كېچەكلەرنى تىكتۈرۈپ بېرەتتى ۋە پات پات ئالتۇن جابدۇق ، زىبۇ زىننەتلەرنى سوۋغا قىلىپ تۇراتتى . ئەمما ، ئۇنىڭ بۇ خوتۇنغا بولغان گۇمانخورلىقى ئىلگىركىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنىدى . چۈنكى ئايجامال ياش ۋە گۈزەل ، ئۇ بولسا ھەر كۈنى ھەرخىل قۇۋەت دورىلىرىنى كاپ ئېتىپ تۇرسىمۇ كۈندىن كۈنگە قېرىپ ، جىسمانىي ئەيىپلىرى بارغانسىرى ئاشكارلىنىپ ، كۆرۈمسىزلىشىپ كېتىۋاتاتتى . نىياز خوتۇنىنى مەستۇرە ھالەتتە تۇتاتتى . ئايجامالنىڭ يات ئەرلەرگە قاراپ قويىشىغىمۇ ، ئەر خەقلەرنىڭ ئايجامالغا كۆز سېلىشىغىمۇ يول قويمايتى . بازاردا ماڭغاندا ئۇ دەرۋازىنى تېشىدىن قۇلۇپلاپ قويۇشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمايتى . ئايجامالنىڭ ئاتا ئانىسى نىيازنىڭ ئۆز قىزىنى شۇنداق قاتتىق تۇتىشىنى ھەقلىق دەپ قارايتى .
      ئايجامال بۇ ياسىداق ھويلىدا خۇددى ئالتۇن قەپەس ئىچىدىكى بىچارە قۇشتەك ياشايتى . قەپەس ھەر قانچە كۆركەم بولسىمۇ ، قۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېچقانچە قىممىتى يوق. قۇشنىڭ قەپەس ئىچىدە توختىماي پىرقىراپ ، بىتاقەت بولۇپ چۇرۇقلىغىنى خوشال بولۇپ سايرىغىنى ئەمەس ، ئادەملەرنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن شۇنچە كەڭ جاھاننى كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭدا پەرۋاز قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن خۇداغا قىلغان نالىسى....
    ئايجامالنىڭ ئۆيدىن چىقسا ھەر كۈنى كۆرىدىغىنى ئېگىز تام ، ئالقاندەك بىر پارچە ئاسمان ، شۇ تاملارغا شېخىنى ئارتىپ تۇرغان قاپاق تېرەك ئىدى . ئايجامالغا باھارنىڭ كېلىپ كېتىپ تۇرۋاتقانلىقىنى ، پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىنى شۇ تېرەكنىڭ ياپراقلىرى خەۋەر قىلاتتى . ھەر باھاردا ئۇ پوتلا چىقىراتتى . بۇ پوتلىلار تۆكۈلۈپ ئۇ يەردە سۇس يېشىل تەڭگىلەر پەيدا بولاتتى . ئاندىن يۇپۇرماقلار بارغانسىرى يېيىلىپ ئەتىراپقا قۇيۇق كۆلەڭگە تاشلايتى . بىر كۈنلەرگە بارغاندا يەنە بۇ يۇپۇرماقلار ئالتۇندەك سارغىيىپ ، ھويلىغا غازاڭ بولۇپ تۆكۈلەتتى ، سېپىلدەك ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان بۇ ھويلىدا تۇرغان ئادەمگە قۇياش ناھايىتى كېچىكىپ چىقىپ ، بالدۇرلا ئولتۇرۇپ كەتكەندەك بىلىنەتتى . بەتبەشرە قېرىنىڭ قوينىدا ئەسىر بولۇپ ياتىدىغان كېچە بولسا تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلاتتى .
      نىياز ئايجامالنى تام تۆپىسىگە قونغان قۇشلار ، گۈللەرنى ئەگىپ يۈرگەن كېپىنەكلەردىنمۇ كۈنلەشكە تەييار ئىدى . « خۇش ، سەن بۇ قۇشلارنىڭ ياكى ئاۋۇ يارىماس كېپىنەكلەرنىڭ جۈپلىشىپ يۈرگىنىگە نىمانچە قاراپ كېتىسەن؟_ دەيتى نىياز ھەسەتخورلۇق بىلەن ئايجامالغا ،_ ئايال كىشى ئۈچۈن ئۇنداق نەرسىلەرگە نەزەر سېلىش ئېغىر گۇناھ ، ئۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە يامان خياللارنى سالىدۇ . !» نىياز ھەرگىزمۇ ئۆيگە مېھمان چاقىرمايتى ۋە مېھمانغىمۇ بارمايتى . پەقەت ھېيىت -ئايەم، ھارپا كۈنلىرىدىلا خوتۇنىنىڭ قاتتىق تۇرۇپ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئاندىن ئۇنى ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باراتتى . مۇنداق چاغلاردا نىياز ئايجامالنى قېلىن چۈمپەردىلەرگە پۈركەيتى . ئاندىن ئۇنى دېرىزىلەرگە پەردە تارتىلغان مەپىگە چىقىرىپ ، ئۆزى يېنىدا مەھكەم ئولتۇرۇپ باراتتى .
       ئايجامالنىڭ ئاتىسى خېلى كۆپ ئوقۇمۇشلۇق ئادەم بولۇپ ، قىزنىڭ خەت ساۋادىنى ئۆزى چىقارغانىدى . بۇ كىشى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭدىن بىر دۆۋە كىتاپلاردىن باشقا ھېچقانچە دۇنيا قالمىدى . ئايجامالنىڭ ئانىسى ئېرىدىن قالغان كىتاپلارنى يادنامە سۈپىتىدە ناھايىتى پاكىز  ساقلايتى . ئايجامال ھەر قېتىم ئۇ ئۆيگە بارغاندا ئاتىسىنىڭ كىتاپلىرى ئىچىدىن ئۆزىگە كېرەكلىكلىرىنى تاللاپ ئەكىلەتتى . ئۇنىڭ ئەكەلگەن كىتاپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېران ، ئېراق ، شام ، ھېندىستان ۋە يەنە قانداقتۇر يىراق مەملىكەتلەردە يۈز بەرگەن ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار ، مۇھاببەت ۋەقەلىكلىرى توغرىسىدا ھېكايە ھېكايە قىلاتتى . ئايجامال يەنە بىر قېتىم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئايەملەپ كەلگۈچە ئۇنىڭغا ئەنە شۇ كىتاپلار ھەمراھ بولاتتى . ئۇ ئەنە شۇ كىتاپلار بىلەن مۇڭدىشاتتى ، شۇ كىتاپلارغا ئۆز ھالىنى ئېيتاتتى . شۇ كىتاپلاردىن ئۆزىگە تەسەللىي تاپاتتى . نىياز ساۋاتسىز ئادەم بولغاچقا ، ئەرەپ يېزىقىدىكى كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنىلا مۇقەددەس دەپ تونۇيتى .
    ئۇلارنى ئوقۇپ تۇرۇشنى ساۋابلىق ئىش دەپ بىلگەچكە ، ئايالنىڭ مۇنداق كىتابلارنى قولدىن چۈشۈرمەي ئوقۇغانلىقىغا خۇش بولاتتى . پەقەت بەزى چاغلاردىلا ئۇ ئايالىغا : شۇ ئىشىڭغا ھەيرانمەن ، سەن بەزىدە بۇ ئۇلۇغ كىتابلارنى بىتەرەت تۇتۇپ قويىسەن ، بۇنداقتا...،دەپ بىر تالاي ۋايسايتى . ئايجامال بولسا ساۋاتسىز سودىگەرنىڭ بۇ ئەخمەقلىقىگە ئىچىدە كۈلەتتى .  
    كېيىنكى كۈنلەردە ئايجامال ئاشىق -مەشۇقلار توغرىسىدىكى كىتاپلارغا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتتىكى ، ئەمدى ئۇنىڭغا ئىلگىرى دوزاخ بىلىنگەن بۇ ھويلىمۇ ئانچە زېرىكىشلىك تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالغانىدى . ئۇ پۈتۈنلەي باشقا دۇنيادا ، ئۆزى كىتابلاردا ئوقۇپ ، خىيالى تەسەۋۋۇرىغا ئورۇنلاشتۇرىۋالغان يېڭى ۋە ئاجايىپ ۋەقەلەر ئىلكىدە تۇراتتى : قېرى ، زەئىپ ئېرىنىڭ قوينىدا يېتىپمۇ ئۆز خىيالىدىكى ئالەمدە ياشايتى .
      ئايجامال بەزىدە كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ بالىلىق ھاياتى ئۆتكەن مەھەللىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى . تام تۈۋىدە چېچەكلەپ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان جىگدىلەر ، كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرىدىغان يۇپۇرماقلار خىيالىدىن ئۆتەتتى . ئۇلارنىڭ ھويلىسىنىڭ ئارقىسىدىلا كىچىككىنە ئانارلىق باغچىسى بولۇپ ، باغنىڭ پاكار تاملىرىدىن يىراقتىكى ئېتىزلار ، لايقىپ ئاقىدىغان ئۆستەڭ ، قىرغاقلىرىدا مامكاپ گۈللىرى ئېچىلىپ كېتىدىغان ئېرىقلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى . باغ ئىچى بولسا يۇمشاق چىم بىلەن قاپلانغانىدى . ئايجامال تام تۈۋىدە جىگدە دەرىخىگە يۆلىنىپ تۇرغان قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇرغان كەڭ تەبىئەتكە ھاياجاندا قارايتى . ئېتىز يوللىرىدا كېتىپ بارغان بۇرۇتلىرى خەت تارتقان سۇباتلىق يىگىتلەرنى ئېنىق كۆرەتتى . ئۆي تەرەپتىن بىرەرى چىقىپ قالغۇدەك بولسا ، ئۆزىنى جىگدە يىلىمى يىغىۋاتقان قىياپەتكە سېلىۋالاتتى . يىراقتىن كەتمەن كۆتۈرۈپ ئۆتىدىغان شۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىمۇ بار ئىدى . ...ئەمما ، بۇ يىگىت ئاخىرىدا ناھايىتى يۈرەكسىزلىك قىلىدى . ئايجامالنى ئانىسى ئۆزىدىن نەتچە ئون ياش چوڭ بىر ئاقساق قېرىغا بەرمەكچى بولغاندا ، قىز شۇ ئانارلىق باغنىڭ تېمى يېنىدا ئۆز يىگىتىگە يالۋۇرۇپ تۇرۇپ تاشلانغان ۋە يىگىتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشنى ، يىراقلارغا باشلاپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانىدى .
    يىگىت قىز ئېلىپ قاچقانلار ئۈستىدە بولىدىغان ئېغىر جازالارنى ئويلاپ تىتىرەپ كەتتى -دە، ئىككىنجىلەپ كەلمىدى . قىزنىڭ يىگىتتىن كۆڭلى قالدى . بۇ ئالەمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ۋاپاسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندى -دە، تەقدىرىگە تەن بەردى . .. ئۇ ئوقۇغان كىتابلاردا بولسا ئاجايىپ پالۋانلار ، ئۆز  مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ھاياتىدىن كېچىدىغان قايتماس مەردلەر ، قورقۇمسىز قاراقچىلار ، ئۆز مەشۇقىنىڭ دىدارىنى ئىزدەپ ئالەمنى كېزىپ يۈرگەن ئاشىقلار تەسۋىرلىنەتتى .
    ئايجامال ئۆز خىيالىدا قاچانلا بولسۇن ، شۇنداق يۈرەكلىك بىر يىگىتنىڭ مۇشۇ ھويلىنىڭ تاملىرىدىن ھالقىپ چۈشۈپ ، ئۆزىنىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . شۇڭا ،ئايجامال ھەر كۈنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىناتتى . قاشلىرىغا ئوسما ، تىرناقلىرىغا خېنە قوياتتى . يۈزلىرىگە ئەڭلىك سۈركەيتى . يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ ، زىبۇ زىننەتلەرنى تاقايتى . ئۈستىگە خۇش پۇراق گۈل مېيى چاچاتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئاقساق ، قېرى ئېرىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئەمەس ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ ،  ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىدىغان غايىبانە يىگىتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن قىلاتتى . نىياز ئۇنىڭ مۇنچە چىرايلىق ياسىنىۋالغانلىقىغا قاراپ بەزىدە ۋايساپمۇ كېتەتتى .
      _ سەن نېمىشقا ئۆزۈڭنى مۇنچە ئوشۇقچە پەردازلىۋالدىڭ ؟_ دەپ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇپ تۇرغان دەھشەتلىك گۇمان بىلەن ئايالىغا تىكىلەتتى نىياز ،_ بەلىكىم سەن چۈشۈڭدە بىرەر يىگىتنى كۆرۈپ يۈرىيدىغانسەن ياكى خىيالىڭدا بولسىمۇ بىرەر ناپاك بىلەن بىللە بولىدىغانسەن ؟...ياكى بولمىسا ، شوتىنى قويۇپ ئۆگزلەرگە يامىشىپ ، كوچا- كويلارغا كۆز سېلىپ يۈرىدىغانسەن ؟
      _ ۋاي - ۋۇي نەدىكى بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيدىغانلا!_ دەپ ئەركىلەيتى ئايجامال نىيازغا ،_ شوتىغا بىر بالداق چىقساممۇ بېشىپ قايىدۇ .بۇنىڭ ھەممىسى سىلى ئۈچۈن ، سىلىنى بازاردىكى خوتۇنلار ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن ، دەپ كۆڭۈللىرىنى ئىزدەپ.....
       _ ئوشۇقچە ، ئوشۇقچە ئاۋارىچىلىك !_ دەپ غودوڭشىيتى نىياز ،_ خۇداغا شۈكرى ، مەن كوچىدىكى ئۇنداق كەلسە كەلمەس خوتۇنلارنىڭ ئارقىسىدىن پالاقلاپ يۈرىيدىغان ئەخمەقلەردىن ئەمەس ، زىبۇ زىننەتلەرسىزمۇ سەن ماڭا سۆيۈملۈكسەن . ئوسما خېنىلەرنى بىكار زايە قىلىپسەن . ئۇپا ئەڭلىكنى بۇنچە كۆپ ئىشلەتمە ، ھازىر بۇ نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ .
      شۇنداق كوتۇلداشلار بىلەن نىياز پۇشۇلداپ ئولتۇرۇپ شۇ كۈندىكى سودىدىن چۈشكەن پۇللارنى سانايتى ، ساپ ئالتۇنلارنى ئايرىم كومزەكلەرگە سېلىپ قەيەرگىدۇر كۆمەتتى .
      بارات سودىگەرنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈش ئۈچۈن بىرەر ئەپلىكرەك جاينى ئىزدەپ يۈرگەندە ، ئايجامال ئۆيدە ئىدى . ئۇ يۇمشاق گېلەم ئۈستىدە مامۇق ياستۇقلارغا تايىنىپ يېتىپ ئاشىق مەشۇقلارتوغرىسىدىكى يەنە بىر كىتاپنى بېرىلىپ ئوقۇۋاتاتتى . كىتابتا قانداقتۇر بىر قاراقچى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كېنىزىكىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ، شاھ ئوردىسىنى پاراكەندىچىلىككە سالماقتا ئىدى . ئايجامالنىڭ نەزىرىدە مانا بۇ قاراقچى ھەقىقىي ئەر ئىدى . ئۇ شاھنىڭ ھەرىمىگە يېتىپ بارىدىغان يولدىكى قاراۋۇللارنى بىر بىرلەپ يىقىتىپ ، ئۆزىنىڭ مەشۇقى قامالغان ھۇجىرىغا شىپقاپ كەلمەكتە ئىدى . ...
      شۇ چاغدا ھويلىغا گۈپ قىلىپ بىر نەرسە چۈشكەندەك بولدى . ئايجامال چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى ، ھويلىدا بىرىنىڭ قارىسى كۆرۈنگەندەك بولدى .
       بارات لاپاسنىڭ تۈۋرۈكىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ، ھويلىغا ئوڭۇشلۇق سىيرلىپ چۈشىۋالغانىدى . ئەمدى ئۇ ھويلىنىڭ ئېگىز تاملىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىش توغرىسىدا غەم قىلمىسىمۇ بولاتتى ، لاپاس ئاستىغا ئۇزۇن بىر شوتا ياتقۇزۇپ قويۇلغانىدى . لېكىن ، بارات شوتىدىن كۆزىنى ئۈزۈپ ، پىشايۋانلىق ئۆي تەرەپكە قاراپلا قېتىپ تۇرۇپ قالدى . ئۆينىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى ئالدىدا بىر ساھىپجامال قىز ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى .
       باراتنىڭ پىكىرى چىگلىشىپ كەتتى . « بۇ ئايال نىمانچە چىرايلى ؟..ئۇ سىرتى قۇلۇپلاقلىق ئۆيدە نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ بۇ ھېلىقى ئاقساق سودىگەرنىڭ ئايالىمىدۇر ، قىزىمىدۇر ؟... ھويلىغا ئوغرى چۈشكەندە ئۇ قورقۇپ ھارقىراپ كەتمەي نىمىشقا كۈلۈپ تۇرىدۇ ؟.. ياكى بۇمۇ ھېلىقى رەھمەتلىك ئېرىنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنى دەسمايە قىلىپ بۇزۇقچىلىق قىلپ يۈرگەن ياش چوكاننىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان ھېلىگەر خوتۇنمىدۇر ؟...ياق ، ئۇ راستىنلا ياش ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ . قارىغاندا ئۇ مېنى مۇشۇ تۈۋرۈكتىن پات پات سىيرىلىپ چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆزىنىڭ قانداقتۇر بىر ئويناشلىرىغا ئوخشىتىۋاتسا كېرەك ...ئەگەر بۇ ھويلىدا مۇشۇ ئايالدىن باشقا بىرەر جان بولمىسا ، بىر خوتۇن كىشىنى ئۇجۇقتۇرىۋەتمەك تەس ئەمەس !...» شۇ خىياللار بىلەن بارات قورقۇنچىسىنى بېسىۋالدى ، ھەممە ئوغرىلار شۇنداق بولىدۇ . ئۇلار ئۆيگە بېرىۋالغۇچە ناھايىتى قورقۇشىدۇ ، كىرىۋالغاندىن كېيىن ئۆينىڭ ئىگسى شۇ بولىدۇ .
         شۇ تاپتا ھويلىدا پەيدا بولۇپ قالغان ئېگىز بوي ، قارا قاشلىرى ئاستىدا قوي كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتنى ئايجامال ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى ئۆزى تەشنالىق بىلەن كۈتكەن باتۇرنىڭ ئۆزى دەپ بىلدى . ئايجامالنىڭ نەزىرىدە يىگىت تۈۋرۈكتىن سىيرلىپ چۈشمىدى . بۇلۇتلاردىن ھالقىپ يېتىپ كەلدى . ئۆز نىگارىغا يېتىش ئۈچۈن تالاي مۈشكۈللەرنى يېڭىپ ، قانلىق جەڭلەرنى قىلدى . بولمىسا ئۇ شۇنچە چوڭ شەھەردىكى ئايجامال تۇرغان بۇ كىچىككىنە ھويلىنى قانداق تېپىپ كېلەلەيدۇ . بۇ ئېگىز تاملاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ھويلىىڭ ئوتتۇرسىدا قانداقچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ ؟بۇنىڭ نېمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار . بەزى تۇرمۇشتىكى ئىشلار كىتابلارغا يېزىلىدۇ . بەزىدە كىتاپتىكى ئىشلار تۇرمۇشتىمۇ يۈز بېرىدۇ ...ئايجامال خىيالىدىكى شۇ يىگىتنى كېچىلا چۈشىدە كۆرگەن ،ئۇنىڭ بۈگۈن كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ قېلىشى كۆڭلىگە ئايان بولغان . شۇڭا ئۇ ئەتىگەنلا ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيگەن ، قۇيۇق بوستان چاچلىرىنى چۇۋۇپ ئارقىغا تاشلاپ ئەينەك ئالدىدا ئۇزاق پەردازلانغانىدى . ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان يىگىتكە ئېغىز ئاچتى :
       _ قېنى قىممەتلىك مېھمان ، ئۆيگە كىر ! ...مېنى تونۇمايۋاتامسەن ؟ سەن ئىزدەپ يۈرگەن ئاشقىڭنىڭ ئۆزىمەن . مەن سېنى مۇشۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈپ تۇرغان ، سەن كېچىكتىڭ ...
        « يائاللا !» بارات بۇ چوكاننىڭ ئەقلىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىگە سەل گۇمانلىنىپ قالدى . تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى . بارات پىشايۋان ئۈستىگە چىقىشى بىلەن ، ئايجامال ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئۇلۇغ ئېچىپ ، ئۆزىنى چەتكە ئالدى . بۇ پۈتۈنلەي گىلەم ۋە ئېسىل جابدۇقلار بىلەن بېزەلگەن ئازادە ۋە سالقىن ئۆي ئىدى . ئايجامال بۇسۇغىدىلا باراتنى ئۆزىگە تارتتى . ئاپئاق بىلەكلىرىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە تاشلاپ ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا كۆتۈرۈلۈپ ئۇنى قىزغىن سۆيۈشكە باشلىدى .
      _ سەن ئۆزۈڭ كىمسەن ؟ جىنمۇسەن ، ئادەممۇسەن ؟_ دەيتى بارات ئايالنىڭ چوكۇلدىتىپ سۆيۈشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ .
      _ مەن ئادەممەن . سودىگەر نىيازنىڭ خوتۇنىمەن !_ دەپ پىچىرلايتى ئايجامال ھاياجاندا .
       _ سەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ بىرەر ئويناشلىرىغا ئوخشىتىپ قالدىڭغۇ دەيمەن ؟ بىلەمسەن ، مەن ئوغرىمەن !
       _ بىلىمەن ، ھەممىنى بىلىمەن ، _ دەيتى ئايجامال تىتىرەك ئارلاش ، سەن ئوغرىسەن ، مەن كۈتكەن سۆيۈملۈك قاراقچىسەن !  
       _ سېىنىڭ ئەقلىڭ جايىدىدۇر ؟
      _ خۇداغا شۈكرى ، بۇ تۆت تامنىڭ ئىچىگە سولىنىپ ئولتۇرۇپ تېخى ئەقلىمدىن ئازغۇدەك بولمىدىم . خۇداغا نالەم يەتتى . بىركۈنى بولمىسا بىر كۈنى ساڭا ئوخشاش يۈرەكلىك يىگىتنىڭ تاملاردىن ئارتىلىپ چۈشۈپ مۇھاببىتىمنى قۇبۇل قىلىشىنى تىلەيتىم . مانا بۈگۈن خۇدا ئۆزى سېنى ماڭا يەتكۈزى .
       ئايجامال پىچىرلاپ تۇرۇپ ، ئوتلۇق قۇچاقلاشلار بىلەن ئۆزىنىڭ لېۋىنى باراتنىڭ لېۋىگە باساتتى . بۇ ھېسىياتقا تولغان سۆيۈشلەر باراتنى تىز چۆكتۈردى . ئۇ بۇ ئايالنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇپ ، زېرىكىپ ياتقان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى پەملىدى ئۇنىڭ سۆيۈشلىرىگە سۆيۈش بىلەن جاۋاپ قايتۇردى ...
       ئايجامال باراتنى ئىچكىركى ئۆيگە ئەكىردى . قاتمۇقات يېكەندازلار ئۈستىدە ئولتۇرغۇزدى . ئالدىغا نازى نېمەتلەرنى تىزدى . بارات بىر تەرەپتىن ھەسەل ، مۇراببالارغا يۇمشاق ناننى پاتۇرۇپ ، قىززىق چاي بىلەن يۇتاتتى . ؛يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي ئىچىگە سەپسالاتتى . يوغان تۆگە ساندۇقلار ، ئىشكاپلارغا تىزىلغان جانان چىنىلەر ، ئۇيۇقلارغا قويۇلغان قەدىمكى زاماننىڭ لوڭقىلىرى ، كۈمۈش قاچا -قومۇچلار ، مىس ئاپتۇۋىلار قاراڭغۇلىشىپ تۇرغان ئۆي ئىچىدە سۇس پارقىرايتتى .
    ئۈستۈڭدىكى كىيىملىرىڭ نىمانچە ئۆڭۈپ كەتكەن ؟_ باراتنىڭ ئۇچىلىرىنى سىلايتى ئايجامال ،_ سەن شاھزادىلەردەك كىيىنىپ يۈرۈشۈڭ كېرەك ...
       _ چۈشىنىۋاتامسەن ؟ مەن شاھزادىمۇ ، يەنە باشقا بىر نېمىمۇ ئەمەس ، ئوغرىمەن ، سېنى بۇغۇپلا قويغان بولاتتىم ، لېكىن سەن مېنى مېھماندوستلۇق بىلەن كۈتىۋالدىڭ . ئۆيگە چۈشكەن ئوغرى بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرىدىغان خوجايىنىنى مەن بۈگۈن كۆردۈم . ئالتۇن كۈمۈشلىرىڭنى چىرايلىقچە ئالدىمغا تۆت ، مەن بۇ يەردىن تېزرەك كېتىۋالاي !
      _ ئوغرى بولساڭ مېنىمۇ ئوغۇرلاپ كەت ، قانچە يىراتتا ئەكەتسەڭ شۇنچە ياخشى .
       _ مەن ئادەم ئوغۇرلىمايمەن ماڭا جىرىڭلاپ تۇرىدىغان تەڭگىلەر لازىم .
      _ ئېرىمنىڭ دۇنيالىرىنى سەن كەچ كىرگىچىمۇ ئىزدەپ تاپالمايسەن ، ئوھوي ، ئۇ شۇندا ھېيلىگەر ، شۇنداق بېخىلكى ،  قويۇۋەر . ئالتۇن كۈمۈش سالغان كومزەكلىرىنى ئۇ مەن ئۇخلاپ قالغاندا نەلەرگىدۇر كۆمىدۇ . ئەمما ، مەن سېنى ئۆز دۇنيارىم بىلەن رازى قىلىمەن ...
      باغلاقتا تۇرغان ئىت تېخىمۇ غالجىرلىشىپ كېتىدۇ ، قەپەستە تۇرغان قۇش ئەركىنلىككە ھەممىدىن بەك تەشنا بولىدۇ ...، ئايجامال باراتقا تاشلاندى . ئۇنىڭ تەلىپى شۇنچىلىك كۈچلۈك ، قۇچىقى ھوزۇر ۋە ئىسسىق ، قۇچاقلاشلىرى مەھكەم ئىدى . ئۇنىڭ ئوتلۇق سۆيۈشلىرى باراتنى قايتا ئىسكەنجىگە ئېلىپ بوشاشتۇرىۋەتتى .
       _ مەن قايتىپ كېتەي ،_ دېدى بارات بىر چاغدا ھالسىز ئاۋازدا ،_ ئېرىڭ كېلىپ قېلىشى مۇمكىنغۇ !؟ ماڭ بېرىدىغنىڭنى بەر ياخشىلىقىڭنى ئۇنتىمايمەن .
      _ مانا بۇنى ئال ! _ دەپ ئايجامال باراتقا ھەمياننى سۇندى ، _ ئانچە كۆپ بەرمىدىم ، كېرەك بولغاندا يەنە بۈگۈنكىدەك تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ ئوغۇرلاپ كەت . پات پات شۇنداق ئوغۇرلۇققا چۈشۈپ تۇرۇشۇڭنى خالايمەن .
       ئۇلار ئارقا تامغا شوتا قويۇشتى . ئايجامال شوتا يېنىدا يەنە ئۆز خىيالىدىكى شاھزادىسى بىلەن سۆيۈپ خوشلاشتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كۈچلۈك تەشنالىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرغان ئوتلار تېخى ئۆچمىگەنىدى . ئايالنىڭ بەدەنلىرىدىكى ئىللىقلىق ، ئىسسق نەپەس ئۇزاققىچە باراتنىڭ ۋۇجۇدىدىن تارقىمىدى .
       بارات ئايجامالنىڭ بەرگەن پۇلىنى خەجلەپ ئۆزىگە بىر قۇر يارىشىملىق كىيىم كېچەك سېتىۋالدى . دەڭجانىڭ بارلىق ھەقلىرىنى تۆلەپ تۈگەتتى .
      _ كارۋانىمىز بۇ يەرگە ھازىرچە كېلەلمەيدىغان بوپتۇ ، _ دەپ چۈشەندۈردى بارات دەڭجاغا ئەھۋالنى ، _ خوجايىن ماڭا خىراجەت ئەۋەتىپتۇ . يەنە بىر ئىككى ئايدىن كېيىن ، ئۆزىمۇ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ . بۇ سودىگەر دېگەن خەقنىڭ قارارى يوق . نەدە پايدا كۆپ بولسا شۇ يەرگە يۈگىرەيدۇ . مەن يەنە كۈتىدىغان بولدۇم .
      _ مەيلى ئەمەسمۇ ،_ دەيتى دەڭجا ، _ خوجايىنىڭىز كەلگۈچە كۈتۈڭ ، بۇ يەرنى ئۆز ئۆيىڭىز دەپ بىلىۋېرىڭ .
      دەڭجا ئۈچۈن ئۆز ماللىرى بىلەن ئاللىقاياقلاردا ئايلىنىپ يۈرگەن خوجايىننىڭ قايتىپ كېلىش كەلمەسلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى . ئۇ پەقەت باراتتىن ياتاق ۋە تاماق پۇللىرىنى تۇلۇق ئېلىپ تۇرسىلا رازى ئىدى .
      ئاز ئۆتمەيلا باراتنىڭ يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ ئۇنىڭ ئاچ توق يۈرۈيدىغان كۈنلىرى يەنە باشلاندى . دەڭنىڭ داق بۈگلۈكىدە يېتىپ ، قورسىقى ئاچلىقتىن غولدۇرلىغانسىرى ئۇ ئايجامالنىڭ داستىخىنىدا ئىسراپ بولۇپ ئېشىپ قالغان نازۇ نېمەتلەرنى ، ئايالنىڭ ئوتلۇق سۆيۈشلىرىنى ، قىزغىن قۇچاقلاشلىرىنى سېغىناتتى . ئاخىر ئۇ  : نىمە ئۈچۈن ئۇ بىچارە چوكان ئۇ يەردە سۇلۇنۇپ يېتىپ ئاھ ئۇرىدىكەن ، مەن بۇيەردە پۇلغا زار بولۇپ ئاچ يۈرىمەنكەن ، دەپ ئويلىدى-
    دە  ، ئايجامالنىڭ قېشىغا يەنە بېرىشقا قارار قىلىدى .
    ئىككىنجى قېتىممۇ ئايجامال باراتنى خوش تەبەسسۇم بىلەن كۈتىۋالدى . ياخشى تاماقلار بىلەن مېھمان قىلىدى . نىيازنىڭ تىقىپ قويغان شاراپلىرىنى تېپىپ ئىچىشتى . مەستچىلىكتە ئايجامال قىپيالاڭاچ بولۇپ ئۇسۇللارنى ئويناپ باراتتا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇردى . خوشلىشىش ۋاقتىدا ئايجامال باراتقا يەنە بىر ھەپتە يەتكۈدەك خىراجەت بەردى .
      _ كۆپ بەرمىدىم ، كەلمەي قالىسەن ،_ دەيتى ئايجامال نازلىق كۈلۈمسىرەش بىلەن ، _ پۇلۇڭ تۈگىگەندە يەنە كېلىپ ئوغۇرلاپ كەت ! ئىلاھىم ، سېنىڭ ماڭا مەڭگۈ ھاجىتىڭ چۈشۈپ تۇرسۇن !...
        راست دېگەندەك ، ئايجامالنىڭ بەرگەن پۇلى باراتقا بىرھەپتىگە ئارانلا يېتەتتى . ئاندىن بارات ئاقساق سودىگەرنىڭ ھويلىسى يېنىدىكى قاپاق تېرەككە يامىششقا يەنە مەجبۇر بولاتتى . ۋەدىلەشكەن كۈنى ئايجامال ھويلىنىڭ ئىچىگە شوتا قويۇپ قوياتتى . بارا بارا بارات ئايجامالغا ئۆگىنىپ قالدى . بەزىدە ئۇ پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس ، ئۆزىگە تەشنا بولۇپ تەلمۈرۈپ تۇرغان چوكاننى سېغىنىپمۇ قاپاق تېرەككە يامىشاتتى ....
      _ مەن ئەمدى بۇ يەرگە كېلەلمەيمەن !_ دېدى بىر كۈنى بارات ئايجامالنىڭ چۈشىكىدە يېتىپ .
       _ نىمىشقا ؟_ دەپ چۆچۈپ كەتتى ئايجامال ھالسىز قوللىرى بىلەن باراتقا ئېسىلىپ تۇرۇپ .
      _ بىلەمسەن ؟_ مەن ھەر قېتىم بۇ ھويلىغا چۈشىدىغان چاغدا ، دەككە دۈككىچىلىكتە كۆرمىگەننى كۆرىمەن . ئاۋال بازارغا بېرىپ نىيازنىڭ دۇكىنىنى ئاچقان ئاچمىغانلىقىغا قارايمەن ، نىيازنىڭ سودا قىلىپ تۇرغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن بۇ ياققا قاراپ يۈگىرىمەن . بۇ كوچىنىڭ ئىككى بېشىدا ئالاقزادە بولۇپ بىر ھازا مېڭىپ ، تېرەككە يامىشىدىغان ئەپلىك پەيىتنى كۈتىمەن . تۈفى ، شۇمۇ كۈن بوپتۇمۇ ، قايتىدىغان ۋاقتىمدا ئىشىم تېخىمۇ تەس ، تام تۆپىسىگە چىقىپ بولغان چاغدا ، كوچىدا تاسادىبى بىرەر ئادەم كېتىپ بارغان بولسا قاپاق تېرەكنىڭ ئۈستىدە ، يۇپۇرماقلارنىڭ دالدىسىدا ھۇۋقۇشتەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرىمەن ...، بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ، مېنى بۇ ئەتىراپتىكى قۇلۇم قوشنىلار كۆرۈپ قېلىشى ياكى بولمىسا سېنىڭ ئېرىڭ قانداقتۇر بىر ئىش بىلەن كۈندۈزدىلا ئۆيگە قايتىپ ، نەق ئۈستىمىزدىن چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنغۇ؟! ...ئەگەر شۇنداق بىرەر پالاكەت يۈز بېرىدىغان بولسا مېنىڭ پۇت قولۇمنى چاناپ تاشلىشىدۇ ، سېنىڭ يۈزۈڭگە قازان كۈيىسىنى سۈركەپ ، ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىلىپ ، چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ !...
      ئايجامال ئويلىنىپ قالدى . مۇنداق ئوغۇرلۇقچە مۇھاببەتلىشىشنىڭ خەۋىپىنى ئۇ ئۆزىمۇ ھېس قىلغانىدى . نىياز بەزىدە بىر نەرسىدىن گۇمانلانغاندەك قىلىپ :«نىمىشقا سەن بۇگۈن شۇنچە خوشال ؟...بۇ ئۆيدىكى مېۋە چىۋە ، مۇراببالار نىمانچە تېز تۈگەۋاتىدۇ ؟ سەن شۇنچە ئىشتىھالىق بولۇپ كېتىۋاتامسەن-ھە؟» دىگەندەك سۇئاللارنى سورايتى . ئايجامال بۇ سۇئاللارغا خىيالىغا كەلگەن بىر نېمىلەرنى دەپ جاۋاپ بېرىپ ئۆتكۈزىۋېتەتتى . ئەمما ، ئۇ ھېلىگەر ئاقساقنى بىر ئۆمۈر ئالداپ ئۆتۈش مۇمكىنمۇ ؟
      _ مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن !_ دېدى ئايجامال .
      _ نىمە دەۋاتىسەن ؟_ دەپ چۆچۈپ كەتتى بارات .
      _ ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىمەن .
      _ كىمنى ؟
      _ نىياز دىگەن قېرىنى .
      _ ئەگەر ئېرىڭنى ئۆلتۈرۈشكە رازى بولساڭ ، ئۇنى سەن ئەمەس ، مەن ئۆلتۈرسەم بولىدۇ . مانا ، بۈگۈنلا مېنى بىر يەرگە مۆكتۈرۈپ قويىسەن . كەچتە نىياز كېلىپ دەرۋازىنى قۇلۇپلاپ ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا مەن ئۇنى بۇغۇپ قويىمەن .
      _ مۇنداق ئۆلتۈرۈش خەتەرلىك !_ دېدى ئايجامال ،_ ئەگەر ئۇ شۇنداق تېزلا ئۆلۈپ قالسا قۇلۇم قوشنىلاردا گۇمان پەيدا بولىدۇ .  
      _ ئەمىسە قانداق قىلىساق بولىدۇ ؟
      _ سەن ماڭا بازاردىكى دورىپۇرۇشلاردىن ئاستىراق تەسىر قىلىدىغان زەھەر تېپىپ ئەكىلىپ بەر ، مەن ئۇنى نىيازنىڭ تامىقىغا قوشۇپ بېرىمەن ، ئۇ ئاستا ئاستا ھالسىزلىنىپ ئۆلسۇن . قېرى ئادەم مۇشۇنداق ئۆلۈپ كەتسە ھېچكىم گۇمان قىلمايدۇ . بۇ چىرايلىق ھويلا ، مال مۈلۈك ۋە مەن ھەممىمىز ساڭا تەئەللۇق بولىمىز . نىيازنىڭ نەزىر چىراغلىرى ئۆتۈپ بولغاندا ، سەن ماڭا ئادەم كىرگۈزىسەن ، بىز ئەل جامائەت ئالدىدا ئوچۇق ئاشكارە نىكاھلىنىمىز . نىياز كۆمگەن دۇنيالار بىزگە ئۆلۈپ كەتكۈچە يېتىپ ئاشىدۇ .
      _ ئەقلىڭگە ئاپرىن ! _ دېدى بارات ، _ بىراق بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن خېلىلا ۋاقىت كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ .
      ئايجامال ئۆزى تاپقان ئەقلىگە ئۆزى خۇش بولۇپ كۆزلىرى ئويناپ كەتتى .
      _ سەۋرى قىل ، يىگىتىم !_ دەپ باراتقا ئەركىلەپ سۈركەلدى ئۇ ، _ سەۋرى قاچىسىنىڭ تېگى ھالاۋەت . كىتابلارغا شۇنداق يېزىلغان . سەن زەھەرنى تېپىپ كەل ، قالغان ئىشلارنى ماڭا قويۇپ بەر !...ئەمما ، بىر شەرت ، بىز توي قىلغاندىن كېيىن سەن مېنى مەڭگۈ تاشلاپ كەتمەسلىككە قەسەم بېرىسەن .
      _ قەسەم بېرىمەن ! _ دېدى بارات . 

      ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى . زادى قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنچىكە ھېسابلاپمۇ كۆرمىدى . ۋاقىت ئۇ شۇنداق نەرسە ، ھېچكىم ھېسابلاپ ئۇنىڭ چېكىگە يېتەلمەيدۇ : ھېسابلىمىساڭمۇ كۆزۈڭگە كۆرۈنمەي ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ . لېكىن ، ئەتىراپتىكى ھەممە نەرسە ، ھەر بىر تۈپ گىياھ ، تاغۇ تاش ، چوڭ كىچىك  ھاياتلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ۋاقىتنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ... چۆل ئوغلى ئەمدى بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ ، چوڭلا يىگىت بولۇپ قالغانىدى . ئۇنىڭ ئاتىسى ئەزان چىللاپ قويغان «سەپەر»دىگەن ئىسمى ھېچكىمنىڭمۇ ئېسىدە قالمىغاندى ، ھەممە ئۇنى «چۆل ئوغلى » دەپ چاقىرىشاتتى .
      بۇ ئۇزۇن يىللار ئىچىدە باھار قۇشلىرى چۆل ئاسمىنىدىن قانچە قانچە رەت ئۇچۇپ ئۆتتى . چۆل يوللىرىدا قانچە كارۋانلارنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى ياڭراپ ، تالاي يولۇچىلار يىراقلارغا ئۇزاپ كېتىشتى . قۇملۇقلار ئۈستىدىن سانسىز بورانلار ئۇچۇن ئۆتۈپ ، قۇم بارغانلىرى قانچە قېتىملاپ ئۆز ئورنىنى يۆتكەشتى . كىملەردۇر يىغلاپ ، كىملەردۇر كۈلۈپ ، كىملەردۇر تۇغۇلۇپ ، كىملەردۇر ئالەمدىن ئۆتتى . كۆك ئاسماندىن قانچە يۇلتۇزلار ئېقىپ چۈشتى . لېكىن ، ئوتۇنچى بوۋاينىڭ چايخانىسى ئالدىدىكى ئۈچ تۈپ توغراق ئىلگىركىدەكلا ئەتىراپىغا سالقىن سايە تاشلاپ ، يەنە ئۆز ئورنىدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى . بۇ يىللاردا ئەتىراپنى قۇم بېسىپ ، كارۋان يوللىرى يىراققا سۈرۈلۈپ كەتكەچكە ، چايخانا ئىلگىركىدىن چۆللىشىپ قالغانىدى . پەقەت شۇ ئەتىراپتىكى جاڭگاللاردىن ئوتۇن ئاچىقىدىغان ئوتۇنچىلار ، يولدىن ئازغان يولۇچىلار ، قارچىغىلىرىنى بىلەكلىرىگە قوندۇرۇپ ئارلاپ پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئوۋچىلار ، قانداقتۇر بىرەر  دىۋانە ، ئاشىق ياكى كەچ قالغان جاھانكەزدىلەر بۇ يەرگە چۈشۈپ ، ئۇلاغلىرىنى دەم ئالدۇرۇپ ، قونۇپ ، چاي ئىچىپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى .
      ئوتۇنچى بوۋاي ئوسمان بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا مومىيىنى ئاشۇ قۇملۇقلارنىڭ ئىچىگە -ئوغلىنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلدى . ھازىر ئۇنىڭغا ئوبدانلا قېرىلىق يەتكەن ، بەللىرى مۈكچەيگەنىدى . يىراق يېقىننىڭ ئىشىنى چۆل ئوغلى بېجىرەتتى . بوۋاي تاڭ سەھەردە قوپۇپ ئوچاق ئەتىراپىدا ئاۋارە بولاتتى ، چەينەكتىكى تۈنۆگۈندىن ئېشىپ قالغان چايلارنى تۆكۈپ ، شامىلارنى تازلايتى . قارداپ كەتكەن يوغان مىس چۆگۈننى ئوتقا قوياتتى . ئۇ شەھەرنىڭ چايچىلىرىدەك چاينى ھەرگىزمۇ ئالدىن دەملەپ قويمايتى . پەقەت يىراقتىن يولۇچىلارنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپ ، ئۇلاغلىرىنىڭ بېشىنى بۇ تەرەپكە بۇرىغاندىلا چەينەكلىرىگە يېڭى چاي سېلىپ ، قايناق سۇ بىلەن لىقلاپ ، ئوتقا يېقىنلاشتۇراتتى . ئۇنىڭ ساندۇقلىرىدا بولسا ئەڭ پۇراقلىق چايلار ساقلىناتتى . ئۇنىڭ دەملىگەن چېيى ئىلگىركىدەكلا لەززەتلىك بولۇپ ، ئىچكەن ئادەمنى تەرلىتىپ ، يۈزلىرىگە قان يۈگۈرتۈپ ھاردۇقىنى چىقىراتتى .
       چۆل ئوغلى يېتىلىپ ئوبدانلا بوي تارتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ يۇمران ، ئاپئاق تېرىلىرى چۆل ئاپتىپىدا كۆيۈپ مىس رەڭگە كىرگەنىدى . ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ، بۇلاقتىن سۇ ئەكىلىپ كۈپلەرنى تولدۇراتتى . ئاندىن ئارغامچا ، پالتىلىرىنى ئېشەككە ئارتىپ ، ئوتۇن ئەكىلىش ئۈچۈن چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭاتتى . چايخانىنىڭ ئارقىسىدا ئۇ توشۇپ كەلگەن ئوتۇنلار دۆۋىلىنىپ تۇراتتى . بوۋاي بۇ ئوتۇنلارنى چاي قاينىتىشقا ئىشلىتىپ ، ئاشقىنىنى ئوتۇنچىلارغا ئەرزان باھادىلا بېرىۋېتەتتى . ئاتا بالىنىڭ تىرىكچىلىكى ئەنە شۇنداق داۋام قىلاتتى .
       ئوتۇنغا ماڭغان چۆل ئوغلى يول بويى ناخشا ئېيتاتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىراپتىكى ھەممە نېمە تونۇش ۋە يېقىملىق ئىدى . ياشلىق ئۇنىڭ قەلبىدە يېڭى ئىستەك ، يېڭى تۇيغۇ ، يېڭى تەلپۈنۈشلەرنى ئۆستۈرەتتى . ئادەمسىز بۇ چۆلدە تەبىئەتنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدا يېتىلدۈرىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلىرىنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۇ تېخى چۈشىنىپ يېتەلمەيتى . چۆل ئوغلى ئۆ يولىدا ئۇچىراشقان ھەر بىر تۈپ گىياھ ، جان جانىۋارلار غايىبانە پاراڭلىشىپ ئۆتەتتى . چۆل ئۇنىڭ ئانىسى ، ۋەتىنى ، كۆڭۈل خۇشى ئىدى .
       چۆلنىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت چۆل پەرزەنتىلا بىلىدۇ . ياراتقان ئىگەم ئالەمنىڭ ھەممە يېرىگە ئۆزىگە خاش كۆركەملىك بەخش ئەتكەن ، بۇ تونۇردەك كۆيۈپ تۇرغان قۇملۇقلاردىمۇ يەنە قىزىق قۇم تەكتىگە قەيسەرلىك بىلەن يىلتىز تارتىپ باراقسان بولۇپ تۇرغان ياپيېشىل توغراقلار ئۇچىراپ تۇرىدۇ . خۇرجۇننى مۆرىسىگە ئارتىپ يىراقلاردىن كېلىۋاتقان يولۇچى توغراقلىقتا سايىداپ ئولتۇرغاندا ، قەيەردىندۇر سالقىن چۆل شامىلى پەيدا بولۇپ ئۇنى يەلپۈپ ئۆتىدۇ -دە ، يولۇچى جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدۇ ...، بۇ يەردە يەنە قىپقىزىل گۈللەپ تۇرغان يۇلغۇنلار ، تىكەنلىك ياۋا ئوتلار ، چېچەكلەپ تۇرغان دالا گۈللىرى ، پۆپۈكلىرىنى يىنىڭ ئىرغاڭلىتىپ تۇرغان قومۇشلار ئۇچىرايدۇ . چۆل ئوتلىرىنىڭ ئۆمىرى بەكمۇ قىسقا ، ئۇلار ئانچە مۇنچە تامشىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان چۆل يامغۇرىدىن سۇ ئىچىپ بىخلىنىپ ، قاقاس چۆلگە بىر مەزگىل بولسىمۇ يېشىللىق بەخىش ئېتىدۇ -دە، ئاندىن ئالدىراشلىق بىلەن چېچەكلەپ ، ئۇرۇق تۇتۇپ ، ئۆز ئۇرۇقلىرىنى يەنە قۇملار ئارىسىغا چېچىۋېتىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ . بۇ ئۇرۇقلارنى چۆل شاماللىرى بەزىدا يىراقلارغا ئەكىتىدۇ . كۆزگە كۆرۈنمەس ئۇرۇقلار چۈشكەن يېرىدە خۇددى ئاشىقنىڭ يۈرىكىدىكى مۇھاببەت ئوتىدەك ، قىزنىڭ قەلبىدىكى مەخپى سىردەك ، بىخلىنىدىغان يەنە بىر پۇرسەتنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈپ ياتىدۇ ...، چۆل ئادەملىرىنىڭ مىجەزىمۇ سۇسىز جەزىرىلەردە كۆكلەپ تۇرغان ئاشۇ تىكەنلىك ئوتلارنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . راھەتلىك باغلار ، شەھەرنىڭ سالقىن سارايلىرىدا يىللاپ ئاپتاپ كۆرمىگەن لەشتەك ئاق چىرايلارنى بۇ يەردە ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ . چۆل ئادەملىرىنىڭ چىرايى قۇياشتا چاقناپ مىستەك پارقىراپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنىڭ رەڭگىمۇ ئۆڭۈپ ئاشۇ قۇملارنىڭ رەڭگىگە ئوخشاپ قالغان : قۇياشنىڭ ئوتتەك قىززىق تەپتى ، ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدىغان چۆل شاماللىرى جاھىللىق ، قوپاللىق ، مەردانىلىك ، ساددىلىقتەك خىسلەتلەرنى ئۇلارنىڭ قان قېنىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن ...شۇنداق ، بۇ يەردە تەبىئەت  ھېچبىر ھاياتلىقنى پەپىلىمەيدۇ ؛ھەممە نېمە ئۆزىنىڭ قايتماس ، ئېگىلمەس روھىغا تايىنىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ !...
       چۆل ئوغلى بەزىدە خىيالغا چۈشۈپ ئولتۇرۇپ قالاتتى . ئۇنىڭ ئىسىگە ياۋا مېۋىلەر بىلەن جاڭگاللىشىپ كەتكەن بىر تاشلاندۇق باغ ، كارۋاتتا ياتقان بوۋاي ، ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئاكىلىرى كەلگەندەك بولاتتىيۇ ، يەنە بۇ ئەسلىمە چۈشتەك خىرەلىشىپ كېتەتتى .
      _ ئوغلۇم ، ئەمدى ساڭا مۇلايىم بىر قىز لازىم ئىدى ،_ دەيتى ئوسمان بوۋاي قۇرامىغا يېتىپ قالغان چۆل ئوغلىغا زوقلىنىپ قاراپ ،_ مەن سېنىڭدىن كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ ئوتۇنچىلىق قىلغان ، شۇڭا مېنى بىلگەنلەر ھازىرغىچە ئوتۇنچى ئوسمان دېيىشىدۇ . كېيىن ، ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى ئۆز قىزىنى ماڭ نىكاھلاپ قويدى ۋە مۇشۇ بۇلاقنىڭ يېنىغا ، ئۈچ تۈپ توغراقنىڭ ئاستىغا بىر چايخانا ئېچىشنى مەسلەھەت بەردى . شۇنداق قىلىپ بۇ يەرگە چايخانا ئاچتىم ، ئايالىم جاپايىمنى ئەللىك يىلدىن ئوشۇق تارتتى . ئاخىرىدا ئۆز قولۇمدا جان ئۈزدى . ئوغلۇم بىلەن مومىيىمنى مۇشۇ ئەتىراپتىكى توغراقلىققا كۆمدۈم ، شۇڭلاشقا ، مۇشۇ چۆللۈكتىن ، كونا چايخانىدىن نېرى كەتكۈم كەلمەيدۇ . ئاللاھنىڭ رەھمىتى چەكسىز ، قارا ، ئاخىرىدا خۇدايىم ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە ھەمراھ قىلىدى . ئاللا - ئاجىزلار ئۈچۈن پاسىبان ، كەچ قالغانلار ئۈچۈن پاناھ ! ھەر نامىزىمدا ئاللاغا شۈكرى ئېيتىمەن . بىراق ، بۇ ئەتىراپتا بىز ئىشىك قېقىپ كىرگۈدەك قىزلىق ئۆيلەر يوق . باشقا يۇرتنىڭ قىزلىرى بۇ چۆلنىڭ جاپاسىغا چىدىمايدۇ . خۇدا بىر يەردىن بەختىڭنى ئېيتار !....
       بوۋاينىڭ مۇنداق سۆزلىرىنى چۆل ئوغلى قىزارغان ھالدا ، شېرىن تۇيغۇغا چۆمۈپ ئاڭلايتى .
      چۆل ئوغلىنى ھەممىدىنمۇ چايخانىدا قونۇپ قالىدىغان يولۇچىلارنىڭ گەپ سۆزلىرى ناھايىتى قىززىقتۇراتتى . يىراقتىن كەلگەن ياكى يىراقلارغا سەپەر قىلىپ كېتىۋاتقان بۇ ئاجايىپ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسىرى دۇنيا ئۇنىڭغا تولىمۇ چەكسىز ۋە سىرلىق بىلىنەتتى . بۇ يەردە قونغان ئوتۇنچىلار جان باقماقنىڭ كۈندىن كۈنگە تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، شەھەردە ئوتۇننىڭ باھاسى چۈشۈپ ، سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنىڭ قىممەتلەپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈستىدە دەرد تۆكۈشەتتى . بەزىدە بۇ يەردە ساپايى ، خۇرجۇنلىرىنى كۆتۈرگەن دىۋانىلەر ، ئاشىقلار ، داپ ۋە خەنجەرلەرنى تاغارغا سېلىپ يۈدىۋالغان باخشى ، رەمباللار كېلىپ تۈنەپ قالاتتى . ئۇلار قەيەردىندۇر بىر يەردە ئىككى باشلىق بىر ئەجدىھانىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە پۈتۈن بىر شەھەرنىڭ ئادەملىرىنى تىرىكلا يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ، كىمدۇر بىرىنىڭ جاڭگالدىكى يوغان بىر قارا تاشنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكەپ قويۇش بىلەن قارا بولران پەيدا بولۇپ ، شۇ ئەتىراپتىكى خەلىقنىڭ ئۆي -ماكان ، تەرگەن زىرائەتلىرىنى ئاسمانغا ئۇچۇرتۇپ كەتكەنلىكى ، ۋە ھاكازىلار توغرىسىدا سۆزلىشەتتى .
    چۆل يوللىرىدا پات پات پەيدا بولۇپ قالدىغان تەۋەككۈلچىلەر ، جاھانكەزدىنىڭ گەپلىرى تولىمۇ قىززىقارلىق ئىدى . ئۇلار مۇشۇ پايانسىز قۇملۇقلارنىڭ قەيەردىدۇر بىر يېرىدە -قۇم دۆۋىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمىي شەھەرلەر ، تۈگىمەس بايلىق بىلەن تولغان خەزىنىلەر ھەققىدە قىزىشىپ سۆزلىشەتتى .
    ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەنە شۇنداق سىرلىق خەزىنىلەرنى ئىزدەپ چۆلگە ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتكىنىچە قايتىپ چىقالمايتى -دە، دېرەكسىز غايىپ بولۇشاتتى . يەنە بۇ كونا چايخانىدا بەزىدە كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرىدىغان ئۈنچىقماس كىشىلەر قونۇپ ئۆتەتتى ، ئۇلار قايسى بىر يۇرتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى باش كۆتۈرگەن ئېسيانكارلىرى ، بەگلەرگە بوي بەرمەي قېچىپ يۈرگەن تېنىمسىز پالۋانلار ئىدى . كۆپىنچە ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە پەيدا بولۇشاتتى -دە، ئەتىسى تاڭ يورۇماستنلا ئاتلىرىنى ئىگەرلەپ ئۇزاپ كېتىشەتتى . چايخانا ئالدىدىكى ئۈچ تۈپ توغراق ئۆتكەن كەچكەنلەر ئۈچۈن بەلگە ئىدى . چايخانىدا يەنە يېڭى مېھمانلار كېلىپ چاي ئىچىشەتتى ۋە يېڭى يېڭى ۋەقەلەر ھەققىدە ھېكايىلەر باشلىناتتى . مۇنداق ھېكايىلەر ئەسلىدە راست بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەردىن باشلانغان بولسىمۇ ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش بىلەن ئۇنىڭغاسۆزلىگۈچىلەرنىڭ مۇبالىغىلەشكەن خىياللىرى ئارلىشىپ ، ئاخىرىدا بەكمۇ قىززىقارلىق ئەپسانىلەرگە ئايلىنىپ كېتەتتى .

    ئۈچ تۈپ توغراق

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us