-
قۇم باسقان شەھەر(4)
2010-06-16
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66138808.html
سېپىلسىز شەھەر
شۇنىڭدىن كېينكى يوللىرنى سۈپۈرگە يالغۇز باستى . ئەمدى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز قۇملۇقلار، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان توغراقلىق جاڭگاللار ، تۇنۇش يوللار يېيىلىپ ياتاتتى . بۇ يەردە بولسا ئادەم ئاز خىيال سۈرۈشكە ۋاقىت يېتەرلىك ئىدى ، ..تۇغۇلغان شەھىرىگە يېقىنلاشقانسىرى سۈپۈرگە ھېلىقى سىرلىق چوكان ۋە بالا شاھزادە توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدى . سۈپۈرگە ئۆزىنىڭ جاھانكەزدىلىك ئۆمرىدە نېمىلەرنى كۆرمىگەن دەيسىز؟ چوكان بىلەن بالا شاھزادە ۋەقەسى ئۇنىڭ كۆڭۈل دەپتىرىدە بىر نەتچە قۇرلا ئاددى خاتىرە بولۇپ يېزىلىپ قالدى ، خالاس. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىنى يۇرتىنى كۆرۈش ، يۇرتداشلىرى بىلەن دىدارلىشىش شادلىقى قاپلىغانىدى . ئۇ ئېشەكنىڭ ئۈستىدە قىيپاش ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتاتتى . ئۆز ناخشىسىدا ئاددىي دېھقان قىزىنىڭ ساپ مۇھاببىتىنى ، بىر
كۈنلۈك ئېغىر ئەمگەكتىن كېيىن ئۆيىگە ئالدىراۋاتقان ئىشلەمچىنى ، قويلىتىنى چۆپكە قويىۋېتىپ خىيالغا پاتقان چوپاننى ........تۇل خوتۇننىڭ يالغۇزلىقى ، يىراق بىر جاڭگالدىكى يالغۇز ئاياغ يول ، خىلۋەت بۇلاق بېشىدا ئېچىلغان ياۋا گۈللەر ، چەكسىز ئالەم ، قۇدىرەتلىك ىلاھ ، شاھنىڭ قەھرى ، ۋەزىرلەرنىڭ ئەخمەقلىقى ، ئامىتى قاچقان قىمارۋازنىڭ نادامىتى ، ئۇ دۇنيا- بۇ دۇنيا.........يەنە شۇنداق نۇرغۇن نەرسىلەر توغرىسىدا كۈيلەيتى .
سۈپۈرگە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر باشقا ھېچبىر شەھەرگە ئوخشىمايتى . ئۇنىڭ نە ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان ئېگىز سېپىلى ، نە ئادەملىرىگە دەھشەت سېلىپ تۇرىدغان پادىشاھى يوق ئىدى . تەكلىماكاننىڭ ئەتراپىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئورنىنى ھازىرقى زاماننىڭ ھېچبىر خەرىتىلىرى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ . بەلكى ئۇ دەھشەتلىك بورانلار تەسىرىدە قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغاندۇر ياكى باشقا بىرەر تەبىئىي ئاپەت ، ئۇرۇش- جاڭجاللار سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ يوقالغاندۇر ، ئەمما بىر زامانلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋاتلىقى ، ئادەملەرنىڭ مەرد ، خۇشخۇي ، مىھماندوستلىقى بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ سودىگەرلىرىنى جەلىپ قىلغانىدى .
كېچىلىرى شەھەر مەسچىتلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك راۋاقلىرى ئۈستىدىكى ھىلال ئاي بەلگىلەر ئۇچلۇق ئۇچلىرى بىلەن يولتۇزلۇق كۆككە سانجىلىپ سۇس پارقىرايتى . تاش پەلەمپەيلەر، سودىگەرلەر ئايۋانلىرىنىڭ نەقىشلىك تۈۋرۈكلىرى غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا كىشىگە سىرلىق تۈس بېغىشلايتى . سەھەردە مەسچىتلەرنىڭ ئېگىز پەشتاقلىرى ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بىلەن تەڭ شەھەر ئويغىنىپ ھەركەتكە كىلەتتى. قايسىبىر ئىشىكلەر غىچىرلاپ ئېچىلىپ ، بوۋايلار يۆتەلگىنىچە تەرەت چۆگۈنلىرىنى كۆتۈرۈپ تالاغا چىقاتتى . شەھەر مەدىكارلىرى پۈتۈن شەھەرنى چاڭغا كۆمۈپ كوچىلارنى سۈپۈرۈپ سۇ چېچىشاتتى . ..شەھەرنىڭ بىر چېتىدىكى ئېگىز يارلىق ئۇستىگە كەمبەغەللەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، بۇ يەردىكى ئاددىي توپا تام ئۆيلەر، شورلىشىپ پاكارلاپ كەتكەن كونا تاملار ، ئەگرى - بۈگرى تار كوچىلار ، ئۇششاق بالىلار تولا چىقىۋېلىپ مۈكچەيتىۋەتكەن قېرى ئۈژمە دەرەخلىرى يەنە ئۆزىگە خاس بىر مەنزىرە ھاسىل قىلغاندى . تاڭ يورۇشى بىلەنلا ، يارلاردىن تۆۋەندىكى بۇلاقلارغا بارىدىغان ئاياغ يوللاردا قىزلارنىڭ ئاليېشىل كۆڭلەكلىرى كۆزنى چاقنىتاتتى . قىزلار كوزىلىرىنى يار ئاستىدىن بولدۇقلاپ چىقىۋاتقان مۇزدەك بۇلاق سۈيىگە پاتتۇرۇپ ئېلىپ قەددىنى روسلىشاتتى ،-دە، كوزىلىرىنى كۆتۈرۈپ يەنە يۇقىرىلاپ كېتىشەتتى . ئادەملەر ئەتىگەنلىك نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا بازارغا ئالدىرايتى . بازار ئىچىدە ئاشپۇزۇلنىڭ مورىسىدىن چىققان قويۇق كۆكۈش ئىسلار تولغىنىپ يۇقۇرى كۆتۈرىلەتتى ، چايچىلارنىڭ ئوچاق بېشىدىكى چەينەكلىرى كۆڭۈللۈك شىڭىلدايتى . شەھەر كەمبەغەللىرى ئادەتتە مۇشۇنداق چايخانىلارنىڭ ئاددىي بورا تاشلانغان سۇپىلىرىدا ئولتۇرۇپ ، سەھەرنىڭ سالقىنىدىن ھوزۇرلىنىپ ناشتا قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى .
ئېگىز قۇم بارخانلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، يىراقلاردىن بۇ شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كارۋانلارنىڭ كۆزىگە ئالدى بىلەن ئېگىز سېپىللار ئەمەس ، چوڭ بىر يېشىل بوستانلىق كۆرۈنەتتى . مۇنداق چاغلاردا چۆل يوللىرىدا چاڭقاپ ھالسىزلانغان يولوچىلارنىڭ چىرايىغاكۈلكە يۈگۈرۈپ ، تۆگىلەر ئىتىيارسىز قەدەملىرىنى ئىتتىكلىتەتتى . كارۋان كولدومىلىرىنىڭ ئاۋازى يەنە باشقىچە ياڭرايتى . مۇنبەت ئېتىزلار ، سۇغا تولۇپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭلەر، خۇش پۇراق
مېۋىلىك باغلارنى ئارلاپ ئۆتكەندىن كېيىن ، شەھەرنىڭ ئۆي ئىمارەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلايتى . ئاز ئۆتمەي بۇ كارۋانلار تۆگە ، قېچىرلارنى ھەيدەپ ، سەھەرنىڭ كوچىلىرىنى قوڭغۇراق ۋە كولدۇرمىلارنىڭ ھەر خىل سادالىرى بىلەن جانلاندۇرۇپ كىرىپ كېلەتتى . تەجىربىلىك سارايۋەنلەر ئۇزۇن چۆل يوللىرىنى بېسىپ كەلگەن بۇ ئادەملەرنىڭ كىيملىرىگە قونغان چاڭدىنلا قايسى يۇرتنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى پەملەپ بولاتتى .
جاھانكەزدى سۈپۈرگە نەق چۈش مەزگىلىدە ئۆز شەھىرىگە يېتىپ كەلدى . شەھەر مەيدانىنى ئالارمەن ساتارمەنلەرنىڭ قىزغىن چوقانلىرى بىلەن تەۋرەپ تۇراتتى .
سۈپۈرگە ئېشىگىنى يېتىلەپ ، كىشىلەر توپىنى ئارلاپ ، بۇرادەرلىرى بىلەن قىزغىن ئامانلىشىپ ماڭدى .
_ قاراڭلار ، بىزنىڭ جاھانكەزدى سۈپۈرگە قايتىپ كەپتۇ ، _ دەپ ۋارقىرىۋەتتى بىر باققال ،_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قاياقتىن كېلىشىڭ ؟
- ھاي سۈپۈرگە،_ دەيتى يەنە بىر سودىگەر ،_ دۇكانغا مەرھەمەت قىل ، ئۈستۈڭدىكى چاپان چارىلىرىڭ ئۆڭۈپ كېتىپتۇ ، رەختلىرىمدىن خالىغانچە يىرتىۋال .......ھېچبولمىغاندا ، نىمە قىززىقچىلىقلارنى كۆردۈڭ ، بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قوي، _ سۈپۈرگە ئاخۇن ،_ دەپ دۇكىنىنى شەرەتلەيتى قورساقلىق ئاشپەز، _ ھارغانسەن ، دۇكىنىمدىن بەش مانتا يەپ كەت .
_ سۈپۈرگىغۇ بۇ ؟ _ دەپ قىزغىن توۋلىۋەتتى تۇمۇرلىرى كۆپۈپ چىققان بىلەن بولقىسىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان تۆمۈرچى ،_ توختا ، ئېشىكىڭنىڭ تاقىسى ئۇپراپ تۈگىگەندۇر ؟ مەن ئەڭ ياخشى مىخلار بىلەن تاقا ئۇرۇپ بېرەي ........
سۈپۈرگە ھەممەيلەن بىلەن سالاملىشىپ ، ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا ئۆزرىسىنى ئېيتىپ ئۆتەتتى . ئۇ خېرىدارلار بىلەن تولۇپ تۇرغان چايخانىلارنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى . ئېشەكنى ئىشىك ئالدىدىكى موم ياغاچقا باغلىدى . ھاردۇق يەتكەن ئېشەك كىملەرنىڭدۇر ئۇلاغلىرىدىن ئېشىپ قالغان بىدە قالدۇقىلىرىنى قېلىن كالپۇكىلىرى بىلەن يىغىپ ئېرىنچەكلىك بىلەن يالمىغىلى تۇردى .
_ جاھانكەزدى ، جاھانكەزدى سۈپۈرگە قايتىپ كەپتىغۇ ؟ _ دېيىشىپ تەۋرەپ كەتتى چايخانىدىكىلەر .
سۈپۈرگە چاپانلىرىنىڭ پەشلىرىدىكى چاڭلارنى قېقىپ ، سالام بىلەن چايخانىغا قەدەم قويدى .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، شەھىرىمىزنىڭ بىغەم پۇقرالىرى .
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، يۇقۇرى ئۆت سۈپۈرگە .
_ ئادەملەر سىغدىلىپ سۈپۈرگىگە ئورۇن بوشاتتى . بۇ يۇرتتىكىلەر ئۈچۈن چايخانا چاي ئىچىپ ئارام ئېلىش ، مۇڭدىشىش سورۇنى ئىدى . سۆز ئارىسىدا يەنە بەزى سودا سېتىق ئىشلىرىمۇ پۈتۈپ تۇراتتى . شۇ تاپتا ھەممە جىمىپ ، چاپانلىرىنىڭ پەشلىرىنى يىغىپ ، قىستىلىپ ئولتۇرىۋاتقان سۈپۈرگىگە كۆز تىكىشتى .
_ خوش ، سۈپۈرگە ، ئۇزۇن بولدى كۆرمىدۇققۇ ؟ سەپەر قاياقتىن ؟
_ جاھان كەزدىم .
_ شۇنداق ، ساڭا « جاھانكەزدى » دىگەن نام بىكار قويۇلمىغان _ دە، نەلەردە بولدۇڭ . ؟
_ ئاجايىپ شەھەرلەرنى ، خىلمۇ خىل خەلىقلەرنى ئارلىدىم ، لېكىن دۇنيادا ئۆز يۇرتۇم بۇلاقلىرىنىڭ سۈيىدەك تاتلىق سۇنى تېتىپ باقمىدىم . سىلەردەك باياشات بىغەم ياشاۋاتقان ئەلنى كۆرمىدىم .
چايخانىدىكى ئادەملەر بۇ ماختاشتىن ھوزۇرلاندى ، چاققان چايچى سۈپۈرگىگە ئەڭ ياخشى دەملەنگەن چاي ، يېڭى قۇمۇرۇلغان گىردىلەرنى كەلتۈردى . ئادەملەر توختىماي سۈپۈرگىدىن سورىشاتتى .
_ قېنى ئېيتقىنا ، بۇ قېتىمقى سەپىرىڭدە قانداق ئاجايىپ ۋەقەلەرگە يولۇقتۇڭ ؟
_ قۇياشنىڭ ھەممە يەردە ئەتىگىنى مەشرىقتىن چىقىپ ، كەچتە مەغرىپكە پېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ،_ دېدى سۈپۈرگە قولىدىكى نان ئۇۋاقلىرىنى كاپ ئېتىپ تۇرۇپ ،_ قولى باغلانغان پالۋانلار دار ئالدىدا تۇرۇپتۇ ، ھېكمەت ئىگىلىرى زىندانلاردا چىرىۋېتىپتۇ . بىلىمسىز ، مەككارلار جاھان سوراۋېتىپتۇ ، بىر نانغا زار يوقسۇللارنى ، ئەركىنلىىنى يوقاتقان قۇللارنى كۆردۈم : ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان شاھ ئوردىلىرىدا مۇھاببەت ۋە قۇياشنۇرىغا تەشنا بولۇپ ياتقان نازىنلارنىڭ ھەسرەتلىرىنى ئاڭلىدىم ...
_ نىمە ، سېنى بىر پادىشاھنىڭ ھوزۇرىدا بوپتۇ، دەيدىغۇ؟ _ دەپ سورىدى بىرەيلەن .
_ ئېسىمدە يوق ، _ دېدى سۈپۈرگە ئالدىدىكى قىزىق چاينى ئوتلاپ تۇرۇپ .
_ بىز شۇنداق ئاڭلىدۇق ، سەن شا ھوزۇرىدا كاتتا ھۆرمەتكە ئېرىشىپتۇدەكسەن . پادىشاھ سېنى ئەمەلدار بولۇشقاتەكلىپ قىپتۇ ، ھەتتا ئۇنىڭ قىزىنى بەرمەكچىمۇ بولۇپتۇدەك .
_ چاسىت شۇنداقمۇ بىر ئىش بولغان ،_ دەپ ئېسىگە ئالدى سۈپۈرگە،_ يىراق بىر يەردە ، ئېگىز تاغلارنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بىر يۇرتنى كەزدىم ، بۇ كىچىك پادىشاھلىققا قارايدىغان يەرلەر ئىكەن ، شاھ مېنى ئۆز ھوزۇرىغاچاقىردى . ناھايىتى ئوبدان مىھمان قىلدى . ئۇ مېنى يىراق بىر ئەلدىن كەلگەن ئۇستا تىۋىپ ياكى بىر سېھرىگەر دەپ قالغان ئوخشايدۇ . ئاخىرىدا:« ئازاپ چېكىۋاتقان بىر قىزىم بار ئىدى ، كۆرۈپ باقساڭ »دېدى . مېھماندارچىلىقنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ماقۇل بولدۇم ، ئوردا ئىچىدىكى خاس بىر باغچىغا كىردۇق . قىز شۇ يەردە ، گۈللەرنىڭ ئىچىدىكى ھۇجىرىسىدا تۇرىدىكەن . قىزنىڭ گۈزەللىكىگە ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالىدۇ . ئەمما ئەقلى جايىدا ئەمەس ئىكەن ، تاماق بەرسە يەيدىكەن ، بولمىسا بىر نوقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرىۋېرىدىكەن . ، ياراتقان ئىگەم بېكىتكەن تەقدىرگە مېنىڭ نىمە ئامالىم بار دەيسىلەر ؟ پادىشاھقا :« ئاللا ئەڭ يېقىن بەندىلىرىنىڭ بېشىغا ئەڭ مۈشكۈل كۈنلەرنى سېلىپ سىنايدۇ . ئۇنىڭ داۋاسىنى يەنە ياراتقان ئىگەم بىز ئويلىمىغان بىركۈنى ، خىلمۇ خىل سەۋەپلەر بىلەن يەتكۈزىدۇ . سەۋرى قىلسىلا شاھىم » دەپ تەسەللى بەردىم . شاھ :« گېپىڭ توغرا ، ئۇنى كۆرسەتمىگەن تىۋىپ ، قىلمىغان داۋايىم قالمىدى ، دوست دۈشمىنىم كۆپ ، قىزىمنىڭ ئەھۋالىنى بۇ يەردىكىلەرگە كۆرسىتىپ كۈلكىگە قېلىشنى خالىمايمەن ، خالىساڭ شۇ قىزىمنى سەن ئىلكىڭگە ئال ، ساڭايېتەرلىك مال دۇنيا بېرەي ، قىزىمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە يىراقلارغا ئەكەت » دېدى .
_ سەن نىمە دېدىڭ ؟-دىدى بىرنەچچەيلەن تەڭلا .
_ سەپەردىكى ئادەممەن ، دەپ ئوشۇقچە ئاۋارىچىلىقنى يۈكلىۋىلىشنى خالىمىدىم .
_ ئەمدى سەيياھلىق تۇرمۇشۇڭنى قوي ، _ دېدى يېشى سۈپۈرگە بىلەن دېمەتلىك بىرەيلەن ، _ قارا ، سەن بىلەن تەڭتۇشلىرىمىزنىڭ ھازىر ئۈچ تۆتتىن بالىمىز بار ، ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ نەۋرە كۆرگىلى تۇردۇق ، جاھاننىڭ خوتۇن ، بالا چاقىلار بىلەنمۇ بولىدىغان قىززىقىنى كۆر . قىز چوكانلىرىمىز بىر بىرلەپ يېتىشىۋاتىدۇ ، ھېچ ئەلنىڭكىدىن قالغۇچىلىكى يوق .
_ شۇنداق،_ دېدى يەنە بىرەيلەن ،_ مانا خالىساڭ مەن ساڭا قىزىمنى بېرەي .
_ ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت ، _ دېدى سۈپۈرگە ،_ مەن قىز بالىغا لايىق بولىدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتتىم .
_ توۋا ،_ دېدى بىر بوۋاي ، _ مانا بىزنىڭ سۈپۈرگە شۇنچە كۆپ جاھانلارنى كېزىپتۇ ، مەن بولسام شۇ ياشقا كىرگۈچە يېقىن ئەتىراپتىكى سەھرالارغىمۇ بېرىپ باقماپتىمەن .
_ بولمىسا سۈپۈرگە ئېيتقان ھېلىقى پادىشاھلىققا بىر بېرىپ ، شاھنىڭ قىزىنى ئېلىپلا كېلەمسەن -يە، بوۋا؟_ دەپ چاخچاق قىلدى بىرى .
_ راست، _ دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىىدى بىر سودىگەر ،_ سەن ئۇنى شاھ بەرگەن مال دۇنيا بىلەن ئەكىلىپ ئۆيۈڭگە تاشلاپ قوي ، بىر يەرگە تىكىلگىنىچە ئولتۇرسا ئوتۇرىۋەرسۇن . سەنمۇ مال دۇنيانى بولۇشىغا خەجلەپ ئويۇنۇڭنى ئويناۋەر ، تاماق يېمەيدىغان خوتۇن بولسا تېخى ياخشىدە ،
شۇنىڭ بىلەن چايخانا ئىچىدە كۈلكە چاقچاق قايناپ كەتتى .
سۈپۈرگە يۇرتداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ چاي ئىچىپ ئولتۇرغان شۇ پەيىتتە ، ياقا يۇرتتىن كەلگەن غەيرى ئۈچ تۆت ئادەم بازار مەيدانىنى ئارلاپ يۈرەتتى . بۇ شەھەرنىڭ بەگلىرى كىم ؟ بۇ شەھەر قايسى پادىشاھلىققا قارايدۇ ؟ دېگەن سۇئاللار ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتتۇراتتى . ئۇلارنىڭ شەھەر چېتىدىكى بىر سارايغا چۈشۈپ ، ئات ئۇلاغلىرىنى سارايۋەنگە تاپشۇرۇپ قويۇپ ، بۇ شەھەرنى شۇنداق ئارلاپ يۈرگىنىگە ئىككى ئۈچ كۈن بولۇپ قالغانىدى .
ئۇلار بۇ يەردىكى ھەممە نېمىگە ھاڭۋاققىنىچە ھەيران بولۇپ قارايتى ، سېخىي قۇياش ئۆز نۇرىنى شەھەر ئۈستىگە تۆكۈشى بىلەن تەڭ بۇ شەھەرنىڭ رەستىلىرى ئادەملەرنىڭ ۋاڭ چۇڭىغا چۆمەتتى . كارۋان باشلىرى سارايلاردا ئېغىر تېڭىقلىرىنى يېشىشكە باشلايتى . بىردەمدىلا ئۇلار ئۆز ماللىرىنى شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كەڭ بازار مەيدانىغا ئاچىقىپ يېيىپ سودا سېتىقنى باشلىۋېتەتتى . بازار تۆت تەرەپتىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىۋاتقان كاسىپلار ، دېھقانلار ،
مەدىكارلارنىڭ ۋاڭ چۇڭى ، ئىېلىپساتارلارنىڭ خېرىدار چاقىرىپ ۋارقىراشلىرى بىلەن جانلىنىپ كېتەتتى . بۇ يەردە يىراق شەرىقنىڭ جانان چىنە قاچا، ئۈنچە مەرۋايىت ، تاۋار دۇردۇنلىرى كۆزنى قاماشتۇرسا ، ئۇ يەردە ھېندى ، تىبەت سودىگەرلىرىنىڭ ھەر خىل بوياق ، دورا دەرمانلىرىنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغنى ياراتتى . بىر يەردە قەشقەر چەكمەنلىرى ، كۇچا ئەلتېرىلىرى ، خوتەننىڭ گېلەم ، ئەتلەسلىرى قۇياش نۇرىدا ئوتتەك تاۋلىنىپ تۇرسا ، يەنە بىر يەردە كۇلالچىلار چىۋىق بىلەن كوزىلىرىنى جاڭلىدىتىپ ئۇرۇپ ماختايتى . : قايسىبىر ئۈستى يېپىق ، سالقىن رەستىلەردە ئاجايىپ گۈللەر كەشتىلەنگەن دوپپىلارنى كۆتۈرىۋېلىشقان ئاياللار خېرىدارلىرى بىەن قىزغىن سودىلاشسا ، يەنە قانداقتۇر بىر كوچىلاردا بولسا مىسگەرچى ، تۈنكىچىلەرنىڭ جاڭىلدىتىپ ئۇرغان بولقا ئاۋازلىرى قۇلاقنى زىڭىلدىتاتتى . ... بۇ بازاردا مېۋە چېۋىلەر دانىلاپ ئەمەس ، سېۋەتلەپ سېتىلاتتى . نىپىز شاپاق سوپپىسىنى قىرلىۋالغان باققاللار ئۈنىنى بولۇشىغا قويىۋىتىپ : « يەۋال ئوغۇل بالىلار ،بىر تويۇشۇڭ مانچە پۇل » دەپ ۋارقىرىشاتتى . باققاللارنىڭ ئالدىدىكى يوغان ، شىرنىلىك شاپتۇللاردىن ھەرقانچە ئىنجىقلاپ ئولتۇرۇپمۇ ئون تالدىن ئوشۇق يەپكەتكىلى بولمايتى .
ھېلىقى ياقا يۇرتلۇقلار ئۆز ئۆمرىدە بىرىنجى قېتىم ئۇچىراتقان بۇ غەلىتە شەھەر توغرىسىدىكى دەسلەپكى سۇئاللىرىنى ئۆزلىرى چۈشكەن ساراينىڭ خوجايىنىغا قويدى :
_ سىلەرنىڭ بۇ شەھىرىڭلارنىڭ نىمىشقا سېپىلى يوق ؟_ دەپ سورىدى ئۇلار سارايۋەندىن .
_ نىمە؟_ دېدى سارايۋەن ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىنى چۈشۈنەلمەي .
_ سىلەرنىڭ بۇ شەھىرىڭلار نىمىشقا ئگىز تاملار بىلەن قورشالمىغان ؟_ دەپ قايتا چۈشەندۈردى ئۇلار .
_ ھە ، سېپىل دەمسىلەر ؟_ دېدى سارايۋەن ،_ مەنمۇ بۇ شەھەردىن باشقا يەرگە بېرىپ باقمىغان ، باشقا يۇرتلارغا بىرىپ قايتقانلاردىن ئۇ يەردىكى شەھەرلەرنىڭ شۇنداق ئېگىز تاملىرى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمەن.
_ شۇنداق شەھەر دىگەننىڭ مۇستەھكەم سېپىللىرى ، يوغان دەرۋازىلىرى بولىشى كېرەك ،_ دە.
_ ئۇنىڭ نىمە ھاجىتى ؟_ دېدى ھەيران بولغان سارايۋەن ،_ تام بىلەن قورشاپ دەرۋازا قويىدىغانغا شەھەر دىگەن بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىي قورو جايى ئەمەس،_ دە.
_ ئەگەر شەھىرىڭلارغا دۈشمەن كەلگۈدەك بولسا قانداق قىلىسىلەر ؟
_ دۈشمەن؟ _ تېخىمۇ ھەيران بولدى سارايۋەن ، _ نىمە دەپ دۈشمەن بېسىپ كەلگۈدەك ؟ خۇداغا شۈكرى شەھىرىمىزنىڭ ئادەملىرى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلەن ئازارلىشىپ باققان ئەمەس . نۇرغۇن ئەللەردىن شەھىرىمىزگە ئادەملەر كېلىپ كېتىپ تۇرىدۇ . بىزنىڭ مېھماندوستلىقىمىزنى ، شەھىرىمىزنىڭ ئاۋاتلىقىنى ماختىمايدىغىنى يوق .
_ بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى كىم ؟
_ پادىشاھ؟ ..ھازىرغىچە بىزنىڭ ئۇنداق ئادەمگە ھاجىتىمىز چۈشۈپ باقمىدى . شەھىرىمىزنىڭ ئاقساقاللىرى ، مۆتىۋەرلىرى بار . پادىشاھسىزمۇ ئۇلار بىلەن ئىشلىرىمىز پۈتۈپ تۇرىدۇ .
_ ھېچ بولمىغاندا ، بۇ شەھەرنىڭ بىرەر ئىگىسى بولسىمۇ باردۇر . ؟
_ ئىگىسى دېدىڭلارمۇ ؟..ئىگىسى ئۆزىمىز . مۇشۇ شەھەرنىڭ خەلىقلىرى .......
ھېلىقى ئادەملەر ھەيران بولۇپ بىر بىرگە قارىشىپ قويدى . سارايۋەننىڭ جاۋابلىرى ئۇلارنى تازا قانائەتلەندۈرەلمىگەنىدى . ئىككىنجى بىرى يەنە سۇئال سوراشقا باشلىدى . :
_ مەسلەن سىلەر كىمگە سېلىق تۆلەيسىلەر؟
_ سېلىق ؟ بىز نىمە دەپ سېلىق تۆلەيتۇق ؟ ......بىز ھېچكىمگە قەرىزدار ئەمەسمىز . نىمانداق بىر بىرىدىن غەلىتە سۇئاللارنى سورايدىغان ئادەملەر سىلەر؟_ دەپ ئازىراق تېرىككەندەك بولدى سارايۋەن .
_ بىزنىڭ دېگىنىمىز ، دەپ سەۋرىلىك بىلەن چۈشەندۇردى يەنە بىرەيلەن ،_ مەسلەن ئالايلى ، جامائەت ئورتاق پايدىلىنىدىغان بىرەر يول ياكى بىرەر كۆۋرۈك بۇزۇلغان بولسا ئۇنى سىلەر قانداق قىلىسىلەر ؟
_ ئېيتتىمغۇ ،_ دېدى سارايۋەن ، بىزنىڭ ئۆز ئاقساقاللىرىمىز بار ، ئۇنداق چاغلاردا ئۇلار ئوتتۇرغا چىقىپ : ھاي خالايىق ، پالانى يول ياكى كۆۋرۈك بۇزۇلۇپتۇ . ياكى بولمىسا پالانى مەزلۇم بەش بالىسى بالىسى بىلەن تۇل قاپتۇ ، ياكى پالانى ئۆستەڭنى يار ئېلىپ كېتىپتۇ ، قېنى خۇدا يولىدا ئاتىغىنىڭلارنى تاشلاڭلار ، دەيدۇ دە، ھەر قايسىمىز ئۆز قۇربىمىزغا لايىق تاپقىنىمىزنى بېرىمىز ، ئىش مانا مۇشۇنداق پۈتىدۇ .
سارايۋەننىڭ گەپلىرى ھېلىقىلارنىڭ بۇ شەھەرگە بولغان قىززىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى . دۇنيادا مۇشۇنداق نە پادىشاھى ، نە بىرەر ئىگە بولغۇچىسىنىڭمۇ تايىنى يوق شەھەرنىڭ بارلىقىغا ئۇلارنىڭ ئاقلى يەتمەيتى . ئۇلار شەھەر ئارلاپ سورىغان ئادملەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ سۇئالىغا سارايۋەننىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان جاۋاپ بېرىشتى . يىراق بىر ئەلدىن كېلىپ ، بۇ يەردە ماللىرىنى يېيىپ قويۇپ سودا قىلىۋاتقان سودىگەرلەردىن ئۇلار :
_ سىلەر ئالغان پايداڭلاردىن بۇ شەھەرگە قانچىلىك ئولپان تاپشۇرىسىلەر ؟_ دەپ سورىۋىدى ، ھېلىقى سودىگەر ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدى _ دە،
_ سەنلەر نىمە ئادەم ، بۇ يەرگە قەيەردىن كېلىپ قېلىشتىڭ ؟... بۇ شەھەردە سودىگەرلەردىن ئولپان ئالىدىغان قانۇن يوق ، يوق ئىشلارنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالماي ئاغىزىڭنى يۇمۇش،_ دەپ زەردە بىلەن سىلكىۋەتتى .
بۇ غەيرى ئادەملەر « قۇياش شاھى» پايتەختىدىن كەلگەنلەر ئىدى . « قۇياش شاھى» ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئوردىدىكى بارلىق رەقىبلىرىنى قانلىق قېلىچ بىلەن بويسۇندۇرۇپ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان ، ئەڭ كىچىك شاھزادىنىڭ ئوردا ئىچىدىن غايىپ بولغانىلىقىنى سېزىپ ، تەرەپ تەرەپكە ئايغاقچىلارنى ئەۋەتىپ ، ئايغاقچىلارنىڭ قاچقان شاھزادىنى تاپماستىن ، ھېچ بولمىغاندا خەۋىرىنى ئالماستىن ئوردىغا قايتماسلىقىنى پەرمان قىلغانىدى .
كىمكى شاھزادىنى تىرىك تۇتۇپ ياكى كاللىسىنى ئېلىپ ئوردىغا يەتكۈزۈپ كەلسە، يۇقۇرى مەنسەپ ۋە كۆپ ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى .
سۈپۈرگىنىڭ شەھىرىدە ئايلىنىپ يۈرگەن بۇ غەيرى ئادەملەر شاھزادىنى ئىزدەپ چىققان ئايغاقچىلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى . ئۇلارنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى شەھەر سىرتىدا ھەر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بەزمىلەر بولدى .
ھەر كۈنى قۇياش شەرىبكە قىيسىيىپ سايىلەر ئۇزىراشقا باشلىغاندا ، شەھەرگە يىراق يېقىندىن سودا سېتىققا كەلگەن ئادەملەر ئالىدىغىننى ئېلىپ ، ساتىدىغىننى سېتىپ بولۇپ ، شەھەر سىرتىدىكى ھاۋالىق جايلارغا ئارام ئېلىشقا يىغىلاتتى . بۇ يەردە ناخشا ئۇسۇل ، نەغمىلەر ئەۋىج ئالاتتى . كىشىلەر ئوتتۇرىغا كەڭ مەيدان قالدۇرۇپ ، دۈپدۈگلەك دائىرە بولۇپ تاماشا كۆرۈشەتتى . نەغمىچىلەر داپ، ساتار ، تاش ، قوشۇق ، لېگەن ، تاۋاق ........ئىشقىلىپ قولىغا
چىققان ھەرقانداق نەرسىدىن رېتىملىق سادا چىقىرىپ بىر بىرىگە تەڭكەش قىلاتتى . كىملەردۇر سۇ تەڭشەلگەن چىنىلارنى چىۋىق بىلەن ئۇرۇپ ، زىل ئاۋاز چىقىرىپ جور بولاتتى . ناخشىچىلار خۇدىنى يوقاتقان ھالدا بېرىلىپ ناخشا ئېيتاتتى . ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى گويا بوراننىڭ گۈركىرىشى ، بۇقىلارنىڭ ھۆركىرىشى ، بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشىغا ، بەزىدە بولسا قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ، تاغ سۇلىرىنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشلىرىغا ئوخشاپ كېتەتتى . بۇ ناخشىلارنىڭ
تېكىستلىرىدە چۆللەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۇ ئادەملەرنىڭ ئۆتمۈشى ، بۈگۈنى ، كەلگۈسى ، مۇھاببەت نەپرىتى ، ئارزۇ ئارمان ، چۈش ۋە خىياللىرىنىڭ ھەممىسى سۆزلىنەتتى . نەغمە تازا ئەۋجىگە چىققاندا ، مەيدانغا ئەر ئايال ئۇسۇلچىلار چۈشەتتى . قىران يىگىتلەر قوللىرىنى بۈركۈتنىڭ قانتىدەك كېرىپ ، تاغ تېكىلىرىدەك سەكرەپ پەرۋاز قىلىشاتتى . لىۋەن چوكانلار قۇملۇققا تۆكۈلگەن توغراق ياپراقچىلىرىنى شامال ئۇچۇرغاندەك ، تىپتىنىچ سۇ يۈزىدىن ئۇششاق دولقۇنلار جىمىرلاپ ئۆتكەندەك يىنىك قەدەم ئېلىشاتتى . سازەندىلەر گاھ ئىككى تەرەپكە ئىرغاڭلاپ ، گاھ ئۆزىنى ئالدى كەينىگە تاشلاپ پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن نەغمە قىلاتتى . ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازى كانىتىدىن ئەمەس ، نەق يۈرىكىنىڭ قات قېتىدىن ئۇرغۇپ چىقاتتى . ئۇسۇلچىلارنىڭ ھەممە ئۈگىلىرى ھەركەتكە كېلىپ گويا شۇ نەغمە ساداسى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ئېرىپ يۇمشاپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . نەغمە تازا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندە ئەتىراپتا تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلارمۇ بىر بىرلەپ مەيدانغا چۈشۈپ قاينام ھاسىل قىلاتتى . مۇنداق چاغلاردا ئاسماندىكى بۇلۇت ، ئەتىراپتىكى تاغ داۋان، چۆللۈكلەر ، ھەتتا پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئۆزىمۇ شۇ ئادەملەر بىلەن بىللە پىرقىراۋاتقاندەك قىلاتتى . كىشىلەرنىڭ قېنى تومۇرلاردا پۇرۇقلاپ قاينايتتى. دۇنيادا ئۆلۈم ، جاھاندارچىلىق ، ئىش ئوقەت، ئۇيقۇ ، تاماق دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ ، پەقەت ئاشۇ سەبىي ھەركەتلا قالغاندەك قىلاتتى . .. بەزى كۈنلىرى مۇنداق بەزمىلەر قاراڭغۇ چۈشۈپ تاكى تاڭ يورىغىچە داۋام قىلاتتى .
بىر كۈنى ئەنە شۇنداق بەزمە مەيداننى ئارلاپ يۈرگەن ئايغاقچىلارنىڭ كۆزى سۈپۈرگىگە چۈشۈپ قالدى . مەيداندىكى ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭغا سالام سائەت قىلىپ ئۆتۈشىگە قارىغاندا ، بۇ ئادەمنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى خېلىلا ھۆرمەتلىك ئادەم ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۈپۈرگە ، قاياقتىن كېلىشىڭ ؟_ دەپ سورايتى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلەر .
_ قانداق ئەللەرنى كەزدىڭ ؟
_ نىمە يېڭىلىقلارنى ئۇچىراتتىڭ ؟
_ ھەرقاچان شەھىرىمىزنىڭ بۇ كۆڭۈللۈك بەزمىلىرىنى سېغىنغانسەن .؟
_ مەن ساڭا ئېيسام ، مۇنداق ئاجايىپ بەزمە شاھ ئوردىلىرىدىمۇ بولمايدۇ ............
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئايغاقچىلار بىر بىرنى نوقۇشتى .
_ ئاڭلاۋاتامسىلەر ، ئۇ يىراق ئەللەرنى كېزىپ كەلگەن ئادەم ئوخشايدۇ .
_ ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ رەڭگى ، يېتىلىۋالغان ئېشىكىگە قارا ، ئۇ سەپەردىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەندەك قىلىدۇ .
_ ئۇنىڭدىن شاھزادە ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلاشقا بولماسمىكىن .........
ئايغاقچىلار سۈپۈرگىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي ئەگىشىپ مېڭىپ ، ئاخىر ئۇ بەزمە مەيدانىدىن يىراقلىشىپ ، شەھەرنىڭ تېرەكلىك ، خالىي كوچىسىغا قايرىلغاندا ۋارقىراپ توختىتىشتى .
_ ھاي ھۆرمەتلىك ئادەم ، توختىغىنا .
_ سۈپۈرگە بۇرۇلۇپ قاراپ ، ئارقىسىدىن پايپاسلاپ كېلىۋاتقان ناتونۇش ئادەملەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .
_ مېنى چاقىرىۋاتامسىلەر ؟
_ ھە، سېنى ......._ دېدى ئايغاقچىلار سۈپۈرگىگە ئەگىشىپ كېلىپ ،_ قارا ھۆرمەتلىك ئادەم ، بىز سېنى ئاۋارە قىلىپ بىر ئىشنى سورىماقچى ، قارىغاندا سەن يىراق سەپەردىن كەلگەن ئوخشىمامسەن ؟
_ شۇنداق ، مېنىڭ بۇ شەھەردىن چىقىپ كەتكىنىمگە بىر يىلچە ، بەلكىم ئۇنىڭدىن ئوشۇقراق بولغاندۇر .
_ كۆپ يەرلەرنى ئارلىدىڭ ھە قاچان ؟
_ شۇنداق ، ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟
_ بىز يىراق بىر پادىشاھىقتىن كەلدۇق ، سەن « قۇياش شاھى » دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟
_ نىمىشقا ئاڭلىمايدىكەنمەن ؟ مەن كۆپ ئەللەرنى ئارلىغانمەن ، شۇڭا ، بۇ شەھىرىمدىكى يۇرتداشلىرىم مېنى « جاھانكەزدى سۈپۈرگە » دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىدۇ . مەن كۆرگەن پادىشاھلىقنىڭ ئىچىدە « قۇياش شاھى » ئەڭ بۈيۈك . سۈپۈرگىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغانلار ئۇنىڭ ماختاشلىرىدىن خوشال بولدى .
_ بەلكىم سېنىڭ خەۋىرىڭ يوقتۇر .؟_ دەپ سۆز باشلىدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شالاڭ ساقال ، ياشتا چوڭراق بىرى ،_ ئەنە شۇ ئۇلۇغ شاھىمىز « قۇياش شاھى» ئالەمدىن ئۆتتى .
_ بۇ خەۋىرىڭنىڭ ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق ، _ دېدى سۈپۈرگە ،_ شاھمۇ ، گادايمۇ ، ھەممىمىز بەرىبىر بىر كۈنى ئۆلىمىز .
_ شۇنداق ، ھەممىمىز ئۆلىمىز . ۋاپات بولغان شاھىمىزنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تەخىتكە چىقتى . ئۇ ئۆزىنىڭ مۇبارەك نامىنى « قۇياشتىن ئۇلۇغ» قويدى . دېمەك ، ئسمىدىنلا بىلسەك بولىدۇكى ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى دادىسىنىڭكىدىنمۇ بۈيۈك ....بىز ئەنە شۇ يېڭى شاھىمىزنىڭ پەرمانى بىلەن بۇ يۇرتلارغا كېلىپ قالدۇق . سەن بۇ تەرەپكە كېلىۋاتقىنىڭدا شۇنداق ، بۇ تەرەپكە كېلىۋاتقىنىڭدا ، سەپەر ئۈستىدە - بىرەر بازار ياكى قانداقتۇر خالىي بىر يەردە ، بالا كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بىرەر ئايالنى ئۇچىراتمىدىڭمۇ ؟
_ بالا كۆتۈرگەن ئايال ؟ ....دۇنيادا بالا كۆتۈرۈپ يۈرىيدىغان ئاياللار ئازمۇ ؟ سىلەر قايەردە ، قانداق بالا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئايالنى دەيسىلەر ؟ _ دېدى سۈپۈرگە .
ئەمما ئۇ كۆڭلىدە ئۇلارنىڭ كىمنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ بولدى . « ھە ، شاھزادە بىلەن ھېلىقى چوكانغا باغلىق ۋەقەرلەرنىڭ داۋامى تېخى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ . _ دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە ، _ شۇنداق ، بۇ ئالەمدىكى ئىشلار ئېقىن سۇدەك بىر بىرگە ئۇلىشىپ كەتكەن بولىدۇ . بىر ۋەقەنىڭ داۋامى ھامان ئىككىنچى بىر ۋەقەنىڭ بېشى بولۇپ چىقىدۇ . » _ مەسلەن ، سەن _ دەپ چۈشەندۈردى شالاڭ ساقال ئايغاقچى ، _ مېڭىش تۇرىشى غەيرىرەك ، بەستلىك كەلگەن چىرايلىق بىر خېنىمنى كۆردۈڭمۇ ؟
_ بۇ ئەتىراپتىكى يۇرتلاردا چىرايلىق خېنىملار ناھايىتى كۆپ ، ئەتىراپىڭغا قارا ، ئەنە ئاۋۇ كوزا كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان خوتۇن نىمە دىگەن قاۋۇل -ھە ؟ يولنىڭ چېتى بىلەن يۈزىنى توراپ كېلىۋاتقان مۇنۇ قىز قانداق چىرايلىق ........
_ ئوبدانراق ئېسىڭگە ئال ، بەلكىم سەن ئالاقىزادىلىك ئىچىدە كېتىۋاتقان بىرەر چوكاننىڭ مېڭىش تۇرىشىدىن بىرەر گۇمانغا كەلگەنسەن ؟
_ سىلەر زادى نېمىنى ئۇقماقچى بولىۋاتقىنىڭلارنى نىمىشقا ئوچۇق ئېيتمايسىلەر ؟ _ دېدى سۈپۈرگە ، _ بالا كۆتۈرگەن ئايالنىڭ يېڭى پادىشاھىڭلار بىلەن نىمە ئالاقىسى بار ۋە ئۇنى مۇنچە سۈرۈشتۈرۈپ كېتىشىنىڭ سىلەرگە نېمىگە لازىمى بولۇپ قالدى . ؟
_ ساڭا ئېيتمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ ، _ دەپ سۈپۈرگىگە يېرىنراق سىلجشتى ئايغاقچىلار ،_ ئەنە شۇ مەرھەمەتلىك يېڭى شاھىمىزنىڭ كىچىك ئىنىسىنى ئۇنىڭ ئانىسى ئوردىدىكى بىر ئايال خىزمەتكارغا قوشۇپ قاچۇرىۋېتىپتۇ . شاھىمىز بىزنى شۇ كىچىك شاھزادىنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن چىقارغانىدى . يول بوى
قاتتىق ئات چاپتۇرۇپ ماڭدۇق ، كۆپ يەرلەرنى ئىزدىدۇق . دېرىكىنى ئالالمىدۇق . شاھزادىنىڭ خەۋىرىنى ئالمىغۇچە شاھىمىزنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپمايدۇ .
_ نىمىشقا ؟
_ بىرىنچىدىن ، شاھزادە تېخى بوۋاق ، شاھىمىز ئۆز قېرىندىشىنىڭ ساق سالامەت قايتىپ كېلىشىنى تىلەيدۇ . ئىككىنچىدىن ، شاھزادىنىڭ ئوردا سىرتىدا تۇرۇشى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس ، كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭدىن يامان نىيەتلىك ئادەملەر پايدىلىنىپ ، شاھلىق تەختىگە خەۋىپ سېلىشى مۇمكىن .
_ چۈشەندىم ، _ دېدى سۈپۈرگە ، _ شۇ تاپتا ئېسىمگە بىر ئىش كېلىۋاتىدۇ ، بىر كۈنى مەن مانا بۇ ئېشىگىم بىلەن پاراڭلىشىپ بىر يېزىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم . مەن شۇ چاغدا ئېشىگىمدىن : ئەگەر ئاللا ساڭا شۇنداق ئامەت ئاتا قىلىپ ، بىرەر شەھەرگە پادىشاھ بولۇپ قالغۇدەك بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ ؟ دەپ سورىغانىدىم . ئېشىكىم كۈلۈپ : ئەگەر راستىنلا ماڭا شۇنداق ئامەت كېلىپ پادىشاھ بولىدىغان بولسام . شەھەرلەرنى تۇزلەپ ئېشەكلەر ئېغىنايدىغان توپىلىق مەيدان ياسىتاتتىم . ئېتىزلارنىڭ ھەممىسىگە بېدە بىلەن قوناق تېرىگۈزەتتىم دەپ تۇرىۋىدى ، شۇ چاغدا يېزا چېتىدىكى كۆۋرۈك بېشىغا ئولىشىۋالغان ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭى بىزنىڭ سۆھپىتىمىزنى بۇزىۋەتتى . نىمە گەپكىن ، دەپ بېرىپ قارىساق ، بىر نارسىدە بالىنىڭ جەسىتى توپىغا مىلىنىپ يېتىپتۇ .
جەسەتنىڭ بېشىنى كىمدۇر بىرى كېسىپ ئەكىتىپتۇ . سىلەر ئىزدەپ يۈرگەن بوۋاق شۇ بولۇپ يۈرمىسۇن يەنە ؟
_ سەن ئۇنى قاچان ، قەيەردە كۆردۈڭ ؟ _ دەپ ئايغاقچىلارنىڭ ھەممىسى كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە سۈپۈرگىنىڭ ئاغىزىغا تىكىلدى .
_ بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدىمىكىن ، نەدە كۆرگەنلىكىم تازا ئېسىمدە يوق .
_ ئەگەر سەن كۆرگەن جەسەت شاھزادىنىڭ جەسىتى بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئايالمۇ بولىشى كېرەكتىغۇ ؟
_ ئايال ؟ _ دېدى سۈپۈرگە نېمىشقىدۇر ئەندىكىپ _ توغرا ، شۇ جەسەتنىڭ ئەتىراپىغا ئولاشقانلار ئايالنىڭمۇ گېپىنى قىلغاندەك قىلىۋىدى .
_ ئۇلار نىمە دىيىشكەن ؟
_ ئۇلارنىڭ دېيىشىچە . بوۋاقنى بىر ئايال كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانىكەن . دەل ھېلىقى كۆۋرۈكنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلگەندە ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلىق لەشكەرلەر يېتىشىپ كېلىپ قاپتۇ . كۆۋرۈك يېنىدا ئازىراق ئېلىشىشمۇ بولغان ئوخشايدۇ . ھېچكىم ئۇ يەرگە بېرىشقا پېتىنالماپتۇ . لەشكەرلەر كەتكەندىن كېيىن يېزىلىقلار بېرىپ قارىسا ، ئۇيەردە بوۋاقنىڭ كاللسى يوق جەسىتى ياتقۇدەك ، ھېلىقى ئايالنىڭ نەگە يوقالغىنىنى ئۇلارمۇ ئاڭقىرالماي قاپتۇ . ...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئايغاقچىلار بىر بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى . « دېمەك ، شاھزادىنىڭ كاللىسىنى باشقىلار كېسىپ ئەكىتىپتۇ . مۇكاپاتتىن قۇرۇق قاپتۇق » دەپ ئويلاشتى ئۇلار . شۇنداق بولسىمۇ ، سۈپۈرگە يەتكۈزگەن خەۋەر ئايغاقچىلارنى ئازىراق خوشال قىلدى . چۈنكى ، ھېچبولمىغاندا ئۇلار ئوردىغا شاھزادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېلىپ بولسىمۇ قايتالايتى . ئۇلار سۈپۈرگىگە رەھمەت ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئالدىراپ ئارقىسىغا قايتىشتى .
جاھانكەزدى سۈپۈرگە بىلەن ئۇچىراشقان ئايغاقچلار ئوردىغا بالا شاھزادىنىڭ كاللىسىنى ئەكىلەلمىگەن بولسىمۇ ، يىراق چۆللۈكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئاجايىپ باي ، ئاۋات ئەمما ھېچقانداق بىر پادىشاھلىققا تەۋە بولمىغان « بىغەملەر شەھىرى » توغرىسىدىكى ئاجايىپ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ كەلدى . بۇ خەۋەر يېڭى پادىشاھ « قۇياشتىنمۇ ئۇلۇغ» نىمۇ قاتتىق ھاياجانغا سالدى . ئۇنىڭغا ئەمدى بالا شاھزادىنىڭ كاللىسى لازىم ئەمەس ئىدى . ئۇ شاھزادىنىڭ كاللىسىنى ئاللىبۇرۇن قولغا چۈشۈرۈپ خاتىرجەم بولغان ، قالغان بارلىق تەخىت ۋارىسلىرىنىمۇ بويسۇندۇرۇپ ئۆزىنىڭ شاھلىق ئورنىنى مۇقىملىۋالغانىدى . راستىنلا شۇنداق بايلىق بىلەن تىنىپ كەتكەن مۇداپىيىسىز بىر ئەل بولدىغان بولسا ، ئۇنى قوشۇن تارتىپ بېرىپ بېسىۋالغاندا ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى شاھ ئۆز شۆھرىتىنى ئاشۇرۇشى ، پۇقرالارنىڭ دېققىتىنى چالغىتىپ ، ئەتىراپتىكىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان نارازىلىقىنى پەسەيتىشى مۇمكىن ئىدى . شاھ ھېلىقى ئىگىسىز شەھەرگە بېرىپ قايتقان لەشكەرلەرنى ئالدىغا چاقىرتتى .
قاتمۇ قات ئوردا دەرۋازىلىرىدىكى قېتىپ تۇرغان قاراۋۇللار ، ئوردا ئىچىدىكى بىر بىرىدىن ھەشەمەتلىك قۇرلۇشلار ، شاھنىڭ خاس ھۇجرسىغا ئېلىپ بارىدىغان ئەگرى بۇگرى مەخپىي يول ۋە بۇ يەردىكى جىمجىت ، سۈرلۈك كەيپىيات ئوردا خادىمىغا ئەگىشىپ كېتىپ بارغان لەشكەرلەرنى ھەم ھەيران قالدۇراتتى ، ھەم ئەندىشىگە سالاتتى . ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ شاھ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە كۆڭلى تىندى . شاھنىڭ بۈگۈن كەيپى خوش ئىدى . ھەتتا ئۇ لەشكەرلەرنى ناشتىدا بىللە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى .
داستىخان شۇنچىلىك مول راسلانغانىدىكى ، لەشكەرلەر بۇ يەرگە تىزىلغان نازۇ نىمەت ، تائاملارنىڭ ئىسمىنىمۇ دەپ بېرەلمەيتى . بۇ يەردە چۈمۈلە مۇرابباسىدىن تارتىپ يولۋاسنىڭ جان يېرىدىن قورۇلغان سەيلەرگىچە ھەممە نىمە تېپىلاتتى . شاھ بۇ ئاددي لەشكەرلەر بىلەن ناشتىدا بىللە بولۇپ ئۆزىنڭ قانچىلىك كەمتەر ۋە خەلىقچىل ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلماقچىدى . شاھ ئۆزى بىلەن بىرەر نۆۋەت ھەمداستىخان بولۇپ قالغان ئەخمەقلەرنىڭ سىرتقا چىققاندا ئوردىدىكى بايلىق ۋە ئاجايىپ تائاملار توغرىسىدا بىر ئۆمۈر ماختىنىپ سۆزلەپ يۈرۈيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى .
_ مەن سىلەردىن بىر ئىشنى سوراپ بىلىپ باقماقچىمەن ؟ _ دېدى شاھ تاماق ئۈستىدە .
_ ئالىيلىرىغا جاۋاپ بېرىشكە تەييارمىز ._ دەپ چۇرقىراشتى لەشكەرلەر .
_ سىلەر كۆرگەن ھېلىقى شەھەر توغرىسىدىكى گەپلەر ھەقىيقەتمۇ ؟
_ ئۇلۇغ شاھىمىزنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلەش ھەددىمىز ئەمەس . _ دەپ تىز چۆكۈشتى لەشكەرلەر .
_ بىر راستىنلا شۇنداق نە لەشكرى ، نە پادىشاھى يوق ئاجايىپ بىر شەھەرنى كۆردۇق ، _ دەپ چۈشەندۈردى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شالاڭ ساقاللىقى . ئۇ شۇ ئايغاقچىلارنىڭ قۇر بېشى ئىدى . _ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ناھايىتى قاۋۇل كېلىدىكەن ، ئەمما تولىمۇ بىلغەم ياشايدىكەن ، شەھىرىنىڭ سېپىلىمۇ يوق . ئۇ يەردىكى يۈرۈشۈپ تۇرغان سودا سېتىق ، قايناق بازارلىرىدىكى ئاجايىپ ماللار ، سودىگەرلەرنىڭ سارايلىرىدىكى ھېسابسىز دۇنيا ، راستىنى ئېيتساق ، جانابىي شاھ ، بىز تېخى مۇنداق ئاۋات بىر ئەلنى كۆرمگەن .
_ ئۇلارنىڭ قوغۇن تاۋۇز ، مىۋە چېۋىلىرىنىڭ شىرنىلىكلىكىچۇ ،_ دەپ قوشۇمچە قىلدى ئىككىنچى لەشكەر ، _ باھاسىمۇ شۇنچە ئەرزانكى ، بىكارغىلا بېرىدىكەن دىسىمۇ بولىدۇ .
_ ئاھ ئۇيەردىكى نەغمە ناۋا ، _ دەپ سۆز قاتتى ئۈچۈنچى لەشكەر ،_ ئۇ يەردىكى ئادەملەر شۇنچىلىك ئەركىنكى ، بىكار بولسىلا نەغمە ناۋا بىلەن ئۇيۇن تاماشا قىلىدىكەن ، يىراقتىن قارىغان كىشى ئۇلارنى ساراڭ بولۇشقان ئوخايدۇ ، دەپ قالىدىكەن . يېقىن بېرىپ تىڭشىغان ئادەمنىڭ ئۆىمۇ سازنىڭ لەرزىدە ئىختىيارسىز ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىدىكەن .
_ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىچۇ ؟ .....ئاياللار توغرىسىدا سىلەر جانابيى ئالىلىرىغا ھېچنىمە ئېيتمىدىڭلار ، _ دەپ ئالدىراپ سۆز ئالدى تۆتىنچى لەشكەر لەۋلىرىنى تامشىتىپ ، _ ئۇ يەرنىڭ قىز جۇۋانلىرى شۇنچىلىك گۈزەلكى ، ئاپپاق بەدەن ، ماڭسا بېلىقتەك تولغىنىپ كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ . ...
لەشكەرلەر كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى شاھقا بەس بەستە بايان قىلىپ شاھنىڭ قىززىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى .
_ سىلەر مۇنداق غەلىتە شەھەرنى چۈشۈڭلاردا كۆردۈڭلارمۇ ياكى ھېلىقىدەك مەست قىلىسىغان بىر نىمىلەرنى چېكىۋالغاندىمۇ ؟ _ دەپ سىناق نەزىرىدە قارىدى
شاھ لەشكەرلەرگە .
_ دېگەنلىرىمىزنىڭ ھەقلىقلىقى ئۈچۈن تەڭرى نامى بىلەن قەسەم ئىچىمىز .
_ ئۇ شەھەرنىڭ ئىسمى نىمە ئىكەن ؟
_ ئىسمى ؟ _ لەشكەرلەر ھودۇقۇپ بىر بىرگە قارىشپ قالدى .
_ شەھەرنىڭ نامى « بىغەملەر شەھىرى » ئىكەن . ھۆرمەتلىك شاھىم ،_ دېدى شالاڭ ساقال تەۋەككۈلگىلا. چۈنكى ، شاھنىڭ ئالدىدا تىلىنى چايناپ تۇرۇش خەتەرلىك ئىدى . شۇ تاپتا « بىغەملەر شەھىرى » دىگەن گەپنى ئۇ ئۆزى ئويلاپ چىقاردىمۇ ياكى ئۇ شەھەرنىڭ نامى راستىنلا شۇنداقمىدۇر ؟ « بىغەملەر شەھىرى » دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ كاللىسىغا قانداق كىرىپ قالدى ؟ بۇ تەرەپلىرىنى ئۇ ئۆىمۇ جەزىم قىلالمايتى .
_ نە سېپىلى ، نە تۈۋرۈكى يوق ، بايلىق تىنىپ كەتكەن قانداق شەھەركەن ئۇ ئۆزى ؟ _ دەپ غودۇراپ كەتتى شاھ ، _ بەلكىم ئۇ شەھەردىكى خەقلەرنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان باشقا بىر ھۈنەرلىرى باردۇر ؟ سەن ھاڭۋاقتىلارغا ئۇنداق سىرلىرىنى بىلدۈرۈشمەيدۇ -دە ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېھرىگەرلەردۇر .
_ ئۇ تەرەپلىرىنى بىلمىدۇق ، شاھىم ،_ دېدى شالاڭ ساقال _ بىز پەقەت ئۇ شەھەردە بىر نەتچە كۈنلا تۇردۇق ئەمما ، نامىدىنلا بىلىنىپ تۇرىدۇكى ، ئۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ناھايىتىمۇ بىغەم كۆرۈنىدۇ ، ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك باياشات ياشاۋاتقىنىغا كىشىنىڭ زوقى كېلىدۇ ......
شۇنىڭدىن كېيىن ، شاھنىڭ ئارقا ئارقىدىن ئەۋەتكەن باشقا ئايغاقچىلىرىمۇ ئۆزىگە قوشنا يىراق بىر يەردە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىر ئىگىسىز شەھەرنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلىشتى . ئۇلار ئۆز سۆزلىرىدە يەنە ئىلگىركىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تۇللۇقلاپ ،« بىغەملەر شەھىرى » دىكى ئاجايىپ گۈزەللەر ، مول ھوسۇللۇق ئېتىزلار ، تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان مال دۇنيا ...يەنە شۇنداق نۇرغۇن نەرسىلەر توغرىسىدا ھىكايە قىلىشاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە پايتەخىتتىن ئىلگىرى « بىغەملەر شەھىرى » گە بېرىپ سودا سېتىق قىلغان سودىگەرلەرمۇ تېپىلىپ قالدى . بۇ سودىگەر دىگەن شەيتاندەك غەلىتە خەق بولۇپ ، پايدا ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارمايدىغان يېرى ، كىرمەيدىغان تۆشۈگى بولمايتى . ئۇلارمۇ ئۆز سۆزلىرىدە يىراقتا شۇنداق بىر باي شەھەرنىڭ بارلىقىنى ئسپات قىلىشتى . « قۇياشتىن ئۇلۇغ شاھ » بۇ ئىگىسىز لوق گۆشنى قوشۇن ئەۋەتىپ يۇتىۋېلىپ ، ئەتىراپقا ئۆز سەلتەنىتىنى جەۋلان قىلىش ، تەخىت دۈشمەنلىرىگە ئۆز قۇدىرىتىنى
بىر كۆرسىتىپ قويۇش قارارىغا كەلدى . كېڭىيىش ئۈچۈن ئوردا يىغىلىشىنى چاقىردى .
شاھ چاقىرغان ئوردا يىغىلىشىغا قەلەم تۇتقان ، ئەلەم تۇتقان ئاتامانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قاتناشتى . «بىغەملەر شەھىرى » نىڭ خەۋىرىنى تۇنجى بولۇپ ئوردىغا مەلۇم قىلغانلىق ھۆرمىتىدىن بۇ يىغىلىشقا شالاڭ ساقالمۇ چاقىرتىلغانىدى . شاھ تېخى يىغىلىش ئورنىغا كىرمىگەن بولۇپ ، ئەمەلدارلار بۇ قېتىمقى پەۋقۇلادە كېڭەشنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە پىچىرلاشماقتا ئىدى .
_ ئۇرۇش قىلغۇدەكمىز ئۇرۇش ،_ دېدى كۆز خالتىلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن بىر ۋەزىر يېنىدىكى ئەمەلدارغا شىۋىرلاپ .
_ يەنە نىمە ئۇرۇش ؟ ئوردا تېخى ئەمدىلا تىنىچلانغانتىغۇ ؟
_ يىراقتا ناھايىتىمۇ باي بىر ئەل بارمىش ، بىز ئۇنىڭغا قارشى قوشۇن تەشكىللىگۈدەكمىز .
_ ئۇلار بىز تەرەپكە بېسىپ كېلىۋېتىپتۇمۇ ياكى بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېسىپ بارغۇدەكمىزمۇ؟
_ ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بارغۇدەكمىز ....
شالاڭ ساقال گالۋاڭراق ، تۈزلا كەتكەن ئادەم ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ قۇر بېشىلىق شۇ كىچىككىنە مەنسىپىگە مەككارلىقى ياكى خوشامەتكويلىقى بىلەن ئەمەس ، شاھ جەمەتىگە قانداقتۇر يىراق تۇغقانچىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېرىشكەنىدى . شۇ تاپتا ئۇ « بىغەملەر شەھىرى» گە قوشۇن ئەۋەتىش نىمىشقا شۇنچە زۆرۆر بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنەلمەي ئەتىراپقا قارايتى .
_ توۋا ، تېنىچ ياتقان خەلىقنىڭ ئۈستىگە ھە ؟.. _ دەپ غودىرايتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە .
_ ئەخمەق ،_ دېدى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر سەركەردە ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ . _ قانداقتۇر بىر ئىگىسىز شەھەر توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئۆزۈڭ كۆتۈرۈپ كېلىپ ، ھەممىنىڭ ئارامىنى بۇزدۇڭ . يەنە نىمە غوتۇلدايسەن ، شاھنىڭ غەزىپىدىن قورقمامسەن ؟
_ ئەمدى دەيمىنا ..........بىز نىمىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇن تارتىپ بارغۇدەكمىز ؟
_ دەستەك دېدىڭما ؟ ئۇرۇش دېگەنگە دەستەكنىڭ نىمە لازىمى ؟ ئاڭلاپ تۇر ، بىز ئاۋال ئۇ يەرنى كۈچ بىلەن بېسىۋالىمىز ، ئاندىن ئوردىدىكى نانقېپى قەلەمكەشلەر بۇ توغرىسىدا شۇنداق تارىخلارنى يېزىشقا باشلايدۇكى ، ھېلىقى سەن كۆرگەن شەھەرنىڭ ئېتى نىمىدا ؟
_ بىغەملەر شەھىرى .
_ ھە ، شۇ بىر نېمىلەر شەھىرى دېگىنىڭ خۇدا تېخى زىممىننى ئاپىرىدە قىلماستىن ئىلگىرىلا بىزگە تەۋە ئىكەنلىكىنى سۆزسىز ئىسپاتلاپ چىقىشىدۇ . ئۇ چاغدا ، ئوردىدىكى شاھلىرىمىزنىڭ كۈچ قۇدىرتى ، ئادالەتپەرۋەرلىكى ، تاپىنىدا چۈمۆلىنىمۇ ئۆلتۈرمەيدىغان رەھىمدىللىكىنى ماختاپ يازغان قەسىدىلىرىنى ئوقۇپ ھەيران بولۇپ ياقاڭنى تۇتىسەن . ئۇلارنىڭ تىللىرى شۇنچىلىك شېرىنكى ، ۋاقتى كەلگەندە پوقنىمۇ ھالۋا قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ . ...
شالاڭ ساقال يەنە بىر نىمىلەرنى دەپ سەركەردىگە ئېتىراز بىلدۈرمەكچى بولۇپ تۇراتتى ، شاھنىڭ يېتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى ئاڭلىنىشى بىلەن ھەممە گۈلدۈرلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشتى . شاھ ئۆز ئورنىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ ، ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن ، ئەمەلدارلار چاپانلىرىنى يىنىك شىلدىرلىتىپ ، ئۈنسىز ئولتۇرۇشتى .
كېڭەش ناھايىتى قىسقىلا بولدى . شاھنىڭ غەرىزىنى ئاللىبۇرۇن چۈشۈنۈپ بولغان ۋەزىر سەركەردىلەر « بىغەلەر شەھىرى» نى قوشۇن ئەۋەتىپ بېسىۋېلىشنى بىر ئېغىزدىن قوللاشتى .
_ بىزگە قوشنا بولۇپ تۇرغان بىر يەردە قانداقتۇر بىر پادىشاھسىز شەھەرنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشى ياخشى ئىش ئەمەس ،_ دەپ ھۆكۈم چىقاردى شاھ ئاخىرىدا ،_ ئۇنىڭ قول ئاستىمىزدىكى شەھەرلەرگە يامان ئۈلگە بولۇپ قېلىشى چوقۇم . مۇنداق بولغاندا پۇقرالارنىڭ كاللىسىغا :« پادىشاھسىزمۇ بىر ئوبدان ياشاۋېرىشكە بولىدىكەنغۇ . دىگەن بىمەنە خىيال كېلىدۇ دە ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزگە قارشى كۆتۈرۈلىدۇ . سەركەردىلەر ، ياراملىق قوشۇن تەيارلاڭلار ،. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېسىپ بېرىپ ، دۇنيادا ئىگىسىز نەرسىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسىلىكىنى كۆرسىتىپ قويايلى .
يىغىن ئەھلى دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇپ :
_«قۇياشتىن ئۇلۇغ شاھ»ىمىز ياشىسۇن ، تۈمەن مىڭ يىللار ياشىسۇن .
_ ئۇلۇغ شاھىمىزنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ._ دەپ چۇقان سېلىشتى .
شۇنىڭ بىلەن ئالدىراشلىق ئىچىدە قوشۇن تەشكىللەندى . « بىغەملەر شەھىرى»گە دەسلەپتە بېرىپ قايتقان شالاڭ ساقال قوشۇن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى .
مەككار سەركەردىلەر يىراق چۆللۈكتىكى تېخى سىرى مەلۇم بولمىغان بىر شەھەرگە يۈرۈش قىلىشقا تەۋەككۈل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى . مەنسپىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن خوشال بولۇپ تېرىسىگە پاتماي قالغان شالاڭ ساقال بۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى . ئىلگىرى بىغەملەر شەھىرىگە بېرىپ قايتقان بىر قانچە سودىگەرلەردىن يول باشلىغۇچىلار تاللاندى . ئاتلىق لەشكەرلەر ، ئېغىر يۈكلەر ئارتىلغان ھارۋىلار پايتەخىت كوچىلىرىنى چاڭغا كۆمۈپ ، شەھەر دەرۋازىسىدىن ھەيۋەت بىلەن چىقىپ ، يۈرۈشنى باشلىۋەتتى .
قوشۇن ناھايىتى جاپالىق ئۇزۇن يول بېسىپ ، مىڭ مۇشەققەتتە « بىغەملەر شەھىرى» ئەتىراپىغا يېتىپ كېلەلىدى . چۆل يولىدا مۇند历史上的今天:
قۇم باسقان شەھەر(15) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(14) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(13) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(12) 2010-06-16قۇم باسقان شەھەر(11) 2010-06-16
收藏到:Del.icio.us