• قۇم باسقان شەھەر(7)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139337.html

    توقسان توققۇز تىللا


       يانتاق ئاقساقالنىڭ بالىلىرى «قاغىلىق باغ»دىن قېچىپ چىققان كۈنى كېچىسى شەھەرنىڭ بىر بۇلۇڭىدا دەككە دۈككە ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزدى . تاڭ يورۇپ ،شەھەر دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلەنلا ئۇلار قانداقتۇر بىر كارۋانلار توپىغا قېتىلىپ شەھەر دەرۋازىسىدىن ئامان ئېسەن چىقىۋالدى . يېنىك تىنىشىپ ، ئارقا كەينىگە قارىماي جىددى يول باستى . شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ سالىدىغان ياساۋۇللار ئېغىر ئايپالتا ، قېلىچ ، گۈرزىلىرىنى تۇتقىنىچە
    بارغانسىرى يىراقتا قالماقتا ئىدى . شەھەر دەرۋازىسىدىن باشلاپ ھەر تەرەپكە قاراپ سوزۇلۇپ كەتكەن چوڭ يول ئۇلارغا ئەركىنلىك ۋەدە قىلىپ يېيىلىپ ياتاتتى .
    سەھەرنىڭ سالىقىنىدا قۇشلار كۆڭۈللۈك چۇرقىرىشاتتى . شەھەردىن چىققان يولوچىلار شۇ يوللار بىلەن دېھقانلار ، كاسىپلار ، ئوتۇنچىلار شەھەرگە قاراپ ئالدىراپ ئېقىشاتتى .
         ھازىرچە ئاكا ئۇكىلار تېخى ئەركىنلىكنىڭ ئۆزلىرىگە تولۇق قايتىپ كەلگىنىگە جەزىم قىلىشالمايتى . ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ چىققان لەشكەرلەر ھېلىلا ئۇلارنى تۇتۇپ كېتىشى ، ئەڭ قاتتىق جازالار بىلەن جازالاپ ، قاراڭغۇ زىندانلارغا بەنىد قىلىۋىتىشى مۇمكىن ئىدى . شۇڭا ئۇلار دەسلەپكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە توختىماي ، كېچە كۈندۈز دېگۈدەك ئالدىراش يول بېسىشتى . يىگىتلەرنىڭ بىرى سەپەرنى ھاپاش قىلۋالغانىدى . يەنە بىرى قوينىغا تىللا قاچىلانغان خالتىنى سېلىپ ، مۆرىسىگە ئۇزۇق تۈلۈك سېلىنغان تۈگۈنچەكنى ئارتىپ كېتىپ باراتتى . ئۇلار ئاچا يوللارغا كەلگەندە ئەڭ خلۋەت يوللارنى تاللايتى . زىرائەت مايسىلىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان ئېتىزلىقلار ئارىسىدىن كەتكەن ئاياغ يوللار بىلەن مېڭىپ قانداقتۇر بىر يېزىلار ياكى سۈپسۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان ئۆستەڭلەرنىڭ يېنىدىن چىقىپ قالاتتى . يېيىلىپ ئاققان سۇ ئاستىدا رەڭمۇ رەڭ تاشلار پارقىراپ تۇراتتى . تاشلارنىڭ يالتىراشلىرى كىشىگە ئېقىۋاتقان سۇنىڭ سۈزۈك ۋە تازىلىقىدىن خەۋەر بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى . بەزىدە ئۇلار سۇ بويىدا توختاپ ، بوغچىلىرىدىكى ناننى سوغوق سۇغاچىلاپ مەزە قىلىپ يەيتى -دە ، ھەش پەش دىگۈچە يەنە كۆزدىن غايىپ بولۇشاتتى . كېچىلىرى ئۇلار ئوچۇق دالا ياكى قانداقتۇر بىر تاشلاندۇق ئۆيلەرنىڭ ئۆگىزلىرىدە ئۈگىدەپ بىر ئاز كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىپلا يەنە يولىنى داۋام قىلىشاتتى . ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا قىلشقان گەپلىرىمۇ ناھايىتى قىسقا ئىدى . جىمجىت يول بېسىپ ، كۆپىنچە ئۆز خىياللىرى بىلەن  بەنىد بولاتتى .
      « خىلۋەت بىر جاينى تېپىپ خالتىدىكى تىللالارنى ساناپ كۆرىمىز،- دەپ خىيال قىلاتتى چوڭ ئوغۇل ئۆمەر ،- ئەلۋەتتە مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن تىللالاردىن كۆپرەك ئېلىشقا ھەقلىقمەن ، چوڭنىڭ ئۈلۈشى ئەلۋەتتە چوڭ بولىدۇ،-دە. ئاندىن يۇرتقا بېرىپ بىر  باغلىق قورو سېتىۋالىمەن . بازار ئىچىدە گەزمال دۇكىنى ئاچىمەن ...ھەر قانچە تەكلىپ قىلىشسىمۇ ياكى ئامەت كېلىپ قالسىمۇ شەھەرگە ئاقساقال بولمايمەن ....»
        ئاتىسىنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى ئۆمەردە ئەنە شۇنداق تەسىرقالدۇرغانىدى . ئۇ پۇقرا بولۇپ ياشاشنى ، پۇقرابولغاندىمۇ قانداقتۇر ئىسسىق ئوچاق ياكى ھور بىلەن بىخسىپ كەتكەن ئاشخانىدا كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئاشپەز ، ئۆمرى كۇرسىدا مۈكچىيىپ ئۆتىدىغان موزدوز ۋە ياكى پىزغىرىم ئىسسقتا قىززىق تۆمۈرگە بازغان ئۇرىدىغان تۆمۈرچى ئەمەس ، بەلكى قورساقنى توقلاپ چىقىپ ، سالقىن دۇكىنىدا بۇرتىنى تولغاپ چېيىنى ئىچىپ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ سودىسىنى قىلىدىغان سودىگەر بولۇشنى خالايتى .
       «تىللالارنى ئاكام ئىككىمىز بابباراۋەر بۆلۈشىۋالىمىز ياكى مەن كىچىك بولغاندىن كىيىن تىللالاردىن كۆپرەك ئېلىشقا ھەقلىقمەن ،- دەپ ئويلىناتتى
    ئىككىنجى ئوغۇل بارات ،- مەن يۇرتقا بېرىپ كاتتا باينىڭ قىزىغا ئۆيلىنىمەن ، باينىڭ قىزى چىرايلىق بولمىسىمۇ مەيلى ، دادىسىنىڭ پۇلى جىقراق بولسا بولدى . كېيىن قېيناتامدىن كۆپلەپ مىراس ئالىمەن ، سەت قىزىنى خوتۇن قىلغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە مىراسنى بولسىمۇ كۆپرەك بېرىدۇ -دە ، ... ئاندىن پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ دومىلىتىپ ، بىرنى ئون ، ئوننى يۈز قىلىمەن . خوتۇندىن يەنە ئىككىنى ، ئۈچنى ، ئوننى ئالىمەن ، ئەلۋەتتە كېيىنكى خوتۇنلىرىمنى تاللاپ ، شەھەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق قىزلىرىدىن ئالىمەن ، ھەر بىر خوتۇنۇمغا ئايرىم باغلىق ھويلىلارنى قىلىپ بېرىمەن . ھەر كېچىسى ئۇلارنىڭ قېشىدا نۆۋەت بىلەن قونۇپ چىقىمەن...»
       _ ئاكا ، بىز نەگە بارىمىز ؟ مېنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟_ دېگەندەك سۇئاللار بىلەن ئۆز ئاكىلىرىنىڭ خىياللىرىنى پات پات بۆلۈپ قوياتتى سەپەر .
      _ ھە ، سېنىما؟....سېنى ئۆز شەھىرىمىزگە ئەكىتىۋاتىمىز .
       _ ئوينىتىپ كېلەمسىلەر؟
       _ ئۇ دىگەن ئۆزىمىزنىڭ يۇرتى ، سەنمۇ ئەمدى شۇ يەردە چوڭ بولىسەن .
       _ ئۇ يەر يىراقمۇ ؟
       _ يىراق ، بىز سېنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىمىز .  
      _ ئاتام قېنى ؟
       _ ئاتام ھېلىقى باغدا قالدى .
      _ئۇ كەلمەمدۇ؟
       _ ئارقىمىزدىن كېلىدۇ ....
       سەپەر ھەممىدىن خوشال ئىدى . شۇ كۈنگىچە ئۇنى ھېچكىممۇ مۇنداق ئۇزاق كۆتۈرۈپ ئوينىتىپ باقمىغان . ئۇ جاھاننىڭ ھېلىقى تۆت تام بىلەن قورشالغان باغقا قارىغاندا شۇنچە كەڭلىكىگە ، يىراقلاردىكى ئۇپۇق سىزىقىغا ، قۇياشنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى لاۋۇلداپ چوغ بولۇپ ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈپ ، يەنە شۇنداق قىپقىزىل شەپەق ئىچىدە غايىپ بولىدىغانلىقىغا ھەيران بولاتتى . ئۇ ئىسسسق قوللىرى بىلەن ئاكىلىرىنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ھەممىسىگە شادلىق ئىچىدە نەزەر سالاتتى .
       بارا بارا ئاندا ساندا ئۇچىراپ تۇرىدىغان مەھەللىلەرمۇ تۈگەپ ، كۆز يەتكۈسىز چۆل يوللىرى باشلاندى . بىر كۈنى ئۇلار يىراقتىن بىر ئۆينىڭ قارىسىنى كۆرۈپ ، شۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىشىتى . ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كۆرگىنى ئۆي ئەمەس ، تاشلىنىپ قالغان كوناتۈگمەن ئىدى . ئاكا ئۇكىلار تۈگمەنگە يېقىنلاپ ئۇنىڭ ئەتىراپىنى ئايلىنىپ كۆرۈشتى . تۈگمەننىڭ ئۆيلىرى قىيسىيىپ پاكارلاپ كەتكەن ، تۈگمەن ئىچىنى قېلىن تور قاپلاپ ، تورۇسلارنىڭ چىرىگەن ياغاچلىرى قارداپ ساڭگىلاپ قالغانىدى . بۇ يەر كىشىگە ھېلىقى قەدىمكى چۆچەكلەردىكى كېچىلىرى جىنلار ئۇسۇلغا چۈشۈپ ، كارۋانلارنى يولدىن ئازدۇرىدىغان تۈگمەنلەرنى ئەسلىتەتتى . تۈگمەن ئارقىسىدىكى كونا ئۆستەڭنىڭ بويىدا ئۆسۈپ تۇرغان يوغان بىر تۈپ ئۈجمە شاخلىرىنى كەڭ يېيىپ ، ئەتىراپقا سايە تاشلاپ تۇراتتى . ئۈجمە شېخىدا
    قارىغۇجا ، قۇشقاچلار چۇرۇقلىشىپ ئۈجمە يېيىشمەكتە ئىدى . يەرگە چۈشكەن يوغان ئاق ئۈجمىلەر پاكىز قۇم ئۈستىدە پارقىراپ تۇراتتى . بۇ ھەيۋەتلىك ئۈجمە دەرىخنىڭ يىلتىزلىرى ئېھتىمال يەرنىڭ قات قاتلىرىغا تارقىلىپ ، ناھايىتىمۇ چوڭقۇردىن سۇ ئىچىدىغاندۇر . شۇڭا ئۇ بۇ  يەردىكى قۇرغاقچىلىق ، بوران چاپقۇنلارغا پەرۋا قىلماي قەيسەرلىك بىلەن ياشناپ تۇرغانىدى . ئۇ بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى . بۇ ئەتىراپ قايسى زامانلاردا ئاۋات بولغان .
    بۇ تۈگمەنلەرنى كىملەر ياساتقان ، بۇ يەرلەر قاچاندىن باشلاپ قۇملىشىپ كەتكەن ، بۇ ئەسكى تۈگمەن قانچە جىن شەيتان ، ئوغرى قاراقچى ، مۇساپىرلار ئۈچۈن قونالغۇ بولغان ؟ _ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ ئۈجمە ئۈندىمەي ئېسىدە ساقلايتى . بۈگۈن ئۇ يەنە يېڭى بىر ۋەقەنىڭ شاھىتى بولۇپ قالدى .
       _ بۇ يەردە بىردەم ئارام ئالايلى ، ماڭ ، سەپەر ، سەن بېرىپ ئۈجمە تېرىپ يە ! - دېدى سەپەرنىڭ ئاكىلىرى .
       سەپەر يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئۈجمە تېرىپ يېيىشكە باشلىدى . سەپەرنىڭ ئاكىلىرى بوغچىلىرىنى يېنىغا قويۇپ ، پۇت قوللىرىنى سۇنۇپ ئەتىراپقا قاراشتى . تۆت ئەتىراپ ئادەمسىز چەكسىز چۆل ئىدى . بۇ تۈگمەننىڭمۇ تاشلىنىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسا كېرەك ، تۈگمەنگە كېلىدىغان سۇ ئورنىنىڭ ئىزىنىمۇ پەرىق ئەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى .
       _ قېنى خالتىنى تۆك ، ئۇنىڭدا قانچىلىك دۇنيا باركىن ،- دېدى بارات ئاكىسىغا .
       ئۆمەر ئالدىدىكى يەرنى پۈۋدىۋېتىپ ، تېرە خالتىنىڭ ئاغىزىنى دۈم قىلدى . تىللالار كۆزنى چاقنىتىپ ، يىنىك جاراڭلاش بىلەن يەرگە تۆكۈلدى .
       _ ئوھۇي!- دەۋەتتى بارات ، - قارا ، ئۇ ئاجايىپ ساپ ئالتۇندىن قۇيۇلغانىكەن .
       _ ئەلۋەتتە ئاتام بىزگە ناچار نەرسىنى ساقلىمايدۇ -دە! - دەپ تەستىقلىدى ئۆمەر .
       ئاكىلىرىنىڭ ئاجايىپ پارقىراق بىر نەرسىلەرنى يەرگە تۆككەنلىكىنى كۆرگەن سەپەر ھەيران بولۇپ يۈگۈرگىنىچە يېتىپ كەلدى . ئۇنىڭ كۆزىگە بۇ دۈپدۈگىلەك نەرسىلەر دوملىتىپ ئويناشقا ئەپلىك ئويۇنچۇقتەك كۆرۈندى -دە ، قولىنى سۇندى :
       _ ھەي  ، بىزنى ئېلەشتۈرمە ! _ دەپ سەپەر قولىغا ئالغان بىر تال تىللانى تارتىۋالدى بارات ، - قېنى ساناپ باقايلى ، ھەممىسى بولۇپ قانچىكىن ؟
       ئۆمەر تىللالارنى ساناشقا باشلىدى . بارات پۈتۈن دېھقىتى بىلەن ئاكىسىنىڭ قولىغا قاراپ ئۇمۇ ئىچىدە ساناۋاتاتتى .
       _ بىر ، ئىككى ، ئون ، يىگىرمە ، قىرىق ، ئەللىك ... توقسان توققۇز !
      ئاكا ئۇكا بىر بىرىگە ئۈندىمەي قاراپ قويۇشتى _دە ، تىللالارنى يەنە ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ساناپ بېقىشتى ، تىللا جەمىئىي توقسان توققۇز دانە ئىدى .
       _ نىمىشقا توقسان توققۇز بولىدۇ - دەپ ھەيران بولدى بارات .
       _ ئۇ نىمە دىگىنىڭ ؟
      _ نىمە دىگىنىم بولاتتى ، نىمىشقا توقسان توققۇز بولۇپ قالىدۇ ؟ دەۋاتىمەن .
        _ توقسان توققۇز بولغاندىن كېيىن توقسان توققۇز بولمامدۇ !
      _ ياق !_ دەپ بېشىنى چايقىدى بارات .
       _ ئەمىسە ، سېنىڭچە قانچە بولسا بولاتتى ؟
       _ ئەلۋەتتە يۈز بولىشى كېرەك -دە!
       ئۇلار تىللا سالغان خالتىنى ئۇرۇپ قېقىپ ، ئىچىنى ئۆرۈپ قاراپ بېقىشتى . بىرەر تال تىللا ئەتىراپقا دومىلاپ كېتىپ قالدىمىكىن دەپ تۆت تەرەپكە تەڭ قاراشتى
    . ئاخىرىدا تىللالارنى يەنە باشقىدىن ساناشتى . تىللا توقسان توققۇز ئىدى .
       _ دېمىدىممۇ ئەنە ، تىللا توقسان توققۇز تۇرمامدۇ .
       _ ياق ، يۈز بولشى كېرەك ، - دەيتى بارات ئۆز سۆزىنى تەكرارلاپ .
       _ نىمىشقا ؟_ دەپ سورىدى ئۆمەر تېرىكىپ .
       _بىزگە ئاتام ھەرگىزمۇ بىر كەم يۈز تىللانى مىراس قىلىپ قالدۇرمايدۇ ، توقسان توققۇزنى ساقلىغان ئادەم جەزمەن يەنە بىر تىللانى قېتىپ يۈز تىللا قىلىپ قويىدۇ .
       _ مەن ساڭا نىمىشقا دەۋاتىمەن ؟
       _ نىمىشقا بولاتتى ، شۇنداق بولغاندا بۇ تىللالارنى ئىككىمىز توپتوغرا ئەللىك دانىدىن تەڭ بۆلۈشىۋالالايمىز .-دە!
        _ بەلكىم ئاتام مېنى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئەللىكىنى ، سېنى كىچىك بولغاندىن كېيىن قىرىق توققۇزىنى ئالسۇن دەپ ئويلىغاندۇر ،_ دېدى ئۆمەر .
       _ مىراس ھەققى دىگەن چوڭ كىچىكىگە ئوخشاش ...
      ئۇلار تىللالارنى خۇددى شۇنداق قىلسا كۆپىيىپ قالىدىغاندەك قايتا ئارلاشتۇرىۋېتىپ يەنە باشقىدىن ساناپ چىقىشتى ، بارات ئۆرە تۇرۇپ سانىسا ئۆمەر ئولتۇرۇپ ساناپ باقتى . مەيلى ئۇلار قانداقىسىگە سانىسۇن تىللا يەنىلا توقسان توققۇز ئىدى .
        _ بەلكىم ئاتام مېنى كىچىك بولغاندىن كېيىن ئەللىكىنى ، سېنى چوڭ بولغاندىن كېيىن قىرىق توققۇزىنى ياكى بولمىسا مېنى ئاتمىشنى سېنى ئوتتۇز توققۇزىنى ئالسۇن دېگەن بولسا كېرەك ،_ دېدى بارات .
       _ راست دەيسەن ، ئاتام سېنى تىللالارنىڭ ھەممىسىنى ، مېنى قۇرۇق خالتىنى ئالسۇن ، دىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن !_ دەپ ئاچچىق تەنە قىلدى ئۆمەر .
      تىللالارنى زادى قانداق بۆلۈشۈش توغرىسىدا ئىككى ئوغۇل ئۇزاق دەتالاش قىلدى . لېكىن ، زادىلا كېلىشەلمىدى . ئاكىلىرىنىڭ نىمىشقا شۇنچىلىك قىزىرىشىپ ، بىر بىرى بىلەن ۋارقىرىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن سەپەر سالقىن شامال ئۇرۇپ تۇرغان ئۈجمە سايىسىدە ئولتۇرۇپ ئۈگىدەپ قالدى . ئۇنىڭ سەبىي چېھرىدە قۇياشنىڭ ئۈجمە يۇپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ئۆتكەن ئۇششاق نۇرلىرى جىمىرلايتى . سەپەرنىڭ ئاكىلىرى ئاشۇ تىللالاردا سەپەرنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى ، توقسان توققۇز تىللانى ئۈچكە بۆلگەندە توپتوغرا ئوتتۇز ئۈچ تىللادىن بولىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەسلىككە تىرىشاتتى . ھەر ئىككىسى كۆڭلىدە بۇ ھەقتە ئويلانغان بولسىمۇ ، بۇ گەپنى ئاغىزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالماي ، ھە دەپ ئۆزلىرىنىڭ تالاش تارتىشىغا چۈشۈپ كېتەتتى . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سەپەر ئۆز ھەققىگە ئىگە بولۇشقا تىگىشلىك بولمىغان گۆدەك ئىدى . شۇنداق بولسىمۇ ، ئاخىرىدا چوڭ ئوغۇل ئۆمەر قىينىلىپ تۇرۇپ سەپەر ھەققىدە ئەسكەرتتى .  
    _ راست ، سەپەرچۇ ؟ ...ئۇنىڭمۇ ئاز تولا ھەققىنى بۆلۈپ قويىشىمىز كېرەكقۇ ؟
       _ ئۇ تېخى كىچىك تۇرسا، تىللانى نىمە قىلىدۇ ؟
       _ كىچىك بولسا چوڭ بولمامدۇ ؟
       _ ئۇنى كىم بېقىپ چوڭ قىلىدۇ ؟
       _ ئەلۋەتتە ئىككىمىز .
       _ ھەببەللى ، ئىككىمىز بېقىپ چوڭ قىلىدىغان بولغاندىن كېيىن ، تىللانى ئىككىمىز تەڭ بۆلىشىۋالساق بولىدۇغۇ.
       _ بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۆلىشىنى ئايرىپ قويۇپ ، سەپەر چوڭ بولۇپ ئەقلىنى تاپقاندا ، مانا ماۋۇ ئاتاڭدىن ساڭا تەگكەن مىراس ، دەپ چىرايلىق قولىغا تاپشۇرغىنىمىز دۇرۇس .
        _ ئۇنداق بولسا ،_دېدى بارات ،_ سەپەرنىڭ ئۈلىشىنىمۇ ماڭ قېتىۋەت ، سەپەرنى ئۆزۈم بېقىپ چوڭ قىلىمەن .
       _ بۇ گەپچە سەن ئاتمىش ئالتە تىللا ئالسەن ، مەن ئاران ئوتتۇز ئۈچ تىللا ئالامدىمەن ؟
       _ شۇنداق بولىدۇ-دە!
       _ بولمايدۇ ، سەن ئۇنىڭ ھەققىنى خەجلەپ قويىسەن . چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆزۈم بېقىپ تەربىيلەي .
       _ شۇنداق قىل ، ئۇكىمىزنى بېقىپ ئالىدىغان ساۋاپنى ساڭا ئۆتۈنۈي ، ئەمما ، ئالتۇننى تەڭ بۆلۈشىۋالىمىز .
       _ پاھ ، نىمىدىگەن ئۇستاتلىق بۇ _ھە! سەن باقساڭ ئۈلۈشىنى ئۆزۈڭگە قېتىۋېلىپ باققۇدەكسەن ، مەن باقسام ھېچنىمە ئالمىغۇدەكمەن ، ئۇنداقتا سەپەرنىڭ ھەققى نەگە كېتىدۇ ؟...
      مەن ئاتمىش ئالتە تىللا ئالىمەن ، ساڭا ئوتتۇز ئۈچى قالىدۇ .
       _ پاھ ، سەنچۇ ؟...سەن ئۇنى باقىمەن دەپ قويۇپ ئۇنىڭ ھەققىنى خەجلىۋالمامسەنكەن ؟
       - ئۇنداق بولسىچۇ مۇنداق قىلايلى ، تىللالارنى تەڭ ئۈچكە بۆلۈپ ، سەپەرنىڭ ھەققىنى ئايرىپ قويايلى ، يۇرتقا يىتىپ بارغاندا تىللالارنى خالىس بىر مويسىپىتنىڭ قولىغا تۇتقۇزايلى . سەپەر چوڭ بولغاندا شۇ كىشىنىڭ قولىدىن ئۆز ھەققىنى تاپشۇرىۋالسۇن . ئەمدىغۇ باشقا گېپىڭ يوقتۇر ؟
       ئاكا ئۇكا ھەر ئىككىلىسى جىمىپ كەتتى . سەپەر ھېچنىمىدىن بىخەۋەر تاتلىق ئۇخلىماقتا ئىدى . ئەگەر بۇ كىچىككىنە بالىغىمۇ ئالتۇنلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى بېرىۋېتىدىغان ئىش بولسا ، ئۆمەرنىڭ ئاچماقچى بولغان گەزمال دۇكانلىرىغا تەسىر يېتەتتى . باراتنىڭ ئالماقچى بولغان خوتۇنلىرىنىڭمۇ سانى كەم بولاتتى .
       - بىز بىمە دەپ سەپەرگىمۇ بىر ئۈلۈش بەرگۈدەكمىز ؟ئۇ دىگەن باشقا بىر خوتۇننىڭ بالىسى تۇرسا؟_ دېدى بارات .
      _ باشقا خوتۇندىن بولغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئاتامنىڭ پۇشتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپەرنىڭ ئانىسى بىزنىمۇ جاپايىمىزنى تارتىپ چوڭ قىلغان .......
        _ بىز ئۇنى يەلكىمىزگە مىندۈرۈپ «قاغىلىق باغ»دىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتۇق . چوڭ بولغاندا ئۇ بىزگە رەھمەت ئېيتسا بولىدۇ . شۇنىڭ ئۆزىمۇ يېتەرلىك !_دەپ ئاكىسىنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى بارات .
       ئۇلار يەنە ئۇزاققىچە جىمىپ قېلىشتى . سەپەر توغرىسىدىكى خىياللار بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇلار توقسان توققۇز تىللانىڭ جېدىلىنى بىردەملىككە ئۇنتۇدى . توقسان توققۇز تىللانىڭ بىر كەم بولۇشى ئانچە چوڭ گەپ ئەمەس ، قەدىمىي ھېكايىلەردە ئېيتىلغاندەك ، توقسان توققۇزنى بەرگەن خۇدايىم ئەلۋەتتە يەنە بىرىنىمۇ بېرىدۇ . ئەمما ، مۇنۇ ئۇخلاۋاتقان سەپەرنىڭ تىللالارنىڭ نەق ئۈچتىن بىرىنى ئەكىتىشى چوڭ خەۋىپ ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بۇ كىچىك بالىنى قاچانغىچە يەلكىسىگە مىندۈرۈپ كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ ؟ ....ئۆمەر بىلەن بارات ئويلىغانسىرى سەپەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوشۇقچە يۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى .
    ئالتۇن دىگەن بۇ سېرىق نىجىس ئۆز يالتىراشلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقلىنى بۇلغاپ ، ھىجدانىنى خىرەلەشتۈرمەكتە ئىدى ....
       _ ھەي ، بىز نىمىشقا ئۇنى شۇ «قاغىلىق باغ»قىلا تاشلاپ كەلمىگەن بولغىيتۇق ؟_دېدى بارات .
       _ ياخشىسى ئۇ تۇغۇلمىغان بولسا بوپتىكەن ،_دېدى ئۆمەر .
      - ھېلىمۇ بولسا ئۇنى تاشلاپ قاچايلى ، - دېدى بارات ئىچى قارىلىق بىلەن .
       _ مۇشۇ چۆل جەزىرىگىمۇ ؟
       _ شۇنداق ، مۇشۇ يەرگىلا قويۇپ كېتەيلى ، قارا ، ئۇ ھېچنىمىنى تۇيماي تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ .
       _ بۇ گېپىڭمۇ توغرىدەك قىلىدۇ ، _ دەپ قوشۇلدى ئۆمەر ، _ ئەگەر خۇدا ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان بولسا ، مۇشۇ يەردىمۇ بىر سەۋەپ بىلەن ئۆسۈپ چوڭ بولىۋېرىدۇ .
    مۇبادا ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقا يارالغان بولسا ، بىز كۆرۈرۈپ يۈرگىنىمىز بىلەنمۇ بەرىبىر ئۆلۈپ قالىدۇ .
       ئۇلار قىلماقچى بولغان جىنايىتى ئۈچۈن ئۆز ۋىجدانىنى ئالدايدىغان ئاشۇنداق بىر پەتىۋانى توقۇپ چىقىشتى -دە ، چېچىلىپ ياتقان تىللالارنى يىغىپ تېرە خالتىغا قايتا سېلىپ ، ئۈجمە تۈۋىدىن پۈتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ يىراقلاپ كېتىشتى .


    خۇدا بەرگەن ھەمراھ



      سەپەر ئويغىنىپ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئەتىراپىغا قارىدى. ئىگىزدە كۆك ئاسمان ، ئۇنىڭ ئاستىدا ئۈجمە يۇپۇرماقلىرى كۆرۈندى . ھەممە ياق جىمىپ كەتكەن بولۇپ ، ئاكىلىرىنىڭ ۋاڭ چۇڭى ئاڭلانمايتى . سەپەر ھەيران بولۇپ ئورنىدىن تۇردى . ئاكىلىرىنى ئىزدەپ ئۇ ياق بۇ ياققا يۈگۈردى . ئەتراپتا ھېچكىمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى . سەپەرنى يالغۇزلۇق ۋەھىمىسى ۋە قورقۇنچ باستى -دە، ۋارقىراپ يىغلىۋەتتى .
       « ئاكا ، ئاكا!»
       ئۇنىڭ كۈچەپ ۋارقىراشلىرىغا ھېچ تەرەپتىن جاۋاپ بولمىدى . ئەتىراپتىن چۈشنىڭ تىنچىقى كەتمىگەن بولۇپ ، ئىسسىقتىن پايانسىز چۆل ھۇۋۇلداپ تۇراتتى ، بالا ئۇياق بۇياققا يۈگۈرۈپ ، يەنە بۇ ئەتىراپقا بىردىنبىر سايە تاشلاپ تۇرغان ئۈژمىنىڭ ئاستىغا قايتىپ كېلەتتى . بەزىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئاكىلىرىنى ، يالغۇزلۇقنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، سەكرەپ يۈرگەن چىكەتكىلەر ، تىرىشىپ ئۇزۇق ئىزدەۋاتقان چۈمۈلىلەرگە قاراپ تۇرۇپ قالاتتى . ئۈجمە تېرىپ يەيتى . بىلەيدەك سىلىق دۈمبىلىرىنى پارقىرىتىپ غىل پال ئۆتۈپ كېتىدىغان كەسلەنچۈكلەرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتەتتى -دە ، يەنە يىغلاشقا باشلايتى .
        « ئاكا ، ئاكا !...»
       بارغانسىرى ئۈجمە سايىسى ئۇزىراپ ، كۈن غەرىپكە قىيسىشقا باشلىدى . سەپەرنىڭ «ئاكا ، ئاكا !» دەپ ۋارقىرىغان ئېچىنىشلىق ئاۋازى كەڭ بوشلۇققا يېيىلىپ ، قۇملۇقلارغا سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى . سەپەرنىڭ يىغلاۋېرىپ ياشلىرى قۇرىدى . شۇ چاغدا يىراقتىن بىر ئېشەكلىك كىشىنىڭ قارىسى كۆرۈندى . ساقاللىق كەلگەن بۇ ئادەم ئېشىكىنى دىۋىتىپ ، قانداقتۇر بىر ناخشىغا غىڭشىپ كېلەتتى . ئۇنىڭ ئېشىكى خوجايىنىنىڭ پەيزىنى بۇزماسلىققا تىرىشقاندەك ئۇششاق چامداپ ، سىلىق يورغىلايتى . ئېشەكنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاپئاق چاڭ تۈتۈندەك يېيىلىپ ئارقىدا قالاتتى . ... ئىشەك تۇيۇقسىز توختاپ بوۋاينىڭ ناخشىسىنى ئۈزۈپ قويدى . ئۇ ھەيران بولۇپ ئېشىكىگە قارىدى . ئېشەك قانداقتۇر بىر چاغلاردا بۇ يولدىن ئۆتكەن چىشى بۇرادىرىنىڭ تىزىكىنى پۇراپ ئۇنىڭدىن
    قالغان لەززىتىنى پۈتۈن بەدىنىگە سىڭدۈرمەكچى بولۇپ تۇمشۇقىنى ئاسمانغا كۆتۈرمەكتە ئىدى . بوۋاينىڭ  نىمىلەرنىدۇر دەپ غودوڭشىپ ،ئېشەكنى ئۇرماقچى بولۇپ كۆتۈرۈلگەن قوللىرى ھاۋادا ئېسىلىپ قالدى . ئۇنىڭ قۇلىقىغا يىراقتىن كىمدۇر بىرىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلغاندى. ئېشەكمۇ قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلغىنىچە ئالدىغا تىكىلىپ تۇراتتى .
       « ئاكا !...ئاكا!...»
        ئەمدى بوۋاي ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلىغاندەك قىلدى . « بۇ چۆلدە ، كونا تۈگمەننىڭ قېشىدا كىمنىڭ ئاۋازى بۇ ؟ خۇداغا ئامانەت ، بۇ يەر ئەزەلدىن تەكشى جاي بولمايدىغان ، بىزنى ئىنىس جىن چاقىرىۋاتمايدىغاندۇر؟...» دەپ پىچىرلىدى بوۋاي ئۆز ئۆزىگە .
        « ئاكا !...ئاكا !....»
       « ياق ، بۇ بىر كىچىك بالىنىڭ يىغا ئاۋازىغا ئوخشامدۇ قانداق ؟» دېدى بوۋاي . ئۇ قولىنى سايىۋەن قىلىپ تۇرۇپ تۆت ئەتىراپقا قارىدى . كونا تۈگمەن تەرەپتە بىرىنىڭ يۈگۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى ، « بۇ كۈپكۈندۈزدە نەنىڭ جىنى ، ئادەم بولسا كېرەك .» دېدى -دە، ئېشەكنىڭ بېشىنى بۇرىدى .
       «ئاكا !..ئاكا!...»
       بوۋاي كىچىك بالىنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق پەرىق ئەتتى -دە، ئېشىكىنى تېقىمداپ ئىتتىكلەتتى .
       سەپەر يىراقتا پەيدا بولغان قارا نەرسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدى . ئۇ ھەم قورقاتتى ، ھەم يېنىدا كىم بولسۇن بىر كىمنىڭ پەيدا بولىشىنى ئىزدەيتى . ئۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئېشەكلىك ئادەمنى كۆرۈپ يىغىسىنى توختاتتى . ئۈمىد بىلەن ئالدىغا تىكىلدى . ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يۈز كۆزىنى ھۆللىگەن ، ۋارقىراۋېرىپ ئۈنى پۈتۈپ ھالىدىن كېتەي دەپ قالغانىدى . ئاق يۈزلۈك كەلگەن ، ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئارىسىدا ياش تامچىلىرى يالتىراپ تۇرغان بۇ بالا شۇنچىلىك چىرايلىق ۋە ئوماق ئىدى . بوۋاي ئوچۇق دالىدا - كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان بۇ مۆجىزىگە ھەيران بولدى . « بۇ ئادەمسىز دەشتتە ، كونا تۈگمەن يېنىدا ، نىمە قىلىپ يۈرگەن بالا بۇ؟...»
       بوۋاي ئېشەكتىن ئىرغىپ چۈشۈپ بالىغا قۇچاق ئاچتى . سەپەر بىر دەسسەپ ، ئىككى دەسسەپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشىتى .
       - يىغلىما ، ئوغلۇم ، كىمنىڭ بالىسىسەن ؟ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭ ؟
       بالا بوۋاينىڭ سۇئاللىرىغا چۈشىنىكسىز جاۋاپ بەردى . ئۇ قانداقتۇر بۇ يەرگە ئۆزىنى ئويناتقىلى كەلگەن ئاكىلىرى ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە دۈگىلەك بىر نەرسىنى ساناشقانلىرى ، ئۆزىنىڭ ئۈجمە يىگەنلىكى ، كېيىن ئۇخلاپ قالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەيتى .
       _ سېىنىڭ ئاكىلىرىڭ قېنى ؟ ھە، سەن ئۇخلاپ قاپسەنمۇ ؟ سەن ئۈجمە يەۋاتقاندا ئۇلار نىمىنى تالاشقان ؟ ... توختا ، ئۇلار سېرىق ، مانا مۇنداق دۈگىلەك نەرسىلەرنى ساناشتىمۇ ؟...توققۇز ، توققۇز ، توققۇز ،دەپ ۋارقىراشتىمۇ ؟...
        بوۋاي بالىدىن شۇنداق سۇئاللارنى سوراپ ، ئۇنىڭ بىر بىرىگە ئۇلاشمايدىغان گەپلىرىدىن بىر مەزمۇن چىقارغاندەك بولدى ، بالا ئىسسق ۋە يۇمشاق قورساقلىرىنى بوۋاينىڭ تىزىغا تەككۈزۈپ ، بۇدرۇق قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى ئوينايتى . ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ قورقۇنچىنى ئۇنتىغانىدى . ئالدىدا پەيدا بولغان بۇ ئادەم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ساقاللىرى بىلەن ، ئۇ «قاغىلىق باغ» دا چېغىدا ھەر كۈنى قوينىغا كىرىپ ياتىدىغان ئاتىسىنى ئەسلتەتتى .  
       _ ئېھتىمال سېنىڭ ئاكىلىرىڭنىڭ بۇ چۆلدە كېتىۋېتىپ ... بەلكىم ، دەل مۇشۇ ئەسكى تۈگمەننىڭ ئىچىدىن ياكى بۇ قېرى ئۈجمە ئاستىدىن نۇرغۇن ئالتۇنلارنى تېپىۋالغان بولسا كېرەك . ئالتۇن ئۇ شۇنداق ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئىلەشتۈرۈپ ، كۆزىنى قارغۇ قىلىپ ، ئېسىنى خىرەلەشتۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن خوشاللىقىدا ئۇلار سېنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپ قالغاندۇر ، _ دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋام قىلاتتى بوۋاي چاپىنىنىڭ پېشى بىلەن بالىنىڭ ياش يۇقى يۈزىنى سۈرتۈپ
    تۇرۇپ ، _ سەن قانداق قىلىپ ئۇخلاپ قالغانىدىڭ ؟ ئۆزۈڭ ئۇخلاپ قالدىڭمۇ ياكى ئاكىلىرىڭ پەپىلەپ ئۇخلىتىپ قويدىمۇ ؟ ياكى بولمىسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى بىرەرى ئەپسۇن ئوقۇپ ئۇخلىتىپ ئۇخلىتىپ قويۇپ ، ئاكىلىرىڭنىڭ تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئەكەتتىمۇ ؟...ئۇنداقتا ، ئاكىلىرىڭمۇ مۇشۇ ئەتىراپتا بولۇشى كېرەكتىغۇ ؟ يۈرۈ بىز قاراپ باقايلى .
       بوۋاي بالىنى ئەگەشتۈتۈپ كونا تۈگمەننىڭ ئەتىراپىنى تۇللۇق بىر ئايلىنىپ چىقتى . يىراق يېقىندا ئادەمنىڭ قارىسى كۆتۈنمەيتى . بالا توختىماي ئاكىلىرنىڭ گېپىنى قىلاتتى . ئۇلارنىڭ بىر نېمىنى توققۇز ، توققۇز دەپ سانىغىنىنى ئېيتاتتى . تۇرۇپلا ئېسەدەپ كېتەتتى .
       _ كۆڭلۈڭنى بۇزما ، ئوغلۇم ، مانا مەن سېنىڭ يېنىڭدا تۇرۇپتىمەنغۇ ، - دەيتى بوۋاي ،_ سېىنىڭ توققۇز ، توققۇزلا دىگىنىڭگە قارىغاندا ، ئاكىلىرىڭ تېپىۋالغان نەرسىلەر بەلكى توققۇز تىللا ياكى ئىككى توققۇز _ ئون سەككىز تىللادۇر . ياكى بولمىسا توققۇزيۈز ، توققۇز مىڭ تىللادۇر ... سەن بىلمەيسەن ، بۇ توققۇز تولىمۇ ئۇلۇغ سان ، قارا ھەممىمىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدىن توققۇز ئاي توققۇز كۈن مۇددەتنى توشقۇزۇپ ، ئاندىن يورۇق دۇنياغا چۈشىمىز .
    ھەرقانچە ئۇلۇغ شاھلارغىمۇ ، پەقەت توققۇز تازىملا قىلىمىز . ھەممە نېمىسى تەل كىشىلەرنى «توققۇزى تەل» دەيمىز . ئۇنىڭ تەل بولىشى پەقەت ئۇلۇغ تەڭرىگىلا خاس ... بەلكىم ، سېنىڭ قورسىقىڭ ئاچقاندۇر.
        _ سۇ !_دەپ قۇرىغان لەۋلىرىنى يالىدى سەپەر .
       _ ئېسىم قۇرىسۇن  !_ دەپ ئېشىكى تەرەپكە بۇرۇلدى بوۋاي .
       بوۋاي خۇرجۇندىن ياغاچ چۆچەكنى ئېلىپ ، ئېشەك ئۈستىدىكى تۇلۇمدىن سۇ قۇيدى ۋە بالىنىڭ قولىغا يەنە بىر پارچە نان تۇتقۇزدى . بالا ئىللىپ قالغان سۇنى تەشنالىق بىلەن سۈمۈردى . ئاندىن قولىدىكى ناننى ئىشتىھا بىلەن يېيىشكە باشلىدى . ئۇ تولىمۇ يېقىملىق ، كىشنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك ئوغۇل ئىدى .
        « كىم بىلىدۇ ،_دەپ ئويلىدى بوۋاي ،_ بۇ بالا خۇدا مېنىڭ يالغۇزلۇقۇمنى نەزەرگە ئېلىپ ئاسماننىڭ ئۆزىدىن ئالدىمغا تاشلاپ بەرگەن بىر ھەمراھدۇر . مەن ئۇنى ئەكىتىشىم لازىم . ھېلىلا كۈن ئولتۇرۇپ ، قاراڭغۇ چۈشىدۇ . بۇ يەردە بالىنىڭ قورقۇپ يۈرىكى يېرىلىشى ياكى ئۇنى چۆلنىڭ بۆرە قاپلانلىرى يەپ قويىشى مۇمكىن ...»
        -قانداق ئوغلۇم ، مېنىڭ بىلەن كېتەمسەن ؟ ئاكىلىرىڭ ئېسىگە كەلسە ، ئۆزلىرى كېلىپ ئىزدەپ تاپار ، بولمىسا سەن مېنىڭ ئوغلۇم بولىسەن بولامدۇ ؟ ....يۈرۈ!
       بالا بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى _ دە ، ئېشەكنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى . بوۋاي ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى ئۇچىلىقنى باشقىدىن تۈزەپ ، ئاۋال بالىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ مىنگۈزدى ، ئارقىسىغا ئۆزى مىنىدى . سەپەر شۇ تاپتا ھەممىنى ئېسىدىن چىقارغان بولۇپ ، ئېشەككە مىنگەنگە خوشال ئىدى . بۇ ئاجايىپ ھايۋاننىڭ ئۇششاق قەدەم ئېلىپ كىشىنى تەكشى تەۋرىتىپ مېڭىشى ، تۇرۇپ تۇرۇپ ئۇزۇن قۇلاقلىرىنىڭ بىرنى ئىگىز بىرىنى پەس قىلىپ مىدىرلىتىپ قويۇشلىرى ئۇنىڭغا تولىمۇ قىززىق تۇيۇلاتتى . ئۇلارنىڭ ئالدىدا يىراققا سوزۇلغان چۆل يولى سوزۇلۇپ ياتاتتى . كونا تۈگمەن ۋە قېرى ئۈجمە بولسا بارغانسىرى يىراقتا قالماقتا ئىدى .
    بوۋاينىڭ كىچىك بالىنىڭ ئاۋازىنى  ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغانىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىدە ئىللىق بىر ئېقىم داۋالغۇيتى. ئۇ ئاغىزى بېسىلماي بالىغا پاراڭ قىلىپ ماڭماقتا ئىدى .
       _ خۇدا قارغۇنى كۆزىدىن ئايرىسىمۇ ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ دېگەن مانا شۇ . مەن قېرىپ ، ساڭا ئوخشاش بىر ھەمراھقا تەشنا بولۇپ يۈرگىنىمگە ئۇزۇن يىللاربولدى . ھەر نامىزىمدا خۇدادىن تىلەيتىم . ياراتقان ئىگەم تەلەپكارلارنى نائۈمىد قويمايدۇ . مانا بۈگۈن تەلىپىم ئىجاۋەت بوپتۇ ...راست ، سېنىڭ ئىسمىڭ نىمىدا ؟
       بالا بوۋاينىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرمىدى . ئېشەكنىڭ بىر خىل تەۋرىنىپ مېڭىشى بىلەن ئۇنىڭغا ھارغىنلىق يېتىپ ، بوۋاينىڭ قورسىقىغا  بېشىنى تىرىگىنىچە ئۇخلاپ قالغانىدى .
       _بوپتۇ_دەيتى بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،_ بولمىسا سېنىڭ ئىسمىڭنى «چۆل ئوغلى » دەپ قويايلى . چۈنكى سەن ماڭا مۇشۇ چۆلدە ئۇچرىدىڭ ... بىزنىڭ بۇ چۆل مۆجىزىلەرگە باي ، بەلكىم سېنىڭ ئاكىلىرىڭ بۇ چۆلدە قانداقتۇر بىر غايىبانە خەزىنىلەرگە يولۇقۇپ ئەقلىنى يوقاتقاندۇر؟ ئۇ بايلىق شۇنچە كۆپ بولۇپ ، ئۇلار « توققۇز ، توققۇز » دەپ ساناپمۇ تۈگىتەلمەي قېلىشقاندۇر ؟ ئادەملەر مۇنداق تاسادىبەن بايلىققا يولۇققاندا بەزىدە خۇدانىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ .
    ... ياكى سېنىڭ ئاكىلىرىڭ ياشراق بولسا چىرايلىق بىرەر چوكاننىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېتىپ قالدىمۇ يە؟ خوتۇنلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئېزىتقۇ .... بۇنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ تەقدىرى بىلەن بىلەن بولۇۋاتقان ئىشلار دېگىنە . تەقدىر بىر سەۋەبلەرنى قىلىپ سېنى ئاكىلىرىڭدىن ئايرىدى ، يەنە بىر سەۋەبلەر بىلەن ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە ئۇچىراشتۇردى . بولمىسا نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئېشىكىم دەل كونا تۈگمەننىڭ يېنىغا كەلگەندە توختاپ قالىدۇ ۋە مەن قانداق قىلىپ شۇنچە يىراقتىن سېنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ قالىمەن ....
        شۇنداق قىلىپ ، ئېشەكلىك بوۋاي سەپەرنىڭ ئىسمىنى « چۆل ئوغلى » قويدى . بوۋاي ياش ۋاقتلىرىدىن تارتىپ مۇشۇ چۆللەردە ئوۋچىلىق قىلىپ، بازارغا ئوتۇن ئەكىرىپ  سېتىپ تىرىكچىلىك قىلغانىدى . مۇشۇ ئەتىراپتا چۆل يوللىرى كېسىشىدىغان بىر يەردە ھازىر ئۇنىڭ چايخانىسى بار ئىدى . چايخانا ناھايىتىمۇ ھەيۋەتلىك يوغىنىغان ئۈچ تۈپ توغراق يېنىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ ، كىشلەر ئۇ يەرنى «ئۈچ توغراق » دەپ ئاتىشاتتى . توغراقلارنىڭ يۇپۇرماقلىرى بوۋاينىڭ چايخانىسى ئەتىراپىغا قويۇق سايە تاشلاپ تۇراتتى . ئوتۇنچىلار ، چۆل يوللىرىدىن ئاندا ساندا ئۆتۈپ تۇرىدىغان يولۇچىلار بۇ يەردە توختاپ ، ئۇلاغلىرىنىڭ تۆشۋاغلىرىنى بوشىتىپ ئوتقا قويۇپ ، ئۆزى چاي ئىچىپ ئۆتۈپ كېتەتتى .
         بۇ ئەتىراپتىكى شالاڭ ئۆسكەن توغراقلار بىر زامانلاردا بۇ جايدا شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان ئېقىن سۇلارنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى . ھازىر بولسا ئەتىراپ پايانسىز قۇملۇققا ئايلانغانىدى  . جىرا - قاپتاللاردا يەنە قۇمۇش ، جىغان ، تىۋىلغا ، يۇلغۇن ، قوڭغۇراقتىكەنلەر ئۇچىراپ قالاتتى . بوۋاينىڭ چايخانىسى يېنىدىكى باراقسان ئۆسكەن بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋىدە مۆجىزىدەك بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرىدىغان بىر بۇلاق بار ئىدى . بولاقنىڭ سۈيى ئەتىراپتىكى قۇمغا سىڭىپ كېتەتتى . بۇلاق ئەتىراپىدىكى نەملەشكەن يەرلەردىن كۆلەپ چىققان ياش توغراق نوتىلىرى ، ئۇششاق يۇلغۇن شاخلىرى بۇلاق سۈيىنى توراپ ، ئۇنى توپا چاڭ ۋە يات كۆزلەردىن ساقلاپ قالاتتى . تۇمۇز كۈنلىرى بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى شۇنچىلىك مۇزدەك ۋە تەملىك ئىدى . بوۋاينىڭ ئاشۇ بۇلاق سۈيىدە قايناتقان چېيىنى ئىچكەن يولۇچى بىر ئولتۇرىشىدا بىر قانچە چەينەكنى بىكار قىلىپ ، تەرلىرىنى ئېرتىپ ، بۈكلۈككە تاشلانغان كېگىزدە بىردەم يانپاشلاپ كۆز يۇماتتى -دە ، كۆزىنى ئاچقاندا ئكزىنىڭ ھاردۇقى چىقىپ پەيدەك يېپيىنىك بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتى . بەزى كۈنلىرى كەچ قالغان يولۇچىلار بوۋاينىڭ چايخانىسىدا قونۇپمۇ قالاتتى .
       ھېلىلا چاي ئىچىپ ماڭغان يولۇچىلارنىڭ قاچا -قۇچىلىرىنى يىغىشتۇرىۋاتقان موماي يىراقتىن ئېشەكلىك كېلىۋاتقان بوۋىيىنى كۆرۈپ يول ئۈستىگە چىقتى .
    بوۋاي يېقىنلاشقاندا ، ئۇنىڭ ئېشىكى ئالدىدا ئولتۇرغان بالىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ ، ئىختىيارسىز قورۇق باسقان يۈزىلىرىگە كۈلكە يۈگۈرى . بىر  زامانلاردا بوۋاي - موماينىڭمۇ بىر قىز ، بىر ئوغلى بولغانىدى . ئۇلارنىڭ ئوغلىنى چېچەك ئەكەتتى . قىزى بويىغا يەتكەندە بىر كەمبەغەل يىگىتكە ياتلىق بولدى . قىزى بىلەن كۈيئوغلى دەسلەپتە پات پات يوقلاپ كېلىپ تۇراتتى . كېيىن كۈيئوغلى دەسلەپتە ئۇلارنى پات پات يوقلاپ كېلىپ تۇراتتى . كېيىن كۈيئوغلى تىرىكچىلىك ئىزدەپ ئائىلىسىنى ئېلىپ يىراقلارغا كېتىپ قالدى . مانا شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار يالغۇز ئىدى .
       _ ۋاي خۇدايىمەي ! _ دەپ بوۋاينىڭ ئالدىغا يۈگۈردى موماي ،_ بۇ كىمنىڭ بالىسى ، نىمانچە تاتلىق ؟ توختاتسىلا ، ئاۋايلىسىلا ، بالىنى مەن ئالاي .
        موماي سەپەرنى قۇچاقلاپ ئېلىپ يەرگە قويدى . سەپەر قاپقارا ، نەمخۇش كۆزلىرى بىلەن بۇ مېھرىبان ئادەملەرگە ھېيىقماي قارايتتى .
       _ بۇ كىمنىڭ بالىسى ؟ _ دەپ سورىدى موماي بالىنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بولۇپ .
       _ خۇدايىم بەرگەن ، خۇدايىم بەرگەن ، خوتۇن ، قېنى چېيىڭنى تەييارلا ، تىقىشتۇرۇپ قويغان تاتلىقلىرىڭنى ، مېغىز قاقلىرىڭنى چىقار .
       _ چاي تەييار ، خۇدايىم توۋا ، زادى نېمە دەيدىغانلا ، بۇ زادى كىمنىڭ بالىسى ؟
       - خۇدايىم بەرگەن دېدىمغۇ !_ دېدى بوۋاي سەپەرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ تۇرۇپ ، _ خۇدايىم بەرگەندىن كېيىن بىزنىڭ بالىمىز بولىدۇ-دە!
        _ خۇدايىم بەرگەن ، خۇدايىم بەرگەنلا دەيدىغۇ ماۋۇ ئادەم ، ھېلىمۇ خۇدايىم قانداق بەردى ئۇقتۇرۇپراق دېمەملا .
        _ يولدا شۇنداق كېلىۋېتىپ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم . يېقىنلاپ بېرىپ قارىسام ، كونا تۈگمەننىڭ يېنىدىكى ئۈجمە سايىسىدە مۇشۇ ئوغۇل تۇرۇپتۇ .
    خۇدايىم بەردى دېگەن شۇ .
        _ ۋاي خۇدايىمەي ، ماۋۇ ئادەم خەقنىڭ بالىسىنى كۆتۈرۈپلا كەلگەن ئوخشىمامدۇ ، بالىنىڭ ئانسى شۇ تاپتا قانچىلىك سەكپارە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇر ؟!
       _ نىمىدەپ ۋايسايدىغاندۇر، ماۋۇ خوتۇن ، مېنىڭ سېنىڭچىلىك ئەقلىم يوقمىدى ؟...
       _  ئەمىسە سىلىگە بىكاردىن - بىكارغىلا ئۇچىراپ قالىدىغان بالا نەدە تۇرۇپتىكەن ؟
       _ دەۋەتىمەنغۇ ، كونا تۈگمەننىڭ يېنىدا يىغلاپ تۇرۇپتىكەن . ئۇ ئەتىراپتا نەدىمۇ ئادەم بولسۇن ، بەلكى بىرەر كارۋاندىن ئېزىپ چۈشۈپ قالغاندۇر ياكى بىرەرى تاشلاپ كەتكەندۇر : مەيلى ئەمەسمۇ ، ئىگىسى چىقىپ قالسا سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىمىز ، بولمىسا ئوغۇل بىزنىڭ .
        _ بوپتۇ ، خاپا بولمىسىلا ، _ دېدى موماي ئۆزىنىڭ چېچەكتە ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنى ئەسلىگىنىچە بالىغا مەستلىكى كېلىپ قاراپ ، _ بۇ ئوغۇل بىزنىڭ رەھمەتلىك تۆمۈرخانغا شۇنداق ئوخشايدىكەن ، بالىنىڭ ئىسمى نىمە ئىكەن ؟
        _ ئىسمىنى بىلمىدىم ، بايا مەن يولدا كېلىۋېتىپ ئۇنىڭغا « چۆل ئوغلى » دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇم .
        - قويسىلا ، شۇمۇ ئىسىم بوپتۇمۇ ، _ دېدى موماي ، _ ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەمراھ قويايلى .
       _ « چۆل ئوغلى » دېگىنىمنىڭ سەۋەبى ،_ دەپ چۈشەندۈردى بوۋاي مومىيىغا ، _ ماڭا ئۇ چۆلدە ئۇچرىدى ، ئۇ يەنە مۇشۇ چۆلدە ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ ....
        چايخانىنىڭ بىر بولۇڭىغا قويۇلغان كونا ساندۇقتىن مېغىز - قاقلارنى ئېلىپ داستىخانغا تۆكىۋاتقان موماي « چۆل ئوغلى » دىگەن ئىسىمغا زادىلا رازى بولمىدى .
        _ ھەمراھ بولسۇن !_ دەيتى ئۇ ،  _ خۇدايىم بۇيرۇپ ، بۇ بالىنىڭ ئىگىسى چىقماي قالسىلا قېرىغاندا ئۇ بىزگە ھەمراھ بولىدۇ .
       _ قوي بولدى، « چۆل ئوغلى » دېدىممۇ ، « چۆل ئوغلى !» _ دېدى بوۋاي تەرسالىق بىلەن .
       بۇ تالاش تارتىش بىلەن بوۋاي بىلەن موماي يەنە قىزىرشىپ قالغىلى تاسلا قالدى . سەپەر بولسا موماي تۆككەن تاتلىقلارغا بەھوزۇر ئېغىز تېگىشكە باشلىغانىدى .

     

    分享到: