• ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى قانداق ئىنقىلاپ ؟!

    2009-06-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40481754.html

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى .

     

    ئۆز تارىخىنى  سۆيۈش ،ئۈگىنىش ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەقەللى مەجبۇرىيىتى.

     تارىخ شۇ مىللەتنىڭ مۇقەددەس مائارىپى. ئۇ ئەڭ توغرا بىلىم .چۈنكى ئۇ بىز بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن جەريان ،ئۇنىڭدىكى سەۋەنلىك ۋە تەجرىبىلەر مىللەت ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ئۈگىنىش پۇرسىتى .

    ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ،قانداقتۇ ھىسسىي ھاياجان بىلەن قارغۇلارچە مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ.بۇ ئۇسۇل ماھىيەتتە ئۆزىگە ھەم ئۆزگىلەرگە نادانلىق كۈلپىتى كەلتۈرىدۇ خالاس.

    مىللىتىنى ھەقىقى سۆيۈش ،مىللەت تارىخىدىكى جەڭگىۋار مۇساپىلەرگە سالماقلىق بىلەن،سەۋەنلىكلەرگە بولسا توغرا تارىخ كۆز قارىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. .

     

    ...دۇنيا سىياسىيسىدا مۇنداق بىر گەپ بار «دۆلەتلەر ئارا مەڭگۈلۈك دوسلۇق ۋە مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىك مەۋجۇت ئەمەس.» .دىمەك ھەر قايسى دۆلەتلەر دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن بەزىدە دۈشمەن بىلەن ئىتىپاقلاشسا يەنە بەزىدە ئۆز دوستىنى سېتىۋېتىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇلارنى شۇ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بەلگىلەيدۇ.بۇنىڭغا قانداقتۇ دۆلەت باشلىقى ياكى ئايرىم بىر شەخس سەۋەپچى بولمايدۇ،بەلكى دۆلەتنىڭ دۇچ كەلگەن تەغدىرى سەۋەپچى بولىدۇ.كۆپ قىسىم ھاللاردا ماددى مەنپەئەت دۆلەتلەر ئارا بۇ رولنى ئالىدۇ،  ھەتتا ناھايىتى ئاز ساندىكى بەزى دۆلەتلەر مەنپەئەت ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئۇلۇغۋار نەزىريەلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلىدۇ . بۇنداق ھەركەتلەرنى سىياسى شوئارنىڭ ئېمىزگىسىنى كۆپرەك ئېمىپ كەتكەن ئاۋام بىچارە سىياسىغا يۈكلەپ قويۇشقا ئامراق.

    بۈگۈنكى كۈندە ئورۇسلار ئۆزىگە قارىتىلغان، قارشىلىق، تېرورلۇق  ھەركەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا خەلقارا جەمىيەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كەلگەندە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئەمەس بەلكى سۇكۇت قىلىشىغا ھەتتاكى تېرورچى ئاتالغان كۈچلەرگە ئاستىراتتىن ياردەم بېرىشىدەك مۇئامىلىگە دۇچ كەلدى. ئوروسلار "تېرورلۇقتا قوش ئۆلچەم قوللاندى" دەپ ئامىرىكىدىن ئاغرىندى ،بىراق ئۆزلىرى سوتسىيالىزىمدىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئىدىلوگىيە قەدىمىدىمۇ مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن قوش ئۆلچەم قوللانغان ئىدى .

    ماركىسىزىم ئەسلىدىكى سەرگەردان ئىدىلوگىيەدىن سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن غايىسىدىكى دۆلەت ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە جانلىق نەزىريەگە ئايلاندى .

    سوۋېت ئىتىپاقى دۆلەت سىرتىدىكى سوتسىيالىزىم كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش ۋە سوتسىيالىزىمنى خەلقارالاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى بىر قاتار ئاكتىپ ھەركەتلىرى ۋە كۈرەشلىرى بىلەن ئۆز ئەجرىگە يارىشا سوتسىيالىزىم لاگىرىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدە كېڭىيىش توھپىسىنى ياراتتى.

    كۆپلگەن ئەل خەلىقلىرىگە ئۆخشاشلا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر "ئوروس كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىگىدە تاجاۋۇزچى جاھانگىرلار ئۇستىدىن غالىپ كېلىپ" ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇشتى ھەم ئوروس كومپارتىيىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا "چوڭ قەدەملەر بىلەن تەرەقىيات يولىغا قەدەم قويدى" .

    بىراق مەمتېلى تەۋپىق، «قانداقتۇ بىر ئىدىيە سەۋەبى بىلەنلا ،ئوروسلارنىڭ ئەسلى خاراكتىرىنىڭ  بىراقلا ئۆزگۈرۈپ كېتىشىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ». دىگىنىدەك ئۇلارنىڭ ماركىسىزىم بايرىقى سايىسىدە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ ھەممىسىلا « ئىنسانىيەتنىڭ ئازاتلىق ئىشلىرى ئۈچۈن» دىگەن مەخسەتتە بولىۋەرمىدى.

    ئۇلار نۆۋىتىدە ماركىسىزىم نەزىريىسى بىلەن قوراللانغان جوڭگو گوڭچەنداڭىنى قوللاش ئورنىغا ماركىسىزىمنىڭ دۈشمىنى گومىنداڭنى قوللىغانلىقىدەك مەنپەئەت ئەلا نەزىريىسىدەك مەنپەئەتپەرەسلىكنى چار پادىشا دەۋرىدىكىدەكلا قىلىۋەردى.

    "ئاۋرورا"ناملىق پاراخوتتىكى توپ ئاۋازى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەمەس بەلكى يەنىلا كونا ئىمپىريالىزىمنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بەلگە بەردى.

     مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى»نىڭ خاتىمىسى دەل ئوروس كومىنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئوينىغان بىر قاتار ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت . بۇ ئىنقىلاپ دەسلىپىدە ئاددى خەلقنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى بولسىمۇ بىراق كېيىنچە ئوروس كومىنىستلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانى شېڭشىسەيدىن ئۆچ ئېلىش ھېساۋىغا ئازاتلىق ،ئەركىنلىك تاماسى بىلەن قوزغۇلۇپ چىققان   ئاممىنى ئالداپ قىرغىنچىلىققا تۇتۇپ بەرگەنلىگىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئوروسلارنىڭ قىسقىغىنە ئوننەچچە يىل ئىچىدىكى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىككى  ئىنقىلاپنى، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش ھېيلىسى ھەقىقەتەن دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ زور شەرمەندىلىكتۇر.

    1939-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومومىيۈزلىك پارتىلىدى.

    گېتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇش دەسلىۋىدىكى غەلىبىسى دۇنيانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقىدا ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشقا باشلىدى.

    بۇ مەزگىلدە ئوروس كومىنىستلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى ئاساسى جەھەتتىن كونتۇرۇل قىلىۋالغان شىڭشىسەي ،ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىگە قاراپ ئوروسلارغا ئەگىشىۋېرىشتىكى ئىستىقبالنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئىشخانىسىدىكى لېنىننىڭ ھەيكىلىنى تاشلىۋېتىپ ئۆزىنىڭ كومىنىستلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە ئوروسلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ .شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھەركەتلىرىنى ۋە تەسىرىنى ئۈزىل-كېسىل تازىلاشقا باشلايدۇ .

    بۇ خىل ئاسىيلىق دېپلوماتىيەسىنى كۆرگەن ئوروس كومىنىستلىرى ئۆزىنىڭ بۇ سابىق مەسلەكدىشىنى جازالاش قارارىغا كېلىدۇ .ئەلۋەتتە نېمىس قوشۇنلىرى بىلەن ئاران ئۇرىشىۋاتقان قىزىل ئارمىيەدىن يەنە قوشۇن تەشكىللەپ بىرەر باھانە بىلەن قايتىدىن شىنجاڭغا جازا يۈرۈش قىلىش مۈمكىنچىلىگى خەلقارادىكى ئارانلا تۇرغان نوپۇزى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زور زىيان ئېلىپ كېلەتتى.

    مۇشۇنداق ۋاقىتتا قومۇل ئىنقىلاۋى ئوروس كومىنىستلىرى ۋە شىڭشىسەي تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، شىمالىي شىنجاڭدا يەنە باشقىدىن قارشىلىق ھەركەتلىرى باشلىنىدۇ .بۇ ھەركەتلەر ئۇلغىيىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە ئوروس كومىنىستلىرى قىزىقىپ قالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ھەر-خىل قىيىنچىلىقتا تۇرغان بۇ  قوزغۇلاڭ ،پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەييار بىر كۈچكە ئايلىنىدۇ .دەل مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ بىر قىسىم موسكىۋادا ماركىسىزىم تەربىيىسى ئالغان كۈچلىرىنى ئىنقىلاپ ئىچىگە سىڭدۈرۈپ كىرگۈزىدۇ ۋە ھەربى ياردەم بېرىش ، نامرات خەلقنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئاجىز ئېھتىياجلارنى قاندۇرىدىغان شوئار نەزىريەلەرنى ۋەدە قىلىش بەدىلىگە ئۇلارنى ئىنقىلاۋى ئامما ئىچىدە ئابرويغا ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئەمەلىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ ياردەم  بېرىدۇ.

    ئەڭ كۈلكىلىك يېرى ئىنقىلاپ رەھبەرلىرىنىڭ بەزىلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ زىمىندا يۈز بەرگەن خەلق ئىنقىلاپلىرىنى باستۇرۇش ۋە يەرلىك ئىلغار زاتلارنى قىرىپ يوقىتىش ھەركەتلىرىگە بىۋاستە ھەم ۋاستىلىق قاتناشقانلار ئىدى .ئۇلار قوشۇنغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن ئىنقىلاپنىڭ ئەسلىدىكى رەھبەرلىرىنى سىقىپ چىقىرىپ ،ھوقۇقنى قولغا ئېلىۋالىدۇ، ئىنقىلاپ جەريانىدا بەزىدە ئوچۇق ئاشكارا خاتا ئۇرۇش بۇيرۇقلىرنى چۈشۈرۈپ ئەسكەرلەرنىڭ بىھۇدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا سەۋەپچى بولسا ،بىر تەرەپتىن ئۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىشىگە ھەر خىل ئاماللار بىلەن يول قويمايدۇ

    بۇ سوۋېت پەرەس ۋە ئاتالمىش "كومىنىست" لار قوشۇننىڭ ئاساسلىق ھوقوقىنى قولغا كىرگۈزىۋالغاندىن كېيىن ئىنقىلاپنىڭ ئەسلى پىروگىراممىسى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانى ئاستا-ئاستا تۇنجۇقتۇرىلىدۇ ۋە بۇرىلىدۇ.ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلەرنى خالتا كوچىغا باشلاپ قويىدۇ .

    ئوروس كومىنىستلىرى كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن قانلار تۆككەن ئىنقىلاپچى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىنى ساتقاندەكلا سېتىۋېتىدۇ..

    ئىشنىڭ ئاخىرقى ماھىيىتىنى كۆرۈپ يەتكەن بەزى قىسىملار قورالنى دۈشمەندىن قايتۇرۇپ ئاتالمىش«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى»غا قارىتىدۇ، بىراق ۋەزىيەتنىڭ پايدىسىزلىغى ،ئەمەلىي كۈچنىڭ ئاجىزلىغى سەۋەبى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيسى ۋە ئاتالمىش "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى »كۈچلىرىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىغا ئۇچرايدۇ....

    شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ خەلقى،ئالدىنقى قومۇل ئىنقىلاۋى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى تېرورلۇق ۋەزىيىتىگە يەنە دۇچ كېلىدۇ.....

    ئەڭ ئاخىرقى ئوغلىنى جەڭگە يىغلاپ ئۇزۇتۇپ ،يالغۇز قالغان ئانىلارنىڭ ئارزۇسى ئارزۇ پېتى قالدى .مىسكىن بالىلىرىنى ياخشىراق كۈن كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئاخىرقى دەسمايىسى بولغان ئورۇق تېنىنى جەڭگە ئاتىغان ئاتىلار ئۈنۈمسىز قۇربانلىق پېتى قېلىۋەرىدى. .......

    ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق ئاتالمىش ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ خاتىمىسىنى يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر قوزغۇلاڭ بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئەڭ ئاددى ۋە تۈپكى سەۋەبى شۇكى بۇ ئىنقىلاپنىڭ مەخسەت ۋە رولى ئۆزىنىڭ ئەسلى لىنىيىسىدىن چىقىپ كېتىپ ،ئەڭ ئاخىرىدا يەرلىك ھەقىقى ئىنقىلاپچىلارنى باستۇرۇش رولى ئوينىغانلىقىدا .

    ئورۇسلارنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ئېمىزگىسىنى ئېمىپ يۈرگەن بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئاخىرقى رەھبەرلىرىمۇ تېگىدىن ۋاپاسىز ئىگىسىدىن ياخشىلىق كۆرمىدى. خۇددى كومىنست رەھبىرى سىتالىن ئەتراپىدىكى مەسلەكداشلىرى تەرىپىدىن قانداق يوقىتىلغان بولسا ئۇلارمۇ شۇنداق نائېنىق يوقىتىلدى.  

    ئەمەليەتتە، ئورۇس ھاكىمىيىتىنىڭ  ئاپتونومىيە تەرەپدارلىرى بىلەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمىدى. ئورۇس قانۇنى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى "پۇرۇلتارىيەتنىڭ دۈشمىنى" قاتارىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولسا،ئاپتونومىيەچىلەرنى پارتىيەنى تازىلاش نامىدا مەخپى باستۇردى ياكى سوغۇق سۈرگۈندە قىيناپ ئۆلتۈرۋەتتى.يۇقۇرىدا مەمتېلى تەۋپىق ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئورۇس كومىنىستلىرى ،چار ئورۇسلاردىن قىلچە پەرق قىلمىدى.ئاپتىنومىيەچىلەرنىڭ نامى تارىخ بېتىدىمۇ ئېنىقسىز مۇرەككەپ زىدىيەتنى قالدۇرۇپ قويدى.قىسقىسى ئاپتونومىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئاخىرقى تەغدىرى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتى.

         

    بىراق تارىخ باشقىچە يېزىلدى .شەرىقتىن چىققان بىر قۇياش پۈتۈن جوڭگو ئاسمىنىنى يورۇتتى ،شۇنداقلا ئۇزۇن يىللار جاھالەتتە قالغان شىنجاڭ ئاسمىنىنىمۇ يورۇتتى .

    ئىلگىرى ياتلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن شىنجاڭ خەلقى، جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىشى بىلەن يامان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى .جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى ئۆزىنىڭ مۇكەممەل دانالىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى،ۋە توغرا يولغا باشلىدى.....

    كومىنىستىك پارتىيە ئاتالمىش 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىن قالغان قوشۇننى بولسا 5-كورپۇس دەپ ئاتىدى. خەلقارادا 5- كورپۇس دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئادەتتە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇزغۇنچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ئېلىپ بارىدىغان ئارمىيەنى ئاتاشقا ئىشلىتىدۇ .

     تارىخ ئىلگىركىلەرنىڭ كېيىنكىلەر ئۈچۈن قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسىدۇر. بۇ مىراس كېيىنكىلەرنىڭ دەستۇر قىلىپ يول ئىزدىشىدىكى رەھنامىسىدۇر .مىللەت تارىخى ئېنىقكى كۆپلىگەن زىدىيەتلىك جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.بۇ زىدىيەتلەرنى كېيىنكىلەرنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن بايقىيالىشى ياكى بايقىيالماسلىغى ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىدە تارىخنىڭ تەكرارلىنىش ياكى تەكرارلانماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

     مەنبە:      http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37344086.html

    分享到: