• قۇم باسقان شەھەر(13)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139774.html

     

    بىر تال تىللا


      چۆلنىڭ گۈزەللىكى يەنە ئۆزگىچە بولىدۇ . بۇ يەردە ئۇپۇق سىزىقى شۇنچە ئېنىق كۆرۈنىدۇ . بۇ يەرنىڭ قۇملىرى شۇنچىلىك يۇمشاق ۋە تازا . چەكسىز يېيىلىپ ياتقان قۇملۇقلار كېچىلىرى سىياھدەك قارا كۆرۈندىۇ . سەھەردە  ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا قىزغۇچ تاۋلىنىدۇ . كۈن تىكلەشكەندە بولسا قاردەك يالتىرايدۇ . ئۇنتۇماڭكى ، قۇملۇق بىلەن دېڭىز ئەسلى بىر تۇغقان . چۆل شاماللىرى قۇم يۈزىدە ئۇششاق دولقۇن ئىزىنى قالدۇرىدۇ . يىراقتىن قاتارلىشىپ
    كېلىۋاتقان كارۋانلار كىشىگە يەلكەنلىك كېمىلەرنى ئەسلىتىدۇ . قۇملۇقلار بىر زامانلاردا پايانسىز دېڭىز ئىدى ، دېڭىزلارنىڭ ئاستىدىمۇ چەكسىز قۇملۇق ....، بۇ يەردە قۇياش كۈندۈزلىرى جاننى ئالغۇدەك قىززىتىپ تۇرسىمۇ ،كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن يەنە سالقىن كېچىلەر باشلىنىدۇ . قايسىبىر يوللاردىن ئوتۇنچىلارنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى ئاڭلىنىدۇ ۋە بۇ ناخشىلار كىشىنىڭ ئېسىگە ئۇنتۇلغان ئۆتمۈشنى ، ئەستىن چىققان خاتىرىلەرنى سالىدۇ .
      دۇنيادىكى نۇرغۇن تاغ سۇلىرى قارلىق چوققىلاردىن باشلىنىپ ، جىلغىلاردىن ئېقىپ چىقىپ ، ياپيېشىل دالىلارنى كېسىپ ئۆتۈپ دېڭىزگە قۇيۇلىدۇ . ئەمما ، تەكلىماكاندىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريالار بولسا ، ئاق باش تاغلاردىن باشلىنىپ ، قۇملۇققا كېلىپ سىڭىپ كېتىدۇ . بۇ شۇنچىلىك سىرلىق ۋە شۇنچىلىك غەلىتە ماكان ...قۇملۇقتىكى يوللارنى پەقەت چۆل ئادەملىرىلا پەرىق ئېتەلەيدۇ . ئاندا ساندا ئۇچىرايدىغان ئۇلاغ تېزەكلىرى ۋە قاچاندۇر بىر چاغلاردا خەۋىپكە ئۇچىراپ ئسسىق جېنىدىن جۇدا بولغان ئادەم ، ئۇلاغلارنىڭ ئاقارغان ئۇستىخانلىرى قەدىمىي يوللارنىڭ بەلگىسىدۇر . دولقۇنلۇق سۇدەك داۋالغۇپ تۇرغان قۇم ئېقىنى ھېلىدىن ھېلىغا يوللارنى كۆمۈپ يولۇچىلارنى ئازغاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . بۇ چۆل يوللىرىغا تالاي سەيياھلارنىڭ ئۇستىخانلىرى كۆمۈلگەن . ھەر خىل دىن ، ھەر
    خىل رەڭ ، ھەرخىل ئوي پىكىردىكى تالاي تەۋەككۈلچىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى يېزىلغان ، ئەمما ، بۇ يېزقنى ئوقۇماق ناھايىتىمۇ تەس !...
       بۇ چۆل جەزىرىدىكى بۇلاقلارنىڭ سۈيى شۇنچىلىك تەملىك ، چۈنكى سىز يىراقلاردىن چاڭقاپ كېلىسىز : بۇ يەردىكى توغراقلارنىڭ سايىسى شۇنچىلىك سالقىن ، چۈنكى ، قىزىق چۆل ئاپتىپى سىزنى ئۇنىڭغا ئاشىقتەك تەشنا قىلىدۇ . بۇ يەردە ھەمسەپەرنىڭ قىممىتى شۇنچىلىك يۇقۇرى ، چۈنكى سىزگە بەزىدە كۈنلەپمۇ ئادەم ئۇچىرىمايدۇ . ...
       شۇ تاپتا چۆل يولى بىلەن چۆل ئوغلى كەلمەكتە ئىدى . ئىككى يىلدىن بېرى بۇ يوللاردا ئۇ تىنىم تاپماي ماڭاتتى . قانداقتۇر بازارلار ، مەھەللىلەر ، قايناق شەھەرلەردىن ئۆتەتتى . ياش يىگىتكە قايسىبىر كوچا ، ئىشىك ئالدى ، بۇلاق باشلىرىدا ئۇچىرىغان قىزلار تەشنالىق بىلەن نەزەر تاشلايتى . چۆل ئوغلى بولسا توختىماي ئىلگىرلەيتى . ئۆزى توغراقلىقتا ئۇچىراتقان ۋە كېيىن يوقىتىپ قويغان پەرىشتىسىنى ئىزدەيتى . ئۇنىڭ قۇملۇقلاردا مېڭىۋەرگەچكە ، رەڭگى ئۆڭۈپ ئاقىرىپ تۇمشۇقى يۇقۇرى قاراپ قالغان ئۆتۈكىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئېشىكىمۇ بىللە كېلەتتى . ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى خۇرجۇندا يىپ -يىڭنە ، چاي -تۇز ۋە ئاياللارغا لازىملىق ئۇششاق چۈششەكلەر بار ئىدى . يول ئۈستىدىكى مەھەللىلەردە ھەپتىلىك بازارلار ئۇچىراپ تۇراتتى . ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، قانداقتۇر بىر يېزىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئوچۇقچىلىققا تەرەپ تەرەپتىن ئادەملەر يىغىلاتتى . ئاشپەزلەر چېدىرلىرىنى تىكىپ ، ئوچاقلىرىغا ئوت ياقاتتى . سودىگەرلەر تازا قۇم ئۈستىگىلا ماللىرىنى يېيىشاتتى . بىردەمدە تاغارلاپ ئاشلىق ، مېۋە چېۋە ، ماتا چەكمەن ، ئۆتۈك ، دوپپا ...ھەممە نېمىنىڭ سودىسى قىززىپ كېتەتتى . ئەتىسىلا قارىسىڭىز ، بۇ يەردە تاشلىنىپ قالغان سۆڭەكلەر ، مال تېزەكلىرى ، چېدىرلارنىڭ قۇرۇق ياغاچلىرىلا چوقچىيىپ قالاتتى -دە، ئىككىنجى بىر يەردە بازار قاينايتى . چۆل ئوغلى شۇنداق بازارلارنىڭ بىرىدە ماللىرىنى ساتاتتى-دە، يەنە قايسىدۇر بىر بازارلاردىن مال ئېلىپ سەپىرىنى داۋام قىلاتتى . ياشانغانلارغا بۇ يىگىت بىر زامانلاردا بۇ چۆل يوللىرىنى ئايلىنىپ يۈرگەن جاھانكەزدى سۈپۈرگىنى ئەسلىتەتتى .
      « قېنى غەيرەت قىل ئېشىكىم ، _ دەيتى چۆل ئوغلى ،_ ئەنە ئاۋۇ قۇم دۆۋىسىدىن ھالقىپ كەتسەكلا بۈككىدە توغراقلىققا يېتىمىز ، ئۇ يەردىكى توغراقلارنىڭ سايىسى شۇنچىلىك ھوزۇركى ، قۇيۇۋەر . ئۇ يەردىكى ساپ ھاۋا ، سالقىن شامالنى دېمەمسەن ، شاھلارنىڭ خوتۇنلىرى تۇرىدىغان سارايلارمۇ ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ . ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھوجىرىلىرى ئۇپا -ئەڭلىكنىڭ بۇسى بىلەن بىخسىپ كەتكەن . ئۇنىڭدىن سېنىڭ چىللە پۇراپ تۇرىدىغان ئېغىلىڭ ياخشىراق ...»  چۆل ئوغلى ئادەمسىز بۇ يوللاردا ، زېرىكىشتىن ئېشىكى بىلەن ئەنە شۇنداق پاراڭلىشىپ كېلەتتى . ئېشىكىگە نېمىلەر توغرىسىدىدۇر مۇراجەت قىلاتتى . ئېشەك بولسا ئىگىسىگە قارىغاندا ئېغىر بېسىق كۆرۈنەتتى . بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ، بىر خىل يۈرۈش بىلەن خۇددى كەلگۈسىدىكى بولغۇسى بىر چوڭ جەڭ ئۈستىدە خىيال سۈرۈپ كېلىۋاتقان لەشكەر باشلىقدەك قەدەم باساتتى .
      «ھېلىقى بىر چاغدا توغراقلىقتا ئىككىمىزنىڭ قانداق قورقۇپ كەتكىنىمىز ئېسىڭدە باردۇر ؟_ دەپ سۆزىنى داۋام قىلاتتى يىگىت ،_ يائاللا ، سەن شۇ چاغدا ئۆلەر تىرىلىشىڭگە قارىماي شۇنچىلىك يۈگۈردۈڭكى ...ياق ، ئۇچتۇڭمىكىن دەيمەن . چۈنكى مەن قۇم ئۈستىدە تۇياقلىرىڭنىڭ ئىزلىرىنىمۇ كۆرمەي قالدىم . مېنىڭ قانچىلىك قورققىنىمنى سورىمايلا قوي . ھازىر ئويلىسام شۇنچىلىك كۈلكىلىك ، مانا شۇ جانان ئەمدى بىز بىلەن قايتا بىر ئۇچىراشسا ئىدى . بىز ئۇنىڭ بىلەن باشقىچە پاراڭلىشاتتۇق . ئۇ چاغدا مەن تېخى گۆدەك ئىكەنمەن ،ھە، سەنمۇ شۇنداق ، ...غەيرەت قىل . ئالدىمىزدىكى توغراقلىققا يەتكەندە مەن ساڭا ئىككى ئوچۇم قوناق بېرىمەن ...، ئۈنچىقمايسەنغۇ ؟ بىلىمەن ، بىلىمەن . شۇ تاپتا ساڭا ئىككى ئوچۇم قوناقتىن كۆرە ، بىر يۇتۇم سۇ قىممەتلىكرەك . ئامال قانچە ، مېنىڭ گاللىرىممۇ قۇرۇپ كەتتى . چۆلنىڭ ئادەملىرى ناھايىتى قۇۋ ، سۇ چىقىدىغان بۇلاقلارنى يۇشۇرۇپ قويىشىدۇ . ئادەملەرنى تاپمىغۇچە سۈيىنى تاپقىلى بولمايدۇ . ئوھۇي ، ئۇلارنىڭ كۈپلىرىدىكى سۇنىڭ قانچىلىك مۇزدەك ۋە شېرىنلىكىنى دېمەمسەن ...، غەيرەت قىل ، غەيرەتلىك بولغانلارغا مەنزىل يىراق ئەمەس .
    بوۋام ئەن شۇنداق دېگەن ...»   دېگەندەك ، ئۇلار ئېگىز بىر قۇم بارخىنىدىن ھالقىپ ئۆتۈش بىلەنلا ، تۆۋەندە يېيىلىپ ياتقان قەدىمى توغراقلىقنى كۆردى . ئېشەك بايىقى سالاپەتلىك مېڭىشىنى تاشلاپ قەدىمىنى ئىلداملاتتى . چۆل ئوغلى قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ توغراقلىققا ئۇلاشتى . بۇ يەرە قۇچاق يەتمەيدىغان قۇۋەتلىك توغراقلار بىلەن قۇرۇپ يىقىلغان توغراقلاردىن كۆكلەپ چىققان ياش نوتىلار بىر بىرىگە چىرمىشىپ ئاجايىپ بىر مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى .
      « گېپىم راستمىكەن ؟_ دەپ ئېشىكىگە سۇئال قويدى چۆل ئوغلى ، ئاندىن ئۇ ئېشىكىنى باراقسان بولۇپ شاخ يايغان بىر تۈپ توغراقنىڭ سايسىگە تارتىپ قويدى ، _ ئادەملەر مېنى بىكارغا جاھانكەزدى سۈپۈرگىگە ئوخشاتمايدۇ ، مەن بۇ توغراقلىقنىڭ پۇرىقىنى يېرىم كۈنلۈك نېرىدا تۇرۇپلا سەزگەن ...راست ، شۇ جاھانكەزدى سۈپۈرگە دېگىنى قانداق ئادەم بولغىيتى ؟ سەن ئاڭلىدىڭمۇ ؟ئۇ ئاجايىپ بىر سەيياھمىش . ياشانغان مويسىپىتلەر مېنى شۇ كىشىگە ، سېنى شۇ كىشىنىڭ ئېشىكىگە ئوخشىتىدىكەن . ... ئەمدى ساڭا يەنە بىر ھەقىقەتنى ئېيتاي ، توغراقلىق بولغانىكەن ، يېقىن ئەتىراپتا چوقۇم ئادەممۇ بولىدۇ . قېنى ، ئاۋال سەن گېلىڭغا ئازىراق بىر نېمە يەۋال ، مەنمۇ پۇت - قولۇمنى سوزۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋالاي ، بىزگە ئۇچىرايدىغان ئادەمنىڭ چىراي شەكلى ، خۇي پەيلى قانداق ؟
    بۇنى بىز تېخى بىلمەيمىز ، ئىشنىمەنكى ، ئۇ بىزگە كۈپىدىكى ھېلىقى مۇزدەك سۈيىنى ئايىمايدۇ . »
      چۆل ئوغلى ئېشەكنىڭ ئالدىغان ۋەدە قىلغان ئىككى ئوچۇم قونىقىنى تۆكتى . ئاندىن چاپىنىنى توغراق سايىسىگە سېلىپ ، ئۆتۈكىنىمۇ يېشىپ تاشلاپ ، سوزۇلۇپ ياتتى . كۈن پېشىپ ۋاقتىدىن قايرىلغان بولسىمۇ قۇياش قۇملۇقلارنى يەنىلا قىزدۇرۇپ تۇراتتى . توغراقلىقنىڭ ئىچى بولسا سالقىن ۋە جىمجىت ئىدى .
    «شۇ تاپتا قۇشلارمۇ ئۇۋىلىرىدا ئۈگىدەپ ئولتۇرسا كېرەك » دەپ ئويلىدى چۆل ئوغلى . راھەتلىك بىر شامالنىڭ پەپىلىشىدە ئۇ قاتتىق ئۇيقىغا كەتتى .
      چۆل ئوغلى ئويغانغاندا ۋاقىت نامازدىگەردىن ئۆرۈپ ، قۇم بارخانلىرىنىڭ سايىسى خېلىلا ئۇزىراپ قالغانىدى . چۆل ئوغلى كۆزىنى ئېچىپ ، بېشى ئۈستىدىكى توغراق يۇپۇرماقلىرىغا كۆز تىكتى . نېپىز بىر قەۋەت قۇم توزانلىرى بىلەن خىرەلىشىپ تۇرغان قۇيۇق ياپراقلار ئارىسىدىن ئۆتكەن قۇياش نۇرى ھەر تەرەپكە مەشۈتتەك ئۇچ تارتىپ ، رەڭمۇ رەڭ جۇلالىناتتى . «ھېلىقى ئېگىز سېپىللارنىڭ ئىچىدە ، يۈزلىگەن لەشكەرلەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە ياتقان شاھلار ، _ دەپ مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى چۆل ئوغلى ، _ مانا مۇشۇنداق چىرايلىق نۇرلارنى كۆرۈشتىن مەھرۇم ، ئۇنىڭغا قارىغاندا مەن بايراق ۋە بەخىتلىكرەك بولسام كېرەك . ئېگىز تاملار قورشاپ تۇرغان شاھ ئوردىلىرى ...»  چۆل ئوغلى مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرالماي توختاپ قالدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزى ئېشىكىگە چۈشكەنىدى ، ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كۆزى مال بىلەن تولغان خۇرجۇن ئاللىقەيەرلەرگىدۇر غايىپ بولغانىدى . «ئوغرى !_ دەپ ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى چۆل ئوغلى ، _ ھەي ئېشەك ، يەنىلا سەن ئېشەكلىكىڭنى قىلىپسەن -دە! بىھۇدە ۋاقىتتا ھاڭىراپ جاھاننى بېشىڭغا كىيىدىغان ھېلىقى قارغىش تەككۈر ئاۋازىڭدىن ئوندىن بىرىنى بولسىمۇ ئىشلىتىپ ماڭا ھايت دەپ قويساڭ بولماسمىدى ؟...»
       چۆل ئوغلى ئېشەكنىڭ يېنىغا بېرىپ ، ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ تېخىمۇ چۆچۈپ كەتتى . شۇ تاپتا ئېشەك چىلىق -چىلىق قارا تەرگە چۆمگەن بولۇپ ، قۇمغا سانجىلىپ تۇرغان ئىنچىكە پۇتلىرى دىرىلداپ تىتىرەپ تۇراتتى .
      « ئېيتقىنا ، سەن نېمىنى كۆردۈڭ ؟ نېمىدىن شۇنچە قورقۇپ كەتتىڭ ؟...شۇنىڭغا قارىغاندا ، ئۈستۈڭدىن خۇرجۇننى يۇلىۋالغان ئوغرى ئادەتتىكى بىر ئادەم بولمىسا كېرەك ، ئەمىسە ئۇ نېمە ؟ جىنمۇ ، شەيتانمۇ؟...ياكى سەن ھېلىقى ئالۋاستى قىزنى كۆردۈڭمۇ؟»  چۆل ئوغلىنىڭ ئېشىكى ھەر قانچە ئەقىللىق بولسىمۇ ، ئىنسانغا ئوخشاش سۆزلەشكە ئاجىز ئىدى . پەقەت ئۇتېخى قورقۇنچ كەتمىگەن سارغۇچ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ، قۇلاقلىرىنى مىدىرلىتىپ قويدى . ئەجەبلىنەرلىكى ، ئېشەكنىڭ ئەتراپىدا ھېچقانداق غەيرى نەرسىنىڭ ئىزى كۆرۈنمەيتى .
      « ئەجەپ -ھە!سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى خۇرجۇن قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كەتكەن بولسا ، _ دەيتى چۆل ئوغلى ، _ ئۇنداق بولسا خۇدايىم ئاشۇ ئەرزىمەس خۇرجۇنغا بەرگەن قاناتلارنى نىمىشقا بىزگىمۇ بەرمەيدۇ ...»
      چۆل ئوغلى توغراقلىقنىڭ ئەتىراپىدىكى قۇم دۆۋىلىرى ئۈستىگە ئۆمىلەپ چىقىپ ئەتىراپقا قارىدى . ھەممە يەر چەكسىز قۇملۇق ، ھېچبىر يەردە ئىنىس جىننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى . «سۇ !»دەپ ۋارقىرىدى چۆل ئوغلى ۋە قۇم دۆڭى ئۈستىدىن دومىلاپ دىگۈدەك چۈشۈپ ،ئېشەكنىڭ يېنىغا ئوقتەك يۈگۈرۈپ كەلدى خۇداغا شۈكرى ، ئېشەكنىڭ ساغرىسىغا ئېسىپ قويغان تۇلۇم ئۆز ئورنىدا تۇراتتى . تۇلۇمدا ئۇنىڭ ئېغىر ۋاقىتلارغا ساقلاپ قويغان ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئوچۇم سۈيى بار ئىدى . چۆل ئوغلى تۇلۇمغا ئېغىزىنى تۇتۇپ ، ئېللىپ قالغان سۇدىن قانغۇنچە بىرئىچتى -دە ، ئاشقىنىنى دوپپىسىغا تۆكۈپ ئېشىكىگە سۇندى . ئېشەك سۇنى قېلىن كالپۇكلىرى بىلەن بىرسۈمۈرۈپلا دوپپىنى قۇرۇقداپ قويدى .
      « ھېلىقى ئوغرى مەيلى ئادەم بولسۇن ، مەيلى ئىنىس جىن بولسۇن ، يەنىلا ئىنساپلىق ئىكەن ،_ دېدى چۆل ئوغلى ،_ شۇ تاپتا ئىككىمىزگە شۇ بىر نەچچە خۇرجۇن مالدىنمۇ قىممەتلىك ئىدى . جېنىمىز ئامانلا بولسا مال دىگەننى يەنە تاپىمىز ...توۋا دەيمەن ، ئۈستۈڭدىكى ئاشۇ ئەرزىمەس نەرسىلەر ئاسماندىكى پەرىشتىلەرگە ياراپ قالدىمۇ -يە؟ ئوغرى ئۇچۇپ كەلمىگەن بولسا ، نىمىشقا بۇ ئەتىراپتا ئۇنىڭ ئىزى يوق ؟...ئەمدى ئېشىگىم ، مېنىڭدىن رەنجىمە .
    بىخۇدلىقىڭدىن ئۈستۈڭدىكى خۇرجۇننى ئوغرىغا بېرىپسەن . شۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا مىنىۋېلىشىم كېرەك . بىز بىرەر بازارغا ياكى مەھەللىگە يېتىپ بېرىپ قىلدىغان ئىش تاپىمىز . ئۈستۈڭگە بولۇشىغا يۈك ئارتىپ كىرا قىلىپ پۇل تاپمىساق بولمايدۇ-دە! تېخى قورسىقىمىزنى تويغۇزىشىمىز لازىم . ئاندىن مەن يېڭى خۇرجۇن سېتىۋېلىپ ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى يەنە مالغا تولدۇرىمەن . شۇنىڭ بىلەن بىز سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز . كېلەر قېتىم مەن خۇرجۇننى بېقىنلىرىڭغا مىخلاپ قويسام بولامدىكىن ياكى ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ قولى تىگىپ كەتسىلا جىرىڭلاپ كېتىدىغان ئۇششاق قوڭغىراقلارنى ئېسىپ قويايمۇ يە؟...
    زادى ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، قانداق قىلىپ مېنىڭ خۇرجۇنۇم ئۈستۈڭدىن قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كەتتى -ھە! ئەگەر خۇرجۇنۇمنىڭ مۇنداق ئۇچىدىغان كارامىتىنى بىلگەن بولسام ، ئۇنىڭ بىركۆزىگە ئۆزۈم چۈشىىۋالماسمىدىم . ..ئەگەرچەندە سېنىڭ ئىككى بېقىنىڭغا تاسادىپەن شۇنداق قاناتلار ئۆسۈپ چىققان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى -ھە! ئۇ چاغدا بىز بۇ ئايىغى چىقماس چۆل يوللىرىدىن ئۇچۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتۇق . ھەممە خالايىق ، ھەتتا پادىشاھلارنىڭ ئۆزىمۇ ساراي ئۆيلىرىدىن چىقىپ ، قوللىرىنى سايىۋەن قىلىپ بىزگە قاراپ ھەۋەس قىلغان بولاتتى . شۇنداق بولغاندا سەن <بىغەملەرشەھىرى>دىگەن يەرگە قانچە كۈندە ئۇچۇپ بارالايتىڭ ؟...»   ئىگىسىنىڭ بۇ تۈگىمەس ۋاتىلداشلىرىغا ئىچى پۇشقان ئېشەك تاقەتسىزلىنىپ ئالدىغا بىر ئىككى قەدەم تاشلىدى  .
      « كېتىشكە ئالدىراۋاتامسەن ؟ توختاپتۇر ، مەن تېخى ئۈستىڭگە مىنىۋالمىدىمغۇ ، شۇ تاپتا كېتىشكە مەن سەندىن بەكرەك ئالدىراۋاتىمەن . بۇ نەس باسقان يەردە يەنە بىردەم تۇرىدغان بولساق ئۆزىمىزنىمۇ ئوغۇرلىتىپ قويىغىدىغان ئوخشايمىز .»
       چۆل ئوغلى ئېشەككە سەكرەپ مىندى . بىراقتا ئۇنىڭ ئېشەكنى دىۋىتىش ئۈچۈن كېرىلگەن پۇتلىرى ئېشەكنىڭ بېقىنىغا تەگمەيلا توختاپ قالدى . ئۇ بايىلا ئۆزى ياتقان يەردە تۇرغان بىر ياغاچ چۆچەكنى كۆرگەنىدى . چۆچەكنىڭ ئىچىدە بولسا ساپسېرىق بىر تال مېتال كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى .
      « توختا ، ئېشىكىم !_ دېدى ئۇ ئىختىيارسىز ، _ بۇ يەردە يۇز بېرىدىغان كارامەتلەر تېخى ئاخىرلاشمىغان ئوخشايدۇ . رەھمەتلىك بوۋام :چۆلدە ھەرقانداق مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ، دىگەن ...ئاۋۇ ياغاچ چۆچەك نەدىن كېلىپ قالدى .؟ ھېلىلا مەن ئۆزۈم شۇ يەردە سوزۇلۇپ ياتمىغانمىدىم ؟
    چۆچەكنىڭ ئىچىدە پارقىراپ تۇرغىنى نېمە ئۇ ؟»
      چۆل ئوغلى ئېشىكىدىن ئاستا چۈشۈپ ، ئاۋايلاپ دەسسەپ ، چۆچەكنىڭ يېنىغا يېقىنلاشتى . چۆچەكنىڭ ئىچىدە بىر دانە تىللا ياتاتتى . يىگىت تىللانى قولىغا ئالدى . تىللانىڭ ئېغىر سالمىقى ئۇنىڭ ئالقىنىنى باستى . تىللانىڭ ئىككى يۈزىدىكى قايسىبىر زاماندا ، قايسىبىر پادىشاھلىقنىڭ باسقان خەتلىرى ، غەلىتە سىزىقچىلار چۆل ئوغلىغا ناتونۇش ئىدى . بۇ بازارلاردا قاسساپلار ، ئاشپەرلەر ، سودىگەرلەر ۋە قانداقتۇر بىر خېنىملارنىڭ مايلاشقان ، تەرلىگەن قوللىرىدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرگەن تىللالاردىن بولمىغاچقا ، پارقىراقلىقى كۆزنى قاماشتۇراتتى .
      « مانا كارامەت !_ دېدى چۆل ئوغلى . ئۇنىڭ ئەمدى كىمگە مۇراجەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى ،_ خۇرجۇن ئوغرىسى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا قارا كۆڭۈل بولمىسا كېرەك . ئۇنىڭدا بەلكىم مۇنداق يېپيېڭى يىللالار بولسىمۇ ، يىپ -يىڭنە ، چاي تۇز يوقتۇر ، تىللا قانچە قىممەتلىك بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قاينىتىپ ئىچكىلى بولمايدۇ-دە! ...بىراق ، ئۇ مېنىڭ ھەققىمنى بۇنچە مەخپىي يوللار بىلەن بەرمەي ، توپتوغرا ئالدىمغا كېلىپ ، شۇ تىللانى تەڭلىگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا خۇرجۇنۇمدىكى بارلىق ماللىرىمنى ئۆز رازىلىقىم بىلەن بەرمەيتىممۇ ۋە بەلكىم مەن ئېشىكىم بىلەن شۇ ماللارنى نەق ئۇنىڭ ئىشكى ئالدىغىلا يەتكۈزۈپ بەرگەن بولاتتىم ... ئېھتىمال ئۇ ، جامالنى كۆرسەتمەيدىغان بىرساھىپجامالدۇر ياكى نىمە سەۋەبلەر بىلەندۇر چۆللەردە يوشۇرنۇپ يۈرگەن بىر مۇساپىردۇر ...»
      چۆل ئوغلى ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يېتەلمىدى . تىللانى قوينىغا سېلىپ ، ئۈستىدىن تۇتۇپ قويدى .
      « ئەمدى ، بۇ كارامەت يۈز بەرگەن ئورۇنغا بەلگە سېلىپ قويماق لازىم !_ دېدى چۆل ئوغلى ئېشىكىگە قاراپ ،_ سەن رەھمەتلىك بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانمۇ ؟ بالا ۋاقتىدا ئۇ ئالتۇنلار تولۇپ تۇرغان بىر توغراق كۆتىكىگە يولۇقۇپ ، شۇ يەرگە بەلگە سېىپ قويمىغاچقا ، قايتا كېلىپ ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىغان ۋە شۇ ئالتۇنلارنى ئىزدەپ پۈتۈن ئۆمرىنى جاڭگالدا ئۆتكۈزگەن ...»   يىگىت پىچىقىنى سۇغۇرىۋالدى -دە، ئالدىدا تۇرغان يوغان توغراقنىڭ غولىغا چەمبىرەك ئويۇپ قويدى .
      « يۈر ، ئېشىكىم ، ئەمدى بىزنىڭ بۇ يەردىن يىراقلىشىش ۋاقتىمىز يەتتى ، _ دېدى ئۇ ئېشىكىگە قايتا مىنىپ ، _ كىمكى كارامەت يۈز بەرگەن جايدا ئوشۇقچە ھايال بولىدىكەن ، ئۇنى پالاكەت باسىدۇ ! بۇ سۆزنى بىزنىڭ چايخانىدا قونۇپ ئۆتكەن بىر سەيياھ ئېيتقانىدى . بىز تىگىشلىك ھەققىمىزنى ئالدۇق . بۇ تىللاغا بىز يەنە بىر قانچە خۇرجۇن مال سېتىۋالالايمىز . ئەمدى سېنىڭ ئۈستۈڭگە قاتتىق ئوتۇن ياكى قانداقتۇر بىر بېخىل سودىگەرنىڭ ئېغىر ماللىرىنى ئارتمايدىغان بولدۇم . مەن ياخشى تاماق يەيمەن . سېنىڭ ئالدىڭغا ئەڭ مەزىلىك يەملەرنى تۆكىمەن . قېنى ، مېنى سەن يېقىن ئەتىراپتىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە يەتكۈز . سەھرانىڭ كىچىك بازارلىرىدىن بىز بۇ قىممەتلىك ئالتۇنلىرىمىزنى ئۆز باھاسىغا سېتىۋالالايدىغان سەراپنى تاپالمايمىز .» ئېشەك ، ئىگىسىنىڭ ھەممە گەپلىرىنى چۈشىنىۋاتقاندەك ، ئۇششاق قەدەم ئېلىپ ، سىلىق يورغىلاپ كەتتى



      چۆل ئوغلى يولدا بىر قونۇپ ، ئىككىنچى كۈنى چۈشكە يېقىن بىر شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ قالدى . كاسىپلار ، ئالارمەن -ساتارمەنلەرنىڭ چۇقانلىرى بىلەن قىزىپ تۇرغان بازار مەيدانىدىن ئۆتۈپ ، ئىزدەپ سوراپ ، زەرگەرلەر كوچىسىنى تېپىپ كەلدى . بۇ يەردىكى دۇكانلارنىڭ دېرىزىلىرىگە ھەر خىل قىممەتلىك كۆزلەر قويۇلغان ھالقىلار ، ئۈزۈكلەر ، ئالتۇن قاداق ، زىرە ، بىلەزۈكلەر تىزىۋېتىلگەنىدى . كىچچىككىنە ئوچاق ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئۇستىلار قولىدىكى ئىنچىكە نەيچە بىلەن ياغاچ كۆمۈرنى پۈۋلەپ چوغلاندۇرۇپ ، ئالتۇنلارنى ئېرىتىشاتتى . قىپقىزىل چوغ ئۈستىدە ھاسىل بولغان كۆكۈچ رەڭ يالقۇن ئالتۇن سېلىنغان بوتا ئىچىدىكى ئالتۇنلارنى سۇدەك ئېرىتىپ يالتىرىتاتتى . قايسىبىر دۇكانلاردا بولسا شاگىرت بالىلار قېلىپتىن چىققان ئالتۇن ئەسۋاپلارنى ئىكەكدەپ ، تېرىلەرگە سۈركەپ پەردازلىشاتتى . يىپەك پۈركەنجىلەرنى ئارتىپ ، قىلدىن توقۇلغان چۈمپەردىلەرنى تارتقان خېنىملار ئۇ ياق - بۇ ياققا يورغىلىشىپ ، تونۇش دۇكانلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا غايىپ بولۇشاتتى . قايسىبىر دۇكانلارنىڭ ئىچىدە بولسا چۈمپەردىلەرنى بىلىنەر بىلىنمەس قايرىپ ، ئاپئاق بارماقلىرى بىلەن ئالتۇن ئەسۋاپلارنى چىمدىپ تۇتۇپ كۆرىۋاتقان پۇلدار سەتەڭلەر كۆزگە چۈشەتتى . زەرگەرلەر بولسا بۇ ساھىپجاماللارنىڭ ئالدىدا خوشامەتكويلۇق بىلەن ئېگىلىپ ، ماللىرىنى ماختاپ پۇل قىلىشاتتى .  
      چۆل ئوغلى كوچىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى بىر خالىي دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېشىكىدىن چۈشتى . ئېشەكنى ئىشىك ئالدىغا قالدۇرۇپ ، سالام بىلەن دۇكانغا كىرىپ كەلدى .
       _ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !_ دېدى ئاپئاق ساقاللىق قېرى ئۇستا ئوچاقنىڭ قىپقىزىل چوغى ۋە پارقىراپ ئالتۇن - كۈمۈشلەرگە قاراۋېرىپ خىرەلىشىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن چۆل ئوغلىغا قاراپ . ئۇستىنىڭ تۇرقىدىن ئۆز كەسپىگە پىششىق زەرگەرلەردىن ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى ،_ خوش ، ئوغلۇم ، بىر نەرسە لازىممۇ ياكى ساتىدىغان ئالتۇن جابدۇقلىرىڭ بارمۇ؟
      _ مەن نامرات ئادەممەن ، بىساتىمدا مۇشۇ بىر تىللا بار . ياخشىراق باھادا پۇل تۆلەپ ئېلىپ قالارسەن .
      چۆل ئوغلى قوينىدىن تىللانى ئېلىپ ، ئۇستىنىڭ ئالدىدىكى كىچىك بولقا ، ئامبۇر ۋە نازۇك تارازىلار تۇرغان شىرەنىڭ ئۈستىگە قويدى ئۇستا قوللىرىنى سۈرتىۋېتىپ ، تىللانى قولىغا ئېلىپ ئۇياق -بۇ يېقىغا ئۆرۈپ قارىدى . ئاندىن تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆردى . تىللا ئۇنىڭ مۆلچەرلىگىنىدىنمۇ ئېغىرراق چىقتى . ئۇستا تىللانى ئالقىنىغا ئاغدۇرۇپ ، يەنە ئۇزاق سالماقلاپ كۆردى -دە ، چۆل ئوغلىنىڭ باش -ئايىقىغا قارىدى . ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈستىۋېشىنى قېلىن چاڭ باسقان ئاددي بىر يىگىت تۇراتتى .
      _ نېمىشقا ئۆرە تۇرىسەن ؟ قېنى ئولتۇر !_ دېدى ئۇستا ۋە ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، چۆل ئوغلىنىڭ ئاستىغا بىر پارچە ياغاق تېرىنى تاشلىدى ،_ ماڭا ئىشەنسەڭ ، شۇ يېشىمغا كەلگۈچە زەرگەرلىك قىلىپتىمەن ، بۇ خىلدىكى تىللانى ئۇچراتمىغانىكەنمەن . قارا ئۇنىڭ ساپ ۋە پارقىراقلىقىنى ...بۇ قايسى زاماندا ، كىملەر قۇيغان تىللا بولغىيتى ؟...توغرا ، سەنمۇ بىلمەيسەن . بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن . كېسىپ ئېيتىمەنكى ، بۇ قۇيۇلغاندىن بېرى خەزىنىدىن چىقىپ باقمىغان تىللادەك قىلىدۇ . سەن نېمىشقا ئۇنىڭدىن پەقەت بىر تاللا ئەكەلدىڭ ؟ بۇ تىللا ساقلانغان يەردە يەنە تاغارلاپ ئالتۇن بولۇشى مۇمكىنغۇ؟!
       چۆل ئوغلى ئۇستىنىڭ گەپلىرىنى ئۈندىمەي ئاڭلىدى . قېرى ئۇستا ئۇنىڭغا نېمە دەركىن دەپ چەكچىيىپ تۇراتتى .
      _ راستىمنى ئېيتسام ، _ دېدى چۆل ئوغلى ، _ سېنى ئەجەبلەندۈرىۋاتقان سۇئاللار مېنىمۇ ھەيران قالدۇرىۋاتىدۇ . مەن بۇ تىللانى تېپىۋالغان .
      _ تېپىۋالغان ؟!...قانداق قىلىپ ؟ نەدىن تېپىۋالدىڭ ؟...ئۇنى كىم چۈشۈرۈپ قويۇپتىكەن  ؟
      _ ساڭا نېمىدەپ چۈشەندۈرسەم بولىدۇ ، ئۇستا ،_ دېدى چۆل ئوغلى ،_مېنىڭ ئىسمىم چۆل ئوغلى بولىدۇ ...
      _ غەلىتە ئىسىم ئىكەن !_ دەپ غودۇڭشىدى ئۇستا .
      _ مەن چۆلدە تۇغۇلغان ، چۆلدە چوڭ بولغان .
      _ چىرايىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ .
      _ ئەنە ئاۋۇ دېرىزەڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قاپقارا ، سىلىق نەرسىنى كۆردۈڭمۇ ؟ ئۇ مېنىڭ ئېشىكىمنىڭ تۇمشۇقى . بۇ ئېشەك مېنىڭ سەپەردىكى ھەمرايىم . ئۇنىڭ بىلەن چۆل يوللىرىنى كېزىپ ماڭىمەن -ماڭىمەن ، ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا مېڭىۋاتقانلىقمنى ، نەگە بارىدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ...ئالدىنقى كۈنى ، كۈن تازا قىززىپ تۇرغان مەزگىلدە ، ئېشىكىم بىلەن قۇملۇقتىكى بىر توغراقلىق ئىچىدە توختاپ ئارام ئالدىم . يېتىپ كۆزۈم ئۇيقىغا كېتىپتۇ . بىر چاغدا ئويغىنىپ ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام ، دەل مەن ياتقان يەردە بىر ياغاچ چۆچەك تۇرىدۇ . چۆچەكنىڭ ئىچىدە مانا مۇشۇ تىللا يالتىراپ يېتىپتۇ . ئۇنى ياراتقان ئىگەمنىڭ ماڭا قىلغان ھەدىيىسى دەپ بىلدىم -دە ، ئېلىپ قوينۇمغا سالدىم . مانا شۇ تىللا بۈگۈن سېنىڭ ئالقىنىڭدا تۇرۇپتۇ . بۇ تىللا توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭمۇ بىلىدىغانلىرىم شۇنچىلىكلا .
      _ ھېلىقنى چۆچەكنىچۇ ؟ چۆچەكنىمۇ نېمىشقا قوشۇپ ئالمىدىڭ !؟_ دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئۇستا .
      _ ئەگەر بىرەرى ساڭا پەتنۇستا ساڭا ھەدىيە سۇنسا ، سەن پەتنۇسنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ قوينۇڭغا سالامتىڭ ؟_ دەپ ھەيران بولدى چۆل ئوغلى .
      _ لېكىن ئۇ پەتنۇس ئەمەس ، چۆچەك -دە ، ...ئېيتقىنا ، سەن كۆرگەن ئۇ چۆچەك قانداق رەڭدە ، قانچىلىك چوڭلۇقتا ؟
      _ ۋاي چوڭ دادا !_ دېدى چۆل ئوغلى ،_ ئالتۇننى كۆرگەندە ھەممىمىزنىڭ كۆزى تورلىشىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ ؟...مەن چۆچەك ئىچىدىكى تىللانىلا كۆرۈپتىمەن ، چۆچەكنىڭ قانداقلىقىغا سەپمۇ سالماپتىمەن .
      _ ھەي ئىسىت ، بىر كالتە پەملىك قىلىپسەن -دە!_ دەپ ئىچ ئىچىدىن ئۇھ تارتىپ ئەپسۇسلاندى ئۇستا ،_ كىم بىلىدۇ ، بەلكىم ئۇ تىللا تۇغىدىغان ئاجايىپ بىر چۆچەك بولغىيتى . !
      _ تىللا تۇغىدىغان !؟...ئېلىشىپ قالدىڭمۇ ، ئۇستا ، چۆچەكمۇ تىللا تۇغامدۇ ؟
      _ ئېچىلىڭ داستىخىنىم توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىمىغانمۇسەن ؟ دۇنيادا شۇنداق داستىخانلار بولغان . ئۇ خالىغان ۋاقتىدا ئېچىلىپ ، ئالدىڭنى نازۇ نېمەتلەر بىلەن تولدۇرىۋېتىدۇ ...سەن ئۇ چۆچەكنى چۆلدە ، بىر توغراقنىڭ ئاستىدا ئۇچىراتتىم ، دېدىڭما ؟ چۆل دېگەندە توغراق دېگەن جىق نېمىغۇ . سەن شۇ چۆچەك ئۇچىراشقان يەرگە بىرەر  بەلگە قىلىپ قويمىدىڭمۇ ؟
      _ شۇ يەردىكى توغراقنىڭ غولىغا پىچىقىم بىلەن بىر چەمبەر سىزىپ قويدۇم .
    _ھەببەللى ، بۇ ئىشقا كەلگەندە ئەقلىڭنى بىر ئىشلىتىسەن . خوش ئەمدى بۇ بىر تال تىللانى نېمە قىلاي دەيسەن ؟ ھالقا ، ئۈزۈك ياكى بولمىسا ....
      _ دېدىمغۇ ، چوڭ دادا ، ماڭا ھېچقانداق زىننەت بۇيۇمىنىڭ لازىمى يوق ، ئۆيۈمدە ئۇنىڭغا ھاجەتلىك ئايال كىشىمۇ يوق . ماڭا ھالال باھادا پۇل بەرسەڭ كۇپايە .
      _ بوپتۇ ، مەن بۇ تىللايىڭغا ئوبدان باھادا پۇل تۆلەي . سەن قايتىپ بېرىپ ھېلىقى سىرلىق چۆچەكنى يەنە ئىزدىگىن . ئۇچىراپ قالسا چۆچەكنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ قوينۇڭغا سال . قەسەم قىلىمەنكى ، بايلىققا كۆمۈلۈپ كېتىسەن . تاپقان تىللالىرىڭنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ئۇدۇل مېنىڭ ئالدىمغا ئەكەل ، سېنى ئوبدان رازى قىلىمەن . سەن ئاجايىپ چىرايلىق باغلارنى ، پىشايۋانلىق ئايۋانلارنى سېتىۋېلىپ سەرگەردانلىق تۇرمۇشۇڭنى ئاخىرلاشتۇرىسەن ...ئۆيلەنمىگەنمەن دېدىڭما ؟ پۇلۇڭ بولسا ئەلۋەتتە ئۆيلىنىسەن . مۇسۇلمانلارغا تۆت خوتۇن ئېلىش ھەقلىق . سەن باش ئاغرىقىدىن قورقساڭ بوپتۇ ئۈچنى ياكى ئىككىنى ئال . خالىساڭ مەن ساڭا تونۇشتۇرۇپمۇ قويىمەن . مۇشۇ كوچىدىكى دۇكانلارغا كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ خېنىملار بار ، چىرايىنى كۆرۈپلا ئەقلىڭدىن ئازىسەن .

    دىيارىم تورىغا يوللىغان yarken غا تەشەككۈر

      لېكىن چۆل ئوغلى ئەقلىدىن ئېزىشنى خالىمايتى . ئۇ زەرگەر ئۇستام سۇنغان پۇللارنى ئېلىپ قوينىغا سالدى -دە ، ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى . قېرى ئۇستا ئۇنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى .
      _ شۇنداق قىل ئوغلۇم ،_ دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇراتتى ئۇستا ، _ چۆچەكنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي يۇشۇرۇپ قويساڭمۇ مەيلى ، ئەمما تىللالارنى بولسا مېنىڭ ئالدىمغىلا ئەكەل ، ساڭا ئاق يول تىلەيمەن !
      _ خاتىرجەم بول ، چوڭ دادا ، _ دېدى چۆل ئوغلى ئېشىكىگە مىنىپ يولغا چۈشۈپ ، _ ھېلىقى سىرلىق چۆچەك يەنە ئۇچىراپ قالغۇدەك بولسا مەن ئۇنى ئېلىۋالىمەن . تىللالارنى پەقەت ساڭىلا ئەكىلىپ كۆرىستىمەن !
      چۆل ئوغلىنىڭ قارىسى ئادەملەر ئارىسىدا غايىپ بولدى .
      چۆل ئوغلى ئېشىكىنى دىۋىتىپ ، ئادەملەر بىلەن تولغان بازارغا كىرىپ كەلدى . بۇ يەردە ئادەملەر بىر بىرىنى ئىتتىرەتتى . بىر بىرى بىلەن باھا نەرخ تالىشاتتى . ئالارمەن بىلەن ساتارمەننى كىلىشتۈرمەكچى بولغان دەللاللار «بابەرىكە » دەپ ۋارقىراپ ، كىملەرنىڭدۇر قوللىرىغا پاققىدە ئۇرۇشاتتى . داس چېلەك ، چاپان ، كۆڭلەك ، يەل يېمىش ، بوغداي قوناق ...، بۇ بازاردا سودا بولمايدىغان نەرسە كەم ئىدى . بۇ قىيقاس چوقان ئىچىدە ئېغىر گۈرۈلدەپ تۇرغان بازارغا كىرىشى بىلەنلا چۆل ئوغلى ھېلىقى ئالتۇن تۇغىدىغان چۆچەك توغرىسىدىكى گەپلەرنى تامامەن ئۇنتۇپ قالدى . ئۇنىڭغا قېرى زەرگەر ئېيتقاندەك ئايۋان ساراينىڭمۇ ، باشنى ئاغرىتىدىغان بىر قانچە خوتۇننىڭمۇ لازىمى يوق ئىدى . ئۇ ئۆمۈر بويى مال دۇنيا ، ئالتۇن كۈمۈش يىغىپ ، شۇ بايلىقنىڭ سادىق كۆزەتچىسىدەك ، يېمەي ئىچمەي ساقلاپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ يانچۇقىدا تەقدىر يەتكۈزگەن بىر مۇنچە پۇل تۇرۇپتۇ . ئەمدى ، ئۆزىنىڭ ۋە ئېشىكىنىڭ قورسىقىنى ئوبدان بىر تويغۇزسا ، ئاندىن بۇ تىنجىق ۋە ئوشۇقچە شاۋقۇنلۇق قىستاڭ شەھەر بىلەن خوشلىشىپ ، يېڭى سەپىرىنى باشلىسا بولدى . ئوچۇق دالىدا قېنىپ نەپەس ئالغىلى بولىدۇ . ئۇ يەردە زىرائەتلەر يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ . قىرغاقلىرى يېشىل ئوتلار بىلەن قاپلانغان ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ سۇ ئاقىدۇ . يىراق توغراقلاردىن كاككۇك ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ . يەنىمۇ يىراقلاردىن بولسا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان چۆلنىڭ ئىسسق شامىلى كېلىدۇ ...
      چۆل ئوغلى بازار يېنىدىكى دەڭلەرنىڭ بىرىگە كېلىپ ئېشىكىنى باغلىدى . ئېشەكنىڭ قورسىقىنى ياخشى تويغۇزۇپ ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى دەڭجاغا تاپشۇردى . ئاندىن ئۈستىۋېشىدىكى چاڭلارنى ئوبدان قېقىپ ، ئۆزىنى ئوبدان تۈزەشتۈرۈپ ، بازارنىڭ ئاشپۇزۇللار جايلاشقان تەرىپىگە قاراپ ماڭدى . بۇ يەردە تەۋەڭلەردىكى گۆشگىردە ، سامسىلار ، گۈل چېكىپ پىشۇرغان شىرمەننانلار كۆزنى ئوينىتاتتى . قورۇما قورۇۋاتقان ئاشپەز ئۇستاملار ساپلىقنى قازان گىرۋىكىگە ئۇرۇپ نەغمە قىلىۋاتقاندەك رېتىملىق تاراڭلىتاتتى . ئاشخانا خوجايىنلىرى بەس بەستە ۋارقىرىشىپ مېھمان چارقىراتتى . چۆل ئوغلىنىڭ قورسىقى غولدۇرلاپ بۇ نەغمىگە تەڭكەش قىلغىلى تۇردى . ئۇ قاسقانلىرىدىن پۇرقىراپ ھور چىقىۋاتقان مانتىخانىلارنىڭ بىرىگە بۇرۇلدى . بۇ يەرنىڭ بەش مانتىسىنى بىر ئادەمنىڭ يەپ بولمىقى بىر گەپ ئىدى . چۆل ئوغلىنىڭ قورسىقى بولسا ئون - ئونبەش مانتىنى تەلەپ قىلىپ ناغرا چالماقتا ئىدى . چۆل ئوغلى بىر نانغا ئون مانتا بۇيرۇپ ، خېرىدارلار ئارىسىغا كىرىپ قىستىلىپ ئولتۇردى . يۇمشاق نان ئۈستىگە قويۇلغان نېپىز جىلتىلىق مانتىنىڭ ئۈستىگە قارمۇچ سېپىپ ، جىلتىسىنى تىتىپ يېيىشكە باشلىدى . ئۇ ئېڭىشىپ تۇرۇپ مانتىنى ھەر بىر چىشلىگەندە ، مانتانىڭ شورپىسى نان ئۈستىگە ئېقىپ چۈشەتتى . ئۇ ئاخىرىدا قىيما گۆشىگە ناننى يۆگەپ يەپ ، قېنىپ چاي ئىچىپ ، ئارانلا ئورنىدىن تۇرىدى .
    « ئىلتىپاتىڭغا شۈكرى!-دېدى چۆل ئوغلى بەلۋېغىنىڭ ئۇچىغا تەرىلىرىنى ئېرتىپ مانتىخانىدىن چىقىۋېتىپ ، _ بۈگۈن مەن بۇ شەھەرنىڭ بازارلىرىنى قانغۇچە ئايلىنىپ ، دەڭدە قونۇپ ، ئەتە يولغا چىقساممۇ بولىدۇ . تېخى يېڭى خۇرجۇن سېتىۋېلىپ ، خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىنى مالغا تولدۇرىدىغان ئىشمۇ بار . شۇنداق قىلاي ، بۈگۈن بىچارە ئېشەكمۇ ئوبدانراق بىر دەم ئېلىۋالسۇن !»
      چۆل ئوغلى بازارلارنى ئارلاپ بىر ئۆستەڭنىڭ بويىدىن چىقىپ قالدى . ياغاچ كۆۋرۈك يېنىدىكى قېرىپ بېقىنلىرى كاۋاكشىپ كەتكەن يوغان سۆگەتنىڭ سايىسىدە ، يۈزىنى قۇيۇق ساقال باسقان بىر رەمچى ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ پەشلىرىنى ئاستىغا باستۇرۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى . ئۆستەڭ سۈيى كۆۋرۈك ئاستىدىن قىستىلىپ ، گۈرۈلدەپ ئاۋاز چىقىرىپ ئۆتۈپ ، دۈپدۈگلەك قايناملارنى ھاسىل قىلىپ ئاقماقتا ئىدى . رەمچىنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلغان بولۇپ ، مۈگىدەۋاتقانلىقى ياكى خىيال سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى . ئۇنىڭ ئالدىدىكى بىر پارچە پالاس ئۈستىدە رەڭدار رەم تاشلىرى چېچىلىپ ياتاتتى .
      _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چوڭ دادا!_ دەپ سالام بەردى چۆل ئوغلى . رەمچى :
      _ كەل ! -دېدى-دە، بېشىنىمۇ كۆتۈررپ قاراپ قويمىدى .
      - ماڭا ئاتاپ بىر رەم سېلىپ باقساڭ ،
      _ قەيەرلىكسەن ؟
      _ مەن يىراق چۆلدىن كەلدىم .
      _ ئىسمىڭ نېمە ؟
      _ ئىسمىم چۆل ئوغلى !
      _ رەمچى بوۋاي لاپپىدە كۆزىنى ئېچىپ چۆل ئوغلىغا قارىدى .
      _ چۆل ئوغلى !؟ ... چۆلنىڭ چېكى بولمايدۇ ،_ دەپ غودۇڭشىدى بوۋاي .
      _ شۇنداق مەن شۇ چەكسىز چۆللۈكتە تۇغۇلۇپ شۇ يەردە چوڭ بولغان .
      _ ئاتاڭ كىم ؟
      _ ئاتامنى بىلمەيمەن ، مېنى بىر ئوتۇنچى بوۋاي بېقىپ چوڭ قىلغان . ئۇنىڭ دىيىشىچە : ئوتۇنچى بولۋامغا مەن خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا شۇ چۆلدە ئۇچىراپتىكەنمەن . ئۇمۇ مېنىڭدىن : «كىمنىڭ بالىسىسەن؟» دەپ سورىغاندا ، قانداقتۇر ئىككى ئاكامنىڭ مېنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى ، ئۆزۈمنىڭ ئۇخلاپ قالغنىمنى ، شۇنىڭغا ئوخشاش باش ئايىغى يوق گەپلەرنىلا قىلغان ئىكەنمەن . ...رەھمەتلىك بوۋامنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە يىلدىن ئاشتى . مانا مەن ئېشىكىمنىڭ ئۈستىگە ئازغىنە ماللىرىمنى ئارتىپ ، چارشەنبە بازاردىن پەيشەنبە بازارغا ، پەيشەنبە بازاردىن شەنبە بازارغا ئۆتۈپ ، بۇ چۆللەرنى توختىماي كېزىمەن . ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا شۇنداق ئايلىنىپ يۈرىدىغىنىمنى ، نەگە بېرىپ ، نەدە توختايدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن .
      _ ۋاھ ، خىسلەتلىك دۇنيا !- دەۋەتتى رەمچى بوۋاي ، _ بىر زامانلاردا مۇشۇ چۆللەرنى جاھانكەزدى سۈپۈرگە دەيدىغان بىر سەيياھنىڭمۇ  شۇنداق ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى بىلەمسەن؟
      _ بىلىمەن !
      _ سەن قانداق بىلىسەن ؟_ دەپ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى بوۋاينىڭ ،
      _ ئاڭلىغان ،_ دېدى چۆل ئوغلى .
      _ مانا شۇ جاھانكەزدىنى « ئۇ ھازىر قېرىدى ، شۇ تاپتا سېنىڭ ئالدىڭدا ئولتۇرۇپتۇ » دېسەم ئىشنەمسەن؟
      _ چاقچاق قىلما ، چوڭ دادا ، _ دېدى چۆل ئوغلى ، _ مەن ئاڭلىغان ھېكايىلەردە جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئېشىكىگە مىنىپ ، « بىغەملەر شەھىرى» نى ۋەيران قىلغان ياۋلارنىڭ پايتەختىگە يېتىپ بېرىپ ، توپتوغرا شاھنىڭ ئوردىسىغىلا كىرگەنمىش ۋە شاھنى تەختىدىن سۆرەپ چۈشۈپ ، خەنجىرى بىلەن ئۇنىڭ قارنىنى يېرىپ تاشلىغان دېيىشىدۇ . سۈپۈرگىنىڭ ئۆزىمۇ شۇ يەردە قۇربان بولغانىكەن .
      _ ئۇنىڭ قۇربان بولغىنىنى كىم كۆرۈپتۇ ؟
      _ ئەمىسە ، بىر شاھنى بۇغۇزلىۋەتكەن ئادەم ئوردىدىن تىكەندەك يالغۇز جېنىنى ئېلىپ قانداق سالامەت قايتىپ چىقماقچىدى ؟!
      _ ياراتقان ئىگەم مۆجىزە كۆرسەتكۈسى كەلسە پاختىنىڭ ئىچىدىمۇ ئوتنى ساقلىغىلى بولىدۇ . .. خوش بوپتۇ ، ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كېلەيلى . سەن تېخى ماڭا نېمە توغرىسىدا رەم ئاچقۇزىدىغانلىقىڭنى ئېيتمىدىڭ ؟
      _ مېنىڭ كەلگۈسۈم ...تەقدىرىم ھەققىدە .
      _ بىلگۈچى خۇدا ، _ دېدى رەمچى بوۋاي ، _ مەن پەقەت قىياسلا قىلالايمەن ...قېنى ، بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم . !
       رەمچى پالاس ئۈستىدىكى تاشلارنى يىغىپ قايتا چاچتى .
      _ ياق !_ دەپ بېشىنى لىڭشىتتى رەمچى چېچىلغان تاشلارغا قاراپ تۇرۇپ ، _ سەن چۆللەرنى مەقسەتسىزلا كېزىپ يۈرمەپسەن . سەن ئۆزۈڭنىڭ  يۈتتۈرگەن بەختىڭنى ئىزدەپ يۈرۈپسەن .
      _ ئېيتقىنا ، مەن بەختىمنى تاپالامدىم ؟
      _ تاپىسەن ، چوقۇم تاپىسەن ! قېنى قوللىرىڭنى ماڭا سۇنغىنە .
      چۆل ئوغلى قولىنى رەمچىگە سۇندى .
      _ يا قۇدىرەت !_ دېدى رەمچى بوۋاي يىگىتنىڭ ئالقىنىغا قاراپ ، _ سېنىڭ ئالقىنىڭدىكى نىمىدىگەن ئاجايىپ سىزىقچىلار بۇ !...سەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسسەن . سەن كۈچلۈك يولباشچى بولۇشقا لايىق يىگىتسەن . خۇدا شۇ قىسمەتنى ساڭا يولۇقتۇرسا ....
      تېخى رەمچىنىڭ سۆزى تۈگىمىگەن ۋە چۆل ئوغلىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى ھەزىم قىلپ ئۈلگۈرمىگەنىدى . دۈپۈرلىگەن ئىككى ئاتلىق ئۇلارنىڭ يېنىدا توختىدى -دە ، ئاتلىقلار ئاتتىن چۈشكىنىچە كېلىپ چۆل ئوغلىنىڭ بېشىغا بىر تاغارنى كىيدۈردى . ھەش پەش دىگۈچە ئۇنى ماتاپ باغلاپ ، ئات ئۈستىگە ئارتىشتى ۋە ئاتلىرىنى ئوقتەك چاپتۇرۇپ كەتتى . چۆل ئوغلى ئات ئۈستىدە تىپىرلايتى . ۋارقىرايتى .
      _ مېنى قويىۋەت !...نىمە ئادەملەرسىلەر ؟ مېنى نەگە ئېلىپ بارماقچى ؟...
      ھېچكىم ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ قىلمايتى . ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا ئات تۇياقلىرىدىن چىققان دۈپۈرلەشلەرلا ئاڭلىناتتى . ئۇ خۇددى بوشلۇقتا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى .
      _ خۇدادىن ئۇچۇشنى تىلىگىنىم راست ، _ دەيتى چۆل ئوغلى ، - لېكىن ، مەن مۇنداق بېشىمغا تاغار كىيىپ ئۇچسام بولمايدۇ -دە! شۇمۇ ئۇچۇش بوپتىمۇ ، مەن ئەتىراپىمدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشۈم ، ئەركىن قانات قېقىپ ئۇچۇشۇم كېرەك ئىدى ...ھەي قاراقچىلار ئاڭلىشىۋاتامسەن ؟ مېنى قويىۋەت !
       چۆل ئوغلى كۆزىنى ئېچىپ ، ئۆزىنى قېلىن بىر توغراقلىق ئىچىدە كۆردى . ئۈستىدە توغراق يۇپۇرماقلىرى ، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدە كۆپكۆك چۆل ئاسمىنى ئېسىلىپ تۇراتتى . نېرىدا بىر كەپە بار ئىدى . ئۇنىڭ كۆزى كەپە ئىشىكىنىڭ يان ياغىچىغا سانجىپ قويۇلغان پالتىغا چۈشتى -دە ، ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى . بۇ كالتا ساپلىق بىسلىرى پارقىراپ تۇرغان پالتا ئۆزىنىڭ پالتسى ئىدى .
      چۆل ئوغلى كەپە ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى . بۇ چۈشۈممىدۇر ، ئوڭۇممىدۇر ؟ ... كەپە ئىچىدە ، يۇمشاق قۇمنىڭ ئۈستىدە ، چاچلىرىنى ئەتىراپىغا يېيىپ ، ھېلىقى جاڭگالدا ئۇچىراشقان ، ئۆگىزىدە ئۇنىڭغا تۇنجى سۆيۈشنى ھەدىيە قىلغان قىز ياتاتتى . ئۇ ئىلگىركىدەكلا قىپيالاڭاچ ئىدى . يىگىتكە كۈلۈمسىرەپ ، تەلمۈرگىنىچە قاراپ تۇراتتى . بۇ يەردە ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلىشنىڭ ئۆزى ئوشۇقچە ئىدى . ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىر بىرى بىلەن سۆزلىشەتتى .  
      _ ياخشىمۇسەن ، يۈرەكسىز يىگىت ، _ دىمەكچى بولاتتى قىزنىڭ كۆزلىرى ، _ مەن سېنى يەنە تېپىۋالدىم !
      _ مېنى كەچۈر ، _ دەيتى يىگىتنىڭ كۆزى ،_ مەن ئۇ چاغلاردا گۆدەك ئىكەنمەن . سېنى ئۇنتىيالمىدىم . ..
      چۆل ئوغلى ئۈنچىقماي ، بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ قىزغا يېقىنلاشتى . قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ تىز چۆتى . ئۇنىڭ قۇياش نۇرىدا مىستەك تاۋلانغان بەدەنلىرىنى سىلىدى . قىزمۇ يىگىتنى ئۆزىگە تارتىپ ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بىر بىرلەپ سېلىپ تاشلىدى ....، ئۇلار ئۈنچىقماي مەھكەم قۇچاقلاشتى . ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن كۆپكۆك ئاسمان ، سارغۇچ قۇملۇق ، يېشىل ياپراق ، ياخشىلىق ، يامانلىق ، بايلىق ، گادايلىق ۋە شۇ قىيسىق كەپە ...، ھەممە نېمە غايىپ بولۇپ ، ئالەم ئۆزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي كۆرۈنۈشىگە كۆچتى .....

    بەختىڭنى ئىزدەيسەن

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us