• قۇم باسقان شەھەر(12)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139683.html

     

    «بىغەملەر شەھىرى»ھەققىدە
    يېڭى رىۋايەتلەر


      ھەممىدىنمۇ چۆل ئوغلىنى «بىغەملەر شەھىرى»توغرىسىدىكى پاراڭلار بەك قىززىقتۇراتتى . كىشىلەر مۇشۇ چۆلنىڭ قايسىبىر يېرىدە ئىلگىرى «بىغەملەر شەھىرى»دەپ نام ئالغان ئاۋات بىر شەھەرنىڭ بولغانلىقىنى ھېكايە قىلىشاتتى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا : ئۇ شەھەرنىڭ سېپىللىرىمۇ ، ھەتتا ھويلا -ئاراملىرىنىڭ تاملىرىمۇ بولمىغانىكەن . ئۇ يەرنىڭ كىشىلىرى قۇۋلۇق -شۇملۇقنى ، ئوغۇرلۇق قىلىشنى بىلمەيدىكەن . خان -پادىشاھ ، لەشكەر دىگەنلەرنىمۇ تونىمايدىكەن .
    يەيدىغان -ئىچىدىغاننىڭ باياشاتلىقىدىن ئۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئويناپ كۈلۈپ ناھايىتىمۇ بىغەم ياشىغانىكەن . كېيىن بۇ شەھەرنى ياۋلار بېسىپ كىرىپ ۋەيران قىلىپتۇ . ئۇ شەھەردىكى مال - دۇنيانىڭ كۆپلۈكىنى ئاڭلاپ مىڭلاپ دىۋانىلەر، ئاچ يالاڭاچ قالغان ئادەملەر ئېقىپ كىرىپ بۇلاڭ تالاڭ قىلغىلى تۇرۇپتۇ . ئاخىردا شەھەر چۆللىشىپ ، ئېتىز ئېرىقلارنى قۇم بېسىپ ، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى جىن ئالۋاستى ، ئېزىتقۇلارغا ئايلىنىپ كېتىپتۇمىش ...
      « بىغەملەر شەھىرى» ھەققىدە گەپ بولۇنسىلا يولۇچىلار ئىختىيارسىز قىززق پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشەتتى .
      «شۇ <بىغەملەر شەھىرى>گە يېقىن بىر جايدا كېتىۋاتسام ،_ دەپ ھېكايە قىلاتتى يولۇچىلارنىڭ بىرى ،_ كۆزۈمگە چىراغلىرى يېنىپ تۇرغان بىر شەھەر كۆرۈندى . يائاللا ، ھېلىقى <بىغەملەر شەھىرى>دىگىنى شۇ بولمىسۇن ، دەپ شەھەرنى يانداپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم . قارىسام ، چەتتە بىر يەردىن پەنجىرىلىرىدىن چىراغ يورۇقى چۈشۈپ تۇرغان ئۆي كۆرۈندى . ئۇلاغلىرىمنىڭ بېشىنى شۇ تەرەپكە بۇرۇدۇم . ئۆينىڭ ئەتىراپى بۈككىدە دەرەخلىك ئىكەن . مۇشۇ يەردە دەم ئېلىپ كېتەي دەپ ئۇلاغلىرىمنى ئوتقا قويۇۋېتىپ تۇراتتىم ، ئۆي ئىچىدىن ئاياللارنىڭ گۇدۇڭلاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى ، پۈتۇمنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ بېرىپ پەنجىرىدىن قارىسام ، ئۆينىڭ ئىچى شۇنچە چىرايلىق بېزىلىپتۇ ، تاملاردا گىلەم ، ئۈچ خوتۇن قېلىن يېكەنداز كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ .
      _ بۇ سودىگەر دىگەن خەققە پۇل بولسىلا بولدى ،_ دەپ گېپىنى داۋام قىلدى بىر خوتۇن ، _ مانا، مېنىڭ ئېرىم سودا بىلەن چىقىپ كەتكىلى بىر ئايدىن ئاشتى .
    ھەر كۈنى يولىغا قارايمەن ، شۇمۇ كۈن بوپتۇمۇ؟!..
      _ سېنىڭكىگە ئاي بوپتۇ ، _ دېدى ئىككىنجىسى ،_ مېنىڭكى ئۆيدىن يوقالغىنىغا يىل بولاي دەپ قالدى . تايىنلىق ئۇ خەق خىيالىغا كەلگەن بىر يەردە ، ئۇچىرىغان بىر پاسكىنا بىلەن قۇچاقلىشىپ ياتقاندۇر ، بىز بولساق بۇ يەردە ئۇ خەقنىڭ يولىغا تەشنا ...
      بۇ گەپلەرنى مەن پەنجىرە يېنىدا ئاڭلاپ تۇرىمەن .
      _ ئوھوش ، يوق ئەرلىرىڭلارنىڭ ئارزۇسىنى قىلىپ ئاغىزىڭلارنى تاتلىق ئەتمەڭلار !... شۇ تاپتا خۇدايىم ئالدىمىزغا غايىپتىن بىرەر ئەر كىشىنى ئەۋەتسىمىغۇ !_ دېدى ئۈچىنچىسى .
      _ قارغۇ ، جىرتاق بولسىمۇ مەيلىتى ، _ دەپ قوشۇلدى بىرى.
      _ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بىر مېھمان كېلىپ قالسا ئاۋال كىمنىڭ ئۆيىدە قونىدۇ ؟_ دەپ سوراپ قالدى يەنە بىرى .
      _ ئەلۋەتتە مېنىڭكىدە ياتىدۇ ، ئۆتكەندە بىرى كېلىپ سېنىڭكىگە چۈشمىگەنمىتى !؟_ دېدى ئىككىنجىسى .
      _ ئەمدى نۆۋەت مېنىڭ بولىدۇ ، سەنلەردە ئىنساپ دىگەن بارمۇ !؟ _ دەپ چاچىراپ قوپتى ئۈچىنچىسى .
      شۇنىڭ بىلەن بىر چىرايلىق پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان خوتۇنلار بىر بىرى بىلەن چاچلىشىپ كەتتى .
      _ ھاي بولدى قىلىڭلار !_ دەپ ئىشىكتىن ئېتىلىپ كىرىپ ، ئۇلارنى ئاجىرتىپ قويدۇم . خوتۇنلار مېنىڭ بېشىمدىن ئايىغىمغىچە قارىشىپ ھەيران بولدى .
      _ ئۆزۈڭ كىم بولىسەن ؟ بۇ يەرگە نەدىن كېلىپ قالدىڭ ؟_ دەپ سوراشتى .
      _ مەن يولۇچىمەن ، بىرەر قونالغۇ ئىزدەپ بۇ تەرەپكە بۇرۇلغانتىم ، ۋاراڭ چۇرۇڭنى ئاڭلاپ نىمە گەپكىن دەپ كىرىشىم ،_دېدىم .
      _ ئوبدان بوپتۇ ، بىزمۇ يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ ئولتۇراتتۇق . قېنى يۇقۇرغا ئۆت ، بىللە كۆڭۈل ئېچىشىپ بۇ زېرىكىشلىك تۈننى تاڭغا ئۇلايلى . ئاندىن سەنمۇ ئۆز يولۇڭغا راۋان بول ،_ دېدى خوتۇنلار .
      ئۇلار مېنى تۆردىكى يىكەنداز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ، بېلىمگە پەي ياستۇقلارنى قويدى . ئالدىمغا داستىخان سېلىپ ، نازۇ نېمەت دېگىنىڭنى تىزىۋەتتى .
    بىردەمدىن كېيىن شاراپ ئىچتۇق ، شاراپ كەيىپ قىلغانسىرى كۆزۈمگە بۇ خوتۇنلار بىر بىرىدىن گۈزەل كۆرۈنگىلى تۇردى .
      _ مەن بىر يولۇچىمەن ، بۇ كېچە سىلەر بىلەن داستىخاندا بىللە بولۇشنى تەقدىر نىسىپ قىپتۇ . بۇ چۆللەردە يۈرۈپ ئايال زاتىنى كۆرمىگىنىمگىمۇ ئۇزۇن بولغانىكەن . ئەيىپ كۆرمىسەڭلار ، ئاراڭلاردىكى بىرەرىڭلار بىلەن خالىيدا بىللە بولسام ، سودىگەر خەق دىگەن نەدە كۈن كەچ كىرسە ئۆيى سۇ . تەلىپىمنى يەردە قويمىساڭلار !_ دەپ ئۆتۈندۈم . خوتۇنلار كۈلۈشتى . ئارىدىن بىرى :
      _ بۇ ئۈچىمىز بىر بىرىمىزگە كۈندەش ، قېنى ئۆزۈڭ ئېيىت كىمنى كۆڭلۈڭ تارتىدۇ ؟_ دېدى .
      قارىسام بۇ خوتۇنلار بىر بىردىن چىرايلىق . بىرىنىڭ بەدىنى قاشتېشىدەك سۈزۈك ، يەنە بىرى قاراقۇمچاق ، مېھرى ئىسسق ، ھەممىدىن ياش بىرىنىڭ بولسا نېپىز شايى كۆڭلەكتە چىرايلىق يوتىلىرى ، كېلىشكەن بەدەنلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپلا تۇرۇپتۇ . قايسسىنى تاللىشىمنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالدىم .
      _ بولمىسا بىز چېلىشايلى ،_ دېدى يەنە بىرى ، _ سەن كىمنى يىقىتۋالساڭ شۇ سېنىڭ بولسۇن !
      _ ئەگەر ئۈچۈڭلارنى يىقىتىۋالسامچۇ ؟_ دېدىم .
      _ ھە ، ئۈچىلىمىزنى يىقىتىۋالساڭ ، بۈگۈن كېچە نۆۋەت بىلەن خىزمىتىڭدە بولايلى ، _دېدى .
      چېلىششقا چۈشتۇق ، دەسلەپتە ھېلىقى شايى كۆڭلەك بىلەن تۇتۇشتۇم . جانىۋارنىڭ بەدەنلىرى شۇنداق يۇمشاق ، بىلىمگە چىرماشقان قوللىرى ئۈزۈم تېلىدەك ئەۋرىشىم . خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئايىغى چۆيۈن ئېسىۋالغاندەك ئېغىر . يەردىن زادىلا يۇلۇۋالالمىدىم . بىر چاغدا ئۇ مېنى يانپىشىغا ئېلىپ يەرگە ئاتتى . ئىككىنجىسگىمۇ تەڭ كېلەلمىدىم . ئۈچۈنچىسى تۇتۇشا -تۇتۇشمايلا بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىۋەتتى . خوتۇنلار قاقاقلاپ كۈلۈشىدۇ . يىقىلغان يېرىمدىن ئۆملەپ قوپۇپ :
      _ كېلىڭلار ، بولمىدى ، باشقىدىن !_ دەيمەن . يەنە تۇتۇشىمەن . يەنە يىقىلىمەن . ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم .
      شۇنداق قىلىپ ھېلىقى خوتۇنلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشىپ ھالىمدىن كېتىپتىمەن . بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ، تاڭ يورۇپ كېتىپتۇ . ھېلىقى يەردە نە شەھەر ، نە ئۆي بولسۇن ؟ ئەتىراپ چەكسىز قۇملۇق . ئاخشام قورسۇقۇمغا بىر نەرسە يېگەندەكمۇ ئەمەسمەن . ئۇلارغلارنىڭ قورساقلىرىمۇ ئېچىپ بېقىنلىرىغا چاپلىشىپ كېتىپتۇ . قورققىنىمدىن چاچىراپ ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، ئۇلارغلارنى ھەيدەپ قاچتىم .»
      « مەن سىلەرگە كىچىككىنە بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي ،_ دەپ گەپ باشلايتى ئىككىنجى بىر مېھمان ،_ سەن ئۈچ خوتۇننى ئۇچىراتقان شۇ ئەتىراپ راستىنلا تەكشى ئەمەس ئوخشايدۇ . بىر كۈنى كەچكە يېقىن ، ماڭمۇ نەق شۇ يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىپ قالدى . سەل ئەيمىنىپ كېتىپ باراتتىم ، بىرنىڭ < ھەي تاش!> دەپ ۋارقىرىغىنى ئاڭلانغاندەك قىلدى . مېنى بىرى چاقىرىۋاتامدۇ ، نېمە ؟ دەپ ھەيران بولۇپ ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتىمەن . < تاش ، تاش!> دېگەن ئاۋاز قايتا ، قايتا ئاڭلاندى . ماڭە ماڭە بىر ئەسكى تۈگمەننىڭ ئالدىدىن چىقىپ قالدىم . قارىسام ، تۈگمەننىڭ ئالدىدا بىر سەتەڭ چوكان ئولتۇرۇپتۇ . ئۆمرۈمدە مۇنداق كېلىشكەن خوتۇننى كۆرمىگەن ئىكەنمەن .
      _ مېنى سىلى چاقىردىلىمۇ ؟_ دەپ سورىدىم
      _ ھە ، مەن چاقىرغان ،_ دەپ تاتلىق كۈلدى .
      _ نېمە گەپتى ؟ _ دېسەم .  
      _ ماۋۇ تۈگمەنگە ئۈگۈت ئەكېلىۋىدىم ، تۈگمەندە ئادەم يوق ئىكەن . قاراڭغۇ چۈشكەنسىرى قورقىۋاتىمەن ، ماڭا بىر كېچە ھەمراھ بولغان بولسلا ،_ دېدى .
      _ ھەمراھ بولسام بولاي !_ دېدىم .
      ھېلىقى چوكان مېنى تۈگمەنگە باشلاپ كىردى . ئاندىن قاش كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ، ئەتىراپىمدا پىرقىراپ قاقاقلاپ كۈلگىلى تۇردى ، نېمە بولغىنىمنى ئۇقمايمەن . ئۇنىڭ چىرايىغا مەپتۇن بولۇپ ، كېچىچە تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ چىقىپتىمەن . ھېرىپ زادىلا ھالىم قالمىدى . بىر چاغدا ھېلىقى چوكانغا :
      _ خېنىم ، تاڭمۇ ئاتاي دەپ قالدى ، بىردەم ياتمايلىمۇ ؟_ دېدىم . چوكان :
      _ بوپتۇ ، ياتساق ياتايلى ،_ دېدى .
      شۇنداق كۆڭۈللۈك قۇچاقلىشىپ ياتتۇق . سەھەردە ئويغىنىپ قارىسام ، بىر بەتبەشرە قېرىنى قۇچاقلاپ يېتىپتىمەن . چاچىراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە بىر قارىسام ، يېنىمدا ياتقىنى بىر ساھىبجامال ئايال ئىكەن . ئۇ ھېچنىمىنى تۇيماي يېنىك نەپەس ئېلىپ ئۇخلاپ يېتىپتۇ .
    ئېڭىشىپ قارىسام كۆزۈمگە يەنە شۇنداق بىر ئالۋاستى خوتۇن كۆرۈندى . <يائاللا ، بۇ نېمە كارامەت ، كۆزۈم تورلىشىپ بىر قانداق بولۇپ قالدىمۇ نېمە ؟> دەپ كۆزۈمنى ئۇۋىلىدىم . ھېلىقى چوكاننىڭ ئۇياق بۇ يېقىغا ئۆتۈپ تازا زەن سالدىم . بايا بۇ چوكاننىڭ ئىككى يۈزى بار ئىكەن . بىر تەرەپتىن قارىساڭ تۇلۇن ئاينىڭ ئۆزى ، يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ قارىساڭ  بەتبەشرىلىكىدىن كىشىنىڭ كۆڭلى ئېلىشىدۇ . شۇ قاچقىنىمچە چوڭ يولغا چىقىپ توختىماي يۈگۈرۈپتىمەن ...،ھېلىقى چۆچەكلەردىكى ئىككى يۈزلۈك ئالۋاستى دېگىنى شۇ  ئوخشايدۇ .»
      « بىر كۈنى شۇ چۆلدە ئېشەكلىك كېتىپ بېرىپ مۈگىدەپ قاپتىمەن ، _ دەپ ھېكايىسىنى باشلايتى يەنە بىرەيلەن ، _ بىر چاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ، ئالدىمدا بىر ئادەم كېتىپ بېرىپتۇ . ياندىشىپ بېرىپ قارىسام ، بىر كۆزى ئالغاي ، يۈزى چوقۇر ، تازىمۇ كۆرۈمسىز بىر نېمە ئىكەن . تېنىم شۈركۈنگەندەك بولدى . ئېشىكىمنى دېۋىتىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتسام :
      _ ھوي ، ئاداشوي ، ئېشىكىڭ سۆڭەك غاجىلامدۇ ؟_ دەيدۇ ، نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ئالىجوقا دەپ:
      _ مېنىڭ ئېشىكىم سۆڭەك غاجىلايدىغان ئىتمىدى ؟ ئۆزەڭ نىمە ئادەمسەن ؟نىمانداق كېلىش -پەخىش گەپ قىلىسەن ؟_ دەپ قايناپ كېتىپتىمەن . ھېلىقى چوقۇر گەپلىرىمنى قاپتىلىغىمۇ ئېلىپ قويماي :
      _ ئەمىسە ئۆزۈڭ تاش يەمسەن ؟_ دەيدۇ .
      بىر ساراڭغا ئۇچىرىغان ئوخشايمەن ،دەپ گەپمۇ قىلماي مېڭىۋەردىم . قارىسام ، ئېشىكىم ھەر قانچە قامچىلىسامما قەدىمى ئاستىلاپ ، چىلىق -چىلىق تەرگە چۆمۈپ كېتىۋاتىدۇ . نىمە ئالامەتتۇر بۇ ؟ دەپ ئارقامغا قارىسام ، ھېلىقى چوقۇر يول ئۈستىدە كۆرۈنمەيدۇ . ئېشىكىمنىڭ قۇيرۇقىدا يوغان بىر تاش چىگىكلىك تۇرىدۇ . ئاچچىقىم نەدىن كەلدى ، ئېشەكتىن ئىرغىپ چۈشۈپ ، ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىكى تاشنى ئېلىپ يىراققا ئاتتىم . تاش يەرگە پاققىدە چۈشۈشى بىلەن ، ئېشەك مېنىمۇ تاشلاپ تىكراڭشىپ چېپىپ كەتتى . شۇنداق قارىسام ، ئېشەكنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى چوقۇر بىر ئوبدان مىنىۋاپتۇ ، ئارقىسىغا قاراپ -قاراپ قويۇپ ، سەت ھىجىيىپ كېتىپ بارىدۇ .
      _ توختا ھەي نائىنساپ ! قانداق نېمىسەن ؟ بىراۋنىڭ ئېشىكىنى نەگە ئېلىپ بارماقچىدىڭ ؟_ دەپ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ ، يېتىشىپ بېرىپ چاپىنىنىڭ ئارقا پېشىدىن تۇتۇپ بىر تارتىپتىكەنمەن ، گۈپپىدە قىلىپ ئوڭدىسىغا ئالدىمغىلا چۈشتى . ئېشەكمۇ جايىدا توختاپ قالدى . قارىسام ھېلىقى چوقۇر خارتىلداپ توپىدا ياتىدۇ . بىردەمدىلا ، ئاسماندىن چۈشكەندەك يېنىمدا بىر ئازازۇل خوتۇن پەيدا بولدى ، كەلگۈچە ياقامغا ئېسىلىپ :
      _ ۋاي خۇدايىم جاجاڭنى بېرەر ، ئوغرى !سەن مېنىڭ دوستۇمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپسەنغۇ ؟!...ۋاي ۋاپادار دوستۇم ، ۋاي چىرايلىق دوستۇم ، ساڭا كۆز تەگدىغۇ ، دوستۇم ، ئەمدى مەن بۇ يالغۇزچىلىقنىڭ دەردىنى قانداق تارتارمەن ، دوستۇم !_ دەپ يىغىنى سالدى .
      نېمە بالاغا قالغاندىمەن ، دەپ ھېلىقى خوتۇنغا بولغان ئەھۋالنى چۈشەندۈرگىلى تۇردۇم . ھېلىقى بىشەم خوتۇن :
      _ بۇ ئادەمغۇ ئۆلۈپتۇ ، ئەمدى مەن بۇ چۆل جەزىرىلەردە كىم بىلەن مۇڭدىشىپ كۈننى كەچ قىلىمەن ، ئۇزاق كېچىلەرنى قانداق قىلىپ تاڭغا ئۇلاشتۇرىمەن ؟
    ئەمدى سەن ماڭا خوتۇن بول !_ دەيدۇ .
      نېمە دەيدىغاندۇر ماۋۇ ساراڭ خوتۇن ؟_ دەپ قاراپلا قالدىم .
      _ نىمە دەۋاتىسەن ؟..سەن ماڭا خوتۇن بول دەۋاتامسەن ، ئەر بول دەۋاتامسەن ؟_ دېسەن .
      _ خوتۇن بول !_ دەيدۇ .
      قارىسام ھېلىقى مېنىڭدەك ئىككى ئەرنىڭ بەستى بار ، تازىمۇ يوغان خوتۇن ئىكەن . قورققىنىمدىن پۇت قۇلۇمدا جان قالمىدى .
      _ تۈزۈك گەپ قىلسىلا ، خېنىم ، خوتۇن كىشى خوتۇن ئالغاننى نەدە كۆرگەن ؟!_ دېدىم . ھېلىقى خوتۇن ئەيمەنمەي :
      _ ماۋۇ ئادەمگە ئون نەتچە يىل خوتۇن بولغانتىم ، ئەمدى سېنى بىر نەتچە يىل بولسىمۇ خوتۇن قىلىپ باقاي دەيمىنا !_ دېدى .
      _ يوقىلاڭ گەپنى قىلمىسلا ، قانچە پۇل دېسىلە بېرەي ، مېنى يولدىن قويمىسىلا ، ئىشىم ئالدىراش ،_ دېدىم . يانچۇقلىرىمنى ئۆرۈپ قېقىپ ، بار پۇلۇمنى ئۇنۇڭغا بەردىم .
      _ ئەمىسە ، ئېشەكنىمۇ تاشلاپ كەت !_ دېدى .
      ئېشەكنىمۇ تاشلاپلا ، قۇتۇلغىنىمغا خوشال بولۇپ يۈگۈردۈم ، بىر يەرگە بېرىپ قارىسام ھېلىقى ئەر خوتۇن ئىككىسى سەت ھىجىيىپ ئېشەكننىڭ ئۈستىگە مىنىشىۋاپتۇ . بىچارە ئېشىكىمنىڭ بېلى يەرگە تىگەي دەپ قاپتۇ ...»    
    « ئېشەكنىڭ گېپىنى قىلساڭلار بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى ،_ دەپ سۆزلەپ كەتتى يەنە بىرەيلەن ،_ بىر كۈنى ، ھېلىقى سىلەر پارىڭىنى قىلىۋاتقان چۆلنىڭ ئەتىراپىدا پىيادە كېتىۋاتاتتىم . بىر ئېشەككە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ئۆمرۈمدە مۇنداق چىرايلىق ئېشەكنى كۆرۈپ باقمىغانىكەنمەن . ھېچكىم يوق چۆلدە تېزەك پۇراپ كېتىۋېتىپتۇ . ئۆزۈممۇ پىيادە مېڭىپ ، ھېرىپ ئۆلەي دىگەنتىم ، بىرەرىنىڭ كارۋىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئېشەك ئوخشايدۇ ، ئىگىسى ئۇچىراپ قالسا بېرىۋېتەرمەن ،  بۇ چۆلدە ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلۈپ قالمىسۇن ، دەپ مىنىۋالدىم . شۇنچىلىك سىلىق مېڭىشى بار ئېشەك ئىكەن دېمەمسىلەر، خۇددى شامال ئۇچۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھوزۇرلاندىم . ئازىراق مېڭىپلا كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتكەندەك بولدى . بىر چاغدا :
      _ چۈشمەمسەن ، ئۆيگە كەلدۇق !_ دېگەن ئاۋازدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم . پوزۇر ياسالغان بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇق . ھېلى ماڭا گەپ قىلغان كىمكىن؟دەپ ئەتىراپىمغا قارىسام ، ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ .
      _سېنى دەۋاتىمەن ، چۈشمەمسەن!_ دېگەن ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى . قارىسام ، ئاستىمدىكى ئېشەك گەپ قىلىۋاتقانىكەن . قورققىنىمدىن ئېشەكنىڭ ئۈستىدىن ئۆزۈمنى يەرگە ئاتتىم . ئۆيدىن بىر چىرايلىق خوتۇن يۈگۈرۈپ چىقىپ :
      _ ۋاي ، مېھمان كېلىپ قاپتىكەنغۇ!_ دەپ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ، _ بىر يەرلىرى ئاغرىمىغاندۇر؟_ دەپ كىيىملىرىمنى قېقىپ ئۆيگە باشلىدى .
      بىر ئېشەككە ، بىر ھېلىقى خوتۇنغا قاراپ ، ئىتتىكلا ئۆيگە كىرىۋالدىم . خوتۇن ئالدىمغا تۈرلۈك تائاملارنى تىزىۋەتتى . < بايا راستىنلا ئاستىمدىكى ئېشەك گەپ قىلغانمىدۇرياكى ماڭا شۇنداق ئېشەك گەپ قىلغاندەك تۇيۇلغانمىدۇر؟...> دىگەن خىيال كاللامدىن كەتمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم . سەل ئېسىمنى يىغىپ :
      _ ئەجەپ مېھماندوست ئايال ئىكەنلا ، كىمنىڭ مەزلۇمى سىلى؟_ دەپ سورىدىم . ھېلىقى خوتۇن :
      _ ھېلىقى ئۆزلىرى مىنىپ كەلگەن ئېشەكۋاينىڭ خوتۇنى بولىمەن !_ دېمەسما ، يەۋاتقان نەرسەم گېلىمدىلا توختاپ قالدى . چاچىراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ :
      _ مەن قايتاي !  _دېدىم . ھېلىقى خوتۇن ئايىغىمغا ئۆزىنى تاشلاپ :
      _ بۇ چۆلدە ماڭا ئادەم دىدارىنى كۆرۈش يىلدا بىر -ئىككى قېتىملا نىسىپ بولىدۇ. ماڭا ئىچىلىرى ئاغرىسۇن ، قونۇپ قالسىلا!_ دەپ يىغلىغىلى تۇردى .
      تالاغا قارىسام ئېشەكۋاي ئىشىكنىڭ ئالدىدىلا تۇرۇپتۇ . ئىلاجىسىز قونۇپ قالدىم . ئۇقسام : ھېلىقى ئېشەك ئەسلىدە ناھايىتى ئۇستا باخشى ئىكەن . جىنلار بىلەن ھەپىلىشىۋېرىپ ئاخىر ئۆزى ئېشەككە ئايلىنىپ كېتىپتىكەن . ئۇنىڭ بىچارە خوتۇنى ئېشەكنىڭ دىدارىغا قاراپ ئولتۇرىۋېرىشتىن بىزار بولۇپ ، ئىنساننى تەلەپ قىلىپ يىغلىغاندا ، ئېشەكۋاي يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەردىن بىرنى باشلاپ كېلىپ ، خوتۇنىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدىكەن . شۇ كېچە ھېلىقى خوتۇن خوشاللىقىدا قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالدى . كېچىچە كۆز يۇمماي خىزمىتىمدە بولدى  . ئەتىسى ئېشەكۋاي يەنە مېنى دۈمبىسىگە ئېلىپ يولغا ئاچىقىپ قويدى . نەچچە يىللاردىن كېيىن ، يەنە ھېلىقى يەردىن ئۆتۈپ قالدىم . بىچارە خوتۇن ئېسىمگە كېلىپ ، ئېشەكۋاينىڭ ئۆيى تەرەپكە باردىم . شۇنچە ئىزدەپمۇ ھېلىقى ئۆينى تاپالمىدىم ، ھەممە يەرنى قۇم بېسىپ كېتىپتۇ ...»
       « <بىغەملەر شەھىرى> گە كېتىدىغان يول ئۈستىدىكى يوغان قارياغاچنىڭ تۈۋىدە جۇۋاز چۆرىگەن توختى قىززىقىنى بىلەمسىلەر ؟_ دېدى بىر يولۇچى بىر كۈنى ،_ ۋاھ ، رەھمەتلىك ماي دىگەننى شۇنداق سۈزۈك تارتاتتىكى ، خام ئىچسەڭمۇ بولۇۋېرەتتى . شۇڭا دېھقانلار جۇۋاز چەت يەردە بولسىمۇ ، قىچا زىغىرلىرىنى ئېرىنمەي شۇ يەرگە ئاپىرىپ تارتىپ كېلەتتى . رەھمەتلىك قىززىق گەپلەرگە ئەجەپ ئۇستا ئىدى . ماي تارتقۇزغىلى بارغانلارنى كۈلدۈرۈپ ئۈچىيىنى ئۈزۈۋېتەتتى .
      بىر كۈنى كېچىسى شۇ جۇۋازخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتىمەن . توختى قىززىق رەھمەتلىك ئۆلۈپ كېتىپ ، بۇ جۇۋازخانا قىيسىيىپ ، ۋەيران بولۇپ ، جىندىخانىغا ئوخشاپ قالغانىكەن . قۇلاق سالسام ، جۇۋازخانىدىن قىيقاس چۇقان ، كىملەرنىڭدۇر قاقاقلاپ كۈلۈشكەن ، ۋارقىرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى . ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىدىن چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . بۇ نېمە كارامەتتۇر ؟ دەپ ھەيران بولۇپ ، ئاستا بېرىپ ئىشكىنىڭ يوچۇقىدىن قارىسام ، ۋاھ ، نېمىنى كۆردۈڭ دېمەمسىلەر ؟ جۇۋازخانىنىڭ ئىچى قىپيالاڭاچ ئادەملەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ ، توختى قىزىق ئۇلارنىڭ بىر قانچىسىنى جۇۋازغا قېتىۋاپتۇ ...، داۋاتىمەنغۇ ، ھەممىسىلا ئانىدىن تۇغما ھالدا ...، ھېلىقى ماتانى كەم گەزلەپ بېرىدىغان ئىبراھىم ماتا ، ئانىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن روزى خۇمپەر ، ئوتتۇز ئىككى قېتىپ ئەرگە تېگىپ چىققان پاتەم يانغاق ، نىياز سۈتخور ، يەنە قانداقتۇر مەن تونۇيدىغان تونىمايدىغان ئەرلەر ، ئاياللار ...، بەزىلىرى جۇۋازخانىنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ ئولتۇرىشىپتۇ . كۈلۈۋاتقانلارمۇ ، يىغلاۋاتقانلىرىمۇ بار ، توۋا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەر ئەمەسمىدى ؟ دەپ ياقامنى تۇتتۇم ؛ سەپسالسام ، جۇۋازنىڭ ئاستىدىكى چىلەككە ماي ئەمەس ، قىپقىزىل قان ساقىپ چۈشۈۋېتىپتۇ . ئوتتۇردا يۈگۈرۈپ يۈرگەن بىر نەچچەيلەن :
      _ مانا بۇ پالانى باينىڭ خوتۇنى ئىززەتخان ، ئېرى يوق چاغدا ئۆيىگە مالىيىنى ئەكىرىۋېلىپ نېمە ئەسكىلىكلەرنى قىلمىغان ...
      _ ماۋۇ ئىككى ئەر خەقنىڭ ئۆز ئارا قىلىشقان بەتقىلىقلىرىچۇ ...،_ دىيىشىپ ، بىر خوتۇن ئىككى ئەرنى قىپيالاڭاچ پېتى جۇۋازغا كۆتۈرۈپ باستى .
      جۇۋازنىڭ ئوق ياغىچىنىڭ غىچىرلاپ چۆرگىلەپ ، ھېلىقىلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ قاراسلاپ سۇنغىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم ، پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى .
      _ ماۋۇ كىشىنى قانداق قىلىمىز ؟_ دېدى بىرى .
      قارىسام ، بىر نەچچىسى مەھەللىمىزنىڭ ئىلگىركى سۆلەتلىك ئىمامى رەھمەتلىك سادىق ھەزىرەتنى تۇتۇپ تۇرۇشقانىكەن .
      _ھە، ئۇنىمۇ سالايلى ؟ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆيىگە خەتمىقۇرئان قىلىپ قويىمەن دەپ بېرىپ ، تۇل قالغان خوتۇنلار بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلىشمىغان ، ھە-ھۇ!_ دېيىشىپ سادىق ھەزىرەتنى كۆتۈرمەكچى بولۇشتى ، سادىق ھەزرەت :
      _ شۇنداق ، شۇنداق !... بولدى ، ئۆزۈملا چۈشەي ،_ دەپ ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ ، يالاڭاچ پېتى جۇۋازنىڭ ئىچىگە چۈشتى .
      ئەتىراپتىكىلەر ھەدەپ چۇقان سېلىشىۋاتىدۇ ، توختى قىزىق كۈلۈپ ، خوشال ۋارقىراپ :
       _ مانا ، ئۇ دۇنياغا بېرىپ ، دوزاختا كۆيۈپ ئازاپ تارتقىنىڭلاردىن مېنىڭ جۇۋازخانامدىلا پاكلىنىپ كەتكىنىڭلار جاھان ئىش بولدى !_ دەۋاتىدۇ .
      يۈگۈرگىنىمچە مەھەللىگە كېلىپ ، كۆرگەنلىرىمنى مەھەللىنىڭ يېڭى ئىمامىغا سۆزلەپ بەردىم :
      _ تەقسىر ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن رەھمەتلىك سادىق ھەزىرەتنىمۇ شۇ يەردە كۆردۈم . بەندىچىلىكتە گۇناھتىن خالىي  بولالمايدىكەنمىز . ھېچكىم چوڭ سۆزلىمىسە بولىدىكەن . بۇ دۇنيادا قىلغان ئەتكەنلىرىمىزنىڭ سورىقى دەل توختى قىززىقنىڭ جۇۋازخانىسدىلا بولۇۋېتىپتۇ ،_ دېدىم . يېڭى ئىمام :
      _ دەن سادىق ھەزرەتكە تىل تەككۈزگۈچى بولدۇڭمۇ ؟ يوقال كۆزۈمدىن !_ دەپ قوغلاپ چىقاردى .
      _ ئىشەنمىسىلە ، ئۆزلىرى بېرىپ قاراپ باقسىلا !_ دەپ غودۇڭشىپ قايتىپ چىقتىم . يېڭى ئىمام :
      _ خەپ ، ئەتە بامدات نامىزىدا دەررىگە بېسىپ كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم !_ دەپ ۋارقىراپ قالدى .
      يا قۇدىرەت ! ئەتىسى يېڭى ئىمام ئۆزى قانداق بولدى ، دېمەمسىلەر ، سەھەردىلا يېڭى ئىمام بىر كۆزىگە لاتا باغلاپ كوچىدا پىرقىراپ يۈرىدۇ . ئۇقساق ، بۇ ئىمام مېنى تىللاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ، بۇ بەچچىغەر راست ئېيتامدۇ ، يالغان ئېيتامدۇ ؟ دەپ گۇمان بىلەن ئاستا جۇۋازخانىغا بېرىپ مارىلاپتۇ . قارىسا راست، جۇۋازخانىنىڭ ئىچى قىززىپ كەتكەن ، سادىق ھەزرەت تېخىچە جۇۋازنىڭ ئىچىدە چۆرگىلەۋاتقۇدەك . ئىمام ئۇلۇغ ئايەتلەرنى ئوقۇپ ھەدەپ سۈپكۆچلەپتۇ . ئايەت كۈچىنى كۆرسەتتى بولغاي ئېھتىمالىم ، جۇۋاز ئېغىرلىشىپ ، جۇۋاز چۆرىۋاتقانلار پۇتىنى ئالالماي قاپتۇ .
      ئەتىراپتىكى يالاڭاچلار :<نىمە گەپ بۇ !> دەپ ھەيران بولۇشۇپتۇ . توختى قىززىق :
      _ بىزنىڭ ئىشىمىزنى كۆزىتىۋاتقان يات كۆز بارمۇ ، قانداق ؟ چىقىپ قاراپ بېقىڭلارچۇ!_ دەپتۇ .
      ھېلىقى يالاڭاچلار ئىشكىنى ئېچىپلا ئىمامنى تۇتۇپتۇ . ئاللا -توۋا ! دىگىنىگە ئۇنىماي سۆرەپ كىرىپ جۇۋازغا قېتىپ ، جۇۋاز چۆرۈتۈپتۇ ، ئىمام كېچىچە جۇۋاز چۆرۈپ ، ھېچ ھالى قالماي يىقىلىپ قاپتۇ . سەھەردە ھوشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچسا ، ئەتىراپىدا ھېچكىم يوق ، توختى قىززقىنىڭ كونا جۇۋازخانىسىدا ئۆزى يالغۇز ياتقۇدەك . شۇنىڭدىن بېرى بىچارە ئىمام بىر كۆزىگە ياغلىق تېڭىۋېلىپ بىكار تۇرماي پىرقىرايدىغان بولۇپ قالدى ...»
    « <بىغەملەر شەھىرى> توغرىسىدىكى يېڭى گەپلەرنى ئاڭلامسىلەر؟_ دېدى بىر كۈنى بىر سودىگەر سۈپەت ئادەم چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ ، _ يىراق بىر يەردىن مال ئېلىپ كېلىۋاتاتتىم . <بىغەملەر شەھىرى>ئەتىراپىدىكى بىر چۆلدىن يالغۇز ئۆتۈشكە توغرا كېلىپ قالدى . كېتىۋاتىمەن ، كېتىۋاتىمەن ، بۇ ئۇزۇن چۆلنىڭ ئايىغى كۆرۈنەي دېمەيدۇ . بىر چاغدا قارىسام ، ئالدىمدا بىر ئايال يولنىڭ چېتىدە بوپا تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ ، چاچلىرى قۇڭۇر ، ئاق سېرىق كەلگەن ، ناھايىتى كېلىشىملىك چوكان ئىكەن . مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەردى . كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :
      _ چۆلدە يالغۇز مېڭىشتىن ئەيمەندىم ، ئۇلاغلىرىنىڭ بىرەرىگە مىندۈرىۋالسىلا ، سىلىگە ھەمراھ بولسام ، _ دېدى.
      چۆل دىگەندە ھەمراھ بولۇپ ماڭايلى ، دىگەن ئادەمگە <ياق>دېگىلى بولمايدۇ .
      _ بولىدۇ !_ دېدىم . يۈكى يېنىكرەك بىر ئۇلاغقا مىندۈرۈپ قويدۇم .
       ھېلىقى ئايال يول بويى شېرىن گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلۈمنى كۆتۈردى . بىر چاغدا كۈلكە بىلەن ، ئۇلاغنىڭ ئۈستىدىن ماڭا قىيا بېقىپ :
      _ باي ئاكا ، ئۆيلىرىدىن ئايرىلغانىلىرىغىمۇ ئۇزۇن جاھان بولغاندۇر ؟ مانا ، بۇ چۆلدە ئىككىمىز يالغۇز كېتىۋېتىپتىمىز ، ئاۋۇ چولاق توغراقنىڭ سايىسىدە توختاپ بىردەم كۆڭۈل ئاچساق ،_ دېدى .
      _ مەن خوتۇن ، بالا چاقىلىرىم بار ئادەم ، ئەھلى مۇسۇلمانمەن ، مېنى مۇنداق گۇناھلىق ئىشلارغا باشلىما ، يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلساڭ يولدا تاشلاپ كېتىمەن !_ دېدىم .
      قارىسام ، بۇ ئايالنىڭ تەلمۈرۈپ قاراشلىرى جاننى ئالىدۇ . كۈلكىسى شۇنچە مۇلايىم ، چىرايىمۇ ئاجايىپ يېقىشىلىق . بىر تۇرۇپ : بۇ ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان شەيتاننىڭ ئۆزىمۇ قانداق ؟...نېمىشقىمۇ ئۇنى ئۇلاغقا مىندۈرىۋالغاندىمەن ، دەپ قالدىم .
      چوكان جىمىپ كەتتى . يەنە ئازىراق ماڭغاندىن كېيىن :
      _ ئۇنداق بولسا ، مېنى ئالدىمىزدىكى <ئالدى -قويدى > بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىۋەتسىلىمىغۇ ،_ دېدى .
      _ <ئالدى قويدى >دېگىنىڭ قانداق بازار ئۇ؟_ دەپ ھەيران بولدۇم .
      _ ۋاي ، سىلى سودىگەر تۇرۇپ تېخىچە <ئالدى قويدى >بازىرىنى ئۇقمامدىلا ؟_ دەپ مەندىن بەتتەر ھەيران بولدى ھېلىقى چوكان ، _ بىزنىڭ بۇ يەردە شۇنداق بىر بازار بار ، بازار كۈنى ئۇ يەرگە ئەرگە تېگىدىغان تۇل خوتۇن ، خوتۇن ئالىدىغان بويتاق ، ئاجىرىشىدىغان ئەر ئاياللارنىڭ ھەممىسى يىغىلىدۇ . بەزىلىرى خوتۇن ئالىدۇ ، خوتۇن قويىدۇ . يەنە بەزىلىرى ئەردىن چىقىدۇ ، ئەرگە تېگىدۇ . مانا بۈگۈن شەنبە ، تازا بازار بولىدىغان كۈن ، بەزى ماللىرىنى شۇ يەردىمۇ
    پايدىسىغىمۇ سېتىپ قالارلا . ئۆتۈنۈپ قالاي ، مېنى شۇ بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋەتسىلە ! _ دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى .
      نېمە دەپ ئالجىۋاتقاندۇر ماۋۇ خوتۇن ، دەپ ھەيران بولدۇم . ئاچچىقىمدا :
      _ مەن ئاپىرىپ سېتىۋەتمىسەممۇ ، ئەرگە تەككۈڭ بولسا ، ئۆزۈڭ بېرىپ بىرىگە تېگىۋەرمەمسەن !_ دېدىم .
      _ سىلى ئۇقمايدىلا ، ئۇ يەردە ئېرى يوق سالتاڭ خوتۇنلارنى ئانچە پۇلغا ئالمايدۇ ، ئالسىمۇ ئۆيگە ئاپىرىپ خورلاپ ، ناھايىتى ئېغىر ئىشلارغا سالىدۇ . قانچە چوڭ مۆتىۋەر ، باي سودىگەرلەرنىڭ خوتۇنى بولسا شۇنچە قىممىتىگە سېتىۋالىدۇ . ماڭا بىر ياخشىلىق قىلسىلا ، ساتقان پۇل يەنە ئۆزلىرىدە نەق قالسۇن !_ دېدى ئۇ .   بىلىسىلەر ، بىز سودىگەر خەق دىگەن پايدا تېگىدىغان ئىش بولسا ھېچنىمىدىن قايتمايمىز . ئىچىمدە : بۇمۇ بولىدىغان گەپ ئىكەن . خۇددى يولدا تېپىۋالغان نەرسىنى سېتىپ ، پۇلىنى يانچۇققا سالغاندەكلا بىر ئىشقۇ بۇ ! ... بوپتۇ ، <ئالدى قويدى > دېگەن بازارنى بولسىمۇ بىر كۆرۈپ باقاي ،دېدىم . چوڭ يولدىن بۇرۇلۇپ ، ھېلىقى چوكان باشلىغان بازار تەرەپكە ماڭدۇق . ئۇزاق ماڭمايلا كەڭ بىر كۆلنىڭ بويىدىن چىقىپ قالدۇق . كۆل بويى ئەتىراپى دەرەخلىك چوڭ بازار مەيدانى ئىكەن . ئۇ يەردە مۇسۇلمانلار ، بۇددىستلار، ئاتەشپەرەسلەر دەمسىلەر ، قارا تەنلىك ، قۇڭۇر تەنلىك دەمسىلەر ئەيتاۋۇر ، ھەممە تەبىقە ، ھەر خىل رەڭدىكى ئادەملەر مىغىلدىشىپ يۈرۈپتۇ . خېنىملار ، يىگىتلەر ، ئاجىرشىدىغانلار ، توي قىلىدىغانلار شۇ يەردىلا گەپنى پىشۇرۇشۇپ پۈتۈشىدىغان گەپ ئىكەن .
    ھەممە ئادەم توپنى ئارلاپ ، يىگىتلەر خوتۇنلارنىڭ ساغرىسىغا ، خوتۇنلار يىگىتلەرنىڭ بوي تۇرقىغا قاراپ يۈرىدىكەن . بۇ ئاليېشىل قىيامەتنى كۆتۈپ كۆزلىرىم ئالاچەكمەن بولۇپ كەتتى . ئۆمرۈمدە بۇ چۆللۈكتىن قانچە قېتىم ئۆتۈپ ، بۇ بۇلۇڭ پۇچقاقتا مۇشۇنداق بىر غەلىتە بازارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن .
      ئۇلاغلارنى بىر چەتكە باغلاپ قويۇپ ، ئەمدىلا كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇرىۋىدۇق ، بىرەيلەن يېنىمغا قستاپ كېلىپ :
      _ بۇ خوتۇننى ساتماقچىمۇ ؟_ دېدى .
      _ ساتىمەن !_ دېدىم .
      _ ئۇنداق بولسا ، مانا بۇياققا !_ دەپ بازارنىڭ بىر تەرىپىگە باشلىدى . ئۇ يەردە قۇمۇش قەلەملىرىنى تۇتۇپ تۇرغان ئىككى كاتىپمۇ بار . ھېلىقى بىزنى باشلاپ بارغان ئادەم چوكاننى بىر ئېگىز سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇپ ، ۋارقىراپ خېرىدار يىغقىلى تۇردى .
      _ ھاي خالايىق ، مانا بۇ يىراقتىن كەلگەن كاتتا بىر سودىگەر، مۇسۇلماننىڭ خوتۇنى . مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ پاكىزلىقىنى ئېيتمىساممۇ بىلىسىلەر ، سودىگەر سەپەر ئۈستىدە قىينىلىپ قاپتۇ . بۇ گۈزەلنى مۇشۇ يۇرتلاردا قالدۇرۇپ كېتىشكە ئۆزى رازى ، قېنى كىم ئالىدۇ ؟يۈز تەڭگە !_ دەپ ۋارقىرىدى .
      ئەتىراپقا بىردەمدىلا ئادەم ئولاشتى . ئارىدىن بىرى :
      _ يۈز ئەللىك !_ دېدى
      _ ئىككى يۈز !_ دېدى ساقاللىق بىرى .
      ئارىدىن بىر يىگىت چىقىپ ، چوكاننىڭ ئەتىراپىنى بىر ئايلىنىپ كۆردى -دە:
      _ ئۈچ يۈز !_ دېدى .
    كۆڭلۈمدە بۇ چوكاننى شۇ يىگىتكە لايىق كۆرۈپ تۇراتتىم . ھەش -پەش دىگۈچە ئۇنىڭ باھاسى يەنە تۆت يۈز تەڭگىگە ئۆرلەپ كەتتى . ئارىدىن بىرى <بەش يۈز!> دەپ ۋارقىرىدى . شۇنداق قىلىپ ھېلىقى چوكاننىڭ باھاسى بەش يۈز تەڭگىگە پۈتتى .
      _ يۈز تەڭگە بازار ھەققى ، ئەللىك تەڭگە ئاقساقالغا قالدى ، يەنە ئەللىك تەڭگە قەغەز قەلەم ئاللىنېمىلەرنىڭ ھەققى . مانا ساڭا تېگىشلىك پۇل ...،_ دەپ قولۇمغا ئۈچ يۈز  كۈمۈشنى ساناپ بەردى ھېلىقى بىزنى باشلاپ كەلگەن ئادەم .
      قارىسام چوكاننى بەش يۈز تەڭگىگە سېتىۋالغان دىۋىدەك يوغان مەخلۇق ئىكەن . ئايال ماڭا قىيمىغاندەك قىلىپ قاراپ قاراپ قويۇۋىدى ، ئىچىم ئاغرىپ قالدى .
    <نىمىشقىمۇ يۇرتقا ئەكىتىپ ، نىكاھ ئوقۇتۇپ ئەمىرىمگە ئالمىغان بولغىيتىم >دەپ قالدىم . ئايال مەن تەرەپكە تەلپۈنۈپ :
      _ كەل ، ھېچبولمىغاندا مەن سېنى بىرنى سۆيۈپ قوياي !_ دېدى
      مەن ئۇنىڭغا مەڭزىمنى تۇتۇپ بەردىم . ساقاللىرىمغا يېپىشىپ تۇرۇپ قاتتىق بىرنى سۆيدى . خوشلاشقىنىمىز شۇ بولۇپ قالدى . نېمە ئىشكىن بىلمەيمەن ، ئۇ سۆيگەن  مانا بۇ يەر تا بۈگۈنگىچە كۆيۈپ ئاغرىپ تۇرىدۇ ...»
     
    «ئالۋاستى»


      چۆل ئوغلى بۈگۈن ئېشىكىنى ھەيدەپ چۆل ئىچىگە قاراپ ماڭدى . ئۇنىڭ ئارقىسىدا يىراقلاپ قېلىۋاتقان ئۈچ تۈپ توغراق بارغانسىرى كىچىكلەپ ، ئاخىر قۇم دۆۋىلىرى كەينىدە كۆرۈنمەي قالدى . كېچە چىققان قاتتىق بوراندىن كېيىن چۆل ئاسمىنى يەنە كۆپكۆك ئېچىلىپ كەتكەنىدى . چۆلگە ئىچكىرلەپ كىرگەنسىرى ئېگىز قۇم بارخانلىرى ، جاڭگاللىشىپ كەتكەن قەدىمىي توغراقلار كۆپ ئۇچىرايتى . چۆل ئوغلى ئېشىكى ئۈستىدە چۆل مەنزىرىلىرىگە قاراپ كېتىۋېتىپ ، چايخانىدا قونغان يولۇچىلارنىڭ چۆل يوللىرىدا ئۇچىرايدىغان جىن شاياتۇنلار ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى ئەسكە ئالاتتى . بۇ ئاجايىپ غارايىپ رىۋايەتلەر يىگىتنىڭ چۆلگە بولغان مۇھاببىتىنى تېخىمۇ ئاشۇراتتى . ۆز ئالدىدا چەكسىز تاشلىنىپ ياتقان قۇملۇقلار ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدا تېخىمۇ ھەيۋەت ، تېخىمۇ سىرلىق تۈس ئالاتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالەمنىڭ ئۆزى مۇشۇ قۇملۇق ئىدى ... بەزىدە ئۇنىڭغا ئىش بىلەن يىراقتىكى شەھەرگە بېرىپ كېلىشكە توغرا كېلىپ قالغاندا ئادەملەر بىلەن تولغان شاۋقۇنلۇق شەھەر ئۇنى ھەيرەتتە قالدۇراتتى . ئادەملەرنىڭ رەڭدار جۇلالىنىپ ياتقان چەكسىز تەبىئەت قوينىنى ، ئوچۇقچىلىقنى ، كەڭرى جاھاننى تاشلاپ ، سېپىللار بىلەن قورشالغان قىستاڭچىلىققا بېكىنىۋېلىشقىنىنى چۈشەنمەيتى . شۇنداق بولسىمۇ ، شەھەر كوچىلىرىدا چۈۋۇلدىشىپ ، بىر بىرىگە سوقۇلۇپ ئالدىراش كېتىۋاتقان ئادەملەر ،جۇۋانلارنىڭ ئۆيلەرنىڭ ئوچۇق قالغان پەنجىرىلىرىدىن غىل پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان تەبەسسۇملۇق چىرايلىرى ، باغلارنىڭ تېمى يېنىدىكى جىگدىلەردىن يىلىم يىغىۋاتقان ئۇششاق ئۆرۈمە چاچلىق قىزلار ئۇزاققىچە چۆل ئوغلىنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالاتتى .
      « شەھەر دىگەن يەنە باشقىچە بىر دۇنيا بولسا كېرەك ،_ دەپ ئويلايتى چۆل ئوغلى ، _ ئادەملەر گېپىنى قىلدىغان <بىغەملەر شەھىرى > قانداق شەھەر بولغىيتى ؟ نە سېپىلى ، نە پادىشاھى بولمىغان بۇ ئاجايىپ شەھەرنىڭ ئورنى قەيەردىدۇر ؟ ئۇنى ۋايران قىلغان كىملەردۇر؟ .. . نىمىشقا ئادەملەر جىن شەيتانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ ، شەيتانلار يەنە ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالالايدۇ ؟...قۇم زادى نېمە؟ ئاشۇ ئەرزىمەس كىچىككىنە قۇم دانچىلىرى قانداق قىلىپ ھەيۋەت شەھەرلەرنى يۈتۈپ كېتەلەيدىغاندۇ؟....»
      چۆل ئوغلى ئېشەكنى توغراقلىق ئارىسىدىكى بىر ئوچۇقچىلىقتا توختاتتى . ئەتىراپتا بىر بىرىگە گىرەلىشىپ ئۆسكەن توغراقلار ، قۇرۇپ يىقىلغان توغراق شاخلىرى تولۇپ ياتاتتى . بۇ ئادەتتىكى ئوتۇنچىلارنىڭ قەدىمى ئاز تىگىدىغان بىر جاڭگال ئىدى . چۆل ئوغلى توۋۇرغىسىنى ئېلىپ ئېشەكنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى . <شۇنداق بولغاندا ئېشەكنى باغلاشنىڭ زۆرۆرىيىتى بولمايتى . ئېشەك خالتىسىدىكى يېمىنى يەپ بىر جايىدا تۇرىۋېرەتتى >. چۆل ئوغلى بېلىگە قىستۇرىۋالغان پالتىسىنى سۇغۇرۋېلىپ ئوتۇن كەسلەشكە باشلىدى . ئۇنىڭ قولىدىكى پالتا قىسقا ساپلىق ، بىسلىرى چاقناپ تۇرىدىغان ، ئەپچىل ئوتۇنچىلار پالتىسىدىن ئىدى . بىلەكتەك توغراق شاخلىرىنى بىر ئۇرۇشتىلا كېسىپ چۈشۈرەتتى .
      بىر دەمدىلا ئېشەكنىڭ ئەتىراپىغا قۇرىغان ئوتۇن شاخلىرى ، يۇلغۇن يىلتىزلىرى دۆۋىلىنىپ كەتتى . چۆل ئوغلى ئېشەكنىڭ بېشىدىكى يەم خالتىسىنى ئېلىۋېتىپ ، ئارغامچىلارنى يەشتى . ئوتۇنلارنى ئېشەككە ئارتىپ ، مەھكەم باغلىدى . ئەمدى ئۇ ناخشا ئېيتىپ ، ئۆز خىياللىرىنى سۈرۈپ ئۆيگە قايتسىلا بولاتتى .
    ئۇ قۇم ئۈستىدە تۇرغان يەم خالتىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېڭىشتى -دە ، نېمىشقىدۇر بەدىنى شۈركۈنگەندەك بولدى . بېشىنى كۆتۈرۈپ ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى . ئۇنىڭ ئالدىدىكى توغراقلىققا ياندىشىپ تۇرغان ئېگىز قۇم دۆۋى ئۈستىدە ئاجايىپ بىر مەخلۇق  توپتوغرا ئۇ تۇرغان تۆۋەنلىككە قاراپ تۇراتتى . دۆڭدە تۇرغان بۇ نەرسە ئايال كىشىدەك قىلاتتى . ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى چۆل شامىلى ھەر تەرەپكە ئۇچۇرماقتا ئىدى . ئۇ پۈتۈنلەي يالاڭاچ ھالەتتە بولۇپ  ، يانغا سوزۇلغان ئۇزۇن سايىسى بىلەن قوشۇلۇپ كىشىگە ناھايىتىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى .
      «ئالۋاستى !» دەپ ۋارقىرىۋەتتى چۆل ئوغلى .
      ئوتۇن ئارتىلغان ئېشەك بولسا ، دۆڭدە پەيدا بولغان غەلىتە نەرسىدىن ئۈركۈپ ، ئاللىبۇرۇنلا قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىۋالغانىدى . چۆل ئوغلى قاتتق ۋارقىرىشى بىلەنلا قۇيرىقىنى ئېگىز قىلىپ ، خۇددى بۇيرۇق ئالغان لەشكەردەك ، ئۆي تەرەپكە قاراپ جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈردى . قاتتىق سىلكىنگەنلىكىتىن ئېشەكنىڭ ئارغامچىلىرى بوشىشىپ ، ئوتۇنلار يول بويى چېچىلىپ باراتتى . بۇ ئۇزۇن قۇلاق ھارامزادە ئۈستىدىكى يۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشلاپ بىردەمدە يىپيىنىكلا بولۇپ قالدى -دە، تېخىمۇ ئىتتىك يۈگۈرۈپ كەتتى . چۆل ئوغلى ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ئېشىكىگە يىتىشىۋالالمىدى . قۇم دۆۋىسى ئۈستدىن سىيرىلىپ چۈشكەن ئالۋاستى  يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن قالماي قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى . چۆل ئوغلى ئۇنىڭ «پالتا پالتا » دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى . بۇ ئېنىق ئادەم ئاۋازىغا
    ئوخشايتى . چۆل ئوغلىنىڭ پۇتلىرى تاش ئاسقاندەك ئېغىرلىشىپ توختاپ قالدى . ئۇ ئارقىسىغا قاراپ ئالۋاستىنىڭمۇ ئۆزىدىن نەچچە ئون قەدەم نېرىدىلا توختىغانلىقىنى كۆردى . يىگىتنىڭ ئالدىدا گۈزەل بىر قىز ، ياق ، ئانىدىن تۇغما ھالەتتىكى يالىڭاچ بىر ئالۋاستى تۇراتتى . ئۇ پەقەت بەدىنىنىڭ ئۇياتلىق يېرىنىلا قولى بىلەن توسۇۋالغانىدى . ئۇ « پالتا،پالتا» دەپ ۋارقىراپ ، يىگىتنىڭ بېلىدىكى پالتىنى شەرەت قىللاتتى . پالتىنى بەرمىگۈچە ئۇ قايتىپ كەتمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى . چۆل ئوغلى بىلىدىكى پالتىنى سۇغۇرىۋالدى -دە، كۈچ بىلەن يىراققا ئاتتى . پالتا قۇياش نۇرىدا ۋاللىدە بىر چاقناپ بېرىپ يىراقتىكى قۇم ئۈستىگە تىككىدە پېتىپ قالدى . ئاۋاستى پالتىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇلىشى بىلەنلا چۆل ئوغلى يەنە قاچتى .
      چۆل ئوغلى بوۋايدىن ئۆگەنگەن ئايەتلىرىنى ئوقۇپ ئەتىراپىغا قارىغىنىچە يۈگىرەيتى . ئۇنىڭغا ئاۋاستى ئاۋاستى ھازىرلا ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پالتىسدا پارە پارە قىلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى . چۆل ئوغلى چايخانىغا يېقىنلاشتى . يول ئۈستىگە چىقىپ قاراپ تۇرغان بولۋاينى يىراقتىنلا كۆردى -دە،
    يۈرىكى ئورنىغا چۈشتى . ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى . كەينىدە ئىنسى جىن كۆرۈنمەيتى .
       _ نېمە بولدى ؟ _ دېدى بوۋاي ھەيران بولۇپ ،_ ئېشەك ئارغامچىلىرىنى سۆرەپ ، ئۈستىدە بىر تالمۇ ئوتۇن يوق چېپىپ كەلگىنىچە ئېغىلغا كىرىپ كەتتى .
    ئارقىسىدىن كىرسەم ، قارا تەرگە چۆمۈپ تىتىرەپ تۇرۇپتۇ . مانا ئارقىسىدىن سەن يۈگىرەپ كېلىۋاتىسەن ؟
      _ ئاۋاستى !_ دېدى يىگىت ھاسىرىغىنىچە بوۋاينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ .
      _ نىمە ئالۋاستى !؟
    _ چۆلدە جىلغىدىن ئۆتكەن يەردىكى توغراقلىقتىن ئوتۇن ئېلىۋېدىم ، ئوتۇنلارنى ئەمدىلا ئېشەككە باغلاپ ماڭاي دەپ تۇرسام ، ئۇدۇلۇمدىكى قۇم دۆڭى ئۈستىدە قاپقارا بىر نەرسە كۆرۈندى ، ئىشەك قورققىنىدىن قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ ھەممە نېمىنى تاشلاپ قاچتى ، ئارقىدىن مەن يۈگۈردۈم .
      _ نېمە ئىكەن ئۇ ؟
    _ دېدىمغۇ، ئالۋاستى !
    _ ئالۋاستى ؟... كۈپكۈندۈزدىلا -ھە!؟ ....بەلكىم سېنىڭ كۆزۈڭگە شۇنداق كۆرۈنگەندۇ ؟
      _ ياق بوۋا ، مەن ئۇنى ئېنىق كۆردۈم . چۇۋۇق چاچلىرى مۆرىسىدىن ئېشىپ چۈشۈپ تۇرۇپتۇ . كۆزلىرىدىن ئوت يانىدۇ . قىپ يالاڭاچ ، نەق ئالۋاستىنىڭ ئۆزى .
    ئۇ مېنى ئارقامدىن خېلى يەرگىچە قالماي قوغلاپ كەلدى . قۇلاق سالسام ، « پالتا ، پالتا!» دەپ ۋارقىراۋېتىپتۇ . بېلىمدىكى پالتىنى ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم .
    شۇنىڭ بىلەن قۇتۇلۇپ قالدىم .
      _ ئۇ پالتىنى نېمە قىلىدىكەن ؟  
      _ بىلمىدىم .
      بوۋاي ئويلىنىپ قالدى -دە ، :
    _ چۆل مۆجىزىلەرگە باي بولىدۇ ،_ دېدى چۆل ئوغلىنى تىنىچلاندۇرۇپ ، بۇ چۆلنىڭ پۇچقاقلىرىدا تۈرلۈك مەشخۇلات بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئادەملەر بار ، ئېھتىمال ساڭا شۇنداق غەيرى ئادەملەرنىڭ بىرەرى ئۇچىراپ قالغاندۇر. قىززىق ئىش . ئۇنىڭغا سېنىڭ پالتاڭ نېمىگە لازىم بولۇپ قالدىكىنە ؟ قورقما چۆل ئادەملىرى بىزگە چېقىلمايدۇ !
      چۆل ئوغلى ئېغىلغا كىرىدى . ئېشەك ئەمدى باياقى قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ ، يۇمشاق ئوتقا تىگىش قىلغانىدى . چۆل ئوغلى بولسا كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىنى ئۇزاققىچە باسالمدى . ئۇ قانداقتۇر بىر كۈتۈلمىگەن ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ، پات پات يول ئۈستىگە چىقىپ ، جاڭگال تەرەپكە قاراپ قوياتتى .
      شۇ كۈنى چايخانىدا بىر ئوۋچى قۇنۇپ قالدى . مىھمان بىلەن ئوسمان بوۋاي بۈگۈن بولغان ۋەقە ئۈستىدە ئۇزاق پاراڭلاشتى .
      _ مەن قېرىدىم ،_ دېدى بوۋاي،_ چۆل ئىچىگە كىرىپ باقمىغىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولۇپ قاپتۇ  ، ئاڭلىسام ، يېقىندىن بېرى ئۇيەردە بىر ئالۋاستى پەيدا بولۇپ قاپتۇدەك . مانا بۈگۈن بىزنىڭ چۆل ئوغلى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپتۇ . ئالۋاستى چۆل ئوغلىنى قوغلاپ « پالتا ، پالتا !» دەپ ۋارقىراپ ئۇنىڭ پالتىسىنى سوراپ ئېلىپ قاپتۇ .
      _  ئەجەپ ئىش _ ھە ! _ دەپ ھەيران بولدى ئوۋچى ، يېقىندىن بېرى چۆلدە مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىدىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار ... بىر كۈنى ، ئوۋ قوغلىشىپ يىراقلاپ كېتىپ قاپتىمەن . بىر چاغدا قېلىن بىر توغراقلىق يېنىدىن چىقىپ قالدىم . توغراقلىقنىڭ ئىچىدە يېڭىلا يېنىپ ئۆچكەن بىر گۈلخاننىڭ ئىزىنى بايقىدىم . نېرىدا يەنە بىر كەپە تۇرۇپتۇ ، بۇ يەردە كىم تۇرغاندۇ ؟ ئوتۇنچىمۇ ، ياكى مالىچمۇ؟ ئوتۇنچى بولسا ئۇنىڭ ئۇلاغلىرى قېنى ؟
    مالچى بولسا بۇ ئەتىراپتا ئۇنىڭ ئوتلاپ يۈرگەن ماللىرى بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ ؟_ دەپ ھەيران بولدۇم . بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ كەپىگە يېقىنلاشتىم . كەپە ئىشىكىگە ئەمدىلا قەدەم قويۇشۇمغا « چاڭ » قىلىپ تەگكەن بىر تەستەك بىلەن ئارقىمغا ئۇچۇپ كەتتىم . يېنىمدىن ئادەممۇ ، ئالۋاستىمۇ ، ئىشقىلىپ شامالدەك بىر نەرسە ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلىپ قالدى .... جاڭگالدىن قايتىپ چىقىپ ، شۇ ئەتىراپتىكى مالچىلاردىن سۈرۈشتە قىلسام بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر ئالۋاستىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا خېلى يىل بولۇپ قاپتۇدەك  . ئۇ گۈزەل بىر قىز سىياقىدا يۈرەر ئىمىش . يۈگۈرسە ھەر قانداق ئۇچار كىيىكلەردىنمۇ ئۆرۈپ كېتىدىكەن . ئوۋ قىلغان گۆشلىرىنى گۈلخان يېقىپ پىشۇرۇپ يەپ ئېشىپ قالغانلىرىنى مالچىلارنىڭ ئىشىكىگە ئېسىپ قويۇپ كېتىدىكەن ...
      _ بۇ گەپچە ئۇ ئالۋاستى ئەمەس ئادەم ،- ھۆكۈم قىلىدى بوۋاي ،_ چۆل ئىچىدە « چۆل كىشىلىرى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇۋىم بار ، ئۇلار سېنىڭ بىلەن ماڭا ئوخشاشلا ئادەم ، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەپتىن چۆلدە تەمتىرەپ يۈرىدىغىنىنى خۇدانىڭ ئۆزى بىلىدۇ .
      چۆل ئوغلى چۆلدە ئۇچىراشقان ئالۋاستىنى خىيالىدىن زادى نېرى قىلالمىدى . چۆلگە ئوتۇنغا بېرىشتىنمۇ قورقۇپ قالدى . نامەلۇم بىر دەككە دۈككىچىلىك ئۇنى تەشۋىشكە سالدى . كېچىلىرى ھېلىقى ئالۋاستى چاچلىرى چۇۋۇق ، ناھايىتىمۇ بەتبەشرە ھالەتتە ، بەزىدە بولسا چاچلىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان گۈزەل بىر قىز سۈرئىتىدە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلەتتى . ئېھتىمال ئۇ ھېلىقى چۆچەكلەردىكى ھەرخىل قىياپەتلەرگە كىرىۋالالايدىغان ، ئادەملەرنى تۇرۇسقا ئېسىپ قويۇپ ، تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى شورايدىغان يالماۋۇزدۇر ، ۋە ياكى بىر پاك پەرىزاتتۇر ...  
    بۈگۈن چايخانىدا بىر نەچچە يولۇچى چاي ئىچىپ ئۆتۈپ كەتتى . كەچتە چايخانىدا قونۇپ قالىدىغان خېرىدارلارمۇ بولمىدى . بوۋاينىڭ بىر قانچە كۈندىن بېرى ساقلىقى  يوق ئىدى . ئۇ چايخانا ئىچىدىكى بۈگلۈك ئۈستىگىلا ئورۇن سېلىپ يېتىپ قالدى . تىنچىق ياز كېچىسى ئىدى . چۆل ئوغلى ئۆگىزىگە ئورۇن سالدى -دە، نىپىز چەكمەن چاپاننى ئۈستىگە تاشلاپ ياتتى . ئۇپۇقنىڭ يىراق بىر سىزىقىدىن ئاستا ئاستا ئاي كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى . تۆۋەندە بوۋاينىڭ پات پات يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالاتتى ... چۆل ئوغلى ھەر كۈندىكىدەك ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى . سارغۇچ چۆل تىنىچ نەپەس ئېلىپ يېيىلىپ ياتاتتى . قەيەرلەردىندۇر يىراق بىرچۆل يولىدىن كەچ قالغان كارۋاننىڭ كولدۇرمىلىرىنىڭ ئاۋازى كېلەتتى .
      چۆل ئوغلى قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالدى . بىر چاغدا ئۇ ينىك شىپىرلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچتى . ئاي ئاللىبۇرۇن تىكلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئەتىراپنى سۈتتەك يورۇتۇپ تۇراتتى . ئۇ بېشىدا پەيدا بولغان سىرلىق بىر كۆلەڭگىنى بايقىدى -دە، قورققىنىدىن تۈگۈلۈپ قالدى ، بەدىنى سوغوق تەرگە چۆمدى ، ۋارقىراشقا ھالى يەتمەيتى ،«ئېھتىمال ماڭا قورقۇنچىلىقتا شۇنداق كۆرۈنىۋاتسا كېرەك »دەپ ، غەيرەت قىلىپ ئىككىنجى قېتىم كۆزىنى ئېچىپ  ،بېشىنى كۆتۈردى . دەل ئۇنىڭ ئالدىدا چۇۋۇق چاچلىرىنى ئارقىغا تاشلىغان گۈزەل بىر قىز يالاڭاچ ھالەتتە تۇراتتى . ئۇ ھەتتا ئۇياتلىق يەرلىرىنىمۇ يېپىۋالمىغانىدى . ئاي نۇرى ئۇنىڭ چىرايلىق مۈرىلىرى ، چاچلىرى ئۈستىدە ئېنىق سىزىقچە ھاسىل قىلغانىدى .
      _ قورقما !_ دەپ پىچىرلايتى قىز ، _ سەن نېمىشقا ئوتۇنغا بارمىدىڭ؟...مەن ساڭا نۇرغۇن ئوتۇنلارنى يىغىپ قويدۇم ، چۆلگە بار ...
      قىز شۇنداق دېدى -دە ، يىراقلاپ ، كۆزدىن غايىپ بولدى .  
      چۆل ئوغلى ئەتىسمۇ ، ئۆگۈنىمۇ يەنە جاڭگالغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى .ئۈچىنچى كۈنى تۈن يېرىمىدا قىز يەنە ئۇنىڭ بېشىدا پەيدا بولدى .
      _ سەن كىمسەن ؟_ دېدى چۆچۈپ ئويغانغان چۆل ئوغلى ،_سەن ئادەممۇ ، جىنمۇ ؟ نېمىشقا مېنىڭ ئارقامغا كىرىۋېلىپ ، ئارامىمنى قويمايسەن ؟
      _ مەن ئادەممەن ، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . ئىشەنمەمسەن ؟مانا ، مەن سېنى سۆيۈپ قويدۇم .
      قىز ئېڭىشىپ چۆل ئوغلىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيدى . بۇ سۆيۈش يىگىتنى تىنىچلاندۇردى . قىزنىڭ لەۋلىرى شۇنچىلىك قىززىق ، تىنىقى خۇش پۇراق ئىدى . چۆل ئوغلى بىر نېمە دىمەكچىدى ، تىلى گەپكە كەلمەي قالدى . بۇ قېتىم قىزنىڭ سىيماسى ئۇنى
    分享到: