• جوڭگونىڭ يەتمەكچى بولغان ئىستىراتىگىيىسى

    2009-06-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40487606.html

    جوڭگونىڭ يەتمەكچى بولغان ئىستىراتىگىيىسى

     

    دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى نوقۇل ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىلا ئەمەس بەلكى ئاۋامنىڭمۇ مەنپەئەتىدۇر.


    جوڭگونىڭ بۇ ئەسىردىكى بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسى ،ئالدىنقى ئەسىردىكى تەرەقىيات مۇساپىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ جاپالىق ۋە رەڭدار زىدىيەتلىك بولماقتا.

    ئالدىنقى ئەسىردىكى تەرەقىيات نەتىجىلىرىنى قانداق ساقلاپ قېلىش .بۇ ئەسىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

    خەلقارادىكى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئاشكارا-يوشۇرۇن دۈشمەنلەرنىڭ ھەر ۋاقىت سوتسىيالىستىك ھاكىمىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيقەستى كۆرۈنۈپلا تۇرغان بۇ خىل مۇرەككەپ خەلقارا ۋەزىيەتتە جوڭگو ھۆكۈمىتىلا ئەمەس بەلكى ھەر بىر خەلىقمۇ يۈكسەك دىققەت ھالىتىدە تۇرىشى كېرەك.
    كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئېنىرگىيە كىرزىسى ۋە ئىقتىسادى كونتۇرۇللۇق زىدىيىتى بۈگۈنكى دۇنيادا يېڭىچە رىقابەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە .
        ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرەقىياتىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولغان ئېنىرگىيە زاپىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرقى تالىشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.شۇ سەۋەپتىن جوڭگونىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېنىرگىيە ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش ،دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش .

    جوڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئېنىرگىيە بازىسى شىنجاڭ ۋە تىبەت بۇ ئەسىردە ئۆزلىرىنىڭ مۇرەسسەسىز مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە .غەرپ كۈچلىرى يېقىندا"جوڭگونى يۈز يىل كەينىگە چېكىندۈرۋېتىمىز" دىگەن سەپ-سەتىنى بازارغا سېلىپ ،جوڭگونىڭ يۇقۇرقى ئىككى مۇھىم ئېنىرگىيە بازىسىغا  خىرىس شەكىللەندۈرمەكتە.

    مېنىڭ بىر ياۋروپالىق تونۇشۇم "جوڭگو ئۈزلۈكسىز تەرەقىيات ئەندىزىسىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەن ،چوقۇم شىنجاڭ ۋە تىبەت مەسىلىسىدە كەسكىن بولىشى كېرەك .ھازىرقى مەسىلە مۇشۇ كەسكىنلىكنىڭ دەرىجىسىگە باغلىق." دىگەندە مەن جوڭگو =شىنجاڭ+تىبەت دىگەن فورمىلىنى يېزىپ جوڭگونىڭ مۇرەسسەسىز كەسكىن پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ بەردىم. كومپارتىيەگە ئېنىقكى شىنجاڭ ۋە تىبەتسىز،جوڭگونى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس
      بۈگۈنكى دۇنيادا يەر شارىلىشىش دىگەن ئۇقۇم تولۇق يېشىمىنى كۆرسۈتۈپ بولالماي تۇرۇپلا جوڭگو يەر شارىلىشىشنىڭ شىۋىرغانلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.يەر شارىلىشىش ئەمەلىيەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەرنىڭ تەرەقى تېپىۋاتقان دۆلەتلەرگە ،يەنى كەلگۈسىدىكى رىقابەتچىلىرىگە تەڭلەۋاتقان زەر يىپتىن توقۇلغان سىرتمىقى ئىكەنلىگىنى كېچىكىپ بولسىمۇ بايقىغان جوڭگو بۇنىڭغا ماس قەدەمدە تەدبىر كۆرۈشكە باشلىدى.

    دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان مەنپەئەت توقۇنىشى مەۋجۇت بولىدۇ.بۇنى قانداقتۇ بىز چۈشەنگەندەك ئورتاق تەرەققى قىلىش ئەندىزىسى دەپلا چۈشىنىش تولىمۇ ساددا خىيالدۇر.

    دۆلەتلەرگە پەقەت يەر شارىلا ئورتاقتۇر .بىراق ئۇلارنىڭ يەر شارىدىن ئالىدىغان مەنپەئەتلىرى ھەرگىزمۇ كومىنىزىم جەمىيىتىدىكىدەك ئورتاق تەقسىم قىلىش بولمايدۇ. قانداقلىكى تۈزۈلمىدىكى دۆلەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر، تەرەققىيات ۋە مەۋجۇتلۇقتىن ئىبارەت جانىجان مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتۇرناتسىيالىزىم ۋە كومىنىستىك پەزىلەتنى بىر يانغا قايرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
    بىراق بىر دۆلەت ئۈچۈن مۇرەككەپ دۇنيا ۋەزىيىتىدە يىگانە باش كۆتۈرۈش بەسى مۈشكۈل .بولۇپمۇ باش كۆتۈرۈۋاتقان جوڭگو تىنىچ-ئامان تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چوقۇمكى خەلقارا مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىسا تەستە قولغا كەلگەن بۇ پارلاق مەنزىرە خىرەلىشىپ قالىدۇ.
    يېقىندا ئولىمپىك مەشئىلى دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىدە كۆرىيەدىن ئۆتتى.مەشئەلنى مۇبارەكلەش سەپىرىدە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن كورىيەلىكلەر ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا ئارازلىق پەيدا بولدى.بۇ جوڭگونىڭ ئۆزىنىڭ رايون دائىرىسىدىكى دېپلۇماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە سەمىمى بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلىدى.جوڭگو ئۈچۈن تاشقى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئالدى بىلەن رايون دائىرىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.مۇھىم مەنپەئەت توقۇنىشى كۆرۈلگەندە بىر كورىيە بارلىق ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرالايدۇ.ب د ت دىكى ئاۋاز سانىنى تالىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىيە چىقىمى قىلىۋاتقان جوڭگو بۇ خىل نائېنىق سەپەرنى ئەڭ ئالدى بىلەن خوشنىلىرىدىن باشلىغىنى ئاقىلانە تاللاش ئىدى.

    ياپونىيە ياكى تەيۋەن ھالقىلىق دەقىقىلەردە ھەتتا ب د ت دىنمۇ چوڭ رول ئوينىيالايدۇ.ئەمەليەتتە بۇ رول ئويناش دەل كەلگۈسى جوڭگودا كۆرۈلدىغان زىدىيەتنىڭ يىراق ئافرىقا بىلەن ئەمەس بەلكى يېقىن خوشنىلىرىدىن باشلىندىغانلىقى مۇقەرەر.

    غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشتەك ئىغۋاگەرچىلىكى كۆرۈلگەندە قايسى ئافرىقا دۆلىتى جوڭگو تەرەپتە تۇرۇپ بىر ئېغىز ھەققانى سۆزلەپ قويالىدى ؟! ھەتتاكى روسىيەدەك تارىخىي دوستىمۇ مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتلاردا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالدى.ئىلگىرى ياۋروپادىكى بەس-بەستە جوڭگو ھەپتىلىگى ئۆتكۈزگەن ھەممە دۆلەت مۇشۇنداق ۋاپاسىزلىق قىلدى .

    ئولىمپىك مەسىلىسى جوڭگونىڭ نۆۋەتتىكە تەرەقىيات مۇساپىسىگە قىلچىلىك تەسىر كۆرسۈتەلمەسلىكى كېرەك ئىدى.بىراق خەلقارا مۇناسىۋەتلەرگە قارىغاندا رايون دائىرىسىدىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەردىن ئايرىلىپ قېلىش ئولىمپىكنىڭ ئەسلىدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتتى.

    جوڭگونىڭ رايون دائىرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزى بىلەن خوشنا دۆلەتلەرنى ئەڭ مۇھىم ھەمراھلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىگىنى ئەمدى بولسىمۇ ھېس قىلدى. بۇ ھېس قىلىش يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى خوشنا ئەلالىقىنى مۇتلەقلەشتۈرۈشتۇر.

    ئۇلار بىلەن تارىختىن قالغان ئۇششۇق-چۈششەك توقۇنۇشلارنى كەڭ قوساقلىق بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشقاندىلا ئىلگىركىگە قارىغاندا كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى ۋە سەمىمىيەت بىلەن قول تۇتۇشقىلى بولىدۇ.

    ئامال بار جوڭگو ئاسىيادا رايون مەنپەئەتى گىرەلىشىپ كەتكەن تورسىمان ھەمكارلىق گۇرۇھى قۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.بۇ ھەمكارلىقتا ئىقتىساد ۋە سىياسى مەنپەئەت بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھەمكارلىق ھەقىقى ھەمكارلىق بولالايدۇ.

    بۇ ھەمكارلىققا باشقا خوشنا دۆلەتلەرنى قانداق سۆرەپ كىرىش ھەقىقەتەن 36 تەدبىرنىڭ ئەڭ يېڭى 37-تەدبىرى بولۇپ قالالايدۇ.

    خەلقارادا جوڭگونىڭ سىياسى مەنپەئەتى خەۋپكە دۇچ كەلگەندە چوقۇمكى خوشنا ئەللەرنىڭ مەنپەئەتىمۇ دەخلىگە ئۇچرايدىغان ھالەت شەكىللەنسە مانا بۇ جوڭگونىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ھەقىقى مۇۋاپىقىيەت دىسە ئارتۇقچە كەتمەيدۇ.جوڭگونىڭ تەغدىرى خەتەرگە دۇچ كەلگەندە خوشنىلارنىڭ مەنپەٸەتىگە پايدىلىق بولۇپ قىلىشى مانا بۇ ھەقىقى يىغىشتۇرغۇسىز پاجىئە.
      خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە چوقۇمكى جوڭگو ئالدىن قول بېرىش ئىستىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇپ..ئۇلارنىڭ غەرپ ۋە ئامرىكىغا بېقىنىشتىكى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش،رايۇن ئاساسىدا تاشقى سىياسىتىنى تۈزەش ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلانغان ئاساستا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى رايون سىياسىتىگە نۇقتىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.جوڭگونىڭ خەلقارادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان دېپلوماتىك سىياسىتىنى يىغىنچاقلاپ  بۇ كۈچنى پەقەت ئاسىيا ئورتاق سىياسى گەۋدىسىگە قاراتقاندىلا چوقۇم زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت خالىمىغان نۇرغۇن تەرەپلەردە بەدل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ بەدەل كەلگۈسىدىكى زىياندىن يېنىكرەك توختايدۇ.
         
    جوڭگو كىم ئېرسىن دەۋرىدىن قالغان ئىككى كۆرىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشگە ،ياپونىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولىشىغا ،چوقۇمكى سەمىمىلىك بىلەن كۈچ چىقىرىدۇ.

    مەيلى قانداقلا تەرەپتىن ئويلىمايلى ئىككى كۆرىيە چوقۇم بىرلىككە كېلىدۇ.بۇ پەقەت تەتۈر ساناق باسقۇچىدىكى ئىش خالاس.ئېسىمىزدە بولسۇن.كورىيانلار بىلەن تەغدىرداش بولغان ئىككى گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشى ئەمەليەتتە ئوروس كومىنىستلىرىنىڭ ياۋروپادىكى مەغلۇبىيىتى.بۇ مەغلۇبىيەت جوڭگونىڭمۇ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

    جوڭگو چوقۇمكى مەغلۇبىيەت ئىچىدىن غەلىبىنى ئىزدەشكە ماھىر تاشقى سىياسەت ئۇسۇلىنى يۈرەكلىك سىناپ بېقىشى كېرەك.ياپونىيىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولىشى مەسىلىسىدە جوڭگو بەزى ئاكتىپ ئامىللارنىمۇ ئويلىنىپ بېقىشى لازىم.ياپونىيىنىڭ بۇ كېڭەشكە ئەزا بولىشى جوڭگونىڭ رايون ئىچىدىكى ياپونىيە بىلەن بولعان توقۇنىشىدىن حەتەرلىك ئەمەس. ۋاقتى كەلگەندە غەرپ جوڭگوسىزمۇ ياپونىيەگە خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىكىدىنمۇ چوڭ ھوقوق ئىنئام قىلىشى تۇرغانلا گەپ.ياكى تىرىشچان ياپونلار بۇ خىلدىكى ھوقوقلارنى مەجبۇرى ئېلىشىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ.مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بۇ ئىنئامنى كىمنىڭ بېرىشكە كۈچىشىدۇر.شۇنداق ئەھۋالدا جوڭگو يەنە نىمىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ؟!
    غەرپ ئىككى كورىيە ۋە جوڭگو بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىنى ئوخشاش مەزمۇندا ھەل قىلىشقا ئۇرىنىشى تەبىئى .تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولىش ئىشىنىڭ كېچىكتۈرلىشى ياخشى ئىش ئەمما تەيۋەننىڭ ب د ت غا ماڭغان سەپىرىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىش ياكى قايتۇرۋېلىشقا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا كىم كاپالەتلىك قالايدۇ؟!
    ئېنىقكى جوڭگونىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دۈشمەنلىرىمۇ خوشنىلىرى،دوستلىرىمۇ يەنىلا مۇشۇ خوشنىلىرى.

    دېپلوماتىك سىياسەت ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلسىلا بۇ خوشنىلار جوڭگو بىلەن ھەقىقى بىرلىككە كېلەلەيدۇ.شۇ چاغدا جوڭگو يىراقتىن كېلىدىغان ھەرقانداق خەۋپكە چۆچۈپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.جوڭگونىڭ يۇقۇرقىدەك دېڭىز بويىدىكى ھەمرالىرىدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن ھەمراھلىرى بار.بۇ ھەمراھلارغا توغرا دېپلوماتىيە يۈرگۈزۈلمىسە شىنجاڭ رايونىغا نېسبەتەن ئەرەپ ئىسلام ئەللىرىدىنمۇ خەۋپلىك،بۈگۈنكى مۇرەككەپلەشكەن 2008-يىلىدا جوڭگو ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالىمىغان بىلەن ئۇلارغىمۇ بۇ خىل 37-تەدبىر دېپلوماتىيىسى يولغا قويۇلسىلا ئېنىقكى ئوخشاش نەتىجە بېرىدۇ. 
    بۈگۈنكى دۇنيا مەنپەئەت توقۇنىشلىرى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىنمۇ كەسكىنلەشكەن دەۋر.دۆلەتلەر ئارا ھەرقانداق ئىدىلوگىيە ياكى دىن بولىشىدىن قەتئى نەزەر ،مەنپەئەت ئورتاقلىقىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ب د ت نىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەردە رول ئوينىيالماسلىقى،ئېنىقكى باشقا دىن ،ياكى مەلۇم ئىدىلوگىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان بارلىق ئىتىپاقلارنىڭ تېخىمۇ كېرەكسىزلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى،شۇنداقلا دىپلوماتىيە سىياسىتىنى رايون تەۋەسىدە ئالدى بىلەن ئاكتىپ ئېلىپ بېرىش كېرەكلىگىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى.
    جوڭگونىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى ئامىرىكىنىڭ سىياسىتىدىن پەرىقلىنىشى كېرەك 
    نىمە ئۈچۈن ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ھەربى مۇھاپىزىتىگە مۇھتاج بولىدۇ ؟ بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئوز-ئارا خەۋپسىرىشىنىڭ روشەن ئىپادىسى.شۇنىڭ ئۈچۈن جوڭگو ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئازاۋىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرەلەمدۇ-يوق.
      ئىلگىرى مودا بولىۋاتقان ..مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى ياكى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىللە مەۋجۇتلىقى ،يەر شارىلىشىش دىگەن ئۇقۇملارنىڭ تۈكى چۈشۈپ،تېرىسى كۆرۈنۈپ قالدى. قانداقتۇ ئىنسانيەتنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلىقى دىگەندەك يالتىراق شۇئارلار نۆۋەتتىكى كېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئىقتىساد ۋە ئاشلىق ،ئېنىرگىيە كىرزىس ئالدىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتماقتا.بۇنداق ئەھۋالدا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە كېلىۋاتقان خەۋپ ئالدىدا ئىلگىركى نەزىريىۋى ھەمكارلىق چەمبىرەكلىرىنى ئىختىيارسىز بۇزىدۇ،چۈنكى پىكىر قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قوساق تويۇشى كېرەكتە. ئەڭ ئەقىللىق ئادەملەر توپلانغان دانا كومىنىستىك جەمىيەت 50 يىل ياكى 30 يىلدىن كېيىن كېلىدىغان كىرزىسنى ئەمەس بەلكى ..بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان بۆھراندىن قانداق ئۆتۈپ كېتىشنىمۇ ھەل قىلالمىسا ...بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتتۇر.
      بەك ئەقىللىق مىللەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش جوڭگوغا كۆرۈنۈشكە مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن بىلەن ،ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ھەم ئالدىرماي تارتىدىغان سىرتمىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ.ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ جوڭگوغا ئېلىپ كەلگەن پايدا-زىيىنى بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ.چۈنكى ئۇلار ئەقىللىق بولغاچقا دۆت مىللەتلەرنى قانداق جايلاشنى ئوبدان بىلىدۇ.ئەقىللىق مىللەت دۆت مىللەت بىلەن مۇئامىلە قىلماقچى بولسا ، چوقۇمكى مەلۇم مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ.ھەرگىزمۇ دۆتلەر ئويلىغاندەك ئاددى تۇرمۇش چۈشەنچىسىنى مەزمۇن قىلمايدۇ.ئېنىقكى جوڭگو ھەرگىزمۇ دۆت ئەمەس،ئۆزگىنى بىلسەڭ يېڭىلمەيسەن دىگەن دەستۇر جوڭگودا مەيدانغا كەلگەن .

    بالىلارچە تەپەككۈر قىلىدىغان ئادەملەرلا ئامىرىكىنى ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرىشىدا زىيان تارتتى دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتىكى ئامرىكىنىڭ پايدىسىنى ئەرەپ-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئوبدان بىلىدۇ.ئامرىكا كۆرۈنۈشكە "زىيان تارتىدىغان بۇنداق سودا " نى يەنە قىلمايدۇ دەپ كىم كاپالەت بېرەلەيدۇ ؟!

      3- دۇنيا ئەللىرىگە نېسبەتەن پەقەت ئامىرىكىنىڭلا ئەڭ مۇۋاپىق باشقۇرغۇچى ئىكەنلىگى كۈندەك روشەن پاكىت.بۇ باشقۇرغۇچى ئەلۋەتتە ئازراق باشقۇرۇش خىراجىتى ئېلىشى نورمال ئىشتە.ئېنىرگىيە قەھەتچىلىگى ئامىرىكا ۋە غەرپنى بىز تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغان يەنە نىمە ئويۇنلارنى ئويناشقا مەجبۇر قىلىدىغىنىنى كىم بىلىدۇ.
    ئىران تارىختىن بۇيان ئەرەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇرۇلغان قوزۇق بولۇپ كەلدى.ھەتتاكى ئىسلام دۇنياسىدا قانۇنسىز ئېتىقاد سانالغان شىئەلەر پەقەت ئىراندىلا يەرلىكلىشەلىدى.سەۋەپ پارىسلار ئۆزلىرىنى ئەزەلدىن ئەرەپلەردىن تۆۋەن كۆرگىنى يوق.ھەتتاكى ئېتىقاد مەسىلىسىدىمۇ شىئە ئېتىقادىنىڭ پارىسلار ئارىسىدا تارقىلىشى ئۇلارنىڭ ئەرەپلەر بىلەن ئەزەلدىن پۇت تېپىشىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.دەل مۇشۇنداق رايون تەڭپۇڭلىقىغا مۇھتاج ئامىرىكا پارىسلارنىڭ بۇ رايوندىكى قىممىتىنى ھېس قىلدى.ئېنىقكى مانا بۇ يىراقنى كۆرەر ھەقىقى دۇنيا ساقچىسىنىڭ يەكۈنى. پەقەت خۇدا بەرگەن نېفىتتىن باشقا دۇنيادا قىلچىلىك تەسىر كۈچى بولمىغان ئەرەپ-ئىسلام ئەللىرى نېفىتتىن ئىبارەت بۇ بايلىقىنى سېتىپ بولغىچە چوقۇم ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشاپمۇ كەتمەيدىغان شۇنداقلا كۆپ جەھەتلەردىن ئوخشاپ تۇرىدىغان بىر يېتەكچى كۈچنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا مۇھتاج.نېفىت تۈگەيدىغان 30، 40 يىلدىن كېيىن پارىسلارنىڭمۇ قىممىتى تۈگەيدۇ.چۈنكى سەھرايى كەبىر قۇملىقىدا تۆگە بېقىۋاتقان پادىچىلارنى يەنە دىققەت نەزىرىدە ساقلاپ چەكلەش زۆرۆرىيىتى قالمايدۇ.


    بىراق جوڭگو ئۆز رايون ئەتراپىدا مۇشۇنداق بىر كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايدۇ.ئۆزىمۇ ئىككىنچى ئىران بولۇش ئويىدىمۇ بولمايدۇ. ياخشى تەرىپى جوڭگونىڭ خوشنىلىرى ئىچىدىكى قايسىلا دۆلەت بولمىسۇن،ئەرەپ ئەللىرىدىكىدەك سىياسى ساۋاتسىزلاردىن ئەمەس.ئۇلارمۇ ئورتاق رايون ھەمكارلىقىنى چوقۇم قوللايدۇ.بۇ قوللاشنىڭ ئاساسى چوقۇم يۈكسەك باراۋەرلىكتىن ئىبارەت ئاچچىق بەدەل بىلەن قولغا كېلىدۇ. بۇ دەل جوڭگونىڭ خوشنىلاردىن كەلگەن تەلىيى. 50 يىلدىن كېيىنكى ئەرەپ خەلقى بۈگۈنكى ئەرەپ رەھبەرلىرىنى تەييارتاپ دەپ تىللىشى ئېنىق بولسا ،50 يىلدىن كېيىنكى جوڭخۇا مىللەتلىرى جوڭگونى تۈمەن مىڭ يىللار ياشىسۇن دەپ مەدھىيلەيدۇ.

    نۆۋەتتىكى ئاشلىق قەھەتچىلىگى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىپ پۇل پاخاللىقى كۆرۈلىدىغانلىقى ئېنىق بولغان روشەن ۋەزىيەتتە جوڭگو كۆپ تەرەپلىك بېسىمغا دۇچ كەلدى.ماۋزېدوڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن ئىلگىرى جۇغلانغان ئاشلىق زاپىسى بىلەن جوڭگولۇقلارنى دېھقانچىلىق قىلمىغان مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە 8 يىلدىن 10 يىلغا قەدەر تەمىنلىگەن ئىدى.بۇ خىل تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن جوڭگو ئاشلىق قەھەتچىلىگىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قانداق كۆرىدۇ؟!

    ئەلۋەتتە شەرقىي ئاسىيادىكى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئىقتىسادى كىرزىستىن تېچ-ئامان ئۆتەلىگەن جوڭگو ،زور دەرىجىدە يەر شارىلاشقان سەرمايىگە چېتىلغان ئىقتىسادى گەۋدىنى باشقىلارنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى يەكۈنلىيەلەيدۇ .

     

    مەنبە:       http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37293205.html

    分享到: