• قۇم باسقان شەھەر(3)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66138675.html

    ياخشى قال ، يولۇچى


    يەنە بىر يېڭى تاڭ ئاتتى . سۈپۈرگە ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ يۇيۇندى . بامدات نامىزىنى ئوقۇپ خۇدادىن ئۆز گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشنى تىلىدى . ئۇلار يەنە يولغا چىقىشتى . چوكان ئۆزىدىكى تەشنالىق ئوتىنى ئازىراق بولسىمۇ پەسەيتكەن بولۇپ ، بۈگۈن نىمىشقىدۇر كەمسۆز بۇلۇپ قالغانىدى . ئۇ پات پات ئېشەك ئۈستىدە كېتىپ بارغان سۈپۈرگىگە يەر تىگىدىن قاراپ قوياتتى .
      ئوردىدىكى چاغدا چوكان ئۆزىنىڭ ئەنسىز كىشىنى بىزار قىلىدىغان خورلۇق تۇرمۇشىدىن جاق تويغانىدى . ئۇ قانچە  قېتىم شۇنداق بىر كىشىنىڭ غايىپتىن پەيدا بولۇپ ، ئۆزىنى يىراق ، خاتىرجەم بىر ماكانغا ئەكىتىشىنى تىلىگەنىدى ، ئۆزىنى ئەكىتىدىغان ئۇ كىشىنىڭ چىرايىنىڭ قانداق بولىشى ، ياش قورامنىڭ قانچىدە ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى . ئۇنىڭغا لازىمى پەقەت ئۆزىگە پاناھ بولالايدىغان بىرەر ئەر كىشى . شۇنداق ئادەم بولسا ، ئۇنى دۇنيانىڭ قانچىلىك يىراق يەرلىرىگە ئەكەتسىمۇ مەيلى ئىدى . ئۇ ئۇيەردە ئۇ ئېرىنىڭ ئاش تامىقىنى ئېتەتتى ، ساغلام بۇدۇرۇق بالىلارنى تۇغاتتى ، ئۇنىڭ بالىلىرىنى ھېچكىم بۇغۇپ قويمايتى . ئۇ ئۆز بالىلىرىغا قېنىپ ئەمچەك سالاتتى . بالىلار چوڭ بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەتراپى ۋاڭ چۇڭغا تولاتتى . ...    چوكان ئۆزىنىڭ ئوردا ئىچىدە ئەسلىگۈسىمۇ كەلمەيتى . ئوردىدىكى دېدەكلەر ، ئىنىكئانىلار ، ئايال چاكارلار بىلەن ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوغۇرلۇقچە قىلىشىدىغان مۇناسىۋەتلىرى كىشىنى بىزار قىلاتتى . ئوردىدىكى ئېسىلزادىلەر كۆزى چۈشكەن ئايال خىزمەتكارلارنى خۇشى تۇتقاندا چاقىرىپ بىر كېچە قوينىغا ئالىدۇ -دە، بۇ ئىشنى بىرەرىگە تىنىپ قويسىلا كاللىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، تەھتىپ سېىلپ ئەتىسىلا ھەيدەپ چىقىرىدۇ . ئوردا خىزمەتكارلىرى بىلەن بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا قورقۇپ ، تىتىرەپ تۇرۇپ قىلىشقان ئىشلارنىڭمۇ قىلچە لەززىتى بولمايدۇ . ئاھ  ،  شۇ ھەشەمەتلىك ئوردىدا ئاددى بىر دېھقاننىڭ خوتۇنى
    بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغان بىرەر كېنىزەك تېپىلارمۇ ؟ ....
        ئوردىدىن مانا بۇ شاھزادىنى ئېلىپ قېچىش ئىشىغا شۇڭلاشقا بۇ چوكان ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوشۇلغانىدى . ئۇ خەۋىپ ئىچىدە قالغان شاھزادىنى قۇتۇلدۇرماقچى، راستىنى ئېيتقاندا ، ئوردىدىن يېراق بىرەر جايدا ئۆزىنىڭمۇ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى تىكلىمەكچىدى . ....چوكان خىيال ئىچىدە سۈپۈرگىگە قارايتى . بۇ ئادەمنىڭ يېشىنى ئانچە چوڭ دەپكەتكىلىمۇ بولمايتى . ئۇنىڭدا ئەركەكلەرگە خاس ھەممە خىسلەت تېپىلاتتى ، ئەمما بۇ چوكانغا نىسپەتەن ئۇنىڭ
    مۇناسىۋەتلىرى بىر ئەر بوغۇچىغا ئەمەس ، مېھرىبان قېرىنداشقا ئوخشاپ كېتەتتى . بۇ ئادەم يەر تېرىپ ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دېھقان ئەمەس ، تۈگىمەس سەرگەردانلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان سەيياھ ، چۈشۈنۈپ بولمايدىغان غەلىتە ئادەمدەك قىلاتتى .
    سۈپۈرگە بىلەن چوكان قانداقتۇر بىر تاشلىق ساي ، تاشلاندۇق يوللار بىلەن كەڭ ئېدىرلىقنى كېسىپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى . يىراقتا يېشىللىقلارغا پۈركەنگەن دۈمچەك دۈمچەك  دۆڭلۈكلەر ، ئۇنىڭمۇ ئارقىسىدا قارلىق ئېگىز تاغلار كۆرۈنەتتى . ئاشۇ دۆڭلۈكلەر تەرەپكە ئەكىتىدىغان يولغا قاراپ چوكاننىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى .
       _ بىلەمسەن ؟  - دېدى ئۇ سۈپۈرگىگە،_ بۇ يەرلەر ماڭا تونۇشتەك بىلىنىدۇ . مېنى لەشكەرلەر ئوردىغا ئېلىپ ماڭغاندا ، ھارۋا بىلەن ئەن شۇنداق دۆڭلۈكلەرنى ئارلاپ ماڭغاندەك قىلغان . بىز ئۇزاق يول يۈرگەن ، ھارۋىدا يەنە قانداقتۇر يۈكلەرمۇ باردەك قىلاتتى ، مەن يوغان ساندۇقلارنىڭ ئوتتۇرسىدا چايقىلىپ ئولتۇرۇپ ، مەپە مىلەڭزىسىنىڭ يوچۇقىدىن ئوغۇرلۇقچە سىرتقا قارىغانىدىم . بەلكىم ، ئاشۇ دۆڭلۈكلەردىن ھالقىپ چۈشسەكلا بىزنىڭ يۇرتقا بارارمىزمىكىن . ئۇلار مېنى ئوردىغا ئېلىپ ماڭغاندا مەن كىچىك ئىدىم ، كېيىن ئاڭلىسام ، ئاتا ئانام ھەسرەت چېكىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ . ھازىر يۇرتۇمدا قانداق ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن . ....
          _ سەن ئۇ تەرەپلەرنى ئۆزۈڭنىڭ يۇرتلىرىغا ئوخشىتىۋاتساڭ كېرەك ، _ دەپ كۈلدى سۈپۈرگە ، _ دۇنيادا بىر بىرىگە ئوخشايدىغان دۆڭلۈكلەر ئازمۇ ؟
           _ سېنىڭ دىگىنىڭ توغرىدۇر ، -دېدى چوكان ،- ئەمما ، شۇ ئەتىراپ كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنىۋاتىدۇ . شۇ ئەتىراپتىن بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ تېرىغان بولساق ، ساپاننى مەن ئۆزۈم سۆرەيتىم .
            _ ئەتىدىن باشلاپ بىز ئۇ تاغ تەرەپكە ئەمەس ، مانا ماۋۇ چۆللۈكلەرگە قاراپ كەتكەن يول بىلەن ماڭىمىز ، _ دېدى سۈپۈرگە ، _  ئالدىمىزدىكى بۇ يوللاردا ئەمدى بىزگە بەزىدە كۈنلەپ بىرەر كارۋان ، ياكى بىرەر يولوچى ھەتتا بىرەر قونالغۇمۇ ئۇچۇرمايدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ . ئۇ يوللاردا ئادەم شالاڭ ، شاھ ئايغاقچىلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ، مەن قۇملۇقلاردىكى ئەڭ يېقىن ، ئەڭ مەخپىي يوللارنى بىلىمەن .
        « قۇياش شاھى » نىڭ تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئاخىرقى كېچىسى يولوچىلار قونالغۇ تاپالماي ، ئېتىزلىقتىكى تاشلىنىپ تۇرغان بىر كونا كەپە ئىچىدىلا تۈنىدى ، كەپىنىڭ ئۈستىگە ياپقان ياغاچلار چىرىپ قارداپكەتكەن . كەپىنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىنى قېلىن تور باسقان بولسىمۇ ، كەپىنىڭ ئاستىغا قۇرۇق ۋە يېڭى مەڭگەن يېيىتىلغانىدى . بۇ شۇ ئەتىراپتىكى بىنەم يەرلەرنى تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ يىغىم تېرىم ۋاقتىدا پايدىلىنىدىغان تۇرالغۇسىدەك قىلاتتى . بىر  
    ئىككى كۈندىن بېرى ماڭغان ئوڭغۇل دوڭغۇل تاشلىق يول سۈپۈرگىنى ئوبدانلا چارچاتقانىدى . ئۇ ئېشىكىنى چۈشەپ قويۇپ ، كىرىلا ئۇخلاپ كەتتى . چوكاننىڭ كۆزىگە بولسا زادى ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .  
    « كۈندۈزى يول بويىدا كۆرۈنگەن دۆڭلۈكلەردىن ھالقىساقلا بىزنىڭ يۇرتقا يېتىپ باراتتۇق . » دەپ ئويلايتى چوكان . شۇ دۆڭلەرنىڭ ئارقىسىدا راستىنلا ئۇنىڭ يۇرتى بارمۇ ياكى بۇ بىر خىيالى تۇيغۇمۇ ؟ بۇنىسى نامەلۇم ئىدى . نىمىشقىدۇر چوكاننىڭ كاللىسىغا مۇشۇنداق بىر پەرەز ئورنىشىۋالغانىدى . ئۇ يەردە يىراقتىكى ئاق باش تاغلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان سۈپسۈزۈك تاغ سۈيى ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان جلغىلار بار . بىر قېتىم ئاتىسى چوكاننى شۇ يەرلەرگە باشلاپ بېرىپ سايدىن بېلىق تۇتقان . ئاياغ يوللار ، ئېتىزلار ، ياپيېشىل باراڭلار بىلەن پۈركەنگەن ئاددىي دېھقان ئۆيلىرى ، كۆكتاتلىقلار ھەممىسى ئۇنىڭ ئېسىدە تۇرۇپتۇ .
    ئەگەر شۇ ئەتىراپتىكى بىرەر ئىشلەمچىنىڭ خوتۇنى بولۇپ قالغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى . ھە؟ ... بۇ ناتۇنۇش ئادەم ئەمدى چۆل يوللىرى بىلەن ئۇنى قەيەرلەرگە ئەكىتەر ؟ ئېھتىمال ئۇ مۇشۇ كەتكىنىچە مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەس ............
         تۈن يېرىمىدا ئايال ئاستا ئورنىدىن تۇردى ، سۈپۈرگە بىلەن كىچىك شاھزادە شېرىن ئۇيقۇدا ئىدى . چوكان تالاغا چىقتى . ئاي ئەتىراپنى سۈتتەك يورۇتۇپ تۇراتتى . بىراق بىر يەردىن شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ بۇغۇق ئاۋازى كېلەتتى . قەيەرلەردىندۇر ئىتلار ھاۋشىپ قوياتتى . دېمەك ، يېقىن ئەتىراپتا بىرەر يېزا باردەك قىلاتتى . چوكان ئىتلارنىڭ ئاۋازى كەلگەن تەرەپنى نىشان قىلىپ ماڭدى . باشتا ئالدى كەينىگە قاراپ ئاستا ماڭدى ، كەپىدىن يىراقلاشقاندىن كېيىن يۈگۈرۈشكە باشلىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىلەرگە دەسسەپ ، قايسى تەرەپكە قاراپ كېتىپ بارغىنىنىمۇ بىلمەيتى .
             ئەگەر ئوردىدىن شاھزادىنى ئىزدەپ چىققان لەشكەرلەر بۇ ئەتىراپتىن چوكاننى تېپىۋالىدىغان بولسا  ، ئالدى بىلەن ئۇنۇڭدىن شاھزادىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ .
    ئۇ چاغدا ئۇ نىمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئوردىغا نىمە كېرىگى ، ئۇلارغا لازىمى شاھزادە ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئۇ شاھزادە پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ قالىدىغان بولسا ، بوۋاق چېغىدا ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەن ئىنىكئانىسىنى ئەيىبلەپ كاللىسىنى ئالىدۇ . ئەگەر پادىشاھلىق باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان تەقدىردىمۇ ، تەخىتنىڭ كەلگۈسى كۈشەندىسى بولغان شاھزادىنى تاپ دەپ ئۇنىڭغا تۈگىمەس زۇلۇم سالىدۇ . ئەگەر شاھزادىنى ھېلىقى يولوچى ئېلىپ يىراققا كېتىپ قالسا ، ئۇ چاغدا شاھزادىنى ئۇ ئودا ئادەملىرىگە قانداق تېپىپ بېرەلەيدۇ ؟.........
             چوكاننىڭ كۆز ئالدىغا ئوردىدىكى سۇغا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسى ، ئەمچەكتىن ئېسىش ، گېلىنى بۇغۇپ كۆزىنى چانىقىدىن چىقىرىش ، قاپقا سولاپ دۇمبالاش ، ئالدى كەينىدىن قوزۇق قېقىش ،تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى سۇغۇرىۋېلىش دېگەندەك ھەرخىل جازالار كەلدى . ئۇ بارغانسىرى دەككە دۇككىگە چۈشۈپ ، يۈگۈرۈشتىن توختاپ قالدى . بوۋاقنى ئويلىغانسىرى كۆكسى چىڭقىلىشقا باشلىدى . « ئاز ئۆتمەي شاھزادە ئويغۇنىدۇ ، _ دەپ ئويلىدى چوكان ، _ ئۇ ئېمىشى كېرەك . يولوچى ئۇنى قانداق پەرۋىش قىلىدۇ ؟ ئۇنىڭ يىغىسىنى قانداق پەسلىتىدۇ ؟ شاھزادە ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن .......»
            جاۋابكارلىق تۇيغۇسى ۋە ئانىلىق مېھرى چوكاننى ئارقىغا قايتۇردى ، ئۇ كەپىسىگە يېقىنلىشىپ كەلدى . بالا بىلەن سۈپۈرگە يەنىلا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . تىنىچ كېچىدە ئۇلارنىڭ چوڭقۇر تىنىقى سىرتقىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى . چوكان پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ بالىنى قولىغا ئالدى - دە، دېمىنىمۇ چىقارماستىن كەپىدىن يىراقلاشتى ، ئاندىن ئۇ شاھزادىنى مەھكەم قۇچاقلاپ شامالدەك ئىتتىك يۈگۈرۈپ كەتتى . ئايمۇ ئۇنۇڭغا ئەگىشىپ يۈگۈرىۋاتقاندەك
    قىلاتتى ..........
        سۈپۈرگە سەھەردە ئويغىنىپ  يېنىدا ھېلىقى چوكان بىلەن بالىنىڭ يوقلىقىنى كۆردى . ئۇ تالاغا چىقتى . ئەتىراپقا قارىدى . ھەممە ياق جىمجىت ، كېچىچە تۇيۇپ ئوتلىغان سۇر ئېشەك ھورۇنلۇق بىلەن توپىغا ئېغىناپ ياتاتتى . ئېشەك ئىگىسىنى كۆرۈپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ، كېرىلىپ سىلكىندى .
    چوكاننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى . سۈپۈرگىنىڭ كۆڭلىدىن بىر گۇمان كەچكەندەك قىلدى . دە  قايتىپ كىرىپ ئايال ياتقان ئورۇننى تۇتۇپ كۆردى ، ئورۇن ئاللىبۇرۇن مۇزلاپ كەتكەنىدى . ئۇ يەنە كەپىدىن چىقتى . يىراق ئۇپۇق سىزىقى ئەتىراپىدا شەپەق لاۋۇلداپ ، يېڭى بىر قۇياشنىڭ كۆتۈرلۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە ئىدى . ئەتىراپتىكى سەھەرچى قۇشقاچلار چۇرۇقلىشاتتى . سەھەرنىڭ ساپ مۇزدەك ھاۋاسى كىشىنى ئەندىكتۈرەتتى . سۈپۈرگە كەپە ئىچىگە يەنە قايتىپ كىرىپ ، خۇرجۇننىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ ، شاھزادىنىڭ ئانىسى خىراجەت قىلىش ئۈچۈن بەرگەن تىللالار سېلىنغان خالتىنى ئىزدىدى، خالتا ئۆز جايىدا تۇراتتى . ئۇ قايتىپ چىقىپ ، كەپىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خىيالغا پاتتى .    
      بۇ چوكان قا يەرگە كەتكەن بولىشى مۇمكىن ؟ توغرا ، ئۇ تۆتۆگۈن مۇشۇ يەردە بىزنىڭ يۇرت بار دىگەندەك قىلىۋىدى . دىمەك ، ئۇ ئۆز يۇرتىنى ئىزدەپ كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ . ئۇنداقتا ئۇ شاھزادىنىڭ ئانىسى بەرگەن تىللالارنى نىمىشقا ئەكەتمىدى ؟ بەلكىم ئۇ مېنى خۇرجۇندىن تىللا سېلىنغان خالتىنى ئالغۇچە ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دىگەندۇر ياكى ئالدىراشچىلىقتا ئۇنىڭ ئېسىگە خالتىمۇ كەلمىگەندۇر؟ ھىچبولمىغاندا ئۇ تىللالارنى بولسىمۇ ئەكىتىشى كېرەك ئىدى . بۇ پۇللار ماڭا تەئەللۇق ئەمەس ، شاھزادىنىڭ راسخوتى ئۈچۈن بېرىلگەن دۇنيا ئەمەسمىدى .........ھەي كەم ئەقىل خوتۇن ، سەن بۇنچە ئالدىراپ قاچمىساڭمۇ ، ئۆزۈمنىڭ يۇرتىغا كېتەي دىسەڭ ، مەن سېنى توسۇپ قالامتىم ؟
       تۇرۇپلا سۈپۈرگىگە غېرىپلىق ۋە يالغۇزلۇق يەتكەندەك بولۇپ قالدى . چوكان ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمۈشلەرگە تولغان ئەندىشىلىك پاراڭلىرى بىلەن يول بويى سۈپۈرگىنى زىرىكتۈرمىگەنىدى . ھەر بىر ئۆتەڭ ، قونالغۇلاردا ئۇ سۈپۈرگىگە تاماق ئېتىپ بەرگەن ، ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىققانىدى . ھېلىقى شاھزادىچۇ ؟ بۇ دۇنيادا ئەڭ پاك ، ئەڭ ياۋاش ، تېخى ھىچبىر گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ، ھېچكىمگە زۇلۇم سېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ھۆكۈمران دەپ مانا مۇشۇ
    شۇمتەكنى دېسە بولىدۇ . بۇ نارسىدىمۇ ئىنىكئانىسىنىڭ كۆكسىنى مەھكەم قاماللاپ ، ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئېمىپ ، ئۇلارنىڭ قېشىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاپ ، ئوبدان ھەمراھ بولۇپ قالغانىدى .
         سۈپۈرگە چوكاننىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كۈن خېلىلا ئۆرلەپ كەتكۈچە كۈتتى . ئايال قايتىپ كەلمىدى . سۈپۈرگە ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلاتتى . « مەن بۇ چوكاننى رەنجىتىپ قويغاندىمەنمۇ يە؟ - دەپ ئويلايتى ئۇ ،- ياق ، مەن ئۇنى خاپا قىلغۇدەك ھېچ ئىش قىلمىدىم ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرمىدىم ، بەلكىم ئۇ كېچىسى بالىسىنى تالاغا ھاجەتكە ئاچىققان بولسا ، ئۇلارنى ھايۋانلار يەپ كەتكەندىمۇ ياكى جىن ئالۋاستىلار ئېلىپ قاچقاندىمۇ ؟ ياق ، چوكان ئالتۇن قاچىلانغان خالتىنى ئالمىغان بىلەن شاھزادىنىڭ يۆگەك ، پارچە پۇرات لاتىلىرى چىگىلگەن بوپىنى ئۇنتىماي ئەكىتىپتۇ . دېمەك ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ .»
    سۈپۈرگە نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ ، ئېشەكنىڭ يېنىغا كېلىپ يولغا چىقىشقا تەيارلىق قىلدى . نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى .
          « خوش ئېشىگىم . _ دېدى ئۇ ئىشىگىگە سەكرەپ مىنىپ ،_ يولدا قوشۇلغان يولداش بولماپتۇ ، دېگەن مانا مۇشۇ . يەنە ئىككىمىز يالغۇز قاپتۇق . قېنى خىت ، ئالغا ، بىزنىڭ ھەقىقىي يولداشلىرىمىز تېخى ئالدىمىزدا . »
          سۈپۈرگە شۇنداق دېدى -دە ، بىر نەتچە قەدەم ماڭمايلا ، تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىگە كېلىپ ئېشەكنىڭ تىزگىنىنى تارتتى .  
          « توختا ، بەلكىم شۇ خوتۇننىڭ ئۆزى ئالۋاستىدۇر ، بولمىسا ئۇ بىر كېچىدىلا يېنىمىزدىن قانداق غايىپ بولۇپ كەتتى ؟ ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى قېنى ؟
    ھېچبولمىغاندا سەن ئېشىكىم ئۇنىڭ قاياققا كېتىپ قالغانلىقىنى بىلىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ ؟ ئۇ ئۇچقاندىمۇ ياكى ....خۇدا ، ئۆز پاناھىڭدا ساقلا . ئۇنداقتا بىز بۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى بىر ئالۋاستى بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ ماڭدۇقما؟»
          سۈپۈرگە بايىلا ئۆزى خۇرجۇن چاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئەسكى كەپىگە قورقۇنچ ئىچىدە قارىدى ،_ دە، ئېشىكىنى قاتتىق دېۋىتتى .
         « خىت،....تېز بول ئېشىگىم ، بۇ سىرلىق يەردىن دەرھال يىراقلىشايلى . كىم بىلىدۇ بەلكىم ، ھېلىقى نېمىدا؟ ھە، <قۇياش شاھى> دەيدىغان بەتچىغەرنىڭ شەھىرىدىن چىقىپلا يولۇققان خوتۇنلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئالۋاستىدۇر. بولمىسا نىمىشقا ئۇلار باش كۆزلىرىنى قاپقارا چۈمپەردىلەر بىلەن چۈمكىۋالغان ؟....
    سەن ھېلىقى بالىسىنى بىزگە تاشلاپ بېرىپ كەتكەن ئايالنىڭ چىرايىنى كۆردىڭمۇ ؟ مەن غىلپال كۆرۈپ قالغاندەك بولدۇم . ساڭا ئۇنى قانداق تەسۋىرلەپ بەرسەم چۈشىنەرسەن ؟ قىسقىسى  ئۇ بالا تۇغقان ئايالغا ئوخشىمايدۇ . سۈرەتتەك گۈزەل . ئالۋاستىلار ئېزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ كۆزىگە ئەنە شۇنداق پەرىلەرنىڭ سىياقىدا كۆرۈنىدۇ ....ئۇنداقتا < قۇياش شاھى> نىڭ ئۆزىچۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە ئالۋاستىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى - ئىبلىس دىگەن گەپ . بولمىسا نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانىلكى ئادەم قورقۇپ تىتىرەيدۇ؟ .... ھېلىقى بوۋاق شاھزادىچۇ؟ ئالۋاستى بىلەن ئىنىكانىسى ئالۋاستى بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئەلۋەتتە كىچىك ئالۋاستى دېگەن سۆز . شۇنچە كۈن بىللە يۈرۈپمۇ ئۇنىڭ سەبى بالىلاردەك ۋىلىقلاپ كۈلگىنىنى ياكى قەغىش قىلىپ يىغلاپ باققىنىنى ئاڭلىماپتىمەن . ئاپئاق كۆكرەككە مەھكەم يېپىشىۋېلىپ ئىنىكئانىسىنى شورىغىنى شورىغان . ھېلىقى ئادەملەرنىڭ تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى ئىچىدىغان ئالۋاستىلارنىڭ نەق ئۆزى . ئەڭ قورقۇنۇشلىقى ، مەن ھېلىقى ئايال ئالۋاستى بىلەن بىر كېچە قۇچاقلىشىپ يېتىپتىمەن . مەن ساڭا قەسەم قىلىپ بېرەي ، ئېشىگىىم ، ئۇ ئىشقا مېنى ئايالنىڭ ئۆزى زورلىدى . مەن دەسلەپتە خالىمىغانىدىم . »
       سۈپۈرگىنىڭ پىكىرى بارغانسىرى قالايمىقانلىشىپ كەتتى .        
    « ماڭا قارا ئېشىگىم ، _ دەپ ئېشىكىگە مۇراجەت قىلاتتى ئۇ ، - نېمىشقا سەن تۆت پۇتلاپ ماڭىسەن ، مەن نېمىىشقا ئىككى پۇتلاپ ئۆرە ماڭىمەن ؟
    نىمىشقا ئىككى پۇتلۇق مەخلۇقلار ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كېتەلەيدۇ ، سەن مەڭگۈ ئېشەك پېتىچە قېلىۋېرىسەن ؟ .....سەن دەپباققىنە، زادى ئالۋاستى بولغان ياخشىمۇ ، ئېشەك بولغان ياخشىمۇ ؟........نىمىشقا ئۈندىمەيسەن ؟ سەن مېنىڭ ئۆزۈڭدىنمۇ دۆتلۈكۈمگە ئىچىڭدە كۈلىۋاتقانسەن ھەقاچان ؟»
    كېچىچە ھاردۇقىنى ئوبدان چىقارغان ئېشەك ئىتتىك مېڭىشىدا كېتىپ باراتتى . ئۇ ئىگسىنىڭ مۇنداق توختىماي مۇلاھىزە قىلىپ ، نىمىلەر توغرىسىدىدۇر سۆزلەپ مېڭىشىغا كۆنۈپ قالغانىدى .
    « بىر ئىش زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، - دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى سۈپۈرگە، - بۇ ئۇزاق يىللارنىڭ ئالدىدا بولغان ۋەقە ، ئۇ چاغدا سەن تېخى ئاناڭنىڭ قورسىقىدىمۇ تۆرەلمىگەن . مەن سېنىڭ داداڭنىڭ دادىسىنى مىنىپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى . كەڭ ئوچۇقچىلىقتا كېتىپ باراتتۇق . قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالدى بىلمىدىم ، ئالدىمىزدىن تۇيۇقسىز توي تارتىپ كېلىۋاتقان بىر توپ چىقىپ قالدى . توپنىڭ ئالدىدا كاناي سۇنايچىلار مېڭىپتۇ ، ئارقىدىكى ھارۋىدا ناغرا دۇمباق چالغۇچىلار ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭمۇ ئارقىسىدا تەختىراۋانغا سېلىپ قىزىنى ئەكىتىشىۋېتىپتۇ . ئايھاي ، مەن ئۆمرۈمدە مۇنداق  كاتتا توينى كۆرمىگەنىكەنمەن ، ناغرا سونايلارنىڭ ئاۋازىدىن قۇلىقىم پاڭ بولۇپ قالاي دېدى . بىر چاغدا تەختىراۋاندا ئولتۇرغان كېلىن قىزغا قاراپ قېتىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن . ئادەم بالىسىنىڭمۇ شۇنداق چىرايىق بولىدىغىنىغائەقلىم يەتمەيقالدى . تويچىلارنىڭ مېنى قىستاپ يولنىڭ چېتىگە ئەچىقىپ قويغىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن . تويچىلار ئۇزاپ ، تېخى يولنىڭ چېڭىمۇ بېسىلماي تۇراتتى ، بىرى مېنى <يىگىت> دەپ چاقىرغاندەك قىلىپ قالدى . بۇرۇلۇپ قارىسام ، ئارقىمدا پۈركەنچىلىك بىر ئايال تۇرۇپتۇ .
    _ خېنىم ، مېنى چاقىردىلىمۇ ؟ _ دېسەم ،
    _ ئۆيلىنەمدىلا ؟ _ دېدى ئۇ .
    بايىقى توينىڭ قىززىقچىلىقى كاللامدىن كەتمىگەن بولسا كېرەك .
    _ ئۆيلىنىدىغان ئىش بولسا ئاشۇ تەختىراۋاندا ئولتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن قىزدەك قىزغا ئۆيلەنسە، _ دەپ ساپتىمەن .
    _ ئۆيلىنىدىغان نىيەتلىرى بولسا ماڭا ئەگىشىپ ماڭسىلا ، مەن سىلىگە ئاشۇ قىزنىڭ سىڭلىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي ، سىڭلىسى ھەدىسىدىنمۇ چىرايلىق ، - دېدى ئايال .
    ئۇ چاغدا مېنىڭمۇ ياش تەلۋە ۋاقتىم . تولا ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا ھېلىقى پۈركەنچىلىك ئايالغا ئەگىشىپ ماڭدىم ، قانچىلىك يول باسقىنىمىزنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا چوڭ بىر كۆلنىڭ يېنىدىن چىقىپ قالدۇق . كۆل بويىدا كاتتا بىر ئىمارەت تۇرۇپتۇ . شۇنچىلىك چوڭ ئۆيدە بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيدۇ . پۈركەنجىلىك ئايال ئىگىلىپ :
    _ قېنى خوش ، _ دەپ مېنى ئۆيگە باشلىدى .
    ئىشەكنى ئىشىك ئالدىدا قالدۇرۇپ ، مۇشۇنداق ئەسكى چورۇقلىرىم بىلەنلا قىپقىزىل گىلەملەر سېلىنغان ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . پۈركەنچىلىك ئايال مېنى ئۇزۇن كەتكەن دەھلىزلەردىن ئۆتكۈزۈپ ، يۇقىرى تۆۋەن پەلەمپەيلەر بىلەن ئالاھدە ياسالغان بىر خاس ھوجىرىغا باشلاپ كىردى . ھۇجىرا ئىچىدىكى قىممەت باھالىق نەرسە كېرەكلەرنىڭ قانچىلىك ئېسىللىكىنى ساڭا ئېيتىپ بەرسەممۇ سەن بەرىبىر چۈشەنمەيسەن .
    _ سىلى ئېيتقان ھېلىقى قىز مۇشۇ ئۆيدە تۇرامدۇ ؟- دەپ سورىدىم مەن .
    ئايال مېنى قات قات كۆرپىلەر ئۈستىگە ئولتۇرغۇزدى -دە، ئۈستىدىكى چۈمپەردىلەرنى ئېلىۋەتتى . ھەيرانلىقتا ئاغىزىمنى ئېچىپلا قاپتىمەن ، ئالدىمدا ھېلىقى مەن تەختىراۋاندا كۆرگەن كېلىندىنمۇ چىرايلىق ۋە ياش بىر قىز تۇرۇپتۇ . ماڭا قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىدىن تۇيۇقسىز چىقىپ چاقناپ كەتكەندەك ، ئاسماندىكى تۇلۇنئاي ئالدىمغا دۇملاپ چۈشكەندەك بىلىندى .
    _ سەن ئادەممۇ ، جىنمۇ ؟ _ دەپ سورىدىم .
    _ نىمە دىسەڭ شۇ . _ دەپ ئەركلىلىگىنىچە ماڭا تاشلاندى .
    شۇ كېچە قىز بىلەن شېرىن بىر كېچىنى ئۆتكەزدىم . ئۇ مېنى تاڭغا يېقىن ئۇزىتپ قويدى . ( پات پات كېلىپ تۇرۇڭ ) دېدى . كەلگەندە ئېزىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆيىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى ساناپ چۈشتۈم . ئۆيىنىڭ ئادىدىكى  چوڭ كۆلنى بەلگە قىلىپ ئەتىراپنى ئوبدان كۆرىۋالدىم . ئېشىكىمنى مىنىپ خەيىر دەپ كەتتىم . ئارىدىم بىر كۈن ئۆتمەيلا جاناننى سېغىندىم . ئېشىكىمنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇراپ يېتىپ يېتىپ كەلسەم ، ھېلىقى مەن بەلگە قىلىۋالغان يەردە نەدىمۇ چوڭ كۆل ، كاتتا ئىمارەت بولسۇن ، كەڭ بىر ئوچۇقچىلىق ، تۇتاش كەتكەن چۆل سوزۇلۇپ يېتىپتۇ . ئارىدىن قانچە يىل ئۆتۈپمۇ ھېلىقى قىزنى مەن زادى ئۇنتىيالمىدىم . قانچە يىل ئىزدىدىم ، ئۆمرۈم بويتاقچىلىقتا ئۆتۈپ كەتتى . زادى تاپالمىدىم ........ئېھتىمال ، شۇ چاغدىمۇ مەن ھېچقانداق بىر قىزنى كۆرمىگەندىمەن ، بەلكىم ئۇ بىر چۈشتۇر . بىلەمسەن ، بۇ ھاياتنىڭ تېگىگە ، ئاللانىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنىڭ چېكىگە يەتكىلى بولمايدۇ . بىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ دۇنيا بەلكىم بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرۈنگەندەكتۇر ياكى ئۇنداق ئەمەستۇر . ياكى ساڭا ئوخشاش ئېشەكلەرنىڭ كۆزىگە باشقىچە ، ھېلىقى « قۇياش شاھى» دەك ئىبلىسلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ باشقىچە كۆرۈنىدىغاندۇر . ياكى ھەممىمىز شۇنداق بىر خىيالى دۇنيادا ، خاتا تۇيغۇ ئىچىدە ياشاۋاتقاندۇرمىز ، ياكى ئويغاق
    تۇرۇپ چۈش كۆرىۋاتقاندۇرمىز ، كىم بىلىدۇ ، بەلكىم بىز ئۈچۈن ھەقىقىي چىن ھايات پەقەت ئاللانىڭ دەرگاھىغا بارغاندىلا باشلىنىدىغاندۇر. ...........
    ئۆز مۇلاھىزىلىرىنىڭ تەسىرىدە سۈپۈرگە بىر ھازا جىمىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئېشىكى قانداقتۇر بىر ئېتىز يوللىرىنى ئارقىغا تاشلاپ ، بىر خىل مېڭىشىدا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى .
    « بىز نىمە پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق ؟.....-دېدى سۈپۈرگە ئۆز ئۆزىگە ، - ھېلىقى چوكان بالىسىنى ئېلىپ راستىنلا كېتىپ قالغاندىمۇ -ھە؟ ناۋادا ئالۋاستى بولماي ئادەم بولغان تەقدىردە ، ھېچبومىغاندا مېنى ئويغىتىپ ( خۇش قال، يولوچى ، مەن كەتتىم .) دەپ قويغان بولاتتى . »


    جەسەت


      سۈپۈرگە خىيال بىلەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك يول باسقانلىقىنى بىلمەي قالدى . بۈگۈن ئۇنىڭ قورسىقىمۇ ئاچقاندەك قىلمايتى . بىرەر يەردە توختاپ ، ئېشىكىنى ئوتقا قويۇپ ئارام ئالغۇزۇش خىيالىغىمۇ كەلمەيتى . ھارغان ، ئېچىرقىغان ئېشەك بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ھورۇنلۇق بىلەن قەدەم ئالاتتى . بەزىدە يول ئۈستىدە كۆكىرىپ تۇرغان تىكەنلىك ئوتلارنى كۆرگەندە توختاپ ، ئۇنى يالماپ ئېلىپ كۆشەيتى -دە، يەنە مېڭىپ كېتەتتى .
    « ئەگەر ھېلىقى چوكان ئالۋاستى ياكى جىن شاياتۇن بولغان بولسا، - دەپ خىياللىرىنى داۋام قىلاتتى سۈپۈرگە ، - ئۇنداقتا مەن نېمە بولىمەن؟ مەن ئۇ ئالۋاستى خوتۇن بىلەن قۇچاقلىشىپ ياتقان ئەمەسمىدىم ؟ بەلكىم مەن ئۆزۈممۇ شۇ كۈندىن باشلاپ يېرىمى ئادەم ، يېرىمى جىن بىر نىمىگە ئايلىنىپ بولغاندىمەن ؟......نىمىشقا مەنلا سۆزلەيمەن ، سەن ئېشەك گەپ قىلمايسەن ؟ دانالارنىڭ : كۆپ سۆزلىگەندىن  ئاز سۆزلىگەن ياخشى ، سۆزلىگەن سۆزلىمىگەنگە
    يەتمەيدۇ، دېگەن ھېكمەيلىك گەپلىرىنى ئاڭلىۋالغانمۇ سەن - يە؟   .... بەزى ھۆكۈمرانلارمۇ گەپنى ئاز قىلىدۇ . ئۈندىمەسلىك ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئەمەس ، ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ . ئۈندىمەسلىك ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ، ساۋاتسىزلىقىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ . ئۆلۈك نىمىشقا سۈرلۈك ؟ چۈنكى ئۇ سۆزلىمەيدۇ .......ئەگەر سەنمۇ يېرىمى ئادەم ، يېرىمى ئېشەك بولۇپ قالغان بولساڭ قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟ ئۇ چاغدا مەن سېنى ھەم مىنىۋالاتتىم ، ھەم ئىككىمىز قىززىق پاراڭلىشىپ ماڭاتتۇق ، ھازىر سەن پەقەتلا ئاڭلايسەن ، ئۈندىمەيسەن ، يېرىمى ئېشەك يېرىمى ئادەم بولغان بولساڭ سەنمۇ بېشىڭدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ، تۇغۇلغاندىن بېرى قانداق ئېغىللاردا قانداق ئېغىللاردايېتىپ ، قانداق ئېتىزلاردا قونغانلىرىڭنى ، كىملەر بىلەن مۇھاببەت باغلاشقىنىڭنى قىززىق قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتىڭ ، ھېلىقى ئالۋاستى چوكاننىڭ كېچىدە قەيەرگە يوقالغانلىقىنى ئەلۋەتتە سەن بىلىسەن ، بۇ سىرنىمۇ ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بولاتتىڭ .........توخىتا، بىز يەنە بىر نېمىنى ئۇنتۇپتۇق . ھېلىقى خوتۇنلار ئالۋاستى بولغان تەقدىردە ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن  تىللالىرى نىمە بولىدۇ ؟»سۈپۈرگە ئېشەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپلابىر تەرەپكە قىيسايدى - دە، ئاستىدىكى خورجۇننىڭ كۆزىدىن تىللا سېلىنىغان خالتىنى سۇغۇرىۋېلىپ ئاغىزىنى ئاچتى . ساپ ئالتۇنلار قۇياش
    نۇرىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرىۋەتتى .
        « پاھ.- دەۋەتتى سۈپۈرگە ،- بۇ تېخى قۇيۇلغاندىن بېرى بازار يۈزىنى كۆرمەي شاھنىڭ خەزىنىلىرىدىلا ساقلانغان ساپ تىللالاردىن ئىكەن . بۇ ئالتۇنلار  ئىككىمىزنىڭ بىر ئۆمۈر يەپ يېتىشىمىزغا يېتىپ ئېشىپ قالغۇدەك . بۇنچىلىك دۇنيانى كۆتۈرۈپ يۇرتقا ساق سالامەت يېتىپ بارساق كىشىلەر نىمە دەر ؟
    ئەلۋەتتە ئۇلار : ( سۈپۈرگە پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە ئوغۇرلۇققا چۈشۈپتۇ غۇ ) دىمەيدۇ . ،لېكىن ئۇلار چوقۇم ؛< سۈپۈرگىگە چۆللەردە بىرەر مەخپىي خەزىنە ئۇچىراپ قاپتۇ > دەيدۇ . خەق نىمە دېسە دېمەمدۇ . بايلارغا ئوخشاش مەنمۇ باغلىق ھويلىلارنى قىلاي ، شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ يۈرىيدىغان مۇنداق بىمەنە ئىشنى تاشلاي . سەن دەپ باققىنە ، خوتۇندىن بىرنى ئالسام بولارمۇ  ياكى ئىككىنى ؟ ........سەندىن مەسلىھەت سورىسامغۇ ھەقاچان < چامىڭ يەتسە ئوننى ئال >دەيسەن  .
    مەن ئۇنداق ئۆزۈمگە ئوشۇقچە ئاۋارىچىلىق تاپىدىغان ئەخمەقلەردىن ئەمەس . ئەمما ۋاقتى سائىتىدا يەم بېرىپ ، ئېغىللىرىڭنى سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ئىككى چاكار ياللىشىم مۇمكىن . يەنە ئاشپەز ، باغۋەن ، مەپىكەش دىگەندەك خىزمەتكارلارنىمۇ ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ  . زىرىككەندە كۆڭلىمىزنى ئاچىدىغان ئەلنەغمىچىلەر بولمىسىمۇ بولمايدۇ . ئۇ چاغدا بىز يەپ ئىچىپ ، ئېغىناپ يېتىپ سەمىرىپ كېتىشىمىز مۇمكىن . سەن بەلكىم بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ
    ئارغامچاڭنى ئۈزۈپ چىقىپ ، چىشى دوستلىرىڭنى ئىزدەپ ناشايان ئىشلارغا بېرىلىپ كېتەرسەن ھەرقاچان ......شۇڭا دانالار : بىر ئادەمگە بىر ئېشەككە سىمىزلىك ياراشمايدۇ دەپ توغرا ئېيتقان . ئىنساپ بىلەن ئېيتقاندا ، بۇ كىشىنىڭ ھەققى . ئۇنى بىھۇدە سەرىپ قىلىشقا ھەققىمىز يوق . ھېلىقى ئەقىلسىز چوكاننىڭ بۇ ئالتۇننى بىزگە تاشلاپ كېتىپ ئوشۇقچە باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگىنىنى قارىمامدىغان . ھاياتلا بولساق زىمىننىڭ بىر يېرىدە ئۇلار بىلەن يەنە دوقۇرىشىپ قالارمىز ....قارا، بىز شۇ چوكاننىڭ ئىسمىنىمۇ سورىۋالماپتىمىز ، شۇنچە كۈنلەر بىللە يۈرۈپ ئۇمۇ مېنىڭ ئىسمىمنىڭ نىمىلىكىنى سوراپ قويماپتۇ . نىمدىگەن غەلىتە ئىش ھە ؟.......تەقدىر ئۇلارنى يەنە بىز بىلەن ئۇچىراشتۇرغان چاغدا ، بەلكىم شاھزادە چوڭلا ئادەم بولۇپ كېتەر ، ئەمما چوكاننى چوقۇم تونىۋالالايمىز....»
    ئېشەك تۇيۇقسىزلا ئىتتىك مېڭىپ كېتىۋىدى ، سۈپۈرگە ئارقىسىغائۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى .
    « ھەي سەن ھارامدىن بولغان ،- دەپ خاپا بولۇپ كەتتى ئۇ ئېشىكىگە ،- مېنى يىقىلىپ ئۆلسۇن ، ئالتۇنلار ئۆزۈمچىلا قالسۇن ، پۇلنى ئايىماي خەجلەپ يۈزلەپ خوتۇن ئالاي دىمەكچىمۇ سەن؟...»
        سۈپۈرگە بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ سۆزىدىن توختاپ قالدى . يىراقتىن بىر يېزىنىڭ دەرەخلىرى كۆرۈنگەن بولۇپ ، ئېشەك شۇ يەردە توختاپ ئارام ئېلىشقا ئالدىرىغانىدى . سۈپۈرگە ۋارقىراپ كەتتى .
         « توختا.......سەن بۈگۈن نىمە بولدۇڭ ، توختا ، شۇ قىلغىنىڭغا مەن بۈگۈن ساڭا بىر ئوچۇممۇ يەم بەرمەيمەن ، - دەپ ئېشىكىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتتى ئۇ ، - قارا ئاۋۇ يەرگە نىمانچە كۆپ ئادەم يىغىلىۋالغان ؟ »
          يېزىغا كىرىپ كېتىدىغان يول ئۈستىدىكى كۆۋرۈك يېنىغا بىر توپ ئادەم ئولىشىۋالغان بولۇپ ، ئۇلار نېمىلەر توغرىسىدىدۇر غۇلىغۇلا قىلىشماقتا ئىدى ، قىززىقچىلىق كۆرۈشكە خۇشتار سۈپۈرگە ئېشىكىنىڭ بېشىنى شۇ تەرەپكە بۇرىدى ، ئادەملەرگە يېقىنلاشقاندا ئېشىكىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ، توپنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەممە ئادەم ئېڭىىشپ قاراۋاتقان يەرگە قىسىلىپ ئۆتتى . « سۇبىھاناللا .» سۈپۈرگە ئۇ يەردە يولنىڭ توپىسىغا مىلىنىپ ياتقان بىر جەسەتنى
    كۆردى . بۇ ھېلىقى بوۋاق شاھزادىنىڭ جەسىتى ئىدى ، جەسەتنىڭ بېشىنى كىمدۇر بىرى كېسىپ ئەكەتكەنىدى .
         _ مەن سەھەردىلا ئۆيدىن چىقىپ ، سۇ ئېلىش ئۈچۈن بۇ كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتىم ،- دەپ ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى يېڭى كەلگەن ھەر بىر ئادەمگە ھېكايە قىلىپ بېتىۋاتاتتى بىر بوۋاي ،- قارىسام ، بىر خوتۇن قولىدا ئەنە ئاۋۇ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ دۆڭلۈك تەرەپتىن چۈشۈپ كېلىۋېتىپتۇ . بىزنىڭ يېزىغا ئەتتىگندە  كېلىۋاتقان بۇ كىمدۇ ئۆزى ؟ دەپ قالدىم . شۇ چاغدا ، مانا يولنىڭ ئەگمىسىدىنلا بىر نەتچە ئاتلىقلار ئايالنى كۆرۈپ « ھەي خوتۇن ، توختا . نەگە
    كېتىپ بارىسەن ، توختا. » دەپ ۋارقىرىدى . مەن بۇ گەپلەرنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇردۇم . ھېلىقى ئايال قولىدىكى بالىسىنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ ، كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى . ئاتلىقلار ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كېلىپ بىردەمدىلا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى . مانا مۇشۇ كۆۋرۈكنىڭ بېشىدا ئۇلار بىر بىرى بىلەن ئېلىشىپ كەتتى .
        يائاللا، ئۆمرۈمدە مەن مۇنداق قاۋۇل ئايالنى كۆرمىگەنىكەنمەن . ئۇ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ بېشىغا قامچا سالغان لەشكەرنى بىر تارتىپلا ئاتنىڭ  ئۈستىدىن سۆرەپ چۈشتى . قولىدىكى بالىسىنى تارتىۋالماقچى بولغان يەنە بىر لەشكەرنى بىر تېپىك بىلەن ئارقىسىغا ئۇچۇرىۋەتتى . بالا خرقىراپ يىغلاپ كەتتى . لەشكەرلەر قېلىچىلىرىنى سۇغۇرىۋېلىشتى . مەن قورققىنىمدىن ئەنە ئاۋۇ چاتقاللىقنىڭ ئاقىسىغا دۈملا چۈشۈپ مۆكىۋالدىم . ئاتلارنىڭ دۈپۈرلەشكىنىنى ، قېلىچلارنىڭ نىمىگىدۇر ئۇرۇلۇپ جاراڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم . بىر چاغدا پاتپاراقچىلىق بېسىلغاندەك بولدى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ، لەشكەرلەر كىيىم كېچەكلىرىنى قېقىپ ، ئېتىنىڭ تۆشباغلىرىنى چىڭىتىۋېتىپتۇ . بىر لەشكەر يەردىن بىر نىمىنى ئېلىپ خالتىسىغا سېلىپ ، ئاتقا غانجۇغىلىغاندەك قىلىپ قالدى
    . ئاندىن ئاتلىرىنى مىنىشىپ . ئارقىسىغا يېىنىپ كېتىشتى . قورققىنىمدىن پۇت قولۇمدا جان قالماپتۇ ، ئۇلار كەتكەندىن كېيىنمۇ خېلىغىچە ئورنۇمدىن تۇرالمايقالدم .
    _ ئشتانچۇ، ئىشتىنىڭغۇ ساقتۇر بوۋا؟_ دەپ چاقچاق قىلدى كىمدۇر بىرى ئۇنۇڭغا .
    _ چاقچىقىڭنى قوي . _ دەپ تېرىكتى بوۋاي ، - شۇنىڭ بىلەن ئورنۇمدىىن تۇرۇپ ، بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ كېلىپ قارىسام ، بۇيەردە بالىنىڭ جەسىتى يېتىپتۇ . كاللىسى يوق . ئەرۋاھىم ئۈركىدى . سۇنىمۇ ئالماي مەھەللىگە يۈگۈردۈم ، مەھەللىدىكىلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ ئادەم باشلاپ كەلدىم . مانا شۇ گەپ .........
    _ ئايالچۇ ؟ _ دەپ ئالدىراپ سورىدى سۈپۈرگە بوۋاينىڭ گېپى ئاخىرلىششى بىلەن .
    _ شۇنىڭغا ئەقىلىم ھەيران ، ئايالنىڭ نەگە يوقىلىپ كەتكىنىنى مەنمۇ بىلەلمەي قالدىم .
    _ بەلكى قورققىنىڭدىن ئوبدانراق سەپسالمىغانسەن ، ئۇلار ئايالنى باغلاپ ئەكەتكەندۇر ؟
    _ ياق ، ياق ،_ دەپ بېشىنى سىلكىپ رەت قىلدى بوۋاي ، _ ئۆزۈم قېرى بولساممۇ ، كۆزۈم خېلى روشەن ، ئۇلار ھەر بىر ئاتنىڭ ئۈستىدە بىردىنلا لەشكەر ئولتۇرۇپ كېتىشتى . مەن ئېنىق كۆردۈم . ئۇلار يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن ، بۇ يەرگە كېلىپ ئۇياق بۇ ياققا قاراپمۇ ھېلىقى ئايالنىڭ قارىسىنى كۆرمىدىم ياكى ئۇ قېچىپ جېنىنى دالدىغا ئالغاندۇر . ؟
    _ ئۇ قاچقان تەقدىردە ئاتلىق لەشكەرلەر بىردەمدىلا قوغلاپ يېتىدۇغۇ ؟.....
    _ ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتتىمۇ يە ؟ _ دەپ كۈلۈپ قويدى بوۋاي .
    سۈپۈرگە خۇددى ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايالنى كۆرگەندەك ئاسمانغا قاراپ قويدى . ئەتىراپتىكىلەر يەنە بۇ ۋەقە ھەققىدىكى غۇلىغۇلىغا چۈشۈپ كەتتى .
    شۈپۈرگىنىڭ يەردە ياتقان جەسەتكە قاراپ كۆڭلى بىر قىسما بولدى . قانداقلا بولسۇن ، ئۇ بۇ بالا شاھزادە بىلەن بىر قانچە كۈن بىللە ھەمسەپەر بولغانىدى . سۈپۈرگە توپنىڭ ئىچىدىن چىقىپ ئېشىكىگە مىندى -دە، كۆپچىلىككە قاراپ ئۈنلۈك سۆزلىدى ؛
              _ ھاي خالايىق ، ماڭا قاراڭلار ، مەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولوچىمەن ، كاللسى ئېلىنغان بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى سىلەرمۇ بىلمەيدىكەنسىلەر ، مەنمۇ بىلمەيمەن. مەيلى كىم بولسۇن ، ئۇنىڭ جەسىتى يول ئۈستىدە ، مۇشۇنداق ئوچۇقچىلىقتا تاشلىنىپ تۇرسا بولمايدۇ . دە_ قاراڭلار ، جەسەتكە چىۋىن ئولاشقىلى تۇرۇپتۇ . شۇ ئۆلگن نارسىدە ئۈچۈن مەن ئازىراق پۇل سەدىقە قىلاي ، سىلەر ئۇنى كۆمۈۋېتىڭلار ...خوش ، ئاۋۇ توپىغا مىلىنىپ تۇرغان نىمە ئۇ ؟.....مارجانمۇ ، تۇمارمۇ ؟ ئېھتىمال بوۋاقنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئانىسنىڭ بوينىدىن چۈشۈپ قالغان نەرسە بولسا كېرەك . ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار . بەرگەن پۇلۇمنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئۇنى مەن خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قوياي .
    _ كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا توپىغا كۆمۈلۈپ قالاي دېگەن قاپقارا نەرسىنى سۈپۈرگىنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ئېشەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپلا بايقىغانىدى . كىمدۇر بىرى ئۇنى ئىڭىشىپ قولىغا ئالدى . ئىككىنجى ، ئۈچۈنجى كىشىمۇ ئۇنى قولىغا ئېلىپ قىززىقىپ قارىدى . بۇ ئۈچبۈرجەك شەكىلدىكى ، قارا مەخمەلگە ئوراپ ، قارا يىپەك بۇغقۇچقا باغلانغان ئاددىيلا تۇمار ئىدى . ئاخىرىدا ھېلىقى ھىكايىچى بوۋاي قولىغا ئالدى . ئۇياق بۇ يېقىغا ئۆرۈپ ئوبداق قارىدى - دە، سۈپۈرگىگە بەردى . سۈپۈرگە قويىدىن بىر نەتچە تىللانى ئېلىپ بوۋاينىڭ ئالقىنىغا تاشلىدى . ساپ ئالتۇق قۇياش نۇرىدا ۋاللىدە چاقناپ ، بوۋاينىڭ ئالقىنىغا جىرىڭلاپ چۈشتى .
    _ ئوھوي._ دەپ ھەيرانلىقتا يىنىك تىنىشتى ئەتراپتا تۇرغانلار .
    _ خۇدا ساڭا رەھمەت قىلسۇن ، سېخى يولۇچى ._ دېدى بوۋاي .
    سۈپۈرگە خوشلىشىپ ، ئېشىكىنى دېۋىتىپ ئىتتىك مېڭىپ كەتتى .
    « دىمەك ،_ دەيتى سۈپۈرگە ئۆز ئۆزىگە ،_ ئوردىنىڭ شاھزادىنى ئىزدەپ چىققان لەشكەرلىرى ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئەكىتىپتۇ . ئۇلارغا ئوردىدا بۇ قاچقۇن شاھزادىنىڭ كاللىسى ئۈچۈن نۇرغۇن مۇكاپات بېرىشىدۇ . سىرلىق يېرى ، ھېلىقى چوكان قەيەرگە غايىپ بولدى .؟»   سۈپۈرگە ئەمدى ئۇ چوكاننىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندى . بولمىسا ئۇ ، بىر قانچە ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قولىدىن چىقىپ قانداق غايىپ بولۇپ كېتەلەيدۇ .؟  
    « ھەممىدىن قىززىقى، _ دەيتى ئۇ ئېشىكىگە قاراپ ،_ شۇ ئالۋاستى ئايال بىلەن مەن قانچە كۈن بىر داستىخاندا تاماق يەپ ، ئۇنى قوينۇمغاسېلىپ يېتىپتىمەن . سەن ئۇنى بەزىدە ئۈستۈڭگە مىندۈرۈپ مېڭىپسەن .....ئەگەر چوكان كېچىدە كەپىدىن كېتىپ قالمىغان بولسا قانداق بولاتتىكىن ؟ ئۇ چاغدا پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى بايقىماي چوڭ يول بىلەن ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى . ئەگەر ئۇلارنى كەپىنىڭ ئىچىدىن تېپىۋالغان بولسىچۇ ؟ ئۇ چاغدا
    لەشكەرلەر شاھزادىگە قوشۇپ مېنىڭ كاللامنىمۇ ئالغان بولاتتى . قاتتىقراق ھاڭراپ كەتكەن بولساڭ سېنىڭ بېشىڭنىمۇ ساق قويماس ئىدى . چۈنكى بىز ئىككىمىز ھېلىقى چوكاندەك غايىپ بولۇپ كېتەلمەيمىز - دە؟ خۇدا ، بالا قازادىن ئۆزۈڭ بىر ساقلاپسەن ،_ دەپ شۈركۈنۈپ كەتتى سۈپۈرگە ،- ئەمدى بۇ غەلىتە قىسمەت مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشامدۇ ياكى داۋامى بارمۇ ؟ بىلگۈچى ئۆزۈڭ . قان تۆكۈلگەنىكەن ،چوقۇم ئۇنىڭ قىساسى بولىدۇ . زورايغانلارنىڭ ئاجىزلىمايدىغىنى يوق ، سەلتەنەت ھېچكىم ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئەمەس ........ھەر ھالدا مەن بۇ تۇمارنى ساقلاپ قوياي ، قېنى قەدىمىڭنى ئىلداملات ، ئېشىكىم ، خەتەر يۈز بەرگەن جايدىن يىراق بولماق دۇرۇس.»

    分享到: