• زادى كىم ئۆزگەردى؟

    2009-05-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39098212.html

    زادى كىم ئۆزگەردى؟

    ئېرى دەيدۇ : خۇتۇنۇم ئۆزگصىرۋالدى ، كېچىككىنە ئىش ئۈچۈنمۇ كوتۇلداپ كېتىدۇ ، بارغانسېرى ئانامغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ .

    خوتۇنى دەيدۇ : ئېرىم ئۆزگىرۋالدى، كۈن بويى ئويناشنىلا بىلىدۇ ، ئۆينىڭ ئىشى بىلەن كارى يوق ، بارغانسېرى ئوغلۇمغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ .

    مۇئەللىم دەيدۇ : ئوقوغۇچىلار ئۆزگۈرۈپ كەتتى ، ساپاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى ، كېچىكلا تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ ، دائىم دەرستىن قالىدۇ ، ئاندىن ھە دەپ دەرستىن سېرتقى كۇرسلارغا يۈگرەيدۇ .

    ئوقوغۇچىلار دەيدۇ : مۇئەللىملەر ئۆزگۈرۈپ كەتتى ، پۇل تېپىشنىلا بىلىدۇ ، دەرسنى چىن كۆڭلىدىن ئۆتمەيدۇ ، نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى دەرستىن سېرتقى كۇرسلارغا قالدۇرىدۇ ، بىزنىڭ قاتناشماي ئېلاجىمىز يوق ، ھېيت- بايراملاردا يەنە << كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلمىساق بولمايدۇ >> .

    دوختۇر دەيدۇ : بىمارلار ئۆزگەردى ، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش بارغانچە تەس بولۇۋاتىدۇ ، دورىنى كۆپرەك بېرىۋەتسەكلا قويۇلۇپ كەتتىم دەيدۇ ، كېچىككىنە چاتاق چىقسىلا ئەرز قىلصدۇ .

    بىمارلار دەيدۇ : دوختۇرلار ئۆزگۈرۈپ كەتتى ، << ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر >> نىڭ ئالىيجاناپلىغىنى ئەمدى كۆرگصلى بولمايدۇ ، ئۇلار ماشىنىغا تايىنىپ ئومۇمصيۈزلۈك تەكشۇرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ ، يەنە تېخى << قىزىل بولاققا >> ئامراق .

    سودىگەر دەيدۇ : ئىستىمالچىلار ئۆزگۈرۈپ كەتتى ، بارغانسېرى مالدىن تولا ئېۋەن ئىزدەيدۇ ، ھېچنىمىدىن - ھېچنىمە يوقلا ئىستىمالچىلار جەمىئيىتىگە ئەرز قىلىدۇ.

    ئىستىمالچىلار دەيدۇ: سودىگەرلەر ئۆزگۈرۈپ كەتتى . بارغانسېرى پايدىنى كۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى ، پۇل تېپىش يولىدا ھەرقانداق ۋاستىلەردىن باش تارتمايدۇ ، مېلىغا ساختىلىق ئارصلاشتۇرۇپ، پۇخرالارغا زىيان سالىدۇ .

    رەھبەرلەر دەيدۇ : ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆزگۈرۈپ كەتتى . ئىشتا ئاكتىپ ئەمەس ، ئىلگېركىدەك جاپاغا چىداپ باش چوكۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار يوق ، يەنە تېخى رەھبەرلەرگە يانىدۇ .

    خادىملار دەيدۇ : رەھبەرلەر ئۆزگۈرۈپ كەتتى ، ئىگىلىك يارىتىش مەزگىلىدىكى جاپاغا چىداش ، تۆۋەندىكىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش دىگەنلەر تارىخقا ئايلىنىپ قالدى ، ھازىر ئۇلار ئاسانلا چېچىلىپ خاپا بولصدصغان ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدىغان بولۇپ قالدى .

    ئەمەلدارلار دەيدۇ : پۇخرالار ئۆزگۈرۈپ كەتتى ، كېچىككىنە ئىش بولسىلا يۇقصۇرىغا ئەرز قىلصدۇ ، ھەدىسىلا << بىنادىن ئۆزۈمنى ئاتىمەن >> دەپ جامائەتنىڭ دېققىتىنى جەلپ قىلصدۇ .

    پۇخرالار دەيدۇ : ئەمەلدارلار ئۆزگۈرۈپ كەتتى ، پۇخرالارغا ئاتىدارچىلىق قىلصدىغانلارنى تاپقىلى بولمايدۇ . كۈن بويى مەدھىيلەشنىلا بىلىدۇ . ئاتالمىش سىياسىي نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىلا قوغدايدۇ ، ئاستىرىتتىن بولسا پارا يېيىشنى ، چېرىكلىشىشنى ، ئاشنا تۇتۇشنىلا بىلىدۇ .

    زادى كىم ئۆزگەردى؟
    分享到: