• سېسسىق توققۇزىنچى ۋە ئۇيغۇرلار

    2009-06-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40481077.html

    ئوغلۇم ۋەتەن سۆيۈشكە دېپلوم كەتمەيدۇ،ئابروي كەتمەيدۇ.پەقەت بىر سادىق يۈرەك كېتىدۇ.

     

    "قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا"دىن.

     

    بىرنىمە دەي دىسەم ما سورۇندا غەيۋەت بوپ قالىدۇ. دىمەي دىسەم يا ئۆزىنى بىلمىدى بۇ خەق .

    دۇگامەت قارىسلا بەزىدە مۇشۇ ئۇيغۇرغا نان تېگىدىغان ئادەملەر كىمدۇ-دەپ ئويلاپ قالىمەن.

    ئويلاپ باقماپتىمەن دىسلە ، نىمىشقىدۇ مەن ھازىر تولا ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم.

     كاۋاپچىلارمۇ ،دېھقانلارمۇ ياكى كىتاپلاردا دىگەندەك زىيالىيلارمۇ ۋە ياكى بىرنى ئىككى قىلىدىغانغا تىپىرلاپ يۈرگەن سودىگەرلەرمۇ ؟ ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇ قاتارلىق كەسپ بىلەن شۇغۇللىندىغان ھەر-خىل ئادەملىرىمىز بار . نىمىشقا بۇنداق ئويغا كەپ قاللا دىسلە ،مۇشۇ بىر مىللەتنىڭ تەغدىرىنى پەقەت مەلۇم ئادەملەرگە باغلايدىغان بىر قىلىق بىزدە توللاپ قالدى. ئەگەر بىز ئۈمۈت كۈتكەن ئادەملەر بىز كۈتكەندەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمىسا ھەممىمىز ئاپتاپتىكى بەڭگىنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ مۇشۇنداق ياشايدىغان ئوخشايمىز.

    بىزنىڭ نوپوسىمىز نەچچە مىليونغا يېتىدىغان خەلق . بۇ خەلق ئازاتلىقتىن بۇيان بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھەرنىمە بولسا ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ يىلىكى شورلۇق دەپ قويىدىكەنمىز. يىلىكى شورلۇق قانداق بولىدۇ ؟

    دەپ ئويلاپ باقسام بۇ يىلىك دىگەن ئۆزلىرىنىڭ ئىچىلىردە بولىدىكەن. ئۇنى باشقىلار شورلۇق قىلىپ قويمايدىكەن . ئۆزى شورلۇق بولىۋالغان نەرسىنى كىم "شورلۇق بولما" دىيەلەيدۇ-دەيلا.

    مۇشۇ تېلۋىزور بولسۇن ياكى باشقا گېزىت-ژورنالدا بولسۇن زىيالىيلارنى "بىر مىللەتنىڭ بايلىقى ،تۈۋرىكى،يىلىكى،يۈرىكى" دەپ ماختايدىكەن.ئەمدى يۈرىكى بولسۇن بايلىقى بولسۇن مەيلى ئەمەسمۇ.

    ئەمىسە نىمىگە قاينايسەن دىسىلە ،ئەلۋەتتە قاينايدىغانغا گەپ بار.

     

    ئاتمىش يىلنىڭياقى ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتتى. بۇرۇنقىسىنى قويۇپ مۇشۇ يېقىننى سۆزلىسەك ئۆزلىرى بىلەن بىزدەك دېھقان قانداقلا بولمىسۇن يەر تېرىپ قوساق باقتۇق،ئازراق ئېشىنغان ئاشلىقنى سېتىپ بېرىپ باشقىلارنىمۇ ئاچ قويمىدۇق. ئىشقىلىپ بىر نەرسىنى تۇتساق قولىمىزدىكى توپا بولسىمۇ يۇقۇپ تۇردى. ما چاقسىدىكى قاسساپ ناۋايلارنى بىللا ...ئۇلارمۇ تازا جاپاكەش . قوينى ئەرزانراق ئەپ سۆيۈپ گۆشىنى سېتىپ ياكى ئىسسىق تونۇرغا بېشىنى تىقىپ نان يېقىپ ئۆزىنىڭ جېنىنى باقىدۇ. ئۇلاردىن كۆپىنىدىغان يېرىمىز يوق . قانداقلا بولمىسۇن يۈگرەپ چىقساق تاييار نان ،گۆشكە بولسىمۇ يارايدۇ.

    قايسى كۈنى تېلۋىزوردا ئادەم بولۇش ،قەيسەر بولۇش توغرىلىق بىر خانىم بىلەن بىر ئەپەندىم تازا سۆزلىدى . ئايھاي گەپلەر دىگەن ۋەھشى دىسلە ، ئاڭلىسلا ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل ئادەم ئەمەسلىكلىرىدىن نومۇس قىپ كېتىلا ...ئالدىرمىسلا گەپ با تېخى

    سىلى ئاتمىش يىلنىڭياقى مۇشۇ زىيالى دىگەن خەقنىڭ ماڭا دەپ بەرگىدەك قانداق پايدىسىنى كۆرلە... ئەسلى زىيالى دىگەن يۇرتنىڭ ئەڭ بىلىملىكى سەزگۈر چېچەنلىرى ، ھەق-ناھەق كۆز قارىشى ئېنىقلىرى بولىدۇ دەيدۇ. بىراق ئۆزلىرى ئۇلاردىن ھېچ بولمىسا لازىم بولغاندا بىرەر پارچە نان ئالاملا ؟! ياكى ما ئەترەتنىڭ قاملاشمىغان سىياسەتلىرى توغرىلىق بىرەرەسىگە دات ئېيتىپ "قېنى قانداق نوچىكەن !" دەپ ئۇلاردىن پاناھلىق كۆرەلەملا، قارىسلا بىز يەر تېرىيمىز،قاسساپ قوي سويىدۇ،ناۋاي نان ياقىدۇ. زىيالى نىمە قىلىدۇ ؟ ! ما زاماننىڭ ئىگىز-پەسلىكىنى تۈزەيدۇ. ئۆزلىرى بىلەن بىزغۇ قانداقلا بولمىسۇن يەر تېرىدۇق.ئەمما ئۇلارچۇ ؟! نىمىنى تۈزلىدى دەيلا..باشلىققا سەت كۆرۈنۈپ قالمايلى دەپ ئارقىغا يېنىپ بىزنى "تۈزلەيدۇ".

    ئاڭلىسام بۇ خەقنىڭ ھەرقاندىقى بۇرۇت قويالمايدىكەن.سەۋەبى سەل ياۋايى كۆرۈنەمىش.ئەمدى بىز دىخان خەق، ما بۇرۇت-ساقال دىگەننى ئەرنىڭ كۆركى ياكى پەيغەمبىرىمنىڭ سۈننىتى دەپ قويىمىز مۇشۇ يېقىننىڭياقى دىققەت قىللامۇ ھەممىلا مائاشلىقنىڭ بۈرۈت-ساقىلى يوق. غىچلا كوسا .سۈرۈشتۈرسەم باشلىقنىڭ كۆزىگە بۇرۇت قويغانلار سەت كۆرۈنەمىش. مانا كارامەت ھېلىقى تېلۋىزوردا ئادىمىلىك توغرىلىق چىڭقىلىپ سۆزلىگەن خانىمدىن "ئەرلىرىنىڭ بۇرۇتى بامۇ خانىم ؟ " دەپ سوراپ باققۇم كەلدى.

    ئويلاپ باقسىلا كالپۇكنىڭ ئۈستىدىكى نەچچە تال تۈككە ئىگە بولالمىغان خەق ئۆزلىرى بىلەن ماڭا ئىگە بولالامتى. ئىشقىلىپ مەن باغۇ، دۇگامەت. مۇشۇ بۇرۇتۇمنى چۈشۈرمەيمەن دەپ خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن زىيالىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇغۇ بىر چاخچاق گەپ. قىسقىسى مەن بىزنىڭ بىرەر ئىشىمىزغا ياقىسىنى يىرتىپ ناھەقچىلىق تارتقان زىيالىنى ئاڭلىمىدىم. يىلىكى شورلۇق دىگىنى بەرھەق گەپكەن.بۇلار راستىنلا بىزدىكى شورلۇق يىلىككەن.

    بىزنىڭ ئوغۇل داۋاملىق كىتاپ ئوقۇيدۇ ."ۋاي دادا ما ئادەم ئۇيغۇرلارنىڭ پەيلاسوپى. ما يازغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نوچىسى" دەپ ماختاپ بىرمۇنچە كوسا ئادەملەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ كېتىدۇ.

    چاخچاق قىلىپ "ۋاي بالام مەندەك بۇرۇتى با ئادەمنى كىتاپقا باسسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلىياسى بولدىغان ئوخشايمەن" دەپ قويىمەن.

    گەپ قېچىپ كەتتا، بايا دەۋەتقان "زىيالىيلار ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى،تۈۋرىكى" دىگەن گەپ مۇشۇ كىتاپ يازدىغانلار بىر-بىرىگە خوشامەت قىپ ئۆزلىرىنى ئۆزى ماختاپ دەۋالغان گەپلەرمىكىن دەيمەن. نىمىشقا دىسلە بىز دىخان خەق مۇشۇ گۇيلارنىڭ كاساپىتىدىلا ياشايدىكەنمىز.نەدە بىزگە تۈۋرۈك ،يۆلەنچۈك بولالايدۇ. تۆت تال مائاشىنى تولۇق ئەپ باشلىقىنى خاپا قىلىپ قويماي.خوتۇن-بالىسىنى خەقنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي باققىنى بىزگە تۈۋرۈك بولغىنىما ؟! ئۇنداق جاھاندارچىلىقنى مىدىراپ يۈرگەن چاشقانمۇ قىلىۋاتمامدۇ.

    ئۆزلىرىمۇ تېلۋىزور كۆرۈپ تۇرىلا. بۇ خەق تولا چىقىدۇ ئۇنىڭدا، غىچلا قەسەمخور .ھەر پىشقەدەم سەنئەتكار زىيالىيلارنومۇس قىلماي ئەمدىلا زاۋۇتتىن كەلگەن دورىنى "ئۇنداق ئۈنۈملۈككەن ئىشلەتكىلى بىر يىل بولدى مۇنداق نوچىكەن " دەپ قىزارماي ماختايدۇ.قەيەرنىڭ باشلىقلىرىكىن بىز قۇرغاقچىلىققا ئۇچۇرساقمۇ تارتىنماي "ئۇنداق مول-ھوسول،مۇنداق ئاشۇرۇپ" دەپ دوكلات بېرىدۇ. ھېلىقى "خەلق سۆيگەن سەنئەتكار" دەۋالغان بىرى باغۇ..ۋاي ھېلىقى بوينى ئۇزۇن ...ھە شۇ ..كۆگەنلا بىر دەيدە ئېلاننى تەنقىت قىپ ئېپىزوت ئويناپ بىر مۇنچە پۇل تاپقان..ئەمدى كۆرۋاتىلا تېلۋىزوردا خىمىيىۋى ئوغۇتنى ماختاپ بەك ئالدىراش .ئۇنىڭدىنمۇ بىر مۇنچە پۇل تاپىدۇ بىچارە . نىمىشقا بىچارە دەيلا دەملا ئەلۋەتتا بىچارىدە..پۇل تاپسىلا ھېساپمۇ ئۇنداق ئالدى-كەينىگە سىيىپ ياشىغاندىن...خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ زىيىنىنى بىلەرلا ..تۈگەتتى يەرلەنى.... ...ئاۋۇ ناۋاي جېنىدا سۈنئى خېمىرنى بىر تىللىسا ئىككىنچى ماختىمايدۇ. مەن جېنىمدا بىلمەستىن "ماۋۇ خاتاكەن" دەپ سالسام ئەتىسىلا "توغرىكەن" دىيىشتىن ئۆلگۈدەك نومۇس قىلىمەن.

    بىرمۇنچە خەنزۇ ئەرتىس زىيالىيلار تۆۋەنگە چۈشۈپ خەلىقتىن ھال سوراپ ھەقسىز ئويۇن قويۇپتۇ. قايسى كۈنى بىر ئەرتىس تېلۋىزوردا ئۈرۈمچىدە ئويۇنىنى قويۇپ بولۇپ تۆۋەندىمۇ خەلقىگە ئويۇن قويۇپ بېردىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەقسىز قويامدۇ . ئەللىك كوي دىسلە بېلىتى .بۇلار شىنجاڭنى ئايلىنىپ ھەقسىز ئويۇن قويىدىغانلارما. تۆۋەنگە چۈشسە كۆتە-كۆتە بىلەن  مېھماندارچىلىق ،ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قالسىلا سالىمى قاۋۇل ، "ئىشلار ئالدىراش يەنە كۆرىشەرمىز". بىر باققالنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسا ئىچىدە "تېلۋىزور كۆرمىگەن نىمىمۇ بۇ. بىكارغا بەرمىسىمۇ ئەرزاراق بەرمىدا" دەپ غوتۇلدايدۇ.

    بالامنىڭ دىيىشىچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە "پەيلاسوپ"ى بىر-بىرى بىلەن قاتتىق تۇتۇشۇپ قاپتۇ. بىرى يەنە بىرىنىڭ "ئوغرى"لىقىنى يەنە بىرى يەنە بىرىنىڭ "مۇناپىق"لىقى ،"ئىمانسىز"لىقى توغرىسىدا قاتتىق ئىسپات توپلاۋېتىپتۇ. بىزنىڭ بالىمۇ شۇلانىڭ بىرىگە ئىخلاس قىلىدىكەن. شۇڭا مەھەلىدە يەنە بىر "پەيلاسوپ"نىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن گەپلەشمەيدىغان بوپ قاپتۇ. قارىسلا ماگۇيلارنىڭ پەسلىكىنى .نوچى بولسا چوڭ-چوڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان ياكى مۇناپىقلىق قىلغان باشلىقلىرىنى شۇنداق تىللاپ باقسا بولمامدۇ. ئۆزلىرىنى بىزنىڭ تۈۋرىكىمىز ھېساپلىغاندىكىن مايەدە بولىۋاتقان خاتا سىياسەتلەرنى پارىخور باشلىقلارنى "مۇناپىق،ئوغرى" دەپ تىللاپ باقسا بولمامدۇ، تىللىيالمايدۇ ،يۇرت بۇزۇشنىلا بىلىدۇ.سوپىلاردىن پەرقى يوق،مۇرىت توپلاپ...

    ھۇ ! گالاستۇكلۇق ئىشانلار...

    نىمە ئۇ مۇناپىق ،ئىمانسىز،ئوغرى دىگەن بىز قارا قوساق تۇرۇپمۇ ئۇنداق گەپنى ئالدىراپ قىلمايمىز. ھەدىستە باغۇ " كىم بىراۋنى ئۇنىڭدا يوق ئىللەت بىلەن ھاقارەتلىسە ئۆزىگە قايتىدۇ"دەپ. ئەمدى كىم مۇناپىق بولىدۇ دەيلا..ۋاي بۇرۇتىغا ئىگە بولالمايدىغان "باتۇرلار".

    كونا بىر گەپنى قىپ بېرەي..ھېلىقى قەدىمدىكى يۇەن سۇلالىسى دىگەن ۋاقىتتا مۇشۇ ئادەملەرنى تەبىقىغە بۆلۈپ..تىلەمچىلەرنى 7-تەبىقىغە، پاھىشەلەرنى 8-تەبىقىغە، زىيالىيلارنى 9-تەبىقىغە بۆلۈپتۇ. نىمىشقا دەملا..ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئادەملەرمۇ دۆت ئەمەستە...تىلەمچى مەن دىگەن تىلەمچى دەپ ئاشكارا تىلەيدۇ.. پاھىشەلەرمۇ "مەن دىگەن پاھىشە "دەپ تېنىنى ساتىدۇ..  زىيالىيلارچۇ " بىز دىگەن ئاۋامنى چىرىقى "دەۋالغان بىلەن ھېچيەرگە چىراق ياقمايدۇ.

    ئاۋۇ يۇقۇرى مەھەلىدىكى ھېلىقى بوكىسچى"نوچى" نى بىلىلا.قايسى كۈنى بىزنىڭ بەكراخۇن بىر بودەك بىلەن تاكالىشىپ قاپتۇ، ئۇلار ئىتتىرشىۋاتسا قاياقتىندۇ بوكىسچى كېلىپ "بەكراخۇنكا كىمۇ سېنى بوزەك قىلغان "دەپلا جىدەلگە ئارلىشىپتۇ.شۇ چاغدا ھېلىقى بودەك بوكىسچىغا "زالە...زالە..." دەپتىكەن .ئاۋۇ نوچى تۇرۇپ كېتىپ"بولدى ئۆزەڭلارنىڭ ئىشىكەن ئاكا " دەپ يولىغا مېڭىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بودەك"قانداق چاقارغان ئادىمىڭ شۇمىتتى"دەپ بەكراخۇنغا ئۇششۇقلۇقنى باشلاپتىكەن..خۇدايىم توۋۋا ئەمدىلا ماڭغان بوكىسچى نوچى" ئەسلىدە ئۇيغۇركەنغۇ ماۋۇ..نىمە دەيسەن ھېجىقىز.."دەپ قايتىپ كەپ بەكراخۇننى مۇش يىيىشتىن قۇتۇلدۇرۋاپتۇ....بۇنى ئاڭلاپ دەسلەپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىم ،ئاخىرى بېرىپ يىغلاپ قالدىم دۇگامەت.

     بىز يىغلىماي كىم يىغلايدۇ دەيلا .... مانا بىزنىڭ زىيالىي بولسۇن "نوچىلار" بولسۇن ئەھۋالى شۇ . ئۆز-ئارا پىچاق كۆتۈرۈپ "جىھات"قىلىشتىن يانمايدۇ.ئەمما ياماننى كۆرسە قۇيرۇقىنى نەگە تىقىۋالغىنىنىمۇ بىلەلمەي قالىلا.

    مەن بىرەر زىيالىنىڭ بىزنى دەپ ياقا يىرتىپ يۇقۇرى ئورۇنلاغا چىقىپ باققىنىنى ياكى بىرەر مائاشلىقنىڭ بىز ئۈچۈن ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇپ سولىنىپ كەتكىنىنى ئاڭلىمىدىم.

    "خەلقىم" دەپ كېتىدۇ. بىرەر كىتاۋى ياكى لېنتىسىنى نەشىر قىلسا كىم ئالىدۇ "خەلقىم" دەپ ئالداپ تۇرمىسا.....ئەمما "خەلقىم" دەپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقىدىغان سورۇندا تاپقىلى بولمايدۇ.

    مۇشۇ يۇقۇردىن كېلىدىغان سىياسەتلەرگە ئاۋال شۇ زىيالىيلاردىن پىكىر ئالىدۇ دەيدۇ. بۇلار تەستىقلاشتىن بۇرۇن باشلىقلارنىڭ كۆزىگە قارايدىكەن. باشلىقنىڭ كۆزىنىڭ ئېقى جىقراق تۇرسا "قارىنىمۇ ، ئاق" دەپ تەستىقلايدىكەن. قارىسلا مۇشۇنداق خەقنى مىللەتنىڭ تۈۋرىكى دىسەك قەدىمقى پادىشالارنىڭ ئوردىسىدىكى ئاكابىر-ئەشرەپ ،ئاغۋاتلارنى مىللەتنىڭ پاناھى دىسەك بولغۇدەك جۇمۇ.

    قايسى كۈنى مېنىڭ بىر زىيالى تونۇشۇم " ئۆزلىرى سەل دىققەت قىلسىلا ،بىكا سايرىتىپ-سايرىتىپ بىراقلا بوغمىسۇن" دەيدۇ. مەن دىدىم" ھېلىقى ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش دەپ سايرىتىپ ئاخىرىدا بىراقلا جايلىغاندەك ئىش بوپ قالمىسۇن دەملا. خاتىرجەم بولسىلا مەن بىرەر ئورۇن سايرا دىسە ئۆزەمنى بىلەلمەي سايراپ كېتىدىغان ئادەم ئەمەس. مەن باغۇ ، سايرىما دىسىمۇ سايرىغۇم كەلسە سايراۋېرىدىغانلاردىن . مەن سايرىسام باشقىلار ھەيران قالسۇن دەپ سايرىمايمەن. ما ئىچىمدىكى سېرىق سۇنى چىقىرۋېلىشقىلا سايرايمەن. نۆۋەت كەپ قالسا مانا باش . " دىسەم دىمىغىدا كۈلۈپ تۇرىدۇ.

    ئاچچىقىمدا "ئۆزلىرى يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشا دىگەننى ئاڭلىغانمۇ ، ھە ..نىمىشقا مايمۇن پادىشا بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ دىسلە..ئاۋۇ يولۋاس ئاختا بولۇپ قېلىپ، ئۆيىدە كىر يۇۋاتقىدەك. ئامال يوق  مايمۇن بولسىمۇ ئەركەك بولغاچقا  پادىشا بولۇپتۇ . " دەپتىمەن . " ئاجايىپ گەپ قىلىلا جۇمۇ"..دەپ ھىجىيىپ يوقالدى . ئۇنىڭ نىيتى قارىماققا ياخشىدەك كۆرۈنگەن بىلەن شۇ كۈن كەپ قالسا "مەن دىمىدىممۇ" دەپ جۇگېلىياڭلىق قىلىپ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.ھېچ قاچاندا "ما ئادەمگە نىمە بولدى ؟ "دەپ كوچىغا چىقمايدۇ.

    مۇشۇ قوش تىلدىن كېيىن يەنە يەسلىدىن باشلاپ خەنزۇچە ئوقۇتۇش دەيدىغان بىر گەپ چىقتى. بۇنىڭغا نەچچە تال زىيالىدىن باشقىسى كۆزىنى پارقىرتىپ قاراپ ئولتاردى. ئەمما يىراق چەتئەلدىكى نېنىمىزنى يەپ باقمىغان بىر ئالىمىمىز ئۇيغۇر بولغاچقا نەچچىلىگەن ماقالىلارنى يېزىپ بۇنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈردى. ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بىزدىن ئالغان باجنى مائاش قىلىپ خەجلەۋاتقان ئۇچراپ قالسا چېيىمىزغا،  تامىقىمىزغا داخىل بولىۋاتقان مائارىپشۇناس ئاتالغان زىيالىيلار،بىر قولدا گالاستۇكىنى، يەنە بىر قولدا ئىشتاننىڭ ئېغىنى چاڭگاللاپ "مايەر ئامان، مەن ئامان، ئۇندىن قالسا ئەل ئامان" دەپ جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈرىۋەردى.

     ئۆزلىرى بىللىلا جىمى ھەشەمەت،ئىسراپچىلىق ئەشۇ گۇيلاردىن كېلىدۇ. يەنە تېخى "ئۇيغۇرلاردىكى ئىسراپخورلۇق ، ھەشەمەتچىلىك" دەپ بىرنىمىلەر يېزىپ پۇل تاپىدۇ،ئۆزلىرىچە ھۆرمەت تاپىدۇ. تېلۋىزوردا قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ...ۋاي بايقۇشلار.....

    ئۆزلىرى بىلەن بىز ئاش تۆكتۈقمۇ...پۇل بۇزدۇقمۇ....نەدە بىزدە بۇزغۇدەك پۇل، تۆككۈدەك ئاش دەيلا....شۇنداقتىمۇ يازغان بىرنىمىسىدە "ئۇيغۇرلار.." دەيدۇ..نىمىشقا "زىيالىيلار..." دىمەيدۇ-دەيمەن !

    ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەستۇ دەملا ؟ ھەممىسىلا شۇ. زىيالى ئاتالغىنىنىڭ ھەممىسى شۇنداق . ياق-ياق . ئۆزلىرى دىگەن ئادەملەر بىلىملىك ،ئېتىقادلىق بولغان بىلەن زىيالى ئەمەس. ئاۋۇ سادىرپالۋاننى ئوغرىلاردىن دىگىلى بولمىغاندەكلا بىر ئىش ، ئۇلار دىگەن پالانچى ،پۇستانچى دەپ ئاتالغان قەھرىمانلار. زىيالىلىق ئۇلارنىڭ كەسپى ئەمەس ، ئۇلارنى ما زىيالى دىگەن توپقا قوشۇۋالمىسلا. ئۇلار دىگەن زىيالىدەك خىيالى ئەمەس. نەق ئالدىدىكى تۇرمۇشتا تىرىك ياشايدىغان ئەردەك ئادەملەر. ئۇلارنى زىيالىي دەپ ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالمايلى.

    مەسچىتتىكى زىيالىيلارمۇ ئوخشاش مەسچىتكە كىرىپ جىم ئولتۇرۇپ بەرسەك "قىزىلىرىڭلارنى باشقۇرۇڭلار ، ئوغۇللىرىڭلارنى ئەدەپكە باشلاڭلار...قىيامەتتىن قورقۇپ تۆۋبە قىلىڭلار " دەپ بىزنىلا قورقۇتالايدۇ.نەسىھەت قىلىدىغان ئادەم باشلىقى تۇرسا شۇنىڭغا قىلماي بىزگىلا سۆزلىيەلەيدۇ.نىمىشقا دىسلە باشلىقلاردىن خۇدادىن بەكرەك قورقىدۇ. سىرتقا چىقىپ خۇدادىن قورقمايدىغانلارنىڭ كانىيىدىن ئالالمايدۇ.يالغاندىن جىم ئولتۇرۇپ بەرسەك خۇددى ئۆزى"جەننەتنىڭ پاسپورتى"نى ئېلىۋالغاندەك بۇرغىسى قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئەخمەقلەر ئاچ قالغان قوي بۇغدايغا كىرسە پادىچىغا سۆزلىمەي ،قويلارغا سۆزلەپ كېتىدۇ دىسە.......

     قەدىم ئايەمدىن بېرىسىغا قاراپ باقساق بۇ زىيالى دىگەن جاھان ئوڭشىغان خەلىق ئەمەس.جاھاننى ئوڭشايدىغان تۈزەيدىغىنى يەنىلا ياغاچچى ،تۆمۈرچى ،ئوۋچى ياكى ئوغرى دەپ ئاتالغانلار .ئەگەر ماۋزېدوڭ چىقمايدىغان بولسا لۈشۈندەك يازغۇچىدىن مىڭى بولسىمۇ يەنىلا شۇ. يازغۇچىلار گۇپپاڭ سېلىشىپ" لۈشۈننىڭ تەسىرىدىن ئۇنداق بولدىيەي مۇنداق بولدىيەي" دەپ سۆزلىسە ھەيران قالمىسلا.

    يادىلىرىدا باردۇ..خەلپەم بىلەن ھاجىم جاھاننى تۈزەيمىز دەپ تاققا چىقىۋالغاندا قومۇلنىڭ زىيالىيلىرىدىن نەچچە ساقاللىق ئۆلىما ۋە تۇماقلىق باي تاغقا چىقىپ "قورال تاشلىسلا جاھان تېچ بولغاي"دەپ سالا قىلغىنى.

    "ئالتى ئوغرى" باشلىغان ساۋاپلىق ئىشنى ئاخىرى بېرىپ ماركىسىزىمدا ئوقىغان نەچچە زىيالى بۇزۇپ قويۇپ تۈزەلمەستىن كۆزى ئوچۇق كەتكىنى. ھەددىن زىيادە ئەقىل-ھېساپ بىلەن ئىش قىلىمەن دىسىمۇ بولمايدۇ.بەزىدە سەل قارا قوساق غەيرەت بولمىسا بىر ئىشنى باشقا ئاچىققىلى بولامدۇ دەيلا.

    تونۇرغا ئېڭىشىپ بېلى قاتمىغان.كەتمەن چېپىپ بىلەك تالمىغان،ئاچ-توق قېلىپ دەرتلەر تارتمىغان، ئادەملەرگە قانداقمۇ تەغدىرىمىزنى تاپشۇرىمىز دەيلا.

    شۇڭا دەيمەن دۇگامەت ئاخۇن "ئاۋۇ ئۈرۈكنى قېقىپ بەرسە بولاتتى" دەپ ھەممىنى زىيالىيغا تاشلاپ بەرسەك بولمايدۇ. بولمىسا ئۈرۈك شاختا تۇرۇپ قاق بولۇپ كېتىدۇ.

    توغرا ! ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەس.ئارىسىدا ئادەمدەك ياشاي دەيدىغىنى يوق ئەمەس. قېنى شۇلار..چىقسۇن مانا يەلكىمىز تەييار،لازىم بولسا كاللىمىزمۇ تەييار. ئۇيغۇرنى ئوڭشاشقا قانداقتۇ پەقەت زىيالىيلارلا ياكى ياغاچچىلارلا يەنە ناۋايلارلا قادىر دىمەكچى ئەمەسمىز. بۇنىڭغا ھەممىمىز قادىر . پەقەت رىئاللىققا ئىچى پۇشىدىغان ،مەسىلىلەرگە مەھەببەت ياكى نەپرەت كۆز قارىشى بىلەن قارىيالايدىغان ئادەم بولسىلا بۇ يولدا نۇسرەت تاپالايدۇ. ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ. ئۇنداق ئادەملەر بەلكىم ئوچاقنىڭ كۈلىنى تارتىپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقاندۇ ياكى ئىشى ئىلگىرى كەلمەي كۆكتاتچىلىق قىلىۋاتقاندۇ ۋە ياكى ئۆزلىرى بىلەن ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق پۇل كەلمەيدىغان غەمنى يەپ بىرەر تام تۈۋىدە ئولتۇرىدىغاندۇ.

    قوپسىلا ؟! دەرۋازىغا قارايدىغانغا ئىشچى ئالسىمۇ دېپلومغا قارايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى بولۇشقا دېپلوم كەتمەيدۇ جۇمۇ .

      مەنبە:      http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37344808.html  

    分享到: