• قۇم باسقان شەھەر(2)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66138470.html

     


    قاچقۇن شاھزادە


       جاھانكەزدى سۈپۈرگە  ئۆز خىياللىرى بىلەن يولىنى داۋام قىلماقتا ئىدى . ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن يىنىك چاڭ يۇقىرى ئۆرلەپ .
    ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرىغا سىڭىپ كېتەتتى . سۈپۈرگە تېخى شەھەردىن ئانچىمۇ يىراقلاپ كەتمىگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئېگىز شەھەر سېپىلىنىڭ گۈڭگۈرلىرى يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئۇنىڭ يېنىدىن بەزىدە شەھەرگە قاراپ ماڭغان كارۋانلار .ئېشەكلىك ۋە پىيادە يوليۈرگەن دېھقانلار سايىۋەنلىك مەپىلەردە غادىيىپ ئولتۇرغان قانداقتۇر بايۋەتچىلەر ئۆتۈپ قالاتتى . سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكى بىر قۇلىقىنى سالپايتىپ . يەنەبىر قۇلىقىنى دىڭڭىدە
    تۇتۇپ ئەتىراپتىكى شەپىگە قولاق سالغىنىچە ئۇششاق چامداپ ئىتتىك مېڭىشىدا كېتىپ باراتتى .
       سۈر ئېشەك ھەر قېتىم ئەنەشۇنداق تۇز يولغا چىقىپ ئۆزىنىڭ سىلىق مېڭىشىغا چۈشكەندە . سۈپۈرگىنىڭ ئېشەكنىڭ ئۈستىدە بىردەم ئارام ئېلىۋالىدىغان ئادىتى بار ئىدى .
    « خوش سۈپۈرگە._ دەپ ئۆز ئۆزىگە مۇراجەت قىلدى سۈپۈرگە ئېشەكنىڭ ئۈستىدە كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپ ،_تالاي يوللارنى باستىڭ ، قانچە يۇرتلارنى ئارلىدىڭ  خلىمۇ خىل خەلىقلەرنى كۆردۈڭ . بۇ ئالەم سىرىنىڭ تېگىگە يېتەلىدىڭمۇ ؟ ياق . ئېھتىمال كۆكتىكى سانسىز يۇلتۇزلار بىلەن زىمىندىكى ھەر بىر تاش ، سۇسىز قۇملۇقلار بىلەن ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز ئەسلىدە بىر تۇغقاندۇر ... خۇدا نېمە ئۈچۈن بۇ زىمىنغا جانلىقلارنى ئاپىرىدە قىلىپ يەنە دەرگاھىغا قايتۇرۇپ ئەكىتىدۇ؟ قاراڭغۇ كېچىلەرنىڭ بىرىدە ئانىمىزنىڭ قورسىقىدىن يىغلاپ، قاخشاپ تۇرۇپ يەرگە چۈشىمىزكەن . بەزىدە قايغۇرۇپ . بەزىدە خوشال بولۇپ بەزىدە ساۋابلىق ئىش قىلىپ بەزىدە گۇناھقا پېتىپ ياشايمىزكەن . ياشايمىزكەن . ئاخىر بىر كۈن ئۆلۈپ كېتىمىزكەن . تىرىكلىكنىڭ مەنىسى نىمە؟ .........بەلكىم
    ياراتقان ئىگەم بۇ زىمىندا بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ خۇي پيلىنى ، نىيەت ئىقبالنى سىنىماقچىدۇر، ھەر بىرىمىز بۇ ئالەمگە كېلىپ كېتىدىغان بىر ئۆتكۈنچى مىھماندۇرمىز، ... ئەجەبا ، ھېلىقى قەلەندەرلەر شاھىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ئورنى ھەممىمىزدىن ئۈستۈن بولسا ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن بۇ سۆزنى شۇنچە ئىشەنچىلىك دەيدۇ ؟ ئۇ چاغدا ھەممىگە ۋەھىمە سېلىپ تۇرغان (قۇياش شاھى) نىڭ ئورنى نەدە بولار؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىمۇ جەننەتتە بولىدىغان بولسا ، ئۇ ەننەتكىمۇ
    شاھلىق كېبىرسى بىلەن قەدەم بېسىپ خۇدالىق دەۋاسى قىلىشتىنمۇ يانماس. ياق بىلگۈچى خۇدا ، مېنىڭچە ئۇنىڭ ئورنى دوزاختا بولغىنى تۈزۈك . قىپقىزىل يالقۇن ئۇنىڭ شاھلىق تونلىرىنى ئۆرتەپ . ئۇنى قىپيالاڭاچ قىلىپ قويغاندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي پۇخرادىنمۇ تۆۋەن . گۇناھقا پاتقان بىر پاسىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ .........ئەمىسە مىنىڭ ئورنۇمچۇ؟ »سۈپۈرگىنىڭ كۆزى ئەمدىلا ئۇيقىغا ئىلىنغاندەك بولىۋىدى . ئىتتىك مېڭىۋاتقان ئېشەك تۇيۇقسىز توختاپ .سۈپۈرگە ئالدىغا ئۇچۇپ چۈشكىلى تاس قالدى . ئۇ نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي كۆزىنى ئېچىپ ئەتىراپقا قارىدى . كۈن نەيزە بويى ئۆرلەپ قالغان بولۇپ . ھەممە ياق تىمتاس . يول ئۈستىدىمۇ ھېچكىم كۆرۈنمەيتى .
    « نىمە گەپ ؟» دەپ سورىدى ئۇ ئېشىكىدىن .
    ئېشەك قولىقىنى مىدىرلاتقىنىچە ئالدىغا قاراپ پەرۋاسىز تۇراتتى .
    « مەن سەندىن نىمە گەپ دەپ سوراۋاتىمەن. سەن مېنى ئۈستۈڭدىن موللاق ئاتقۇزۇپ چۈشۈرۋېتىپ ، ئاۋۇ يۇمشاق توپىغا ئېغىنىماقچىمىدىڭ ، ياكى ئېتىزدىكى ئاۋۇ كۆپكۆك زىرائەت مايسىلىرىنى خالىغانچە تىلغاپ ، قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭنى ئىگىسىنى بىلمەي قالمىسۇن دەپ ئاۋازىڭنى بولىشىغا قويۇپ بېرىپ ھاڭراپ مېنى بىر بالاغا تىقاي دىگەنمىدىڭ ؟ بىر ھېسابتا سەھەر دەرۋازىسىدىكى جېسەكچىلەرنىڭ تېپىكلىرىمۇ ساڭا ھالال . ئەگەر مەندىن باشقا ئادەم بولغان بولسا مۇشۇ تاپتا بېقىنلىرىڭغا مۇشلىغان بولاتتى . خىت .» دەپ ئېشەكنىڭ بېقىنىغا تاپانلىرى بىلەن قاتتىقراق تەپتى سۈپۈرگە، شۇ چاغدا بىرسىنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
    _ توختا ، ھەي يولوچى ، توختا . ئېشىكىڭنى بىر تەرەپكە تارتقىن .
    _ ھوپ چۈشە._ دەپ ئېشىكىنى توخىتاتماق بولۇپ كەينىگە غادايدى سۈپۈرگە ھېلىلا بېقىنىغا يىگەن تىپىكتىن رەنجىگەن ئېشەك جاھىللىق بىلەن مېڭىۋەردى
    ،_ ھوپ چۈشە دەۋاتىمەن ، ئاڭلاۋاتامسەن ، ھېلى ئاغىزىمنى بۇزۇپ سالىمەن .
    سۈپۈرگە چۇلۋۇرنى كۈچەپ تارتىپ ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرلۇپ قارىدى .
    سۈپۈرگە يولنىڭ چېتىدىكى بۈككىدە باراقسان بولۇپ ئۆسكەن بىر تۈپ دەرەخنىڭ دالدىسىدا تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى ، ئاياللار باش كۆزىنى ياغلىق بىلەن چۈمكىۋالغان بولۇپ . بىرىنىڭ قولىدا يۆگەكلىك بوۋاق تۇراتتى . ئىككىنجىسى بولسا سۈپۈرگىنى ھە دەپ شەرەت قىلىپ چاقىرماقتا ئىدى .
    _ ھەي يولوچى مانا بۇتەرەپكە كەلگىن .
    سۈپۈرگە ئېشىكىنىڭ بېشىنى ئاياللار تەرەپكە بۇرىدى ، ئۇ : « مەن بۇ ئاياللارغا نىمىگە كېرەك بولۇپ قالغاندىمەن » دەپ ھەيران قالدى . ياش ۋاقىتلىرىدا _ سەپەر ئۈستىدە سۈپۈرگىنى ئۆزىگە شەرەت قىلىپ چاقىرغان قىز جۇۋانلار بولغانىدى . مۇنداق ئۇچۇرشىشلار ئۇزاققىچە سۈپۈرگىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيتى . بەزىدە سۈپۈرگە ناز بىلەن باققان ئۇ جانانلارغا كۆز قىرىنى سالماي ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلسىمۇ . يەنە ئۇلار بېغىشلىغان شادلىقنىڭ تەسىرىدە ئېشىكىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقتىن ئۇزاق مۇھاببەت ناخشىلىرىنى ئېيتاتتى . لېكىن ئۇ تولمۇ ئۇزاقتا قالغان كەچۈرمىشلەر ئىدى . ماۋۇ ئاياللارنىڭ جىددى شەرەتلىشى مۇھاببەت زۆرۆريىتىدىن ئەمەستەك قىلاتتى . ئۇ ئاياللار تەرەپكە يېقىنلاپ كەلدى .
    _ خوش خېنىملىرىم ، مېنى چاقىرىشتىلىمۇ ؟
    _ شۇنداق سېنى چارقىرىۋاتىمىز ، مېھرىبان يولوچى،_ سۈپۈرگە يېقىنلاپ كېلىپ توختىشى بىلەن ، ئاياللارنىڭ بىرى ئالدىراپ سۆزلەپ كەتتى . _ سەن مۇسۇلمان كۆرۈنىسەن ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلى يۇمشاق بولىدۇ ، ماۋۇ بوۋاقنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەت ، ماۋۇ خېنىمنىمۇ ساڭا قوشۇپ بېرىمەن ، ئۇ بالىغا قارايدۇ .
    ئېشەككە ھەلەپ ئېتىپ ، چۆپ تاشلايدۇ . سېنىڭمۇ بارلىق ھاجەتلىرىڭدىن چىقىدۇ ........
    ئايالنىڭ سۆزلىرى سۈپۈرگىنى گاڭگىرىتىپ قويدى .
    _ توختا توختا دېدى سۈپۈرگە ئاياللارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ ،_ مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمەيۋاتىمەن . مەن بۇ بالىنى نىمىشقا ئەكەتكۈدەكمەن ؟ سىلەر ئۇنى نىمىشقا بىراۋغا بېرىۋەتمەكچى بولۇپ قالدىڭلار . ؟
    _ ۋاي ساڭا نىمە دەپ چۈشەندۈرسەم بولار ،_ دېدى سۈپۈرگىنى چاقىرغان ئايال بېشىدىكى ياغلىقىنى تۈزەپ تۇرۇپ ،_ بۇ نارسىدە ھازىر خەتەر ئىچىدە قالدى ،
    ئۇنى پەقەت سەنلا قۇتۇلدۇرۇپ قالالايسەن .
    _ مەن ؟ نىمىشقا ئۇنى پەقەت مەنلا قۇتۇلدۇرۇپ قالالىغۇدەكمەن ؟ ئۇنىڭ ئاتىسىچۇ؟ ئاتا-ئانىسى كىم ؟ ئۇرۇق تۇغقانلىرى قېنى ؟ .. مەن ناھايىتى يىراقتىكى يۇرتلاردىن كەلگەنمەن . بۇ بالىنى نەگە ئەكىتىمەن .
    _ سېنىڭ مۇنچە كۆپ سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ بېرىشكە ۋاقتىم يوق . مەنمۇ سېنىڭ كىمىكىڭنى ، نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى ، نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭنى سورىمىدىم . سەنمۇ ئوشۇقچە سۇئاللارنى سورىما ، ھۆرمەتلىك يولوچى . سەن بۇ بالىنى قانچە يىرققا ئەكەتسەڭ شۇنچە ياخشى . بۇ بالا مىنىڭ يۈرەك پارەم . ئۇ نەدە بولسا ھاياتلا بولسا بولدى ، ....ئۆتۈنۈشۈمنى رەت قىلما . سەن ئەقىللىق ئادەم كۆرۈنىسەن . مەن ئېيتقان گەپلەردىن ئېيتمىغان مەنىلەرنىمۇ چۈشۈنۈپ بولدۇڭ .
       ئايال بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى . جاھانكەزدى سۈپۈرگە قۇتقۇزىۋېلىش شۇنچە زۆرۆر بولغان نارسىدىگە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىدى ، بالا شۇنچىلىك پاك ۋە سەبىي ئىدى . ئۇ ھېچنىمىدىن بىخەۋر ، ئىككىنچى خېنىمنىڭ قولىدا تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى ، بۇ نارسىدە مەيلى قايسى دىندىن ، قايسى تەبىقىنىڭ ئادەملىرىدىن تۆرەلگەن بولسۇن ، شۇ تۇرقىدا ئاللانىڭ ئالدىدا ئۇ پەرىشتىدىنمۇ ئۇلۇغ ئىدى ، چۈنكى ئۇ تېخى ھېچبىر گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ، ئۇنىڭ كاللىسى بۇ دۇنيادىكى شەيتان ، ئىبلىس ، ۋە يەنەقانداقتۇر بالايىبەتتەرلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن خالىي ، قەلبى جىنايى نىيەتلەردىن پاك ئىدى ...........سۈپۈرگە بالا ۋاقتىدا مەھەللىسىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇچىرايدىغان ھېلىقى توختى ئاشىق توغرا ئېيتقانىكەن . كىشى بەزىدە شۇنداق سەبىي ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتمىگەنگە پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىدۇ . ئەگەرچەندە ، تېخى جاھاننىڭ راھەت مۇشەققىتىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەن ، باھارنىڭ  خۇش بۇي چېچەكلىرىنى تېخى ھىدلىمىغان . قارنىڭ دەسلەپكى ئۇچقۇنلىرى ۋە ياكى كۈز يۇپۇرماقلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىنى كۆرمىگەن پاك بەندىنىڭ بېشىغا راستىنلا بالا قازا كېلىۋااتقان بولسا، ئەلۋەتتە سەن بىر مۇسۇلمان تۇرۇپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ دۇنيادا بۇنۇڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ بولماس .
    سۈپۈرگىنىڭ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئايال دەرھال قوينىدىن بىر خالتىنى ئېلىپ يولوچىنىڭ ئېشىكى ئۈستىدىكى خۇرجۇننىڭ كۆزىگە تاشلىدى ، ئۇ :  
    _ خالتىدىكى تىللالارنى يېتىشىچە خىراجەت قىل . بۇ خېنىمنى خالىساڭ خوتۇن قىلارسەن . ساڭا ئاق يول بولسۇن مېھرىبان ئادەم . بالامنى ساڭا ۋە خۇدايىمنىڭ ئۆزىگە تاپشۇردۇم . _ دېدى ، دە دەرەخلىكلەر ئارىسىدىن كەتكەن ئاياغ يول بىلەن شەھەر سېپىلى تەرەپكە قاراپ يۇگۈرۈپ كەتتى ،
    _ ماڭا مال دۇنيانىڭ خوتۇننىڭمۇ لازىمى يوق ئىدى ._ دەپ غودوڭشىغىنىچە قالدى سۈپۈرگە . بالا كۆتۈرۈپ تۇرغان خېنىم لاپ قىلىپ سۈپۈرگىگە قارىدى -، دە:
    _ قېنى ماڭايلى ، بۇ يەردە قاراپ تۇرۇش خەتەرلىك ._ دەپ ئالدىراتتى ۋە بالىنى كۆتۈرگىنىچە سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكىگە ياندىشىپ يولىغا چۈشتى .
    شۇ تۇرقىدا ئۇلارنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇلارنى شەھەردىن چىقىپ . شۇ ئەتىراپتىكى بىرەر يېزىغا كېتىپ بارغان ئەر خوتۇنلار بولسا كېرەك . دەپ قارايتى .تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە ھەيران بولماي مۇمكىن ئەمەس،- دەپ ئويلايتى سۈپۈرگە ،- مانا ئۇ ھېلىلا يالغۇزچىلىقتىن ئېشىكى بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىپ باراتتى ، يېڭى ھەمسەپەرلەرگە ئېرىشتى ، ئۆمرىدە بالا يۈزى كۆرمىگەنىدى . خۇدا ئۇنىڭغا بۇ نارسىدىنى ھەمرا قىلدى : شۇ ياشقىچە ئۆيلىنىش توغرىسىدا ئويلىشىپمۇ باققان ئەمەس ئىدى ، ناتۇنۇش ئايالنىڭ غېمى ئۇنىڭغا يۈكلەندى . ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەپەرگە ئوخشايدۇ . بۇ سەپەردە كىملەردۇر يېنىڭدىن كېتىپ قالىدۇ .
    يەنە كىملەردۇر كېلىپ ساڭا ھەمراھ بولىدۇ .
        سۈپۈرگە ئېشىكى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بالا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان خېنىمغا سەپسالدى . ئۇ بېشىدىكى ياغلىقىنى قايرىپ يۈزىنى ئېچىۋەتكەن بولۇپ ، ياش ۋە قاۋۇل ئايال ئىدى . سەپەردە كىشىگە يۈل بولىدىغان ئىنجىق خوتۇنلاردىن ئەمەستەك قىلاتتى . ئايال بالىنى مەھكەم باغرىغا بېسىپ . سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكىنىڭ كەينىدىن قالماي كەلمەكتە ئىدى ، پات پات سۈپۈرگىگە چوڭ يولدىن چىقىپ . ئارقا يول بىلەن مېڭىشنى ئەسكەرتىپ قوياتتى  . ئۇلار ئېتىزلىقلارنى ئارلاپ كەتكەن چىغىر يوللار بىلەن مېڭىپ يەنە چوڭ يول ئۈستىگە چىقىپ قېلىشاتتى ،-دە يەنەقانداقتۇر بىر پىيادىلەر يولىغا ئەگىپ كىرىپ كېتىشەتتى . قىيسايغان دېھقان كەپىلىرى ، ئۇ يەر بۇيەردە مۈكچىيىپ ئىشلەۋاتقان دېھقانلار كۆزگە غىل پال تاشلىنىپ قالاتتى . ئايال پات پات ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ئارقىسىغا قارايتى . سۈپۈرگە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە خەتەرلىك بىر ئىشقا چېتىلىپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى . ئايالنىڭ قولىدىكى ئاشۇ بىگۇناھ نارسىدىگە بولغان غەرەزسىز مۇھاببەت ئۇنى خېيىم خەتەرگە ئۆز رازىلىقى بىلەن قەدەم قويۇشقا ئۈندەيتى . بەزىدە سۈپۈرگە :
    - نىمىشقا بىز چوڭ يول بىلەن ماڭمايمىز ؟ _ دەپ ئۆزىنى ھەيران بولغانغا سېلىپ ، ئۈنچىقماي كېتىپ بارغان ئايالنى گەپكە سالاتتى ،_ سەن نېمىدىن قورقىسەن ؟ ھېلىقى خېنىم سېنىڭ نىمەڭ بولىدۇ ؟
    _ئۇ خېنىم مېنىڭ خوجايىنىم ، مۇشۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى .
    _ سېنىڭ خوجايىنىڭ . مۇشۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى ؟ ئۇنداقتا سەن بۇ بوۋاقنىڭ نېمىسى ؟
    -مەن بۇ بوۋاقنىڭ ئىنىك ئانىسى .
    _ يا قۇدىرەت ._ دەۋەتتى سۈپۈرگە ، _ مەن ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئىنىك ئانىسى بىلەن قوشۇپ بېرىۋىتىدىغان مۇنداق ئىشنى تېخى ئۇچراتمىغان ئىكەنمەن ......
    ئەمىسە بۇ بوۋاقنىڭ ئاتىسى كىم ؟
    _ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن .
    _ بوۋاقنىڭ ئاتىسى يوق بولسا ، ئانىسى بالىنى ۋە ئۆزىنى ۋە سېنى ماڭا ھەدىيە قىلغان تۇرسا ، بىر يەنە نىمىشقا ئوغرىلاردەك مۆكۈنۈپ يۈرۈيمىز ؟
    _ۋاي خۇدايىمەي سەن نىمانداق ساددا ئادەمسەن ؟ _ دېدى ئايال ،_ مەن كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان بوۋاقنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن ؟
    _ بىلمەيمەن .
    _ بىلمىگەندىن كىيىن سورىمايلا قوي .
    _ بۇ نېمە دىگىنىڭ ؟ _ دەپ ھەيران بولدى سۈپۈرگە _ بىلمىگەننى سوراپ بىلىۋېلىش كېرەك ، _ دە .
    ئايال سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكىگە يېقىنلاپ كېلىپ پىىچىرلىدى :
    _ سىر ساقلىيالامسەن ؟
    _ ئۇ تەرەپتىن ئەندىشە قىلما ، باشقىلارغا ئېيتماسلىققا تىگىشلىك مەخپىيەتلىكنى ئاڭلاپلا قويىمەندە مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتىمەن . سىر ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنتۇپ كېتىش .
    _ ئۇنداق بولسا ساڭا ئېيتاي ، مېنىڭ قولۇمدىكى بۇ بوۋاق پادىشاھ .
    سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكى مۈدۈرۈپ ، ئۇ ئېشەكنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم ئۇچۇپ چۈشكىلى تاسلا قالدى .
    _ نىمە دېدىڭ ؟
    _ سىنىڭ قۇلىقىڭ ئېغىرمۇ يولوچى ؟
    _ خۇداغا شۈكرى ، ھازىرغىچە قۇلىقىمدىن رازىمەن . قاراڭغۇ كېچىلەردە يىراقلاردىن كېلىۋاتقان كارۋانلارنىڭ كولدورمىلىرىنىڭ ئاۋازىدىنلا ئۇلارنىڭ قايسى يۇرتنىڭ كارۋىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قاياققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمەن . بىراق سەن بۇ بوۋاقنى پادىشاھ دېۋىدىڭ قولىقىمغا ھەقىقەتەن ئىشەنمەي قالدىم .
    _ شۇنداق بىز پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىمىز . بۇ سىرلارنى ساڭا ئېيتماسلىقىم كېرەك ئىدى ، ئاغىزىمدىن چىقىپ كەتتى  ، سەن بۇ توغۇرلۇق ئاستىراق سۆزلە ياكى ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك ئۇنتۇپلا كەت .
    _ مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ،_ دېدى سۈپۈرگە _ بۇ كىچىككىنە بوۋاق قانداق قىلىپ پادىشاھ بولۇپ قالدى ۋە ئۇ نىمە ئۈچۈن تەختىدە ئولتۇرماي مېنىڭ ئەرزىمەس بۇ ئېشىكىمنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭغا كۆمۈلۈپ بۇ يەردە كېتىپ بارىدۇ . ؟ نېمىشقا بىز ئۇنىڭغا تىز چۆكۈپ تازىم قىلمايمىز ؟ ... يەنە ساڭا ئېيتسام ، سىلەرنىڭ شەھەردە نىمانداق پادىشاھ تولا ؟ « قۇياش شاھى » ، « قەلەندەرلەر شاھى » ، ئۇنى ئاز دەپ يەنە بۇيەردە بوۋاقلار شاھىدىن بىرى چىقتى ياكى سەن مېنى ئەخمەق كۆرىۋاتامسەن ؟ ..
    ئايال ئېيتماسلىققا تىگىشلىك سىرنىڭ بېشىنى ئاللىبۇرۇن ئېچىپ قويدى ، ئەمدى ئۇنىڭ سۈپۈرگىگە قالغان ھەممە ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويماقتىن باشقا ئىلاجى يوق ئىدى .
    _ سەن بىرنىڭ  « قۇياش شاھى» مىز ھەققىدە ئاڭلىغانمۇ ؟
    _ ئاڭلىغانمەن ، _ دېدى سۈپۈرگە ،_ بۇ قېتىم شۇ ئۇلۇغ شاھنىڭ ئوردىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم . ھەشەمەتلىك ساراي ، تۈمەنلىگەن لەشكەر ، مىڭلاپ قۇللارنى كۆردۈم . ھاشارغا تۇتۇلۇپ تاش چاقتىم ، مۇنۇ بىچارە ئېشىكىممۇ ئېغىر يۈكلەرنى توشىدى . شەھەر دەرۋازىسىدىكى قورۇقچىلار يانچۇقۇمنى قۇرۇغداپ قويۇشتى . مەن ئۇ يەردە ئالارمەن ساتارمەنلەرنىڭ شەھەرنى زىلزىلگە سالىدىغان ئەركىن چۇقانلىرىنى ،  ئادەملەرنىڭ ئازادە كۈلكىلرىنى ، گۈرۈلدەپ تۇرىدىغان بازارلارنى كۆرمىدىم . شۇنداق شەھىرىڭگە ، ئۇلۇغ پادىشاھىڭغا لەنەت دەپ قايتىپ چىقىۋاتىمەن .
    _ ئۇلارنىڭ تېرەڭنى شىلىۋالمىغىنىغا خوش بولساڭ بولىدۇ .
    _ ئەجەپ  شۇ ئالەمگە مەشھۇر قۇياش شاھى نىڭ ئۆزى مۇشۇ كىچىككىنە بوۋاق بولسا - ھە . ؟
    _ « قۇياش شاھى » ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا ئالەمدىن ئۆتتى .
    _ نىمە دېدىڭ ؟
    _ ئاۋازىڭنى پەسەيت . بۇ گەپلەرنى ئىككىمىز پەقەت پىچىرلىشىپلا ئېيتىشساق بولىدۇ . خەتەر ئۈستىدە كېتىپ بارغىنىمىزنى ئۇنۇتما .
    _ ئۇنداقتا بۇ بالا قەيەرنىڭ پادىشاھى ؟
    _ بۇ بالا « قۇياش شاھى » نىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى . مانا ئۈچ كۈندىن بېرى  ئوردىنىڭ ئىچى قان بىلەن تولدى ، شاھنىڭ چوڭ ئوغۇللىرى بىر بىرنى قىرغىن قىلىشىۋاتىدۇ .
    _ تەخىتنى تالىشىپ ؟
    _ شۇنداق ، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيمەن ، تەرتىپ بويچە « قۇياش شاھى» نىڭ چوڭ ئوغلى تەخىتتە ئولتۇرىشى كېرەك ئىكەن ، لېكىن مەن ساڭا ئېيتسام ، شاھنىڭ ئۇ چوڭ ئوغلى شۇنچىلىك زالىم ، قارانىيەت ، بۇزۇقچىلىقتا  ئۇچىغا چىققان ، بەزىلەر « دادىسىنى ئۇنىڭ ئۆزى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن » دەپ گۇمان قىلىشىدۇ . بۇزۇقچىلىقتا ئۇ شۇنچىلىك رەسۋاكى . ئۆزىنىڭ قانچە ئاياللىرى تۇرۇپ . يەنە قېرىنداشلىرىنىڭ ئاياللىرىغا كۆزىنى قىزارتىدۇ ، ھەتتا ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرىغىمۇ چېقىلىدۇ ، مۇنداق شاھزادىنى شاھلىق ئورنىغا كۆتۈرۈشكە قالغان ئوغۇللار قوشۇلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئوردىدا قىرغىنچىلىق باشلاندى .
    _ يائاللا نىمە دەيدىغانسەن ؟ _ دەپ ياققىسىنى تۇتتى سۈپۈرگە _ مانا مەن بىر ئايدىن بېرى شۇ شەھەردە يۈرۈپتىمەن . ھېچكىمدىن مۇنداق ئەندىشىلىك گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم .
    _ ھەممە ئىش ئوردىدا مەخپىي بولىۋاتىدۇ . مەن تۇرماق ئوردىنىڭ تاشقىرى ھويلىسىدىكىلەرمۇ ھازىرغىچە ھېچنىمىدىن خەۋەرسز . ئىچكىرىكى ئوردىنىڭ دەرۋازىسى مەھكەم ئېتۋېتىلگەن . بارلىق شاھ ئوردىلىرىنىڭ نىزامى مۇشۇنداقمىش . يېڭى شاھ بەلگىلىنىپ تەخىتتىن ئورۇن ئېلىپ بولمىغۇچە كونا شاھنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى سىرتقا ئۇختۇرۇلمايدىكەن . بولمىسا مەملىكەتتە ، ئېسيان كۆتۈرلۈپ ، تەخىت تەۋرەپ كېتىدىكەن .
    _ چۈشەندىم ،_ دېدى سۈپۈرگە _ ھەرقانداق پادىشاھنىڭ تەختى پارتلاشقا تەييار تۇرغان ۋولقاننىڭ ئۈستىدە بولىدۇ ....ئايال سۈپۈرگىنىڭ چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرىنى چۈشەنمەي ئۆز سۆزىنى داۋام قىلىۋەردى . :
    _ ساڭا مېنى قېتىپ بەرگەن خېنىم « قۇياش شاھى» نىڭ كىچىك خوتۇنلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ ، بولىۋاتقان قىرغىنچىلىقلاردىن قورقۇپ ئۇ كىچىك شاھزادىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن مېنى ياردەمگە چاقىرغان . بىز خېنىمنىڭ شاھنى قۇبۇل قىلىدىغان خاس ھوجىرىسىدىكى مەخپىي ئىشىكتىن يەر ئاستى يول بىلەن قېچىپ چىقتۇق . ....
    ئايالنىڭ كىيىنكى سۆزلىرى سۈپۈرگىنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى . ئۇ ئىشنىڭ تىگى تەكتىگە يىتىپ بولغانىدى . « دۇنيادا شاھ ئوردىلىرىدىنمۇ سىرلىق ئورۇن بولمىسا كېرەك ،_ دەپ پىكىر قىلاتتى  ئېشىكى ئۈستىدە  سۈپۈرگە ،_ ئۇ يەردە ھەركۈنى ، ھەر سائەتتە ئاجايىپ ئۇيۇنلار ئوينىلىپ ، قىززىق ئىشلار سادىر بولۇپ تۇرىدۇ . كېيىن تارىخچىلار يۈز بەرگەن بۇ سىرلىق ۋەقەلەر توغرىسىدا تارىخ پۈتۈشىدۇ ، لېكىن ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما خاتىرىلەرنىڭ زادى قانچىلىكى راست ؟ ........ بۇنىڭغا بىر نىمە دېمەك تەس. قانلىق جەڭلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ، غەلبە قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن يېزىلغان تارىخلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ  ، ئۆزىنى بېزەپ كۆرسىتىدىغان سەھىپىلىرىنى قالدۇرۇپ ياكى تۇللۇقلاپ يازدۇرۇپ ، جىنايەت ئىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىدۇ ، تارىخنىڭ يېزىلغان
    قىسىملىرىدىن يېزىلمىغان ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلانغان قىسملىرى چىنراق بولىدۇ .............» 


    سۈپۈرگە بىلەن ھېلىقى خېنىم قانداقتۇر بىر بۇغداي ، قۇناق ، كۆكتاتلار تېرىلغان ئېتىزلار ، ئېگىز پەس دۆڭلۈكلەرنى ئارلاپ كەتكەن ئاياغ يوللار بىلەن بىر قانچە كۈن مېڭىشتى ، ناتۇنۇش مەھەللىلەر ، ياغاچلىرى چىرىپ قىيسىيىپ كەتكەن كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ  ، چەت ياقىلاردىكى قونالغۇلاردا تۈنىدى . خېنىم ئۈستىدىكى يېپىنچىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ خېلى ئازادىلىشىپ قالغانىدى . سۈپۈرگە ئۇنىڭ قاۋۇل ، ياش چوكان ئىكەنلىكىنى بايقىدى . ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىشچان كۆرۈنەتتى . قونالغۇلاردا سۈپۈرگىنىڭ پۇت قولىنى يۇيۇشقا سۇ ھازىرلايتى . تاماق ئېتەتتى . يېتىشىغا ئۇرۇن تەيارلايتى . چوكان قاشتېشىدەك سۈزۈك ، ئاپپاق بەدەن گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ ، قاش كۆزى جايىدا ، تېرىسى قىزىل ئارلاش قارىغا مايىل ، قارقۇمچاق ئاياللاردىن ئىدى . ئۇ بەزىدە ئاپتاپتەك ئېچىلىپ ، سۈپۈرگىگە يېقىملىق جىلۋە قىلىپ ، ئۇنىڭ ھەرقانداق ھاجىتىگە تەييار ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەندەك قىلاتتى ، بەزىدە بولسا جىمىپ ، خىيالچان بولۇپ قالاتتى . ئايالنىڭ بەدىنى چىڭ ، ئۆزى بەستلىك بولغاچقىمۇ ، سۈپۈرگە ئۇنى ئېشككە مىندۈرىۋالغۇدەك بولسا ئېېشەكنىڭ بىلى ئىگىلىپ كېتەتتى . مۇنداق چاغلاردا سۈپۈرگە ئېشەكنىڭ يېنىدا پىيادە ماڭاتتى . سۈر ئېشەك قولاقلىرىنى مىدىرلىتىپ ، ئۆزىنىڭ ئۈستىدە بالا تۇتۇپ ئولتۇرغان بۇ ناتۇنۇش مىھمانغا ھەيران
    بولۇپ قاراپ قوياتتى . يول ئۈستىدە ئۇلار سايىداپ ئارام ئالغۇدەك بىرەر تۈپ دەرەخ ياكى سۇ ئېقىپ تۇردىغان ئۆستەڭ بويلىرىغا بارغاندا بىردەم توختاپ دەم ئالاتتى . مۇنداق چاغلاردا چوكان شاھزادىنىڭ لاتىلىرىنى قۇرۇقداپ ، ئۇنىڭغا ئەمچەك سالاتتى . ئايالنىڭ كۆكسىمۇ ئۆزىگە لايىق يوغان ۋە چىڭ ئىدى . بوۋاق ئۇنىڭغا مەھكەم يېپىشىۋېلىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن ئىمەتتى. ئاپئاق سۈت ئۇنىڭ جاۋغايلىرىدىن كۆۋەجەپ چىقاتتى .  نىمىشقىدۇر ئايال بەزىدە شاھزادىنى ئىمىتكەندە  ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۈنسىز كۆز يېشى قىلاتتى . ...
    ئۇلار چەت ياقىلاردىكى ساراي ياكى دەڭلەرگە پەقەت كۆز باغلانغان چاغلاردىلا يېتىپ كىلەتتى . _دە، بىر كېچە قۇنۇپ ، ئەتىگىنى يەنە سەھەردە كۆزدىن غايىپ بولۇشاتتى ، ئايال بالىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۆزى ئۈچۈن ھىچقانچە مۇشەققەت ئەمەستەك ئىتتىك ماڭاتتى . بەزىدە ئۇ سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكىدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىپ ، ئارقىغا قاراپ سۈپۈرگىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتەتتى .
    _ ياقۇدىرەت ._ دەيتى سۈپۈرگە ئايالغا قاراپ ،_ خۇدايىم ساڭا يېتەرلىك كۈچ قۇۋەت ئاتاقىلغانىكەن ، ئەكەل قولۇڭدىكى بالىنى مەن بىردەم ئالاي ، چارچىغانسەن ؟
    _ ئۆزۈم كۆتۈرەي ._ دەيتتى ئايال ،_ ئوردا قائىدىسىدە شاھزادىنى باشقىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ .
    _ ھازىر سەن ئوردىدا ئەمەس ، ئاللانىڭ ئاسمىنى كەڭ ئوچۇقچىلىقىدا كېتىپ بارىسەن . قارىىغىنە، ئەتىراپتىكى ھەممە نىمە قۇياشنىڭ نۇرىدا يېقىملىق تاۋلىنىپ يېتىپتۇ . ئەنە، يىراقتىكى دەرەخلەردە كاككۇك سايراپ تۇرۇپتۇ . تورغايلارنىڭ قانچىلىك خۇشخۇي چۇرقىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن ؟ بۇ يەردە سەنمۇ ، مەنمۇ ، ھەممە نىمە ئەركىن . مىنىڭ كىملىكىمنى بىلمەكچى بولساڭ ، مۇشۇ ئەركىنلىكنى قوغلىشىپ سەيياھ بولۇپ كەتكەن ئادەممەن . خاتىرجەم بول ، بۇ
    يەردە ھېچكىم بىزگە كۆز قۇلاق بولۇپ تۇرغىنى يوق .
    _ بىلەمسەن ؟ _ دېدى چوكان ،_ بۇ شاھزادە كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم پادىشاھ بولىدۇ .
    _ ئاللا نىسىپ قىلسا، _ دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى تۈزەتتى سۈپۈرگە .
    _ پادىشاھ بولغۇچىنى پەقەت بەلگىلەنگەن ئادەملا كۆتۈرۈشى شەرت .
    _ جاھاندا مەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگەن ، لېكىن مۇنداق لەشكىرى يوق ، ئىنىكئانىسىنى ئىمىپ كېتىۋاتقان پادىشاھنى كۆرمىگەنمەن ،_ دەپ كۈلدى سۈپۈرگە ،_
    راست ئېيتىسەن ، پادىشاھنى كۈتۈشنىڭ قائىدە نىزاملىرىدىن مىنىڭ قىلچە خەۋىرىم يوق . شاھزادىگە كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ ئەمچەك سېلىشمۇ ئوردىنىڭ قائىدىسىمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن بەزىدە سەن ھۆرمەتلىك ، بولغۇسى پادىشاھىمىزنى ئىمىتكەندە يىغلايسەن . ؟
    چوكان ئۇزاق جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئاخىر ئېغىز ئاچتى .
    _ بىلەمسەن ؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا ياقا يۇرتلۇق ، مىنىڭ يۇرتۇم ئاۋۇ قارلىق تاغلارنىڭ ئارقىسىدىمۇ ياكى ئاۋۇ يېشىل دۆڭلەرنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن   . ئىشقىلىپ مەن تۇغۇلغان يەرنىڭ ئاياللىرى شۇنداق بەستلىك . كۆكسى چوڭ ، سۈتلۈك كېلىدىكەن ، شاھ ئوردىسىغا لازىم ئىنىكئانىلارنى ئەنە شۇ يۇرتلاردىن تاللاپ ئەكەلگۈزىدىكەن . مەن ئۆزۈمنىڭ قانچە ياشتا ئوردىغا كىرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن . بىر ئايالنىڭ بېشىمنى سىلاپ ، يىغلاپ تۇرۇپ خوشلاشقىنىنى ، ئەتراپى چۈمكەلگەن ھارۋىدا ئېرغاڭشىپ ئولتۇرۇپ ئۇزاق يول ماڭغىنىمنى خۇددى چۈشۈمدەك كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن . ئېھتىمال ، بالا ۋاقتىمدا ناھايىتى چىرايلىق بولسام كېرەك ، خاننىڭ ئادەملىرى مېنى توپتوغرىلا ئوردىغا يەتكۈزۈپ كېلىپ ، خاننىڭ خىزمىتىگە تۇتۇپ بەرگەن .
    _ ھېلىمۇ گۈزەل تۇرۇپسەن سىڭلىم .
    سۈپۈرگىنىڭ ماختىشىنى بىرىنجى قېتىم ئاڭلىغان چوكان جىلۋە بىلەن لاپ قىلىپ ئۇنىڭغا قارىدى - دە سۆزىنى داۋام قىلدى .  
    بەلكىم تاللىىنىپ شاھ ھەرىمىگىمۇ كىرىشكە مۇيەسسەر بولاتتىممىكىن . بىراق مەندەك پۇقرالارنىڭ قىزلىرىنى تۆۋەن نەسەبتىن كېلىپ چىققان دەپ ، ھەرگىز شاھ ئوردىسىغا تاللاشمايدۇ . مەن پەقەت خېنىملارغا دېدەكلا بولالىدىم . ساڭا ئېيتسام ، ئوردىدا بىزدەك دېدەكلەرنىڭ ھالى شۇنچە خاراپ . مانا مېنى ئۇلار 11-12يېشىمدىلا ئاياغ ئاستى قىلىشقان .
    _ كىملەر؟
    _ كىملەر بولاتتى ؟ باشتا مەرتىۋىلىكرەك بىرى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ . ئاندىن ئوردا خادىملىرى، قورۇقچىلار، ھارۋىكەش، ئاشپەز ، چاكارلار، ھەتتا بەزىدە بالاغەتكە يېتىپ قالغان بەڭۋاش شاھزادىلەرمۇ بىزگە چېقىلىۋېرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىز ئاتىسىز بالىلارنى تۇغىمىز . بالا تۇغۇلىشى بىلەنلا نازارەتچىلەر ئەچىقىپ كېتىپ بۇغۇپ تاشلىشىدۇ . مۇشۇ يوغان ئەمچەكلىرىمىزگە سۈت تولۇپ تۇرسۇن دەپ ئۇلار بىزنىڭ تۇغىشىمىزغا يول قويىشىدۇ . ئاندىن بالىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ، بىزنى خېنىملارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىشكە قويىدۇ . « قۇياش شاھى » نىڭ ئارزۇلۇق خوتۇنلىرى ھەتتا ئىنىكئانىلارنى سېغىپ سۈتىنى ئىچىدۇ . ئادەم سۈتىدە بەدەنلىرىنى سۈرتىشىدۇ . ........مەن بۇ شاھزادىنى ئىمىتىۋاتقاندا ئۆزەمنىڭ بالىلىرىنى ئويلاپ قالىمەن . .....
    _ نىمە دېدىڭ ؟ سۈپۈرگە ئېشىكى ئۈستىدە قىيسىيىپ ئولتۇرۇپ ئايالدىن سورىدى ،- سېنىڭ ئۆز بالىلىرىڭمۇ بارمىدى ؟ بىز نىمىشقا ئۇلارنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭمىدۇق ؟
    مەن بىر ئوغۇل بىر قىز تۇغقان ، قانداق چىرايلىق بالىلار ئىدى دېگىن : ئۇلارنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرى ، كىچىككىنەكۆزلىرى ، ماڭا تەلپۈنگەن بۇدۇرۇق قوللىرى كۆز ئالدىمدىلا تۇرۇپتۇ . ھەر ئىككىسىدىن ئايرىلدىم .قولۇمدىن يۇلىۋېلىشتى-دە، ئەكىتىپ يوق قىلدى . مەن نىمىشقا يىغلىماي ، قارا، مېنىڭ كۆكسۈمدىن
    ئېقىۋاتقان ئاپئاق سۈتلەر شۇ بالىلىرىمنىڭ رىزقى ئەمەسمىدى . ........؟
    ئايال بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى . سۈپۈرگىنىڭ قەلبىنى بۇ ئايالغا بولغان ئېچىنىش ، ھېسداشلىق چۇلغىۋالغانىدى . ئۇلار ئىككىسى ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى . سۈپۈرگە ئىككىنچىلاپ ئايالدىن بۇھەقتە گەپ سورىمىدى .
    كىچىك شاھزادىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان چوكان بىر كۈنى ناھايىتى خۇشخۇيلىشىپ كەتتى . ئۇلار سۈپسۈزۈك تاغ سۈيى يېيىلىپ ئېقىۋاتقان چىمەنلىككە يىتىپ كەلگەندە ، ئايال قائىدىنى بۇزۇپ شاھزادىنى سۈپۈرگىگە تۇتقۇزدى ، شاھزادە كۆزىنى يوغان ئېچىۋالغان بولۇپ ، ساقاللىق بۇ كىشىگە چەكچەيگىنىچە قاراپ قالغانىدى .
    _ ئۇھ ، بۇ يەر نىمە دىگەن چىرايلىق ، مەشەدە بىردەم ئارام ئالمايلىمۇ ؟ _ دېدى ئايال .
    _ شۇنداق قىلايلى دېدى سۈپۈرگە . ئايال :
    _ ئۆتۈنۈپ قالاي ، سەن مەن تەرەپكە قارىما ، _ دېدى دە ، سۇنىڭ ئاياغ تەرىپىگە قاراپ كەتتى .
    ئېشەك ئەتراپتىكى چۆپلەرنى قېلىن كالپۇكلىرى بىلەن يالماپ ، ئىشتىھا بىلەن ئوتلاشقا باشلىدى ، ئاز ئۆتمەي سۈپۈرگىنىڭ قۇلىقىغا سۇنىڭ شالاپشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئايال نېراققا بېرىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ يۇيۇنماقتا ئىدى  .  سۈپۈرگە قولىدىكى بوۋاققا قارىدى . كەلگۈسىدە پادىشاھ بولۇشقا تىگىشلىك بولغان بۇ بوۋاقنىڭ سۈپۈرگە ئۆز ئۆمرىدە ئۇچراتقان نارسىدىلەردىن ھىچقانداق پەرقى يوق ئىدى .  
    خوش شاھزادەم ،_ دېدى سۈپۈرگە بالىغا قاراپ ، شاھزادە يۆگىكىدە پۇتلىرىنى پىلتىڭلىتىپ تىپىرلاپ قويدى . _ سېنىڭ ھېلىقى بارلىق تەخت ۋارىسلىرىنى يوقاتماقچى بولۇپ قۇترىغان چوڭ ئاكاڭ شۇ تاپتا ئوردا ئىچىدىن سېنى ئىزدەپ تاپالماي قانچىلىك غەزەپكە كېلىۋاتقاندۇر ، ھە؟ بەلكىم ئۇ قېلىچىنى يالاڭاچلاپ ئوردا ئىچىدىكى ئۇچىرغانلا بوۋاقنى قانغا بوياۋاتقاندۇر؟ يا بولمىسا ئۇ ئەڭ ئاۋال سېنىڭ مىھرىبان ئاناڭنى دارغا ئاسقاندۇر . ؟ ... پادىشاھلىق ئەڭ ئالىي دۆلەت دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن . زوراۋانلىق ، مۇستەبىتلىك بەدىلىگە ئۆرە تۇرغانلارنىڭ بىر كۈنمۇ كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق . ئۇنىڭغا قارىغاندا ئېتىزدا سۆرەم سۆرىگەن دېھقان تاتلىقراق ئۇخلايدۇ ، دالىدا يالاڭئاياغ كېتىپ بارغان نامرات ئەركىنرەك نەپەس ئالىدۇ . ... خۇدانىڭ تەقدىرىنى قارا ، مىڭلاپ قوشۇن قوغداشقا تىگىشلىك سەندەك شاھزادىنى ئۆزىنىمۇ قوغدىيالمايدىغان مېنىڭدەك بىر ئاجىزنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپتۇ . ...سەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ قالساڭ ، بىزنىڭ سېنى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىمىزنى ، سەن ئۈچۈن بېشىمىز كېتىدىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىمىزنى ئېسىڭگە ئالارسەنمۇ ؟
    بوۋاق بۇدۇرۇق قوللىرىنى سۇنۇپ سۈپۈرگىنىڭ ساقىلىنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتى .
    _ ياق ،_ دەپ ئۆز پىكىرىنى رەت قىلدى سۈپۈرگە ، _ شاھلاردىن شاپائەت كۈتۈش ئەخمەقنىڭ ئىىشى ، ھۆكۈمرانلار ئۆز سىرىنى بىلگۈچىلەرنى ئەڭ بۇرۇن كۆزدىن يوقىتىدۇ . بەندىنىڭ ھەقىقىي شاپائەتچىسى رەھىملىك ئاللانىڭ ئۆزى .........
    سۈپۈرگە تېخى بالا شاھ ئۈستىدىكى  مۇلاھىزىلىرىنى ئاياغلاشتۇرماي تۇراتتى . يىراقتىن ئايال چىقىپ كەلدى . سۈپۈرگە ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدى ، ئايال يۇيۇنۇپ ، تارىنىپ تولىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى . سۈپۈرگىنىڭ تەسەۋۇرىدا پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان قىزىل گۈل ، دەرەخلەر ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان تۇلۇن ئاي پەيدا بولغاندەك بولدى ......شۇ چاغدا سۈپۈرگە بالىنىڭ يۆگىكى ئاستىدا تۇرغان قولىغا ئىسسىق بىر نەملىكىنىڭ تەگكەنلىكىنى سەزگەندەك بولدى -دە، دەرھال ئېسىگە كېلىپ ، بالىنى يەرگە قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
    _ ۋاي  نىمە قىلىۋاتىسەن ؟ _ دېگىنىچە يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى ئايال .
    _ نىمە بولدى ؟
    _ سەن شاھلارنى قانداق كۈتۈشنى بىلەمسەن ، مەن ساڭا ئېيتمىدىممۇ، نىمىشقا شاھزادىنى يەرگە قويسەن ؟
    _ سەن ئۇنىڭ ئاستىنى قۇرۇقدا ، _ دېدى سۈپۈرگە كۈلۈپ ،_ ئۆمرۈمدە مەن مۇنداق ئورنىغا سىيىپ ، چىچىپ ياتىدىغان پادىشاھنى كۆرمىگەنىكەنمەن .
    ئايالمۇ ئىختىيارسىز كۈلىۋەتتى . نىمىشقىدۇر ئۇ بۈگۈن خۇشخۇي بۇلۇپ قالغانىدى . سۈپۈرگىگە مۇلايىم مۇئامىلە قىلغۇسى ، ئۇنىڭغا سۈركىلىپ ئەركىلىگۈسى كېلىپ تۇراتتى . ئۇمۇ يەردە ياتقان شاھزادىنى دەرھال قولىغا ئېلىشىنى ئۇنتۇپ سۈپۈرگىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى -دە:
    _ قارا شۇ تاپتا بىز مۇشۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسىغا ، بىر جۈپ ئەر ئايالغا ئوخشاپ قاپتىمىز ،_ دېدى .
    مۇشۇ بىر نەتچە كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا سۈپۈرگىنىڭ مىجەزى ئايالغا يېقىپ قالغانىدى . ئۇ بىر ئاز غەلىتە ، قوپال ، ساددا كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمىنىڭ ھۇجۇدىدىكى ئەرلەرگە خاس ئاق كۆڭۈللۈك ۋە يوشۇرۇن ئەقىلنى كۆرۈپ يەتكەنىدى ، ئايالنىڭ قەلبىدە كۈندىن كۈنگە ھاۋائانام زامانىسىدىن قالغان شۇ ئەرنى ئىگىلەش ، قولغا كەلتۈرۈش ، ئۇنىڭ مۇھاببىتىگە ئېرىشىش ئىستىكى يېتىلىۋاتاتتى . سۈپۈرگە ئايالنىڭ ئەر خوتۇن توغرىسىدىكى گەپلىرىنىڭ مەنىسىگە
    چۈشەنمىدىمۇ ؟ ياكى چۈشەنسىمۇ چۈشەنمەسلىككە سالدىمۇ ، ئايالدىن كۆزلىرىنى  قاچۇرۇپ ، قولىنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
    ئۇلار يەنە يولغا چىقتى . ئايال تۇرۇپ كۈلەتتى . دالا گۈللىرىنى ئۈزىۋېلىپ قۇلىقىىغا قىساتتى . بەزىدە غىڭشىپ ناخشا ئېيتاتتى .  
                                   بۇ بېشىمغا چۈشكەن كۈننى ھېچكىم بىلمەيدۇ ،
                                   توۋا دەيمەن دەرت تارتقانغا كىشى ئۆلمەيدۇ .
                                   ئوردىدىكى خېنىملارنى شاد خورام دىمەڭ ،
                                   زىبۇ زىننەت يۈك ئۇلارغا قەلبى كۈلمەيدۇ .

    ئۇ ئۆز ناخشىسىدا ئوردىدىكى دىدەكلەرنىڭ كۈلپەتلىرى، ئېگىز تاملار ئىچىگە بەنىت بولغان خانىشلارنىڭ ئىچ پۇشۇغى ، بالىسىدىن ئايرىلغان ئانىنىڭ ھەسرەتلىرىنى سۆزلەيتى .
    شۇ كۈنى ئۇلار خالىي بىر قونالغۇغا كېلىپ چۈشتى . ئايال ئۆزىنىڭ قەلبىدە باش كۆتۈرىۋاتقان ئىستەك ، يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان مۇھاببەت ھېسىياتى توغرىسىدا كۈيلەيتى ، ئۇنىڭ كەيپىياتىغا جۆر بولۇپ قۇشلار خۇشخۇي چۇرۇرلىشىپ ، سۇلار قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇپ شىلدىرلاپ ، يۇپۇرماقلار يىنىك شىۋىرلىشىپ پۈتۈن تەبىئەت تەڭ ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك قىلاتتى ...........ئۇ سۈپۈرگىنى مەزىلىك تاماقلارنى تەيارلاپ كۈتتى ، كېچىسى ئۇ سۈپۈرگىنى ئۆز قوينىغا چارقىردى .
    _ ماڭا قارا يولوچى ، -دېدى ئايال ياستۇقىغا جەينەكلىنىپ تۇرۇپ ، سەن مېنى نىمىشقا ئەركىلىتىپمۇ قويمايسەن ؟
    _ ئەركىلىتىپ دەمسەن ؟ .... سېنىما؟ - سۈپۈرگە كۈتۈلمىگەن سۇئالدىن ھەيران بولدى ،- سەن كىچىك بالا بولمىساڭ ؟
    _ لېكىن مەن ئايال كىشى - دە؟
    _ توغرا سەن ئايال كىشى  .
    _ قوينۇمغا كىرىش خىيالىڭغىمۇ كىرمەمدۇ ؟ ياكى مەن ساڭا يارىمىدىممۇ - يە؟
    جاھانكەزدى سۈپۈرگە تېڭىرقاپ تۇرۇپقالدى . كىچىك شاھزادە چوكاننىڭ ئۇتەرىپىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . تۈن يېرىملىشىپ قالغان بولۇپ ئاي نۇرى ئۇلار ياتقان ھۇجۇرىنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى . ئايال بولسا كۆرپىنىڭ ئۈستىدە سۈپۈرگىگە قۇچاق ئېچىپ ياتاتتى . تەڭلىكتە قالغان سۈپۈرگە نىمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى .
    _ ياق ، ياق ، سەن ........سەن ھار قانداق ئەرگە يارايدىغان چوكانسەن ،- دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ .
    _ ئۇنداق بولسا نېمىشقا قوينۇمغا كەلمەيسەن ؟ دەسلەپكى كۈنلەردە مەن سېنىڭ زورلۇق قىلىشىڭدىن ئېھتىيات قىلدىم ، كىيىنكى كۈنلەردە مەن سېنى كۈتتۈم . بەزى كۈنلىرى سەن يېتىپلا ئۇخلاپ كېتىسەن . مەن ئۇزاققىچە كۆز يۇممايمەن ......... خوجايىن خېنىم مىنى ساڭا قوشۇپ يولغا سالغاندا «خالىساڭ خوتۇن قىلارسەن » دېگىنىنى ئاڭلىغان بولغىيتىڭ ؟
    _ شۇنداق ئاڭلىغان .
    _ دىمەك بىزگە رۇخسەت قىلىنغان . سەن يەنە نېمىدىن ئېھتىيات قىلىسەن ؟
    _ .....
    _ ياكى سەن ئاياللارغا يېقىنلاشماسلىققا قەسەم قىلىۋەتكەنمۇ ؟ ياكى سېنىڭ دىنىڭدا ئۆيلىنىشكە بولمامدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ، سەن ئۇنداق يارىماس دىندىن چىقىپ كەت . ئاللانىڭ ئۆزى ئەر بىلەن ئايالنى بىر بىرىگە ھاجەتلىك قىلىپ ياراتقان .
    _ ...........
    _ نىمىشقا ئۈنچىقمايسەن ؟ مېنى خوتۇنلۇققا ئالساڭ زىيان تارتمايسەن ، ئايىغىڭدا يۈرۈپ خىزمىتىڭنى قىلىمەن ، مەن شاھ ئوردىسىدا ئەڭ ئېسىل تاماقلارنى پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەن .......
    سۈپۈرگىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى . ئۇ ئۆزىنى ئاياللارغا ھەۋەس قىلىدىغان چاغلىرىم ئۆتۈپ كەتتى دەپ قارايتى . سۈپۈرگە بۇ ياش ھەم ساغلام نوتىغا ئۇرۇنۇپ ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى تۆكۈشنى خالىمايتى . ئايال بولسا سۈپۈرگىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئەمەس ، ئۆزىدىكى  غېرىپلىق ۋە يالغۇزلۇقنى بىردەملىككە بولسىمۇ يىراقلىتىش ياكى بولمىسا كېلىپ كېتىدىغان ئۆتكۈنچى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش زۆرۆرىيىتىدىن ئۇنى قوينىغا چاقىرماقچى ئىدى .
    بىر چاغلاردا سۈپۈرگىنىڭمۇ يىگىتلىك مەزگىللىرى ئۆتكەنىدى . ئۇنىڭمۇ ئۆزىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن مەشۇقلىرى بولغان . ئۇ ۋاقىتلار قانچىلىك گۈزەل ۋە ئۇنتۇلماس ئىدى -ھە؟ ..يالغۇز ئاياغ يول ، كەڭ دالا ياكى شەھەرنىڭ قانداقتۇر بىر تار كوچىلىرىدا ئۇنى دېرىزىسىنى ئېچىپ شەرەتلىگەن جانانلار ، قايناق بازار ئىچىدە چۈمپەردىسىنى بىلىنەر بىلىنمەس قايرىپ قويۇپ كۈلۈمسىرىگەن گۈزەللەر ئۇنىڭ ئېسىدە ، شۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى شەھلا كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئوي يېقىپ ، ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىپ قالاتتى  . سۈپۈرگە مۇداق جىلۋە قىلغان جانانلارنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە ، پەقەت بىر كېچىلا مېھمان بولۇپ ئۆتەتتى ، - دە ، ئىككىنچىلەپ ئاياغ باسمايتى ، چۈنكى ، بىر نىشاننى ئۇزاق ئەگىپ يۈرۈشنىڭ خەتەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . ... چوكاننىڭ
    جاننى قىينايدىغان ئوتلۇق تەلەپلىرى سۈپۈرگىنى ئەنە شۇنداق خىياللارغا ئەكەتتى .ئايال بولسا توختىماي سۆزلىمەكتە ئىدى .
    _ گەپ قىلساڭچۇ ؟ _ دەپ ئالدىرىتاتتى چوكان ،_ ياكى سىنىڭ كىشىگە ئېيتقىلى بولمايدىغان بىرەر ئەيىبىڭ بارمۇ ؟ ياكى بولمىسا....
    _ قوي سىڭلىم ، مىنىڭ يېشىم ساڭا مۇناسىپ ئەمەس .
    _ يېشىم دېدىڭما؟ _ كۈلۈپ كەتتى چوكان
    _ ھەئە ، مېنىڭ بالىلىرىم بولغان بولسىمۇ بەلكىم سېنىڭدىن چوڭراق بولغان بولاتتى .
    _ ئوردىدا بىرگە ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان قېرىلارمۇ ئېسىلىشىدۇ . خىجالەت بولما ، بۇ ئىشنى مانا مەن ئۆزەم تەلەپ قىلدىم . ...
    چوكان شۇنداق دېدى _ دە ، سۈپۈرگىنىڭ قوينىغا ئۆمىلەپ دىگۈدەك كىرىپ كەلدى .
    _ مۇنداق قىلما . مۇنداق قىلما. _ دەپ يالۋۇراتتى سۈپۈرگە ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، _ مەن سېنى خوتۇنلۇققا ئالساممۇ ئاۋال بىرەر كىشىنى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ نىكاھ ئوقۇتۇشىمىز كېرەك .....سەن مېنى گۇناھكار قىلىسەن ...........
    ئەمما چوكان سۈپۈرگىگە بارغانسىرى مەھكەم يېپىشىپ ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يەشمەكتە ئىدى  . ئۇ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن سۈپۈرگىنى ئۆزىگە تارتاتتى .
    ئۇلۇغ شاھزادە بولسا يېنىدىلا سادىر بولىۋاتقان مۇھاببەت پاجەسىدىن بىخەۋەر تاتلىق پۇشۇلدايتى ، ئاي بۇلۇتلار ئارىسىدا بىر كۆرۈنۈپ . بىر مۆكۈنەتتى .
    ئايالنىڭ ئوتلۇق ۋە تەشنالىق ئىچىدە پىچچىرلاشلىرى تەسرىدە يۇلتۇزلار تېخىمۇ روشەن چاقناپ ، كۆزلىرىنى چىمچىقلىشاتتى .... سۈپۈرگىگە چوكاننىڭ مۇھاببىتىنى بۈگۈنگە . مەڭگۈگە ، ياكى بىر نەتچە مىنۇتقا بولسىمۇ قۇبۇل قىلماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى . .. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوقالغان ، ئۇنتۇلغان سېزىملار ئويغۇنۇشقا باشلىدى ............


    ئايدىڭ كېچە

     

    分享到: