• ئاياللارغا 100 نەسىھەت

    2009-05-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39095216.html

     

     

    (1- نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ،شۇنى بىلگىنكى سەن ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ۋە ئەڭ ئۇلۇق
    مەرتىۋە ،ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت _ ئىپپەتلىك بۇلۇشتۇر .
    ئىپپەتلىك ئايال گەرچە كەمبەغەل بولسىمۇ ،بىراق مەنىۋى جەھەتتىن بەدۆلەت ھىساپلىنىدۇ .
    ئىپپەتسىز ئاياللار ھەرقانچە بەدۆلەت بولسىمۇ ،كىشىلەر نەزىرىدە پەقىر ۋە ھۆرمەتسىز
    سانىلۇر .بۇيۇنغا تاقىغان مارجانلار ،باش ۋە كۆكرەككە قادالغان ئەۆھەرلەر ،مىليۇنلىغان پۇل
    پىچەكلەر بىلەنمۇ ئىپپەتنى سېتىۋالغىلى بولماس .ئىپپەت شۇنداق زور بايلىقكى ،ئۇنىڭ ئەسلا باھاسى
    يوق .خوتۇن _قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىقلىقىغا ،پۇل _ ماللىرىغا ئەمەس ،بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئىپپىتى
    بىلەن قۇۋانماقلىرى لازىم .

    (2-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ،شۇنى بىلگىنكى ،ياخشى تەسىل كۆرگەن ۋە ئىلىم نۇرى بىلەن
    خۇلقىنى ياخشىلىغان ئايال ھەر يەردە ئىززەت تاپقاي ،ئىلىم _ ئايال ئۈچۈن زىننەت .ئەقلىنى
    نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ھەر بىر ئايال نۇمۇس ، ئىززەت ، ئاياللىق قەدرىنى چۈشىنىپ يەتكەي .
    ئىلىمسىز ئايال بولسا بالا تەربىيىسىدە تۈرلۈك كەمچىلىكلەرگە يول قۇيىدۇ ، ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زۈرۈر
    نەرسىلەر _ نۇمۇس، ئىززەت ، ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەر ئىلىم _ مەرىپەت ئارقىلىق كەسىپ قىلىنۇر .
    بەدخۇلۇق ۋە تېتىقسىز ئەرگە ئۇچىرىغان ئايال ،بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ، ئىرىگە  ئۇنىڭ ناتوغرا
    يولدا كىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىشى ، ئۇنىڭغا ۋەز نەسىھەت قىلمىقى زۈرۈر .

    (3-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئۆز ئەيىبىنى كۆرۈپ تىتەلەيدىغانلار
    باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسە كۆرمەسكە سالىدۇ . ئاللاھ نىڭ تەقسىماتىغا رازى بولغان كىشىلا قۇلدىن
    كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ يۈرمەيدۇ . تاجاۋۇزچىلىق قېلىچىنى سۇغارغان كىشى شۇ قېلىچ بىلەن
    ئۆلتۈرۈلىدۇ . بۇرادىرىگە ئورا كولىغان كىشى ئۇنىڭغا چوقۇم ئۆزى چۈشىدۇ . كىمكى بۇرادىرىنىڭ
    ھۆرمەت پەردىسىنى يىرتسا ، ئۆز ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان بۇلىدۇ . كۆپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ
    خاتالىقى كۆپ بۇلىدۇ . خاتالىقى كۆپ كىشىنىڭ ھاياسى ئاز بۇلىدۇ . ھاياسى ئاز كىشىنىڭ تەقۋالىقى ئاز
    بۇلىدۇ . تەقۋالىقى ئاز كىشىنىڭ ، قەلبى ئۆلگەن بۇلىدۇ . قەلبى ئۆلگەن كىشى دوزاققا كىرىدۇ .
    كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ شۇ خىلدىكى ئەيىبىگە رازى بولغان كىشى ئەخمەقنىڭ دەل
    ئۆزىدۇر .

    (4-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، كىمكى تەپپەككۈر قىلىدىكەن ئىبرەت ئالىدۇ .
    ئىبرەت ئالغان كىشى ناچار ئىش - ھەركەتلەردىن يىراق بۇلىدۇ . ناچار ئىش - ھەركەتلەردىن يىراق
    بولغان كىشى كىلىشمەسلىكلەردىن سالامەت بۇلىدۇ . ئادەمنىڭ شان - شەرىپى باشقىلاردىن بىھاجەت
    بۇلۇش بىلەندۇر . كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بۇلۇش پۈتمەس - تۈگمەس بايلىقتۇر . قانائەتچان بول ، تەما
    قىلما ، تىرىشچان بول ، يېلىنما ، ئىسىڭدە تۇتقىنكى ، تۆۋەندىكى قولدىن ئۈستىنكى قول ياخشىدۇر .
    بايلىقنىڭ ئەڭ ئالىيسى ئەقىلدۇر . يوقسۇللۇقنىڭ ئەڭ تۆۋىنى نادانلىق - ئەخمەقلىقتۇر . ئەخمەقلەر
    بىلەن دوسلىشىشتىن ساقلانغىن ، ئۇ ساڭا پايدا يەتكۈزىمەن دەپ زىيان سالىدۇ . يالغانچىلار بىلەن
    دوستلىشىشتىن ھەم ساقلان .

    (5-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەملەر ئۈستىدىكى ھەقلەر ئىچىدە
    كىشىلەرنىڭ مىننەتلىرىدىن ئېغىر نەرسە بولمايدۇ . مەيلى قانچىلىك چوڭ نەرسە بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر
    يۈزۈڭنى تۆكۈپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭ بىلەن خوشال بۇلۇپ كەتمىگىن . مەيلى نىمىنىلا ئالغىن ،
    يۈز - ئابرويىڭنى سېتىپ ئېرىشكەن نەرسە تولىمۇ قىممەت سېتىۋېلىنغان نەرسىدۇر . قانچىلىك سىناقتىن
    ئۆتكەن كىشى بولىشىدىن قەتئىنەزەر سىرىڭنى بەرمە ، ئېھتىيات قىل ، ئېھتىيات دىمەك دانالىق
    دىمەكتۇر . سىنىڭ سىرىڭ ناۋادا سەن ئۇنى چىڭ ساقلىيالساڭ ئۇ سىنىڭ ئەسىرىڭ بۇلىدۇ . ئەگەر
    ساقلىيالمىساڭ سەن ئۇنىڭ ئەسىرى بولىسەن . ئاقىلنىڭ ھاۋايى -ھەۋىسى تەپەككۈرنىڭ ئارقىسىدا .
    ئەخمەقنىڭ تەپپەككۈرى بولسا ، ھاۋايى - ھەۋەسىنىڭ ئارقىسىدىدۇر .

    (6-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ۋاپادارلىق دوستلۇقنى مۇستەھكەملەيدۇ .
    سەن دۇنيادا ئېرىشكەن ئەڭ ئىسىل نەرسە ئىشەنچىلىك دوستتۇر . ئۆزەڭدىن يۇقۇردىكىلەرنى ئىززەتلە ،
    غەلبە قىلىشقا كۆزۈڭ يەتمىگەن ئىشقا ئالدىراپ ئۆزەڭنى ئۇرما . ئەيىبىڭنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كىشى بىلەن كۆپرەك
    مۇڭدىشىپ تۇرغىن . يالغان ماختاش ،ساختا ھىجىيىشلارغا ئىشەنمە ، يەنە ئاياللارنىڭ دوستلىقى بىلەن
    ئىقتىسادىنىڭ كۆپلىكىگىمۇ ئىشىنىپ كەتمە . سىنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ھەر قانچە كۆپ بولغان
    تەغدىردىمۇ ئۇنى ئېتىبارغا ئالما ، كىشىلەرنىڭ ساڭا قىلغان ياخشىلىقى ھەر قانچە ئاز ، ئاددى بولغان تەغدىردىمۇ سەن
    ئۇنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلما . بىھۇدە ئىشلارغا ئاچچىقلانما .

    (7-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سىنىڭ دۈشمىنىڭ ساڭا قارمۇ - قارشىدۇر .
    قارمۇ - قارشى ئادەملەر بىر - بىرىدىن يىراق تۇرۇشى ۋە بىر - بىرىگە يېقىن يوللىماسلىقى لازىم .
    سەن دۈشمەن دەسسىگەن يەرگە ئېھتىيات قىلغان ، قاتتىق دىققەت قىلغان ھالدا دەسسىگىن .
    دۈشمىنىڭنىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە يىراقلاشقانلىقى سىنى مەغرۇر قىلمىسۇن ،
    بەلكى ئۇ ، ئۇ يەردە ساڭا قىلتاق قۇرۇپ قويغان بۇلۇشى مۇمكىن . دۈشمىنىڭنىڭ قېشىغا قۇرالسىز ،
    ھېمايىچىسىز كىرمە ، دۈشمىنىڭنىڭ قۇرال تاشلىغانلىقى سىنى بېخۇدلاشتۇرۇپ قويمىسۇن ،
    قۇرالنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولغىلى بولمايدۇ . سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدىكى ، دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ .
    ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئارلاشقان ئادەم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ ۋە ئۆزى
    ئاڭلاشنى خالىمىغان نەرسىلەرنى ئاڭلايدۇ .

    (8-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەگەر سەن سىنىڭ سۆھبەتدىشىڭنىڭ
    سەن ياختۇرمايدىغان بىرەر ئىشىنى بايقىساڭ ياكى ئۇنىڭدىن بىرەر ناشايان سۆز چىقىپ كەتكەن بولسا ،
    ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ ، دوستلۇقۇڭنى بۇزىۋەتمىگىن . ئۇنىڭ خاتا كەتكەن سۆزىنى تۈزەتكىن ،
    ناشايان ئىشلىرىنى ياپ ، دوستلىقىڭنى ساقلاپ قال ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلما ، تەسىرگە ئۇچۇرغۇچى ئەمەس ،
    تەسىرگە ئۇچۇراتقۇچى بول.
    كۆپ ئۇخلىغان ئادەم ئۆمرىگە بەركەت تاپالمايدۇ . كۆپ يىگەن ئادەم ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تاپالمايدۇ .
    قوغلىغانلارنىڭ ھەممىسى تۇرىۋەرمەيدۇ . قاچقانلارنىڭ ھەممىسى قۇتۇلۇپ قېلىۋەرمەيدۇ .
    دوست ساقلاش ، پۇل ساقلاشتىن ياخشىدۇر . پۇلنىڭ بىرىنى بىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ ،
    دوستنىڭ بىرىنى بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ .

    9-
    نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بىز ئارزۇ - ئارماننىڭ بىر كۈندىلا ئەمەس ،
    بەلكى مەلۇم جەرياندا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا كامىل ئىشەنگەن چېغىمىزدا ،
    ئاندىن  سەۋرىچانلىقنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىشكە باشلايمىز . سەۋرىچانلىقىنىڭ
    جەۋھىرى - ئۇنى ئىنسانىيەت زورلاپ تاڭغان ۋاقىت جەدىۋىلىگە بېقىندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەمەس ،
    بەلكى ھاياتلىقنىڭ تەبىئى رېتىمىنى قۇبۇل قىلىش ، خۇداغا شۈكۈر ، سەۋرىچانلىق مانا مۇشۇنداق نەرسە ،
    بىز بۇنىڭدىن خوشال بۇلۇشىمىز كېرەك . بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەم خىزمەت ئورنىدا قالتىس ھەمكارلىشىش روھىغا ئىگە ،
    ئەمما ئۇ ئۆيىنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ كىرىشى بىلەنلا باشقىچە بىر ئادەم بۇلۇپ قالىدۇ .
    قارىغاندا بىز تېخى شۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولساق كېرك ، بىزنىڭ جۆرىمىز ، بالىلىرىمىز بىزنىڭ تۇتقان ئەمىلىمىزگە زادىلا قىزىقمايدۇ .

    (10-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال  ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن گەپنى قانچە ئاز قىلساڭ ،
    شۇنچە قالتىس ھەم شۇنچە سالاپەتلىك كۆرىنىسەن . چۇنكى ، سىنىڭ سۈكۈتىڭ باشقىلارنى قورۇندۇرۇپ قويىدۇ ،
    ئادەم ئەسىلىدىنلا باشقىلارنى چۈشۈنىشكە قىزىقىدىغان مەخلۇق ، ئۇلار سىنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ ،
    ناۋادا سەن مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئېتىياتچانلىق بىلەن تىزگىنلىيەلىسەڭ ، ئۇلار سىنىڭ مەخسىدىڭنى بىلىشكە ئامالسىز قالىدۇ .
    ھەقىقىي دانا كىشىلەر باشقىلارنى ئۆزىگە رەخمەت ئېتقۇزۇشقا ئەمەس ، بەلكى ئۆزىگە ھاجەتمەن قىلىۋالىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ .
    چۇنكى ، باشقىلار ساڭا ھاجەتمەن بولسا ، سىنى ھەرگىز ئۇنتىمايدۇ ، رەھمەت - ھەسقاللا بولسا ھە دىگەندىلا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ .

    (11-
    نەسىھەت )

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر كۈلۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
    چۇنكى ئۇلار باشقىلارغا ئەخمەقتەك كۆرۈنۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ ، ئۇلار ئۆز ھىسىياتىنى ئاشكارلاشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ ،
    چۇنكى ھەقىقىي قىياپىتىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار باشقىلارغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ ،
    چۇنكى باشقىلارغا چېتىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ . ئۇلار باشقىلارنى سۆيۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
    چۇنكى باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلمەي قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار ئۈمۈد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
    چۇنكى ئۈمۈدسىزلىككە ئۇچۇراپ قېلىشتىن قورقىدۇ . ئۇلار يېڭىلىقنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
    چۇنكى مەغلۇپ بۇلۇپ كىتىشىدىن قورقىدۇ .

    ئون ئىككىنچى نەسىھەت

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەگەر مال - مۈلكىڭدىن ئايرىلساڭ ئازراقلا نەرسەڭدىن ئايرىلغان بولىسەن . ئەر شان - شەرەپتىن ئايرىلساڭ خېلى كۆپ نەرسىدىن ئايرىلغان بۇلىسەن . ئەگەر باتۇرلۇقتىن ئايرىلساڭ ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلغان بۇلىسەن . سۈكۈت ھەرگىزمۇ گۆشۈيۈپ ئولتۇرۋېلىش بولماستىن ، بەلكى قۇرساقتا پىلان تۈزىگەچ تەمكىن قىياپەتنى ساقلاپ تۇرۇش ، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، تەدبىرلىك قۇماندانلارغا خاس سالماق روھىي ھالەت بىلەن قارشى تەرەپنى تېرىكتۈرۈپ ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر . ناۋادا سەن ئىزىلىپ كەتكەن پەمىدۇردەك سۇلغۇن قىياپەتتە تۇرساڭ ، زىياننىڭ چوڭىنى تارتقىنىڭ تارتقان . سۈكۈت كىشىلەرنىڭ ئۆز كۈچى - قۇدۇرىتىنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل ئەپچىل ئۇسۇل .

    ئون ئۈچۈنچى نەسىھەت

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن ناۋادا ئۆزەڭنىڭ قايسى جەھەتتە كۈچلۈك ، قايسى جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى ، باشقىلارنىڭمۇ قايسى جەھەتتە كۈچلۈك ، قايسى جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلەلىسەڭ ھەمدە ئاجىز تەرىپىڭ بىلەن روبىرو كېلىپ قېلىشتىن ئەپچىللىك بىلەن ساقلىنىپ ، كۈچلۈك تەرىپىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرىپىگە زەربە بېرەلىسەڭ ، مۆرىتى كەلگەندە ئۈچۈنچى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بولغان كۈچلۈك - ئاجىزلىق پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزەڭنىڭ «ئاجىز» لىقىڭنى تۇلۇقلىۋالالساڭ ياكى باشقىلارنىڭ «كۈچلۈك» ھۇجۇمىدىن ئۆزەڭنى ساقلىيالىساڭ ، ئۇ چاغدا سەن «ئاجىز» ئەمەس ، بەلكى «كۈچلۈك » ھېساپلىنىسەن !

    ئون تۆتىنچى نەسىھەت

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئىپپەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەك ئۈچۈن ، ئۇنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان ۋە ئاجىرالماس بىر بۆلىكى بولغان خىسلەتلەر بىلەن تونۇشماق زۆرۆردۇر . ھېكىملەرنىڭ يېزىشلىرىچە ، ئىپپەتتە ئون بۆلەك بار : ھايا ، سەۋىر ، تىزگىنلەش ، پاكلىق ، قانائەت ، ئېغىر بېسىقلىق ، ئۇچۇق يۈزلۈكلۈك ، ئىخلاس ، تەرتىپ ، ساخاۋەت . سەن ئۆزەڭنىڭ قايسى جەھەتلەردە ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋال ، چۇنكى سىنىڭ مۇداپىئە كۈچۈڭمۇ شۇ جەھەتلەردە ئاجىز بۇلىدۇ . ناۋادا سەن بۇ ئاجىزلىقلىرىڭنى تۈزىتەلمىسەڭ ، ئەڭ بولمىغاندا ئۇنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن يۇشۇرۇپ قالالمىساڭ ، ئۇ چاغدا رەقىبىڭ ئىككىلەنمەيلا ساڭا قول سالىدۇ .

    ئون بەشىنچى نەسىھەت

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەمىلىيەتتە ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر سائەت ، ھەر بىر مىنۇت پۇرسەت بىلەن تولغان . مەكتەپتىكى ھەر بىر سائەتلىك دەرىسنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت . ھەر بىر قېتىملىق ئىمتىھاننىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت . گېزىتتە خەۋەر قىلىنغان ھەر بىر خەۋەر ، ھەر بىر قېتىملىق سودا - سېتىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر پۇرسەت . ئۇلارنىڭ ھەممىسى  سىنىڭ نازاكىتىڭ ۋە ئەدەپ - دىيانىتىڭنى ، كەسكىنلىكىڭ ۋە جاسارىتىڭنى نامايەن قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزەڭنىڭ سەمىمي خارەكتىرىڭنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەتلەردۇر . ئادەمدە ئىرادىلا بۇلىدىكەن ، ھەر قانداق مۇشكىلاتنى يېڭىپ كىتەلەيدۇ ، غەلبىگە ئېرىشەلەيدۇ ، كىشىلەرمۇ ئۇنداق ئادەمنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ .

    ئون ئالتىنچى نەسىھەت

    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم خىيال قىلىپ قالماستىن ، بەلكى خىيالغا ئىشەنچ باغلىشى ، ئۆزىنى خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك . ئادەم چىكىنىش يولى قويماسلىققا ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىرادە باغلىسىلا ، نى - نى قىيىنچىلقلارغا يولۇققان تەغدىردىمۇ ھەرگىز چىكىنمەيدۇ .  ئەگەر مەخسەتكە يەتمىگۈچە ھەرگىز توختىمايمەن دەيدىغان نىيەتكە كەلسە ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ غەلبە قىلالايدۇ . ئىككىلىنىش ، قورقۇنچاقلىق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قوغلىۋىتەلەيدۇ . قەتئى ئىرادىگە كەلگەن ئەھۋالدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ كۈندەشلىرى يۇشۇرنۇشقا جان تاپالماي قالىدۇ . دەرھال ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇققاندا شۇ ھامان تەدبىر كۆرەلەيدۇ .
    ئون يەتتىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم ئۆزىگە تايىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرەلەيدىغان بولغاندا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ داغدام يولىغا مېڭىشقا باشلىغان بۇلىدۇ . ئادەمنىڭ باشقىلارغا تايىنۋىلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋاختى ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقدىدارىنى ئۇرغۇتقان ۋاختى بۇلىدۇ . ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقدىدارىنى نامايەن قىلالمىسا ،  ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بايان قىلالمىسا ، ئەمىلىيەتتە بۇ كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىكتۇر . ئۆزىنىڭ ئوي - پىكىرى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ ، ئىشەنچ ئاشۇرۇپ ، تىرىشىپ ئىشلەش ، ئادەمنى تەبىئى يوسوندا مۇكەممەل نەتىنجىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ . نامىراتلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس ، ئەڭ قورقۇنۇچلىقى ئىدىيىدىكى نامىراتلىق ، جۈملىدىن ئۆزىنى تۇغۇلۇشىدىنلا نامىرات يارالغان دەپ قاراشتىن ئىبارەت .
    ئون سەككىزىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم يۈكسەك شىجائەتلىك ، ئىرادىلىك ، چىداملىق بولغاندا ، دۇنيا ئۇنىڭغا چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ . ئىرادىسى ۋە چىدامچانلىقى ئاجىز كىشىلەر بولسا ھەممىشە باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچىراپ ، ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . ئادەم ئۆزى بىلەنلا  بۇلۇپ كەتسە ياكى ئۆزى ئۈچۈنلا چوت سوقسا ، بۇنداق ئادەمنىڭ ھېچقانداق خەلىپكارلىقى بولمايدۇ ھەمدە باشقىلار ئۇنىڭدىن زېرىكىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بېرىش - كىلىش قىلىشىنى خالىمايدۇ . مۇۋەپپەقىيەت يولىدا ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن سەمىمىيەت ۋە ئىناۋەتتىن تاپقان ئابروي ئەڭ ياخشى ئېلاندۇر . گۈزەللىكتىن ھوزورلىنالمىسا ، ئادەمدە ئېسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرىدىغان بىر چوڭ ئامىل كەم بولغان بۇلىدۇ .
    ئون توققۇزىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، سەمىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەقىقىي كۈلۈشنى بىلىڭ ، بىراق يىغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ،  كەلگۈسىڭىزگە كۆز تىكىڭ ، بىراق ئۆتمىشىڭىزگىمۇ سەل قارىماڭ . باشقىلارغا ئېغىر  بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ ، بىراق ھەددىدىن زىيادە سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىۋالماي ، خۇشپېئىل ۋە كەمتەر بۇلۇڭ . بۇلار سىزگە ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقنىڭ تۈز كۆڭۈللۈكتە ، ھەقىقى ئەقىل - پاراسەتنىڭ كەمتەرلىكتە، ھەقىقىي قۇدۇرەتنىڭ سىپايىلىكتە ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ . بۇ ئۇقۇملار ئىرادىڭىزگە كۈچ - قۇۋۋەت ، تەسسەۋۇرۇڭىزغا ھەقىقىي قىممەت ، ھېس - تۇيغۇلىرىڭىزغا ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ . غالىبلارنىڭ مەغلۇبىيەتچىلەردىن ئارتۇق يېرى شۇكى ، ئۇلار نىمە ئىش بىلەن شوغۇللانمىسۇن ، خىزمىتىنى ئويلىغىنىدىنمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدۇ .
    يىگىرمىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، نىكاھتا كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى بەركەت بار ! خىراجەت ئازىيىپ ، مال - مۈلۈك كۆپىيىدۇ . ئەر - خوتۇن ئۆزى قىلالايدىغان ئەركىن كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ ھالال تۇرمۇش كەچۈرۈش كويىدا بۇلىدۇ ، باياشاتلىققا ئېرىشىدۇ . ۋاپادارلىق ساداقىتى كۈچىيىپ ، ئىپپەت نۇمۇسى ساقلىنىدۇ . ئىسسىقلىق ، مىھرى - مۇھەببەت پەيدا بۇلۇپ ، كۆڭۈللۈك ، ھوزورلۇق تۇرمۇش باشلىنىدۇ . كىشىلەرگە ياخشى نىيەتتە نەپ يەتكۈزەلەيدۇ . كىشىلەر يەتكۈزگەن نەپنى پاك ھالدا سەمىمىي قۇبۇل قىلالايدۇ . ھارامدىن ، تەمادىن يىراق تۇرالايدۇ . نىكاھتىن كىيىن بىر - بىرىگە ۋاپادار بولغان ئەر - ئايال ئۆزلىرىنى يالغۇز ، بىچارە ئەمەس ، بەلكى ئۆم ، كۈچلۈك ، قابىل ساناپ بىخەتەر ياشايدۇ . ھايات يولىدا قىيىنچىلىقنى بىرگە يېڭىپ ، توسقۇنلۇقنى يوق قىلالايدۇ .
    يىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ۋاقىت ئەڭ ئادىل ۋە لىللا كىلىدۇ . ئۇ ئۆزىنى ھېچكىمگە ئارتۇق بېرىشنى خالىمايدۇ . بۇ ئەڭ ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا  ئىشچانلار بىلەن ھورۇنلارنى پەرق ئىتىشنىڭ سىناق تېشى بۇلۇپ قالغان . ئىشچانلار ۋاقىتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مىۋە بەرگۈزەلەيدۇ ، ھورۇنلار  ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈپ ، قېرىپ ئاخىرى ئارماندا قالىدۇ . كىمكى مەڭگۈ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، بوشاشماي ئىشلىسە ، ۋاقىتنىڭ خۇجايىنى بۇلالايدۇ . ھەقنى سائەت بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەملەر ھەقنى ئاي بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ، ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ چوڭغۇر ھېس قىلالايدۇ . چۇنكى ۋاقىتنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ، ئۆزىڭىزنى ھەقنى سائەت بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەم دەپ قارىشىڭىز كېرەك !
    يىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بىر كۈندە 24 سائەت ۋاقىتتىن توغرا پايدىلىنىش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوختىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماق لازىم : بىرىنچى ، ئەتىگەندە ئورۇندىن دەرھال تۇرۇش ، ئىزىلىپ ئۇخلاۋەرمەسلىك كېرەك . ئىككىنچى ، ھەر كۈنلۈك كۈرەش نىشانىڭىز ئېنىق ، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلۇشى لازىم . كۈن بۇيى ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان بۇلۇشىڭىز كېرەك . ئۈچىنچى ، خىزمەتتە ، ئۆگۈنۈشتە ، ھەتتا كىشلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە يېڭى شەيئى ، يېڭى بىلىملەرنى بايقاشقا ۋە قۇبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . تۆتىنچى ، ۋاقىتنى ئەھمىيەتسىز مىھماندارچىلىق ئۈچۈن سەرىپ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك ، ۋاقىتنى جانلىق ئىشلىتىش ۋە ئىگەللەش لازىم ، تۇرمۇشنى بەك ئۆلۈكمۇ قىلىۋەتمەسلىك لازىم .
    يىگىرمە ئۈچىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم خوش مۇئامىلىلىك بولغىنى بىلەن مىھرىبانلىقنى ، غەمگۇزارلىقنى بىلمىسە ، بىراۋنىڭ مۇشكۈلىنى ئاسان قىلماي ، پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلسە ، ئۇنداق ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ . ئائىلىدىكى ئېتىبارسىزلىق ئەر كىشىنىڭمۇ ، ئايالنىڭمۇ كۆڭلىنى سوۋىتىدۇ . ئۇ چاغدا ئەر كىشى ئۆيگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي چايخانىدا ، يار - بۇرادەر ، دوستلىرىنىڭكىدە ۋە باشقا جايلاردا يۈرۈشكە ئادەتلىنىدۇ ، شۇ تەرىققىدە ئاتا ، خوتۇن ۋە پەرزەنتلەر بىر - بىرىدىن يىراقلىشىپ بارىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن باشباشتاقلىق ۋە يامان ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كىلىدۇ . بۇنداق ئائىلىدىكى پەرزەنتلەر لۈكچەك ، تەرتىپسىز ۋە مۇغەمبەر بۇلۇپ يىتىشىدۇ . ئاخىرىدا ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىك كۈچۈيۈپ ، ئادەم بەخىتسىز ھايات ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بۇلىدۇ .
    يىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، تەغدىرچىلىك بىر خىل چىرىكلەشكەن ئېتىقاد ، كۈچلۈكلەر ئۇنى ھەرگىز قۇبۇل قىلمايدۇ . شۇڭا ، مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن ، ھەرگىز روھىڭنى چۈشۈرمە ، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلما ، كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار روھىڭغا ۋە ئىرادەڭگە زىيان يەتكۈزمىسۇن .  كۆز ئالدىڭدىكى ئازاپ ۋە بەخىتسىزلىكلەرنى كۆرۈپلا جاھاندىن تېزىپ كەتمە ، ئۇنىڭغا قەيسەرلىك بىلەن تاقابىل تۇرساڭلا ، تېخىمۇ پىشىپ يىتىلىسەن . ياشاش ئۈچۈن قەيسەرلىك ، ئىشەنچ بىلەن كۈرەش قىل ، شۇندىلا ھاياتتا ھەقىقىي خوشاللىقا ئېرىشەلەيسەن ، ئەكىسچە ، سەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىساڭمۇ ، لېكىن تەۋەككۈل قىلىشتىن ، ئۆلۈمدىن قورقساڭ ، ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن . ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە شەخسكە بۇ پىرىنسىپ باب كىلىدۇ .
    يىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، جىدەل - ماجرا ئۆكسىمەيدىغان ئائىلىدە ئۆسكەن بالىلارمۇ ياخشى تەربىيە ئالالمايدۇ . ئەر - خۇتۇن كۈنلەپ ، ھەتتا ئايلاپ بىر - بىرىگە ماي تارتىشىپ يۈرسە ، بالىنى تەربىيلەش ، كۈتۈش ۋە باشقۇرۇش ئىشى بىر چەتكە قايرىلىپ قالىدۇ - دە ، بالىنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ ، زېھنى قۇۋىتى ئاجىزلاپ كىتىدۇ . ئاتا - ئانىلار بىر - بىرىنى ئەپسانە سۆزلەر بىلەن تىللىسا ، بالىلار بۇ ئەپسانە سۆزلەرنى ئۆگەنگەننىڭ ئۈستىگە ، « ئاتا - ئانام مۇشۇنداق كىشىلەر ئوخشايدۇ » دىگەن يامان تەسىراتنى ئېلىپ قالىدۇ - دە ، بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسىغا بولغان تۇنۇشى ئۆزگىرىپ ، مېھرى كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ . بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار ئاغزى يامان ، ئەدەپسىز ، ئادەم تىللىغاق بۇلۇپ قالىدۇ .
    يىگىرمە ئالتىنچى نەسىھەت
    ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى مۇھەببەت بىلەن ئەدەپ - ئەخلاق قوشكىزەك بۇلۇپ ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇلار بىر - بىرىگە تايىنىپ كۆكلەيدۇ ۋە مىۋە بېرىدۇ . ھەر قانداق كىشىنىڭ قىلىۋاتقان سۆزىگە قاراپ ، ئۇ كىشىنىڭ روھى دۇنياسى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتىگە باھا بەرگىلى بۇلىدۇ . چۇنكى  ، تىل ئىنسان قەلبىنىڭ ساداسى بۇلۇپ ، ئادەمنىڭ روھى دۇنياسى.

    分享到: