• قۇم باسقان شەھەر(10)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139557.html

    سودىگەرنىڭ خوتۇنى



       ئۆمەرنىڭ ئىنىسى بارات ماڭغان يول يولۇچىلارنى شەھەرنىڭ ئىككىنجى دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ باراتتى . بارات دەرۋازىغا يېتىپ بارمايلا يولدا ئۇنۇڭغا شەھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئادەم ئۇچىراشتى . ھېلىقى ئادەمنىڭ بىر قولىدا ئىتلاردىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان تاياق تۇراتتى . يەنە بىر قولى بىلەن  سۈمبىسىگە يۈدىۋالغان تاغارنىڭ ئاغىزىنى مەھكەم تۇتىۋالغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان ئۇزۇن يەكتىكىنى مەھكەم ئوراپ چىگىۋالغان بەلۋىغىدا قانداقتۇر
    بىر ھايۋاننىڭ قارا مۈڭگۈزى ، يوغان قۇلۇلە قېپى ، چەت چۆرىلىرى تىتىلىپ كەتكەن كونا پالنامە كىتاپ دىگەندەك نەرسىلەر قىستۇرۇقلۇق تۇراتتى . ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ مۇكەممەل بىر كەسپى دىۋانە ئىكەنلىكى تۇرقىدىنلا مەلۇم ئىدى . بۇ دىۋانە ئۈستىدىكى يۈكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قولىدىكى ياغاچنى ھاساقىلىپ تايىنىپ ، ھاسىراپ ، ئارانلا قەدەم ئېلىپ كەلمەكتە ئىدى . ئۇ يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر بىر يولۇچىنى ۋارقىراپ توختىتىپ ، ئۇلارغا تاغار ئىچىدىكى شەھەردىن
    تىلەپ يغقان ئەسكى تۈسكىلەرنى ساتماقچى بولاتتى . دىۋانە باراتنى يىراقتىنلا كۆرۈپ ، يول بويىدىكى قارياغاچنىڭ سايىسىگە كېلىپ توختىدى . مۈرىسىدىكى تاغارنى يەرگە قويدى -دە، بېلىنى روسلاپ ، باراتنى چاقىردى :
      _ ھوي بالاموي، نىمە ئادەمسەن؟
    _ يولۇچىمەن ،_دېدى بارات .
      _ قېنى بۇياققا ، بۇياققا بىر كېلىپ كەت !
      _ رەنجىمە تاغا ، مەندە ساڭا سەدىقە قىلغۇدەك پۇچۇق يارماقمۇ يوق .
      _ مەن سەندىن سەدىقە سوراۋاتقىنىم يوققۇ، بىلىپ قوي مەن پەيشەنبە كۈنىدىن باشقا ۋاقىتتا سەدىقە تىلىمەيمەن .
      _ ئەمىسە نېمە گېپىڭ بار؟ _ دېدى بارات ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ .
      _كىيىملىرىڭ نىمانچە كونا ؟ بىزنىڭ دىۋانىلەر مەھەللىسىدىن ئەمەستۇرسەن ياكى ئۇ يەردىكى بىرەر دىۋانىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ بىر نېمىسىنىڭ بىر نېمىسى بولامسەن؟
      _ يوقسۇ تاغا ، مەن يىراقتىن كېلىۋاتقان مۇساپىرمەن .
      _ شەھەرگە نىمىگە كېتىۋاتىسەن ؟
      _ ئىش ئىزدەپ.
      _ قارا ، ئۆزۈڭ ياپياشلا تۇرىسەنۇ ، ئۈستۈڭدىكى كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ قارىغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇ . بىرەرى بىلەن تارتىشماق ئوينىدىڭمۇ قانداق ؟.. ئورۇقلىقىڭدىن مەڭزىڭنىڭ ئۇستىخانلىرى تېشىغا تېپىپ چىقاي دەپ قاپتۇ . چىرايىڭچۇ ، چىرايىڭ نىمانچە سېرىق ؟ ياكى سەنمۇ بىزنىڭ دىۋانىلەر مەھەللىسىنىڭ دىۋانىلىرىگە ئوخشاش يۈزۈڭگە ئەتەي ئەسكى تامنىڭ توپىسىنى سۈرتىۋالدىڭمۇ ؟...مۇشۇ ئەپتىڭ بىلەن شەھەرگە كىرسەڭ كىم ساڭا ئىش بېرىدۇ
    ؟ سېنى تىلەمچى ياكى ئوغرى دەپ گۇمان قىلىشى ، ياكى ياش تۇرۇپلا مۇنداق ئەسكى كىيىملەردە يۈرگىنڭگە قاراپ ئۇچىغا چىققان ھورۇن ئوخشايدۇ دەپ قېلىشى چوقۇم . تېخى ئەقىلىڭنىڭ جايىدا ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قېلىشى تۇرغان گەپ . ..
       دىۋانە ئاغىزى بېسىقماي ۋاتىلداپ كەتتى .
      _ تاغا !_ دەپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى بارات ،_ نىمە گېپىڭ بار ئىدى ، چاپسانراق ئېيت ، ئالدىرايمەن .
      _ ئالدىراش شەيتاننىڭ ئىشى . يېقىنراق كەلمەمسەن ، ئەتىگەندە ماڭا يولۇققىنىڭنى خىزىرغا يولۇقتۇم دەپ چۈشىنىۋەر .
      دىۋانە تاغارنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن ئاپقۇتلىرى ئاجىراپ كىيگۈدەك ھالى قالمىغان ئەسكى ئاياغلار ، گىرۋەكلىرى تىتىلىپ كەتكەن كونادوپپا ، قاپقارا كىرنىڭ دەستىدىن ئەسلى رەڭگىنىڭ قانداقلىقىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن كىيىم كېچەك ، پۈرلەشكەن سەللە ، يەنە قانداقتۇربىر ئەسكى تۈسكىلەرنى سۇغۇرىۋېلىپ ئەتىراپقا يايغىلى تۇردى .
      _ بۇ ئەسكى تۈسكىلىرىڭنى بۇ يەرگە يايما قىلىپ يېيىپ نىمە قىلىسەن ؟_ دېدى بارات ھەيران بولۇپ .
      _ ساتىمەن .
      _ كىمگە ؟
      _ ئەلۋەتتە ساڭا _ دە ، ھازىر ئالدىمدا سېنىڭدىن باشقا كىم بار ...
      _ بولدى ، ئاۋارە بولما ، تاغا ،_ دەپ مېڭىشقا تەمشەلدى بارات ، _ ساڭا ئېيتتىمغۇ ، مەندە پۇل يوق .
    -توختا ، _ دېدى دىۋانە ،_ ھېچبولمىغاندا سەن مۇنۇ چاپان ئىشتاننى بولسىمۇ ئېلىپ قالغىن ، تىقىشتۇرۇپ قويغان پۇلۇڭنى قورقماي چىقار ، بۇلاڭچىدىن قورقۇپ ئەسكى كىيىملەرگە ئورۇنىۋالغان ھارامزادىلەرنى كۆپ كۆرگەنمەن . بىزنىڭ دىۋانىلەر مەھەللىسىدىكى دىۋانىلەرنى كۆرسەڭ كىيىملىرى سېنىڭدىنمۇ جۇل جۇل ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇنداق بېيىپ كەتتىكى ، يىغقان پۇللىرىنىڭ سانىنى ئۆزلىرى ئۇقمايدۇ ، مانا، غوجەك دىۋانىنىڭ ئۈچ يەردە قورو جايى بار ، ئۈستى ئۈستىگە خوتۇن ئالدى . مېنىڭ تېخى ئىككىلا يەردە قورو جايىم ، ئۈچلا خوتۇنۇم بار ...، نېمىگە قاراپ تۇرىسەن؟
      قولۇڭغا ئېلىپ كۆرۈپ باق ، ساڭا ئوخشاش ئېگىز بوي ئادەمگە لايىق تېخى يېڭىلا تۇرغىنىنى كۆرۈۋاتقانسەن ؟ ئۇنى ماڭا تۈنۈگۈن بىر سودىگەرنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى سەدىقە قىلىدى . مەن ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ روھىغا ئاتاپ ئەڭ ئۇلۇغ ئايەتلەرنى ئوقۇپ دۇئا قىلدىم .
      _ دېدىمغۇ ، مېنىڭ پۇلۇم يوق ، ھەر قاچان سەن بۇ نېمىلىرىڭنى  بىكارغا بەرمەسسەن ؟
      _ راست پۇلۇڭ يوقمۇ ؟_ دەپ باراتقا باشتىن ئاياغ بىر قارىۋالدى دىۋانە ،_ بوپتۇ بىكارغا بولسىمۇ ئال، يۈكۈم ئازىراق بولسىمۇ يىنىكلىسۇن ...، ئەمما ، مېنى ئۇنتۇپ قالما . شۇ تاپتا سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن كەلگۈسىنى قىياس قىلىپ تۇرۇپتىمەن . سەن ياشسەن ، خۇدا ئامىتىڭنى بېرىپ قالسا تېخى بېيىپمۇ كېتىسەن . شۇ چاغدا ، خۇدا بۇيرىسا بىز يەنە ئۇچىرشىپمۇ قالىمىز . مېنى ئۇنتۇپ قالما ، چاپان ، ئۆتۈكلەرنىڭ پۇلىنى سەندىن شۇچاغدا ئۈندۈرىۋالىمەن . ئۇچاغدا ئىنساپىڭغا بېقىپ كۆپرەك بېرەرسەن ...
      دىۋانە شۇنداق دەپ ئاغىزى بېسىلماي ۋاتىلداپ تۇرۇپ باراتقا ھېلىقى ئۆلۈپ كەتكەن سودىگەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ دۇئالار بەدىلىگە كەلگەن كىيىملىرىنى كيگۈزدى .
    بارات دىۋانىنىڭ ئەسكى تۈسكىلىرى ئارىسىدىن يەنە يېڭىراق بىر دوپپا ، سودىگەرلەر باغلايدىغان بىر رەڭلىك بەلباغنى تاللىۋالدى . بۇ كىيىملەر باراتنى راستىنلا خېلى ئىسكەتكە كىرگۈزدى . شۇ تۇرقىدا ئۇ سودىسى تازا يۈرۈشۈپ كەتمىگەن بىر ئېلىپ ساتارغا ياكى بولمىسا ، سودىگەرلەرنىڭ يۈگۈر يېتىم ئىشلىرىنى بىجىرىدىغان چاپارمەنلەرگە ئوخشاپ قالدى .
      _ ئال ، خالىغىنىڭنى تاللىۋال ، _ دەپ توختىماي سۆزلەيتى دىۋانە ، _ ماڭا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆيگە يەركۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئۇ يەردە مۇنداق كونا يېڭى نەرسىلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ .
      _ ساڭا رەھمەت تاغا !_ دېدى بارات.
      دىۋانە باراتنىڭ باش ئايىغىغا يەنە بىر قاراپ رازى بولغاندەك بولدى -دە:
      _ ئەمدى يولۇڭغا ماڭساڭمۇ بولىدۇ ،_ دېدى ئۇ قالغان نەرسىلەرنى تاغىرىغا نىقداپ تۇرۇپ ، _ مانا ئەمدى ھەقىقىي بايۋەتچىلەرگە ئوخشىدىڭ ، بايۋەتچىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ يىگەن ئىچكىنى چىرايىغا چىقمايدىغان ساڭا ئوخشاش توپا چىريلىرى ئۇچىراپ تۇرىدۇ ....
    بارات مۇنداق  بىكارغا نەرسە بېرىدىغان دىۋانىگە ئۇچىراشتۇرغىنى ئۈچۈن خۇداغا شۈكرى ئېيتىپ شەھەر تەرەپكە قاراپ يولىنى داۋاملاشتۇردى .
    شەھەرنىڭ بارات كىرگەن دەرۋازىسى ئەتىراپىدا مەيزاپخانىلار ، قىممار سورۇنلىرى ، چوڭ تاماكا چېكىپ نەغمە ناۋا قىلىشىدىغان مەيدانلار جايلاشقانىدى . قاتار كەتكەن ئاشخانىلاردىن ھەر خىل تاماقلارنىڭ مەزىلىك پۇرىقى كېلەتتى . ئوچاقلاردا چاراسلاپ ئوت كۆيۈپ ، يوغان داش قازانلاردا پورۇقلاپ گۆش قاينايتى . شورپا سورۇپ ئولتۇرغان سېمىز ئاشپەزئۈستىدە ماي دانچىلىرى ۋىلىلداپ تۇرغان شورپىلارنى ئاپقۇر چىنىلەرگە ئۇسۇيتى . باراتنىڭ ئاشۇ شورپىغا بىرەر پارچە قاتتىق ناننى بولسىمۇ بىر چىلاپ يەۋالغۇسى بار ئىدى . ئەپسۇس ، ئۇنىڭ ھەممە يانچۇقى قۇرۇق ئىدى . ئۇ ئاشخانىلارنىڭ نەملەشكەن تورۇسلىرىنى ئەگىپ چىقىۋاتقان قۇيۇق بۇسىنى ئىچىگە يۇتقىنىچە ئادەملەرگە ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ بازار مەيدانىنى كېسىپ ئۆتتى . ئاندىن مەقسەتسىزلا بىر كوچىغا بۇرۇلدى .
      « كۈنمۇ كەچ كىرەي دەپ قالدى ،_ دەپ ئويلايتى ئۇ ،_ مانا ، بىر كۈن بازار چۆگلەپتىمەن . مۇنداق بىكاردىن بىكار يول ماڭغاننىڭ نىمە پايدىسى ؟... ئەگەر يەنە بىر كۈن مۇشۇنداق قورساققا ھېچنىمە يېمەي پىرقىراپ يۈرىيدىغان بولسام چوقۇم يىقىلىپ قالىمەن ...، رەھمەتلىك دادام بىزنى مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەرگە قالمىسۇن دەپ ھېلىقى تىللالارنى مىراس قالدۇرغان بولغىيتى . ئۇ نىمە ئۈچۈن يۈز تىللانى ساق قالدۇرماي بىرى كەم يۈز تىللا ساقلاپ قويغاندۇر ؟... ياق ، بىر تىللانى چوقۇم ھېلىقى ئۆمەر دىگەن كاززاپ تىقىۋالدى ....، بوپتۇ ، تىللا توقسان توققۇزمۇ بولسۇن دەيلى ، ئۇ ئاكام بولغاندىن كېيىن ماڭا ئەللىك تىللانى بېرىشى كېرەك-دە! ... ئەللىك تىللا يانچۇقتا بولغان بولسا ئاۋال ھېلىقى شورپاسورۇپ ئولتۇرغان ئاشپەزنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ بىر كاللەك پىششق گۆش بىلەن
    بىر چىنە شورپا سېتىۋالاتتىم . يۇمشاق ناننى شورپىغا تەككۈزۈپ يەپ ، ئاندىن گۆشنى تىتىپ ....»
       شۇ چاغدا ئارقا تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ :
      _ ھەي ئادەم ، ھەي ئادەم !_ دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى باراتنىڭ قۇلىقىغا كىرگەندەك قىلدى .
      « مېنى بىرى چاقىرىۋاتامدۇ ، نېمە؟_ دېدى بارات ئىچىدە  ، ئۇئۆزىنىڭ شېرىن خيالىنى بۆلۈپ ئارقىغا قاراشقا ئېرىندى ، _ ياقلا ، مېنى بۇ شەھەردە كىم تونۇيتى . باشقا بىرەرىنى چاقىرىۋاتسا كېرەك ...، شورپىغا نان چىلاپ يەۋېلىپ ، ئاندىن گۆشكە تۇتۇش قىلسام تويۇپ قالغان قورساققا گۆش تازا مەزىلىك تېتىمايدۇغۇ دەيمەن؟ ئاۋال گۆشنى تازا مەزە قىلىپ يەپ ، ئاندىن چالا قالغان يېرىگە شورپا بىلەن نان يېسەم بولغۇدەك ....»
      _ ھوي ئادەم ، مەن سىلىنى چاقىرىۋاتىمەن ،_ دېگەن ئايالنىڭ ئاۋازى باراتنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدىلا ئاڭلاندى .
      « يانچۇقىدا ئەللىك تىللا شاراقشىپ تۇرغان ئادەم شورپىغا نان چىلاپ يەپ ئولتۇرسا كۈلكىلىك ئىش بولمامدۇ ،_ دەپ خىيالىنى داۋام قىلاتتى بارات ، _ ئەڭ ياخشىسى مەيزاپلارنىڭ بىرەرىگە كىرىپ ، گۆش باستۇرۇپ پولۇ بۇيرۇتۇپ ، شاراپ بىلەن مەززە قىلغان تۈزۈك ، ئاندىن كۆرپىدە يانپاشلاپ يېتىپ ، سازەندىلەرنىڭ نەغمىسىنى ئاڭلاپ ، ئۇسۇلچى خېنىملارنىڭ  بەللىرىنى تولغاپ نايناقشىغانلىرىنى كۆرىدىغان گەپ »
       _ ھوي ئادەم!
      كىمدۇر بىرى ئارقىسىدىن كېلىپ باراتنىڭ مۈرىسىگە شاپلاقلىدى . بارات چۆچۈپ ئارقىسىغا قاراپ ، ئالدىدا تۇرغان پۈركەنچىلىك بىرئايالنى كۆردى . ئايال يۈزىگىمۇ قېلىن چۈمبەل ئارتىۋالغانىدى .
       _ۋاي خۇدايىمەي !_ دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئايال باراتقا قاراپ ، _ ياپياشلا بىر يىگىت ئىكەنلىغۇ ، ئارقىلىرىدىن قاراپ ، ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىمگە ئوخشىتىپ ، ئېسىمنى بىلمەي يۈگۈرۈپتىمەن . ئۈستىلىرىدىكى كىيىم كىچەك ، مۇنۇ بەلۋاغ، دوپپىلىرىچۇ . توۋا خۇدايىم ، ئادەمگىمۇ ئادەم شۇنداق ئوخشايدىكىنا !....
       « ئالجىپ قالغان خوتۇنمۇ نېمە ؟_ دەپ ئويلاپ قالدى بارات،_ ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى كوچىدا نىمە ئىش قىلىدۇ ؟...راست ، ئېرىنىڭ كىيىملىرىنى ئەڭ ئۇلۇغ دۇئالارغا تىگىشىۋەتكەن تۇل خوتۇن مۇشۇمۇ -يە؟ » دەپ ئۈستىدىكى كىيىم كېچەكلەرنى ھېلىقى دىۋانىنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى بارات .
      _ توۋا ، قول سېلىپ مېڭىشلىرىنىڭ ئوخشاپ كەتكىنىنى ئېيتايمۇ ، _ دېدى ئايال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،_ ئالدىراش بولمىسىلا ئۆيۈمگە بېرىپ بىر چىنە چېيىمنى ئىچىپ كەتسىلە ، رەھمەتلىك ئېرىمگە چاي سۇنغاندەك بولۇپ كۆڭلۈم خوش بۇلۇپ قالسۇن .
      قورسىقى ئېچىپ ئۈچەيلىرى بېقىنىغا چاپلىشىپ كەتكەن بارات ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىچىدە خوشال بولدى . « كىم بىلىدۇ ،_ دەپ ئويلايتى ئۇ ،_ ياراتقان ئىگەمدىن ماڭا كېلىدىغان ئامەت بەلكىم مۇشۇ خوتۇننىڭ ئۆيىدىن باشلىنار ... سودىگەرنىڭ خوتۇنى بولغانىدىن كېيىن ھەر قاچان بۇ بىر ساھىبجامال خوتۇندۇر . كونىلار < تۇل خوتۇن ، پۇل خوتۇن > دەپ بىكار ئېيىتمىغان-دە. ئېپى كېلىپ قالسا بۈگۈنلا ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىپ ئىندەككە كەلتۈرىمەن  . ئاندىن
    سودىگەردىن قالغان ھەممە بايلىق مېنىڭ بولىدۇ ، دىگەن گەپ ...»
       _ خىيال سۈرۈپ كەتتىلىغۇ ؟_ دېدى ئايال._ يۈرسىلە ، ئۆيمۇ يىراق ئەمەس .
      _ مەن سىلىنى تونىمىسام ،_ دېدى بارات ئالدىراپلا ماڭسام بۇ خوتۇن باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن دىگەن خيالدا .
      _ تونىمىسىلا تونۇشىمىز .
      _ يات ئەرنى ئۆيلىرىگە باشلاپ بارسىلا خەق نېمە دەر ؟
    _ ئوھوش ، مەن دىگەن يالغۇز ، تۇل خوتۇن ، خەق نىمە دەيتى ، يۈرسىلە ، تارتىنمىسىلا .
    بارات ئايالغا ئەگىشىپ شەھەرنىڭ ئەگرى بۈگرى كوچىلىرى بىلەن ئۇزاق ماڭدى . ئايال باراتنى ئايرىلىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ پات پات ئارقىسىغا قاراپ قوياتتى . يولنىڭ ئاخىرى ئۇلارنى بىر كۆرلنىڭ بويىغا ئاچىقتى . كۆلنىڭ ئەتىراپى دەل دەرەخلەر بىلەن ئورالغانىدى . كۆلدىن سۇ ئالىدىغان تەرەپتە يوغان دەرۋازىلىق بىر ھويلا تۇراتتى . ھويلىنىڭ ئارقىسىدا دېھقانلارنىڭ كۆكتات تېرىيدىغان ئېتىزلىرى سوزۇلۇپ ياتاتتى . يىراقتا قۇياش ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قىزغۇچ
    نۇرلىرىنى بۇلۇتلار ئۈستىدە قالدۇرۇپ ئاستا ئاستا پېتىپ كېتىۋاتاتتى . ياپيېشىل لەش باسقان كۆل سۈيى دەرەخلەر كۆلەڭگىسىدە جىمجىت ئۈگىدەيتى .
      _ مانا كەلدۇق !_ دېدى ئايال كۆل بويىدىكى قورۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختاپ . ئۇ پۈركەنجىسىنىڭ ئىچىگە قولىنى تىقىپ ، ئۇزاق ئاختۇرۇپ بىر تىزىق ئاچقۇچنى ئالدى-دە، قۇلۇپقا سالدى . دەرۋازا ھەسرەتلىك غىچىلداپ قىيا ئېچىلدى . ئايال باراتنى ھويلىغا باشلاپ ، دەرۋازىنى مەھكەم ياپتى -دە، ئىچىدىن يەنەقۇلۇپنى بېسىۋەتتى .
      ھويلىنىڭ ئىچى ھېچنىمە يوق ئاپئاقچىلىقلا ئىدى . نېرىدا قاتار قىلىپ سېلىنغان بىر نەتچە ئېغىز ئۆي تۇراتتى . ئۆيلەر ئۆز ۋاقتىدىكى ئىسكەتىنى يوقىتىپ كونىرىغان ، ئۈستىگە سالغان ياغاچلىرى چىرىپ قارىداپ، ئۆگىزىنىڭ توپىسىنى كۆتۈرەلمەي بىر تەرەپكە قىيسىيىپ كەتكەنىدى .
      _ ئەر كىشى يوق ئۆي نىمە بولماقچىدى دەيدىلا؟_ دەپ چۈشەندۈردى ئايال ، _ ئېرىم بار چاغلاردا بۇ ئۆيلەر شەھەردىكى ئەڭ چىرايلىق ئۆيلەردىن ئىدى . مېھمان بولۇپ كېلىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتى . رەھمەتلىك تولىمۇ سېخىي ئادەم ئىدى . ھەر پەيشەنبە كۈنى كۆل بويىغا قازان ئېسىپ يۇرتقا نەزىر بېرەتتى ...ئىككى قىزىم بار ئىدى . ئۇلارمۇ ئەرگە تېگىپ كېتىپ قېلىشتى . ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئۆزۈم يالغۇز ، ھېچ ئىشقا ئۈلگۈرەلمەيمەن . ..
      ئايال سۆزلىگىنىچە قۇلۇپلارنى ئېچىپ ، باراتنى ئۆيگە باشلىدى ، ئۆي ئىچىدىكى قەدىمىي چىنە ، قاچا، گىلەملەر، قېلىن يىكەنداز، يوتقان كۆرپىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىلگىرى دۆلەتمەن ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى .
      « ھەر قاچان بۇ خوتۇننىڭ ئېرىدىن قالغان خېلى كۆپ ئالتۇن كۈمۈشلىرى بار،_ دەپ ئويلىدى بارات ، - بولمىسا ئۇ نىمىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ ، ھويلىنىڭ ئەتىراپىدىكى كۆكتاتلىق ئېتىزلار ، ھېلىقى چوڭ كۆلمۇ مۇشۇ خوتۇنغا تەۋە بولسا كېرەك ...ئۇنىڭ دەرۋازىنى ئىچىدىن قۇلۇپلىغىنىغا قارىغاندا مېنى قوندۇرۇپ قېلىش نىيىتى باردەك قىلىدۇ . بىر كېچىلا قونۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالسام خەزىنىنىڭ ئاغىزى ماڭا ئېىچىلدى دىگەن سۆز ...»
      بارات خيالىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي ، ئۈستىدىن پۈركەنجىسى بىلەن چۈمبىلىنى ئېلىپ تاشلىغان ئايالغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يېشى ئاتمىش بىلەن يەتمىشنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر قېرى خوتۇن تۇراتتى . باراتنىڭ بەدىنى تىكەنلىشىپ كەتتى . بۇ خوتۇننىڭ قېشىغا قويغان دەمدەك ئوسمىسى ، يۈزىگە سۈركەلگەن ئۇپا ئەڭلىكلىرى كىشىنىڭ تېخىمۇ قۇسقىسىنى كەلتۈرەتتى .
      _ نېمىگە ھاڭۋېقىپ قالدىڭ؟_ دېدى خوتۇن باراتنى سەنلەپ ،_ قېنى يۇقۇرغا ئۆت.
      ئايال باراتنىڭ ئاستىغا قوشلاپ كۆرپە تاشلىدى . ئالدىغا داستىخان سېلىپ ، ساقلانغىنىغا كەم دىگەندە ئون يىل بولاي دىگەن ھەسەل ، كۆكىرىپ كەتكەن ماي ، قۇرتلىغان جىگدە-قاق ، قېتىپ داراڭلاپ كەتكەن توقاچلارنى ئاچىقتى . ئاندىن بەللىرىنى تولغاپ ئۇياق بۇياققا مېڭىپ چاي تەييارلاشقا تۇتۇش قىلدى . بارات ئۆزىنىڭ بىر قاغىدالما دەللىگە ئۇچىراپ قالغانلىقىنى چۈشەندى . بۇ خوتۇنغا قارىغانسىرى ئۇنىڭ ئىچىگە قورقۇنچ چۈشەتتى . « مېنى نىمە قارا بېسىپ بۇ
    خوتۇننى ئەگىشىپ بۇ ئۆيگە كېلىپ قالغاندىمەن ،_ دەيتى بارات ئىچىدە ، _ بۇ دەللىنىڭ دەرۋازىنى قۇلۇپلىۋالغىنىنى قارىمامدىغان . ئۇ مېنى كېچىچە نىمە قىلار ...»
       _ نىمىگە خوتۇن كىشىدەك نازلىنىپ ئولتۇرىسەن ؟_ دېدى ئايال چاينى تەييارلاپ ، باراتقا سۈركىلىپ دىگۈدەك يېقىن ئولتۇرۇپ ، _ قاتتىق ناننى چايغا چىلا ، يۇمشايدۇ . ھەسەل ، مايلاردىن ئېلىپ قورسىقىڭنى تويغۇز .
      شۇ تاپتا بارات ھېچنىمە يىمەيلا غىققىدە بولۇپ قالغانىدى .
      _مەن كېتىۋالايمىكىن ؟_ دېدى ئۇ .
      _ نەگە كېتەتتىڭ ؟_ دېدى ئايال ،_ قورقما ، مەن ئادەم يېمەيمەن . بارىدىغان يېرىڭ يوق ، مۇساپىرلىقىڭ چىرايىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ . قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى . ئىسسىق ئورۇندا يېتىپ كۆڭلىڭنى ئېچىپ كەت .
      _ ئىككىمىز كۆڭۈل ئېچىشساق توغرا بولماس ؟
       _ توغرا بولمايدىغان نەرى بار ئىكەن ؟...تۇل خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ قويساڭ ساۋاپ بولىدۇ . مېنى قېرى كۆرىۋاتامسەن -يە؟ ۋاي -ي، نېمىسىنى ئېيتاي ، ئەردىن ئايرىلغىنىمغا ئوتتۇز يىل بوپتۇ ، بىر چاغلاردا مەنمۇ قالتىس چوكان ئىدىم . ئىشىك ئالدىمدىن ئەر خەق ئەگىپ كەتمەيتى . سېنىڭ ياش چوكانلىرىڭمۇ بىر كۈنى قېرىپ مېنىڭدىن بەتتەر بولۇپ كېتىدۇ ...يالغۇزلۇقتا زېرىكىمەن ، ئېرىمنى سېغىنىمەن ، گۇناھلىرىمنى خۇدا ئۆزى كەچۈرەر ، ساڭا ئوشۇق تەلىپىم يوق . بىر كېچىلا قونۇپ كەت .
      قېرى خوتۇن باراتقا سۈركىشىپ يېلىناتتى ، نازلىناتتى . تالاغا ئوبدانلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى . باراتقا بۇ ئۆيدە قونۇپ قالماقتىن باشقا ئىلاجمۇ يوق ئىدى . خوتۇن ئالدىراپ داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ ، ئورۇن سالدى -دە، باراتنى يوتقانغا تارتىپ سالجىدەك يېپىشتى . قېرى خوتۇننىڭ يوتقان ئىچىدىكى ئۆز يېشىغا مۇناسىپ بولمىغان قىلىقلىرى ، غەلىتە ئېڭىراپ پۇشۇلداشلىرى باراتنىڭ تېخىمۇ غىدىقىنى كەلتۇرەتتى . ئۇ يىرگىنىچلىك بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ ، تاڭ
    يورۇشى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىنىشكە باشلىدى .
      _ نەگە؟ _ دېدى خوتۇن يوتقاننىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقىرىپ . ئۇنىڭ يالغان چېچى سىيرىلىپ ياستۇقنىڭ چېتىگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ، تاقىر بېشى ئېچىلىپ قالغان ، چىرايى تېخىمۇ سەتلىشىپ چۆچەكلەردىكى يالماۋۇز مومايغىلا ئوخشاپ قالغانىدى .   _ مەن قايتاي ،_ دېدى بارات .
      _ توختا !_ دېدى خوتۇن ، _ ئۈستۈڭدىكى كىيىملەرنى سېلىپ قويۇپ كەت .
      _ بۇ نىمە دېگىنىڭ ؟!
      _ ئۇ كىيىملەرنىڭ ماڭا لازىمى بار . رەھمەتلىك ئېرىمنىڭ بۇ كىيىملىرىنى يەنە ھېلىقى دىۋانىگە سەدىقە قىلىمەن . ئۇ ئېرىمگە ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ . خۇدادىن گۇناھلىرىمغا ئەپۇ سورايدۇ . ئاندىن كىيىملىرىمنى ئاپىرىپ ساڭا ئوخشاش يەنە بىر غېرىپ مۇساپىرغا بېرىدۇ ...
      _ ئاندىن سەن ئۇ كىيىملەرنى كىيگەن مۇساپىرنى بازاردا تونۇۋېلىپ « رەھمەتلىك ئېرىمگە ئەجەپ ئوخشايدىكەنلا» دەپ ئۆيۈڭگە باشلاپ كېلىسەن ،_ دەپ
    خوتۇننىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى بارات .
      _ ھەببەللى ،_ دېدى خوتۇن ،_ خېلى ئەقىللىق يىگىت كۆرۈنىسەن . قېرىغاندا كۈنۈم مانا شۇنىڭغا قالدى .
      _ گۇناھقا پېتىپ قېلىشتىن قورقمامسەن؟
      _ بىر ئاخۇنۇم مېنىڭدىن ئون تىللا ئېلىپ :«تۇل خوتۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ كىيمىنى ئۈستىگە ساپقان ئەر بىلەن زىنا قىلسا ھالال بولىدۇ » دەپ پەتىۋاپىچىپ بەرگەن . گۇناھىم بولسا شۇنىڭغا ھېساپ .
      _ مەن بۇ كىيىملەرنى ساڭا سېلىپ بېرىۋەتسەم تالاغا يالاڭاچ چىقىپ كېتەمدىمەن ؟!_ دەپ ۋارقىرىۋەتتى بارات ئاچچىقىدا .
      _ يالاڭاچ چىقىپ كېتىشتىن قورقساڭ تالاغا چىقما . مېنىڭ سېنى ئۆلگۈچە باققۇچىلىكىم بار .
      بارات ئۆيدىن ئېتىلغىنىچە قېچىپ چىقىپ ھويلىدا بىر دەقىقە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى . دەرۋازىدا يوغان قارا قۇلۇپ ئېسىقلىق تۇراتتى . ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ تامغا ئېسىلىپ ئارقىغا ئۇچۇپ چۈشتى . قېرى خوتۇننىڭ  ئشك ئالدىغا چىقىپ :
      _ ۋاي ئوغرى ، رەھمەتلىك ئېرىمنىڭ كىيىملىرىنى قويۇپ كەت، كىيىملىرىنى ...._ دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
      بارات ئىككىنجى قېتىم كەينىگە داجىپ جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ بېرىپ تامغا ئېسىلدى -دە، ھويلىنىڭ ئۇتەرىپىگە گۈپپىدە چۈشتى . ئورنىدىن ئالدىراپ تۇرۇپ ، كىيىملىرىنىڭ توپىسىنىمۇ قاقماي قاچتى .



      بارات شۇ قاچقانچە كۆل بويىدىكى ھويلىدىن يىراقلاپ بىر ئۆستەڭنىڭ بويىغا كېلىپ توختىدى . مۇزدەك سۇدا يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ ، كىيىملىرىدىكى توپا تۇماننى قاقتى . « رەھمەتلىك سودىگەرنىڭ بۇ لەنىتى كىيىملىرى ماڭا يەنە بىر پىشكەللىك تېپىپ بېرەرمۇ ؟_دەپ ئويلايتى ئۇ، _ ياق ، ئەمدى ئۇ قېرى دەللە ماڭ بىرەر يەردە ئېسىلدىغان بولسا يۈزىگە تۈكۈرۈپ ، ئۆزىنى رەسۋا قىلىمەن . ئىشقىلىپ ، ئادەم كۆپرەك يەردە يۈرگىنىم ياخشى . »
      باراتنىڭ پۇت قولىدا جان يوق ئىدى . قېرى خوتۇن ئۇنى كېچىچە ئاۋارە قىلغاچقا ، خالىيراق بىر جاينى تېپىپ تازا بىر ئۇخلىۋالغۇسى كېلەتتى . ئۇ يەنە ئەگىرى بۈگرى كوچىلار بىلەن مېڭىپ بازار ئىچىگە يېتىپ كەلدى . ھۈنەرۋەنلەر ، سودا سېتىقچىلار دۇكانلىرىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈپ ، سۇ چېچىپ ،دۇكان ئىېچىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى . بارات ماڭغىنىچە كەڭ بىر كوچىغا كىرىپ قالدى . بۇ كوچىغا چوڭ كىچىك سارايلار ئورۇنلاشقانىدى . سارايلار ئىچىدە ئاددىي
    ھوجىرىلار ، بايلار چۈشىدىغان ئالاھىدە ئۆيلەر ، مال چۈشۈرىدىغان كەڭ لاپاسلار بار ئىدى . ساراينىڭ ئارقىسىدىكى ئات ئۇلاغ تۇرىدىغان ھويلىلارغا بولسا ئۇزۇن ئوقۇرلار سېلىنغانىدى . بۇ يەردىكى موم ياغاچلارنى خىلمۇ خىل يۇرتلاردىن تولا مال باغلاۋېرىپ سىلىقلىتىۋەتكەنىدى . بارات چەتتىرەك جايلاشقان بىر دەڭگە كىرىپ كەلدى . بۇ دەڭ كوچىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە بولغاچقا خېرىدارى كەمرەك دەڭلەردىن ئىدى . شۇنداقغا لايىق ھوجىرىلاردىكى يوتقان كۆرپىلەرمۇ ئاددىيراق ، باھاسىمۇ ئەرزان ئىدى . بارات بىر ئامال قىلىپ مۇشۇ دەڭدىن بىر ھوجىرا ئېلىشنىڭ ئامالىنى قىلماقچى بولدى .
      بارات دەڭجاڭغا ئۆزىنى بىر سودىگەرنىڭ مۇشۇ شەھەردە تۇرۇپ مال ئالماقچى بولغان خىزمەتكارى دەپ تونۇشتۇردى . تاماق ۋە ياتاق پۇللىرىنى خوجايىنى ماللىرى بىلەن يېتىپ كەلگەندە بىراقلا ۋە بەلكىم ئوشۇقى بىلەن تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇنىڭسىزمۇ نۇرغۇن ھوجىرىلار بوش تۇرغاچقا ؛، دەڭجاڭ ماقۇل بولدى ۋە ئۇنىڭغا قاتاردىكى ئۆيلەرنىڭ بىرىنى ئېچىپ بەردى . باراتنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملىرى ، يۈرۈش تۇرۇشى ، گەپ سۆزلىرى ئۇنىڭدا گۇمانغا ئورۇن قويمىغانىدى .
      بارات ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا ناشتا قىلىپ ، دەڭدىن خۇددى ئۆز سودىگەرلىرىگە كېرەكلىك ماللارنى كۆرۈپ ، سۆزلىشىپ قويماقچى بولغان ئادەمدەك مېڭىپ چىقىپ كېتەتتى . كۈن بويى شەھەرنى ئارلايتى . چۆلدىكى بۇ چوڭ شەھەر ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئۆزىنىڭ غەرىپ بىلەن شەرىققە قارىغان دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ سانسىزلىغان كارۋانلار ، سەھرادىن ئۇلاغلىق ۋە پىيادە كېلىۋاتقان دېھقانلار ، ئوتۇنچىلار ، مەدىكارلارنى قۇبۇل قىلاتتى . بۇ ئادەملەر
    شەھەر ئىچىدىكى ئوقەتچىلەر بىلەن توشۇپ بازار رەستىدە سەلدەك ئاقاتتى . ئادەملەرنىڭ شاۋقۇنىدىن شەھەر كۈن بويى ئېغىر گۈرۈلدەيتى . كەچكە يېقىن شەھەر دەرۋازىلىرىدىن يەنە يېڭى تېڭىقلارنى ئارتقان كارۋانلار ، نەرسە كېرەكلەرنى سېتىپ يېنىكلىگەن دېھقانلار ، ئوتۇنچىلار ئالدىراپ چىقىپ كېتىشەتتى .
      بارات قانچە قېدىرىپمۇ ، شەھەر ئىچىدىن تەر ئاققۇزماي پۇل تاپقىلى بولىدىغان بىرەر يوچۇقنى كۆرمىدى . ئۇ ھەر كۈنى دەڭگە ھەر خىل يالغانلارنى توقۇپ قايتاتتى .«بۇ شەھەرنىڭ كوزىلىرى ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن،_دەيتى ئۇ دەڭجاغا ،_ پالانى كوچىدىكى كوزىچىلارغا ئىككى يۈز جۈپ گۈل قاچا ، ھېجىر تاۋاق ، كۈپلەرنى بۇيرۇتۇپ قويدۇم . ئەلۋەتتە كۈپلەرنى قۇرۇق ئەكەتمەيمىز . ئۇنىڭ ئىچىگە ئانار شەربىتى ياكى ئەنجۈر مۇرابباسى...» ،«بۇ يەرنىڭ پاختىلىرىمۇ ئەرزاندەك تۇرىدۇ،_ دەيتى ئىككىنجى كۈنى ئۇ ، _ بولسا يىگرىمە -ئوتتۇز تاي پاختا ئېلىپ ماڭساقمۇ بولغۇدەك ....»
      ساددا دەڭجاڭغا باراتنىڭ بۇ شەھەرنى ماختاپ قىلغان سۆزلىرى ياقاتتى . باراتقا بۇ شەھەردىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرىنى ، سۈپىتىنى ، قايسى ماللارنىڭ مەشھۇرلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى . بارات ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن شەھەر ھەققىدىكى كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋېلىپ ، ئەتىسى دەڭجانىڭ ئۆزىگە سۆزلەپ بېرەتتى . « بۇ شەھەرنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ،_ دەيتى ئۇ ،_ خوجايىننىڭ قانچىلىك ئۇلاغ بىلەن كېلىشىگە قارايمەن . ئەگەر بوش ئۇلاغ بولسا يەنە بىر قانچە تاغار گۈلە ، چىلان ، ياڭاق ئالساقمۇ بولىدۇ ...»
      بىر كۈنى بارات ئۆزى چۈشكەن دەڭگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر يەردىكى قىممار مەيدانىنى بايقاپ قالدى . بۇ شەھەرنىڭ بىكارچىلىرى ، قىممارۋاز ، چىكەرمەنلىرى بۇ يەردىكى چوڭ مەيدانغا يىغىلىشاتتى . چايچىلار ، چىلىمچىلەر تۆت ئوشۇق ، شىشخال ئويناۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلاتتى . دو مەيدانىغا قەغەز پۇللار ، كۈمۈش تەڭگىلەر ۋە بەزىدە نەق ئالتۇن تىللالار جىرىڭلاپ تۆكۈلۈپ ، قاراپ تۇرغانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن
    قىلىۋېتەتتى -دە، يەنە بىر دەمدىلا قايسى بىر ئامەتلىك قىممارۋازنىڭ قولىغا ئۆتۈپ غايىپ بولاتتى . بەزى كۈنلىرى بۇ يەردىن قانچە بايۋەتچىلەر ھەممە ۋەسلىدىن ئايرىلىپ ساراڭدەك دەلدەڭشىپ چىقىپ كېتەتتى . ئامىتى كەلگەن قايسى بىر يالاڭتۆش بىر دەمدىلا يېڭى بايۋەتچىگە ئايلنىپ قالاتتى . بۇ ئەتىراپتا يەنە قىمارۋازلارنىڭ تەر تۆكمەي تاپقان پۇللىرىنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن ئېچىپ قويۇلغان ئەيىش ئىشرەت سورۇنلىرى ، مەيخانا ، مەيخانىلارنىڭ ئارقىسىدا يەنە قانداقتۇر مەخپىي ھوجىرىلار بار ئىدى . بۇ ئەتىراپنى ئوغرى ، قاراقچى ، قىممارۋاز ، چىكەرمەنلەر ئۆز جەننىتى  ھېسابلىشاتتى . كېچىلىرى مەيخانىلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھۇجىرىلارنىڭ پەنجىرىلىرىدىن ئۇسۇلچى خېنىملارنىڭ چىراق يورۇقىدا ئەلەڭشىگەن كۆلەڭگىلىرى كۆزگە تاشلىناتتى . ئۇ يەردىن ئاڭلىنىۋاتقان نەغمە ناۋا ، داپ ، ساتار ، غېجەكلەرنىڭ ھەسرەتلىك نالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن ناخشا ئاۋازلىرى تاڭ يورىغىچە بېسىلمايتى .
       بارات بۇ مەيداندىكى قولدىن قولغا ئۆتۈپ كىمەلرنىڭدۇر قويۇنلىرىغا كىرىپ كېتىۋاتقان پۇللارغا قاراپ ھەيران بولاتتى . بەزىدە ئۇنىڭغىمۇ قانداقتۇر بىر تەلىيى كەلگەن مەرد قىممارۋاز ئۈلەستۈرگەن چوتاردىن ئازىراق تېگىپ قالاتتى . مۇنداق كۈنلىرى بارات بازاردىن مېۋە چېۋە ، سامسا ، پەرمۇدىلەرنى ياغلىقىغا تۈگۈپ ھۇجىرسىغا قايتاتتى ۋە دەڭجانى ئۆز داستىخىنىغا چاقىرىپ مېھمان قىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ دەڭنىڭ غورىگىل تامىقىغىلا قاراپ قالماي ،
    بازاردىنمۇ يېتەرلىك تاماقلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياتتى . « بۈگۈن يۈز پارچە گىلەمنى سۆزلىشىپ دۇكاننىڭ ئايرىم بىر يېرىگە باسقۇزۇپ قويدۇم ، _ دەيتى ئۇ ھېچقانداق خىجىل بولمايلا ، _ سودىگەر يېتىپ كەلسە ، شۇ گىلەملەرنىلا ئېلىپ ماڭساقمۇ ئوبداق پايدا قالىدۇ ...» قانداقتۇر يۈز پارچە گىلەم ، نەچچە يۈز جۈپ كوزا ، تاي تاي پاختىلار ئۈستىدە گەپ بولىۋاتقاندا ، دەڭجا ئەرزىمەس تاماق پۇلى بىلەن ھۇجىراھەققىدىن ئەنسىرەشنى ئۆزىگە ئوشۇقچە بىلەتتى . بارات بولسا خۇدانىڭ ئۇلۇغ قىسمىتىنىڭ نۇرى بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئۆزىنىڭ بېشىغىمۇ  چۈشىدىغانلىقىغا ، بىر كۈنى بىرەر تاسادىپىلىك يۈز بېرىپ تۈگىمەس دۇنيانىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنەتتى  . ئۇنىڭ تۇيغۇسى مۇشۇنداق بىر ئېھتىمالنىڭ چىنلىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەندەك قىلاتتى .
      بىر كۈنى بارات مەيداننىڭ ئوتتۇرسىدىكى تازا قىززىۋاتقان قىمارغا قاراپ تۇراتتى . پۇللار بىر ھەمياندىن يەنە بىر ھەميانغا ئۇچۇپ چۈشمەكتە ئىدى . تازا ئامىتى كېلىۋاتقان بىر قىمارۋازنىڭ پۇللىرى يانچۇق ، ھەميانلىرىدىن تېشىپ ، ئالدىغا دۆۋىلەنمەكتە ئىدى . تۆت ئوشۇق ئۇنۇڭغا ئارقا ئارقىدىن ئون نەتچە رەت كەلگەنىدى . ئەتىراپتا تۇرغانلارنىڭ جىددىيلەشكەنلىكتىن نەپىسى قىسىلىپ ، كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىشىۋاتاتتى . ئۇتتۇرىۋاتقانلار ئۇتتۇرغانسىرى تېخىمۇ
    قىززىپ ، قوللىرىنى ئىشتانلىرىنىڭ ئاللىقانداق بىر يەرلىرىگە تىقىپ ، ئېھتىيات ئۈچۈن ئايرىپ قويغان پۇللىرىنىمۇ چىقارماقتا ئىدى .
        _ يائاللا!_ دەۋەتتى ئولاشقان كىشىلەرنىڭ دۈمبىسىدىن بوينىنى سوزۇپ قاراپ تۇرغان بارات ،_ بۇ خەق مۇنچىۋالا پۇلنى نەدىن تېپىشىدىغاندۇر ؟!
      _ سەن تېخى ئۇقمامسەن ؟_ دەپ ئۇنىڭ سۇئالىغا سۇئال قويدى يېنىدا تۇرغان بىرەيلەن .
       _ ئۇقمايدىكەنمەن .
      _ ئوغۇرلايدۇ .
      _ ئوغىرلايدۇ؟
      _ ھە ، ئوغىرلايدۇ .
      _ نەدىن ئوغۇرلايدۇ ، شۇنچىۋالا پۇلنى ئوغۇرلىغۇچە پۇلنىڭ ئىگىسى نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ بۇ شەھەرنى كۈزەت قىلىدىغان ساقچى ، ساقچىلارنى نازارەت قىلىدىغان ھاكىم يوقمۇ ؟
      _ سەن ياقا يۇرتلۇق ئوخشىمامسەن ؟_ دېدى ھېلىقى كىشى ، _ پاھ بىزنىڭ ھاكىمنىڭ ئاچچىقىنى بىر دېمە ، ئوغرى تۇتۇلۇپ قالسا بىرىنجى قېتىمدا سول قولى ، ئىككىنجى قېتىمدا ئوڭ قولى ، ئۈچىنجى قېتىمدا كاللىسى كېسىلىدۇ . ئوغرىنى مال ئىگىسى ئۆزى تۇتىۋالسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ سورىقى بولمايدۇ .
    لېكىن ، ئاغىنە ، ئوغرىلىق قىلغان ئادەم ئۇلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوغىرلىمايدۇ-دە!
      _ يا قۇدىرەت !_ دەۋەتتى بارات ،_ قانداق قىلىپ شۇنچىۋالا دۇنيانى بىر كېچىدىلا تۇيدۇرماي ئوغىرلىۋالغىلى بولىدىغاندۇر ؟
      _ ئاۋۇ كۆزلىرى يوغان قىممارۋازنىڭ ئىشتانبېغىغا چىگىۋالغان ئىنچىكە ، ياپلاق تۆمۈرنى كۆردۈڭمۇ؟_ دەپ چۈشەندۈردى ھېلىقى كىشى ،_ پاھ ، ئۇ ئاجايىپ بىر خاسىيەتلىك ئاچقۇچ ، كېرەك بولغاندا ئۇ ھەرقانداق مەھكەم قۇلۇپنى شالاققىدە ئېچىۋېتەلەيدۇ ...، قارا، قارا، ئۇنىڭ ئاتقان ئوشۇقى يەنە ئالچۇ چۈشتى . ئۇ قىماردىمۇ ئامەتلىك ، لېكىن بىلىپ قوي ، ئامەت دىگەندە ئىشەنچ يوق ، ئوغرىلىقنى ئۇ ئامىتى قاچقان چاغلاردا قىلىدۇ . شەھەردىكى ھەممە بايلار ھەر ۋاخلىق نامىزىدا ئۇنىڭغا قىماردا ئامەتلىك بولۇشنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ . بولمىسا ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي .
    _ ئاۋۇ كىشىگە قارا ، بىچارە نۇرغۇن پۇل ئۇتتۇرىۋەتتى ،_ دېدى بارات.
    _ مۇنۇ ئارقا ئارقىدىن ئۇتتۇرىۋاتقان باي قۇشنى دەمسەن ؟ توغرا ئېيتتىڭ ، بۈگۈن ئۇنىڭدىن ئامەت قېچىپتۇ . ئۆتكەن ھەپتە ئۇ تازا ئۇتقانىدى . كۆردۈڭمۇ ، ئۇنىڭ پاچاقلىرى سېنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن ، ئۇ ئاشۇ ئۇزۇن پۇتلىرى بىلەن ھەرقانداق تامدىن ئارتىلىپ ، خالىغان ھويلىغا چۈشەلەيدۇ . بايقىدىڭمۇ ، ئۇ ئوشۇقنى سول قولىدا ئېتىۋاتىدۇ.
    ئۇنىڭ ئوڭ قولى بىزنىڭ ئادىل ھاكىمىمىز تەرىپىدىن كېسىپ تاشلانغان . ئۇنىڭ دەستىدىن بايلار ئۆيىنىڭ تېمى ئۈستىگە ھەر يىلى يېڭىدىن كۇمىلاچا قويۇپ ئېگىزلىتىشكە مەجبۇر...
      _ ئاۋۇ ئارلىقتا قىسىلىپ ئولتۇرغان ۋىجىككىنە ئاغىنىچۇ ، ئۇنى مەن مۇشۇ قىمار مەيدانىدا دائىم كۆرىمەن . ئۇ مۇشۇ ئاكىلىرىنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ جان باقسا كېرەك ؟_ دەپ سورىدى بارات .
      _ نىمە دېدىڭ ؟ ئۇ مۇشۇ شەھەردىكى ئەڭ مەشھۇر يانچۇقچى ، قارا ، ئۇنىڭ تەقى تۇرقى ئاياللارنىڭكىدەك زىلۋا ، ئىڭەكلىرىدە ساقال بۇرۇت دىگەننىڭ دىدارىمۇ يوق ،  تۇغما كۇسا . سەن بازاردىكى ئادەملەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇللارنى ئۇنىڭ پۇللىرى دەپ ھېسابلاۋەر . پۇل لازىم بولغاندا ئۇ پۈركەنجىدىن بىرنى ئارتىپ ، يۈزىگە چۈمبەل تارتىپ ، ئاۋازىنى ئىنىچىكە چىقىرىپ بازاردا پەيدا بولىدۇ . بازاردىكى يۈزلىگەن خوتۇنلارنىڭ ئىچىدىن قېنى سەن ئۇنى قانداق پەرىق
    قىلالايسەنكىن ؟...ئۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ ، ھەممىسىنىڭ يانچۇقىن بىردەمدىلا قۇرۇقداپ بولىدۇ . ئەگەر ئۇ ساغرىلىرىنى ئوينىتىپ ، نازلىنىپ ماڭىدىغان بولسا ، مەنمەن دىگەن بايۋەچچىمۇ ئېسىنى يوقىتىپ ئەگىشىپ ماڭىدۇ . خالىيراق يەرگە بارغاندا ئۇ ناز قىلىپ بايۋەچچىگە سۈركەلگىلى تۇرىدۇ . ئىنچىكە ، ئۇزۇن بارماقلىچى بىردەمدىلا بايۋەچچىنىڭ ھەممە يانچۇقىغا قاتىراپ ئۈلگۈرىدۇ ...، مانا ، مۇنۇ تاۋكاغا كۈمۈش تەڭگىلەرنى شاراقشىتىپ تۆكۈۋاتقان شاپ بۇرۇتنى كۆرۈپ قوي. ئۇنى ھەقىقىي قاراقچى دىسەڭ بولىدۇ ، چۆل يوللىرىدا كارۋانلارنى توسۇپ بۇلايدۇ . ئۇخلاپ قالغان ، غەپلەت باسقانلارنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ماللىرىنى ئېلىپ قاچىدۇ ...
      « يارەببىم!_ دەۋەتتى ئىچىدە بارات،_ بايا بىزنىڭ ئالتۇنلىرىمىزنىمۇ يولدا ئەنە شۇنداق قاراقچلار بابلىغان ئىكەن-دە! شۇ چاغدا ئاكا -ئۇكا بىرەرىمىز ئويغىنىپ مىدىرلاپلا قالغان بولساق كاللىمىزدىنمۇ ئايرىلىدىغان چېغىمىز ...،كىم بىلىدۇ، مۇشۇ تاۋكانى قىززتىۋاتقان پۇللار ئىچىدە بىزنىڭ تىللالىرىمىزمۇ باردۇر بەلكىم؟...»
      تۇيۇقسىز باراتنىڭ كاللىسىدا :«باشقىلار مېنىڭكىنى ئوغۇرلىسا بولىدىكەنۇ ، مەن باشقىلارنىڭكىنى ئوغىرلىسام نېمىشقا بولمىغۇدەك ،_ دىگەن خيال يالت قىلىپ چاقنىدى-دە، كۆزلىرى ئويناپ كەتتى ، _ مېنىڭ پۇتۇم ئاۋۇ ئوغرىنىڭكىدىن قىسقىراق بولسا نېمە بوپتۇ ، ناھايىتى مەن سەل پاكارراق تاملاردىن ئارتىلىپ ، ئازىراق نەرسە يۈدۈپ چىقارمەن ، ئىشقىلىپ ئاچ يۈرگەندىن ياخشىراق !...» ئەتىسىدىن باشلاپ بارات بازار تارقىلىشى بىلەنلا بازار مەيدانىنى ، بوش قالغان رەستىلەرنى ئايلاندى . كوچىلاردا ئىتلار قاتىراپ ، ئاشخانىلارنىڭ ئالدىدىكى سۆڭەك ۋە باشقا تاشلاندۇق نەرسىلەرنى تالىشىپ بىر بىرىگە خىرىس قىلىشاتتى . دۇكانلارنىڭ قېلىن تاختاي ئىشىكىلىرى مەھكەم ئېتىلگەن بولۇپ ، ئۈستىدىن پولات قۇلۇپلار سېلىنغانىدى . بەزى ئىشىكلەردە يەنە قانداقتۇر تاقاقلار ، ئالماپ باغلىۋېتىلگەن تۆمۈر زەنجىرلەر ئېسىلىپ تۇراتتى . بۇ يەردىكى بارلىق قۇلۇپلارنى شاراقشىتىپ ئېچىۋېتىدىغان خاسىيەتلىك ئاچقۇچ بولسا باراتتا يوق ئىدى . قاراڭغۇ چۈشۈش بىلەنلا رەستىلەر بېشىغا قاراۋۇللارنىڭ گۈلخانلىرى يېقىلاتتى . ئۇلار ۋاقتى ۋاقتىدا كالتەكلىرىنى تاقىلدىتىپ دۇكانلار ئالدىدىن ئۆتۈپ تۇراتتى ، كۆزەتچىلەرنىڭ ئايىغى تاكى تاڭ يورۇپ ، كوچىلاردا يولۇچىلار پەيدا بولغۇچە بېسىلمايتى . مۇنداق ئەھۋالدا تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئوغرىلارنىڭ پۇت قولىنى كېسىدىغان شەھەر بېگىنىڭ ئالدىغا ئۆز ئايىغى بىلەن بارغانغا باراۋەر ئىدى .
      يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ، بارات بازار ئەتىراپىدىكى مەھەللىلەرنى ئارلاشقا باشلىدى . پاكار پاكار تاملار بىلەن قورشالغان كەمبەغەللەر مەھەللىلىرىدىن بارات ئىتتىكىلا ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ يەردىكى ئۆيلەر شۇنچىلىك كۆرۈمسىز ، ھويلا ئاراملارنىڭ تاملىرى پاكار، دەرۋازىلىرى قاغىجىراپ قىيسايغان ، بەزى ھويلىلارنىڭ دەرۋازا تاملىرىمۇ يوق ئىدى . ھويلىلاردا يالىڭاچ بالىلار يۈگۈرۈپ يۈرىشەتتى . ھويلىنىڭ كۆلەڭگە چۈشىدىغان يېرىدە ئولتۇرغان ھالسىز مومايلار
    چاق ئىگىرىشەتتى . ئورۇق بوۋاقلار ئانىسىنىڭ سۈتى يوق كۆكسىنى كۈچەپ شورايتى . بۇ ئۆيلەرگە كىرگەن ئادەملەر بىر نەرسە ئېلىپ ئەمەس، بىر نەرسە بېرىپ چىقسا بولاتتى .
      بايلار ، سودىگەرلەر تۇرۇشلۇق مەھەللىلەرنىڭ ھويلا تاملىرى بىر بىرىدىن ئېگىز بولۇپ ، ئۇ ئېگىز تاملارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۈستىگە بېخىل بايلار يەنە تىكەنلەرنى سانجىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتىمىغانىدى . ئېگىز تاملار ئوتتۇرسىدىكى كۈن چۈشمەس كوچىلار دائىم جىمجىت تۇراتتى . ئۇ يەردە كېتىپ بارغان كىشىگە پەقەت ئاسماننىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى ياكى بىرەر پارچە ئاق بۇلۇتلا كۆرۈنەتتى . مۇستەھكەم دەرۋازىلاردا بولسا ئېغىر تۆمۈر ھالقىلار ئېسىلىپ تۇراتتى .
    گۇمان تۇغدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ، بارات مۇنداق كوچىلاردا ھېچنىمىگە قارىمىغان بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە بولسا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ھەممىگە ئىنچىكە سەپسېلىپ ئۆتەتتى . « ئاشۇ دائىما مەھكەم يېپىقلىق تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك دەرۋازىلارنىڭ ئىچىدە نىمە ئالامەتلەر باردۇر؟_ دەپ خىيال قىلاتتى بارات ،_ ئۇ يەردە بەلىكىم ھېسابسىز دۇنيالار چېچىلىپ ياتقاندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەككار بايلار يەنە ئۇ يەرگە ئاچچىقى يامان كۆزەتچىلەر بىلەن ئېيىقتەك يوغان ئىتلارنىمۇ باغلاپ قويغاندۇر؟...ياق ، ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ ھەرگىز تەۋەككۈل قىلىشقا بولمايدۇ ...»
       « ئەلۋەتتە ، تېشىدىن قۇلۇپ سېلىنغان ھويلىلارغا ئارتىلىپ چۈشۈش كېرەك !_ دىگەن بىر پىكىر كەلدى باراتنىڭ كاللىسىغا بىر كۈنى ،_ تېشىدىن قۇلۇپ سېلىندىمۇ ، ھويلا ئىچىدە ئادەم يوق دىگەن گەپ . تامدىن ئارتىلىپ ، ئىچىگە ئامان ئېسەن چۈشۈۋالساڭلا ، ئۇ يەردە بەھۇزۇر ساياھەت قىلىپ يۈرىۋېرىسەن !»
      كىشىنى تەقەززا قىلىپ ھارغۇزىۋېتىدىغان ئۇزاق كۆزىتىشلەردىن كېيىن ، بارات ئەنە شۇنداق دائىم قۇلۇپلاقلىق تۇرىدىغان بىر ئۆينى بايقاپ قالدى . بۇ ھويلىنىڭ ئېگىز تاملىرى ئۈستىگە ئەتىگىنى -ئاخشىمى قىزغۇچ كۈن نۇرى چۈشەتتى . ھويلا ئالدىدىكى تار كوچىغا بولسا كۈن تىكلەشكەندىلا بىردەم كۈن نۇرى چۈشەتتى-دە، ئاندىن ئۇ يەردە يەنە دائىملىق تىنچىق كۆلەڭگە ھۆكۈم سۈرەتتى . بارات نىشان قىلغان قورۇنىڭ ياڭاق ياغىچىدىن نەقىشلەپ ئىشلىگەن يوغان دەرۋازىسى بار ئىدى . تام ئۈستىگە كەپتەرلەر قونۇپ گۇگۇلدىشاتتى . كوچا تەرەپتە ئۆسكەن يوغان بىر تۈپ قاپاق تېرەك شاخلىرىنى تام ئۈستىگە ئارتىپ ھويلا تەرەپكە ئۇچ تارتىلغانىدى . بۇ تېرەك ۋە ئۇنىڭ قۇيۇق شاخلىرى باراتنىڭ تامدىن ئارتىلىشىغا ياردەم قىلىشقا ، كوچىدا تۇيۇقسىز ئادەم پەيدا بولغۇدەك بولسا ئۇنى قۇيۇق يۇپۇرماقلىرى ئارىسىدا يۇشۇرۇپ قېلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى .
      ھېلىقى ھويلىدىن ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى چار ساقال ، چىرايى سۆرۈن ، ئاقساپ ماڭىدىغان بىر ئادەم چىقاتتى -دە، دەرۋازىنىڭ تۆمۈر ھالقىلىرىغا يوغان شادىقۇلۇپنى بېسىپ ، ئۇنى مەھكەم ئېتىلدىمۇ يوق ؟دەپ يەنە بىر نەتچە سىلكىپ قويۇپ ، بازارغا قاراپ ماڭاتتى . يول يۈرگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقساقلىقىنى بىلىندۈرمەسلىككە شۇنچە تىرىشسىمۇ ، ئۈستىدىكى قىممەت باھالىق ئۇزۇن تون ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئەيىبىنى يېپىپ قالالمايتى . بازارنىڭ تازا قايناق يېرىدە بۇ
    ئادەمنىڭ گەزمال دۇكىنى بار ئىدى . چۈشتە باشقا دۇكاننىڭ خوجايىنلىرى چايخانىلاردىن قىززىق چاي ئالدۇرۇپ ، پەتنۇستىكى پىستە ، بادام ، مېغىزلار بىلەن تاماقلانسا ، بۇ ئادەم ئۆيدىن ئېلىپ بارغان قاتتىق ناننى غاجىلاپ سودىسىنى قىلىۋېرەتتى . بازار تارقىغاندا بەزى سودىگەرلەر پەيتۇنغا ئولتۇرۇپ مەشرەپ ئولتۇرۇشلارغا قاراپ ماڭاتتى . بەزىلىرى ھېلىلا دۇكىنىدا سىرلىق پىچىرلىشىپ بىر مۇنچە مالنى پۇل ئالماي كۆتۈرتۈپ قويغان سەتەڭنىڭ ئۆيىگە راۋان بولاتتى .
    ھېلىقى كىشى بولسا دۇكىنىنى ئالدىرماي تاقاپ ، يەنە قۇلۇپلارنى بىر نەچچە قېتىم تارتىپ كۆرۈپ ، پۇتىنى سۆرەپ ئاقساقلاپ ماڭغىنىچە كۆكتات ، مېۋە چىۋە بازىرىغا كېلەتتى . ئۇ يەردە ئۇزۇندىن ئۇزۇن سودىلىشىپ ، كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ خالتىسىغا تىققاندىن كېيىن ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى .
    دەرۋازىدىكى مىس قۇلۇپنى ئۇزاق ھەپىلىشىپ ئاچاتتى -دە، دەرۋازىنى گۈپپىدە يېپىپ كىرىپ كېتىپ ، تاكى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە كۆرۈنمەيتى .
      « ئەجەپ ئىش -ھە! _ دەپ ھەيران بولاتتى بارات ،_ بۇ ئادەم شۇنچە يوغان قورۇدا ئۆزى يالغۇز تۇرامدىغاندۇر؟ نېمىشقا ھويلا ئىچىدىن باشقا بىرەر جاننىڭ ئاۋازى چىقمايدۇ؟ ئۇنىڭ بالا چاقىلىرى يوقمىدۇر؟ بۇ ئادەم شۇنداق يىگانىلا بولىدىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئۆيلىرى مال دۇنيا بىلەن تىنىپ كەتكەندۇر ؟ بەلكىم ئۇ ئۆزىدىكى جىسمانىي ئەيىپلەر تۈپەيلى ئايال جىنسىغا يېقىن يولىماسلىققا قەسەم قىلغان ئادەمدۇر ...،ئەگەر ئۇ ھويلىدا يالغۇز بولسا ، بازاردىن ھەر كۈنى ئەكىلىدىغان شۇنچە كۆپ يىمەكلىكلەرنى نىمە قىلىدۇ ؟...»
       ئويلىغانسىرى بۇ ھويلا باراتقا شۇنچە سىرلىق ۋە ئاجايىپ بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى . سىرلىق نەرسە قانچە سىرلىق بولغانسىرى كىشىنى شۇنچە جەلىپ قىلىدۇ . بارات كۈندۈزى -سودىگەر بازاردا تازا قىززىق سودا قىلۋاتقان پەيىتتە بۇ ھويلىغا چۈشۈپ كۆرۈش قارارىغا كەلدى .

    سىرلىق ھويلا

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us