-
قۇم باسقان شەھەر(6)
2010-06-16
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139227.html
قېنى، كىم پادىشاھ بولىدۇ ؟
يېڭى ھاكىمنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن خەلىق ئارىسىدا بولغان توقۇنۇشنى ئاڭلاپ شەھەر خەلقى ئۆستەڭ بويىدىكى مەيدانغا تەرەپ تەرەپتىن كېلىشمەكتە ئىدى . پەنجىرىلىرىنىڭ ئۈستىدىن گۈللۈك بەلۋاغلارنى چىگىۋالغان سودىگەرلەر ، ھېلىلا تونۇر بېشىدىن چۈشكەچكە بەدىنىدىن تەر ۋە ئىسسق ناننىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرغان ناۋايلار ، كىيىملىرى مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن قاسساپلار ، قوللىرى قارىگۈل ۋە سىراج يۇقى بولۇپ قارايغان موزدوزلار ، سودا سېتىق ئۈچۈن چىققان خوتۇنلار نىمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بويۇنلىرىنى سوزۇپ توپنىڭ ئوتتۇرسىغا قىستىلىشاتتى . ھاكىمنىڭ لەشكەرلىرى ئاللىبۇرۇنلا بۇ يەردىن قېچىپ جېنىنى دالدىغا ئالغان بولسىمۇ ، ئۇلار بىلەن تۇتۇشقانلارنىڭ تېخىچە قېنى قىززىپ تۇراتتى .
_ ھاي خالايىق ._دېدى سۈپۈرگە كىمدۇر بىرى شۇ يەرگە چىقىرىپ قويغان ھارۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ،_ بىرنى نىمە دەپ باشقىلار ئەۋەتكەن ۋاكىم باشقۇرغۇدەك ؟ بىزنىڭ ئۆز ئاقساقاللىرىمىز قېنى ؟
_ راست ئېيتىسەن ._ دەپ چۇرقىراشتى خەلىق ،_ يانتاق ئاقساقالنى ئۇلار قەيەرگە ئەكەتتى ؟ بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئاقساقاللىرى باشقۇرسۇن .
_ ئەلنىڭ بىر بېشى بولۇشى كېرەكتە،_ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى سۈپۈرگە ،_ بولمىسا ياتلار كېلىپ بۈگۈنكىدەك كانىيىمىزنى سىقىدىغان ئىش بولىدۇ . يانتاق ئاقساقال قايتىپ كەلگۈچە ئۇنىڭ ئورنىغا ئارىمىزدىن بىر ئاقساقال كۆرسىتەيلى .
_ بىزگە خەلىقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قېچىپ كېتىدىغان ئۇنداق ئاقساقالنىڭ نىمە كېرىكى ؟_ دەپ سۈپۈرگىنىڭ يېنىغا سەكرەپ چىقتى ئاۋازلىرى گۈرۈلدەپ چىقىدىغان بىر ياش يىگىت ،_ بىزنىڭمۇ باشقىلارنىڭكىدەك ئۆز پادىشاھىمىز بولىشى كېرەك . مانا ، شەھەرنىڭ پۈتۈن جامائىتى مۇشۇ مەيداندا تۇرۇپتۇ . بىز نەق پادىشاھنىڭ ئۆزىنى سايلاپ چىقايلى .
_ نىمە دەۋاتقاندۇر ماۋۇ خەق؟_ دەپ ھەيران بولدى ھېلىقى ۋىجىك مەدداھ ، ئۇ تېخىچە بايا ھاكىم كېلىپ سىققان بوينىنى سىلاپ تۇراتتى ،_ مەن ئوقۇغان جەڭنامىلەردىن قارىغاندا پادىشاھلار دىگەننىڭ ئۆزىگە يارىشا ئوردا سارايلىرى بولىشى كېرەكتە .
_ سەن ئاۋال كىمنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەت ، بىز ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭكىدىنمۇ كاتتا سارايلارنى سېلىپ بېرىمىز .... قېنى كىم پادىشاھ بولىدۇ ؟
_ سۈپۈرگە بولسۇن ._ دەپ ۋارقىرىدى بىرى ،_ ئۇ جاھان ئارلاپ جىق ئىش كۆرگەن .
_ بولمايدۇ ، بولمايدۇ ._ دەپ دەرھال رەت قىلدى سۈپۈرگە ،_ مەن ئەلنىڭ مۇنداق چوڭ ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن .
_ ئۇ راس ئېيتتى ،_ دېدى بىر مويسىپىت ،_ سۈپۈرگىگە ئوردا ئىچىگە قامىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ئازاب. ئۇ بولغۇسى پادىشاھىمىزنىڭ قوشنا ئەللەرنى كېزىپ يۈرىدىغان ئەلچىسى بولسا بولىدۇ .
_ ئاۋۇ تۇردى سەرراپ قانداق؟_ دەپ ۋارقىرىدى توپ ئىچىدىن بىرى ،_ ئۆزى شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرى . قاراڭلار ئۇنىڭ شاپ بۇرتى ، كېلىشكەن بەستىمۇ پادىشاھقا لايىق .
_ بولمايدۇ ._ دەپ ماقۇل كۆرمىدى بىر نەتچەيلەن ،_ ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنىڭ ئۈستىگە يېقىندا بەشىنجى خوتۇننى ئالماقچى ، شۇمۇ مۇسۇلمانچىلىق بوپتۇمۇ ؟
_ سودا قىلىپ بارغان ھەر بىر يېرىدە ئېلىپ تاشلاپ قويغان مەخپىي خوتۇنلىرىچۇ تېخى ...
_ ئىنساپ كېرەك-دە، ئەنە ئاۋۇ سۈپۈرگىنڭ ھازىرغىچە بىرمۇ خوتۇنى يوق .
ئادەملەر ئارىسىدا كېرىلىپ تۇرغان تۇردى سەرراپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كىچىكلەپ كەتكەندەك بولدى -دە، كۆزدىن غايىپ بولدى .
_ ھوي خالايىق ، مۇنۇ تاشئاخۇن تىۋىپچۇ؟. ... ھەر قانداق كىشىنىڭ كېسىلىنى تاپالايدۇ ....
_ بىر بۇ يەردە شىپاخانا ئاچمايمىز _ دە،_ دېدى زەردە بىلەن بىرى .
_ لايىق ئەمەس _ دەپ چۇرقىراشتى باشقىلارمۇ،_ ئۇنىڭ كىسەل كۆرىمەن دەپ كىرىپ ، ئېرى يوق خوتۇنلارنىڭ ئۆيىدە نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى كىم بىلمەيدۇ .
_ ئىنساپ بىلەن سۆزلەڭلار ، مۇسۇلمانلار ، مېنى سايلىمىساڭلارمۇ سايلىماڭلار ، مېنىڭ شەنىمگە ئۇنىداق نالايىق گەپلەرنى قىلماڭلار ._ دەپ غودۇراپ كەتتى تىۋىپ .
_ ماۋۇ سادىق تامچىچۇ ؟
_ ئۇمۇ بولمايدۇ ، ئۆتكەن يىلى قوشنىسىنى قولىدىكى كېسەك چوقۇيدىغان كەكە بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالغان .
_ ھەي ئىمىر قاسساپ سەنچۇ ؟ بازاردا ۋار ۋار ۋارقىرايسەن ، پادىشاھ قىلىپ قويساق ئەپلەشتۈرەلەرسەنمۇ ؟
_ قويۇڭلار ئۇ قاسساپنى ، تارازىدا ئادىل ئەمەس ، قىپقىزىل ئوغرى .
_ ماۋۇ تۇراق كەسكەكچۇ ؟
_ شۇمۇ گەپمۇ ؟ ئادەم تېپىلمىغاندەك بىر كەسكەكچىنى پادىشاھ قىلىۋالساق خەق نىمە دەر ؟
_ نىمانچە ئاھانەتبۇ ؟ ... سىلەرگە مېنى پادىشاھ سايلاڭلار دېدىممۇ ؟......كەسكەكچىلىك يامان ئىشمىكەن ؟ مەن سۈننەتنى ئادا قىلىپ قويمىغان بولسام ھېلىقى بىر نىمىلىرىڭنى ....،_ دەپ تېرىككىنىدىن ئاغىزىدىن ئەپسانە گەپلەرنى چىقىرىۋىتىپ قالدى كەسكەكچى .
_ بىز نىمە ئۈچۈن مۇنۇ توختى دوكارنى كۆرسەتمەيمىز ؟_ دەپ ۋارقىرىدى بىرى تازىمۇ يوغان قورساق سالغان كىشىنى شەرەتلەپ تۇرۇپ ، _ ماللىرىنى ئەرزىنىغىلا توپ ساتىدىغان ، ناھايىتىمۇ ئاق كۆڭۈل ئادەم ، پادىشاھ بولۇشقا تازا باب كېلىدۇ .
_ توختى دوكارغۇ ياخشى ئادەم ، بىراق، بىر قېتىم مەسچىلىكتە ئىشتىنى تىزىغىچە سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپ جامائەت ئالدىدا رەسۋا بولغان .
مەيداندىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى . خەلىق بارغانسىرى چۇرۇلدىشىپ تەرتىپ بۇزۇلۇشقا باشلىدى . كىملەردۇر بىر بىرى بىلەن پادىشاھ نامزاتى ئۈستىدە گەپ تالىشاتتى . بەزىلەر كۈلۈپ بۇ ئىشنى چاقچاققا ئايلاندۇراتتى . ئۇياتچانراق كىشلەر مىنىڭ ئىسمىم ئاتىلىپ قالمىسىكەن ، دەپ قورۇنۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئالاتتى . شاھلىقتىن تەمەسى بارلار خەقنىڭ كۆزىگە چۈشۈش ئۈچۈن ئەتەي ئاۋازىنى چىقىرىپ سۆزلەپ ، ھەدەپ ئەتىراپقا قاراپ بويۇندايتى . ئەگەر
ئۆزىنىڭ ئەمەس ، باشقىلارنىڭ نامى ئاتىلىپ قالغۇدەك بولسا ، دەرھاللا ئۇنىڭ ئۈستىدىن گەپ تېپىشاتتى . دۇنيادا نۇخسانسىز كىم بار ؟ خۇدا« بىغەملەر شەھىرى»گە پادىشاھ بولۇشقا بىر پەرىشتىنى چۈشۈرۈپ بەرمەيدۇ -دە،
_ ھاي خالايىق ، تىنىچلىنىڭلار._ دەپ ۋارقىرىدى سۈپۈرگە ،_ ئەيىبسىز ئادەمنى ئىزدەيدىغان بولساق ئەنە ئاۋۇ چوكاننىڭ قولىدىكى بالىنىلا سايلىمايلىمۇ ._ دېدى ئۇ توپنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر بالىنىڭ قولىدىكى بوۋاقنى كۆرسىتىپ . بالىنىڭ ئانىسى گەپنىڭ كىم ئۈستىدە كېتىپ بارغانلىقىنى ئاڭقىرالماي كىم گەپ قىلسا شۇنىڭ ئاغىزىغا قاراپ تۇراتتى .
_ پادىشاھلىققا دەمسەن؟....ئۇ تېخى بوۋاققۇ ؟_ دەپ ھەيران بولدى ئادەملەر.
_ ھە شۇ بوۋاقنى دەيمەن ، قېنى كىم ئۆزىنى مەن ئاشۇ بوۋاقتىن پاكمەن دىيەلىسە ئوتتۇرغا چىقسۇن .
مەيداننى بىردىنلا جىمجىتلىق باستى . شۇ تاپتا ھەركىم ئۆزىنىڭ پەزىلىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدى . پاكلىقتا ھېچكىممۇ ئۆزىنى تېخى ئانا سۈتىنى ئىمىۋاتقان سەبىي بالىغا تەڭلەشتۈرەلمەيتى .
_ توغرا ئېيتتىڭ ،_ دەپ ۋارقىرىدى بىرى ئاۋازىنى بولۇشىغا قويىۋىتىپ ،_ پادىشاھلىققا ئاشۇ نارسىدىدىن ئارتۇق ئادەم يوق ....قېنى سىڭلىم ، بالىنى ماڭا بەر.
ئانا ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە ئادەملەر ئۇنىڭ قولىدىن يۆگەكتىكى بوۋاقنى ئېلىشتى -دە، چوقان سۈرەن ئىچىدە بېشىدا كۆتۈرۈپ كېتىشتى .
_ ھاي توختاڭلار ._ دەپ كىشلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگرەيتى چوكان،_ ئۇنى نىمە قىلماقچىسىلەر؟نەگە ئاپىرىسىلەر؟ بالىنى يەنە مەن ئىمىتىپ بېقىشىم كېرەكقۇ؟..تېخى دادىسى نىمە دەيدۇ؟......
سۈپۈرگە بولىۋاتقان ئىشلارغا ھەيران بولغۇنىچە ھارۋا ئۈستىدە يالغۇز قالدى . ئۇ ئۆزىنىڭ تەنە بىلەن ئېيتقان : ئەگەر نۇقسانسىز ئادەمنى ئىزدەيدىغان بولساق ، ئاشۇ بوۋاقنى پادىشاھ قىلساق بولىدۇ شۇ، دىگەن مەنىدىكى سۆزىدىن بۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى زادى ئويلاپ باقمىغان ئىدى .
« نىمە گەپ بولۇپ كەتتى . ؟ _ دەپ پىچىرلايتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە ،_ مەن نىمىشقا تۇرۇپ تۇرۇپ قىلۋاتقان ئىشىمدىن ئازىدىغان بولۇپ قالدىم . بۇ قېرىلىقنىڭ ئالامىتىمۇ نىمە؟ ..نىمە دەپ شۇ بوۋاقنى پادىشاھ بولسۇن دېدىم ؟ بۇ بوۋاق كۆزۈمگە قانداق چۈشۈپ قالدى . ؟ بوۋاق كۆتۈرگەن چوكان توپنىڭ ئىچىگە نەدىن پەيدا بولۇپ قالدى ؟... يائاللا ، بۇ ھېلىقى <قۇياش شاھى > نىڭ شەھىرىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىمدا ماڭا ئۇچىرىغان ئالۋاستى چوكان ئەمەستۇر -ھە؟ ... توۋا ، شۇنچە ئەللەرنى كېزىپمۇ بۈگۈنكىدەك غەلىتە سايلامنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن . ...»
قاغىلىق باغ
بۇ پادىشاھلىقتا ئەۋلادلىرىدىن قالغان بىر ئادەت بار ئىدى . ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى چىققان بەگلەرنىڭ بەگ ياكى ئاقساقال ، ئۇرۇق -جەمەتلىرىنىڭ بالىلىرىنى پايتەخىتكە ئەكىلىپ گۆرۆگە تۇتۇپ تۇراتتى . پەيتى كەلگەندە ئۇلاردىن ئۆز مەقسىدى ئۈچۈن پايدىلىناتتى ياكى ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرىۋىتەتتى . يانتاق ئاقساقال بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ شۇ مەقسەتتە گۆرۆگە ئېلىنىپ «قاغىلىق باغ»قا نەزەربەند قىلىنغانىدى .
« قاغىلىق باغ» شەھەرنىڭ چەت بىر بۈرجۈكىدىكى تاشلاندۇق باغ ئىدى . بىر زامانلاردا قايسىبىر شاھ بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان توقىلى ئۈچۈن خاس باغچا قىلىپ بەرمەكچى بولۇپ بەرمەكچى بولۇپ ، بۇ يەرگە مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكتۈرۈپ ، باغنىڭ ئەتىراپىنى ئېگىز تاملار بىلەن قورشىغان ۋە تاملارنىڭ ئىچى تېشىغا نۇرغۇن دەل دەرەخلەرنى قويدۇرغانىدى . لېكىن ، كىيىن باغ ئورنى دۆڭ بولغاچقا بۇ يەرگە سۇ راۋان چىقماي ، مىۋىلىك دەرەخلەر تازا ئاينىيالمىغانلىقتىن ، ئوردا بۇ يەرنى باغ قىلىش پىلانىنى تاشلاپ قويغانىدى . كىيىنكى چاغلاردا باغ ئىچىدىكى مېۋىلەرنىڭ قۇرىغىنى قۇرۇپ ، ئاينىغنى ئىختىيارىچە ھەر تەرەپكە شاخ ئايرىپ باغ ئىچى جاڭگاللىشىپ كەتكەنىدى . پەقەت تامنى ئايلاندۇرۇپ قويغان دەل دەرەخلەر چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قۇچاق يەتمەس بولۇپ يوغىناپ كەتكەنىدى . ھازىر باغ ئىچىدە بار بولغان مىۋىلەر ئۆز ۋاقتىدا باغۋەنلەر قويغان مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىدىن تۆرەلگەن ياكى شۇلارنىڭ يىلتىزلىرىدىن كۆكلەپ چىققان ياۋا مېۋىلەر بولۇپ ، ئۇلار سۇسىز مۇھىتقا ماسلىشىپ ، قەيسەرلىك بىلەن كۆكىرىپ تۇرىشاتتى .
قىيان كەلگەن مەزگىللەردە ئېتىز ئېتىقلاردىن تاشقىنلاپ كەلگەن سۇلار باغنىڭ قاغىجىراپ ياتقان ئېرىقلىرىنى تولدۇرىۋېتەتتى -دە ، باغ ئەنە شۇنداق تاساددىبىي كەلگەن ئامەت بىلەن يىلىغا بىر ئىككى قېتىم سۇ ئىچىپ قالاتتى . شۇنىڭ بىلەن تۆكۈلگەن ئۇرۇقلاردىن يەنە يېڭى بىلخلار ھاسىل بولاتتى . مېۋىلەرنىڭ سولاشقان ياپراقلىرى كەڭ يېيىلىپ ، قۇياش نۇرىدا ياپيېشىل بولۇپ پارقىراپ كېتەتتى . ياز كۈنلىرى كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن بۇ باغنىڭ تېرەكلىرى ئۈستىگە يۈزلىگەن قاغىلار كېلىپ قونۇپ ، چاڭىلدىشىپ ئەتىراپنى بېشىغا كىيەتتى . بۇ باغنىڭ ئەينى چاغلاردىكى مېۋىلىك كۆچەت قويغان باغۋەنلىرى ، ئىگىلىرى ئاللىقاچان ئۇنتۇلغان بولۇپ ، ھازىر بۇ باغ كىشىلەرگە « قاغىلىق باغ » دىگەن نام بىلەن تونۇش ئىدى . « قاغىلىق باغ » دا ئالۋاستى بار . دەپ كېچىلىرى بۇ ئەتىراپقا ھېچكىم ئاياغ باسمايتى . كۈندۈزلىرى باغنىڭ ئەتىراپىغا ئاندا ساندا مال باقىدىغان ئادەملەر كېلىپ قالاتتى . باغنىڭ قۇياش نۇرى ۋە يامغۇر يېشىنلاردا ئۆڭۈپ قاغىجىرىغان يوغان دەرۋازىسى كىملەر تەرىپىدىندۇر مىخلاپ ، ئېچىلماس قىلىپ بېكىتىۋەتكەنىدى .
ئوردا يانتاق ئاقساقالنى بالىلىرى بىلەن بىر يەرگە نەزەر بەنىد قىلىشنى ئويلاشقاندا ، قايسى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېسىگە شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆزىدىن يىراق ئاشۇ تاشلاندۇق باغ كەلگەنىدى . ئوردا خىزمەتچىلىرى باغنىڭ كونا دەرۋازىسى ئورنىغا مۇستەھكەم بىر يېڭى دەرۋازا ئورنىتىپ ، دەرۋازىنىڭ بىر تەرىپىدىن كېرەك بولغاندا كىرىپ چىقىش ئۈچۈن كىچىك ئىشىك قالدۇردى . تاملارنى ئېگىزلىتىپ ، ئۈستىگە توسۇقلارنى بېكىتتى . يانتاق ئاقساقالنى بالىلىرى بىلەن بۇ يەرگە ئەكىلىپ سولىدى . دەرۋازا ئالدى ۋە باغ ئەتىراپىنى كۆزەت قىلىشقا قاراۋۇللارنى قويۇشتى . ئىچكىرىدىن ھېچكىمنىڭ چىقىشىغا ۋە ئوردىنىڭ رۇخسىتىسىز تاشقىرىدىن ھېچكىمنىڭ كىرىشىگىمۇ يول قويۇلمايتى . ئاقساقالنىڭ ئائىلىسىگە ھەر ئايدا بىر قېتىم ئامال قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇرغىدەك ئۇزۇق تۈلۈك كىرگۈزۈپ بېرىلەتتى . ئاقساقالغا نەرسە كېرەكلەرنى ئەكىرىپ بېرىدىغان خىزمەتچى ھېچكىمگە قاپىقىنىمۇ ئاچمايتى . ھېچكىم بىلەنمۇ پاراڭلاشمايتى . ئۇ تۇغما كېكەچ ئىدى .
يانتاق ئاقساقال باغ ئىچىدىكى بىر تاشلاندۇق ھوجىرىدا تۇراتتى . بۇ قاچاندۇر بىر چاغلاردا باغقا ئىشلىگەن باغۋەنلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرىشى ئۈچۈن سېلىنغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ ، ھازىر بۇ ئۆيلەرنىڭ تام تورۇسلىرىنىڭ سۇۋاقلىرى چۈشۈپ ، بۇلۇڭلارنى تور بېسىپ كەتكەن ، ئىشىكلىرى قىيسىيىپ ئىلگىركى
ئىسكەتىنى يوقاتقانىدى . ئۆينىڭ ئۆگىزىسىدە باھار يامغۇرىنىڭ سۈيى بىلەن ھەر كۆلەمدە كۆپكۆك مايسىلار ئۈنۈپ كېتەتتى -دە ، يازغا بارمايلا قۇرۇپ قالاتتى .
ئاقساقالنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتقان ئۈچ ئوغلىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى چوڭ خوتۇنىدىن بولغان بالا ئىدى . يانتاق ئاقساقالنىڭ چوڭ خوتىنى ئۇزۇن يىللارنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ، بالىلارنىڭ ھەممىسىنى كىچىك خوتۇن قانات ئاستىغا ئېلىپ چوڭ قىلغانىدى . ئاقساقال «بىغەملەر شەھىرى» دە قالغان كىچىك خوتۇنىنىڭ ھالىدىن ھازىر بىخەۋەر ئىدى .
يانتاق ئاقساقال دەسلەپتە «قاغىلىق باغ»دىكى تۇرمۇشقا زادىلا كۆنەلمىدى . ئۇ تىت تىت بولۇپ نىمە قىلىشىنى بىلمەي باغنىڭ ئىچىدە توختىماي ئۇياق بۇ ياققا ماڭاتتى . ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلايتى . خۇدانىڭ ھەممە بەندىلىرىگە ئوخشاش ئۇمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان ۋە نۇرغۇن خاتالىقلارغىمۇ يول قويغانىدى . نىمىشقىدۇر ، كېيىن ئۇنىڭ كۆزئالدىدىن جاھانكەزدى سۈپۈرگە كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى . سۈپۈرگە ھەر قېتىم يىراق يۇرتلارغا قىلغان سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ ، ئاقساقالنى يوقلايتى . ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ، دۇنيادىكى ئاجايىپ پادىشاھلىقلار ، ئېگىز سېپىللار بىلەن قورشالغان شەھەرلەر ، ئۇ يەردىكى قوراللانغان لەشكەر ۋە ھاكازىلار توغرىسىدىكى تۈگىمەس پاراڭلارنى قىلىپ بېرەتتى . يانتاق ئاقساقال ئۇ چاغدا جاھانكەزدى سۈپۈرگىنىڭ سۆزلىرىنى
ئاددىي بىر ھىكايىنى ئاڭلىغاندەكلا ئاڭلاپ قويغاندى . «سۈپۈرگىنىڭ ئېيتقانلىرى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە گەپلەر ئىكەن ،-دەيتى يانتاق ئاقساقال ئۆز ئۆزىگە ، - شۇ ئاجايىپ شەھەرلىرىمىزنىڭ ئەتىراپىغا سېپىل سوقۇشنى ، ئادەملىرىمىزگە قورال ياراغ تۇتقۇزۇشنى ئويلاشمىغانىكەنمىز . ھوسۇللۇق ئېتىزلار ، يۈرۈشۈپ تۇرغان تىجارەت ، توق تۇرمۇش بىزنى بەكمۇ بىغەم ياشاشقا ئادەتلەندۈرۈپ قويغانىكەن ....» ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يانتاق ئاقساقال ئۆز تەقدىرىگە شۈكرى قىلىدىغان بولۇپ قالدى . ئەلۋەتتە بۇ تاشلاندۇق باغ مەڭگۈ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان ، ئادەملەرنىڭ ئىرادىسى ، جىسمانىي كۈچ قۇۋىتنى تۈگەشتۈرىۋىتىدىغان ھېلىقى قاراڭغۇ ، زەي زىنداندىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى ئىدى . بۇ يەرنىڭ تۆت ئەتىراپىنى ئىگىز تاملار قورشاپ ، تام ئارقىسىدىن قاراۋۇللارنىڭ قەدەم تاۋۇشى ، قېلىچ نەيزىلىرىنىڭ بىر بىرىگە تىگىپ جاراڭلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ، قۇياش نۇرى يەنە ھەر كۈنى باغ ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى سېخىيلىك بىلەن ئەتىراپقا چاچاتتى . باھاردا ياۋا مېۋىلەر رەڭمۇ رەڭ چېچەك ئېچىپ ، ياپيېشىل ئوتلار باش كۆتۈرەتتى . ئاقساقالنىڭ بالىلىرى بولسا ھەر كۈنى ئۇنىڭ بېشىدا پەرۋانە بولۇپ خىزمىتىنى قىلاتتى .
يانتاق ئاقساقالنىڭ ئىككى چوڭ ئوغلى ھازىر بۇرتلىرى خەت تارتىپ ئۆيلىنىش قورامىغا يېتىپ قالغانىدى . چوڭ ئوغۇل ئۆمەر يۈزلىرى دۈگلەك ، ئۆزىمۇ دوغلاق كەلگەن قاۋۇل يىگت ئىدى . ئوتتۇرانجىسى بارات ئورۇق ، ئېگىز ، چىرايلىق يىگىت ئىدى . بۇ ئوغۇللار تۇغۇلغان چاغدا ئاقساقالنىڭ ئۆيى ئومۇمىي شادلىققا چۆمگەنىدى ، چۈنكى بۇ ئاقساقاللىق نەسەبىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى . ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە رەھىمسىز تەقدىر ئۇلارنىڭ ياشلىقىنى ئەنە شۇ تۆت تام ئىچىگە بەنىد قىلىپ قويدى .
ئوغۇللار ئەتىدىن كەچ كىرگۈچە باغ ئىچىدە قەپەسكە سولانغان قۇشتەك تىپىرلاپ يۈگۈرۈپ يۈرۈشەتتى . بەزىدە ئۇلارغا باغنىڭ تېمى ئارقىسىدىن قىز جۇۋانلارنىڭ چاڭىلداپ سۆزلەشكەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى . مۇنداق چاغلاردا ئۆمەر بىلەن بارات قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ، باغ كەينىدىكى ئاۋازلارغا قېتىپ قۇلاق سېلىشاتتى . قىزلارنىڭ ئاۋازلىرى بىر دەمدىلا يىراقلاپ كېتەتتى ياكى قاراۋۇللارنىڭ « ھاي كىم سىلەر ؟ ئۇياق بىلەن مېڭىشقا بولمايدۇ !»
دەپ ۋارقىرىشى بىلەن ئۆچەتتى .
« تۈفى!- دەپ لەنەت قىلىشاتتى ئوغۇللار قاراۋۇللارغا ، - خۇدايىم ، ئۆزىڭنىڭمۇ ئۈنى مەڭگۈگە ئۆچەر!»
يىگىتلەرنىڭ كىشىدە يېقىملىق تۇيغۇ ، شېرىن ھىسىياتلارنى پەيدا قىلىدىغان قىزلارنىڭ ھېلىقىدەك ئاۋازىنى يېقىندىن ۋە ئۇزاقراق ئاڭلىغۇسى بار ئىدى .
گەرچە بۇ باغ تۆت تام بىلەن قورشالغان بولسىمۇ ، تەبىئەت ئوغۇللارنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇھاببەت ، سېغىنىش دىگەندەك ئاجايىپ تۇيغۇلارنى ئوخشاشلا يېتىلدۈرمەكتە ئىدى . گۈللەر، گۈللەر ئەتىراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن كېپىنەكلەر ، تىنىق كەڭ ئاسمان ۋە ھەر باھاردا مېھمان بولۇپ كېلىپ ، كەچ كۈزدە قايتىپ كېتىدىغان پەسىل قۇشلىرى ئۇلارنى غەلىتە خىياللارغا سالاتتى .
_ بىزنىڭمۇ شۇنداق قاناتلىرىمىز بولغان بولسا-ھە! - دەيتى بارات بەزىدە ئاسماندا يىراقلاپ كېتىۋاتقان تۇرنىلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپ .
_ ھە ، قاناتلىرىمىز بولسا نىمە قىلماقچىدىڭ ؟_ دەپ سورايتى ئۆمەر .
_ بۇ لەنىتى شەھەر ، جىن تەككەن ئەسكى تاملىقلارنى تاشلاپ ، يىراقلارغا كېتەتتۇق .
_ ئاتامنىچۇ ، ئاتامنى تاشلاپ ؟
_ نىمىشقا تاشلايمىزكەن ، ھېلىقى ماختانچاق پاقا بىلەن ئەقىللىق غازلار توغرىسىدىكى چۆچەكلەرنى ئاڭلىمىغانمۇسەن ؟...شۇنداق بىر تال ياغاچنى تېپىپ ئىككى بېشىنى چىشلەيتۇق ، ئاتام ياغاچنىڭ ئوتتۇرسىنى تۇتاتتى . ئاندىن ھاۋاغا كۆرۈرلۈپ خالىغان تەرەپكە قاراپ .....
_ ئىنىمىز سەپەرنىچۇ ؟
_ ھە ، سەپەرمۇ بار -ھە تېخى !
مۇنداق سۆھبەتلەردىن كېيىن ئۇلار ئۇزاققىچە جىمىپ قالاتتى . قانداقتۇر بىر يوغان تۈكلۈك ھەرە ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدە ئەگىپ يەنە يىراقلاپ كېتەتتى . يىگىتلەر ئەگەر قارارغا كەلسە بىر ئامال قىلىپ بۇ باغدىن قېچىپ چىقىپمۇ كېتەر ئىدى . لىكىن ئۇلار كۈنىدىن كۈنگە خىيال بېسىپ كېسەلچان بولۇپ قېلىۋاتقان ئاتىسىنى تاشلاپ كېتەلمەيتى .
_ مەن نىمىشقىمۇ ئاقساقاللار ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن ؟_ دەيتى بەزىدە چوڭ ئوغۇل ئۆمەر ، _ مەن ساڭا ئېيتسام ، ئاددىي پۇقرا بولغانغا يەتمەيدىكەن .
_ قېنى قانداقچە دەيسەن ؟_دەپ سورايتى بارات .
_ مەسلەن ، سەن بىر ئاددىي دېھقان بولساڭ ، ئازىراق جاپا تارتىسەن ، ئەمما ئارتۇقچە غېمىڭمۇ بولمايدۇ . كۈندۈزى تىرىشىپ ئەمگىكىڭنى قىلىپ ، كېچىسى ئۆيۈڭدە خاتىرجەم ئۇخلايسەن ، ئۆزۈڭگە ئوخشاش بىر كەمبەغەلنىڭ چىرايلىق قىزىغا ئۆيلىنىپ ، خۇداغا شۈكرى -قانائىتىڭنى بىلدۈرۈپ نامىزىڭنى ئوقۇپ ، ئۆمرۈڭنى بىر خىل ئۆتكۈزىسەن . بارات بولسا تۇرمۇش توغرىسىدا باشقىچە مۇلاھىزە قىلاتتى .
_ نىمە دەپ كەمبەغەل بولۇپ ياشىماق كېرەككەن ؟_دەيتى ئۇ _ ، كەمبەغەلچىلىكنىڭ نىمىسى ياخشى ؟ بىر ناننىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئېشەكتەك ئىشلەپ كۈنۈڭ ئۆتىدۇ شۇ !... قارا ، مەن ئەگەر ئادەمنى زىرىكتۈرۈپ ساراڭ قىلىۋىتىدىغان قاماقتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىدىغان بولسام ، بىر ئامال قىلىپ ، يەنە ئاتامدەك بىرەر يۇرتنىڭ ئاقساقىلى بولىمەن . ئېسىڭدىمۇ ؟ كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۆيدە بىزنى چاكارلار قولىدىن چۈشۈرمەي كۆتۈرۈشۈپ يۈرەتتى . خىزمىتىمىزگە ھەر دائىم ئادەم تەييار ئىدى . ئەگەر ئاتامنى پىشكەللىك باسمىغان بولسا ، بۇ چاغقىچە بىز شەھىرىمىزدىكى كاتتا بايلارنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن بولاتتۇق...
شۇ چاغدا تامنىڭ ئۇ يېنىدىكى باغقا يېقىن يوللارنىڭ بىرىدىن يەنە چوكانلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولاتتى . ئاكا ئۇكا ئىككەيلەن سۆزلىرىنى توختىتىپ ، دېھقەت بىلەن قۇلاق سېلىشاتتى . بەزىدە ئۇلار باغ ئىچىدە ئېگىزرەك ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئۇچىغا يامىشىپ چىقىپ ، سىرتتىكى ئالامەتلەرنى كۆرمەكچى بولىشاتتى . بىراق ئۇلار بىكارغىلا ئاۋارە بولۇشاتتى . ھەر قانچە ئېگىزگە چىققىنى بىلەنمۇ پەقەت يىراقتىكى دەرەخلەرنىڭ ئۇچىلا كۆزگە چېلىقاتتى .
يانتاق ئاقساقالنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى سەپەر ئەمدىلا تەمتىلەپ مېڭىپ يۈرگەن بالا ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ چوڭ باغنىڭ ئىچى بىر كەڭ دۇنيا بىلىنەتتى . قالايمىقان ئۆسۈپ جاڭگاللىشىپ كەتكەن مېۋىلەر ، دەرەخلىكلەرئارىسىدىن كەتكەن ئاياغ يوللار ، ئوت چۆپلەر ئۈستىدە ئۆملىشىپ يۈرىدىغان ھارماس چۈمۈلىلەر ، ئاجايىپ رەڭدار كېپىنەكلەر ، كېچە بىلەن كۈندۈز ئازغاشماي ئالمىشىپ تۇرىدىغان قۇياش بىلەن ئاي ... بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھازىرچە ئۇنىڭ بالىلىق تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى تولدۇرۇشقا يېتىپ ئاشاتتى . بەزىدە ئاكىلىرى ئۇنى ھاپاش قىلىپ ئوينىتىپ باغنىڭ ئېگىز تاملىرى يېنىغا ئاپىرىپ قالاتتى . كىچىك سەپەرگە بۇ ئالەمنىڭ چىگرىسى نەق شۇ تاملار بولۇپ كۆرۈنەتتى .
يانتاق ئاقساقالنىڭ كۈندىن كۈنگە سالامەتلىكى ئوساللاپ ، چوڭ ئوغۇللىرى نەلەردىندۇر كوناپەنلەرنى تېپىپ كېلىپ ئۆي ئالدىغا ياساپ بەرگەن كارۋاتتىن قوپالماس بولۇپ قالغانىدى . كۆپ چاغلاردا سەپەر ئۆزىنىڭ چاڭىلداق ئاۋازى بىلەن تۈگىمەس سۇئاللارنى سوراپ ئاقساقالنىڭ بېشىدىن نېرى كەتمەيتى .
_ ئاتا ، سەن نىمىشقا بۇ كارۋاتتىن چۈشمەي يېتىۋېرىسەن ؟
_ قۇياش نەدىن چىقىدۇ ؟
_ كۈندۈزى يۇلتۇزلار قەيەرگە كېتىدۇ؟
_ كېپىنەكلەرمۇ نان يەمدۇ ؟
سەپەر ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق بالىلارچە سۇئاللىرى ، تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن ئاقساقالنىڭ زېرىكىشلىك كۈنلىرىنى بىلىندۈرمەيتى . يانتاق ئاقساقال كېچىلىرى شۇ كىچىك ئوغلىنى يېىغا ئېلىپ ، دۈمبىسىنى سىلاپ ئۇخلىتاتتى . بالا ئۆزىنىڭ تاتلىق پۇشۇلداشلىرى ، يۇمران بەدەن ، ئىسسىق نەپىسى بىلەن ئاتىسىنىڭ قوينىنى تولدۇرۇپ تۇراتتى . ئاقساقال ھەر كۈنلۈك نامىزىدا يىغلاپ تۇرۇپ خۇدادىن بالىلىرىنىڭ بەختىنى تىلەيتى . بالىلىرىنىڭ تەقدىرى ، كەلگۈسى ھەققىدە بەكمۇ قايغۇراتتى . مانا ئۇ چوڭ بىر شەھەرنىڭ ئاقساقىلى بولۇپ يۇرت سورىدى . شۇنچە نۇرغۇن يەر، سۇ ، مال دۇنياغا ئىگە بولىدىيۇ ، ئاخىرىدا بولسا يېنىدا بالىلىرىغا قالدۇرغىدەك سۇنۇق ياماقمۇ قالمىدى ......
يانتاق ئاقساقالنىڭ ھالى كۈنىدىن كۈنگە ئوساللاپ كېتىۋاتاتتى . بىر كۈنى تۈن يېرىمىدا ئۇ قۇلاق تۈۋىدە شىپىرلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى .
_ كىم ؟_ دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، يوتقاننى مەيدىسىگە تارتتى ئۇ .
_مەن !_ دىگەن جاۋاپ كەلدى قاراڭغۇلۇقتىن .
_ مەن دىگەن كىم ؟
_ سەن مېنى تونىمايسەن ، ئۈنۈڭنى پەس قىل ، مېنى بۇ شەھەردە « تامتېشەر » دەپ ئاتىشىدۇ . ئۆز ۋاقتىدا شاھ خەزىنىسىنىمۇ ئامان قويمىغان تام تېشەرمەن .
_ ئەمىسە بۇ يەرگە خاتا كىرىپ قاپسەن ،_دېدى ئاقساقال ،_ بۇ يەردە سەن ئاچىقىپ كەتكۈدەك بىر نەرسە يوق .
_ ماڭا سېنىڭ بىرەر نەرسەڭ كېرەك ئەمەس ، مە ، بۇ ئامانىتىڭنى تاپشۇرىۋال .
«تام تېشەر» جاھانكەزدى سۈپۈرگە بەرگەن تېرە خالتىنى يانتاق ئاقساقالنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى .
_ بۇ نېمە؟
_ نىمىلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، بەلكىم تىللادۇر ، جاھانكەزدى سۈپۈرگە دىگەن بىر بۇرادىرىڭ كىرگۈزدى . ئۇ ساڭا سالام ئېيتتى .
_ سۈپۈرگە !_ دەپ روسلىنىپ ئولتۇردى ئاقساقال ، _ ئۇ ھازىر قەيەردە؟...يەنە نىمە دىدى؟
_ ئۇ : « <بىغەملەر شەھىرى » ئېغىر كۈندە قالدى ، خەلىققە بىر باشلامچى كېرەك . ئاقساقال بىر ئامال قىلىپ قېچىپ چىقسۇن>»دېدى . قاچماقچى بولساڭ ،
باغنىڭ غەرىپ تەرىپىدىكى يوغان ياڭاقنىڭ يېنىدىكى تامدىن بىر تۆشۈك تېشىپ قويدۇم ، تەييارلىقىڭنى قىلىپ شۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ كەت .
يانتاق ئاقساقال ئاچچىق كۈلدى .
_ مەندە ھازىر قېچىپ يۇرتۇمغا يېتىپ بارغۇدەك ماغدۇر نىمە قىلسۇن !_دېدى ئۇ ، _ مانا ئىككى يىلدىن بېرى مۇشۇ ئورۇندىن قوپالماي يېتىپتىمەن . ھەي ئەپسۇس ، بىز خەلىققە ئۇۋال قىلدۇق . ئادەملىرىمىزنى تولىمۇ بىخۇد ئۆگەتكەن ئىكەنمىز . شۇ شەھەرگە ئاقساقال بولۇپ تۇرغان چاغلىرىمنى ئويلىسام كۆپ ئىشلارنى خاتا قىلغانىكەنمەن .......
« تامتېشەر» ئاقساقالنىڭ سۆزلىرىگە كۈلۈپ قويدى .
_ بۇ بارلىق ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ئورتاق ھەسرىتى ، _ دېدى ئۇ ، _ بىر چاغدا مەن بىر ئالىم كىشى بىلەن بىللە زىنداندا ياتقانىدىم . ئۇ ماڭا : ئەمەل نازلىق خوتۇنغا ئوخشايدۇ ، ئۇ گۈزەل ۋە ۋاپاسىز كېلىدۇ . ئۇ ھېچكىمگە ، ھەتتا شاھلارغىمۇ مەڭگۈ باقىمەندە ئەمەس . ئۇ قولغا كېلىدۇ ، يەنە قولدىن كېتىدۇ . ئەمەل تۇتقۇچى بۇ ھەقىقەتنى تەخىتنىڭ ئىگىز پەلەمپەيلىرىدىن دومىلاپ چۈشكەندىلا ئاندىن چۈشىنىپ ، نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا قىلغانلىقىغا ھەسرەت چېكىدۇ . ئۇ چاغدا ئۇ كېچىككەن بولىدۇ . دېگەنىدى . خەيىر مەن كەتتىم .
_ توختا !- دەپ «تامتېشەر»نى توختىتىۋالدى ئاقساقال ،_ سەن بۇ خالتىنى كارۋات يېنىدىكى جىگدە تۈۋىگە ئۆز قولۇڭ بىلەن كۆمۈپ قويۇپ چىقىپ كەت . شۇ چاغدا سەن ماڭا ھېچنىمە بەرمىگەن بولىسەن ، مەنمۇ سەندىن ھېچنىمە ئالمىغان بولىمەن . بۇ نەرسىلەر بەلكىم ئوغۇللىرىمغا لازىم بولۇپ قالار . مەندىن سۈپۈرگىگە سالام ئېيت !
_ سۈپۈرگە!... سۈپۈرگە دۇنيادا يا بار ، يا يوق ...
يانتاق ئاقساقال «تامتېشەر» گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى ئاڭقىرالماي قالدى ...« تامتېشەر» شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپلا غايىپ بولغانىدى .
ئەتىسى سەھەرلىكى يانتاق ئاقساقال ئىككى چوڭ ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىدى .
_ ھەي ئۆمەر، بارات ، قېنى سىلەر؟ بۇ ياققا كېلىڭلار.
ئاقساقالنىڭ ئىككى ئوغلى كۆزلىرىنى يىرتىپ ئېچىپ ئاتىسىنىڭ يېنىدا ھازىر بولىدى . كىچىك سەپەر بولسا ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى .
_ خوش ئاتا ، نىمە تاپشۇرۇقلىرى باركىن ؟ _ دېيىشتى ئوغۇللار.
_ مېنىڭ ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغان ۋاقتىم ئاز قالغاندەك قىلىدۇ . گېپىمنى تىڭشاڭلار . بۇ ئۈستى ئوچۇق زىنداندا سىلەر مەن بىلەن تەڭ كۈلپەت تارتتىڭلار . خىزمىتىمدە بولدۇڭلار . مەن سىلەردىن ئىككلا دۇنيا رازىمەن . لېكىن سىلەرنىڭ ئاغىزڭلارغا يېتەرلىك ئىلىم سالالمىدىم ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلالمىدىم . بۇ مېنىڭ ئۆز مەيلىمدىن ئەمەس ، ئامالسىزلىقىمدىن بولدى . مەندىن رازى بولۇڭلار .
ئوغۇللار ئاتىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلدى .
_ ئاتا ، بىز سىزدىن مىڭ مەرتىۋە رازى ، بالىلىرىم ، تىنىچلىنىڭلار ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار ، مەن ئۆلۈپ تارتىپ قالسام ، مېنى دەپنە قىلىپ بولۇپ ، ئاۋۇ جىگدە تۈۋىنى كولاڭلار ، ئۇ يەردە سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇلغان ئازغىنە بىرنەرسە تۇرۇپتۇ . ئۇنى ئېلىڭلار-دە، بىر ئامال قىلىپ بۇ يەردىن قېچىڭلار .... ماۋۇ ئۇخلاۋاتقان سەپەر سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ، ئۇ تېخى كىچىك ، مەندىن كىيىن قالغاندا ئۇنى تاشلىۋەتمەڭلار ، جىگدە تۈۋىگە كۆمۈلگەن نەرسىدە ئۇنىڭمۇ بىر ئۈلۈش ھەققىي بار . ئۇنىڭغا مېنىڭ ئورنۇمدا ئاتىدارچىلىق قىلشىنى سىلەرگە تاپشۇردۇم ،_ ئاقساقال قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئوغۇللارغا دۇئا بەردى .
_ بۇ يەردىن بىز قانداق قېچىپ چىقىپ كەتسەك بولار؟ _ دەپ ئاتىسى بىلەن ئىنىسىگە قارىدى ئۆمەر.
_ بىر ياخشى نىيەتلىك ئادەم باغنىڭ غەرىبىدىكى چوڭ ياڭاق دەرىخىنىڭ يېنىدىكى تامدىن بىر تۆشۈك تېشىپ ، ئوت چۆپلەر بىلەن يېپىپ قويۇپتۇ . ئېسىڭلاردا بولسۇن .....
_ قېچىپ قەيەرگە بارىمىز ؟_ دېدى بارات .
_ ئەلۋەتتە ئۆز يۇرتۇڭلارغا - « بىغەملەر شەھىرى»گە بارىسىلەر ، _ دېدى يانتاق ئاقساقال ،_ ئۇ يەردە ئەل سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ، سىلەر....
يانتاق ئاقساقال بالىلىرىغا دەيدىغان ئاخىرقى مۇھىم ۋەسىيەتلىرىنى ئېيتىپ بولالمايلا تىنىقتىن قالدى.
« قاغىلىق باغ»دىن كۆتۈرۈلگەن يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرۋازا ئالدىدىكى قاراۋۇللار تېڭىرقاپ قېلىشتى .
_ ھوي ، ئاڭلاۋاتامسىلەر؟_ دەپ ۋارقىرىۋەتتى بۇ ئاۋازنى دەسلەپتە ئاڭلىغان قاراۋۇل .
_ نېمىنى ؟
_ يىغا ئاۋازى ، باغ ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتىدۇ .
لەشكەرلەر باغ ئىچىدە بىرەر ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەملەشتى -دە، ئاقساقالغا نەرسە كېرەك ئەكىرىپ بېرىدىغان كېكەچنى چاقىرىشتى . كىچىك ئىشىكنى شاراقشىتىپ ئېچىپ ، ئۇنى نىمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىپ چىقىش ئۈچۈن باغ ئىچىگە كىرگۈزۈشتى . كېكەچ ھايال بولمايلا قايتىپ چىقتى - دە ، چىرايلىرىنى قايغۇلۇق تۈسكە كىرگۈزۈپ بىر نىمىلەرنى دەپ شەرەتلەپ ، لەشكەرلەرگە ئاقساقالنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى . شەھەرنىڭ چېتىدىكى بۇ تاشلاندۇق باغنى كۆزەت قىلىش جېنىغا تەگكەن لەشكەرلەر جانلىنىپ كېتىشتى . بىر نەتچىسى بۇ خەۋەرنى ئوردىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراپ ئات سېلىشتى . لېكىن ئۇلار ئوردىدىن جاۋاپ ئالالماي ، ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا يېرىم كۈن ساقلاشتى .
ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا قاتمۇ قات قاراۋۇللار قويۇلغانىدى . ئوردا ئىچى پاتپاراق كۆرۈنەتتى . ئۇ يەردىن دۈپۈرلەپ ئاتلىقلار چىقىپ قاياقلارغىدۇر غايىپ بولىشاتتى . يەنە قەيەرلەردىندۇر ئات سېلىپ يېتىپ كەلگەن ئەمەلدارلار ئالدىراپ ئوردا ئىچىگە قاراپ مېڭىشاتتى . ئوردا قەتلىئام قىلىنغان شاھنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى . ئوردا ئىچىدە زادى نىمە ۋەقە بولغانلىقىدىن سىرتتىكىلەر خەۋەرسىز ئىدى . چۈشتىن كېيىن بولغاندا ، ئوردىدىن بىر ئەمەلدار چىقىپ « قاغىلىق باغ»دىن كەلگەن لەشكەرلەرگە:
_ ئاقساقال ئۆلگەن بولسا ئۆلگەن بويىچە تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئۆلۈم ئىشلىرى كىيىن بىجىرىلىدۇ ،_دەپ جاۋاپ بەردى .
يانتاق ئاقساقالنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى باغ ئىچىگە دەپنە قىلىشتى . كۆز باغلىنىپ قالغانىدى . ئۆمەر بىلەن بارات قىسقىلا خەتمىقۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىشقاندىن كېيىن ، ھېلىقى جىگدە تۈۋىدىن دادىسى ئېيتقان نەرسىنى ئىزدەشكە باشلىدى . كۆپ كولىمايلا ئۆمەرنىڭ قولىغا بىر تېرە خالتا چىقتى .
_ ئاتام بۇ خالتىنى تېخى يېقىندىلا كۆمگەن بولسا كېرەك ،_ دېدى ئۆمەر .
_ قانداق بىلىدىڭ ؟_ دېدى ئاكىسىنىڭ بېشىدا ئۆرە تۇرۇپ قاراپ تۇرغان بارات .
_ قارىمامسەن ، بۇ يەردىكى توپا تېخى بوشلا تۇرىدۇ .
_ خالتىمۇ نىمە ئۇ ؟
_ ھە تېرە خالتا .
_ ئىچىدە نىمە بار ئىكەن ؟
_ ھازىر كۆرىسەن .
كىچىك سەپەر نىمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئاكىلىرىنىڭ ئەتىراپىدا پىرقىراپ يۈرەتتى . ئۆمەر بىلەن بارات خىرە كۆيۈپ تۇرغان چىراغنىڭ يېنىغا كېلىپ خالتىنىڭ ئاغىزىنى ئاچتى . ئۇنىڭ ئىچىدىكى پارقىراپ تۇرغان ئالتۇنلارنى كۆردى -دە ، خالتىنىڭ ئاغىزىنى دەرھال ئېتىشتى .
_ ئەمدى بۇ لەنىتى باغدىن دەرھال يوقىلىش كېرەك ،_دېدى بارات .
_ سەل ئۆپكەڭنى بېسىۋالغىنە !_ دېدى ئۆمەر ،_ ئاتام بىز قېچىپ چىقىپ كېتىدىغان يەرنىڭ گېپىنى قىلىۋىدىغۇ ؟
_ مەن ئۇ يەرنى كۈندۈزى كۆرۈپ قويغان .
شۇ كېچە لەشكەرلەر باغنىڭ ئەتىراپىنى كۆزەت قىلىشنى قويۇپ چوڭ دەرۋازا ئالدىغا يىغىلىۋېلىشقانىدى . باغنىڭ ئىچىدىكى چوڭ جىنايەتچى ئۆلدى ، ئەمدى ئۆلگەن ئادەمنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق - دە، ! ... ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراۋۇللار باشلىقى ئوردىدىن دەپنە ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى
ئوبدانراق ئۇقۇپ بېقىشنى باھانە قىلىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگەنىدى . قاراۋۇللار ئەمدى ئۆزىنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كېتىشتى . ئۇزۇن ۋاقىت بۇ لەنەت تەگكەن جىندىخانىنى <قاراۋۇللار «قاغىلىق باغ» شۇنداق ئاتىشاتتى .> كۆزەت قىلىپ زېرىككەن لەشكەرلەر ئەمدى بۇ ئىشتىن ئازاد بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ خوشال ئىدى .
چۈنكى بۇ يەردە ۋاقىت ئۆتكۈزگەندە ئۇلار ئۈچۈن قىلچە پايدا يوق ئىدى . شەھەرنىڭ باشقىراق بىر ئەپلىك جايىدا بولغاندا ئۇلار ئاللىقانداق بىر باھانىلەرنى تېپىپ چىقىپ ، يولدىن ئۆتكەن دېھقانلار ، كاسىپلار ، سودىگەرلەردىن خېلىلا بىر نىمە ئۈندۈرىۋالالايتى . شەھەر ئىچىدە يەنە كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇنلار بولۇپ تۇراتتى . ئۇ يەردە خالىغانچە ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغىلى بولاتتى . بۇ لەنەت تەگكەن جىن ئۇۋىسىنىڭ ئەتىراپىدا بولسا كېچىچە قاغىلارنىڭ قاقىلداشلىرى ، ھۇقۇشلارنىڭ ۋەھىمىلىك ھۇۋىلاشلىرىدىن باشقا ھېچنىمىنى ئاڭلىغىلى بولمايتى . بۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت كۆزەتتە تۇرۇپ ، زېرىكىپ ساراڭ بولايلا دىگەن قاراۋۇللار شۇ تاپتا ئەمدى بۇنۇڭدىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ قەيەرلەردە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى توغرىسدا قىزغىن پەرەزلىرىگە چۈشۈپ كەتتى .
_ ھەي ، ھەي ، ئاۋۇ يىللىرى مەن شەھەر كوچىلىرىنى كېچىدە كۆزەت قىلىشقا چىقىپ ئوبدانلا تىرىلىپ قالغانىدىم . _ دېدى بىر لەشكەر .
_ ئۇنىڭدا قانداق تاپاۋەت قىلغىلى بولىدۇ ؟ _ دەپ سورىدى ياشراق بىرلەشكەر .
_ قانداق دېسەڭلار ، كېچىدە ماڭغان ھەر قانداق ئادەمنى توسۇپ ، « نىمە دەپ كوچىدا يول يۈرىسەن؟شاھىمىزنىڭ يېڭى پەرمانىدىن خەۋىرىڭ يوقمۇ ؟ » دەپ بىر ئىككى پوپوزا قىلىسەن -دە، يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ قۇرۇقداپ قويىسەن .
_ ئەڭ ياخشى ئوقەت شۇ ! _ دەپ تەستىقلىدى ئىككىنجى لەشكەر ، _ كوچىلارنى ئارلاپ يۈرۈپ ، بەزىدە قىمار بولىۋاتقان سورۇنلارنىڭ تۆپىسىگىلا چۈشىسەن ، قىمارۋازلار ئىشتىنىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي قاچىدۇ . تاۋكادىكى پۇلنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولىدۇ .
_ ئۇنىمۇ دەيسىلەر ، بۇنىمۇ دەيسىلەر ، _ دېدى يەنەبىرى _ مەن سىلەرگە ئېيتسام ، ئىشنىڭ ھوزۇرى نەق پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئىچىدە قاراۋۇللۇق قىلىشمىكىن دەيمەن .
_ شاھنىڭ ئوردىسىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپ قېلىشتىن خۇدا ئۆزى ساقلىسۇن ! _ دېدى قېرى بىر لەشكەر ، _ دوۋزاخنىڭ نەق ئۆزى ، ئۇ يەردە ساڭا تىرناقچىلىكمۇ ئەركىنلىكمۇ بولمايدۇ . ياغاچتەك قېتىپ تۇرماقتىن باشقا گەپ يوق شۇ .
_ سەن نىمىنى بىلىسەن ؟_ دەپ قارشى چىقتى قېرىنىڭ سۆزىگە ھېلىقى لەشكەر،_ مانا ، مەن ئۇ يەردە تۇرۇپ كۆرگەن . قىززىقچىلىقنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ، ھاي ھاي ، بىر قېتىم ، بىر شاھزادە زىياپەت بولىۋاتقان ئۆيلەرنىڭ بىردىن مەست دەلدەڭشىپ چىقىپ كەلدى دىمەمسىلەر ، تۈن يېرىمىدىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى .
شاھزادە مېنى چاقىرىپ :
« مېنى ئاۋۇ تەرەپكە يەتكۈزۈپ قوي !» دەپ شاھنىڭ كېنىزەكلىرى تۇرىدىغان باغ تەرەپنى كۆرسەتتى .
قورقۇپ كەتتىم . شاھنىڭ كېنىزەكلىرى تۇرىدىغان باغقا قالايمىقان يېقىنلىشىشقا بولمايتى .
« شاھزادە ، سىلى مەست بولۇپ قاپتۇلا ، ھوجۇرىلىرىغا يەتكۈزۈپ قوياي » دېدىم .
« جېنىڭدىن تويدۇڭمۇ قانداق؟!» دەپ بىر ئالىيىۋىدى ، ئىلاجىسىز ئۇنى يۆلەپ ماڭدىم .
باغنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان ئىككى قاراۋۇل بىزنى ئۈندىمەي ئۆتكۈزىۋەتتى . ئىشىكىنى ئاچقان يەنە بىر لەشكەر بىزنى باشلاپ ماڭدى . بايا ئۇ شاھزادىنىڭ قايسى كېنىزەك بىلەن باردى كەلدىسى بارلىقىنى بىلىدىكەن . بىر كۆلنى ئايلىنىپ ئۆتتۇق . بىر تاش پەلەمپەيدىن چۈشتۇق . بىزنى باشلاپ كېتىۋاتقان لەشكەر :
« ئەنە ئاۋۇ ئۆيگە ئەكىر » دېدى -دە، ئارقىسىغا يېنىپ كەتتى .
قارىسام ، ئالدىمدىكى گۈللۈك ئىچىدە بىر ئىمارەت تۇرۇپتۇ . ئىشىكنى بىر كېنىزەك ئاچتى . ھېلىقى كېنىزەكنىڭ چىرايلىقلىقىنى دېمەمسىلەر ، ئۇزۇن بىر ئارا ئۆيگە كىرىپ قالدۇق ، ئارا ئۆينىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خاس ھوجىرىلارنىڭ ئىشىكلىرى مەھكەم يېپىقلىق تۇرۇپتۇ . كېنىزەك بىزنى ئەڭ چېتىدىكى ئۆيگە باشلىدى . بۇ ئۆيدىكى جابدۇقلارنىڭ ئېسىللىقىنى ئېيتايمۇ ، ئىچكىردىكى ئۆيدىن يەنە بىر كېنىزەك چىقىپ شاھزادىنى قولۇمدىن ئالدى ، شاھزادىنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان كېنزىكى شۇ ئوخشايدۇ .
_ ئۇ تېخىمۇ چىرايلىق بولسا كېرەك ؟ _ دەپ گەپ ئارلىدى ھېلىقى لەشكەر .
_ راستىنى ئېيتسام ، ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىيالمىدىم. ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان خۇش پۇراق ، يىنىك شىپىرلاپ مېڭىشلىرىغا قاراپلا ھوشۇمنى يوقىتىپ قوياي دېدىم . تېخىمۇ قىززىق ئىش ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىۋاتقىنىمدا بولدى . شاھزادىنى شۇ يەرگە قويۇپ قايتىپ چىقتۇق . ھېلىقى بىزگە دەسلەپتە ئىشىك ئېچىپ بەرگەن كېنىزەك مېنى ئۇزىتىپ قويماقچى بولۇپ يەنە ئارا ئۆي بىلەن ماڭدى ، تاشقىرقى ئىشىككە يېقىنلىغان ۋاقتىمىزدا ئۇ مېنى بىرلا تارتىپ ياندىكى
بىر ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى . نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي قالدىم . ئشىكنى گۈپپىدە ياپتى -دە ، ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى شارىت شۇرتلا قىلىپ سېلىپ يالاڭاچ بولدى .
« ھەي سەن نىمە قىلىۋاتىسەن ؟» دەپ قورققىنىمدىن جالاقلاپ تىتىرەپ كەتتىم .
« كەل ، بىر كۆڭۈل ئېچىۋال » دەپ مېنى كارۋات تەرەپكە تارتتى ئۇ . چىمىلداق تارتىلغان كارۋاتتا چۈشەكلەر تەييار سېلىقلىق تۇرۇپتۇ . بايا ئۇ مۇشۇ يەردىن قوپۇپ چىقىپ بىزگە ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ئوخشايدۇ .
« قوي ئۇنداق قىلما ، بېشىم كېتىدۇ » دەپ يالۋۇردۇم ، ھېلىقى يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ ئۆلەي دىگەن كېنىزەك ئوخشايدۇ ، گېپىمنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس .
« گېپىمگە كىرمىسەڭ <ماڭا چېقىلدى > دەپلا تۆھمەت قىلىمەن ، بالاغا شۇ چاغدا قالىسەن . بول ، ئىشنى چاققانراق پۈتتۈرۈپ يولۇڭغا ماڭ !» دېدى .
ئىلاجىم يوق ، جالاقلاپ تىتىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىدا بىر دەم ياتتىم _ دە ، قايتىپ چىقتىم .
_ تازا مەززە قىلىپسەندە ؟_ دەپ سورىدى لەشكەرلەر قىززىقىپ .
_ قورققىنىمدىن نېمە لەززەت بولغىنىنىمۇ بىلمەپتىمەن ، ھازىر ئويلىسام ھوزۇرلىنىپ كېتىمەن .
_ ئاڭلىدىڭلارمۇ؟_ دېدى بىر لەشكەر،_ « بىغەملەر شەھىرى» دىگەن بىر يەرگە بارغان لەشكەرلەر ناھايىتى بېيىپ كېتىپتۇدەكقۇ ؟ ....ئۇ يەردىمۇ چىرايلىق خوتۇنلار شۇنچە كۆپ دەيدۇ .
_ بىز مۇشۇ باغدا ساقلاپ ياتقان جىنايەتچى ئەسلىي شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىمىش .
_ بۇ گەپچە ، ھېلىقى پادىشاھنى بىز بۇ يەردە كۆزەت قىلىپ يېتىپتىمىز ، پايدىسىنى باشقا غوجاملار ئاپتۇ-دە!
_ ئوردىغا ئۇ يەردىن ئولجا ئېلىنغان ماللارنى ئارتقان كارۋانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ دەيدۇ .
- ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭمۇ ئەمىلىنى ئۆستۈرگۈدەك ...
_ ھە راست ، سىلەرگە ئېيتىمەن دەپ ئۇنتۇپتىمەن ،- دېدى ئەتىگەن يانتاق ئاقساقالنىڭ ئۆلىمىنى ئوردىغا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بارغان قاراۋۇللارنىڭ بىرى ،-
ئوردىدا بىرەر ئەھۋال بولدىمۇ قانداق؟ ئوردا ئىچى ناھايىتى پاتپاراق كۆرۈنىدۇ .
- ئۇ ئىشلارغا سەن بېشىڭنى قاتتۇرما! دېدى ھېلىقى قېرى قاراۋۇل ،- ئوردا دېگەندە ھەر كۈنى خىلمۇ خىل ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ، ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىشايلى ....
بىر ھەپتىدىن كېيىن يانتاق ئاقساقالنىڭ ئۆلۈم ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئوردىدىن بىر ئەمەلدار چىقتى . دەرۋازىنى ئېچىپ باغقا كىرىپ ھەممە ھەيران بولۇشتى . باغنىڭ ئىچى جىمجىت بولۇپ ، ئوچاقلارنىڭ كۈلى ئاللىبۇرۇن سوۋۇپ كەتكەنىدى . باغ ئىچىدە نە ئاقساقالنىڭ ، نە ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى . قاراۋۇللارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا ھۆپۆپنىڭ سايراشلىرى ، قۇرۇغان شاخ ئۈستىدە ئولتۇرغان پاختەكنىڭ گۇگۇلداشلىرى جاۋاپ بولدى . قاراۋۇللار تۆت تەرەپكە تارقىلىپ ، بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغىچە قويماي ئىزدەپ باغنىڭ ئىچىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى . ئاقساقال ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قانات ياساپ ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندەكلا غايىپ بولغانىدى .
_ بۇ نىمە گەپ ؟ - دېدى ياڭاق دەرىخى يېنىدىكى تام تۆشۈكىنى كۆرگەن ئەمەلدار.
_ بۇ ، بۇ ..._ دەپ دۇدۇقلىدى نەتچە كۈندىن بېرى تامنىڭ شۇ تەرىپىنى كۆزەت قىلغان قاراۋۇل ،_ مەن بۇ يەردىن نەتچە ئۆتكەن ، بۇ تۆشۈكنى تېخى باغقا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچمىكىن دەپتىكەنمەن .
قارس قىلىپ تەگكەن بىر كاچات بىلەن ھېلىقى قاراۋۇل ئارقىسىغا ئۇچۇپ چۈشتى .
_ ھوي نان يېمەسلەر، سەنلەر بۇ يەردە ئۇخلاپ يېتىشىپسەن ، ئۇلار تامنى تېشىپ قېچىپتۇ ... قېچىپتۇ ؟ _ دەپ ئۆز ئۆزىگە سۇئال قويۇپ ئويلىنىپ قالدى ئەمەلدار ،_ باشقىلارغۇ تام تېشىپ قېچىپ كەتسۇن ، ئاقساقالنىڭ ئۆلۈكىمۇ بىللە قېچىپ چىقىپ كېتەمدۇ ؟...سىلەر ئاقساقالنى ئۆلدى دەپ مەلۇم قىلغان ئەمەسمىدىڭلار؟!
_ توغرا ، ئۇ ئۆلگەنىدى .
_ ئۆلگەن بولسا ئۇنىڭ ئۆلۈكى قېنى ؟...زادى ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى كىم كۆرگەن ؟ سەن كۆرگەنمۇ ؟
ئەمەلدارلار قاراۋۇللار باشلىقىغا تىكىلدى .
_ بىزدە باغقا كىرىش ھوقوقى يوق ئىدى ،_ دەپ ئېتىراز بىلدۈردى قاراۋۇللار باشلىقى ،- شۇ كۈنى ئەتىگەندە باغ ئىچىدە يىغا زار قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى . بىز نىمە ۋەقەبولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن خاس خادىمنى كىرگۈزدۇق . ئارىمىزدا شۇنىڭغىلا باغقا كىرىش چىقىش ھوقوقى بېرىلگەن . ئۇ بىزگە ئاقساقالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى . بىز بۇ خەۋەرنى قائىدە بويىچە دەرھال ئوردىغا يەتكۈزدۇق .
بۇ گەپ بىلەن ھېلىقى بىچارە كېكەچ بالاغا قالدى . ئەمەلدار كېكەچنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ سىلكىشتۈرۈپ تۇرۇپ سورىدى ؛
_ ئېيتە سەن زادى ئاقساقالنىڭ ئۆلگىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەنمۇ ؟ ئۇ نىمە بولۇپ ئۆلگەنىكەن ؟ قانداق ئۆلۈپتۇ ؟ سەن كىرگەندە ئۇنىڭ بالىلىرى نىمە قىلىۋاتقانىكەن ؟
كېكەچ كانىيىدىن چۈشىنىكسىز تاۋۇشلارنى چىقىرىپ قوللىرىنى شەرەتلەپ تىپىرلاپ كەتتى .
- بۇ نىمە دەيدۇ ؟ _ دەپ ئەتىراپىغا قارىدى ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن ئەمەلدار.
-ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن ، دەيدۇ .
- بەلكىم ئۇ شۇچاغدا يالغاندىن ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالغاندۇر. ئۇلارنى قەيەردىن بولسۇن ئىزدەپ تېپىڭلار !
历史上的今天:
قۇم باسقان شەھەر(15) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(14) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(13) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(12) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(11) 2010-06-16
收藏到:Del.icio.us