• لوقمان ھەكىمنىڭ 300 نەسىھىتى...

    2009-05-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39098911.html

    لوقمان ھەكىمنىڭ 300 نەسىھىتى...
    1. ئەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇ.
    2. كىمگە پەند- نەسىھەت قىلساڭ ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
    3. سۆزنى ئۆز قەدرىڭگە لايىق قىل.
    4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
    5. ھەممىنىڭ ھەققى- ھوقوقىنى چۈشەن.
    6. سىرىڭنى مەخپىي تۇت.
    7. دوستۇڭنى قېيىن كۈندە سىنا.
    8. دوستتىن پايدا- زىياندا ئىمتىھان ئال.
    9. ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ.
    10. دانا ۋە زېرەك دوستنى دوست تۇت.
    11. ياخشى ئىشقا مەھكەم كىرىش.
    12. ئايال كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە.
    13. ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.
    14. سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە.
    15. ياشلىقنى غەنىيمەت بىل.
    16. ياشلىقتا ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال.
    17. دوست- يارەنلىرىڭنى ئەزىز بىل.
    18. دوست- دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.
    19. ئاتا- ئاناڭنى غەنىيمەت بىل.
    20. ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل.
    21. خەجنى كىرىمگە قاراپ قىل.
    22. ھەممە ئىشتا ئورتاھال يول تۇت.
    23. ئالىيجانابلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل.
    24. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدىدەك قىل.
    25. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل.
    26. كىيىم- كېچەك ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
    27. جامائەت بىلەن بىللە بول.
    28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگەت.
    29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت.
    30. ئۆتۈك ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن، سېلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا.
    31. بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.
    32. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.
    33. ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
    34. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە زورلىما.
    35. ھەر ئىشنى ئاۋۋال ئويلاپ چارە- تەدبىر بىلەن قىل.
    36. ئۇقماي ئۇستازلىق قىلما.
    37. خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما.
    38. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى تەمە قىلما.
    39. پەسكەشتىن ۋاپا كۈتمە.
    40. ھەرقانداق ئىشنى كەم- كوتسىز دېمە.
    41. قىلمىغان ئىشنى ھېسابقا ئالما.
    42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
    43. ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاقچاق قىلما.
    44. ئۆزۈڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە.
    45. كىشىلەرگە يامان كۆرۈنمەسلىككە تېرىش.
    46. ھاجەتمەن كىشىلەرنى نائۈمىد قايتۇرما.
    47. ئۆتكەن جاڭجالنى ئەسلىمە.
    48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرما.
    49. بايلىقىڭنىڭ مىقدارىنى دوست- دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە.
    50. قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما.
    51. ياخشى ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما.
    52. پەقەت ئۆزەڭنىلا ئويلىما.
    53. كۆپچىلىك قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
    54. بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەگكۈزمە.
    55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىش كولىما.
    56. تۈكۈرۈك ۋە بۇرنۇڭنى يۇقۇرى ئاۋازدا تاشلىما.
    57. ئەسنىسەڭ ئېغىزىڭنى قولۇڭ بىلەن توس.
    58. ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە.
    59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما.
    60. بىراۋنى بىراۋ ئالدىدا خېجىل قىلما.
    61. جىددىي سۆزنى چاخچاققا ئايلاندۇرما.
    62. قاش- كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ، چېقىمچىلىق قىلما.
    63. ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما.
    64. بىراۋنى مەنىسىز كۈلدۈرۈشتىن ساقلان.
    65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىنلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ماختىما.
    66. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك پەردازلىما.
    67. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىۋەرمە.
    68. تىلنى ئايا.
    69. سۆزلەۋاتقاندا قولۇڭنى سىلكىمە.
    70. ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما.
    71. ئېغىۋاگەر ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولما.
    72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ تىلغا ئالما.
    73. ئىلاجنىڭ بارىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما.
    74. بىراۋنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى سىناپ يۈرمە.
    75. چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت، گۇمانخور بولما.
    76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.
    77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
    78. مال- دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىما.
    79. بىراۋ ئۆزىنى بىلمىسە، سەن ئۇنى بىل.
    80. غەزىپىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە.
    81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۈرتمە.
    82. قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما.
    83. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە- كېرەك يېمە.
    84. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماڭما.
    85. باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزىگە قوشۇق سالما.
    86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
    87. كوچىدا ئوڭ- سولغا قاراۋەرمە، ئالدىڭغا قاراپ ماڭ.
    88. ئىمكان بار يايتاق ئۇلاغقا مىنمە.
    89. مېھماننىڭ ھوزۇرىدا بىراۋغا غەزىپىڭنى چاچما.
    90. مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
    91. دىۋانە ۋە مەس بىلەن سۆزلەشمە.
    92. كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما.
    93. پايدا- زىيانغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ئابرويۇڭنى تۆكمە.
    94. مەمەدان ۋە تەكەببۇر بولما.
    95. باشقىلارنىڭ ساڭا خۇسۇمەت قىلىشىدىن قاچ.
    96. جېدەل ۋە پىتنىدىن قاچ.
    97. پىچاقسىز، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
    98. ئۆزۈڭنى خارلىماسلىققا ئىنتىل.
    99. ئاددىي- ساددا، كەمتەر بول.
    100.ئاللاھتىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، چوڭلارغا خىزمەت قىلىش، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىش، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت قىلىش، دوست- يارانلەرگە نەسىھەت قىلىش، دۈشمىنىڭگىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلىش، جاھىللارغا سۈكۈت قىلىش، ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا. بىراۋنىڭ مېلىغا تەمە كۆزى بىلەن قارىما.
    201. ﺋﺎﻟﻼﻧﻰ ﻳﻪﻛﻜﻪ-ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻳﺴﻪﻥ.
    202-ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﯞﻩﺯ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯗﯓ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    203-ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    204-ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    205-ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻳﺴﻪﻥ.
    206-ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺳﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺩﯨﻠﯩﯖﺪﺍ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    207-ﺩﻭﺳﺘﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺳﯩﻨﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    208-ﺩﻭﺳﺘﻨﻰ ﭘﺎﻳﺪﺍ-ﺯﯨﻴﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    209-ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ،ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﭼﻘﺎﻳﺴﻪﻥ.
    210-ﺋﺎﻗﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻘﺎ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    211-ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﺎﯞﺍﺑﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺳﻪﺋﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    212-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﺎﻗﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    213-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    214-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺩﻩﻟﯩﻞ-ﮬﯚﺟﺠﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    215-ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    216-ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    217-ﺩﻭﺳﺖ-ﻳﺎﺭﻩﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻣﯚﮬﺘﯩﺮﻩﻡ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﻪﻥ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    218-ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    219-ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻗﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﻪﻧﻜﻰ،ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ.
    220-ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻨﻰ ﻛﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ-ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    221-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﮭﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    222-ﺟﯘﯞﺍﻧﯩﻤﻪﺭﺩﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﯧﺨﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﻪ ﮬﯜﻧﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    223-ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﺍﺟﯩﭗ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    224-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻳﺴﻪﻥ.
    225-ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﺗﻘﺎﻳﺴﻪﻥ.
    226-ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﺋﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    227-ﺑﺎﻻ-ﭼﺎﻗﺎ ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﺩﻩﭖ ﺋﯚﮔﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺳﻪﺋﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    228-ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻘﻪﺩﻩﺭ ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﻕ ﺋﯧﺘﯩﺶ،ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ،ﻣﻪﺷﯩﻖ ،ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ،ﮬﯘﺷﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻳﺴﻪﻥ.
    229-ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ،ﭼﺎﭘﺎﻥ،ﺋﯚﺗﯜﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﻴﮕﻪﻳﺴﻪﻥ،ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﺎﻟﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    230-ﮬﻪﺭ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    231-ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺋﺎﺳﺘﺎ ،ﭘﻪﺳﺮﺍﻕ،ﻛﯜﻧﺪﯗﺯﻯ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    232-ﺋﺎﺯ ﻳﯩﻴﯩﺶ،ﺋﺎﺯ ﺋﯘﺧﻼﺵ،ﺋﺎﺯ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    233-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎﯓ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺍﯞﻏﺎ ﮬﻪﻡ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    234-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    235-ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ،<ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ >ﺩﻩﭖ ﺋﯘﺳﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    236-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺳﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺩﯨﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    237-ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻳﯩﺮ-ﺋﯧﮭﺴﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    238-ﻧﺎﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﭘﺎﻧﻰ ﺋﯩﻤﯩﺪ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    239-ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    240-ﺋﯚﺯﻩﯓ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ <ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ>ﺩﯨﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    241-ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ-ﺋﻪﻣﻪﻟﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    242-ﺋﯚﺯﻩﯕﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻳﯘﻥ-ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    243-ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    244-ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﮔﯘﺳﺘﺎﺧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    245-ﮬﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻧﺎ ﺋﯩﻤﯩﺪ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    246-ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺗﻨﻰ ﺗﻪﮔﻪﭖ ﺋﯘﺭﯗﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    247-ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻳﯩﺮ-ﺋﯩﮭﺴﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﯩﯔ ﺧﻪﻳﯩﺮ-ﺋﯩﮭﺴﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    248-ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﻣﯧﻠﯩﯖﻨﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﻭﺳﺖ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﺭﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    249-ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻢ ﻣﺎﻝ-ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯜﺯﻣﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    250-ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺳﺎﻟﯩﮭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    251-ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺗﻪﻣﻪﻧﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    252-ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻓﻔﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻳﺴﻪﻥ.
    253-ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﮔﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    254-ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    255-ﺋﻪﺳﻨﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    256-ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻜﯜﺭﯛﭖ،ﻣﯩﺸﻘﯩﺮﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    257-ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    258-ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘﺭﻧﯘﯕﻨﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    259-ﺋﯘﻳﯘﻥ-ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    260-ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    261-ﻗﺎﺵ ﻛﯚﺯﯛﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    262-ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    263-ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﻪﺯﻩﺭ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    264-ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ،ﺋﻪﺑﺮﻩﻝ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﺧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    265-ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    266-ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    267-ﻣﺎﻻ-ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﯩﯖﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    268-ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺷﯩﻠﺘﯩﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    269-ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻼﭖ ،ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    270-ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    271-ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    272-ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ-ﺗﺎﻻﺵ ،ﺩﻩﯞﺍ-ﺩﻩﺳﺘﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    273-ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    274-ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    275-ﺋﯚﺯﻧﯧﻨﯩﯖﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﯩﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    276-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    277-ﻣﺎﻝ-ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯘﺷﺸﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    278-ﮬﻪﺭ-ﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻳﺴﻪﻥ.
    279-ﭼﺎﭘﺎﻥ،ﻛﯚﻳﻨﻪﻛﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ-ﺑﯘﺭﻧﯘﯕﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    280-ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺋﻮﻳﻼﭘﺮﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    281-ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    282-ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻣﺎﯕﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    283-ﻛﻮﭼﺎ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ،ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯩﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    284-ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﺴﺎ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    285-ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﯕﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﯖﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    286-ﮬﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﻮﯓ-ﺳﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻳﺴﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﯕﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    287-ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    288-ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻘﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺕ-ﺋﯘﻻﻏﻘﺎ ﻳﺎﻏﯩﻨﺪﺍﻕ ﻣﯩﻨﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    289-ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    290،ﻣﻪﺱ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    291-ﺋﯩﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﻜﺎﺭ،ﺑﯩﭙﺎﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    292-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﺍ-ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﺗﯚﻛﻤﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    293-ﻻﭘﺨﻮﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﻏﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    294-ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﻪ ﺩﻩﯞﺍﮔﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    295-ﺋﯘﺭﯗﺵ-ﺗﺎﻻﺵ،ﭘﯩﺘﻨﻪ-ﭘﺎﺳﺎﺕ ﺑﺎﺭ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﭼﻘﺎﻳﺴﻪﻥ.
    296-ﭘﯘﻟﺴﯩﺰ،ﭘﯩﭽﺎﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺨﻮﺩ ﻳﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ.
    297-ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﺧﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    298-ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.
    299-ﺋﺎﻟﻼﻏﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﯖﻨﻰ ﻗﻪﮬﺮﻯ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯩﮭﺮﻯ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﻪﻳﯩﺮ-ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺩﻭﺳﺖ-ﻳﺎﺭﻩﻧﻠﯩﺮﯨﯖﮕﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﯞﻩﺯ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﯞﺍﺵ-ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﺎﺩﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺟﺎﮬﯩﻞ،ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻏﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻣﺮﯛﯕﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﮔﻪﻳﺴﻪﻥ.
    300-ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ،ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﺋﻪﻛﻪﻟﺴﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ،ﻟﯩﻜﯩﻦ
    ﺟﻮﻏﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ،ﺧﯘﺩﺍ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.

    分享到: