-
قۇم باسقان شەھەر(15)
2010-06-16
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139929.html
سىرلىق چۆچەك
ئۆمەرباينىڭ چۆل يولىدا ئېشەكلىك يۈرگىنىگە بىر نەچچە كۈن بولۇپ قالغانىدى . ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ ئۈستىدىكى خۇرجۇنىنىڭ كۆزىدە ئۇزۇق تۈلۈك ، بىر كۆزىدە تۇلۇمدا سۇ بار ئىدى . ئېشەكنىڭ ئۈستىدە يەنە ئۆزىمۇ ئولتۇرىۋالغاچقا ، ئۈستىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن بىچارە ئېشەكنىڭ بېلى ئىگىلىپ ، قۇملۇقتا پېتىقلاپ ئارانلا قەدەم ئالاتتى . قۇياشنىڭ ئوتلۇق تەپتى ، قىززىق قۇملۇقلاردىن ئۇرۇلىۋاتقان ئىسسىق شامال باينى چىلىق چىلىق تەرگە چۆمۈلدۈرەتتى . يول ماڭماقنىڭ زۇلۇمىدىن ۋايساپ ئۇ ئېشەك بىلەن تەڭ ئېغىر پۇشۇلدايتى . يول ئۈستىدە بىرەر تۈپ دەل دەرەخ ياكى ئەسكى تاملىقنىڭ سايىسى ئۇچىراپ قالسىلا ئاللا توۋا سالغىنىچە ئېشەكنى شۇ تەرەپكە تارتاتتى .
« تۈفى!_ دەپ لەنەت ئوقۇيتى ئۇ بەزىدە قۇياشقا قاراپ ،_ ئاناڭنىڭ ھەققى باردەك مېنىڭ بېشىمدىن نېرى كەتمەيسىنا!»
شۇ تەرىقىدە قانچىلىك يول يۈرگىنىنى ئۆمەرباي ساناپ ئېزىپمۇ قالدى . ھېلىقى زەرگەر ئۇستا دېگەن توغراق بولسا تېخى كۆرۈنمەيتى .
« بەلكىم ، ھېلىقى تىللا ساتقان يالاڭ ئاياغ زەرگەرنى ئالدىغاندۇر ، _ دەپ پاراڭلىشاتتى ئۆمەرباي ئۆزى بىلەن ئۆزى ، _ شۇنچە كەڭ چۆللۈكتە دۈگلەك بەلگىسى بار توغراقنى ئىزدەش سامانلىقتا يىڭنە ئىزدىگەندەكلا گەپ ئەمەسمۇ ؟ ياكى مەن ھېلىقى توغراق كۈنپېتىشتا بولسا ، كۈنچىقىشقا قاراپ كېتىۋاتقاندىمەن ...»
لېكىن ، تۈگىمەس بايلىقلار يوشۇرۇنغان خەزىنىنى تېپىش ۋەسۋەسىسى يەنە ئۇنى تېنچ قويمايتى . ئۇ ئازىراقلا سايىداپ ، يەنە كېلەڭسىز گەۋدىسىنى ئېشەككە ئارتىپ ئالغا ئىلگىرلەيتى .
بىر كۈنى ، ئۇ ئۇزاق يول يۈرۈپ ، ۋاقىت چۈشتىن قايرىلغاندا يېڭى بىر توغراقلىققا يېتىپ كەلدى -دە ، ئېشەكتىن چۈشۈپ ، ھېچنىمىگە قارىماي ، ۋايۋايلىغىنىچە بېرىپ ئۆزىنى توغراق سايىسىگە تاشلىۋەتتى . شۇ ھالەتتە ئۇ بىر سائەت ، ئىككى سائەت ۋە بەلكىم ئۈچ سائەتچە ياتتى . ئۇيقۇغا ئوبدان قېنىپ كۆزىنى ئېچىپ ھەيران بولدى . خۇددى شۇ يەردە - ئۆزى سايىداپ ياتقان توغراقنىڭ غولدا بىر دۈگىلەك بەلگە تۇراتتى .
ئۆمەرباي كۈتۈلمىگەن چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتى . ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۆزى ياتقان ھېلىقى يەردە تۇرغان ياغاچ چۆچەكنى كۆردى . چۆچەكنىڭ ئىچىدەساپسېرىق بىر مېتال پارقىراپ تۇراتتى . جىددىيلىشىپ كەتكەن ئۆمەرباي تىزلىرى تىتىرەپ ، دىمى سىقىلىپ ئولتۇرۇپ قالدى ۋە ھالسىز قوللىرىنى چۆچەككە سۇنۇپ ، چۆچەك ئىچىدىكى تىللانى ئالدى . بۇ تىللا ھېلىقى قېرى زەرگەرگە ياش بىر يىگىت ئەكىلىپ ساتقان تىللاغا ئوخشامدۇ يوق ؟ ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە قانداق بەلگىلەر بار ئۆمەرباي تۈزۈكرەك سەپسېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى . ھەيرانلىقتا ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى . چۈنكى ياغاچ چۆچەك ئىچىدە ئوخشاشلا يەنە بىر تال تىللا پارقىراپ تۇراتتى . ئىككىنچى تىللانى ئېلىۋىدى ، چۆچەك ئىىچدە ئۈچىنچى بىر تىللا پەيدا بولدى .
ئۆمەرباي تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى . ئۇ چۆچەككە يېقىنراق سۈرۈلۈپ تىللالارنى ئىككى قوللاپ ئېلىشقا باشلىدى . چۆچەكنىڭ ئىچىدىن بىر تىللانى ئېلىش بىلەنلا يەنە بىرى پەيدا بولۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئوچۇملىرى تولۇپ ، ئالتۇنلار يەرگە تۆكۈلۈشكە باشلىدى . باي ئاچكۆزلۈك بىلەن تىللالارنى يانچۇقلىرىغا قويۇنلىرىغا سالاتتى .بىردەمدىلا ئۇ ئېغىرلىشىپ ئورنىدىن تۇرالماي قالدى . چۆچەكتىكى كىشىنىڭ ئەقلىنى ئازدۇرىدىغان ئالتۇنلار بولسا تۈگەپ قالدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئۆمەرباي بىردەم ئويلىنىپ ، ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ، ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى خۇرجۇن ، قاچىلارنىمۇ سۆرەپ چۈشتى -دە ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نېمىنى تۆكۈپ تاشلاپ ، چېچىلىپ ياتقان تىللالارنى ئاچ كۆزلۈك بىلەن خۇرجۇنغا تىقىشقا باشلىدى . ئاخىرىدا ئۇ ئىشتان چاپان ھەممە نېمىسىنى سېلىپ تاشلاپ قىپيالىڭاچ بولۇپ قالدى . كىيىملىرىنىڭ يەڭ پۇچقاقلىرىنى بوغۇپ ئالدىراشلىق بىلەن ئالتۇن قاچىلايتى باي . « ناھايىتى مەن شەھەرگە كۈندۈزى ئەمەس ، كېچىسى كىرەرمەن ، _ دەپ ئويلايتى ئۇ ، _ بىر تال تىللاغا مۇنداق ئەسكى كىيىملەردىن نەچچە قۇر سېتىۋالغىلى بولىدۇ . مۇنداق تىللالارنى تاغارلاپ ئۇسىۋالىدىغان پۇرسەت كۈندە كېلەمدۇ ؟...»
ئۆمەرباي چۆچەك ئىچىدىكى تۈگىمەس تىللالار بىلەن قاراڭغۇ چۈشكىچە ھەپىلەشتى . ئاندىن پۇشۇلداپ يۈرۈپ ئالتۇنلاردى ئېشەككە ئارتتى . يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئېشەكنىڭ بىلى شۇنچىلىك ئېگىلىپ كەتتىكى ، ئۆمەرباي ئۇنىڭغا مىنمەسلىككە ئۆزىمۇ رازى بولدى .
« تېز ماڭ ، ئېشىكىم !_ دەپ ئېشىكىنى ئالدىراتاتتى ئۇ ، _ شەھەرگە چاققانراق يېتەيلى ، تېخى ئىككىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى جىق . بۇ ئالتۇنلارنى تۆكۈۋېتىپ كېلىپلا يەنە ئالىمىز ، بەلكىم ئىككىنچى قېتىمدا مەن ئون يىگرىمە ئېشەك بىلەن كېلەرمەن ، ئەمما ، ھەممە ئېشەكنىڭ ئالدىدا سەن ئۆزۈڭ ماڭىسەن ...قارا، مەن نېمىشقا ئىككىلا خوتۇن ئالغۇدەكمەن ؟ سەن چېغىڭدا ئالدىڭغا كەلگەن ھەر قانداق ياخشى چىشى بۇرادىرىڭدىن قايتمايسەنغۇ ؟...لېكىن مەن ئېشەك ئەمەس -دە ! شۇڭا قائىدىلىك ئىش قىلمىسام بولمايدۇ . ئەلۋەتتە نىكاھلىق خوتۇنۇم تۆتتىن ئاشماسلىقى كېرەك . مەخپىي خوتۇنلىرىمنىڭ سانىنى بولسا ھېچكىمگە ئېيتمايمەن . ئۇلار ئون ، يىگرىمە ، يۈز بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ . مەنمۇ باراتباي دىگەن ئوغرىدەك بىر قانچە يەردە كاتتا ئۆي ئىمارەت، باغلارنى قىلىمەن . ھەربىر باغدا ئونلاپ خوتۇنۇم تۇرىدۇ . بۇ خوتۇنلار مېنى بىر بىرىدىن قىزغىنىپ شۇنداق قىلىقلارنى قىلىپ كېتىدۇكى ، قىززىقچىلىقنى شۇ چاغدا كۆرىسەن ... سەن قاراپ تۇر ، ئۇچاغدا شەھەرنىڭ پۈتۈن سەرراپلىرى مېنىڭ ئايىغىمغا كېلىپ يىقىلىپ ئالتۇن تىلىشىدۇ . ھېلىقى يوغانچى باراتنى مەن ھەر كېچىسى ئايىغىمغا ئۆملەپ كېلىپ ئۆتۈكۈمنى تارتىدىغان ئىشقا قويىمەن ...»
ئۆمەرباي ئۆزىنىڭ شۇنداق شېرىن خىياللىرى بىلەن قىپيالاڭاچ كېتىپ بارغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغانىدى .
ئۆمەرباي كېتىپ ، ئەتىسىلا ھېلىقى توغراقلىققا باراتباي يېتىپ كەلدى . ئۇ قاۋۇل بىر قېچىرنى مىنىپ ، ئوزۇق تۈلۈكىنى يېتەرلىك ئېلىپ يولغا چىققانىدى . بەلگە سېلىنغان توغراقلىقنى ئۇ قىينالمايلا تېپىۋالدى . ھەيران قالارلىقى ، ئۆمەرباينىڭ قايسى يوللارنى ئايلىنىپ شۇنچە ئۇزاق مېڭىپ كەتكەنلىكى نامەلۇم ، بۇ توغراقلىق شەھەردىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر يەردە ئېگىز قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرنۇپ تۇراتتى .
باراتباي غولىغا دۈگىلەك چەمبەر ئويۇلغان قېرى توغراقنى كۆرۈپ ، دەرھال قېچىرنىڭ بېشىنى تارتتى . « زەرگەر ئۇستا ئېيتقان توغراق مۇشۇمىدۇر، ئەمەسمىدۇر ، ئۇنداقتا بۇ يېقىنلا بىر يەردە بولۇپ قالدىغۇ؟» _ دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، _« ئوتۇنچى دىگەن خەق پالتىسى بىلەن مۇنداق توغراقلارغا خىيالىغا كەلگەن نېمىلەرنى ئۇيۇپ قويۇۋېرىدۇ -دە!» ھەر نېمە بولسا ئۇ بۇيەردە بىردەم توختاپ ، ئارام ئېلىۋېلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق تاپتى . باراتباي قېچىردىن چۈشۈپ ، قېچىرنىڭ ئالدىغا يەم قويدى . ئاندىن قېچىر ئۈستىدىكى چاققانغىنە گىلەمنى سۆرۈپ چۈشۈپ ، ھېلىقى توغراقنىڭ يېنىغا سالدى -دە ، گىلەمنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇيقىغا كەتتى .
باراتباي ئويغانغاندا كۈن كەچ كىرەيلا دەپ قالغانىدى . ئۇ ئالدىراپ ئورنىدىن تۇردى . ئاستىغا سالغان گىلەمنى ئېلىپ قاقتى -دە ، تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇ ھېلىلا گىلەمنى سېلىپ ياتقان يەردە بىر ياغاچ چۆچەك ۋە چۆچەكنىڭ ئىچىدە بىرتال تىللا پارقىراپ تۇراتتى . « توغرا ئىكەن ، توغرا ئىكەن !_ دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئۇ ، _ زەرگەر ئۇستىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىكەن !» باراتباي تىللانى قولىغا ئېلىپ ، ئۇ ياق بۇ يېقىغا ئۆرۈپ قاردى. بۇ دەل ھېلىقى ئۆمەرباي يىپەك ياغلىققا تۈگۈپ كۆتۈرۈپ كەلگەن تىللانىڭ نەق ئۆزى ئىدى .
« بۇ بىر تال تىللا بۇ يەرگە كىمنىڭ يانچۇقىدىن چۈشۈپ قالدى ؟ بۇ تىللالار ساقلىنىۋاتقان خەزىنىنىڭ ئۆزى ...»
باراتباي « خەزىنىنىڭ ئۆزى نەدە ؟» دېمەكچىدى . ئۇنىڭ تىللىرى تۇتۇلۇپ قالدى . ئۇ چۆچەك ئىچىدە تۇرغان يەنە بىر تىللانى كۆرۈپ قالغانىدى . باراتباي ئېڭىشىپ ئۇ تىللانىمۇ ئېلىۋىدى ، چۆچەكنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى بىرتىللا پەيدا بولدى . شۇ تەرىقىدە تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئونىنچى ...، يۈزىنچى تىللالارمۇ ئارقا ئارقىدىن چىققىلى تۇردى . باراتبايمۇ خۇرجۇن تاغار ، ئىشتان كۆڭلەك ، ھەتتا ئۆتۈكلىرىنىڭ قونچىنىمۇ ئالتۇنغا تولدۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ قىپيالاڭاچ بولۇپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالدى . لېكىن چۆچەكنىڭ ئىچىدىكى تىللا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى . باراتباي ھالىدىن كېتىپ ئولتۇرۇپ قالدى -دە ، يەنە چاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . « نېمىشقا مەن شۇ چۆچەكنىڭ ئۆزىنىلا ئەكەتمەيمەن !؟» دېگەن پىكىر ئۇنىڭ كاللىسىغا كەلگەنىدى .
« توغرا ، مەن بۇ چۆچەكنى ئەكىتىشىم كېرەك ، _ دەيتى باراتباي ، _ بولمىسا ، بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەر بىر يولۇچى مۇنداق تۈگىمەس تىللا چىقىدىغان چۆچەكنىڭ ئىچىدىن تىللالارنى خالىغانچە ئېلىۋېرىدىغان بولسا ، بازاردا ئالتۇننى پۇلغا ئالامدۇ ؟... بۇ چۆچەكنى ئۆيگە ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قويىمەن ، كېرەك بولغاندا ، ئىشىك دېرىزىلەرنى دۈملەپ ، خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن چىققان ئالتۇنلارنى تاغارغا قاچىلاۋېرىمەن !»
ئەمدى باراتباي چۆچەكنىڭ ئىچىدىكى تىللاغا نەزەر كۆزىنمۇ سالمىدى . قولىنى سونۇپ چۆچەكنىڭ ئۆزىنى تارتتى . چۆچەك قولىغا چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئۇ ئىككى قوللاپ تارتتى . يارەببىم ! بۇ كىچىككىنە چۆچەكنى ئۇ قانچە قىلىپمۇ مىدىرلىتالمىدى . خۇددى ئۇ ئاشۇ قۇملارغا يىلتىز تارتىپ كەتكەندەك مۇستەھكەم تۇراتتى . باراتباي ئاچچىقىدا چۆچەكنى بىرنى تەپتى -دە ، ئۆزى « ۋايجان!» دېگىنىچە پۇتىنى تۇتۇپ پىرقىراپ كەتتى . ئۇ ياغاچ چۆچەكنى ئەمەس تاشنى تەپكەندەك بولغانىدى .
باراتباي يەرگە دۈم بولۇپ چۆچەكنىڭ ئاستىدىكى قۇملارنى تارتىپ ، ئۇنى كولاپ چىقىرىۋالماقچىا بولدى . ئۇنىڭ بۇ ئاۋارىچىلىكىمۇ ئۈنۈم بەرمىدى . قۇمنى قانچە كولىغانسىرى چۆچەكمۇ تەڭ تۆۋەنلەپ كېتەتتى . چۆچەكنى كۆمىۋەتمەكچى بولۇپ قۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تارتسا چۆچەكمۇ تەڭ ئۆرلەپ قۇمنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالاتتى .
ھېچ ئامال قىلالمىغان باراتباي ھېرىپ ئۆلەي دېدى . چۆل قاراڭغۇلۇشۇپ كەچ كىرمەكتە ئىدى . باراتباي چۆچەكنى ئەكىتىشكە كۆزى يەتمىدى -دە ، ئالغان ئالتۇنلىرىنى قېچىرغا ئارتىپ يولىغا راۋان بولدى .
« بۇ ئالتۇنلارنى ئۆيگە ئاپىرىۋېتىپلا يەنە كېلىمەن ، _ دەپ ئويلايتى باراتباي يولدا كېتىۋېتىپ ، _ ئۆيلىرىمنى ، ئامبارلىرىمنى تىللاغا تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، شۇ لەنىتى چۆچەكنىڭ ئۆزىنى ئوت قويۇپ ئۆرتەپ كۆزدىن يوق قىلىمەن .... ئاندىن مېنىڭ يۈزلەپ خوتۇنلۇرۇپ ، مىڭلاپ چاكارلىرىم بولىدۇ . خالىسام شەھەرنىڭ ئۆزىنى سېتىۋېلىپ شەھەر بېگىنى كۆتىگە تېپىپ قوغلايمەن . ئۇنىڭ خىزمىتىدىكى خوتۇنلارنىڭ چىرايلىقلىرىنى تاللىۋېلىپ ، قالغانلىرىنى ئۆتۈكۈمنى تارتىپ ، پايتىمىلىرىمنى يۇيىدىغان ئىشقا سالىمەن ... ئۇ چاغدا مەن شەھەرنى شۇنداق قاتتىق باشقۇرىمەنكى ، شەھەر مۆتىۋەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا ئۆمىلەپ يۈرىشىدىغان بولىدۇ ....».
ئەتىسى شەھەرگە بىرىنچى بولۇپ ئۆمەرباي يېتىپ كەلدى . كۈپكۈندۈزدە ، قىپيالاڭاچ ھالدا شەھەر دەرۋازىسىدىن ئېشىكىنى ھەيدەپ كىرىپ كېلىۋاتقان بۇ ئادەمنى كۆرۈپ دەرۋازىۋەنلەرمۇ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى . كوچىدىكى خوتۇنلار چىرقىراشقىنىچە ئاللا توۋاسېلىپ ئۆيلىرىگە قېچىشتى . نېمە قىقاس چوقان ئىكەنلىكىنى بىلمەي دۇكانلىرىدىن يۈگۈرۈپ چىققان كاسىپلار ، سودىگەرلەر بۇ ئالامەتلەرنى كۆرۈپ كۈلۈپ دومىلاپ كېتىشتى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى :
_ ھوي ، بۇ ھېلىقى سەرراپ ئۆمەرباي ئەمەسمۇ ؟ _ دېيىشىپ ھەيران بولاتتى . بەزىلىرى :
_ بۇ ئادەم بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر ئوبدان دۇكان ئېچىپ ئولتۇراتتىغۇ ؟ _ دېيىشەتتى . يەنە بەزىلىرى :
_ توۋادەڭلار ، خالايىق ، توۋادەڭلار !_ دەپ ياقىسىنى تۇتاتتى .
بۇ قىززىقچىلىق تېخى بېسىلماي تۇرۇپلا ئارقىسىدىن باراتبايمۇ يېتىپ كەلدى . بۇ ئېگىز ، شادىپاچاق ، شاپ بۇرۇت ئادەمنىڭ يالاڭاچ تۇرغاندىكى ھالىتى تېخىمۇ كۈلكۈلۈك ئىدى . شۇنىڭ بىلەن شەھەردە قالايمىقانچىلىق باشلىنىپ كەتتى . كىملەردۇر ئىسقىرتاتتى ، ئۇششاق بالىلار يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئىككى يالاڭاچ بايغا چالما ئېتىشاتتى ، كىملەردۇر كۈلكىسىنى باسالماي قورسىقىنى تۇتقىنىچە دومىلايتى .
_ ھاي خالايىق ، خالايىق دەۋاتىمەن !_ دەپ ۋارقىرىدى ئۆمەرباي ، _ سىلەر مېنى زاڭلىق قىلغىنىڭلارغا كېيىن پۇشايمان قىلىسىلەر ، قاراپ تۇرۇڭلار ، ئاز كۈندىن كېيىن شەھەرنىڭ ھەممە بايلىرى ئايىغىمدا ئۆمىلەيدۇ ....
_ راست ، سىلەر نېمىگە كۈلىسىلەر !؟_دەپ ۋارقىرىدى باراتبايمۇ ، _ مېنىڭ كىملىكىمنى تونىمايۋاتامسىلەر ؟ مەن كەلگۈسىدىكى شەھەرنىڭ بېگى بولىمەن . بەلكىم كېيىن پادىشاھمۇ بولارمەن . شۇچاغدا ھەي مەينەت تۆمۈرچى ، يۇندىخور زاسۈيپەز ، سەت ھىجايغاق ساتىراش ...ھە ، قېرى مەزىن سەنمۇ بار ، ھەممىڭنى بىر بىرلەپ دارغا ئاسىمەن !....
ئۆمەرباي بىر بىرىدىن قېلىشماي ۋارقىراپ ، ئەتىراپتىكىلەرگە ھەيۋە قىلغىلى تۇردى . ئۆزلىرىنىڭ يالاڭاچ ئىكەنلىكىنى بولسا ئۇلارنىڭ خيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتى .
- ماۋۇ ئېشىكىمنىڭ ئۈستىدىكى نېمە بىلەمسىلەر ؟_ دېدى ئۆمەرباي ، _ ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى بەلكىم ئۈستىدىكىلىرى بىلەن شۇ ئېشەكنىڭ ئۆزىمۇ ھەممىسى ئالتۇن . ئاڭلاۋاتامسىلەر ؟ ھەممىسىلا قەدىمى پادىشاھلىقلار زامانىسىدا قۇيۇلغان ساپ ئالتۇن !
_ سېنڭ ئېشىكىڭنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن بولسا ، مېنىڭ قېچىرىمنىڭ ئۈستىدىكى نېمىكەن ؟_ دەپ مۆرىسىدىن تۇتۇپ تارتتى باراتباي ئۆمەرباينى .
سېنىڭ قېچىرىڭنىڭ ئۈستىدىكىسىنى مەن نېمە بىلەي !_ دەپ ئاچچىق گۆلەيدى ئۆمەرباي .
_ ئەمىسە كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قاراپ تۇر -ھە!
باراتباي قېچىرئۈستىدىكى ئىككى پۈچقىقى داردىيىپ تۇرغان ئىشتاننى تارتىپ چۈشۈردى -دە ، ئېغىنى يېشىپ ، ئىچىدىكى يەرگە تۆكتى .
ئىشتاننىڭ ئىچىدىن زادى نېمە چۈشەركىن دەپ ئەتىراپقا ئولاشقانلار دېمىنى ئىچىگە يۈتۈپ ، بۇيۇنداپ قاراپ تۇرۇشاتتى .
_ ئاھاي ، بۇ نېمە !؟_ دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئۆمەرباي ،_ بۇنىڭ ھەممىسى ئېشەكنىڭ تېزىكىغۇ ، ئەمدى مېنىڭكىنى كۆرۈپ قوي .
ئۆمەربايمۇ ئېشىكى ئۈستىدىن ئىشتىنىنى تارتىپ چۈشۈرۈپ ، ئېغىنى يېشىپ ، ئىچىدىكىنى تۆكتى . ئۇنىڭدىنمۇ ئېشەك دەپ ئاتىلىدىغان پەس ھايۋاننىڭ تېزىكى چۈشتى . ئۆمەرباي بىلەن باراتباي كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ بىر بىرىگە بىر پەس قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى -دە ، باراتباي قېچىرغا ، ئۆمەرباي ئېشىكىگە قاراپ يۈگۈردى . ئۇلاغلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇرجۇن تاغارلارنى سۆرەپ چۈشۈپ بىر بىرلەپ تۆكۈۋىدى ، ھەممىسىلا ئېشەكنىڭ تېزىكى بولۇپ چىقتى . ئۆمەرباي پۇت قوللىرى ھالسىزلىنىپ ، تېزەكنىڭ ئۈستىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى . باراتباي «ئاھ !» دېگىنىچە ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتتى . ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا « ئۇر! ھەيدە ! بۇ ئۇياتسىز بەچچىغەرلەرنى !» دىگەن چۇقان كۆتۈرۈلدى . كىشىلەر ئىككى باينى دارقىرىتىپ سۆرىگىنىچە شەھەر دەرۋازىسىدىن ئاچىقىپ تاشلىدى .
بارات بىلەن ئۆمەر ئېسىگە كېلىپ تەڭلا كۆزىنى ئاچتى . باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇشتى . ئۇلارشەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئوچۇقچىلىقتا يېتىپ قالغانىدى . يىراق بىر يەردە شەھەر سېپىلى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئاكا ئۇكا بىربىرىگە قاراپ ، سەل خىجىل بولغاندەك بولۇپ ، ئۇياتلىق يەرلىرىنى قوللىرى بىلەن يېپىشتى .
_ سەن كىمسەن ؟ _ دەپ سورىدى بارات ئاكىسىدىن .
_ ئۆزۈڭ كىمسەن ؟_ دېدى ئۆمەر ، _ كۆزۈمگە تونۇشلا كۆرۈنىسەن ؟
_ راست ، بىز قاچان ، قەيەردە ئۇچرىشىۋىدۇق ؟
_ ئۆزۈڭ دەپ باققىنە .
_ ۋايتاڭەي ، ئېسىمگە ئالالمىدىم .
_ توختا ، توختا . مېنىڭ ئېسىمگە كەلدى . سەن مېنىڭ ئىنىم بارات ئەمەسمۇ ؟
_ سەن مېنىڭ ئاكام ئۆمەرمۇ ؟
_ ھە مانا ئەمدى ئېسىڭگە ئالدىڭ .
_ مەن قانداقىسىگە سېنىڭ ئىنىڭ بولۇپ قالدىم ؟
_ مەن سېنىڭ ئاكاڭ بولغاندىنكىن ، سەن مېنىڭ ئىنىم بولىسەن -دە.
_ مەن سېنىڭ ئىنىڭ بولغاچقا ، سەن مېنىڭ ئاكام بولىدىغانسەن ؟
_ نېمىلەرنى دەۋاتىدىغانسەن ؟... مەن سېنىڭ ئاكاڭ بولغاچقا ، سەن مېنىڭ ئىنىممۇ ياكى سەن مېنىڭ ئىنىم بولغاچقا ، مەن سېنىڭ ئاكاڭمۇ ، ئۇ تەرەپلىرىنى مەنمۇ تازا بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ ئىككىمىز قېرىنداش .
_ ھە ، مېنىڭمۇ ئېسىمگە كەلدى ، _ دېدى بارات .
_ نېمە ئېسىڭگە كەلدى ؟_ دەپ سورىدى ئۆمەر .
_ نېمە ئېسىمگە كەلدى ، بىردەمدىلا ئۇنتۇپ قالدىم .
_ ھەر قاچان ، قاچاندۇر بىر چاغدا ، مۇشۇ شەھەرنىڭ سىرتىدا ، مۇشۇنداق ياندىشىپ ياتقىنىمىز ئېسىڭگە كەلگەندۇر ؟
- توغرا !_ دەپ جانلىنىپ كەتتى بارات ، _ ئۇ چاغدا ئىككىمىز بىر نەرسىنى تەڭ تۇتۇپ ياتقانىدۇق .
_ نېمىنى ؟
_ ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟... تىللا ، تىللا سېلىنغان خالتا !
_ ھە ، ئېسىمگە كەلدى ، - دېدى ئۆمەر ، _ كېيىن مەن ئۇ تىللالارنى خەجلەپ باي بىر خوتۇنىغا ئۆيلەنگەن ، سەرراپ دۇكانلىرىنى ئاچقان ...
_ مەنچۇ ؟_ دەپ ئاكىسىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى بارات ، _ مەنمۇ قوشلاپ خوتۇنلارنى ئالغان ، كاتتا باغلارنى بىنا قىلغان ....
- ئەمىسە سېنىڭ كاتتا باغلىرىڭ ، مېنىڭ مېھرىبان خوتۇنۇم ، سەرراپ دۇكانلىرىم قېنى ؟
_ بىز چۈش كۆرگەن ئوخشايمىز !
ئاكا ئۇكا ئىككىيلەن جىمىپ كەتتى . بىر چاغلاردا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەل مۇشۇ يەردە توقسان توققۇز تىللانى بۆلۈشەلمەي ئازارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ، تىللا قاچىلانغان خالتا غايىپ بولغاندىن كېيىن بىر بىرىگە باتناپ ، قېرىنداشلىقتىن كېچىپ ، شەھەرنىڭ باشقا باشقا ئىككى دەرۋازىسىدىن شەھەرگە كىرىپ كېتىشكىنىنى ... يەنە شۇنداق نۇرغۇن ئىشلارنى ئېسىگە ئالماقچى بولغاندەك قىلاتتىيۇ، يەنە بۇ ئەسلىمىلەر تۇماندەك تارقىلىپ خىرەلىشىپ كېتەتتى . ئۆزلىرىنىڭ يەنە قانداق قىلىپ بۇ يەردە ، بۇ ھالدا ئۇچىرشىپ قالغىنىغا زادى ئەقلىنى يەتكۈزەلمەيتى .
_ راست ، سەن مېنى قانداق تۇنىۋالدىڭ ؟_ دەپ سورىدى بارات .
_ ئېسىڭدىمۇ ؟_ دېدى ئۆمەر ، _ بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئوتتۇرسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭدە مۇشۇنداق قىپيالاڭاچ چۆمۈلۈپ ئوينايتۇق . ئاندىن ئۆستەڭ بويىدىكى قۇمدا مەن باشقا بالىلار بىلەن چېلىشاتتىم . بىرەرىنى يېڭىۋالسام ، سەن خوشاللىقىڭدا سەكرەپ كېتەتتىڭ .
_ بىغەملەر شەھىرى دېدىڭما ؟
_ ھە ،« بىغەملەر شەھىرى» دە .
_ ئەمىسە ، بىز بۇيەرگە قانداق كېلىپ قالدۇق ؟
_ بىلمەيمەن .
بارات ئورنىدىن تۇرۇپ چۆلگە ماڭدى .
_ نەگە ؟_ دەپ سورىدى ئۆمەر .
_ چۆمۈلىمەن .
_ توختا سۇدا ئېقىپ كېتىپ قالسەن .
_ ئېقىپ كەتمەيمەن .
_ ئېسىڭدىمۇ ؟ سەن ھەرقېتىم چۆمۈلگىلى ماڭغاندا ، ئاپام ئەنسىرەپ ئارقاڭدىن مېنى ئەۋەتتى .
ئۆمەر ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئىنىسىغا يېتىشىپ بىللە ماڭدى . ئۇلار كېتىۋاتقان يول پايانسىز چۆلگە ئىچكىرلەپ كېتەتتى . يولدا ئات ئۇلاغلارنىڭ تېزەكلىرى ئۇچىراپ قالسا ، ئاكا ئۇكا بۇ ساپسېرىق نەرسىگە قاراپ ئۇزاق تۇرۇپ قېلىشاتتى -دە ، بىر بىرىنى نوقۇپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى .
ئۇلار شۇ ھالەتتە قانچە كۈن يول ماڭغىنىنى ، قانچىلىك يول باسقىنىنىمۇ بىلىشمىدى . بۇ ئادەملەرنىڭ يالىڭاچ يۈرگىنىنى كۆزىگە سىغدۇرالمىغان يولۇچىلار ئۇلارغا كونا كىيىم كېچەكلەرنى كىيگۈزۈپ قويۇشتى . بۇ كىيىملەر ئۇلارنىڭ بوي تۇرقىغا توغرا كەلمىگەچكە ، باراتنىڭ كۆڭلىكى كالتە كېلىپ قورسىقى ئېچىلىپ قالغانىدى . ئۆمەرنىڭ تامبىلىنىڭ پۇچقىقى سۆرىلىپ باراتتى . بەزى كۈنلىرى ئۇلار قانداقتۇر بىر مەھەللىلەر يېنىدىن ئۆتۈپ قالاتتى . قەيەرلەردىندۇر پەيدا بولغان ئۇششاق بالىلار بۇ غەلىتە ئادەملەرنىڭ كەينىدىن چۇرقىراشقىنىچە خېلى يەرلەرگىچە ئەگىشىپ باراتتى -دە ، يەنە ئارقىدا قالاتتى . ئۇلار كىشىلەر سۇنغان تاماقنى يەيتتى ، نەدە كۈن كەچ كىرسە شۇ يەردە ئۇخلايتى .
بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بىر توپ ئاتلىق كىشىلەر يېتىشىپ كەلدى . ئاتلىقلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا گۈزەل بىر قىز كېلىۋاتاتتى . ئۆزىگە ئوخشاش كېلىشىملىك بىر يىگىت ئۇنىڭغا ياندىشىپ ماڭغانىدى . ئارقىدىكىلەرمۇ بىر بىرىدىن سۇمباتلىق يىگىتلەر كۆرۈنەتتى . ئاكا ئۇكا يولنىڭ چېتىگە ئۆتۈپ ، ئۇلارغا ھەيران بولۇپ قاراشتى .
_ سىلەر كىم بولىسىلەر ؟ _ دەپ سورىدى ئاتلىقلار يول ئۈستىدىكىلەردىن .
_ راست ، بىز كىم بولىمىز ؟_ دەپ ئىنىسىغا قارىدى ئۆمەر .
_ نەگە كېتىۋاتىسىلەر؟
_ بىز نەگە كېتىۋاتاتتۇق ؟_ دەپ ئاكىسىغا قارىدى بارات .
_ ئۆزۈڭ چۆمىلىمەن دېمىدىڭمۇ ؟ _ دېدى ئۆمەر .
_ ھە ، بىز « بىغەملەر شەھىرى» گە چۆمۈلگىلى كېتىۋاتىمىز ،_ دېدى بارات .
ئاتلىقلار ھەيران بولۇپ بىر بىرىگە قاراشتى .
_ « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسىلەر؟_ دەپ سورىدى ئۇلار.
_ كىم بىلىدۇ؟_ دەپ مۆرىسىنى چىقاردى ئاكا ئۇكا ئىككىيلەن تەڭلا .
_ « بىغەملەر شەھىرى » گە بارماقچى بولساڭلار ھارۋىغا چىقىۋېلىڭلار.
ئاتلىقلارنىڭ ئارىسدا سايىۋەنلىك بىر ھارۋا تۇراتتى . ئاكا ئۇكا پالاقشىپ يۈگۈرگىنىچە ھارۋىغا چىقىشتى . ھارۋىدا ساقاللىق بىر بوۋاي ئولتۇراتتى . ھارۋا يەنە ئۇزاق يول باستى . بوۋاي ھارۋىغا يېڭىدىن چىققانلارنىڭ ئۈستىۋېشىغا پات پات قاراپ قوياتتى . بارات ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرالماي قالدى -دە ، ئاخىر يېنىدىكى ساقاللىق كىشىنى نوقۇپ :
_ بوۋا ، ئۈستىمىزدىكى كىيىم كېچەكلەرگە قاراپ سەن بىزنى ھەر قاچان تازىمۇ بىر نامرات نەرسىلەر ئىكەن دەپ قالدىڭغۇ دەيمەن ؟_ دەپ سورىدى .
بوۋاي ئۈندىمىدى .
_سەن شۇنداق ئويلاۋاتىسەن ، - دېدى ئۆمەر ئىنىسىنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلەپ ، _ ئەسلىدە بىز ناھايىتى دۆلەتمەن ئۆتكەن ئادەملەر ....كىيىن بىز قانداق بولۇپ گادايلىشىپ كەتتۇق-ھە؟!
_ بۇنىڭ نېمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار ؟_دەپ ئېغىز ئاچتى بوۋاي ، _ گادايلىق بىلەن بايلىقنىڭ ئارلىقى بىرقەدەملا .
_ سەن بىر يۈزىگە يالاڭاچ خوتۇننىڭ سۈرئىتى بېسىلغان تىللانى كۆرگەنمۇ ؟_ دەپ سورىدى بارات .
_ نىمە ؟_ دەپ ئىتتىك بېشىنى كۆرۈردى بوۋاي .
_ يالاڭاچ بىر خوتۇننىڭ سۈرئىتى بېسىلغان تىللانى دەيمەن ؟
_ كۆرگەن .
- راست كۆرگەنمۇ؟_ دەپ ئاكا ئۇكا بوۋايغا تەڭلا تىكىلدى .
_ بىرنى ئەمەس ، يۈزنى كۆرگەن .
_ يۈزنى !؟
_ ھە ، يۈزنى ، مەن ئۇنىڭ توقسان توققۇزىنى مۈشكۈلچىلىكتە قالغان بىر بۇرادىرىمگە يەتكۈزۈپ بەرگەن . يەنە بىر تالنى ... يەنە بىر تالنى ئۆزۈممۇ ئىزدەپ تاپالمىغان .
_ ئۇ بىر تال تىللانى مانا مەن كۆرگەن ، - دېدى بارات .
_ ئاۋال مەن كۆرگەن ، _ دېدى ئۆمەر .
_ نەدە ؟... كىمنىڭ قولىدا ؟
_ دەسلەپتە باشقىلارنىڭ قولىدا ئىدى . كېيىن بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشتى . بىزنىڭ قولىمىزدىن نەگە كەتتى بىلمەيمىز .
_ شۇنداق ، _ دېدى بوۋاي ، _ بايلىق ئۇ ھېچكىمگە مەڭگۈلۈك ئەمەس . ..
_ مەن دېمەكچىمەن ، _ دەپ بوۋاينىڭ سۆزىنى تارتىۋالدى بارات ، _ شۇ تىللاغا چۈشۈرۈلگەن يالاڭاچ خوتۇننىڭ سۈرئىتى نېمە ؟ نېمىشقا ئۇ يالاڭاچ تۇرىدۇ ؟
_ كىمكى ئۇنى قوغلىشىپ ۋەسۋەسىگە چۈشسە ، _ دېدى بوۋاي ،_ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆزى شۇنداق يالاڭاچ بولۇپ قالىدۇ .
_ ئاكا ئۇكا ئىككىسى ئۇزاق جىمىپ كېتىشتى . ھارۋا ئۇلارنى بىر خىل تەۋرىتىپ ئىلگىرلەيتى . ئېغىر چاقلارنىڭ قۇملۇق يولدا قالدۇرغان ئىزى ئىلاندەك تولغىشىپ ئارقىدا قالاتتى .
_ ئالدىمىزدا بىر دۆڭلۈك كۆرۈندى ! _ دەپ ۋارقىراشتى ئاتلىقلار .
كۆزىنى يۇمۇپ خىيالغا كەتكەن بوۋاي لاپ قىلىپ كۆزىنى ئاچتى . ھارۋا ۋە ئاتلىقلار توختىدى . بوۋاي ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتى .
_ نىمە بوپتۇ ؟- دېدى ئۆمەر .
_ ئۇقمىدىم ، _ دېدى بارات .
_ يۈرە ، بىزمۇ چۈشەيلى .
ئۇلارمۇ ھارۋىدىن چۈشۈپ ، بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن كەتتى .
- يېتىپ كېلىپتۇق . « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئورنى مانا مۇشۇ ، _ دېدى بوۋاي ئاتلىقلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ .
بوۋاي كۆرسەتكەن تەرەپتە _ تۇتاش كەتكەن قۇملۇقلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئېگىز بىر تۆپىلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى .
_ « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئورنى مۇشۇ دۆڭلۈكمۇ ؟
_ ياق ، _ دېدى بوۋاي ، _ شەھەرنىڭ ئورنى دۆڭنىڭ ئارقا تەرىپىدە . بۇدۆڭلۈك بوۋاقلار قەبرىستانلىقى دەپ ئاتىلىدۇ .
_ بوۋاقلار قەبرىستانلىقى !؟
_ « بىغەملەر شەھىرى» دە بىر قېتىم شۇنداق ئاجايىپ بىر سايلام بولغان ، _ دەپ كۈلۈمسىرىدى بوۋاي ، _ ئاق كۆڭۈل ، ساددا شەھەر خەلىقى ھېچقانداق ئەيىبى ، گۇناھى يوق ، پەرىشتىدەك پاك بىر كىشىنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىماقچى بولۇپ ئىزدەپ ئاخىرى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان بىر بوۋاقنى شاھلىققا كۆرسەتكەن . « بىغەملەر شەھىرى» گە ياۋلار بېسىپ كىرگەندە شەھەرنىڭ بوۋاق پادىشاھىنى ئىزدەپ تاپالماي يۈزلىگەن بوۋاقلارنىڭ كاللسىنى ئالغان . كېيىن ئادەملەر بوۋاقلارنىڭ جەسىدىنى يىغىپ مانا مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ دەپنە قىلغان . ئىلگىرى بۇ يەر دۆڭمۇ ئەمەس ئىدى . ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ، ئەتىراپنى قوم باسقانسىرى بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئورنىمۇ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى . ئېھتىمال ، ھەممە يەرنى قۇم بېسىپ كەتكەندىمۇ بۇ يەر « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ بەلگىسى بولۇپ مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرار ، قېنى ، شىھىتلارنىڭ روھىغا بىر دۇئا قىلايلى !
بوۋايغا ئەگىشىپ ھەممە دۇئاغا قول كۆرۈردى . ئۆمەر بىلەن بارات بىر بىرىگە قاراپ قويۇشتى -دە ، ئۇلارمۇ ئالقانلىرىنى ئېچىشتى .
_ يۈرۈڭلار ، « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئورنىنى كۆرەيلى ، _ دېدى بوۋاي دۇئادىن كېيىن .
كۆپچىلىك دۆڭنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتى . ئۇ يەردىمۇ چېكى يوق قۇملۇق سوزۇلۇپ ياتاتتى . پەقەت ئىلگىركى ئۆي ئىمارەتلەرنىڭ چوقچىيىپ چىقىپ قالغان تاملىرىدىنلا قەدىمىي ، ئاۋات بىر شەھەرنىڭ ئىزناسىنى پەرىق قىلغىلى بولاتتى . « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوچىلىرىدىمۇ قۇملار ئۇچۇپ يۈرەتتى .
_ شەھەرنىڭ ئادەملىرى قېنى ؟
_ ئەنە ئاۋۇ تەرەپكە قاراڭلار .
يىراقتا بىر توپ ئادەملەر نەغمە ناۋا قىلىشماقتا ئىدى . بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى ، كېچىدە چىققان بوراننىڭ گۈركىرىشى ، ئانىنىڭ پەريادى ، نارسىدىلەرنىڭ يىغىسى ، نائىلاجلارنىڭ نالىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ كۈينىڭ لەرزىدە ئادەملەر ئەسەبىيلەرچە سەكرىشىپ ، باشلىرىنى كەينىگە تاشلاپ ، ياقىلىرىنى يىرتىشاتتى . شۇ تاپتا ئۇلار ئۈچۈن نە قۇياش ، نە يۇلتۇز ، نە ئالەم ، نە ئۆزلىرىنىڭ ھايات ماماتلىقى ھەممە نەرسە ئۇنتۇلغاندەك قىلاتتى . ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا بولسا رەھىمسىز قۇم ئېقىنى قاينامدەك پىرقىرايتى .
_ ئۇلار ، _ دەپ چۈشەندۈردى بوۋاي ، _ « بىغەملەر شەھىرى» دە ئاخىرقى جەڭ بولغان كېچىسى بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا قېپقالغانلار . كېيىن بۇ ھالسىزلانغان شەھەردىكى بايلىقلارنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئەتىراپتىن مىڭلاپ قەلەندەر ، بۇلاڭچىلار ئېقىپ كىردى ۋە ئالىدىغىنىنى ئېلىپ كېتىپ قېلىشتى . ئۇلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى چۆل يوللىرىدا تىنەپ جىن - شاياتۇن ، ئېزىتقۇلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىمىش ...
_ ھەي ئىسىت !_ دېدى يىگىتلەرنىڭ بىرى ، _ بۈگۈن ياكى ئەتە ، بۇ يەردە قالغان نەرسىلەرنىڭمۇ ھەممىسىنى قۇم يالماپ بولىدۇغۇ .
_ « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئاخىرقى ئادەملىرى پەقەت ئاشۇلارلىما ؟_ دېدى يىگىتلەرنىڭ يەنە بىرى .
_ يەنە بىزمۇ بار !_ دېدى ھېلىقى گۈزەل قىز .
_ قېنى ماڭا پالتامنى بېرىڭلار !_ دەپ قولىنى سۇندى قىزنىڭ يېنىدىكى يىگىت ، _ بوۋاقلار قەبرىستانلىقىنىڭ يېنىغا بىز باشقىدىن يېپيېڭى بىرشەھەر بىنا قىلايلى !
تۈگىدىقۇم باسقان شەھەر历史上的今天:
قۇم باسقان شەھەر(14) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(13) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(12) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(11) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(10) 2010-06-16