• ئىسلامىيەتنىڭ يەنە بىر«شىرى» - جامالىددىن ئافغانى.

    2009-06-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40485937.html

    ......قول پۇتلىرى مەھكەم باغلىنىپ كەينىگە قايرىپ تېڭىلغان  بۇ ئادەم ،ئوتتەك يېنىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن،شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەملىكىچىلىككە،قاتمال ئىسلام مائارىپىغا ، تەقۋادار ئەمما قورقۇنچاق يۇقۇرى قاتلام دىنىي كۈچلىرىگە غەزەپ بىلەن قاراۋاتاتتى ....(خاتىرەمدىن)

    بىزنىڭ تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ شەخس ئۆز تەشەببۇسلىرىنىڭ يادروسى بولغان ئىلغار مائارىپ-يۈكسىلىش كۆز قارىشى ۋە غەرپ مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ باش ئەگمەس رەقىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىنقى زامان ئىسلام دۇنياسىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن شەخىسلەرنىڭ بىرى .

    جامالىددىن ئافغانى Jamaluddin Afghani 1839-يىلى ئافغانىستاننىڭ كابول شەھەر ئەتراپىدىكى بىر قەلئەدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇ دەۋىردىكى يەرلىك ئىقتىسادى كۈچى زور چوڭ جەمەتلەردىن بولۇپ ،ئەجداتلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمەنىڭ بىۋاستە ئەۋلاتلىرىدىن بولغاچقا ،پەيغەمبەر ئەۋلادى سۈپىتىدە، سەئىد جامالىددىن ئافغانى دەپ ئاتالغان.ئەمما ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە شىئەلەردىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان. ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ ،كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيلىنىش مۇھىتىغا ئېرىشكەن. ئىسلام تارىخى ،قۇرئان،ھەدىس ۋە تەپسىرشۇناسلىق...قاتارلىق ئىلىملەر بىلەن بىرگە يەنە ماتىماتىكا،فىزىكا،ئاستىرنومىيە،مائارىپ،مەنتىقە...قاتارلىق تەبىئى پەن ۋە پەلسەپە پەنلىرىنىمۇ ئۈگەنگەن. جامالىددىن ئافغانى ئەرەپ،پارىس،ھىندى،تۈرك،ئىنگىلىز،فىرانسۇز،روس قاتارلىق تىىللارنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن.ھەم مۇشۇ تىللاردا ئەسەرلەر يېزىپ نۇتۇقلار سۆزلىگەن.تارىخ توغرىسىداۋە ماتىريالىزىمچى بىدئەت كۆز قاراشلارغا قارشى كىتاپلارنى يازغان .مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ،دىنىي ئىسلاھات توغرىسىدا نۇرغۇن سىياسى كۆز قاراشتىكى ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئارىلاپ چىققان.

    1893-يىلى3-ئاينىڭ 9-كۈنى راك كېسەللىگى (بەزى خەۋەرلەردە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن)بىلەن54 يېشىدا ئىستانبولدا ۋاپات بولغان ۋە ئىستانبولدا دەپنە قىلىنغان.

     

    1944-يىلى 12-ئايدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن باغداتتا چوڭ كۆلەملىك ئەسلەش ۋە دۇئا-تەگبىر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ ،مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن ئانا يۇرتى ئافغانىستانغا ئېلىپ بېرىلىپ قايتا يەرلىككە قويۇلغان.

    جامالىددىن ئافغانىنىڭ ھاياتى قىسقائەمما  جەڭگىۋار سەھىپىلەر بىلەن تولغان بولغاچقا بۇ قىسقىغىنە يازمىدا تولۇق تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى يار بەرمەسلىكى ئېنىق.

    شۇنداقتىمۇ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ ئېسىل ئوغلان توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك پائالىيەتلىرى ۋە ئىدىيىسى توغرىسىدا قىسقىغىنە توختىلىپ ،ئەسلەپ تۇرۇشنى ئويلىدۇق.

    ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى بىر قىسىم ئىسلام ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر بىلەن قىلغان قىسقىغىنە مۇنازىرىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز

     

    .....1869-يىلى جامالىددىن ئافغانى ھىندىستانلىق باي سودىگەر دوستىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن كابولدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا بارىدۇ.ئۇنىڭ بۇ سەپىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستاننىڭ ھامىيسى بولىۋالغان ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويىدۇ.ۋە ئۇنىڭ بارلىق ھەركەتلىرىنى تەقىپ ئاستىغا ئالىدۇ.

    جامالىددىن ئافغانىنىڭ خەلق تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ مىڭلىغان زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەنگىلىيىلىكلەر ئۇنىڭغا « ھىندىستان ھۆكۈمىتى سىزنىڭ ھىندىستاندا ئىككى ئاي تۇرىشىڭىزغا ماقۇل بولغان،بىراق ھازىر ئۇنچىلىك مۇددەت تۇرسىڭىز بولمايدىكەن.شۇڭا ھىندىستاندىن باشقا قايسىلا دۆلەتكە كەتسىڭىز بولىدۇ» دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ.جامالىددىن ئافغانى ئۇنىڭغا « مەن ھىندىستانغا بۈيۈك بېرتانىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۋېتىش ياكى بىرەر سۈيقەست پىلانلاش ئۈچۈن كەلمىدىم.سىلەرنىڭ مەندەك قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق بىر كىشىدىن ۋە ئاجىز ھىندىستان خەلقىدىن بۇنچىلىك قورقۇشۇڭلار بۈيۈك بېرتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارىنىڭ تۆلىمۇ كەملىكىنى ئىپادىلەپ قويدى.ھەققانىيەت ۋە خەۋىپسىزلىك تۇيغۇسى تولىمۇ كەم بولغان بۇ ھۆكۈمەت بۇ رايوندىكى خەلىقتىنمۇ كۆپ ئاجىزكەن» دەيدۇ ۋە زىيارەتكە كەلگەن خەلىققە «سىلەر ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەتكە ئىگە ،سىلەر نەچچە يۈز مىليون ئادەم بولساڭلارمۇ ئەنگىلىيىلىكلەر بىر نەچچە ئونمىڭ ئادەم بىلەن سىلەرنى قوغداۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ مۇستەقىللىقىڭلار بوغۇلۇپ،بايلىقىڭلار بۇلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر چىۋىنغا ئايلىنىپ غوڭۇلدىساڭلارمۇ ئەنگىلىيە ئىمپىريىسىنىڭ قۇلىقىنى گاس قىلىۋېتەلەيسىلەر. ناۋادا سىلەر دېڭىز تاشپاقىسىغا ئايلىنىپ دېڭىز بىلەن ئەنگىلىيەگە بېرىپ بۇ دۆلەتنى دېڭىزغا چۆكتۈرۋەتسەڭلار ئەركىن ئادەملەرگە ئايلىنىسىلەر.» ئۇنىڭ بۇ سوزلىرى شۇ سورۇندىكى خەلىقنى يىغلىتىۋېتىدۇ.ئافغانى توۋلاپ تۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ« ياش تۆكۈش خوتۇن كىشىلەرنىڭ ئىشى،سۇلتان مەھمۇد ھىندىستانغا يىغلاپ ئەمەس بەلكى بېلىگە قىلىچ ئېسىپ كەلگەن،بىر مىللەت مۇستەققىلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە دادىل قارىيالمىسا بۇ مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.».....

     

    كونا تېھران

    1879-يىلى جامالىددىن ئافغانى يەنە بىر قېتىم ئېنگىلىزلارنىڭ بۇيرىقى بىلەن مىسىردىن قوغلىنىدۇ.ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى مىسىردىكى ئىران كونسۇلى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.كونسۇل« سىزنىڭ مىسىردىكى پائالىيىتىڭىزنىڭ چوقۇم ئۈنىمى بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەن ئىدى.بىراق يەنىلا ئېنگىلىز ۋە فىرانسۇزلار يامان كەلدى.سىز ھازىر بىر پەقىر ئادەم سۈپىتىدە يەنە مۇساپىرەت كوچىسىغا قەدەم قويىۋاتىسىز.ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز ؟ » دەپ كۆڭۈل بۆلگەندە.جامالىددىن ئافغانى« مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك ئېغىر كۈنلەرگە قېلىشىمدىن قورقۇپ ياشايدىغان ئادەملەر تىپىدىن ئەمەسمەن.مەيلى قەيەرگىلا بارماي تىنىقىملا بولىدىكەن يەنىلا ئۆز تەشەببۇسلىرىمنى تەرغىپ قىلىۋېرىمەن » دەيدۇ.كونسۇل ئۇنىڭغا 100 دىنار يوللۇق تۇتقاندا ئافغانى يېنىدا بىر تىيىن قالمىغان بولسىمۇ «بۇ پۇل سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالسۇن تېخىمۇ مۇۋاپىق يەرلەرگە ئىشلىتەرسىلەر. مەن دىگەن بىر شىر، شىر ھىچيەردە ئاچ قالمايدۇ».دەپ ئۇنى رەت قىلىدۇ.

       

                    مەھدى

    1883-يىلى جامالىددىن ئافغانى ياۋروپا ساياھىتىگە چىقىپ ،ئۆزىنىڭ ئېنگىلىزلارغا قارشى پائالىيەتلىرىگە بەكمۇ مۇۋاپىق بولغان پارىژدا تۇرۇپ قالىدۇ.ئۇ پارىژ تۇرغان مەزگىلدە ئىزچىل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىتىپاقلىقى ،غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا تاراۋاتقان ماتىريالىستىك ئىدىيەلەرنى پاش قىلىدىغان ماقالىلارنى ئېلان قىلىدىغان مەخسۇس ژورنال تەسىس قىلىدۇ. شۇ دەۋىردە ئەنگىلىيەنىڭ سۇداندىكى مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى، سۇدان خەلقى، مەھدىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوزغۇلاڭ كۆتۈرىدۇ.قوزغۇلاڭنىڭ دەسلىۋىدە ئىزچىل مەغلۇپ بولىۋاتقان ئىنگىلىزلار جامالىددىن ئافغانىنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئابروي-نوپۇزىدىن  پايدىلىنىپ قوزغۇلاڭنى تىنىچلاندۇرۇش مەخسىتىگە يېتىشنى پىلانلاپ « نۇرغۇن ئويلىنىشلار ئارقىلىق سۇداننى سىزگە تاپشۇرۇشنى بېكىتتۇق.سىز سۇداننىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەقىيات يۈزلىنىشىدە بۈيۈك بېرتانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ شەرق ئەللىرىنىڭ ھەقىقى تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويىشىغا كۈچ چىقارسىڭىز،سىزنى سۇدانغا سۇلتان قىلىپ  تەيىنلىسەك..» دەپ تەكلىپ بېرىدۇ.جامالىددىن ئافغانى ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى چۈشۈنۈپ « ئەنگىلىيەگە نېسبەتەن شەرق ئەللىرىدكى قايسىلا مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ رەھبىرىنى سايلاش ھوقوقى بولغان ئەمەس،بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. سىلەر تا ھازىرغىچە ئۆزۈڭلارنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ھامىيسى دەپ ئويلاۋېرەمسىلەر. بۇنداق ھامىيلىق تاجاۋۇزچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس..» دەپ قاتتىق رەدىيە بېرىدۇ.

     

    1886-يىلى جامالىددىن ئافغانى ئىراندىكى  ئۇرۇش قىلىش ۋەزىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىن ئىستىپا بېرىش ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىكى ئىران شاھى نەسىرىددىن بىلەن كۆرۈلگىسى ئىختىلاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىراندىن كېتىدۇ.

    ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەنگىلىيىنىڭ روسلار بىلەن بولغان زىدىيىتىدىن پايدىلىنىش مەخسىتىدە روسىيەگە بارىدۇ.ئۇ چار پادىشا بىلەن كۆرۈشكەندە چار پادىشا ئۇنىڭدىن « نىمە ئۈچۈن ئىران بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالدىڭىز »دەپ سورايدۇ جامالىددىن ئافغانى ئۇنىڭغا« مەن ئىران پادىشاھىغا، ھازىرقى پاسسىپ ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاساسى قانۇنلۇق سىياسەت قوللىنىپ ،ئىسلاھات ئارقىلىق خەلىققە ھوقۇق بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىندىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت بەردىم.بىراق پادىشا بۇ سۆزۈمگە كۆنمىدى» .چار پادىشا « سىزنىڭ تەشەببۇسلىرىڭىز ھۆكۈمدارلارنىڭ تۇتقان يولى بىلەن بەك چوڭ پەرىقلىنىدىگەن.سىز ئىران پادىشاھىدىن قوشۇلمىدى دەپ ئەپسۇسلانماڭ .مېنىڭچە ئىران پادىشاھى توغرا قىپتۇ.قايسى پادىشا ئاددى خەلىقنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ ھوقۇق تۇتىشىنى خالايدۇ ؟» دەيدۇ.ئافغانى ئۇنىڭغا دەرھال رەدىيە بېرىپ « سىزنىڭچە تۈمەنلىگەن ئادەم پادىشاغا ئاشكارا قارشى چىقالمىسڭمۇ ئىچىدە ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولسا مەڭگۈ تىنىچ بولغىلى بولارمۇ ؟ مېنىڭچە مىليونلىغان پۇقرا پادىشانىڭ پۇرسەت تاپسىلا قۇترايدىغان دۈشمىنى بولماستىن ،پادىشاھنىڭ دوستى بولسا ،ئاندىن بۇ سەلتەنەت راۋاج تاپىدۇ.ئۇنداق بولمىغاندا ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ .» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن چار پادىشا ئاچچىقتىن تاتىرىپ كېتىدۇ. بۇ سۆھبەت سەۋەبىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى توغرىلىق سۆھبەتلەردە ئىلگىرلەش بولغان بولسىمۇ بىراق ئەنگىلىيىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمايدۇ.

    جامالىددىن ئافغانىنىڭ يۇقۇرىدىكى مۇنازىرلىرىدىن ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى - ئاساسى قانۇنلۇق، خەلقلەر باراۋەر، دېمكىراتىك ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى ھىمايە قىلىدىغان كەسكىن مەيدانىنى ۋە ئارزۇسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ  .              

    جامالىددىن ئافغانىنىڭ پان ئىسلامىزىملىق تەشەببۇسلىرى ،يېقىنقى زاماندىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىل بولىشىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولسا،ئۇنىڭ يېڭى مائارىپ كۆز قارىشى يېڭى ئىسلام مائارىپىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان.

          جامالىددىن ئافغانىنىڭ « اللە بىزگە ئىككى كىتاپ ئېۋەتكەن ،ئۇنىڭ بىرى قۇرئان كەرىم ،يەنە بىرى بولسا تىلسىمغا تولغان كەڭ تەبىئەت دۇنياسىدۇر.بۇ ئىككى كىتاپ بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ» دىگەن بىر مەشھۇر سۆزى بار.

                           

     ئىسلامىيەتنىڭ دۇنياسىنىڭ يىراقنى كۆرەر پەرزەنتى ئافغانى، ئۆزىنىڭ قىسقا ئەمما ئوتلۇق ھاياتىدا نۇرغۇن پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغان يارقىن نۇتۇقلىرى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن كەڭ مۇسۇلمان دۇنياسىنى كېزىپ چىقتى.ئۇ ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتۇلالمىغان ئەزھەر دارىلئۇلۇم ۋە ئەمەلىي تەسىر كۈچكە ئىگە ئىسلام ئۆلىمالىرى شۇنداقلا ھاكىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە " اللە رىزالىقى ئۈچۈن" دەۋالغان نۇرغۇنلىغان دىنىي كۈچلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھالقىلىق مەسىلىگە كەلگەندە يەنىلا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كاللىسىغا سىڭىپ قالغان قاتمال ئىدىيىسىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كەڭ مۇسۇلمانلار ئورتاقلىقى ئۈچۈن بۇ قاتماللىقتىن مەرتلەرچە ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ.

    جامالىددىن ئافغانى مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر كىرزىسنىڭ مۇستەملىكىچىكلا ئەمەس بەلكى زامانىۋى مائارىپ كۆز قارىشىنىڭمۇ تولىمۇ كەملىكىنى ھېس قىلىدۇ.بۇ ئىككى ئامىلنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ يۈكسىلىش يولىدىكى ئىككى يامان توسالغۇ ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىدۇ.ئەينى دەۋرلەردە مۇسۇلمانلار دۇنيادىكى باشقا قەۋملەرگە قارىغاندا كۆپ ئىلغار مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە كۆز قارىشىغا ئىگە ئىدى.بىراق ھازىرقىلار ئەجداتلىرىنىڭ ئەكسىچە مائارىپ جەھەتتە بەدەۋىلىك دەۋرىدىكى ئۇقۇم كۆز قاراشنى ساقلاپ كەلمەكتە.

     

     

    ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە تەشەببۇسلىرىنىڭ ئورنىغا بۇ دۇنياغا نېسبەتەن پەرۋاسىزلىق ، نوقۇل تەركى دۇنيالىق ئىبادەت-ئەمەللىرىنىلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋېلىش، سوفىستىك دۇنيا قاراش بىلەنلا اللە نىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدىغان ئۇ دۇنيا پەرەسلىك ئوموملاشتى.

    ئوتتۇرا ئەسىر مۇسۇلمان خەلىقلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىدا شەكىللەنگەن بۇ خىل ئۆلۈك پوزىتسىيە كېيىنكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ نادانلىق ۋە قۇللۇق بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخىي قىسمەتكە قېلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپلەردىن بولۇپ قالدى.

     

    قۇرئان-كەرىم،سىياسى،ئىقتىساد،ئىبادەت-مائارىپ،ئىزدىنىش-يۈكسىلىش تەتقىقاتى توغرۇلۇق اللەنىڭ بارلىق بۇيرۇقلىرى مۇجەسەسسەملەنگەن مۇتلۇق نوپۇزلۇق كىتاپ بولسىمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى مۇسۇلمانلار شۇنداقلا بۈگۈنكى زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارمۇ بۇ ئىلاھىي كىتاپنىڭ پەقەتلا ئىبادەت بايانلىرى قىسىملىرىغىلا ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭ ئالەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە تەتقىقات بايانلىرى ،كەڭ تەبىئەتنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى ئايەتلىرىگە بولسا پەرۋاسىزلارچە سەل قارايدۇ. ئىبادەت ئايەتلىرىنى تۇرمۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىغا قويىدۇيۇ ، ئەمما قۇرئاندىكى تېخىمۇ كۆپ زور سانلىق بولغان ئىلىم مائارىپ توغرىسىدىكى ئايەتلەرنى بولسا ئىزدىنىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىبادەت قىسىملىرىغا ئايلاندۇرمايدۇ.ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلانغان ئىسلامىيەتنىڭ سوفىستىك قاراشلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئېتىقاد نەزىريەچىلىرى بۇ سەۋەپلەردە ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ نوقۇل ئىبادەت ئەھكام بايانلىرىنىلا تەكىتلەپ،مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى ئىبادەت-ئەممەللىرىنى سوفىزىمنىڭ تەلقىنلىرى ئىچىگە غەرق قىلىۋەتكەن. يەنى ئىنساننىڭ اللە ئاتا قىلغان ھۆرمەت ۋە قۇۋۋەتلەرگە ئگە بولىشىغا يول قويمىغان.

    زىنا،ئۆسۈم،مۇناپىقلىق....توغرىسىدىكى ئايەتلەر ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئېڭىغا شۇنداق ئەتراپلىق ئۆزلەشكەن(اللەغا شۈكرىلەر بولسۇن). ئەمما شۇلار بىلەن بىر قاتاردىكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ جاھان سەھنىسىدە ھەق-ھوقوقىنى قوغدايدىغان  تەبىئەتنى ئۈگىنىش،تېخنىكا ئىگەللەشتەك ئىبادەت-ئەممەللىرى توغرىسىدىكى بۇيرۇق-بايانلار ئۆزلىشىش تۈگۈل ،خۇتبە-نەسىھەتلەردە تەكىتلىنىپمۇ قويمىغان.

    ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ خىل بىر تەرەپلىمە پاسسىپ پوزىتسىيە ،مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ چېكىنىشىنى ۋە ئىسلامىزىمنىڭ كېيىنكى شۇنداقلا ھازىرقى قاراڭغۇ دەۋرىنى شەكىللەندۈرگەن.

    تۆنۆگۈن ۋە بۈگۈنمۇ ئىسلام پەقەتلا ئۇ دۇنيالىق ئىبادەت،بۇ دۇنيالىق قۇدرەتنىڭ كاپالىتى زامانىۋىلىشىش بولسا ئەجنەبىلەرنىڭ كەسپى بولۇپ سانالدى."مۇسۇلمانغا ئۇ دۇنيا،كاپىرغا بۇ دۇنيا بېرىلگەن" دەيدىغان تەسەۋۋۇپ تەلىماتى ئىسلام دۇنياسىغا چوڭقۇر سىڭدى.

                    

    جاھان تېخنىكىلىرىدىن خەۋەرسىزلىك ،يېڭى مائارىپ تۈزۈلمىسىنى يارىتالماسلىق بىلەن نۇرغۇن ئىشلاردا ھەممىنىڭ كەينىدە قېلىۋاتقان ئىسلام دۇنياسى ،ئۆزىدىكى قۇللۇق ۋە بولۇمسىزلىقنى ئۆز دىنىي دۈشمەنلىرىدىن كۆرىدىغان يارىماسلىقنى كەسپ قىلدى. باشقا ئەللەر ئالەمگە ،ئايغا ،مارىسقا يۈرۈش قىلىۋاتقان بۇ دەۋىردە ئىسلام دۇنياسى بىرەر ۋېلىسىپىت چاغلىق داڭلىق تېخنىكىلىق مەھسۇلار يارىتالمىدى.

    سەئۇدى شاھزادىسى پەقەت يۇقۇرى ئىجارە ھەققى تۆلەپ باشقىلارنىڭ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ «اللەنىڭ سىر-ھېكمەتلىرىنى تاماشا قىلدى.»

    ھازىرقى زامان تەبىئى پەنلىرىنىڭ ئۆچمەس ئاساسىنى ياراتقان مۇسۇلمانلار ھالا بۈگۈن ئىلىم-پەن تەرەقىياتىدىكى بۇ بەيگىدىن پاسسىپلىق بىلەن چېكىندى.ئۆزلىرىنىڭ شۆھرەتلىك تارىخىدىكى غەلىبىلەردىن ھەر مىنۇت پەخىرلىنىشنى بىلدىيۇ ،بۇ غەلىبىلەرگە ئېرىشكەن ئەجداتلىرىنىڭ پىداكىرانە روھ بىلەن اللەنىڭ ياراتقان زىمىنىدا قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى يەلكىسىگە ئالغانلىقىغا ۋە قانداق تىرىشقانلىقىغا قىزىقمىدى.قىسقىسى ئىسلامنىڭ ئەڭ ياخشى يول ئىكەنلىكىگە ئۆزلىرى ئىشەنگەن بولسىمۇ،ئەمما ئەجداتلىرىدەك غەيرىلەرنى ئىشەندۈرەلمىدى.

       

    جامالىددىن ئافغانى اللەنىڭ بۇ ئالەمدە ئىنساننى ئۆزىدىن باشقا بارلىق مەخلۇقاتتىن يۇقۇرى يارىتىپ ئۇنىڭغا چەكسىز ئالەمنىڭ سىرلىرىنى ئېچىش ھوقوقىنى بەرگەنلىكىنى ،ھەتتاكى اللە دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك بولغان پەرىشتىلەرنىمۇ سەجدە قىلىشقا بۇيرۇپ ،ئادەمنىڭ قانچىلىك مەرتىۋە ۋە قۇۋۋەت بىلەن يارىتىلغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

    ئافغانى ئىككىلا  دۇنياغا مۇھەببەت ۋە تىرىشچانلىقنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇسۇلمانچىلىق سۈپىتى ئەمەسلىگىنى،چوقۇمكى اللەنىڭ دەرگاھىدا بارلىق مەخلۇقاتتىن قانچىلىك يۇقۇرى تۇرغان بولسا،بۇ ھاياتىي دۇنيادىمۇ بارلىق تائىپىلەردىن سۈپەت ۋە قۇدرەتتە يۇقۇرى تۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

    ئۇلۇغ اللەنىڭ ياراتقان سىر-ئەسرالىرىنى تەتقىق قىلىپ ،ئۇنىڭ قۇۋۋەت كامالىدىن پايدىلىش ئارقىلىق ئىسلامىيەت دۇنياسىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش،اللەنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشتەك ئۇلۇغۋار مەخسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ،قۇرئان كەرىمدىكى ئىبادەت ئەمەللىرىگە ئائىت ئايەتلەرنىلا ئەمەس بەلكى ئىلىم-مائارىپ توغرىسىدىكى ئايەتلەرنىمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئۆزلەشتۈرىشىنى ۋە بارلىق ئىسلام ھۆكۈمدارلىرى ۋە يول باشچىلىرىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن باشلامچىلىق قىلىشىنى تەشۋىق قىلىدۇ.ئەمما پەقەت ئۆزىنى تەقۋادار ھېساپلاپ پەخىرلىنىپ ئۈگۈنۈپ قالغان تەككەببۇر ھۆكۈمدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن بەلكى زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.

    جامالىددىن ئافغانىنىڭ ئىدىيىسى ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ.بەلكى ئۇنىڭ قايغۇسى ۋە ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلغان نۇرغۇن ئەزىمەتلەر ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.

    كەڭ ئالەمنىڭ ھەقىقى خەلىپىسى بولغان ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ اللە بىلدۈرگەن بىلىم ۋە تەپەككۈرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەرتىۋىسىگە چوقۇم پەرۋاز قىلىدۇ.

    مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەگرى سىزىقلىق تەرەقىيات مۇساپىسىدا چوقۇمكى يەنە بىر يېڭى ۋە يۇقۇرى پەللە يارىتىلىدۇ.

     مەنبە:    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37343800.html

    分享到: