• قۇم باسقان شەھەر(14)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139824.html

     

    ئۆمەرباي ۋە باراتباي


      چۆل ئوغلىنىڭ تىللاسىنى سېتىۋالغان قېرى زەرگەرنىڭ ئىسمى نۇردۇن ھاجى ئىدى . ھاجىم يىگىتنى ئۇزىتىپ قويۇپ ، ئالدىراپ دۇكىنىغا كىردى -دە ، تىللانى يەنە قولىغا ئالدى . « بۇ ئاجايىپ ئالتۇندا نېمە ياساش كېرەك ، سىرغىمۇ ، ئۈزۈكمۇ ؟..._ دەپ ئويلىنىپ قالدى ئۇ ، _ بۇ تىللانىڭ شۇ تاپتا ئوتقا چۈشۈپ سىماپتەك ئېرىپ ھەرقانداق زىننەت ئەسۋابىغا ئايلىنىشى چوقۇم . لېكىن بۇ ساپ تىللانى ئېرىتىۋېتىش ئېچىنىشلىق ئىشتەك قىلىدۇ ...، ھەببەللى ! _ دەپ ئۆز ئەقلىگە ئاپىرىن ئېيتتى بىر ھازادىن كېيىن ، _ مەن بۇ تىللانى ئالدى بىلەن سەرراپ ئۆمەربايغا كۆرسىتەي ، ئەگەر ئۇ ئوبدانراق پۇل تۆلەپ قالسا ، ئەمگەك قاتماي شۇنداق ساتقىنىممۇ تۈزۈك ، تۇغىدىغان چۆچەكنى يەنە تېپىۋالسا ئۇ مۇنداق تىللالاردىن يەنە ئەكىلىشى مۇمكىن . »
       نۇردۇن ھاجى قۇزۇقتىكى ئۇزۇن پەرىجىسىنى ئېلىپ كىيىپ ، پۇتىغا شاقىلداق كېشىنى سېپىپ ، دۇكاننى ئالدىراپ قۇلۇپلاپ سەرراپ بازىرىغا قاراپ ماڭدى .
      سەرراپ بازىرى شەھەرنىڭ ئۈستى يېپىق كوچىلىرىنىڭ بىرىدە ئىدى . ئاپتاپلىق ، توپىلىق ۋە ۋاڭ چۇڭلۇق بازاردىن ئۆتۈپ بۇ سەرراپ كوچىسىغا كىرگەن كىشى بۇ يەردە جانغا راھەت بىر سالقىنلىق ۋە جىمجىتلىقنى ھېس قىلىپ ھوزۇر ئالاتتى . ئالدىغا بىلىنەر بىلىنمەس سۇ سېپىلگەن دۇكانلارنىڭ ئىچىدىكى گىلەم ياكى قىممەت باھالىق تېرىلەرنىڭ ئۈستىدە سودىگەرلەر كېرىلىپ ئولتۇرۇشاتتى . ئۇلار سودىدا ئۇتىۋېلىش ئۈچۈن بىر بىرىگە سىرلىق تەكەللۇپ ياكى ئاچچىق تەنىلەرنى قىلىشاتتى .ئادەتتە ، ياماق چاپانلارنى كىيگەن شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ قەدىمى بۇ كوچىغا كەم يېتەتتى . سەرراپ ئۆمەرباينىڭ دۇكىنى مانا شۇ قاتار كەتكەن دۇكانلارنىڭ بىرىدە ئىدى .
      ئۆمەرباي - ھېلىقى يانتاق ئاقساقالنىڭ چوڭ ئوغلى ئۆمەرنىڭ نەق ئۆزى بولۇپ ، ئون نەچچە يىللاردىن بېرى تەقدىر ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى قىلغانىدى .ئۆمەرنىڭ ناتونۇش شەھەرگە كىرىپ ، نىزامباي دىگەن كىشىگە ياللىنىپ ، ئۇنىڭ بېغىدا ئىشلىگەنلىكى ۋە نىزامباينىڭ چوڭ خوتۇنى بىلەن بولغان سىرلىق مۇناسىۋەتلىرى كىتابخانىمىزغا مەلۇم .
      ئەگەر تەقدىرنىڭ بىر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇسى كەلسە ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تاسادىبىيلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ ...، نىزامباي ئاتقا ناھايىتى ھېرىسمەن ئادەم ئىدى . بىر قېتىم ئۇ شاش بىر ئارغىماقنى كۆندۈرۈپ مىنمەكچى بولغاندا ، ئاتنىڭ تۇياقلىرى ئارىسىدا قېلىپ ئۆلدى . شۇنىڭدىن كېيىن ، نىزامباينىڭ باشقا خوتۇنلىرى نىزامبايدىن بولغان بالىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ باينىڭ مال مۈلىكىنى بۆلۈشىۋېلىپ قانائەت ھاسىل قىلىشتى . ئايىمغا بولسا ئۆزى تۇرىۋاتقان چوڭ باغ قالغانىدى . ئايىم بۇنىڭغا شۈكرى قىلىدى . ئۇنىڭ ئاتىسىدىن قالغان دۇنياسىمۇ يېتەرلىك ئىدى . ئۇنىڭغا پەقەت ئاشۇ باغ ۋە يېنىدا ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچى يىتىمچى يىگىت بولسلا كۇپايە ئىدى .
      ئايىم نىزامباينىڭ يىل نەزىرسىنى تەقەززارلىق بىلەن ئۆتكۈزدى . ئاندى يۇرت چوڭلىرىنى چاقىرتىپ مول داستىخان سالدى . ئۆزىنىڭ باغدىكى ئاشۇ مۇساپىرغا ياتلىق بولۇپ ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلىماقچى بولغانلىقىنى توغرىدىن توغرىلا ئېيتتى . داستىخان ئۈستىدىكىلەر بىر بىرىگە قاراپ قويۇشتى -دە ، دەرھاللا بۇ ئىشقىمۇ ئۆزىگە لايىق پەتىۋا پىچىشتى . «بىرىنچىدىن ،-دېيىشتى ئۇلار ، _ مۇسۇلمان مەزلۇمنىڭ تۇل ئولتۇرۇشى ياخشى ئىش ئەمەس ، ئىككىنچىدىن ، ئاياللارنىڭ ئۆزىدىن يېشىكى كىچىك ئەرگە ياتلىق بولىشى ئۇلۇغلاردىن قالغان ياخشى پەزىلەت .» بۇ پەتىۋانىڭ خاسىيىتى ئۈچۈن يۇرت چوڭلىرىنىڭ ھەر بىرى ئايىمنىڭ ئۆيىدىن قويۇنلىرىنى ئوبدانلا تومپايتىپ قايتىشتى .
      ئايىم كېيىن ئۆمەرگە سەرراپ بازىرىدىن مانا بۇ دۇكاننى ئېچىپ بەردى . ئۆمەرنىڭ سودىسى ئوبدانلا يۈرۈشۈپ كۆپ ئۆتمەيلا شەھەرگە ئۆمەرباي بولۇپ تونۇلدى . ھەر ھالدا ئايىم ئىنساپسىز ئاياللاردىن ئەمەس ئىدى . ياش ئېرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇلىقى يۇمشاق كىچىك خوتۇندىن بىرنى ئېلىپ بەردى . ئۆمەرنىڭ كىچىك خوتۇنى ئايىمنىڭ سۆزىدىن چىقمايتى . ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى .
       ئۆمەرباي شۇتاپتا دۇكىنىدا يۇمشاق ئەيلەنگەن تېرە ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ، كېچە كىچىك خوتۇنى بىلەن بولغان قىززىقچىلىقلارنى ئويلاپ يېرىم كۈلۈمسىرەپ ، يېرىم مۈگىدەپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ ياخشى تاماق ۋە راھەتتىن قىزارغان گۆشلۈك يۈزلىرى مايلاپ قويغان پوم ناندەك پارقىرايتى . ئالدىدىكى پەتنۇستا بولسا يۇمشاق نان ، كۆك كىشمىش ، مېغىز ۋە چەينەكتە يېڭىلا كەلتۈرگەن قىززىق چاي تۇراتتى .
       _ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئۆمەرباي ،_ دەپ كىرىپ كەلدى زەرگەر .
      _ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، نۇردۇن ھاجىم ، قېنى يۇقۇرى ئۆتسىلە ، مانا بۇ ياققا ، گىلەمنىڭ ئۈستىگە ، _ دەپ ئورنىدىن تۇردى ئۆمەرباي .
       نۇردۇن ھاجىم ھاسىرىغىنىچە بېرىپ گىلەمنىڭ بىر بۈرجىكىدە ئولتۇردى . قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ بولۇپمۇ ، بىر ھازا دېمىنى باسالماي گەپ ئاچمىدى . ئۆمەرباي ئۇنىڭغا پىيالىدە قىززىق چاي سۇندى .
      - خوش ھاجىم ، قەدەملىرى بۇ ياققا يېتىپ قاپتۇ ، ھېلىقى زاكاز قىلغان ماللار پۈتۈپ قالدىمۇ ، قانداق ؟
      _ ھە ، ھېلىقى ئالتۇن زىرىنى دەمدىلا ؟ يەنە ئازىراق پەردازى قالدى . ئۆزلىرى بىلىدىلا ، ئۆمەرباي ، ئىشىنى قولنىڭ ئۇچىدىلا قىلغان بىلەن بولمايدۇ ، - دەپ گەپ باشلىدى نۇردۇن ھاجى .
      _ شۇنداق ، شۇنداق !...ھۈنەرنىڭ جىڭ بولغىنى ياخشى ، شۇڭا بىز سىلىنى ئىزدەيمىز -دە.
       _ بۈگۈن بۇ تەرەپكە كېلىشىمنىڭ سەۋەبى ، _ دېدى ھاجىم ، _ مانا بۇ تىللانىڭ بازاردا ئېقىۋاتقان باھاسىنى مۆلچەرلەپ باقسىلا بوپتىكەن .
       ئۆمەرباي زەرگەر ئۇستىنىڭ كۆپكۆك تۇمۇرلىرى كۆپۈشۈپ تۇرغان ئورۇق قولىدىن كىچچىككىنە ياغلىقنى ئالدى . ياغلىقنى ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىللانى قولىغا ئېلىپ ، سېمىزلىكتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرىنىڭ نەق ئالدىغا ئەكىلىپ سىنچىلاپ قارىدى . ئاندىن تارازىغا سالدى . تارازىدىن ئېلىپ ، يەنە ئۆرۈپ -چۆرۈپ قاراشتۇردى -دە :
      _ بۇ تىللانى ئېرىتىپ بۇزىۋەتسىلە چوڭ ئىسراپچىلىق بولىدۇ ، ھاجىم !_ دېدى .
      _ مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم .
      _ ئويلىغانلىرى دۇرۇس . « ئالتۇننىڭ قەردىنى زەرگەر بىلىدۇ » دىگەن بىكار گەپ ئەمەس -دە ، _ دەپ كۈلدى ئۆمەرباي ،_ مانا مەن بۇ تىللاغا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ، ئۆزى بىلەن تەڭ ئالتۇننىڭ باھاسىدىن بىر باراۋەر ئارتۇق پۇل تۆلەيمەن . ئۆمەرباي پوكەينىڭ ئاستىدىن بىر تېرە خالتىنى سوغۇرىۋېلىپ ، شاراقلىتىپ كۈمۈش تەڭگىلەرنى ساناپ زەرگەرگە تەڭلىدى . بۇ پۇل ھاجىم چۆل ئوغلىغا بەرگەن پۇلدىن ئۈچ باراۋەر كۆپ ئىدى . ئەلۋەتتە ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى مۇنچىلىك پايدىغا شۈكرى دېمەك لازىم -دە ، ھاجىم پۇلنى ئېلىپ ، ئۈندىمەي ئورنىدىن تۇرۇپ خوشلىشىپ ماڭدى .
       نۇردۇن ھاجى كۆزىدىن يىراقلىشىشى بىلەنلا ئۆمەربايمۇ ھېلىقى تىللالارنى يىپەك ياغلىقىغا تۈگۈپ ، دۇكاننى ئالدىراش قۇلۇپلىدى -دە ، ئۆيگە قاراپ ماڭدى . ئۆيدە خوتۇنلىرىنىڭ تاماققا تۇتقىنىغا ئۇنىماي ، تون سەرپايىلىرىنى يەڭگۈشلىدى . چىلان تورۇق ئېتىنى توقۇتۇپ مىنىپ باراتباينىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى . ئۇ شەھەرنىڭ توپىلىق يوللىرى بىلەن ئۇزۇن يۈرۈپ ، شەھەر سىرتىدىكى ، ئېگىز كۇمىلاچ تاملار بىلەن قورشالغان بىر چوڭ باغنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشتى . نەقىشلىك ئېغىر دەرۋازا قىيا ئېچىلىپ ، بىر مالاينىڭ بېشى كۆرۈندى .
      _ باراتباي ئۆيدە بارمۇ؟_ دەپ سورىدى ئۆمەرباي .
      _ باي ھېلىراقتا قايتىپ كەلدى ، _ دەپ جاۋاپ بەردى مالاي .
      _ سەرراپ بازىرىدىكى ئۆمەرباي كەپتۇ ، دەپ خەۋەر قىل ، باي بىلەن مۇھىم بىر ئىش ئۈستىدە پاراڭلاشماقچىدىم .
      مالاي ئۇزۇندىن كېيىن قايتىپ چىقىپ ئۆمەرباينىڭ قولىدىن ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى ئالدى -دە :
      _ مەرھەمەت ! باي باغدا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ، - دەپ دەرۋازىنى ئاچتى .
      بۇ باراتباي دېگىنىمىز ، يانتاق ئاقساقالنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ، ئۆمەرنىڭ ئىنىسى بارات ئىدى . باراتنىڭ ئاكىسى ئۆمەر بىلەن ئازارلىشىپ قىيداپ ، شەھەرنىڭ باشقا دەرۋازىسى بىلەن كىرىپ كەلگەنلىكى كىتابخانىلارغا مەلۇم . تەقدىر ئۇنىمۇ ئاجايىپ قىسمەتلەرگە يولۇقتۇردى . ئۇ ھېلىقى ئاقساق سودىگەرنىڭ ھويلىسىغا تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ ، ئۇنىڭ كىتاپ مەستانىسى _ ياش خوتۇنى بىلەن بىرلىشىپ باينى تۇيدۇرماي ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، ئايجامالنى ئەمىرىگە ئالدى . سودىگەرنىڭ پىخسىقلىق بىلەن بىر ئۆمۈر يىغىپ كۆمگەن دۇنيالىرى باراتقا قالدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھارام بىلەن ھالالنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەممە كوچىلاردا مېڭىپ باقتى . ئايجامالنىڭ ئېرىدىن قالغان دۇنيالارنىڭ ھەممىسىنى قىمارغا سېلىپ بېرىپ ، يەنە قەلەندەرنىڭ كۈنىگە قالغىلى تاسلا قالدى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ شەھەردىكى ئوغرى ، قىمارۋازلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي بېشى قېتىپ تۇرغان شەھەر بېگى بىلەن تونۇشۇپ قالدى ۋە ئوغرى قىمارۋازلارنىڭ ھەممىسىنى ساتتى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىشىلىرى يەنە قايتا يۈرۈشۈپ كەتتى . ھازىر ئۇ شەھەرنىڭ بېگىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ جاسۇسى ئىدى . ئۇنىڭدىن ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىمۇ قورقاتتى . ئۇنىڭ قانداق يوللار بىلەن بېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ تېگىگە بولسا ھېچكىم يېتەلمەيتى . ئۇنىڭ ھازىر بىر قانچە خوتۇنى ۋە شەھەرنىڭ بىر قانچە يېرىدە چوڭ باغلىق قورو جايلىرى بار ئىدى . ئەمەلدارلار ، ھەتتا شەھەرنىڭ بېگىنىڭ ئۆزىمۇ پات پات ئۇنىڭ داستىخىنىدا مېھمان بولۇپ تۇراتتى .
       بارات ھازىر شاپ بۇرۇت ، ئېگىز كېلىشكەن ئادەم بولغانىدى . ئۇنىڭ ياخشى ئاتلارنى مىنىدىغان ، خىلمۇ خىل قۇشلارنى باقىدىغان ، شەھەردىكى داڭلىق خېنىملار بىلەن بېرىش كېلىش قىلىدىغان ھەۋەسلىرىدىن باشقا ، تۈرلۈك ئەللەرنىڭ پۇللىرى ، قەدىمكى پادىشاھلىقلارنىڭ تىللالىرىغا بولغان قىززىقىشىمۇ ئالاھىدە يۇقۇرى ئىدى . ئۇنىڭ قولىغا بولسا مۇنداق نەرسىلەر ئوغرى - قىمارۋازلار ياكى يىراق ئەللەردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ قولىدىن غەيرى يوللار بىلەن چۈشۈپ قالاتتى . بەزىدە بولسا ئۇ مۇنداق قىممەتلىك رىللالارنى بەگ خەزىنىسىگە نەچچە ھەسسە قىممىتىگە ساتاتتى . باراتباينىڭ مۇنداق قىممەتلىك بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ چوڭ باغدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق خوتۇنىنىڭ <ئەلۋەتتە ئايجامال ئەمەس > مۇستەھكەم پولات ساندۇقىدا ساقلىناتتى . بۇ ساندۇق بولسا يەتتە ئاچقۇچ بىلەن ھەيۋەتلىك جاراڭلاپ ئېچىلاتتى ....
      ئۆمەرباي باغقا كىرىپ گۈللۈكلەر ئارىسىدىن كەتكەن شىغىللىق يول بىلەن ئىچىكىرلەپ ماڭدى . بۇ باراتباينىڭ ياز كۈنلىرى تۇرىدىغان بېغى ئىدى . باغ ئىچىدە چىرايلىق شىپاڭلار ، شىپاڭ يېنىدا مەجنۇنتاللار بىلەن ئورالغان كۆللەر بار ئىدى . تىنىق كۆل سۈيىدە كۆپكۆك ئاسمان ۋە تاللارنىڭ سايىسى يىنىك داۋالغۇيتى . بۇ ئاپتاپلىق باغنىڭ مېۋىلىرى شاخ شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى . گۈللۈكلەردىكى رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئۈستىدە كېپىنەكلەر ئەگىپ يۈرۈشەتتى .
      باراتباي ھازىرلا باغقا كېلىپ ياخشى تاماقلانغاندىن كېيىن بوشىشىپ ، شىپاڭلارنىڭ بىرىدە قىززىق چاي ئىچىپ ، دەم ئېلىپ ياتاتتى . ئۇنىڭ ئاستىغا يىپەك گىلەملەر ، بېشىغا شايىلار بىلەن قاپلانغان مامۇق تەكيىلەر قويۇلغانىدى . بىر دېدەك ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپ ، غوللىرىنى ئۇۋىلايتى . شىپاڭنىڭ نەقىشلىك تۈۋرۈكلىرىگە ئېسىپ قويغان رەڭدار قەپەسلەردە قۇشلار سايرىشاتتى . مالاي ئۆمەرباينى باراتباي پەي ياستۇقلارغا جەينەكلەپ ياتقان مۇشۇ شىپاڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى .
    _ ئەسسالامۇئەلەيكۇم، شەھىرىمىزنىڭ تۈۋرۈكى ، جانابلىرىنى ئورۇنسىز ۋاقىتتا كېلىپ مالال قىلدىممۇ قانداق ؟_ دەپ ، پەلەمپەيلەردىن ئۆملەپ دىگۈدەك يۈقۇرى كۆتۈرۈلدى ئۆمەرباي .
      بۇ ئاكا ئۇكا بىر بىرىنى تونۇمدۇ ياكى تونىسىمۇ تونىماسقا سالامدۇ بىلگىلى بولمايتى . ئوتتۇردىكى ئازارچىلىق ، بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ، دۇنياغا بولغان ئاچكۆزلۈك ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنى كۆتۈرۈپ ، ھەر ئىككىسىنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى .
       _ كەلسىلە ، ئۆمەرباي ، _ دەپ قىمىرلاپ قويدى باراتباي ، _ مۇھىم ئىشلىرى بولمىغان بولسىلا ، ئەلۋەتتە بىھۇدە ۋاقىتتا كەلمىگەن بولاتتىلا .
      _ ئانچە مۇھىم دەپ كەتكىلىمۇ بولماس ، ئەمما ، بۇ ئىشنى ئۆزۈمچە مۇھىممىكىن دەپ قارىدىم . مانا بۈگۈن قولۇمغا مەن سەرراپلىق قىلغانىدىن بېرى كۆرۈپ باقمىغان بىر تىللا چۈشۈپ قالدى . ئەلۋەتتە سىلىنىڭ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزمەي باشقا بىراۋغا ساتسام لايىق بولماس ، دەپ ئويلىدىم . شۇڭا بىھۇدە ۋاقىتتا كېلىپ ئاراملىرىنى بۇزۇپ....
       _ تىللا ھەققىدىكى گەپنى ئاڭلاپ باراتباي ياستۇقتىن ئىتتىك باش كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدى .
      _ تىللا قېنى ؟_ دەپ سورىدى ئۇ ئۆمەرباينىڭ ئەزمىلىك بىلەن قىلىۋاتقان گېپىنى بۆلۈپ .
      _ مانا ، تەقسىر .
      ئۆمەرباي تىللا ئورالغان ياغلىقنى ئىككى قوللاپ باراتبايغا سۇندى ۋە باراتباي بۇ تىللاغا قانداق باھا بېرەركىن ، دەپ ئۇنىڭ شاپ بۇرۇتلىرى يېپىپ تۇرغان ئاغىزىغا تىكىلدى . باراتبايي ياغلىقنى ئېچىپ ، تىللانى ئالقىنىغا ئاغدۇردى . ئاندىن تىللانى ئۇياق بۇيېقىغا ئۆرۈپ ئوبدان بىر قارىدى .
      _ گېپىڭ ھەق ، ئۆمەرباي ، _ دېدى ئۇ ، _ ئۆزۈڭمۇ پىشقان سەرراپسەن ، بۇ تىللا ئادەتتىكى تىللالاردىن ئەمەستەك قىلىدۇ .
      _ ئۆزۈممۇ بىر قاراپلا بىلگەن ، - دەپ كۆرەڭلەپ كەتتى ئۆمەرباي .
      باراتباي مالاينى ئەۋەتىپ لوپا ئەينىكىنى ئالدۇردى . ئەينەكنى تىللانىڭ ئۈستىگە تۇتتى . قارىغانسىرى باراتباينىڭ شاپ بۇرۇتلىرى مىدىرلاپ ، كۆزلىرى يوغىناپ كەتكىلى تۇردى . ئۆمەرباي تىللانىڭ ئۈستىدە نېمە كارامەتلەر كۆرۈنىۋاتىدىكىن دەپ بارغانسىرى باراتباينىڭ يېنىغا شىپىقاپ كېلىپ ، ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ ئۈستىدىن قاراشقا  باشلىدى .
       _ قارىسىلا ، _ دېدى باراتباي بېشىنى كۆتۈرۈپ ، _ بۇ تىللانىڭ سول بېتىدە چۈشۈنۈكسىز سىزىقچىلار ، ئوڭ تەرىپىدە ياپيالىڭاچ بىر گۈزەلنىڭ سۈرىتى تۇرۇپتۇ ، سىلى بۇلارنى كۆرمىدىلە بەلكىم . مانا ماۋۇ ئاجايىپ ئەينەكتە قارىسىلا ئېنىق كۆرىدىلا ... بۇ تىللانى قايسى پادىشاھلىقتا ، قايسى زامانلاردا قۇيۇلغان ؟ بىرنېمە دىمەك تەس . سىلى بۇ تىللانىڭ پارقىراقلىقىدىن نېمىنى چۈشەندىلە ؟...ھە ، بۇ تىللانىڭ ساپلىقىنى ۋە بۇ تىللا قۇيۇلغانىدىن بېرى ھېچقانچە ئادەمنىڭ قولى تەگمەي ، خەزىنىنىڭ ئۆزىدىلا ساقلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . بۇ تىللانى سىلى نەدىن ئالدىلا ؟ نىمىشقا بىر تالنىلا كۆتۈرۈپ كەلدىلە ؟
       بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆمەرباي ئۆپكىسىگە دەم يەتكۈزەلمەي قالدى .
      _ ماڭا شۇ بىر تالنىلا ئەكىلىپ ساتتى ، - دېدى دۇدۇقلاپ .
      - كىم ساتتى ؟
      _ زەرگەر نۇرىدۇن ھاجى .
      _ ھاي مۇلازىم !_ دەپ ۋارقىرىدى باراتباي ،_ ماڭ ، ھازىرلا پەيتۇننى قېتىپ بېرىپ ، زەرگەر نۇردۇن ھاجىنى تېپىپ كەل !
       _ پار ئات قېتىلغان پەيتۇن باغنىڭ دەرۋازىسىدىن گۈلدۈرلەپ چىقىپ ، شەھەرنىڭ توپىلىق كوچىلىرىنى چاڭغا كۆمۈپ زەرگەرچىلەر كوچىسىغا يېتىپ باردى . نۇردۇن ھاجى بۈگۈن تاپقان تاپاۋىتىگە شۈكرى قىلىپ ، دۇكاننى بالدۇرلا ئېتىپ ئۆيىگە كېلىپ قالغانىدى . باراتباينىڭ ئادەملىرى ھاجىنىڭ ئۆيىنىمۇ تېپىپ باردى . ئۇلار ھاجىنى «نېمە ئىش بولدى ؟ مېنى نەگە سۆرەيسىلەر؟» دېگەندەك تەشۋىشلىك سۇئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ، قولتۇقىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ ھارۋىغا بېسىپ ، گۈللۈكلەر ئارىسىدىكى شىپاڭغا يېرىم سائەتكە قالماي يەتكۈزۈپ كېلىشتى . بوۋاي ھاسىرىغىنىچە گېلەمدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ، باراتباينىڭ ئالدىدىكى ئېچىقلىق تۇرغان قولياغلىقتىكى تىللانى كۆرگەندىلا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە نېمە سەۋەبتىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندى . « قارغىش تەگكۈر قوڭالتاق بۇ تىللانى ماڭا بەگنىڭ خەزىنىسىدىن ئوغۇرلاپ چىقىپ ساتقان ئىكەندە !» دىگەن دەھشەتلىك بىر گۇمان كۆڭلىدە پەيدا بولۇپ ، چىرايىدىن قان قاچتى .
      _ خوش ، ھاجىم ؟_ دەپ سورىدى باراتباي ، _ سېنىڭ قولۇڭغا بۇ تىللا قانداق چۈشۈپ قالغان ؟
       _ مەن ئۇنى سېتىۋالغانمەن ، _ دېدى زەرگەر ھالسىز ھالدا .
      _ كىمدىن ، قانداق قىلىپ سېتىۋالدىڭ ؟
      _ بۈگۈن ئەتىگەندە ، مانا ماۋۇ ئۆمەرباي بۇيرۇتقان ئالتۇن جابدۇقلارغا پەرداز بېرىپ ئولتۇراتتىم . دۇكىنىمغا سالام بېرىپ بىر ياش يىگىت كىرىپ كەلدى . ئۈستىۋېشى چاڭ ، يىراق بىر يەردىن كەلگەندەك قىلىدۇ . كۆزۈمگە خېلى توغرا يىگىتتەك كۆرۈنگەنىدى . « خوش ، ئوغلۇم ، نېمە گەپ ؟» دېىسەم ، « بىساتىمدىكى مۇشۇ بىر تىللانى ئوبدانراق باھا قويۇپ ئېلىپ قالساڭ » دەپ ، مانا مۇشۇ ئالدىلىرىدا تۇرغان تىللانى ماڭا سۇندى . قولۇمغا ئېلىپ ، ئۇنىڭ بىر ئېسىل تىللا ئىكەنلىكىنى پەملەپ قالدىم . « ئوغلۇم ، سەن بۇ تىللانى نەدىن ئالدىڭ ؟» دەپ سورىدىم . كەمبەغەل ئادەملەر پۇللۇق نەرسىنى ساتىمەن دەپ كۆتۈرۈپ كەلسە ، ئەلۋەتتە نەدىن ئالدىڭ ؟ دەپ سورىغۇلۇق .  
      _ شۇنداق ، ناھايىتى توغرا قىلىپسەن ، _ دەپ ماقۇل بولدى باراتباي ، _ ھە ، گېپىڭنى داۋام قىل .
      _ شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭدىن نەدىن ئالدىڭ ؟ دەپ سورىسام ئۇ :« چۆلدە بىر توغراقلىقتا ئۇخلاپ قېلىپ ئويغانسام ، يېنىمدا بىر ياغاچ چۆچەك تۇرىدۇ . چۆچەكنىڭ ئىچىدە مانا بۇ تىللا تۇرۇپتۇ . خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ھەدىيىسى ئوخشايدۇ ، دەپ ئالدىم -دە ، قوينۇمغا سالدىم . مانا ھازىر شۇ تىللا سېنىڭ قولۇڭدا . ھالال ھەق بېرىپ ئېلىپ قال » دېدى . مەن ئۇنى سېتىۋالدىم . بۇ ئېسىل تىللانى بۇزۇپ جابدۇق قىلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيماي ، ئۆمەرباينىڭ دۇكىنىغا ئاپىرىپ كۆرسەتتىم . ئۆمەرباي ئۆز ئىختىيارى بىلەن ماڭا پايدا بېرىپ سېتىۋالدى . بولغان ئىش مانا مۇشۇ .
      _ يالغان !_ دەپ ۋارقىرىۋەتتى باراتباي .
      _ خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەن ، _ دەپ نالە قىلدى بىچارە ئۇستا ، _ مەن پەيغەمبىرىمىز ئاياغ باسقان نۇرغۇن جانلارنى زىيارەت قىلغان مۇسۇلمانمەن . مال دۇنيا ئۈچۈن ئىمانىمنى بۇلغىمايمەن . سىلى مېنى بۇ تىللانى بىرەر ئوغرىنىڭ قولىدىن بىلىپ تۇرۇپ ئەرزىنىغا ئالغان ياكى بىرەر يەردىن ئوغۇرلىۋالغان ، دەپ گۇمان قىلىۋاتىدىلىغۇ دەيمەن !؟
       _ يوقسۇ ، _ دېدى باراتباي ، _ ساڭا بۇ تىللانى ئەكىلىپ ساتقان ھېلىقى كاززاپنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان ! چۆلدە كىم چۆچەككە ئالتۇن سېلىپ ، توغراقنىڭ ئاستىدا ياتقان ئادەمنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغۇدەك ؟ ئەگەر شۇنداق ئىش راستىنلا بولىدىغان بولسا ، مانا ماۋۇ ئۆمەرباي بازاردا دۇكان ئاچماي ، كېچە كۈندۈز توغراقلىقمۇ توغراقلىق يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ، چۆچەكلەر ئىچىدىكى ئالتۇنلارنى تېرىۋالمامدۇ ؟
      _ چۆل دىگەن بىر تىلسىمات ئالەم ، _ دەپ غودوڭشىدى نۇردۇن ھاجى .
       _ گېپىڭ ھەق !_ دېدى باراتباي ، _ شۇ قۇملۇقلار ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ئاجايىپ خەزىنىلەر بولۇشى مۇمكىن . ساڭا بۇ تىللانى ئەكىلىپ ساتقان ساياق قەدىمىي پادىشاھلىقلارنىڭ ياكى ئوغرى قاراقچىلارنىڭ كۆمۈپ قويغان شۇنداق بىر خەزىنىسىگە يولۇقۇپ قالدىمۇ ، قانداق ؟... كىم بىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۆزى بىرەر قاراقچىلارنىڭ شىرىكى بولۇپ ، بۇلاپ كەلگەن ئالتۇنلىرىنى بىر بىرلەپ بازاردا مەخپىي سېتىپ يۈرەمدۇ تېخى !... سەن ئۇنىڭ تەقى تۇرقىنى قانداقراق دېۋىدىڭا؟
      _ ئۈستىگە ئۆڭۈپ كەتكەن چاپان كىيگەن ، ئادەتتىكى بىر ئوتۇنچى ياكى مەدىكارلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ، بۇغداي ئۆڭ يىگىت .
      _ ئۇنىڭ ئېشىكى ياكى مىنىپ كەلگەن ئېتى بارمىدى ؟
      _ شۇنداق ، بىر ئېشەك ... سۈر ئېشەكمىكىن ئەيتاۋۇر ، مەن ئۇ ئېشەكنىڭ تۇمشۇقىنىلا كۆرگەندەك قىلدىم .
      - خوش ، بۇ تىللا ھەققىدە ھېچكىمگە ئوشۇقچە شاۋ شۇۋ قىلماڭلار ! _ دېدى باراتباي ئاخىرىدا  ، - سەن ئۇستا دۇكىنىڭغا بېرىپ ھېلىقى ساياق يەنە كېلىپ قالغۇدەك بولسا ، ئاستىلا بىزگە خەۋەر قىلىۋەتكىن . مەن ئەتىراپقا ئادەم چىقىرىپ ئۇنى ئىزدىتىمەن .
      مەپىلىك ھارۋا يەنە توپا چاڭلارنى توزۇتۇپ زەرگەر ئۇستىنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى . باراتبايغا ھېلىقى تىللانى نەچچە ھەسسە پايدىسىغا ساتىمەن ، دەپ ئويلىغان ئۆمەرباي ئۇنى بىكارغىلا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، سالپىيىپ ئېتىنى مىنىپ قايتتى .


       زەرگەر ئۇستام ئۆيىگە بېرىپلا ئاغرىپ قالدى . «ماڭا شۇ تىللانى ئەكىلىپ ساتقان ھېلىقى بىچارىنىڭ بېشىغا ئەمدى نىمە كۈنلەر كېلەر؟_ دەپ تىللا ساتقان يىگىتنىڭ غېمىنى يەيتى ئۇ ، _ ئازماس خۇدا  ، كىم بىلىدۇ ، راستىنلا بىرەر خەزىنىگە ئوغۇرلۇققا تىگىپ ، ماڭا بولسا ھېلىقىدەك ئادەم ئالدايدىغان گەپلەرنى توقۇپ بەرگەندۇر . باراتباي دىگەن كاززاپ ئۇنى تۇتىۋالىدىغان بولسا بارلىق مال دۇنياسىنى تارتىۋېلىپ ، ئۆزىنى <ئوغرى > دەپ زىندانغا تۇتۇپ بېرىشى تۇرغانلا گەپ . ئۇ چاغدا مەن نېمە بولىمەن ؟ بەلكىم ماڭىمۇ ئۇلار : ئوغرىنىڭ مېلىنى سېتىپ پۇل قىلىپ سىڭدۈرۈپ بەرگەن گۇناھنى ئارتىپ ، مال مۈلۈكۈمنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۆزۈمنى ئېشەككە تەتۈر مىنگۈزۈپ سازايى قىلىشار ... خۇدا ، قېرىغاندا شۇنداق شەرمەندىچىلىكلەرگە قېلىشىمدىن ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن . مېنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىم ئۆزۈڭگە ئايان ... نېمىشقا مەن شۇ لەنىتى تىللانى ئېرىتىپلا باشقا بىر نەرسە ياسىۋەتمىدىم ؟ ئۇنىڭدىن ئاجايىپ سىرغىلار ، ئېسىل ئۈزۈكلەر پۈتكەن بولاتتى . مېنى قايسى شەيتان ئازدۇردى -ھە ! نېمىشقا مەن ئۇ تىللانى باشقا ئادەم تېپىلمىغاندەك ئۆمەربايغا ساتقاندۇرمەن ؟ باراتبايغۇ بەگنىڭ شەھەرگە قويغان جاسۇسى ، ئۆمەرباي كىم ؟ نېمە دەپ ئۇ شۇ بىر تال تىللانى باراتباينىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ ؟.....»
       ئۆمەربايمۇ ئۆيىگە ناھايىتى ئازابلانغان ھالدا قايتتى . كۆپ پايدا ئالىمەن دەپ ئاپىرىپ ، باراتبايغا بىكارغىلا تۇتقۇزۇپ قويغان ھېلىقى تىللانى ئويلىسا ئىچى ئېچىشاتتى . ئۇ زەرگەرگە ساپ كۈمۈش تەڭگىلەرنى ساناپ بەرگەنىدى -دە ! .... ئۇ ئۆيىگە كېلىپلا يۈرىكىنى تۇتۇپ ، ۋاي ۋايلاپ ئۆزىنى كۆرپىگە تاشلىدى . ئەتىراپىدا پايپېتەك بولۇۋاتقان كىچىك خوتۇنىنى قوپاللىق بىلەن قوغلاپ چىقىرىپ خىيالغا پاتتى .
       « نۇردۇن ھاجى دىگەن قېرىنىڭ شۇ تىللانى كىمدىن سېتىۋالغانلىقىنى ماڭا ئوبدانراق چۈشەندۈرمىگىنىنى قاراڭلار !_ دەپ ھەسرەتلىنەتتى ئۇ ، _ ئۇنداق تۈگىمەس خەزىنىگە ئۇچىراپ قالغان يالاڭتۆشنى ئۆزۈملا ئىزدەپ تاپمايتىممۇ !... مەن ئۇنى تۇتۇشقا ئادەم چىقىرىپ ئۈركۈتۈۋەتمەيتتىم ، تىللالارنى ئۇ قاراقچىلاردىن ئالامدۇ ياكى قانداقتۇر بىر ئىت يالىقىغا ئوخشايدىغان پاسكىنا چۆچەكلەرنىڭ ئىچىدىن تېرىۋالامدۇ ياكى بولمىسا پادىشاھلار يۇشۇرۇپ قويغان سىرلىق خەزىنىلەردىن ئوغۇرلاپ چىقامدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن نىمە كارىم . مەن پەقەت ئۇنىڭ بىلەن شېرىك بولسام ، شۇ تۈگىمەس خەزىنىلەرنىڭ ئورنىنى بىلىۋالساملا بولاتتى . ۋاي ئىسىت ، مانا ئەمدى باراتباينىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ قىينايدۇ . ھېلىقى يالاڭتۆش ئالتۇن يۇشۇرۇنغان خەزىنىنى دەپ بەرمەي قۇتۇلالمايدۇ . باراتباي تېخىمۇ بېيىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ چىرايلىق باغلىرى بىلەن خوتۇنلىرىنىڭ سانى يەنە ئاشىدۇ ...»
       ئويلىغانسىرى ئۆمەرباينىڭ يۈرىكى سانجىپ ئاغرىشقا باشلىدى . شۇ كېچە ئۇ تاۋار يوتقانلار ئۈستىدە ئۇياق بۇياققا ئۆرۈلۈپ تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمىدى . تۈن ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار كۆڭۈللۇك چاراقلىشاتتى . كەچ قالغان كارۋان قوڭغىراقلىرىنىڭ ئاۋازى سۇغا چۈشكەن تاشتىن پەيدا بولغان دولقۇندەك تۈن بوشلۇقىغا تەكشى قىلىپ ئۆچەتتى . قەيەردىندۇر بىر يولۇچى يىراقتىكى يايرىنى ، يارىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى كۈيلەپ ناخشا توۋلايتى . كېچىلىك مەنزىرە شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى . تەبىئەت ئۆز تىنىقى بىلەن ھەممىنى پەپىلەپ ئۇيقۇغا ئۈندەيتى . لېكىن ئۆمەرباي ئالتۇن ۋەسۋەسىسىدە ئۇخلىيالماي ئازابلىناتتى .... تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئۇ ئالدىراپ كىيىندى -دە ، زەرگەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .
       لوقۇلداپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى چېكىلىۋالغان نۇردۇن ھاجى ئەمدىلا بامدات نامىزىنى تاماملاپ ، ناشتا قىلماقچى بولۇپ داستىخانغا كەلگەنىدى . بوسۇغىدا ئۆمەرباي پەيدا بولدى . بىر كېچىدىلا باينىڭ ئالمىدەك رەڭ بېرىپ تۇرىدىغان مەڭزىلىرى سولاشقان ، ئۇيقۇسىزلىقتىن كۆزلىرى قىزىرىپ ، كۆزىنىڭ جىيەكلىرى خالتىلىشىپ كەتكەنىدى .
      - خوش ، قاق سەھەردىلا نېمىدەپ كەلدىلا ، باي !_ دەپ چېچىلدى زەرگەر ئۇستا ، _ باراتبايغا جاسۇسلۇق قىلمىسىلىمۇ ، ھەممە نېمىلىرى يېتىپ ئاشىدۇغۇ؟... ئېيتسىلا ، شۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن باراتباي سىلىگە قانچە پۇل تۆلىدى ؟
      _ نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىدىلا ، ھاجىم ؟_ دەپ ياقىسىنى تۇتتى ئۆمەرباي ، _ خۇداغا شۈكرى ، بىساتىمدىكى مال مۈلكۈم جاھاندارچىلىقىمغا يىتىدۇ . مەن تېخى باشقىلارنى سېتىپ جان باقىدىغان كۈنگە قالغىنىم يوق .
      _ ھەي تاڭەي ، مال دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ۋىجدانىنىڭ خىرەلىشىپ كەتكىنىنى كۆپ كۆرگەنمەن .
       _  بۇ نىمە دېگەنلىرى ؟
      _ بولمىسا سىلى شۇ بىر تال تىللانى كۆتۈرۈپ باراتباينىڭ بۇسۇغىسىدا نېمىگە ئۆمىلەپ يۈرىلا ؟
      _ مېنىڭ سەرراپ ئىكەنلكىمنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا ، _ دېدى ئۆمەرباي زەرگەرنىڭ ئالدىدا باداشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ، _ مەن ھەرقانداق ئالتۇن كۈمۈشنى ئالىمەن -دە ، يەنە بىرىگە ساتىمەن ، خۇددى سىلىمۇ ھېلىقى تىللانى ئەكىلىپ ماڭا پايدىسىغا ساتقانغا ئوخشاش !
      _ ھەممە سەرراپ ئالتۇن كۈمۈشنى بازاردا ياكى دۇكىنىدا ئولتۇرۇپ ساتسا ، سىلى ئۆيمۇ ئۆي كۆتۈرۈپ ساتىدىكەنلا -دە ؟
      _ سىلى ئۇنىڭ ئاجايىپ تىللا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا .
      _ ئاجايىپ تىللا تاپسىلا باراتبايغا سوۋغا قىلىدىكەنلىدە ؟!
      _ مەن ئۇ كاززاپقا تىللا سوۋغا قىلىمەنمۇ ، ساتقىلى ئاپارغان ،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلىدى ئۆمەرباي ، _ سىلى ئۇنىڭ شۇنداق قەدىمىي زامانلارنىڭ تىللالىرىنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ يۈرىدىغانلىقدىن خەۋەرسىز بولسىلا كېرەك بەلكىم ... ئۆزلىرى كۆردىلا ، مەندىن ئۇ ھېلىقى تىللانى بىكارغىلا تارتىۋالدى . ماڭا ئۇۋال بولۇپ كەتتى . يەنە ئۇ سىلىنى چاقىرىپ كېلىپ ، بۇ تىللانىڭ نەدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنىمۇ بىلىۋالدى . ئەمدى ئۇ تىللانى سىلىگە ئەكىلىپ ساتقان ھېلىقى يىگىتنى تۇتىۋالسا ، خەزىنىنىڭ ئورنىنى بىلىۋالىدۇ -دە ، ئادەملىرى بىلەن بېرىپ ، بايلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ . بۇنىڭغا ئىچىلىرى ئېچىشمامدۇ ؟ نېمىشقا ئۇ تىللانى ساتقان يىگىت توغرىسىدىكى گەپلەرنى باراتبايغا ئېيتىپ سالدىلا ؟ شۇ گەپلەرنى ماڭا نېمىشقا بۇرۇنراق ئېيتمىدىلا ؟
      _ سىلى مەندىن بۇ توغۇرلۇق سورىمىدىلا -دە ! _ دەپ غودۇرىدى ئۇستا .
      _ توغرا ، _ دېدى ئۆمەرباي ، _ مەن بۇ توغۇرلۇق ئوشۇقچە گەپ سورىمىدىم . بۇنىڭدىن مېنىڭ قانچىلىك توغرا نىيەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىمنى پەملىسىلە بولىدۇ . ھازىر بولسىمۇ سىلى ماڭا ئۇ گەپلەرنى تۇلۇقى بىلەن ئېيتىپ بەرسىلە . ئۇ تىللالارنى ئالدى بىلەن ئىككىمىز تاپقان ، تاغارلاپ ئالتۇن تۇرغان خەزىنىلەرمۇ چوقۇم بىزنىڭ بولۇشى كېرەك . بىلدىلىمۇ ، ھۆرمەتلىك ھاجىم شۇڭا ، سىلى ماڭا راست گەپنى قىلسىلا ، زادى ئۇ تىللا نەدىن كەلگەن .؟
       _ مەن ھەممە گەپنى باراتباينىڭ ئالدىدا ئېيتتىمغۇ ؟ يەتمىگەندەك ، سىلى نىمانداق قاق سەھەردە كېلىپ مېنى سۇئال سوراققا ئېلىۋېرىدىلا ؟
      _ سىلى مېنىڭ مەقسىدىمنى نىمانداق چۈشەنمەيدىغاندىلا ؟ بىز ئۇ خەزىنىلەرنى باراتبايدىن بۇرۇنراق تېپىۋېلىشىمىز كېرەك . قارىسىلا ، سىلىنىڭ بۇ ھويلا ئاراملىرى نېمە دىگەن تار ، نېمە دىگەن كۆرۈمسىز ، بىز ئالتۇنلارنى تاپقاندا مەن ھازىرقى باغلىق قورو جايىمنى سىلىگە بېرىۋېتىمەن . ئۆزۈم تېخىمۇ ئازادە ، ياخشىراقنى ئالىمەن . كۆردىلىمۇ ، ھېلىقى باراتباي دېگەن قىمارۋاز ئوغرى نېمە دىگەن راھەتتە ياشىغان -ھە ؟ تېخى شۇنىڭغىمۇ شۈكىرى قىلماي ، خەزىنىلەر بار جايغا بىزدىن بۇرۇنراق بېرىپ ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى ... سىلىگە يەنە دۇكانلىرىمغا كېلىپ كېتىپ يۈرگەن قىز چوكانلارنىڭ ئەڭ چىرايلىقلىرىدىن ئېلىپ بېرىمەن .
      _ ماڭا چىرايلىق خوتۇنلارنىڭ كېرىكى يوق ، ئۆمەرباي ! _ دەپ تېرىكتى ئۇستا ، _ مەن قېرىدىم ، كۈچتىن قالدىم . ھازىر شۇ قېرى مومىيىممۇ ئوشۇقلۇق قىلىۋاتىدۇ .
      _ مانا سىلى مۇقەددەس جايلارنى تاۋاپ قىلغان ھۆرمەتلىك ھاجىم سىلى . ئاچچىقلىرى كەلمىسۇن ، قوزا ئۆلەمدۇ قويمۇ ، بۇ ياراتقان ئىگەمنىڭ ئىرادىسىدىكى ئىش . مەن بۇنى مۇبادا شۇنداق بولسا دېگەن ئويدا دەۋاتىمەن . ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ كۆزلىرى يۇمۇلغىدەك بولسا ، نەزىر چىراقلىرىنى كاتتا ئۆتكۈزۈپ ، قەبرىلىرى ئۈستىدە چوقۇم ئېگىز گۈمبەزلەرنى ياساش لازىم بولىدۇ . بۇنىڭغىمۇ پۇل كېرەك-دە! ...ئوبدانراق ئويلىنىپ باقسىلا ، يەنە ئۇنتۇپ قالغان ، قېپقالغان گەپلەر باردۇر؟
       ئۆمەرباي يوغان گەۋدىسىنى ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈپ ئۇستىنىڭ ئاغزىغا تىكىلىدى .
       _ قېپىقالغان گەپلەر دېدىلىما ؟ _ دەپ ئېسىگە ئالدى ئۇستا . كاتتا نەزىر چىراغ ، ئېگىز گۈمبەزلەر توغرىسىدىكى گەپلەر ئۇنى خېلىلا ئېرىتكەنىدى .
       _ ھە ، ھېلىقى تىللانى سىلىگە ئەكىلىپ ساتقان يىگىت ئېيتقان گەپلەردىن ئۇنتۇلۇپ قالغانلىرى بارمۇ ؟ دېمەكچىمەن . سىلى ياشانغان ئادەم ، بىرەر مۇھىم گەپ سۆز ئەسلىرىدىن كۆتۈرلۈپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن .
      _ راستىمنى ئېيتسام ، مەن بۇ تىللانىڭ بىزگە بۇنچىلىك ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن .
      _ راست ، سىلى بۇنى ئويلىمىدىلا ، مەنچۇ ....
       _ توختىسىلا ، توختىسىلا ، ئۆمەرباي !_ دەپ ھاياجانلاندى ھاجىم ، _ شۇ چاغدا ھېلىقى يىگىت ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چۆل بالىسىمۇ ، ياق ، چۆل ئوغلى دېدىمۇ ، ئەيتاۋۇر شۇنداق غەلىتە بىر نېمە دىگەندەك قىلىۋىېدى . ئۆزى تۈزۈك يىگىتتەك كۆرۈندى . ھۆرمەت ئۈچۈن مەن ئۇنى دۇكاننىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتىم . دۇكاننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئېشىكى تۇرۇپتۇ . ئېشەكنىڭ رەڭگىمۇ ئېسىمدە قالماپتۇ . ئىشقىلىپ ئاددىيلا بىر ئېشەك . ئۇ ئېشىكىنى مىنىپ ، ماڭغىلى تەرەددۇت قىلغاندا : ئوغلۇم ، شۇنداق تىللالاردىن بولسا يەنە ئۇدۇللا مېنىڭ ئالدىمغا ئەكەل . ياخشى باھادا ھەق بېرىپ رازى قىلىمەن ، دېدىم . ئۇ : «مۇشۇ تىللانى تېپىۋالغان يەردىكى توغراقلىققا پىچىقىم بىلەن بىر دۈگلەك سىزىپ بەلگە قىلىپ قويغانىدىم . يەنە تىللا ئۇچىرتىپ قالسام ، ساڭىلا ئەكىلىپ ساتىمەن ، چوڭ دادا» دېگەنىدى . بۇ گەپلەرنى مەن تۈنۈگۈن باراتبايغا ئېيتتىممۇ ؟ ئېسىمدە يوق .
      _ ئاغىزلىرىغا ناۋات !_ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ئۆمەرباي ، _ بۇ گەپلەرنى سىلى باراتباينىڭ ئالدىدا ئېيتمىغانتىلا ، ئەمدى يەنە مەڭگۈ ئەسلىرىدىن چىقىرىۋەتسىلە ، بۇ سىرنى باشقا ھېچكىمگە ئېيتقۇچى بولمىسىلا . غولىغا چەمبەر سىزغان توغراقنى ئۆزۈم ئىزدەپ كۆرەي . خۇدا بەختىمىزنى بېرىپ خەزىنىلەرنى تېپىپ قالساملا سىلىنىمۇ ئوبدان رازى قىلىمەن !
       شۇنداق دېگىنىچە ئۆمەرباي زەرگەرنىڭ ئۆيىدىن ئوقتەك ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى . شۇ كۈندى باشلاپ ئۇنىڭ سەرراپ بازىرىدىكى دۇكىنى ئېچىلمىدى .
       ئۆمەرباينىڭ دۇكىنىنىمۇ ئاچماي ، نەگىدۇر غايىپ بولغىنىنى ئاڭلاپ باراتباي ھەھيران بولدى . « ھەممە سىرنىڭ ئاچقۇچى مۇشۇ بىر تال تىللادا » دەپ ئويلايتى باراتباي قولىدىكى تىللانى ئۇياق بۇ يېقىغا ئۆرۈپ قاراپ . قارىغانسىرى ئۇنىڭدىكى سىزىقلار ، يالاڭاچ ئايالنىڭ سۈرئىتى ئۇنى غەلىتە ئويلارغا سالاتتى . باراتباي :«ئەجەپ ھە ! ئۆمەرباي نەگە يوقىلىپ كېتىدۇ ، خەزىنىلەرنى ئۇ ئۆزى يالغۇز ئىزدەپ چىقىپ كەتتىمۇ ياكى نۇردۇن ھاجىم ئۇنىڭغا ماڭا ئېيتمىغان بىرەر ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ قويدىمۇ ؟...يەنىلا يىپ ئۇچى ئاشۇ قېرى زەرگەردە » دىگەن خۇلاسىگە كەلدى -دە ، ھارۋىسىنى قېتىشقا بۇيرىدى .
      باراتنىڭ پەيتۇنى ئەگىرى بۈگرى ، توپىلىق كوچىلارنى چاڭغا كۆمۈپ ، پاكار تاملار بىلەن قورشالغان بىر ھويلا ئالدىغا كېلىپ توختىدى .
      _ كەلدۇق !_ دېدى خىزمەتكار .
      باراتباي كىرگەندە زەرگەر ئۇستا ئورۇن تۇتۇپ ياتاتتى . ھېلىقى تىللا -قانداقتۇر خەزىنىلەر ھەققىدىكى خىياللار ئۇنىمۇ ھالىدىن كەتكۈزگەنىدى .
      _ ئۆمەرباينىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەمسەن ، زەرگەر ئۇستا؟_ دەپ سورىدى باراتباي زەرگەرنىڭ بېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ .
      _ مەن نەدىن بىلەي ، _ دەپ تېرىكتى ھاجىم ، _ ئۇ كىشى بىر يەرگە ماڭسا مەندىن سورايدىغانغا مەن ئۇنىڭ خوجايىنىمىدىم ياكى مەن كىمنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرىۋاتىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرىيدىغان بۇ شەھەرنىڭ بىگىمىدىم !< ئەسلىدە ئۇ « بۇ شەھەرنىڭ جاسۇسىمىدىم » دەپ باراتبايغا بىر تەككۈزمەكچىدى ، جۈرئەت قىلالمىدى .>
       _ خاپا بولما ، ھاجىم ،_ دېدى باراتباي ، _  ھېچبولمىغاندا ئۆمەرباي قېشىڭغا كېلىپ ، تىللا ھەققىدە يەنە بىر نېمىلەرنى سوراپ سېنى خېلى ئاۋارە قىلغاندۇر ؟
      _ ياق .
      _ سەن مۇنۇ تىللانىڭ ئۈستىدىكى بەلگىلەرگە يەنە بىر نۆۋەت قاراپ باق .
      _ شۇ تىللانى كۆرەرگە كۆزۈم يوق !_ دەپ قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى ئۇستا .
      - مېنىڭ دېگىنىم مۇنۇ قىپيالاڭاچ ئايال ، سەن ئۇنى كۆرىۋاتامسەن ؟ ئېھتىمان ، ھەممە سىر شۇنىڭدا بولسا كېرەك .
      _ مەن قىپيالاڭاچ ئاياللارنى كۆرۈشكە ئانچە خۇشتار ئەمەسمەن .
       بۇ باراتباينىڭ خوتۇنبازلىقىغا دارتمىلاپ ئېيتىلغان گەپ بولدى . باراتباي سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى .
      _ سەن كۆپ يەرلەرنى ئارلىغان ، كۆپنى كۆرگەن ھۆرمەتلىك ھاجىىم ، بۇ شەھەردە ھەممىدىن تارىخى ئۇزۇن ئۇستا زەرگەرسەن ، _ دېدى باراتباي خوشامەت قىلىپ ، _ مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ، بۇ يەرگە قىپيالاڭاچ خوتۇننىڭ سۈرئىتى بېسىلغانغا قارىغاندا ، بۇ مۇسۇلمانلار پادىشاھى قۇيغان تىللا ئەمەسمىكىن دەيمەن ؟
      _ بەلكىم شۇنداقتۇر .
      - شۇنداقلىقى شۇنداق ، ئەمىسە بۇ تىللا بۇ يەرگە قانداق يوللار بىلەن كېلىپ قالدى ؟
       زەرگەر ئۇستا بۇ تىللا توغرىسىدا ئەتەي باشقىچە بىر ھېكايە توقۇپ باراتبايدىن قۇتۇلماقچى بولدى -دە:
      _ مەن قارىمىساممۇ بىلەن ، يالاڭاچ خوتۇننىڭ سۈرئىتى بار مۇنداق تىللا سىرلىق ئارالدىكى خوتۇنلار مەملىكىتىدىنلا چىقىدۇ ._ دېدى .
       _ خوتۇنلار مەملىكىتى دېدىڭما ؟_ ھەيران بولدى باراتباي ، _ ئۇ قانداق مەملىكەت ؟ ئورنى قەيەردە ؟
      _ ئۇ ماڭىمۇ ، سىلىگىمۇ نامەلۇم بىر ئارالدا . شۇ سىرلىق ئارالنىڭ پادىشاھىلا مۇنداق تىللانى تارقىتالايدۇ . ئۇ مەملىكەتتە خوتۇنلاردىن باشقا ئادەم بولمايدۇ . ياش چاغلىرىمدا بۇ گەپلەرنى ئالتۇن سودىگەرلىرىدىن ئىشتكەنمەن ، كېيىن ، مۇقەددەس مەككىگە بارغاندا ، يىراق ئەللەردىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاڭلىغانىدىم .
       _ ئۇلار ئۇ غەلىتە مەملىكەت توغرىسىدا ساڭا يەنە نېمىلەرنى دىگەن ؟
      _ سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، خوتۇنلار مەملىكىنىڭ پادىشاھىغا قاراشلىق بىر تۈپ ئاجايىپ دەرەخ بارمىش . ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرى پۈتۈنلەي مانا شۇنداق تىللادىن بولىدىكەن . كېرەك بولغاندا شاھنىڭ خىزمەتچىلىرى ھېلىقى دەرەخنى ئىرغىتىپ ، خۇددى بىز ئۆرۈكلەر پىشقاندا ئىرغىتىپ ، يەرگە چۈشكەن ساپسېرىق ئۆرۈكلەرنى تېرىۋالغاندەكلا ئالتۇنلارنى تېرىۋالىدىكەن . ئاندىن ئايال پادىشاھ ئۇنىڭغا مانا مۇشۇنداق چۈشىنىكسىز قاپارتما بەلگىلەرنى بېسىپ ، پۇل قىلىپ تارقىتىپ بېرىدىكەن .
      _ خۇدايا توۋا ! _ دەۋەتتى باراتباي . خوتۇنلار مەملىكىتى توغرىسىدىكى سۆزلەر باراتباينىڭ ھەۋىسىنى تېخىمۇ قوزغاپ  ، ئۇنى شېرىن خىياللارغا سېلىپ قويدى . پۈتۈن خەلقى خوتۇنلاردىنلا بولغان مۇنداق مەملىكەتتە ئېھتىمال ئاجايىپ نازىنلار تولۇپ تېشىپ ، ئەرگە تەشنا بولۇپ زېرىكىپ تۇرۇشىدىغاندۇر .؟ دەپ ئويلىدى ئۇ ، - ئەگەر سەن ئېيتقان ئۇ ئارالدا ئەرلەر بولمىسا ، ئۇلار قانداق كۆپىيىدۇ ؟_ دەپ ئۆز گۇماننى ئېيتتى باراتباي ، _ بەلكىم ئۇلارغا ئوخشاش ماڭا ئوخشاش كېلىشكەن ، ئېگىز ، شاپ بۇرۇتلار لازىم بولۇپ تۇرىدىغاندۇر ؟
      _ ئۇلارغا سىلىگە ئوخشاش ئايغىرلارنىڭ كېرىكى يوق ، _ دېدى زەرگەر .
      _ نىمىشقا ؟
      _ ئۇ يەردە خاسىيەتلىك بىر بۇلاق بارمىش . خوتۇنلار شۇ بۇلاق سۈيىدە يۇيۇنسىلا ھامىلدار بولۇپ قالىدىكەن . تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى قىز بولىدىكەن . ئۇ يەردىكى خوتۇنلار ئەر دىگەننىڭ نېمىلىكىنى ، ئۇنىڭ نېمىگە لازىم بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن . كىمكى تاسادىبەن ئوغۇل تۇغۇپ قويسا ، غەلىتە بىر نېمىنى تۇغۇپ قويغان سانىلىپ ئارالدىن قوغلىنىدىكەن .
      _ مۆجىزىلىك ئالەم ! _ دەپ ياقىسىنى تۇتتى باراتباي ۋە ئۇ خوتۇنلار مەملىكىتىگە بىر ئامال قىلىپ يوشۇرۇنچە بېرىپ بېقىش خىيالىدىن دەرھاللا ۋاز كەچتى . چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ شۇ كۈنلەردە خوتۇنلىرىغا ئۈلگۈرەلمەي ۋە خوتۇنلىرى ئارىسىدىكى ماجىرالارنى كېلىشتۈرەلمەي خېلى جاپالارنى تارتىۋاتاتتى . كوچا كوچىلىرى خوتۇنلار بىلەن تولغان مەملىكەتكە بېرىش دىگەنلىك ، ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش دىگەن گەپتە ! ... ئەمما ، ئۇ مەملىكەتنىڭ ھېلىقى ئالتۇن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان دەرىخى بولىدىغان دەرەخ ئىكەن ....
       _ ئەگەر سەن ئېيتقاندەك ، خوتۇنلار مەملىكىتى دىگەن نېمە راستىنلا بار بولسا ، _ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى باراتباي ، _ دۇنيادىكى شۇنچە قۇدىرەتلىك پادىشاھلىقلار نېمىشقا ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھېلىقى ئالتۇن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان دەرەخلىرىنى تارتىۋالمايدۇ ؟
      زەرگەر باراتباينىڭ بالىلارچە سۇئالىغا كۈلۈپ قويدى .
      _ بۇ سىرلىق ئارالغا يېتىپ بارماق ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىمەككە توغرا كېلىدۇ ، _ دەپ چۈشەندۈردى زەرگەر ، _ مۇبادا ، بىرەر كۈچلۈك پادىشاھلىق خوتۇنلار مەملىكىتىگە بېسىپ كىرىپ ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ يېڭىلىپ قالسا قاتتىق شەرمەندە بولىدۇ ، يېڭىۋالسا ھېچ بىر شەرەپ قازىنالمايدۇ . خۇددى سىلى بىلەن مېنىڭ خوتۇنلىرىمىزنى ئۇرۇپ دۇمبالىغىنىمىز بىزگە ھېچ قانداق شەرەپ كەلتۈرمىگەندەكلا بىر ئىش .
      _ ئۇنداقتا ، سەن دېگەن ھېلىقى سىرلىق ئارالغا ھېچكىم بارالمايدىغان بولسا ،سەن خوتۇنلار مەملىكىتىنىڭ دەپ ھۆكۈم قىلغان بۇ بىر دانە تىللا قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدى ؟
      _ دۇنيادا  _ دېدى نۇردۇن ھاجىم ، _ سودىگەر دىگەن خەقلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا . بۇ خەقنى خۇدا ياراتقان شەيتانلاردىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان شەيتان دېسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇلار ئادەم بىلەن شەيتاننىڭ ئارلاشمىسىدىن تۆرەلگەن بىرنېمىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن . دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئايىغى تەگمەيدىغان يەر بولمايدۇ . ھېلىقى ئارالغىمۇ ئەنە شۇلار يېتىپ بارالايدۇ . ئاڭلىشىمچە ، سودىگەرلەر يەلكەنلىك كېمىلەرگە تاۋار دۇردۇن ، ئۈنچە مەرۋايىت دېگەندەك خوتۇنلارغا لازىملىق مال پۈچەكلەرنى قاچىلاپ ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ، ھېىقى ئارالغا يېتىپ بارىدىكەن ، ئارالنىڭ سۇغا يېقىن يېرىدە بىر ئوچۇقچىلىق مەيدان بار ئىكەن . سودىگەرلەر ماللىرىنى ئەنە شۇ ئوچۇقچىلىققا قويۇپ ، كېمىلەرگە چىقىپ بىر كۈن كۈتىدىكەن . ئەتىسى بارسا ئاپارغان ماللىرىنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئورنىغا پارقىراپ تۇرغان ئالتۇنلارنى قويۇپ قويغانلىقىنى كۆرىدىكەن . ئۇ يەردە ئەرلەرمۇ ئاياللارنى كۆرەلمەيدىكەن . ئاياللارمۇ ئەرلەرگە كۆرۈنمەيدىكەن . مۇنداق ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچى بىر بىرىگە كۆرۈنمەي قىلىدىغان سودىنى سودىگەرلەر « جىن سودىسى » دەيدىكەن ....، ئەمدى ، ماۋۇ تىللانىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سورىسىلا ، ئۇنى بۇيەرگە ئۆزلىرى كۆتۈرۈپ كەلدىلە .
      _ ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ، ئۇستا ؟ بۇ تىللانى سەن ئۆمەربايغا ساتقان ، ئۆمەرباي مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ بارغان .
      _ ھە ، بۇ گەپنى سىلىگە نەچچە رەت ئېيتتىم ، ماڭا بولسا بۇ تىللانى بىرچۆل كىشىسى ئەكىلىپ ساتقان .
      _ دىمەكچىمەنكى ، شۇ چۆل كىشىسى بۇ ئاجايىپ تىللانى قانداق قولغا چۈشۈرۈپ قالدى ؟ سېنىڭ ئېيتقىنىڭچە بولغاندا ، ئۇ ھېچقاچان دېڭىزلارنى كېزىپ خوتۇنلار مەملىكىتىگە بارغان سودىگەر ئەمەس -دە !؟
       _ يوقسۇ ، ئۇ ئۇنداق بىر سودىگەرلەرگىغۇ ئوخشىمايدۇ . ئېھتىمال ئۇ ئۆزى سودىگەر بولمىغان بىلەن ، قاچاندۇر بىر چاغلاردا شۇ تەرەپكە بارغان بىرەر چوڭ سودىگەرلەرنىڭ بىر نېمىسىنىڭ بىر نېمىسىدۇر ياكى ئۇ شۇنداق بىر سودىگەرلەر كۆمۈپ قويغان خەزىنىنى ئۇچىرتىپ قالغاندۇر ....
       _ ھەببەللى ! _ دېدى باراتباي ، _ ئەمدىلىكتە ئەقلىڭگە كەلدىڭ ، ئۇستا ، ئۇ چوقۇم شۇنداق خەزىنىلەرنىڭ بىرىنى ئۇچىرىتىپ قالغان .
      _ ماڭا ئۇ خەزىنىلەر توغرىسىدا بىرنېمە دېمىگەنىدى .
      _ ئەلۋەتتە ئۇ ئېيتمايدۇ _ دە!
       _ ماڭا ئۇ غولىغا دۈگىلەك بەلگە سېلىنغان بىر توغراقنىڭ يېنىدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ، ئويغىنىپ قارىسا ، يېنىدا بۇ بىرتال تىللانىڭ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان ، بۇ گەپلەرنى مەن سىلىگە ئۆتكەندىمۇ دېدىم .
      _ نېمە دېدىڭ ؟!_ دەپ سەكرەپ كەتتى باراتباي ،_ ياق ، ئۇستا ، ئۆتكەندە سەن غولىغا دۈگىلەك بەلگە سېلىنغان توغراق توغرىسىدا ماڭا ھېچنىمەدېمىگەنىدىڭ . ئەمدى بۇ گەپلىرىڭ تولۇقراق بولدى .  
       نۇردۇن ھاجىم ئاغىزىنى ئۆمەللەپ يەنە بىر نېمە دىگۈچە ، باراتباي ئالدىراپ ئۆيدىن چىقتى _ دە ، مەپىسىگە قاراپ ماڭدى . 

    ئېيتىلمىغان گەپ

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us