• ئـۇيـغـۇرلار ئـاجىـزمـۇ؟

    2009-06-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40497178.html

                                   شەخسىيەتچى ئادەم_ ئويغانغان ئادەم _ كامىل ئادەم                  
                                       شەخسىيەتچى_مىللەتپەرۋەر_ ئىنسانپەرۋەر   
    ئاجىز مىللەت_ ئويغانغان مىللەت _ غالىپ مىللەت 
    كۆڭۈل خاتىرەمگە خىلى بۇرۇنلا شۇنداق جۈملىلەرنى پۈتۈپ قويغىنىم يادىمدا:  ئىنسانپەرۋەر كىشىلەر غالىپ مىللەتتە كۆپ بولىدۇ، ئاجىز ۋە خار مىللەتتە شەخسىيەتچىلەركۆپ بولىدۇ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچى بەك ئاجىز بولمىغان، ئەمما بەك ئۈستۈنمۇ بولمىغان مىللەتتە مىللەتچى كىشىلەر كۆپ بولىدۇ ... چۈنكى غالىپ مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت تەرەققىياتى زامانغا ماسلاشقان بولغاچقا، ئۇ ئەل كىشىلىرىدە شەخسچىلىك ۋە مىللەتچىلىكتىن ئىبارەت بىر قەدەر تار ئېھتىياج رامكىلىرىدىن ھالقىپ، ئومۇمىي ئىنسان تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش خاھىشىنىڭ شەكىللىنىشى تەبئىي. ئاجىز مىللەت كىشىلىرى دەل ئەكسىچە، ھەممە شەخسچىلىك رامكىسى ئىچىدىلا ھەرىكەتلىنىپ، ئۆز شەخسىي مەنپەئەتى كويىدىلا پايپاسلاپ يۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دوست-دۈشمەن، پايدا-زىيان قارىشى بۇرمىلانغان، ئويغانغان مىللەت كىشىلىرى بولسا، ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە خارلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز مىللىتىنىڭ ئاجىز ۋە خار ئىكەنلىكىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەچكە، كۈچلۈك مىللەتچىلىك ئېڭىنى ھازىرلايدۇ.  
    بۇ، مەن ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق يەكۈنلىگەن نەتىجە ئەمەس، پەقەت ئىنسان پىسخىكىسى ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە دائىر يۈزەكى بىلىملىرىمگە تايىنىپ چىقارغان يەكۈن ئىدى، خالاس. شۇڭىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورۇندا، مەتبۇئاتدا، تېلېۋىزوردا ۋە كوچا-كويلاردا سەلبىي باھالار كۆپتۈرۈلۈپ سۆزلەنسە، ئەجەپ مىللەتكەنمىز دەپ مۇڭلۇق ھەم ئۈمىتسىز ئويلاغا چۆمەتتىم. گاھىدا تېخى بېشىنى ئاشۇ بىر ئۇچۇم چۈشكۈن ئادەملەر باشلىغان بىز ھەققىدىكى ۋايساشلارنىڭ ئاخىرىنى ئۆزۈم چۈشۈرەتتىم. شۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل خاتىرەمگە تىزىۋالغان ھېلىقى قۇرلارنىڭ ئويغانغان مىللەتكە دائىر بۆلىكىدە ئويلىنىپ قالاتتىم-دە، بىز بىر ئاجىز مىللەت، شۇڭا مىللەتچى ئادەملىرىمىز تاينلىق، بۇ مىللەت ساپلا شەخسىيەتچى ھاماقەتلەردىن تەركىپ تاپقان دەۋەتكۈم كىلەتتى.  يۇقارقىسى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىغا دائىر قاراشلىرىمنىڭ باشقا بىر شەكىلدە ئىپادىلىنىشى بولۇپ، مىللەتپەرۋەر كىشىلىرى بولمىغان مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئەھمىيىتى ۋە ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز بولاتتى. دەل شۇ مىللەتپەرۋەر تەركىب بىر مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، ئۇ مەلۇم خىل ئەھۋالدا ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرگە زىمىن ھازىرلايتتى... 
      بىزدە مىللەت-ئەل ئىشقىدا كۆيىدىغان، ھەتتا مىللەت ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان ئادەملەر يوقمۇ؟
    بىز  ئۇزۇنغا سوزۇلغان نەزىرىيىۋى ئويلىنىش بىلەن بەزى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق تونۇپ يەتكەن تەرەپنى سۆزلىمەي تۇرۇپمۇ، گويا تاغدىن يۇمۇلاپ چۈشكەن چۆمۈلە كەبى ئاچچىق قىسمەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مىللەتنىڭ كېسەللىكىگە  شىپاھ ئىزلەۋاتقان، جۈملىدىن ئويغانغان ئادەملىرىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىگە ئۆزىمىزنى ئىشەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئەشۇ خىلدىكى ئويغانغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە كۆپ قەرىزدار ئىكەنلىكىدىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ دەل شۇ مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى تۈپەيلى ئاجىزلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكى نۇقتىسىدىنمۇ، ئەمەلىيەتكە تامامەن ئۇيغۇندۇر. بۇ خۇددى ئۆز مىللىتىنى سۆيمەسلىككە ئامالسىز قېلىشتەك بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالنى بىر تەننى كېسەللىك قاپلىغاندا، ھەممە توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، بارلىق زېھنىنى ئۆزى تەۋە تەنگە كىرىۋالغان كېسەللىك مىكروپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا قاراتقىنىغا، ھەم بۇ يولدا پۈتكۈل ئېنىرگىيىسىنى سەرپ قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغىنىغا ئوخشىتىش مۇمكىن.
      يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، مەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسلىنىپ، دەۋىرداشلىرىم ئىچىدە چوڭقۇر سۈكۈناتقا پاتقان يازغۇچى-زىيالىيلارنىڭ خىلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا، ھەتتا قەۋمى دەردىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغانلىقىغا ئىشىنىپ قالدىم.  مىللەت غېمىدە ئىچكىرىمۇ-ئىچكىرى، ئەلمۇ-ئەلدە ئوقۇش ۋە سودىگەرلىك قىلىش يولىدا سەرگەردان بولۇۋاتقان نەچچە مىڭلىغان نەۋقىران ياشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، يەنە ئۆز ئەجرى بەدىلىگە پۇل تېپىپ، ئۆز ئەھلىلىرىگە مەرتلەرچە خەير-ئېھسان قىلىۋاتقان تۈركۈم-تۈركۈم بايلار بىلەن تونۇشۇپ، قاتتىق ھاياجانلاندىم. توردا، مىللىي مەنپەئەت مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان يازمىلارغا نۇرغۇن بىلىملىك ۋە مەسئۇلىيەتچان ياشلارنىڭ ئولاشقىنى ھەم ھەقلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىنىغا شاھىت بولۇپ، كۆپ تەسىرلەندىم.ئەڭ_ئەڭ ئاددىيسى، ئېتىبار ۋە ئىمتىيازدىن بەكمۇ نېرىدا ياشاۋاتقان، ئادەتتە بىز نەزىرىمىزگە ئانچە ئىلمايدىغان قۇرۇق قول چال_گادايلىرىمىزنىڭ جېنىدا مىللىتىنىڭ راھەت كۈنلەرگە ئۇلىشىشىغا ئاتاپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا-مۇناجات ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چاغدا، ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم. مانا مۇشۇ رېئاللىقنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئۈمىتلىك كەلگۈسىمىزدىن يىتەرلىك بىشارەت ئەمەسمۇ! ئەكسىچە ھالدا بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ مىللەتتىن كىچىپ، ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بەزى يات مەدەنىيەتلەرگە چوقۇنۇشى ئارقىسىدا ئۆز مەدەنىيەت -ئەنئەنىلىرىنى تەرك ئېتىپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىگە ئۆز مىللىتىنىڭ دۈشمەنلىرى سېپىدە تۇرۇپ تاجاۋۇز قىلىشى، بىر قىسىم ياشلاردا ئەسلىسىنى ئۇنتۇش ھادىسىسىنىڭ ئاندا-مۇندا ئەكس ئېتىشىدەك نامۇۋاپىقلىقنى بىر مىللەتكە نىسبەتەن ھالاكەتنىڭ قىستىشى دەپ كۆپتۈرۈش، ئۈمىتلىك تەرەپلەرگە كۆز يۇمغانلىق ئەمەسمۇ!
    تارىخ ئېيىتقانكى، مىللەتتىن ئىبارەت خېمىرنى بولدۇرۇش ئۈچۈن كىتەرلىك بولغان خېمىرتۇرۇچ ئەسلىدىنلا ئۇنچىۋالا كۆپ بولمىغان! ئەنە شۇنداق، بىزدىكى مەلۇم مەسىلىلەردە بىرلىككە كىلەلمەي قۇتۇپلىشىپ كەتكىنىمىزگە قاراپ، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلى ئاينىيدۇ. بىزنىڭ ئورۇنسىز ياكى بىھۇدە زىددىيەتلەرگە بېرىلىپ، بۆلۈنۈپ كىتىشىمىزدىن، ئاخىرىدا بىر-بىرىمىز بىلەن بوغۇشۇپ كىتىشىمىزدىن ۋەھىمە يەيدۇ. مەن ئويلايمەن، مىللەتچىلىك بىلەن ئۆزلىرىدىن تىنىش ياكى زىيادە دىنپەرەسلىك، ئىلىم ۋە پۇلغا ھەددىدىن تاشقىرى چوقۇنۇش(پەنچىلىك) بىلەن ئەكسىچە ئىلىم ۋە بايلىقنى زىنھار ھۆرمەت قىلماسلىق(نادانلىق)، يات مەدەنىيەتكە نىسبەتەن قۇرۇق قايىلچىلىق بىلەن ئۆزىگە قارىتىلغان چىكىدىن ھالقىغان ئىنكارچىلىقنىڭ بىر مۇددەت كۈچلۈك ھەم كۆلەملىك تەسىرلىشىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلاردا يېقىن كەلگۈسىدە بىر خىل تېخىمۇ ئىلمىي، نىتىراللىي(مۆتىدىل) ئىدىيە بىخ سۈرمەي قالارمۇ؟ شۇنىڭدەك، شەخسچىلىكتىن باشلىنىپ مىللەتچىلىككە ئۇلاشقان مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە پات ئارىدا ھەممە كېسەلگە باپ كىلىدىغان شىپالىق دورىنىڭ رىتسىپى مەيدانغا كەلمەي قالارمۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرىكى نەچچە 10 يىللىق ھاياتى ئويلىنىش بىلەن ئەمەس، قورقۇش ۋە تەمتىلەش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. يىقىنقى بىر قانچە 10 يىل ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشىغا ئازراق ئىمكان بەردى ۋە ئۇنى ئويغاتتى. شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ بەزى مەسىلىلەردە قۇتۇپلىشىپ، ئۆز-ئارا چىقىشالمايدىغان بىر دەۋرى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟ بۇ، قانچە بولسىمۇ، ئىدىيەسىز ئۆتكەن دەۋىرگە باققاندا، ئۇنىڭ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەمدۇ؟ ئارىمىزدىكى قايسىبىر قۇتۇپلار ئۆزلىرىنى مىللەتنى سۆيمەيدىغانلار دەپ قارايدۇ؟ ياق-ياق، پەقەت ئۇسۇل بىلەن قاراشنىڭ ئوخشىمايۋاتقانلىقى ئۇلارنى رەقىپتەك قىياپەتگە ئىگە قىلىپ قويغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار پات ئارىدا تېپىشىۋالىدىغانلاردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ زىددىيەتلىرىگە سەۋەپ بولۇۋاتقان ئامىل ئالدىدا، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىل تېخىمۇ قودرەتلىكتۇر.   
    تەكىتلەشكە تىگىشلىككى، مېنىڭچە ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئاجىز بولغان_ شەخسىيەتچى ۋە ھاماقەت ئەزالىرى زور كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان گۈدەكلىك دەۋرى ھاياتىنى تاماملىدى. كىشىلەردىكى مىللىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشى مىللەتنىڭ ئاجىزلىق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئويغانغانلارنىڭ قايسى ئىشنى، قايسى ۋاقىتتا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋابى دەل ئۇلار تەۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ...

     

     مەنبە :      http://munbar.hantangri.net/read.php?tid=2313

    分享到:

    评论

  • بىلوگىمنىڭ ئىنكاس كايتۇردىغان ئىقتىدارى يوقاپ كىتىپتۇ ھەم خەنزۇچە بوپكاپتۇ ياردەم قىلامسىز