• قۇم باسقان شەھەر(5)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66139062.html


    «بىغەملەر شەھىرى»دە جەڭ



      شۇنداق بىر قوشۇننىڭ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئاللىبۇرۇن «بىغەملەر شەھىرى»گە يېتىپ بولغانىدى . ئەلۋەتتە مۇنداق خەۋەرلەرنى ئالدى بىلەن ھېلىقى چۆلنىڭ ئوغرى يوللىرىدا شەيتاندەك ھەركەتلىنىپ يۈرىدىغان سودىگەرلەر يەتكۈزۈپ بولاتتى . شۇ تاپتا ئادەملەر شەھەر سىرتىغا توپلانغان بولۇپ ، بۇ كىشىلەرنى شەھەرنىڭ چوڭ ئاقساقىلى _ يانتاق ئاقساقال تەشكىللەپ يۈرەتتى .
       _ ھاي كۆمۈرچىلەر ، سىلەر مانا ماۋۇ سەپكە ، باققاللار ، ئاۋۇ تەرەپكە ......ھەي سېلىم باپكار سەن قاياققا قاراپ تۇرىسەن ؟ جەڭ مانا ماۋۇ ئارقاڭدىكى مەيداندا بولماقچى .........خۇدايا توۋا، ھوي خوتۇنلار ، سىلەرگە بۇ يەردە نىمە بار ؟ بۇ يەردە توي ئەمەس جەڭ بولماقچى ، جەڭ . قېنى ھېچبولمىغاندا ئارقىغىراق سىلجىڭلار ._دەپ ۋارقىرايتى ئاقساقال كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ .
      _ مانا بۇ تالىپلارنىچۇ ، ئۇلارنى قەيەرگە قويىمىز ؟_ دەپ سورايتى ئالدىراشچىلىقتا بېشىدىكى سەللىسى بىر تەرەپكە قىيسىيىپ كەتكەن خەلىپەت .
      _ خەلپىتىم ، سېنىڭ بۇ تالىپلىرىڭ نىمانداق ھاڭۋېقىپ قىز چوكانلار تەرەپكىلا قاراپ تۇرىدۇ ؟ ئۇلارنى ئاۋۇ مىسگەرلەرنىڭ قاتارىغا باشلا ....ھاي، ئۇياققا دېمىدىم ، مانا بۇياققا .........
        بۇ ئادەملەرنىڭ چىرايى ، يۈرۈش تۇرۇشىدىن جەڭگە ئەمەس ، كۆڭۈللك بىر سەيلىگە چىقىشقاندەك كۆرۈنەتتى . ناغرا دۇمباق چالغۇچىلار ھەۋەس بىلەن چوكا ئۇراتتى . كارناي سونايچىلار قوۋزىنى بولۇشىغا كۆپتۈرۈپ قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق ئاۋازدا چىرقىرىشاتتى . ئۇششاق بالىلار ھەر تەرەپكە قاراپ يۈگۈرشەتتى .
    خۇددي بۇ يەردە بىرەر مەرىكە بولىۋاتقاندەك يىمەك ئىچمەك ، ئۇسسۇلۇق ساتقۇچىلارمۇ توپنىڭ بىر چېتىگە ئۆز يايمىلىرىنى يېيىپ ئۈلگۈرگەنىدى . بۇ ئالاماننى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئۆزى بىر گەپ ئىدى . تۆمۈرچىنىڭ قولىدا بولقا ، دېھقاننىڭ قولىدا ئارا ، ياغاچچىنىڭ قولىدا توقماق ......ئىشقىلىپ ھەركىم قولىغا چىققان نەرسىنى كۆتۈرۈپ بۇ مەيدانغا كەلگەنىدى . ئۇلار ھە دەپ بىر بىرى بىلەن چاقچاقلىشاتتى .
       _ھەي سەپەر بايۋەتچە ،_دەپ ۋارقىرىدى ئويناقشىپ تۇرغان بىر ئارغىماقنى مىنىۋالغان سودىگەرگە قاراپ بىرى ،_ياخشى ئېتىڭنى مىنىپ چىققىنىڭغا قارىغاندا بۇ يەردە بەيگە بولىدۇ ،دەپ قالغان ئوخشىمامسەن ؟
       _ كۆرىسەن ،_ دېدى سودىگەر ،_ ھېلى جەڭ باشلانغاندا مەن ئېتىمنى چاپتۇرۇپ ھەممىڭنىڭ ئالدىدا بولىمەن .
      _ ھەيتاڭەي ،_ دېدى يەنە بىرەيلەن ، _ پايدىسىغا كېلىپ قالسا ئېتىڭنى دۈشمەنگە سېتىۋېتىپلا قايتامسەنكىن ...........
       _ ھەي ساتىراش ئۇستام ،_ دەپ چېقىشاتتى قاۋۇل بىر تۆمۈرچى ئۇستىرسىنى تۇتۇپ كۈلكىلىك ھالەتتە تۇرغان ئورۇق ساتىراشقا قاراپ (ئۇ « بىغەملەر شەھىرىدىكى ئۇستا ساتىراشلارنىڭ بىرى ئىدى ) ،_ سەن بۇ ئۇستۇراڭ بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ ساقال بۇرتىنى پاكىز ئېلىپ خىزمەت كۆرسەتمەكچىمۇ سەن ؟
      _ قارا ، سەن ئۇلارنى تۇتۇپ يىقىتىسەن ،_ دېدى ساتىراش ،_ مەن يىقىلغانلارنىڭ پېيىنى بىر بىرلەپ كېسىپ تاشلايمەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىنچىلەپ ئورنىدىن قوپالمايدۇ .
       _ يىقىتقان ئادەم ئۇنى ئۆزى ئورنىدىن قوپالماس قىلىۋېتەلمەمدىكەن ؟ _ دەپ كۈلدى باشقىلار .
       _ ئۇنىڭغا قارىغاندا كاپلىغۇچۇڭ ياخشىراق ئىدى ،_ دېدى ساتىراشقا يەنە بىرەيلەن ، _ كاپلىغۇچۇڭ بىلەن ھەر قانداق دۈشمەننىڭ قۇلاق تۈۋىگە ئەپلەپ تۇرۇپ بىرنى سالىدىغان بولساڭ ، تىك چۈشمىسە مانا مەن .
       شۇ ئارىدا بۇ يەرگە ساقال بۇرتلىرى ھەر خىل رەڭدە بويالغان بىر بوياقچى كېلىپ قالدى .
      _ ئەمدى بۇ نېمەڭ ؟_ دەپ ھەيران بولۇپ سوراشتى كىشىلەر ئۇنىڭ قولىدىكى خالتىغا قاراپ .
      _ بۇنىڭ ئىچىدە ھېندىستاننىڭ تاش بويىقى بار ، _ دېدى بوياقچى جىددىي ھالدا قولىدىكى خالتىنى شەرەتلەپ .
      _ نىمە ، سەن دۈشمەننىڭ ساقال بۇرتلىرىنىمۇ ئۆزۈڭنىڭكىگە ئوخشاش بوياپ چىقماقچىمۇ ؟  
      _ بۇ بوياق ،_دەپ چۈشەندۈردى بوياقچى ، _ ئىنتايىن زەھەرلىك ، مەن ئۇنى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ كۆزىگىلا چاچىمەن ، ئۇ كۆزىنى ئاچالماي تىپىرلاپ قالىدۇ _ دە ، قالغان ئىشنى سىلەر ئەپلەيسىلەر .
       _ ھەي ، مەن نېمىشقا ئۆزەمنىڭ يىلىملىرىنى ئۇنتۇپ قالدىم _ھە. _ دەپ ئەپسۇسلاندى بىر يىلىمچى ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن ئاچچىق يىلىم پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى ، _ ئەگەر ياسىغان يىلىملىرىمنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە بىرلا سۈرتىۋېتىدىغان بولسام ، كۆزى تۇرماق ئاغىزىنىمۇ ئاچالماي قالاتتى ....
      _ قاراڭلار ، قاراڭلار ، ئاۋۇ نىمە كارامەت ؟ _دەپ ۋارقىرىدى تاۋۇز تىلىدىغان يوغان قىڭرىقىنى كۆتۈرىۋالغان باققال .  
       كىشىلەر ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراشتى . ئۇ يەردە بىر موزدوز ئامبۇر بولقىلىرىنى ئىككى قولدا تۇتۇپ ، ياغاچ قىېلىپلىرىنى بوينىغا ئېسىپ چىقىپ كېلىۋاتاتتى . موزدوزنىڭ غەلىتە سىياقىغا قاراپ ھەممە قېتىپ كۈلۈشتى .
      _ ھاي موزدوز ئۇستام ، سەن ھەممە جابدۇقلىرىڭنى بوينۇڭغا ئېسىپ ، دۇكىنىڭنى كۆچۈرۈپلا چىقتىڭمۇ نىمە ؟ ......
       يانتاق ئاقساقال كىشىلەر توپى ئىچىدىن جاھانكەزدى سۈپۈرگىنى تەستە  ئىزدەپ تاپتى . _ دە ، ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ :
       _ ھۆرمەتلىك سۈپۈرگە ، سەن جاھان كەزگەن ، كۆپنى كۆرگەن ئادەمسەن ، ئاڭلىسام ،لەشكەرلەر يېقىن ئارىغا يېتىپ كېلىپ چىدىر تىكىپ توختاپتۇ . سەن شەھەر خەلقى ئۈچۈن ئەلچى بولۇپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئاتامانى بىلەن كۆرۈشۈپ ، زادى نىمە غەرەز بىلەن كەلگىنىنى ئۇقۇپ باقساڭ ،  _ دېدى .
      سۈپۈرگە سۈر ئېشىگىنى مىنىپ ، كىشىلەر توپىدىن ئايرىلىپ ، لەشكەرلەر تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئارقىدىن خالايىقنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى .
       _ ھاي كۆپچىلىك قاراڭلار ، بىزنىڭ سۈپۈرگە يەنە سەپەرگە چىقتىمۇ قانداق ؟
       _ ھاي سۈپۈرگە ئارقىڭغا قايت ، ھازىر جاھان كېزىدىغان ۋاقىت ئەمەس .
       _ قاراڭلار ، بىزنىڭ سۈپۈرگە بىرىنجى بولۇپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئوخشايدۇ . ....
       سۈپۈرگە چارلىغۇچى لەشكەرلەر بىلەن ئۇچىراشقانىدى . لەشكەرلەر ئۇنى قوشۇن بارىگاھ تىككەن ئورۇنغا باشلاپ كەلدى . بۇ يەردە چاقى سۇنغان ھارۋىلار ، ئېگەر جابدۇق ، يىرتىلغان توقۇملار چېچىلىپ ياتاتتى . چىدىرلار ئەتىراپىغا قازان ئېسىلغان بولۇپ ، ئۇ يەر بۇ يەردە ئاشپەزلەر ئالدىراش ھەركەتلەنمەكتە ئىدى .
    چارچىغان ئاتلار ئېغىر پۇشۇلدايتى . لەشكەرلەر چىدىرلارنىڭ سايىسىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۈگىدەيتى . ... سۈپۈرگىنى لەشكەرلەر شالاڭ ساقال لەشكەر بېشى ئولتۇرغان چېدىرنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى . چىدىر ئالدىدا تۇرغان قاراۋۇللار سۈپۈرگىنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ ، ئۇنىڭدا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بىرەر قورالنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ چىدىر ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى . چىدىرنىڭ تۆرىدە يانپاشلاپ ياتقان شالاڭ ساقال بېشىنى كۆتۈرۈپ
    سۈپۈرگىگە قارىدى . ئۈستىگە كونىرىغان يەكتەك ، پۇتىغا يىنىك كەشە كىيىپ ، بېلىنى پوتا بىلەن مەھكەم باغلىۋالغان سۈپۈرگە قارىماققا شۇ زاماننىڭ قانداقتۇر بىر دەرۋىش ياكى سېھرىگەرلىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى .
       _ نىمە ئادەمسەن ؟ _ دەپ سورىدى شالاڭ ساقال .
      _ « بىغەملەر شەھىرى»نىڭ ئەلچىسىمەن . _ دېدى سۈپۈرگە
      _ ئەلچى ؟ _ شالاڭ ساقال روسلىنىپ ئولتۇردى ، _ ئەلچى بولساڭ مانا بۇ يەردە ئولتۇر .
       سۈپۈرگە ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ چىرايىنى نەدىدۇر كۆرگەندەك قىلغانلىقىنى ئەسكە ئالدى .
       _ ھۆرمەتلىك لەشكەر باشلىقى ، _ دېدى سۈپۈرگە شالاڭ ساقال كۆرسەتكەن ئورۇنغا جايلىشىپ ئولتۇرۇپ ، _ خاتا تونىمىغان بولسام ، ئىككىمىز ئىلگىرى بىر يەردە ئۇچىراشقانغۇ دەيمەن .؟
      _ قاچان ؟ ......قەيەردە ؟ _ دەپ ھەيران بولدى شالاڭ ساقال .
      _ سەن بىر چاغلاردا بىزنىڭ شەھىرىمىزدە مېھمان بولغان ، بىر قانچە ئادەملىرىڭ بىلەن مېنى ۋارقىراپ توختىتىۋېلىپ ، قانداقتۇر بىر بالا كۆتۈرگەن ئايال ، بوۋاق شاھزادە توغرىسىدا سۇئاللارنى سورىغان ئەمەسمىدىڭ ؟....._ ھۆرمەتلىك لەشكەر باشلىقى ، ئەمدى سەن شۇنچىۋالا قوشۇننى باشلاپ كېلىپ نىمە قىلماقچى ؟
       شالاڭ ساقال ئالدىدىكى سۈپۈرگىنى ئېسىگە ئالدى ۋە بىر ئاز ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى .
       _ ئۆزۈڭ بىلىسەن ، _ دېدى شالاڭ ساقال ، _ مەن بىر لەشكەرمەن ، شاھنىڭ ئەمىرىنى ئىجراقىلماي ئىلاجىم يوق ، ...سىلەر تەرەپتە داقا دۇمباق چېلىنىپ نىمە ئالامەت بولىۋاتىدۇ. ؟
       _ شەھەرنىڭ پۇقرالىرى سېنىڭ قوشۇن باشلاپ كەلگەنلىكىڭدىن خەۋەر تېپىپ شەھەر سىرتىغا توپلاندى ، نىمە قىلماقچىسەن ، مەقسىدىڭنى ئوچۇق ئېيت ، ئۆزۈڭگە مەلۇم ، سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرغىنى ئاجايىپ بىر شەھەر ، بۇ شەھەرنىڭ سېپىلىمۇ ، لەشكەرلىرىمۇ يوق ، ئۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن سودىگەرلەر كېلىپ چۈشۈپ ئۆتىدۇ . ئاق نىيەت بىلەن كەلگەنلەرگە داستىخىنىمىز يېيىقلىق ، .......مەن ئويلايمەنكى ، مۇنداق مۇداپىيىسىز شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ھېچقانداق بىر شاھقا شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ . يولنى ئۆزۈڭ تاللا ، مېھمان بولۇپ كەلگەن بولساڭ ، شەھەر خەلقى كۈلۈپ قارشى ئالىدۇ . ئۇرۇشماقچى بولساڭ ، ئۆلۈپ تۈگىگىچە جان تىكىپ ئېلىشىدۇ .
       سۈپۈرگىنىڭ سۆزلىرى شالاڭ ساقالنى ئويلاندۇرۇپ قويدى ، ئۇ سۈپۈرگىنى چىقىرىۋېتىپ ، يېنىدىكىلەر بىلەن مەسلەھەتلەشتى .  
       _ بۇ شەھەرنى ئۇرۇشۇپ ئالغان تەقدىردىمۇ ،_ دەپ مەسلەھەت كۆرسەتتى بىر مەسلەھەتچى ئۇنۇڭغا ، _ مۇنداق يىراقتىكى شەھەرنى لەشكەرلەقويۇپ ئۇزۇن يىل ساقلاپ قالماقنىڭ ئۆزى بىر گەپ .
       _ شۇنداق  _ دېدى يەنە بىرى ، _ ھازىر لەشكەرلەر ھاردى ، ھالسىزلاندى ، مۇبادا بۇ يەردىكى تاياق توخماق تۇتقان خەلىق بىلەن ئۇرۇشۇپ يېڭىلىپ قالساق بۇنۇڭدىن ئېغىر شەرمەندىچىلىك يوق . ياخشىسى ئىشىنى چىرايلىق ھەل قىلغان تۈزۈك ..........
       ئۇلار ئۇزاق مەسلەھەتلەشكەندىن كېيىن ، سۈپۈرگىنى قايتا چارقىرىشتى .
      _ سەن شەھەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە ئېيت ، _ دېدى لەشكەر بېشى شالاڭ ساقاللىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ، _ ئۇرۇشنى خالىمىساڭلار بىزنىڭ شەرتىمىزمۇ ئېغىر ئەمەس ، شەھەر بىزنىڭ « قۇياشتىن ئۇلۇغ شاھ»نىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتىدۇ . بىز ئۇنى ئۆز شەھىرىمىز قاتارىدا تىزىمغا ئالىمىز . شەھەرگە بىزدىن ھاكىم قويۇلىدۇ .
       ئاقساقاللار شۇ ھاكىمنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلىدۇ . پۇقرالار ھەر يىلى پادىشاھلىققا ئولپان سېلىق تاپشۇرىدۇ . بۇ شەرتلەرگە كۆنمىسەڭلار قانلىق جەڭ بولىدۇ .

      سۈپۈرگىنىڭ ئەكەلگەن خەۋىرى شەھەر خەلقىنى غۇلغۇلىغا سېلىپ قويدى . ئۇرۇش دىگەننىڭ نىمىلىكىنى كۆرمىگەن ، ئۇرۇش توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى پەقەت جەڭنامىلەردىلا ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ قىززىقچىلىقتا بىر ئۇرۇشۇپ باققىسى بار ئىدى . شەھەر ئاقساقاللىرى سەل ئويلىنىپراق ئىش قىلماقچى بولۇپ ، ھەر قايسى يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە شەھەرنىڭ بايلىرىنى يىغىپ كېڭەش ئۆتكۈزدى . سودىگەرلەر بۇ ئىشنىڭ پايدا زىيىنى ئۈستىدە ھېساب قىلىشىپ ، ئۇرۇش قىلىشتىن پۈتۈنلەي يالتيىشتى .
      _ ئەگەر بۇ يەردە قانلىق جەڭ بولسا،_ دەپ مۇلاھىزە قىلاتتى بىر سودىگەر ،_ شەھىرىمىزگە سودا ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن كېلپ كېتىپ تۇرىدىغان كارۋانلارمۇ توختايدۇ . تىجارىتىمىز ئۆلىدۇ .
       _ ئۇ چاغدا سېنىڭ شەھەر  سىرتىغا يېڭىدىن سالغان ئۆي ئىمارەت ، قىلغان باغلىرىڭمۇ ۋەيران بولىدۇ ،_ دېدى بىرى .
      _ سېىنىڭ ئۈچىنچى خوتۇنۇڭنىڭ ئۈستىگە ئالماقچى بولىۋاتقان تۆتىنچى خوتۇنۇڭنىڭ ئىشىمۇ سۇغا چىلىشىدۇ . ؟_ دېدى يەنە بىرەيلەن .
      _ لەشكەر يېتىپ كەلسە ئالدى بىلەن سېنىڭ چىرايلىق خوتۇنلىرىڭغا ، ھېلىقى ماختاپ ھالىڭ قالمايدىغان داڭلىق ئاتلىرىڭغا كۆزى چۈشۈشى تۇرغانلا گەپ . .........
      _ ھەي مېنىڭ سارايدىكى ماللىرىم نىمە بولۇپ كېتەر ؟ _ دەپ ھەسرەت چەكتى بىرى ئېغىر پۇشۇلداپ .
      كىملەردۇر بىرى بارماقلىرى بىلەن بولىدىغان زىياننى ھېسابلاپ ئاخىرىغا چىقىرالماي ئاۋارىچىلىكتە ئىدى . يەنە بەزىلەر بولسا زادى قانداق قىلىش لازىملىقىغا ئەقلىنى يەتكۈزەلمەي ھاڭۋاققىنىچە چەكچىيىپ ئولتۇراتتى .
      _ ياخشىسى ئۇراش قىلمايلى _ دېيىشتى سودىگەرلەر ئاخىرىدا ، يانتاق ئاقساقالمۇ ئويلىنىپ ،
      _ نارسىدىلەر ، مەزلۇملارغا ئۇۋال بولمىسۇن ، شەھىرىمىزدە قان تۆكۈلمىسۇن ،_دېدى .
      _ ئولپان سېىلىق دېگىنى زادى نىمىسى ؟_ دەپ سورىدى بىرى چۈشەنمەي .
      _ ئولپان سېلىق دېگىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھىغا بىز ھەر يىلى قىلغان ئىش ئوقىتىمىزدىن پۇل تاپشۇرغۇدەكمىز،
      _ خۇداياتوۋا ، مۇنداقمۇ ئۇششۇقلۇق بولىدىكەن ھە.  
       _ ئۇرۇش قىلىمىز دېسەك زىيان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ _ دە،
      _ ئۇرۇش قىلمايلى ، _ دېيشتى باشقا مۆتىۋەرلەرمۇ ،_ ئۇلار شەھىرىمىزنى ئۆزىنىڭ شەھىرىگە قوشۇپ تىزىملىۋالسا تىزىملىۋالمامدۇ ، ئۇنىڭ كارى قانچىلىكتى .
        _ شۇنداق بولسۇن ،_ دېيىشتى سودىگەرلەرمۇ ، _ ئازغىنە ئولپان سېلىق بېرىپ ، شاھنىڭ ئەۋەتكەن ھاكىمى بىلەن لەشكەرلىرىنىڭ قورسىقىنى باقساق باقارمىز . ئۇنىڭسىزمۇ شەھىرىمىزگە ھەر كۈنى كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان مۇساپىرلار ئازمىدى .....
      شۇنىڭ بىلەن ، « بىغەملەر شەھىرى» ئاسمىنىدا پەيدا بولغان قارا بۇلۇت ھېچقانداق بوران چاپقۇن چىقارمايلا ئۆتۈپ كەتكەندەك بولدى . شەھەر ئاقساقاللىرى ھارغان لەشكەرلەرنى دوستانىلىك بىلەن شەھەرگە باشلاپ كىردى . شالاڭ ساقال قاتارلىق بىر قانچە لەشكەر باشلىقلىرى ئاقساقال يانتاقنىڭ ئۆيىدە زىياپەتتە ئولتۇردى . قالغان لەشكەرلەر شەھەرنىڭ ئادەتتە بازار بولىدىغان چوڭ مەيدانىدا ئۆي ئۆيلەردىن ئەكىلىنگەن كىگىز گىلەملەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تويۇپ تاماقلاندى .
      شالاڭ ساقال يول بويى ئۆز لەشكەرلىرىگە « بىغەملەر شەھىرى» دىكى چېچىلىپ تۇرغان بايلىق ، ناخشىچى قىزلار ، ئۇسۇلچى نازىنلار توغرىسىدا سۆزلەپ ئۇلارنى روھلاندۇرۇپ كەلگەنىدى. لەشكەرلەر قورسىقى تويۇپ ، ھاردۇقى چىققاندىن كېيىن ، بايلىق ۋە ھېلىقى ۋەدە قىلغان گۈزەللەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىغا قاراپ ئىچى پۇشۇشقا باشلىدى . كۈن ئولتۇرۇپ ، بارغانسىرى قاراڭغۇ چۈشمەكتە ئىدى . ھەر بىر لەشكەرنىڭ كاللىسىدا :« ھەقاچان ،
    لەشكەر باشلىقلىرى بىر يەردە چىرايلىق خېىنىملار بىلەن پەيزى قىلىپ ، يانچۇقلىرىنى ئالتۇن كۈمۈشلەر بىلەن پومپايتىۋاتىدۇ . ئەتىلا بىزنى بۇ يەردىن قۇرۇق قول قايتۇرۇپ ماڭىدۇ . ھەر كىم ئۆزىنىڭ غېمىنى ئۆزى قىلىشى كېرەك .....» دىگەن خىياللار ئەگىپ يۈرەتتى . ئۇزاق مەزگىل خوتۇن يۈزى كۆرمىگەن بۇ لەشكەرلەرنى ئاياللار بىلەن يېقىنلىشىشقا بولغان تەقەززارلىق ھەممىدىنمۇ بەكرەك بىئارام قىلماقتا ئىدى .
      لەشكەرلەرنىڭ ئىچىدىكى مەرتىۋىسى سەل چوڭراق ئىككىسى بىر بىرى بىلەن ئاستا پىچىرلىشىپ كۆز قىسىشتى _ دە، ئەتىراپ قاراڭغۇ بولىشى بىلەن ، ئاستا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ، تار كوچىلارنىڭ بىرىگە كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولۇشتى . بۇ ئىككى لەشكەرنىڭ ئۇرۇق كەلگەن بىرى پىشايۋانلىق بىر ھويلىغا تەۋەككۈل قىلىپ كىردى . پىشايۋان ئۈستىدىكى ياسىداق ئۆيلەرنىڭ بىرىدە چىراغ يورۇپ تۇراتتى . ئاياللار لەشكەر ئىززەت بىلەن تۆرگە ئۆتكۈزۈپ ئاستىغا كۆرپە سالدى . شاراپ چىلىم كەلتۈردى . ئۇرۇق لەشكەر شارابنى يېتەرلىك ئىچىپ چىلىم تارتتى . چىلىمنىڭ سەيخانىسىدىن كۆتۈرۈلگەن ياپيېشىل ئىش تاملاردىكى گىلەملەر ۋە ئۆينىڭ گۈللۈك تورۇسلىرىدا قۇيۇق بۇلۇت ھاسىل قىلىپ ئەگىيتى . لەشكەر خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى بىر بىردىن چىرايلىق  بۇ خوتۇنلاردىن ئۈزەلمەيتى .

    ئاياللارنىڭ بىرى ساز چالماقتا يەنە بىرى تولغۇنۇپ ئۇسۇل ئوينىماقتا ئىدى . ئۈچىنچىسى چىلىم راسلاپ ، شاراپ قۇيۇپ ئۇنى كۈتمەكتە ئىدى . لەشكەر ئورنىدىن تۇرۇپ ، خوتۇنلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى شۇنچە خالايتى . نىمىشقىدۇر بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ ، يەرگە چاپلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇرالمايتى . لەشكەرنىڭ كۆز ئالدىغا يېشىل يۇپۇرماقلار ، كېچىنى بىزەپ تۇرغان يۇلتۇز ، بۇلۇتلار ئارىسىدىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاي . توپىلىق يوللارغا چۈشكەن دەرەخ كۆلەڭگىلىرى كېلەتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يات شەھەرگە نىمىشقا ، نىمە مەقسەتتە كېلىپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى . بارا بارا كۆز ئالدىدىكى ھەممە نېمە خىرەلەشمەكتە ئىدى . ئاخرىدا ئۇ بۇ دۇنيانى تاشلاپ ، قانداقتۇر بىر غايىۋى ئالەم ، خىيالى تۇيغۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك بولدى ،_ دە ، كۆزلىرى يۇمۇلدى . ئاياللار بۇ لەشكەرنى زەھەرلەپ قويۇشقانىدى .
      لەشكەرنىڭ ئىككىنچىسى سېمىزلىكتىن تىقىلىپ ، قورساقلىق كۈپكىلا ئوخشاپ قالغان ئادەم ئىدى . ئۇ ئۆزى ھاسىراپ ھۆمىدەپ ئۈسۈپ كىرگەن ئۆيدىمۇ ئۇرۇق بۇرادىرىنىڭكىدەك قىزغىن كۈتىۋېلىنغانىدى . بۇ ئۆيدە ئىككى ساھىبجامال چوكان بولۇپ ، ئۇلار سودا ئىشى بىلەن يىراققا كېتىپ قالغان سودىگەرنىڭ خوتۇنلىرى ئىدى . ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغان خوتۇنلار لەشكەرلەرنى ئوبدان مىھمان قىلدى . مەست بولۇپ كۆزلىرى خۇمارلاشقان لەشكەر خوتۇنلارغا بىللە كۆڭۈل ئېچىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى .
      _ ئىختىيارىڭ _ دېدى خېنىملار ._ سەن مېھمان ، ساھىبخاننىڭ ۋەزىپىسى مېھماننى خوشال قىلىپ كۆڭلىنى ئېلىش . ئەمما بىر شەرتىمىز بار . ئاۋال بىز بىلەن چېلىشقا چۈشىسەن . قايسىمىزنى يىقىتىۋالساڭ ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈڭنى خوش قىلساڭ بولىدۇ  .
       لەشكەرنىڭ سېمىز بەدىنى چېلىشىشقا ئانچە قولىشىپ كەتمەيتى . لېكىن ئۇ : « ئاياللار بىلەن چېلىشقا چۈشۈش قانچىلىك ئىش ئىدى » دەپ ئويلىدى _ دە:
       _ چېلىشسام چېلىشاي ،_ دەپ ئورنىدىن دەلدەڭشىپ تۇردى . قېلىچ ، كەمەرلىرىنى يېشىپ قويۇپ ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا كەلدى .
      ئۇنىڭ بىلەن چېلىشقا چۈشمەكچى بولغان خېنىممۇ يېشىنىپ  يېرىم يالاڭاچ ھالەتكە كەلدى .  ئۇلار بەل ئېلىشىپ بىر بىرنى ئالدى كەينىگە ئىتتىىرەتتى . ئايال سېمىز لەشكەرنىڭ بېلىگە قولىنى يەتكۈزەلمەي گاھ ئۇنىڭ بوينى . گاھ مۆرىسىدىن تۇتۇپ تارتاتتى . چوكاننىڭ يۇمشاق كۆكرەكلىرى لەشكەرگە ئۇرۇلۇپ ، ئاپئاق يوتىلىرى ئۇنىڭغا چىرمىشىپ قالاتتى . لەشكەر ئايالنى بېلىدىن ئوبدان قاماللاپ تۇتىۋالغان بولسىمۇ ، ھەر قانچە قىلىپ ئۇنى يەردىن كۆتۈرىۋالالمىدى .
       _ سەن پۇتۇڭغا تاش ئېسىۋالدىڭمۇ قانداق ياكى بىرەر ئەپسۇن ئوقۇۋاتامسەن ؟ _ دەيتى لەشكەر ھاسىراپ .
      ئاياللار قاقاقلاپ كۈلۈپ ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى .ئاخىر لەشكەر ئايالنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ، ئېغىرلىقى بىلەن ئۇنى بېسىۋالدى . شۇ چاغدا ئىككىنچى ئايال لەشكەرنىڭ تاشلىنىپ تۇرغان قېلىچىنى غىلاپتىن سۇغۇرىۋالدى _دە، بىر ئۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ چۈشۈردى ....
      ھېلىقى ئىككى لەشكەرنىڭ بىر كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگىنىنى كۆرگەن باشقا لەشكەرلەرنىڭ تاقىتى تاق بولۇشقا باشلىدى . ئاخىرى ئۇلار بىر بىرلەپ شەھەر كوچىلىرىغا كىرىپ تارقىلىپ كېتىشتى . قېلىچلىرىنى يالاڭاچلاپ ، ئالدىغا ئۇچىرىغان ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ ، بۇلاڭچىلىقنى باشلىۋەتتى .  شەھەرنىڭ ئىتلىرى بەس بەستە قاۋاپ شەھەرنى چوقانغا تولدۇردى . ھويلا ھويلا ، كوچىلاردىن خوتۇنلارنىڭ ئەنسىز قىيقاسلىرى كۆتۈرۈلدى . شەھەرنىڭ ئەركەكلىرى ئەمدى بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى نىمە بولاركىن ، دەپ لەشكەرلەرنى كۈزۈتۈپ تۇرغانىدى . بىرىنچى ئۆيگە كىرگەن لەشكەرنىڭ بېشىنى تۆمۈرچى بازغىنى بىلەن يانچىپ .
    ئۇنىڭ كۆزىنى گۈرجەكنىڭ يۈزىدەك ياپلاق قىلىپ قويدى . ئىككىنچى ئۆيگە كىرگىنى پاختىچىنىڭ پاختا ئاتىدىغان توخمىقىنى يەپ يىقىلدى . شۇنىڭ بىلەن شەھەر ئىچىدە چاپ چاپ ، ئۇر ئۇر باشلىنىپ كەتتى . ئەتراپقا تارقىلىپ كەتكەن قوشۇن ئۆزىنڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاللىقاچان يوقاتقانىدى . ئۇلار ھەر بىر دوقمۇش ، ھەر بىر كوچىدا ۋايداد سېلىپ يىقىلىشقا باشلىدى . قايسى بىر ئۆيلەردىن ئاياللار ئىشتىنىنىڭ بېغىنى ئېتىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن لەشكەرلەرنى قوغلاپ چىقماقتا ئىدى . ئۇلار ئەسلى ئاياللارنىڭ ئاۋازى چىققان ئۆيگە ئالدىراپ كەتكەنلىكتىن ئىشتىنىنىڭ بېغىنى بوشىتۋېتىپلا كىرىپ كېلىشكەنىدى ........
      لەشكەرلەرنىڭ ھالاكىتى توغرىسىدىكى خەۋەر يانتاق ئاقساقالنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىشى بىلەن ، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى . ئۇلار ئالدىرىغىنىچە قالغان لەشكەرلەرنى يىغىپ ، يانتاق ئاقساقالنى ئۈچ ئوغلى بىلەن باغلاپ گۆرۆگە ئېلىپ  قاچتى .



       ئاز كۈن ئۆتمەيلا شەھەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ئەسلىگە كەلدى ، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ھەقىقەتەنمۇ شۇنىچىلىك بىغەم ئىدىكى ، ئۇلار ئۆز ئىش ئوقەتلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ تېخى يېقىندىلا بۇ يەردە بولغان مالىمانچىلىقنى ، يوقىلىپ كەتكەن يانتاق ئاقساقالنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشتى . شەھەر مەيدانلىرى ئىلگىركىدەكلا سودا سېتىق بىلەن قىززىپ تۇراتتى . ھەر كۈنى يەنە بەزمىچىلەرنىڭ نەغمىلىرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلاتتى . نەغمە ناۋالار ئىچىدە ئۇسۇلچىلار
    ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپكە تاشلىشاتتى . ھاپىزلار ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا تۈگىمەس ناخشىلىرىنى توۋلايتى . كىشىنى مەست قىلىدىغان بۇ شاۋقۇن ئىچىدە دۈشمەن نېمە ، جەڭ نېمە ، ھايات نېمە ، مامات نېمە ؟........ھەممىسى ئۇنتۇلاتتى .
        « بىغەملەر شەھىرى» دىن قېچىپ چىققان لەشكەرلەر يانتاق ئاقساقالنى ئۈچ ئوغلى بىلەن قوشۇپ ، « قۇياشتىن ئۇلۇغ شاھ»نىڭ پايتەختىگە يالاپ كېلىشتى .
    شالاڭ ساقال لەشكەر بېشى يېتىپ كەلگەن كۈنىلا ئۆزىنى ئازىراق تۈزەشتۈرۈپ ئوردىغا باردى ۋە دەرھاللا شاھنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى . لەشكەر بېشى «بىغەملەر شەھىرى» دە بولغان ئىشلارنى شاھقا قايسى تەرىقىدە بايان قىلدى ، شاھ ئۇنىڭغا نىمە دېدى ، بۇ تەرىپى كىشىلەرگە قاراڭغۇ ، ئەمما ئوردىدا : خان لەشكەرلىرىنىڭ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىپ يىراقتىكى « بىغەملەر شەھىرى » دەيدىغان ئاجايىپ بىر شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى ، شەھەر ئۆزىنىڭ
    ئەتىراپىدىكى كەڭ زىمىنى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلىكى ، غەلبە نىشانى ئۈچۈن يېڭىلگەن شەھەرنىڭ چوڭ ئاقساقىلى پايتەختكە يالاپ كېلىنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى .
       ئىككىنچى يىلى « بىغەملەر شەھىرى» گە چىرايىدىن مۇغەمبەر كۈلكىسى كەتمەيدىغان ، ياۋاش يۇمشاق ھاكىمدىن بىرنى ئەۋەتتى . يېڭى ھاكىم بىر مۇنچە ياساۋۇل ۋە قوغدىغۇچىلىرىنى ئېلىپ ، ھېچقانداق داغدۇغىسىزلا شەھەرگە يېتىپ كېلىپ ، شەھەر چېتىدىكى بىر سارايغا ئورۇنلاشتى . يەنە بىر ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شەھەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىنى يىغىپ ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىدىن بەرگەن يارلىقنى كۆرسەتتى . بۇ يارلىققا يانتاق ئاقساقالنىڭ بىر پارچە خېتىمۇ قوشۇمچە قىلىنغاندى ، ئاقساقال ئۆزىنىڭ بۇ شەخسىي مەكتۇپىدا پايتەخىتتە « قۇياشتىن ئۇلۇغ شاھ» نىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولۇپ ناھايىتى ئوبدان تۇرىۋاتقانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ، شەھەرنى باشقۇرۇشقا يېڭى ھاكىم تەيىنلىگەنلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ياساۋۇللار ئەۋەتىلگەنلىكى ، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ يېڭى ھاكىمغا بوي سۇنۇپ ، ئۇلارنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئولپان سېلىقلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى لازىملىقى ھەققىدە يازغان ۋە خەتنىڭ ئاخىرسىغا ئۆزىنىڭ شەھەر مۆتىۋەرلىرىگە تونۇش مۆھۈرىنى باسقانىدى . بۇ خەتكە يانتاق ئاقساقالنىڭ مۆھىرى قانداق مەجبۇرلاشلار ئاستىدا بېسىلغانلىقى نامەلۇم ئىدى . شەھەر مۆتىۋەرلىرىنىڭ كۆڭلىدىن بىر گۇمان كەچكەن بولسىمۇ يانتاق ئاقساقالنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ،  يېڭى ھاكىم ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى ۋاقىتلىق تۇرغان ئورنىدىن يۆتكەپ ، شەھەر ئىچىدىكى بىر كاتتا قوروغا ئورۇنلاشتۇردى .
         شەھەر پۇقرالىرى يېڭى ھاكىم ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگىمۇ خۇددى بۇ شەھەرگە ھەر كۈنى كىلىپ كېتىپ تۇرىدىغان ئۆتكۈنچىلەر ، ياقا يۇرتلاردىن كېلىپ پاناھلىنىۋاتقان مۇساپىرلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى . قىلىدىغان ئىشى بولمىغانلىقتىن لەشكەرلەر ھەر كۈنى بىكارچىلىقتىن بازار ئارلاپ ، قىززىقچىلىق كۆرۈپ يۈرىشەتتى . چۈنكى بۇ يەردە خەلىقنى تەرتىپكە چاقىرىشنىڭمۇ ، ئۇلارنى بىرەر ئىشقا تەشكىللەشنىڭمۇ زۆرۆرىيىتى يوق ئىدى . ئۇلار شۇنداق
    لەشكەرسىز ، بەگلەرسىز ياشاپ ئۆگىنىپ كەتكەنىدى . ھەر كىم ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلىۋېرەتتى . بەزىلەر كوچىلاردا ئاندا ساندا ئۇچىراپ تۇرىدىغان لەشكەرلەرنى شەرەتلەپ بىر بىرىدىن سورىشاتتى .:
       _ مۇنۇ بىكارلا لاغايلاپ يۈرگەنلەر كىملەر ئۆزى ؟
       _ كىم دەيدۇ ئەيتاۋۇر ، چوڭ بىر پادىشاھلىقنىڭ لەشكەرلىرىمىش ،
       _ ئۇلار بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
       _ ئەپلەپ سەپلەپ كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ ، قورساق باقىدۇ شۇ ..تىلەمچىلەر بىلەن ئوخشاش .
       _ توۋا مەن ئۆمرۈمدە مۇنداق قېلىچ ئاسقان تىلەمچىلەرنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن .
       ھەر ھالدا بۇ لەشكەرنىڭ ئۆتكەن يىلى بۇ يەرگە كېلىپ شەھەرنى بۇلاڭ تالاڭ قىلماقچى بولۇشقان قارا نىيەتلەر بىلەن بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغانىدى . ئۇلار بۇ  لەشكەرلەرگە يەنە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن چاقچاق قىلاتتى .
        _ ھەي بۇرادەر،_ دەيتى تۆمۈرچى ئالدىغا ئۇچىرىغان لەشكەرنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ ،_ سىلەرنىڭ ھېلىقى چاغدا كەلگەن لەشكەرلىرىڭلارنى قانداق باپلىغىنىمىزنى سەن بىلمەيسەن ھەقاچان ؟ ھاي ھاي ، ئۇ چاغدا ئاجايىپ قىززىقچىلىقلار بولغاندى.
        _ئۇ رەسۋاچىلىقنى سەن ئاڭلىغان بولساڭ بۇ يەرگە ئاياغ باسماس ئىدىڭ ،_ دەيتى ماي كۈپلىرىنىڭ يېنىدا تۇرغان جۇۋازچى ،_ لەشكەر باشلىقلىرىڭ ئىشتىنىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا قارىماي قاچقان .....
    ھاي مۇساپىر ،_ دەپ چاقىراتتى يەنە بىرەيلەن ،_سېنىڭ شاھىڭغا نىمە يېتىشمەي سەن بايقۇشلارنى شۇنچە يىراقتىن بۇ يەرگە ئەۋەتىدۇ ؟ ھە قاچان ، ئۆز يۇرتۇڭدا بالا چاقا، ئۆي ماكانىڭ باردۇر ھە؟
       يېڭى ھاكىمنى شەھەر بايلىرى ھۆرمەت يۈزىسىدىن پات پات مىھمانغا چاقىرىپ ، ئۇنىڭغا سوۋغىلارنى بېرىپ تۇراتتى . بۇ يېڭى ھاكىم چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان ، جاھاننىڭ رەپدارىغا بېقىپ ئىش كۆرۈشنى بىلىدىغان ئادەم ئىدى ، ئۇ « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئۆز شاھى ھۆكۈمرانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، بۇ يەردە بىر ئەمەلدار سۈپىتىدە تۇرۇپ بەرسىلا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى . شۇڭلاشقا ئۇ باشقىلارغىمۇ ئوشۇقچە كاشلا قىلماي ،
    ئۆزىگە پۇختا بولۇپ ، يانچۇقىنى دۇنياغا تولدۇرۇپ جېنىنى بېقىش يولىنى تاللىغانىدى . ئۇ پات پات ئۆز ئىشلىرىدىن پادىشاھقا مەلۇماتنامە يوللاپ تۇراتتى .    « مەن بۇ شەھەرنى مەسچىت ، خانىقالار بىلەن تولدۇرۇپ ، شەھەرنىڭ ئەرزىمەس پۇقرالىرىنى ئۇلۇغ ۋە شەۋكەتلىك شاھىمىز بىلەن ئاللادىن باشقا ھېچكىمنى ياد ئەتمەيدىغان قىلدىم ،_ دەپ يازاتتى ھاكىم پادىشاھقا يوللاپ تۇرىدىغان نۆۋەتتىكى مەكتۇپلىرىنىڭ بىرىدە ،_ ئىماملار ھەر كۈنى نامازلىرىدا ئۆزلىرىگە يۇمشاق پوشكال يېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن < قۇياشتىن ئۇلۇغ شاھ> ىمىزنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختايدىغان بولدى ، ھازىر بۇيەردىكى خانىقا مازارلاردا زىكىرى سۆھبەت ، تەنقىدلەر شۇنچىلىك قىززىپ كېتىۋاتىدۇكى ، ھەر جۈمە كۈنى قانچە ئاشىقلار ئېسىدىن كېتىپ ، ئۇدۇل جەھەننەمگىلا سەپەر قىلىدۇ ، مەسچىتلەردە جامائەت قۇرئاندىكى ھەقىقەتلەر ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىشىپ بىر بىرىنىڭ ياقىسىنى سىقىشىدۇ ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلارنىڭ ئىشلىرىدىن قۇسۇر تېپىشقا ۋاقتىمۇ يوق . كۆڭلى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن تامامەن يىراق .....»
        بۇ ھاكىم بىغەملەر شەھىرىدىن كېتىدىغان چاغدا ئون نەتچە ھارۋىنى ئالتۇن كۆمۈش ، قىممەت باھالىق سوۋغىلار بىلەن تولدۇرۇپ ئىززىتى بىلەن كېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن ئىككىنچى ھاكىم باشقىچىراق چىقىپ قالدى . ئۇ « بىغەملەر شەھىرى» دە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان قائىدە نىزام ، باشباشتاقلىقلارغا زادى چىداپ تۇرالمىدى . « بۇ سودىسى ئېقىپ تۇرغان شۇنچىۋالا چوڭ شەھەر بولسۇنۇ ،پادىشاھلىققا ئولپان سېلىق تاپشۇرمىسۇن ، ئادەملىرى پادىشاھنى تونىمىسۇن ، بۇ قانداق غەلىتە ئىش ھە .....؟» دەپ ئازابلىناتتى .
       ھاكىم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى ئالدىغا چاقىرىتتى .
        _ بۇ شەھەر پادىشاھلىققا ۋاقتى قەرەلىدە ئولپان سېلىق تاپشۇرۇپ تۇرىشى كېرەك ،_ دېدى ھاكىم،_ يەنى مەسىلەن ، ھەر بىر دېھقان ئالغان مول ھوسۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ، كاسىپلار ئۆز كىرىمىنىڭ نەق يېرىمىنى ........
        _ نىمە دېدىڭ ؟ _ دېدى بىرەيلەن ، _ كاسىپلار كىرگەن كىرىمنىڭ يېرىمىنى ساڭا بەرسە ئۆزى نىمە يەيدۇ؟
         _ ئۆزى قالغان يېرىمىنى يەيدۇ ، باشقا شەھەرلەردە تېخى بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تاپشۇرىدۇ . .....سودىگەرلەر ھەركۈنلۈك سودىسىنىڭ يەتتىدىن تۆت قىسىمىنى ،_ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ھاكىم ، گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئولتۇرغان مۆتىۋەرلەرنىڭ ھەممىسى كوتۇلدىشىپ كەتتى . چۈنكى ئۇلار سودا تىجارىتى بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار ئىدى .  
       _ بۇ گەپچە سودىگەرلەر قىلغان كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكىنى تاپشۇرىشى كېرەكمۇ ؟
       _ يەنە ئۇسۇلچى خېنىملار ، سازەندىلەر ، قىممارۋاز ، ئوغرى دىگەنلەرمۇ بار ، ئۇلار تاپقىنىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە بولدۇ ............
       _ ئىمام مەزىن ، تۇل خوتۇن يىتىم ئوغۇل ، دىۋانىلەر قالدىغۇ ؟ _ دېدى بىرەيلەن مەسخىرە ئارلاش كۈلۈپ .
       _ بىكارچىلارچۇ ؟ _ دېدى يەنە بىرى .
        _ شۇنداق ، پادىشاھلىق خەزىنىسىگە سېلىق تاپشۇرمايدىغان بىرمۇ ئادەم قالماسلىقى كېرەك ، _ دېدى ھاكىم ،_ سىلەرنىڭ بۇ ئولپان سېلىقىڭلارنى بىزگە يىغىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىڭلار بار.
        شەھەر مۆتىۋەرلىرى ھەيران بولۇپ بىر بىرىگە قاراشتى . ئۇلار ھازىرغىچە ھېچكىمدىن بۇنداق بۇيرۇق تەلەپپۇزىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى .
       _ ھۆرمەتلىك ھاكىم ،_ دېدى مۆتىۋەرلەر،_ بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز تىرىكچىلىكىمىز ، ئىش ئوقىتىمىز بار ، ئولپان سېلىق لازىم بولسا ئۆزۈڭ چىقىپ يىغىۋال .
       شۇنداق دېدى دە، مۆتىۋەرلەر دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇشۇپ چىقىپ كېتىشتى . ھاكىم تېرىككىنىدىن ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يەپ ، ئۆينىڭ ئىچىدە پىرقىرىغىنىچە قالدى . ئاخىر ئۇ سېلىق يىغىشقا لەشكەرلەرنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى . سېلىق يىغقىلى چىققان لەشكەرلەرنى بازاردا كىشىلەر ھەرخىل گەپلەر بىلەن ھەزىل قىلاتتى .
      _ ئولپان سېلىق دېگىنىڭ نىمە ئۇ؟_ دەپ سورايتى بىرى .
      _ خوش سەن بۇ نەرسىلەرنى كىم ئۈچۈن يىغماقچى ؟_ دەپ سورايتى ئىككىنجىسى .
      _ پادىشاھ ئۈچۈن دەيتى لەشكەر .
      _ ئەجەپ ھە._ دەيتى ئۇلار،_ ئۇ پادىشاھ بولسۇنۇ، يەنە بىزدەك ئاددىي سېتىقچىلاردىن بىر نەرسە يىغسۇن؟ شۇنىڭغا قارىغاندا پادىشاھىڭ ناھايىتى نامىرات ئادەم ئوخشىمامدۇ ؟
      _ بالا چاقىسى كۆپمۇ يا؟
      _ ھەر قاچان ئۆزى بىرەر ئىش تېپىپ قىلالمايدىغان يالقاۋ دېگىنە ؟
      _ چىكەمدۇ يە؟
      _ ئەمىسە ئۇچىغا چىققان بىر قىممارۋاز ئوخشايدۇ ، ئۇنداق ئادەمگە پۇل يىغىمەن دەپ ئاۋارە بولما ، يىغىپ ئاپارغىنىڭنى بىر كېچىدىلا ئۇتتۇرۇپ تۈگىتىدۇ  دە، ئەتىسى يەنە سىلەرنى كوچىغا چىقىرىپ قويىدۇ...........
       _ بار پادىشاھىڭغا بېرىپ ئېيت ،_ دەيتى بەزىلەر ،_ ئۇنىڭغا بىر نەرسە كېرەك بولسا ئۆزى كەلسۇن .
      لەشكەرلەر « قۇياشتىن ئۇلۇغ شاھ» نىڭ شەنىگە تىگىۋاتقان مۇنداق ھاقارەتلىك گەپلەرنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن تىتىرشىپ كېتەتتى .
      _ پادىشاھىمىز سانسىز سارايلىرى ، شۇ سارايلىرىدا تۇرىدىغان يۈزلەپ ساھىبجامال خوتۇنلىرى بار، شۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېقىش ئۈچۈن پۇل لازىمدە،_ دەپ چۈشەندۈردى بىر كۈنى لەشكەر ، بۇ گەپ بازاردىكىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈلكىسىنى قوزغىدى .
       _ پادىشاھىڭ كېچىسى شۇ سارايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزى قونۇپ چىقامدۇ ياكى ئەل ئاغىينىلىرى ھە ھۇ دىيىشەمدۇ ؟ _ دېدى ئۈچۈنچىسى .
      بازاردا قاتتىق كۈلكە چوقان كۆتۈرۈلدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇ يەردە تۇرغان لەشكەرلەرنىڭ ئۆزىمۇ قوشۇلۇپ كۈلۈپ كېتىشتى . لەشكەرلەرنىڭ بىچارە ھالىتىگە قاراپ سودىگەرلەرنىڭ كۆڭلى سەل ئېرىپ قالدى دە ، ؛
      _ ئال قېنى دۇكىنىمىزغا كىرىپ ماللىرىمىزدىن خالىغىنىڭنى ئال ، پادىشاھىڭغىمۇ ، ئۆزۈڭگىمۇ ئال . پادىشاھىڭغا ئېيتىپ قوي ، ئەلۋەتتە بىزنىڭ بالا چاقىلىرىمىزنىڭ بۇ دۇنيالىقى ، ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسۇن .......ھەيران بولۇپ قارايسەنغۇ ؟ بىزنىڭ بۇ يەردە بىكارغا بىز نېمە ئالغان ئادەم مال ئىگىسى ئۈچۈن جەزمەن دۇئا قىلىشى كېرەك ،_ دېيىشتى .
      ھاكىم لەشكەرلەر يىغىپ كەلگەن دۇنيانىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىلا پادىشاھقا ماڭغۇزۇپ ، قالغىنىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ھېسابىغا يازاتتى . شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئىچى ئەلەمدىن ئۆرتىنىپ ئازابلىناتتى . چۈنكى ئۇنى بۇيەردە ھېچكىممۇ كۆزگە ئىلىپ قويمايتى . كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ كوچىغا چىقىپ سەدىقە يىغقۇچىلارنىڭ باشلىقىلا ئىدى ، خالاس.
      « ئېھ ھۆرمەتلىك شاھ ،_ دەپ يازاتتى ئۇ پادىشاھقا يېزىپ تۇرىدىغان مەكتۇپلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،_ ئۆمرۈمدە مەن بۇنداق ساراڭلار بىلەن تولغان شەھەرنى كۆرگەن ئەمەسمەن . بۇ يەرنىڭ پۇقرالىرى خۇددى  ياۋايى ھايۋاننىڭ ئۆزى  . بۇ شەھەردىكى توقچىلىق ، باياشاتچىلىق ئادەملەرنى شۇنچلىك ئەركە قىلىۋەتكەنكى ، ئۇلار ئەدەپ قائىدە دېگەننى بىلمەيدۇ : نە پادىشاھ ، نە ھاكىمنى تونىمايدۇ ، ساراڭلارئىچدە يۈرۈپ ئۆزۈممۇ ساراڭ بولاي دەپ قالدىم ، خۇددى
    ھەممىسىنىڭ ئىچىگە شەيتان كىرىۋېلىپ غىدىقلاۋاتقاندەك ئۇچىراتقاننى مەسخىرە قىلىپ كۈلگىنى كۈلگەن . مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئولپان سېلىقلارنى ھەسسىلەپ ئاشۇردۇم . يۈزلەپ جاسوسلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويىۋەتتىم.»
       « بىغەملەر شەھىرى» نىڭ يەنە بىر تەرىپىدە كەڭرى كەتكەن ئوچۇقچىلىق بار ئىدى . ئۇ ئوچۇقچىلىقنىڭ چېتىنى قىزغاقلىرىغىچە تولۇپ سۇ ئاقىدىغان بىر ئۆستەڭ كېسىپ ئۆتەتتى . لايىقىپ ئاقىدىغان سۇ ياغاچ كۆۋرۈكلەر ئاستىدىن ئۆتكەندە قىسىلىپ ، بۇژغۇنلار چاچىرتىپ كۈچلۈك گۈرۈلدەيتى . ئۆستەڭ ياقىسىدىكى قايسى بىر زامانلاردا كىملەر تەرىپىدىندۇر تىكىپ قويۇلغان قەدىمى سۆگەتلەر ، مەجنۇنتاللار ئۆز ئەتىراپىغا قۇيۇق سايە تاشلايتى . كۈن
    نامازدىگەردىن ئۆتكەندە بازارنىڭ ۋاڭ چۇڭلىرىدىن ، ئىسسىقتىن قاچقان ئادەملەر ھارغىنلىق بىلەن قەدەم ئېلىپ بۇ يەرگە قاراپ ئاقاتتى _ دە، ئۆستەڭ بويىدىكى يۇمشاق قومغا كېلىپ ئۆزىنى تاشلايتى . خۇرجۇنلىرىنى بېشىغا قويۇپ ، كۆزىنى يۇمۇپ ھاردۇقىنى چىقىراتتى . سۆگەتلەرنىڭ سالقىن سايىسى ، ئۆستەڭ سۈيىدىن ئۇرۇلىۋاتقان سالقىن شامال ئۇلارغا ئارام بەخىش ئېتەتتى . بۇ يەرنىڭ قۇملىرى شۇنچىلىك يۇمشاق ۋە تازا ئىدىكى ، ھېچكىمنىڭ كىيىم
    كېچىكىدە داغ قالدۇرمايتى . ئۆستەڭگە قارىتىپ سېلىنغان ئاشخانىلارنىڭ ئوچاقلىرىدا لاۋۇلداپ ئوت كۆيەتتى . ئۇ يەردىن ئىسسىق نان ، قىزىرىپ پىشقان سامسا ، پەرمۇدە ، گۆشگىردىلەرنىڭ دورا دەرمانغا تويۇنغان ئۆتكۈر پۇرىقى كېلەتتى . دۇكانلار ئالدىغا سېلىنغان چىرايلىق قەپەسلەردە چىرايلىق قۇشلار سايرىشاتتى . كاۋاپ ۋە ھەرخىل  قورۇمىلارنىڭ مەزىلىك پۇرىقى ئۆستەڭ بويىنىڭ سالقىن ھاۋاسىغا سىڭىشىپ كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايتى . تام تورۇسلىرىنى قاپقارا قۇرۇم باغلاپ كەتكەن ئاشخانىلاردا قىسىلىپ ، تەرلەپ ئولتۇرۇپ تاماقلانغان خېرىدارلار يەنە ئۆستەڭنىڭ بويىغا قايتىپ چىقىپ ، مۇزدەك سۇدا يۈزلىرىنى يۇيۇپ، پەشلىرىگە ئېيتاتتى . بەزى چاغلاردا قايسىبىر يوغان سۆگەتنىڭ سايىسىگە نۇرغۇن ئادەملەر توپلىشىپ قالغان بولاتتى . ئۆتكۈر تەر پۇراقلىرى چىقىپ تۇرغان
    نۇرغۇن كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئالدىغا ئۆتكەن كىشى ئۇ يەردە نەغمىچىلەرنىڭ نەغمە قىلىشىۋاتقانلىقىنى ياكى بولمىسا ، قانداقتۇر بىر ھېندى سېھرىگەرى ياكى شەرىق سېرىكچىلىرىنىڭ ئويۇن كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى . سېرىكچىلەر ئىنچىكە تانىلار ئۈستىدە ئالدى ئارقىسىغا ماڭاتتى . تىك خادىلارغا مايمۇندەك چاققانلىق بىلەن يامىشىپ چىقىپ ، ھاۋادا موللاق ئېتىشاتتى . سېھرىگەرلەر ئاغىزىدىن بىرىدە سۇ ، بىردە ئوت چىقىرىپ پۈركىشەتتى . ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ پارچىلاپ قاپقا سېلىپ ، يەنە بىردەمدىلا تىرىلدۈرۈپ چىقىرىپ ، قاراپ تۇرغانلارنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتەتتى .ئادەملەرنى ھەممىدىن بەك جەلىپ قىلىدىغنى مەدداھلار سورىنى ئىدى . شۇ زامانلاردا نۇرغۇن ئۆلىمالار چىقىپ ، ئىلىم پەن ھەققىدە ئاجايىپ كىتاپلارنى يازغان بولسىمۇ ،ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنىدىغان ئادەملەر ئاز بولغاچقا ، يەنىلا بۇ دۇنيانى ئەپسانىۋى تەسەۋۇرلار بىلەن رەڭ بېرىپ كۆرسىتىدىغان غەلىتە رىۋايەتلەر ، ئاجايىپ غارايىپ ۋەقەلەر
    ھەققىدىكى توقۇلمىلارنىڭ بازىرى ئەڭ ئىتتىك ئىدى . قانداقتۇر يەجۈج مەجۈج ، يەتتە باشلىق يالماۋۇز ، قىرىق خىلغا ئۆزگىرەلەيدىغان جادۇگەرلەر ، سىرلىق كۈھقاپ ، جىن شاياتۇنلار توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى بىلەن مەدداھلار كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ئوغۇرلاپ تاڭ قالدۇراتتى .
      بۈگۈنمۇ مەيدان ئادەملەر بىلەن تولغانىدى . ئېشىكىنى يېتىلىۋالغان جاھانكەزدى سۈپۈرگە سېھرىگەرلەر ، ئەلنەغمىچىلەر قاتارىدىن ئۆتۈپ بىر مەدداھ ئەتىراپىغا ئولاشقان توپنىڭ يېنىغا كەلگەندە توختاپقالدى . مەدداھنىڭ سۆزلەۋاتقان ھېكايىسى ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتقانىدى . ئۇ ئاستا ئاستا مەدداھ يېنىغا يېقىنلاشتى .
      « شۇنداق قىلىپ ، ھېلىقى پادىشاھ ئۆزىنىڭ قاچۇرۇپ قويغان قارچىغىسىنى قوغلا-قوغلا ، ئۆزى بىلەن بىللە ئوۋغا چىققان ھەمراھلىرىدىن يىراقلاپ كېتىپ قاپتۇ،_ دەپ ھېكايىسىنى داۋام قىلماقتا ئىدى مەدداھ،_ ھاۋادا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قارچىغا بىر چاغدا ئاستا ئاستا تۆۋەنلەپ ، بىر باغنىڭ ئىچىدىكى ئېگىز ئۆسكەن ئامۇتنىڭ شېخىغا كېلىپ قونۇپتۇ . پادىشاھ ئۆمرىدە مۇنداق ھەشەمەتلىك چوڭ باغنى كۆرمىگەنىكەن ، < ئەتىراپ كەتكەن قۇملۇق ، كۆز يەتمەس دەشتى چۆل ، بۇ باغ بۇ يەرگە قانداق بىنا بولۇپ قالدى ؟نىمىشقا مەن شۇ كۈنگچە بۇ باغنى كۆرمىدىم ؟> دەپ ئويلاپ ھەيران بوپتۇ شاھ. بۇ باغنىڭ ھەتتا قورۇق تاملىرىمۇ يوق ئىكەن . شاھ باغنى ئايلىنىپ ، باغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشۈپتۇ ۋە :
      _ ھاي بۇ باغنىڭ ئىگسى كىم ؟_دەپ ۋارقىراپتۇ . شاھنىڭ ئالدىغا بىر ساھىبجامال قىز چىقىپتۇ .
      _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، خۇدا يەتكۈزگەن مېھمان ، نىمە ھاجىتىڭىز باركىن ؟_دەپ سوراپتۇ قىز .
      شاھ ئۆزىنىڭ ئوردىسىدا ئونلاپ خوتۇن ، يۈزلەپ كېنىزەكلەرنى تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئۆمرىدە بۇ قىزدەك گۈزەلنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن . ئۇنىڭ ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئېشىپتۇ .
       _ مەن چۆلگە ئوۋغا چىققان بىر ئوۋچى ئىدىم ، قارچىغىنى قاچۇرۇپ قويدۇم ، ئۇنى قوغلىشىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالدىم: قارچىغا ئەنە ئاۋۇ ئامۇت شېخىغا قونۇپ تۇرۇپتۇ . رۇخسەت قىلسىڭىز ، كىرىپ قارچىغامنى تۇتۇۋالسام ،_دەپتۇ شاھ .
      _ ئاتامدىن سوراپ باقاي ،_ دەپ ئارقىسىغا يېنىپتۇ قىز .
    قىزنىڭ ئاتىسى كەلگەن مېھماننى ئۆينىڭ پەرىجىسىدىن كۆرۈپ تۇرغانىكەن . ئاپئاق ساقاللىق بۇ باغۋەن مېھماننىڭ كىيىم كېچەك ، مىنگەن ئېتىدىنلا ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى پەملەپتۇ _دە، مېھماننىڭ ئالدىغا چىقىپ سالاملىشىپتۇ .
    قېنى قىزىم مېھماننى باغقا باشلا، قارچىغىسىنى تۇتىۋالسۇن ،_دەپتۇ باغۋەن .
      شاھ ئىگىز ئامۇتقا مىڭ بىر ھەلەكچىلىكتە يامىشىپ چىقىپ قارچىغىسىنى تۇتۇپ چۈشۈپتۇ . مېھماننىڭ تەرگە چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن باغۋەن :
      _ قىزىم مېھمان چارچاپ كەتتى ، ئانار شەربىتى بېرىڭ ،_دەپتۇ .
      قىز باغقا كىرىپ بىر تال ئانار ئۈزۈپ چىقىپ سىققانىكەن ، لىق بىر ئاپقۇر شەربەت چىقىپتۇ . شاھ شەربەتنى ئىچىپ تولىمۇ ھوزۇرلىنىپتۇ ۋە:< ئەجەپ شاھ تۇرۇپ مىنىڭ ئىلكىمدە مۇنداق چوڭ باغ يوق ، باغلىرىمدىكى ئانارمۇ مۇنداق شەربەتلىك ئەمەس .> دىگەن ئويغا چۈشۈپ قاپتۇ .
      شاھ ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپمۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ ھەسرەتتە ئۆرتىنىپتۇ . ئاخىر ، لەشكەرلىرىنى ئېلىپ باغقا كېلىپ ، ھېلىقى مويسىپىتنى ئالدىغا چاقىرىپتۇ . باغۋەن بوۋاي چىقىپ قارىسا ، ئۆتكەن قېتىم باغقا كىرىپ ئانار شەربىتى ئىچىپ كەتكەن ئوۋچى پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ ئات ئۈستىدە ئولتۇرغۇدەك ، ئەلپازىمۇ ناھايىتى قورقۇنۇچلىق تۇرغۇدەك .
      _ خوش شاھىم ، مەندىن نىمە سەۋەنلىك ئۆتتىكىن ؟_ دەپ تىز چۆكۈپتۇ باغۋەن .
        _ سېنىڭ پادىشاھلىق زىمىنلارنى خالىغانچە ئىگەللەپ ، مۇنداق كاتتا باغ قىلىشىڭ ئېغىر گۇناھ ، ھازىردىن باشلاپ بۇ باغ مىنىڭ ئىلكىمگە ئۆتىدۇ ._دەپتۇ
    شاھ .   شۇنداق قىلىپ ، شاھ باغۋەن بوۋاينىڭ ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ ھالال ئەمگىكى بىلەن بىنا قىلغان بېغىنى تارتىۋاپتۇ . باغۋەننىڭ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ، ئۆزىنى چاكارلار بىلەن باغقا قاراشقا قويۇپتۇ .
      بىر كۈنى شاھ يەنە ئوۋغاچىقىپ ئەتىراپنى ئارلاپ ھېلىقى باغقا كېلىپ قاپتۇ . باغۋەن بوۋاينى چاقىرىپ ئانار شەربىتى چىقىرىشقا  بۇيرۇپتۇ . بوۋاي ئوننەچچە ئانارنى ئۈزۈپ چىققانىكەن ، شەربىتى بىر ئاپقۇرنىمۇ تولدىرالماپتۇ . پادىشاھ شەربەتنى ئىچىپ كۆرگەنىكەن ، تەمى ناھايىتى مەزىسىز تېتىپتۇ .
       _ ئەجەبا ._ ھەيران بوپتۇ شاھ،_ ئۆتكەندە بىر تال ئاناردىن لىق بىر ئاپقۇر شەربەت چىققان ، ئۇنىڭ تەمىمۇ ناھايىتى لەززەتلىك ئىدى . بۇ قېتىم نىمىشقا ئون نەچچە تال ئاناردىن بىر ئاپقۇرمۇ شەربەت چىقمايدۇ ھەمدە بۇ شەربەتنىڭ تەمى نىمانچە قېرىق ؟
       _ ئۆتكەن قېتىمدا ،_دەپتۇ باغۋەن بوۋاي،_ سېنىڭ نىيىتىڭ خالىس ئىدى ، شۇڭا ئاناردىنمۇ كۆپ شەربەت چىققان ، تەمىمۇ ئاغزىڭغا تېتىغان : شۇ قېتىمقى شەربەتنى ئىچىپلا نىيىتىڭ بۇزۇلدى . شۇڭا بۇ قېتىم شەربەتمۇ ئاز چىقتى ، تەمىمۇ ئۆزۈڭنى رازى قىلالمىدى . ھەممە ئىش نىيەتكە بېقىپ بولىدۇ .
       بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەن پادىشاھ :
      _ بۇ ئەدەپسىز قېرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىڭلار ._ دەپ ۋارقىراپتۇ .
       جاللاتلار بوۋاينىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ . قىپقىزىل قانلار قاچىدىن تۆكۈلگەن ئانار شەربىتىگە قېتىلىپ يەرگە سىڭىپتۇ ...»
        مەدداھ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ، كىمدۇر بىرى ۋارقىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى .
       _ ھاي نىمە ئادەمسەن ؟ گېپىڭنى توختات.
        مەدداھنىڭ سۆزىنى بېرىلىپ تىڭشاۋاتقانلار ئىختىيارسىز بۇرۇلۇپ ئارقىغا قاراشتى . بۇ توپنىڭ ئارقىسىدا يېڭى ھاكىم غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ دىۋەيلەپ تۇراتتى . ئۇ لە

    分享到: