• ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى

    2009-06-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40487519.html

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى

     

    دۇنيادا ئەڭ تاتلىق بىر نەرسە بار.

     ئۇ بولسىمۇ _ ئاپام !

    (خاتىرەمدىن)

    مۇنەۋۋەر ئانا دىگەن ئۇقۇمغا بىزنىڭ كۆپ سانلىق ئانىلىرىمىز توشمايدۇ. سەۋەپ ئۇلارنىڭ بالىلىرى چەتئەللەردە ئوقۇپ ئۇنۋانلار ئېلىپ شۆھرەت قازىنالمىغان.ياكى قاتىرىسىغا ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ نەمۇنىلىك كادىر بولالمىغان،ۋە ياكى تەشكىللىك ئىئانە پائالىيەتلىرى بىلەن جەمىيەتتە داغدۇغا قوزغىيالمىغان.

    ئۇلار پەقەتلا بىزنى تۇغقان.كىيىملىرىمىزنى تىكىپ-ياماپ بەرگەن. ئاددى تاماقلىرى بىلەن قوسىقىمىزنى تويدۇرغان. ئېھتىمال بۇنداق ئاددى خىزمەتلەر بىلەن مۇنەۋۋەر ئانا بولۇش شەرتىگە توشمايدۇ.پەقەت ئاز ساندىكى ئاياللارغىلا نېسىپ بولغان بۇ شۆھرەت باشقىلارنىڭ كۆزگە چېلىقىدۇ....مەدھىيلەيدۇ....

    مىليونلىغان ئانىلارغا ئومولاشقان خىزمەتلەر نورمال سانىلىدۇ.ئۇلار نوپۇزلۇقلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلالمايدۇ.ئۇلار شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك ئۈن-تىنسىز ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ...

    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ٪99 ئۇيغۇرنىڭ ئانىسى مۇنەۋۋەر ئانا قاتارىغا كىرەلمەيدۇ.

    ئۇلارنىڭ ئۈستى-بېشىدەكلا نامرات كۆڭلىدە پەقەت ئۆيى بالىسىدىن باشقا ئۇلۇغۋار ئىستەك-خىزمەتلەر بولمىغاچقا  بۇ شەرەپلىك نامغا ئېرىشەلمەيدۇ.

    ئۇلار ئىش-ئوقىتى ئىلگىرى كەلمەيۋاتقان ئەرلىرىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىشىغا ، بالىلىرىنىڭ دىتىغا ياقماي سىلكەشلىرىگە،....ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمەيدىغان رەڭسىز تۇرمۇش رېتىمىغا خۇددى باغلاقتىكى قويدەكلا كۆنۈپ كەتكەن.

    ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار بەكلا نورمال. بۇندىن باشقىچىرەك تۇرمۇشنى،ھاياتنى ئويلاش ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق گۇناھكار تۇيغۇ. ئاياللار ھوقوقى....يېرىم دۇنيا.....جەمىيەتتىكى ئورۇن...دىگەنلەر پەقەت تېلۋىزوردا كۆرۈپ-ئاڭلاپ قويۇشقا تېگىشلىك بولغان باشقا دۇنياغا خاس ئاتالغۇلار .بۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەملىكنى نىشان قىلغان. بالىلىرىنىڭ ،ئېرىنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ئىش-ھەركەت ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئىپلاسلىق. مەيلى ئۇ پۈتۈن دۇنيادا ئومولاشقان بولسۇن ياكى ئالاھىدە ئېتىۋار سىياسەت بولسۇن بەرىبىر.ئۇلارغا كېرىكى پەقەتلا خاتىرجەملىك ، بالىلىرىنىڭ ئىككى جۈپ كۆزنىڭ ئىچىدە چوڭ بولىشى. ئۇلار ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇپ ھوقوقىنى قوغداشنى خالىمايدۇ.چۈنكى بۇ ھوقوق بالىلىرىنىڭ يىتىم بولىشى ياكى ئۆيىگە سوغۇق كەيپىياتنىڭ يېيىلىشى بىلەن قولغا كېلىدۇ.شۇڭا ئۇيغۇر ئانىلىرى ھوقوقسىزلىق ئىچىدە ئۇۋىلىنىپ كەتسىمۇ بۇ تەمى ئاچچىق ھوقوقنى خالىمايدۇ.

    ئەرلىرىنىڭ سىرتتا يۇتۇپ كىرگەن ئاچچىقىنى چىقىرىشىغا ،چوڭ بولغان بالىلىرىنىڭ سىلكەپ-ۋاقىرىشىغا ،كىچىكىدە چىچىپ قويغان پوقىنى ئادالاپ بۈگۈن چوڭ بولۇپ تېپىپ قويغان بالاسىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كىملەرنىڭدۇ ئىشىكىدە شۇمشىيىپ تۇرغان ھالىتىگە .تۇرمۇشنىڭ يەنە قانداق بالالىرىنىڭ كېلىشىنى بىلەلمەي يۈرىكى پۇلاڭلاپ قالغان بىچارىلىكىگە، ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدۇ...

    پەقەت ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئەرلىرىنىڭ ،بالىلىرىنىڭ چۈشلىرىگە كىرىپ يىغلىتىدۇ.

    ئۇلارنىڭ ئۆمرىدە ھېچقانداق شەخسى ئارزۇ-ھاجىتى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ خوشاللىقى بالىلىرىنىڭ خوشاللىقى،ئەرلىرىنىڭ خوشاللىقى.ئۇلارھېيت-ئايەملەردە ئامال بار بالىلىرىغا بىرەر قۇر كىيىم، بولمىغاندا بىر يېڭى ئاياق ئېلىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئۆزى بولسا كونا ئايىقىنى ئوبدان مايلاپ ،پايپىقىنى ياماپ،ھېيت تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدۇ.

    تۈرمە دەرۋازىسىدا بالىسىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتقان بىچارە ئانىلار ،ناھىيە بازىرىغىمۇ بېرىپ باقماي ئۆمرى ئېتىزدا ئۆتىۋاتقان جاپاكەش ئاپىلار،ئەرلىرىدىن بىر ئۆمۈر"سېنى سۆيىمەن"دىگەندەك مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان دېھقان ئاياللار. يىراقلارغا كەتكەن ئوغۇل-قىزلىرىغا ھەر كېچىسى ئۈنسىز يىغلاپ دۇئا قىلىدىغان  چارىسىز ئاپىلار.....ھەي ..ئاپىلار..بىچارە ئانىلار.

    مانا بۇلار ئۇيغۇرنىڭ ئانىلىرى

    توغرا ئۇنىڭ بالىسى ياخشى ئادەم بولالمىدى.خولۇم-خوشنىلار ئارىسىدا پەخىرلەنگۈدەك خىزمەتلەرگە ئېرىشەلمىدى. ئاپا بولغان ئادەمنىڭ قولىدىن نىمىمۇ ئىش كەلسۇن.ئۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ دەيسىز.پەقەت بالىلىرىنىڭ تەلىيى كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلىدۇ.چۈنكى ئۇلار بالىلىرىنىڭ باشقا بالىلاردىن دۆت ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ.

    ئۇلار كىتاپلاردىكى مۇنەۋۋەر ئانىلاردەك ۋەتەن-باتۇرلۇق،جاسارەت-ئالغا ئىلگىرلەش دىگەندەك ئاتالغۇلارنى بىلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى موللىتوختى يۈزىدىكى سادىرنىڭ ساۋاتسىز ئانىسىدەك،مۇستاپا كامالنىڭ تۇل قالغان جاپاكەش ئاپىسىدەك،خوجىنىيازنىڭ ئۆمرى تاغدا ئۆتكەن مەزلۇم ئانىسىدەكلا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ.

     ئۇلار پەقەت بالىلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ تۇرىدۇ.بالىلىرى بەزىدە قىززىپ كېتىپ ئاپىسىغا چۈشەندۈرۈپ كەتسە بالىسىغا پەقەت مازۇز بولۇپ قاراپ كېتىدۇ.

    شاھمەنسۇرنىڭ جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ جەڭگە كەتكەنلىكىگە ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى تاللىغان يولدا ماڭغانلىقىغا، مېھرىگۈلنىڭ ئىچكىرىدە جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېزىپ چۈشەندۈرىشىگە ،سادىقجاننىڭ ئەتە باشلاپ چوقۇم ياخشى ئادەم بولىمەن دەپ قەسەم قىلىشلىرىغا قاراپ قالغاندەك، ئۈنسىز يىغلاپ قالىدۇ.......

    ئۇلار ئەرلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى بالىلىرىنىڭمۇ قىلغان ئىشلىرىدىن گۇمانلىنىشقا پېتىنالمايدۇ.خۇددى ئۆيدىكى كونا شىرەدەك ھەممىگە خىزمەت قىلىپ سۈكۈتسىز قاراپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇھەببىتىنى گۇمانلانماسلىق بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

    ئۇلارنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى......ئېرىنىڭ قۇلىقىغا تاتلىق پىچىرلاشلىرى......تۇرمۇشتىن-ھاياتتىن ئالىدىغان ئاياللىق ھېس-تۇيغۇلىرى....بەكمۇ يىراقتا قالغان.ئۇلارنىڭ ئورنىنى،خاتىرجەم ئەمما رەڭسىز تۇرمۇش ئىگەللىۋالغان.بۇنى ئۆزى خالاپ قوبۇل قىلغان.

    ئېرىنىڭ قاڭسىق تەر كىيىملىرىنى،بالىلىرىنىڭ پوق-سۈيدۈك پۇراپ تۇرىدىغان لاتىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يۇيۇش، قازاندىكى تاماقنىڭ نەچچە تال گۆشىنى چاندۇرماي بالىلىرىغا سېلىپ بېرىش، خوشنىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى خوشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىش ھاياتىنىڭ خوشاللىقى، ئۆمرىنىڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرى.

    بىز ئۈچۈن مىننەتسىز پىداكارلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر توپ بار.ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئاپىلىرىمىز.

    بىز ئۈچۈن سەمىمى ياش تۆكۈپ كېلىۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم ئادەملەر بار. ئۇ بولسىمۇ يەنىلا بىزنىڭ ئانىلىرىمىز.

    بىزنىڭ ھايات تۈگمەنلىرىمىزنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا بۇغداي ئورنىدا تالقان بولىۋاتقان بىر كۆرۈمسىز ئادەملەر بار . ئۇلار بىز ئۇيغۇرنىڭ ئاپىلىرى.

    دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ دەرىجە-باھاسى بولىدۇ.بىراق ئانىلىرىمىزنىڭ دەرىجىسى بولمايدۇ. ئۇلار مەيلى ئالىم-پىراففىسورنىڭ ياكى ئوغرى-قاراقچىنىڭ ئانىسى بولسۇن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇلاردىكى بىزلەر ئۈچۈن سوقىدىغان يۈرەكنىڭ رېتىمى ئوخشاش بولىدۇ.

    دۇنيادا بىزنى جەلپ قىلىدىغان شاۋقۇن-سۈرەنلىك ۋە رەڭدار-شەكىللىك نەرسىلەر ئالاھىدە كۆرىنىدۇ.ئەمما ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ جىمجىت-رەڭسىز تۇرمۇشى دىققەتنى جەلپ قىلالمايدۇ.

    بىراق، ھەقىقى پىداكارلىق ۋە چىن مۇھەببەت مۇشۇ ئاددىلىق ئىچىدىلا  مەۋجۇت بولىدۇ.

     

    ئاققۇ دىگەن جانىۋار ھەمراسى ئۆلۈپ كەتسە ئۆمۈر بويى تەنھا ئۆتىدىكەن.ئۇ بەلكىم كېيىنكى ھاياتىنى ئىلگىركى ئەسلىمىگە ئاتاپ ياشايدىغاندۇ.

    ئاپىلىرىمىز تۇللۇق ئازابىنى بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا غەيرى يېڭى شەيئىنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.

    ئۇلار يالغۇز تاغ ، يالغۇز باغ بولۇپ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بىزنىڭ يېنىمىزدا جىمجىت ياشايدۇ.

    ئاياللار ھوقوقى-ئەئەنئەنىۋى تۇرمۇش قۇرۇلمىسىدىكى ئانىلىرىمىز ئىچىدە ئوموملىشالمىغان. بۇ كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولسىمۇ بىراق ئاپىلىرىمىزنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى غەلبىسى. ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ئۇقۇمغا ئانىلىرىمىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلى. ئادەم مەڭگۈ ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغاننى تاكى قىيامەتكە قەدەر تەلەپ قىلىدىغان مەخلۇق. ئۇ نەرسە دەل ھوقوق-مەنپەئەت . ئاپىلىرىمىز ئادەملەر ئىچىدىكى بۇ ئىمتىياز ۋە ھوقوقنى بىزلەر ئۈچۈن تەرك قىلغۇچى  بىردىن-بىر توپ.

    ئۇلار ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى،بىزنىڭ چىرايىمىزدىن، ھوزۇر-مەئىشەتلىرنى،بىزنىڭ،ئۈستى-بېشىمىزدىن،يەۋاتقان،لوقمىمىزدىن ئىزدەيدۇ. ئۆزىنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ماڭغان پۇتلىرى قولاشماي تىترەيدۇ. ئېغىزىغا سالماقچى بولغان مەئىشەتلىرى گېلىدىن ئۆتمەيدۇ.

    ئۇلارنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشى بىلىملىك، ئۈستۈن دۇنيا قاراشقا ئىگە زامانىۋى ئاياللار توپىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ. دەۋرنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن،زامانىۋى ئاياللارنىڭ رەڭدار تۇرمۇشىدىن بەھىرلىنەلمەيۋاتقان بىچارە ھالىتىگە ئېچىنىدۇ.ئۇلارنىڭ بىر ئۆيۈم بىر بالام دەپ ياشاۋاتقان بېكىنمە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ.

    ماھىيەتتە بۇ غەرپنىڭ شەخسنى مەركەز قىلىش تەلىماتىنىڭ غەيرى ئۈندۈرمىسى.

    شەخسنى مەركەز قىلىش ھەقىقەتەن ئىلغار دۇنيا قاراش.بىراق مەلۇم ئادەملەر توپىنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەت زەنجىرىدە بۇ ئەڭ خاتا ئۇقۇم.

    ئانىلىرىمىز تارىختىن بۇيان بىزنىڭ مۇناسىۋەت زەنجىرىمىزدە شەكىللەنمەيۋاتقان پىداكارلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر كىشىلەر.

    بىز مۇنەۋۋەر دىمەسلىك بىلەن ئۇلار مۇنەۋۋەر بولالمامدۇ ؟!

    بىز ئەڭ ئۇلۇغ دىمەسلىك بىلەن ئۇلۇغ بولالمامدۇ ؟!

    ھەقىقى ئۇلۇغلۇق بىزنىڭ باھايىمىز ئاساسىدا بولالمايدۇ. بىز پەقەت نەزىرىمىزدىكى ئۇلۇغلارغىلا مەپتۇن بولۇپ ئۆتىۋېرىمىز.

    ئەمما ھەقىقى ئۇلۇغ ئادەم بولغان ئاپىلىرىمىز بىزنىڭ ئالقىشلىرىمىز بولمىسىمۇ بىر ئۇلۇغنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېرىدۇ.

    ھەي......ئۇيغۇرنىڭ ئاپىلىرى....بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىچارە...ئەمما ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئانىلار...سىلەر كۆزىمىزگە داۋاملىق كۆرۈنۈپ تۇرمايدىغان يۈرىكىمىز. ئۈنسىز خىزمەت قىلىدىغان جىگىرىمىز....سىلەرسىز ئۇيغۇرنىڭ تارىخى...بۈگۈنى ۋە ئەتىسى مۈمكىن ئەمەس....

    ياراتقان پەرۋەردىگار دۇنيادىكى ئەڭ ئالى خىزمەتنى پەقەت سىلەرگىلا ئىشىنىپ تاپشۇرغان. سىلەرنى ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن كىشىلەر قىلغان.

    چۈنكى سىلەر پىداكارلىق بىلەن يۇغۇرىلىپ تۇغۇلۇپ، شۆھرەتسىز پارچىلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلار.

    سىلەر مېنىڭ قەلبىمدە !

       مەنبە:      http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37339952.html 

    分享到: