• مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ، سىز نىمە دىمەكچى ؟!

    2009-06-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40478910.html

    يولداش مۇخبىر شىنجاڭلىق يانچۇقچىلار توغرىسىدىكى فىلىمىڭىزنى خېلى ئەجىر بىلەن ئىشلەپسىز...ھېرىپ قالمىغانسىز....بىر بوتۇلكا كۇاڭچۇەنشۇي ئىچىۋېلىڭ.
    ئاڭلىسام بېيجىڭدا چاشقان، مۈشۈك گۆشى يىيىش ئەدەپ كېتىپتۇ..ئۇسساپمۇ قالغاسىز.
    ئەمدى فىلىمىڭىز توغرىلىق گەپكە كېلەيلى ،مەن يانچۇقچىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان خىيالدىمۇ ئەمەس،ئەمما سىزنىڭ نۇقتىلىق ھالدا بىر مىللەت يانچۇقچىلىرىغا قارىتىلغان فىلىمىڭىزگە سەل پىكرىم بار..پىكىرلا ئەمەس غەزىپىم بار. ئۆزىڭىزگە بولسا تېرىقتەك دۇنياقارىشىڭىزغا نېسبەتەن ئېچىنىشىم بار..
    سەۋەپ بۇ فىلىمدا شۇنداق قارىماققىلا جوڭگودىكى يانچۇقچىلار پەقەت ئۇيغۇرلار دىگەن چۈشەنچىنى بېرىپ قويىدىكەن،،ياكى سىزنى شۇلارلا قويىۋاتامدۇ؟!
    مەھرۇممۇ قارىغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ يۇقۇرى تەشۋىقات ئورنىدىمۇ بىر ئوچۇم نەزەر دائىرىسى تار مىللەتچى ،جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ دۈشمىنى بولمىش ئادەملەر بار ئوخشايدۇ،ياكى سىز ئەتراپلىق زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدىن ؟
    ئەگەر ئەتراپلىق زىيارەت قىلىشنى خالىسىڭىز مەن ياردەملىشەيلى ..سىز كۆرگەن ئىككى تۆت تال پۇل ئوغۇرلايدىغانلارغا قارىغاندا مەن كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان باشقا مىللەت ئوغرىلىرى ،بۇلاڭچىلىرى،قاتىللىرى ...مېنىڭ ئەتراپىمدا نۇرغۇن تۇرۇپتۇ..سىز پەقەت ئۇيغۇر يانچۇقچىلار توغرىلىق يېرىم سائەتلىك فىلىمنى ئاران توشقۇزۇپسىز..مەن دىگەنلەرنىڭ فىلىمنى ئىشلەش توغرا كەلسە ئۇدا كۆرسە ئون يىلدىمۇ تۈگىمەيدىغان كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى بولىدۇ..
    دىققەت قىلىڭ ،جەمىيەت تەرتىۋىنى بۇزۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قويماڭ .بىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت .ئوغرىلىق قانداقتۇ بىر مىللەتكىلا خاس كەسپ ئەمەس .
    سىز بىلەمسىزكىن سىز ئىشلىگەن فىلىمدىكى يانچۇقچىلار بىرقانچە ئون يىل ئىلگىرى ئوغرىنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغان ..ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى تاقاش ئادىتى بولمىغان بىر مىللەتنىڭ پۇشتى ئىدى..بەلكىم سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن .كېرەك يوق. سىز بۇ مەدەنىيەتنى كۆرۈپ باقمىغان بەلكىم ئاڭلاپمۇ باقمىغان.شۇڭا يەنىلا سىزنى توغرا چۈشىنىمىز.
    بىراق بۇ ئوغرىلار نەدىن كەلدى ؟!!!
    سىز بەلكىم پارتىيە ئەزاسى بولىشىڭىز مۇمكىن..ماركىسىزىملىق دۇنيا قاراشتا ..ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى دىگەن قاراشنى ياقلايدۇ....
    دىمەك شۇ يانچۇقچىلارنىڭ جىنايىتىدە جەمىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ .مېنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيىتىم بولسا سىزنىڭ ماڭا قارىغاندا ھەسسىلەپ ئۇستۈن مەسئۇلىيىتىڭىز بولىشى كېرەك ..چۈنكى سىز ماڭا قارىغاندا دۆلەتنىڭ كۆپرەك تەييار مائاشىنى ئالىسىز،قوڭىڭىزدا مېيى ھەقسىز ماشىنا،تاماق-ياتاق ئاتچوت ،قولىڭىزدا ئاپاراتنى كۆتۈرۈپ دۆلەتنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلىسىز ئەمەسمۇ .مەن بولسام جېنىمنىڭ بارىچە تىرىشىپ تىرىكچىلىك قىلىپ،ماشىنامغا  تىترەپ ماي قاچىلاپ يانچۇقتىن شەخسى پۇل خەجلەپ تاماق يەپ ياشايمەن ئەمەسمۇ.
    بىرقانچە يىل ئىلگىرى تەيۋەنلىك بىر يازغۇچىڭىزلار جوڭگولۇقلار توغرىلىق ماقالە يېزىپ جاھاننى تىتىرىتىۋەتتى .ئۇ ماقالىلىرىدا  جوڭگولۇقلارنىڭ ئەپتى بەشىرىنى قامچىلاپ بەك ئازاپلانغانلىقىنى بىلدۈردى .بىراق بۇ ئاتىكاچى يازغۇچىمۇ سىز كىچىك ئاتىكاچىغا ئوخشاشلا ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نۇقتىغا؛ يۇقۇرىدىكى ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى دىگەن ماركىسىزىمچە دۇنيا قاراشقا سەل قارىدى،
    بۇ نەزىريە بويىچە بولغاندا ئاۋام جەمىيەتكە بېقىپ بولىدۇ.يەنى جەمىيەت خەلققە قانچىلىك مۇھەببەتلىك قارىسا خەلقمۇ جەمىيەتكە شۇنچىلىك مۇھەببەتلىك قارايدۇ.جەمىيەتنى ئاسرايدۇ.خالىغان يەرگە تۈكۈرگىسى كەلمەيدۇ،خەلقلەر ئارا زىدىيەت ئازىيىدۇ،جەمىيەتتىن مۇھەببەت كۆرگەن يانچۇقچىلارمۇ نومۇس يۈزىسىدىن قىلمىشىغا تۆۋۋە قىلىدۇ .چۈنكى ئۇلارمۇ ئادەم ،ئۇلاردىمۇ سىز ماڭا ئوخشاشلا ئىسسىق يۈرەك بار!
    ھەممىمىز ھەۋەس نەزىرىمىزدە چەتئەلدىكى ئىلغار مىللەتلە رۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىلىق تۈكرۈكلىرىمىزنى چاچارىتىپ ماختىشىپ سۆزلىشىپ كېتىمىز .نىمىشقا بىزنىڭ خەلقلەر ئىلغار مەدىنىي مىللەتلەرگە ئوخشاش،جەمىيەتكە مۇھەببەتلىك مۇئامىلە قىلالمايدۇ ؟  چۈنكى شۇ مىللەتلەر ئۇچرىغان مۇھەببەتلىك جەمىيەتكە بىز ئۇچرىمىغان .جەمىيەتنىڭ مۇھەببىتىنى بىز ھېس قىلمىغان
    .شۇنداق تۇرۇپ بىز جوڭگولۇقلار نىمىشقا ئۆزىمىز ھېس قىلمىغان مۇھەببەتنى جەمىيەتكە بەرگۈدەكمىز ؟! جەمىيەت بىزگە خالىغانچە مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىزمۇ خالىغان يەرگە تۈكۈرگۈمىز كېلىدۇ ،خالىغان يانچۇققا قول سالغۇمىز كېلىدۇ،ئاممىۋى سورۇنلاردا مىشقىرىپ ،تاماكا چەككۈمىز كېلىدۇ،ئەتراپتىكىلەر بىزنىڭ نەزىرىمىزدە مەۋجۇت ئەمەس،چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىزمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
    سەۋەپ «ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى»
    جوڭگولۇقلارنىڭ ئىللەتلىرى توغرىلىق ھېلىقى يازغۇچىغا ئېيتىپ قويۇڭ ،بەك چېچىلىپ كەتمىسۇن،سالامەتلىكىنى ئاسرىسۇن،سىزمۇ قەستەن بەزى غەملەرنى يەپ يۈرمەڭ ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كېتىدۇ .ئوغرىلارمۇ بىر كۈنى تۈگەيدۇ.
    قاچانكى جەمىيەت بىزگە مۇھەببەتلىك نەزەردە قارىسا شۇ كۈنى بىزمۇ جەمىيەتكە مۇھەببەتلىك قاراشنى ئۈگىنىمىز.بۇ ئەلمىساقتىن بۇيان كېلىۋاتقان ئاددى فورمۇلا،بۇنى سىز ئوقۇغان مەكتەپتە ئۈگەتمىگەن ئوخشايدۇ .بۇنى مەندىن بولسىمۇ ئۈگىنىۋېلىڭ.سەل كەسكىنرەك گەپ قىلىپ قويدۇم،سىزگە تېرورچىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويمىغاندىمەن-ھە؟ ياق ! مەن تېرورچى ئەمەس بەلكى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتكە ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالايدىغان بىر جوڭگو پۇخراسى .

     

    مەنبە:       http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37386759.html

     

    分享到: