• ھىكمەت ئۈنچىلىرىدىن دۇردانىلەر

    2009-05-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39101889.html

    ھېكىمەت ئۇنچىللىرىدىن دۇردانىلار

    1. بالىلار ئائىلىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك جاي، دەپ ھېس قىلسۇن ، بۇ بىر چوڭقۇر مەنىلىك، چوڭلار بىلىشكە تېگىشلىك ئاقىلانە ئۇسۇل. بۇ خىل گۈزەل ئائىلە ھېسسىياتى مېنىڭچە چوڭلارنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىتىغا ئوخشاش قىممەتلىك.

    2.بىر كىشى ئۆي سېتىپ پۇلغا شۇنداق بىر ئۆي ئالمىسا ، پۇلنىڭ بەركىتى بولماس .

    3.ئەر-خۇتۇن بىر-بىرگە مەرھەمەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قارسا ، بىر-بىرگە مۇھەببەت ئىزھار قىلشسا ، پۈتكۈل گۇناھلىرى بارماقنىڭ ئارسىدىن تۆكۈلۈپ كىتىدۇ .

    4.ئاياللارغا ئەڭ قىممەتلىك كىشى ئۆزىنىڭ ئېرى ، ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك كىشسى ئانىسدۇر .

    5.ياخشى ئايال چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ ، ئۈزىنڭ ئېرنىڭ سىرنى باشقىلارغا پاش قىلىشتىن ، سۆزلەپ يۈرۈشتىن ساقلىندۇ .

    6.ئىپپەت ۋە ھايا ئاياللارنى ئەرلەرگە سۈيۈملۈك كۆرسىتىدۇ .

    7.بىر ئايالنىڭ يالغۇز ئۆز ئېرنىلا بەخىتلىك قىلىش بۇرچى بار .

    8.بىر كىشنىڭ ئۆيدە تەدبىرلىك ۋە تەربىيلىك ئايالى بولمىسا ، ئۇنىڭ ھالى قورقۇنچلۇقتۇر .

    9.دۇنيادا ئەڭ بەخىتسىز كىشلەر - تەربىيلىك ئايال بىلەن تەربىيلىك پەرزەنتلەردىن مەھرۇم بولغانلار .

    10.تەكەببۇرلۇق _ ئەر -ئاياللار ئۈچۈن يامان ئادەت .

    11.باللىرىنى كۈرۈپ ئانىسنىڭ ئاڭ سەۋيىسى ۋە تەربىيسىنى كۈرۋالغىلى بۇلدۇ .

    12.ئەرلەرنىڭ ئۆيدە ئۇلتۇرشى ، ئاياللارنىڭ كوچىلاردا يۈرشى ئائىلگە پېقىرلىق كەلتۈرگۈچى ۋاستىلەردۇر .

    13. بىلىم چىقىش تەس ، چۈشۈش ناھايىتى ئاسان بولغان بىر تاغدۇر .
     
    14. كىمنىڭ بالىسى بولساڭ بولغىنكى ، ئەدەپلىك بول . يۇقىرى نەسەپلىك بولغاندىن كۆرە ئەدەپلىك بولغىنىڭ ئەۋزەل . شۈبىھسىزكى ، «ئاتام بار » دېگەن ئەمەس ، « مانا مەن بار » دېيەلەيدىغان كىشى ھەقىقى ئەركەكتۇر .

    15. ئەي ئوغلۇم ، سۆزۈمگە دىققەت قىل . سۆزلەر ئىچىدە شۇنداق سۆزلەر باركى ، ئۇ تاشتىن قاتتىق ، قىلىچتىن ئۆتكۈر ، زەھەردىن ئاچچىق ، ئوتتىن قىزىقتۇر ، قەلىبلەر تېرىلغۇ يەرگە ئوخشايدۇ . سەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى سۆزلەرنى تېرىغىن ، ھەممىسى ئۈنمىدى دېگەندىمۇ بىر قىسمى ئۈنىدۇ ئەمەسمۇ ؟! .

    16. ئەي ئوغلۇم ، يالغان سۆزلەشتىن ساقلان ، يالغانچىلىق ئېتىقادىڭنى بۇزىدۇ ، ئەل ئالدىدىكى ئابرويىڭىنى يوقىتىدۇ ، مەرتىۋەڭنى چۈشۈرۈپ ، يۈزىڭنى تۆكىدۇ ، كىشىلەر ساڭا ئىشەنمەس ، سۆزىڭنى ئاڭلىمسا بولىدۇ .

    17.ئىلىمنىڭ ئۇلى قىزىقىشتۇر ، ئۇنىڭ مىۋىسى ئەمىلىيەتتۇر ، زاھىدلىقنىڭ ئۇلى قورقىشتۇر ، ئۇنىڭ مىۋىسى سائادەت ، ئادەمگەرچىلىكىنىڭ ئۇلى ھايادۇر ، ئۇنىڭ مىۋىسى ئىپپەتتۇر .
     
    18.سىزنىڭ باشقىلارغا ئاتا قىلغىنىڭىز باشقىلارنىڭ سىزدىن كۈتكۈنىدىنمۇ كۆپ بولسۇن ، بۇنى ئۆزىڭىز چىن دىلىڭىزدىن خالاپ قىلىڭ .
     
    19. ئاڭلىغاننىڭ ھەمىسىگە ئىشىنۋەرمەڭ ، ئارام ئالغۇدەك ۋاقىت چىقسىلا كۆپرەك ئارام ئېلىڭ .

    20. باشقىلارنىڭ ئارزۇسىنى مازاق قىلماسلىق ، باشقىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ، سزنى باشقىلارغا سۆيۈملۈك قىلىپ كۆرسىتىدۇ .
     
    21. باشقىلارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭ ، بۇ جەرياندا بەلكىم ئازار يەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن بۇ كىشىلىك ھاياتتا مۇكەممەللىككە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى .
     
    22. باشقىلار بىلەن پىكىر جەھەتتە ئوخشىماسلىق كېلىپ چىققاندا چىرايلىقچە رەت قىلىڭ ، ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ توغرا دەپ ، قارشى تەرپنىڭ غورۇرىغا تېگىپ قويماڭ .

    23. بۈيۈك سۆيگۈ ۋە ئۇلۇغ غەلبىنىڭ ھەمىشە زور خەۋپ - خەتەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ .

    24. دوسلۇققا قۇللۇق قىلىش كەتمەيدۇ، ئۇنىڭغا ھۆكۆمىرانلىقنىڭمۇ كېرىكى يوق. ئۇ،تەڭ-باراۋەرلىككە ئەڭ خۇشتاردۇر.

    25.بىر كىشىنى ھەقىقى چۈشىنەي دىسىڭىز، ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىنى ۋە شادلىقلىرىنى ئۇقۇپ قويۇڭ.

    26.باشقىلارنى ياردەم قىلىشقا تەۋسىيە قىلغاندا، نامراتقا مۇراجىئەت قىلىش بايغا يالۋۇرغاندىن ئەۋزەلدۇر.

    27.بايلىق، مال-دۇنيا ساڭا دوست ئەمەس، پەقەت دوستلۇقلا بايلىق ھېساپلىنىدۇ.
    28.ئىككى كىشى ئوتتۇرسىدىكى بىر مەيدان بەس-مۇنازىرە--- ئىككى قەلب ئوتتۇرسىدىكى بېقىنلىشىش يولىدۇر.

    29.بىر ئادەمنىڭ ئەدەپلىكلىكى- شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇردىغان بىر ئەينەكتۇر.
     
    30.تەربىيە كۆرگەن كىشلەرنىڭ قالدۇرغان مىراسى- بىلىمسىزلەرنىڭ قالدۇرغان بايلىقىدىن قىممەتلىكتۇر.

    31.سەمىمىلىك ۋە راستچىلىق- ئەڭ ياخشى تاشقى مۇناسىۋەت ۋاستىسىدۇر.

    32. مۇناجات- ئاسماندىن بەخت تىلىگەنلىكتۇر. ئەجىر-مېھنەت- زېمىندىن بەخت- سائادەت ئىزلىگەنلىكتۇر.

    33. كىشى قىلىشنى ئويلىغان ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ، ئەمما ئېرشىشنى ئويلىغان ھەممە نەرسىگە ئېرشەلمەيدۇ.

    34.ئادەمگەرچىلىككە ئادىمىيلىك بولۇش كېرەك،كىشى ئادەمگەرچىلىكنىڭ ئۇلىنى ئەنە شۇنداق قۇرۇپ چىققان.

    35.كىشى پەزىلىتى بىلەن قولىنى ئۇزاتسا،ئېگىز تاغنى يەرگە ئېڭىشتۇرەلەيدۇ.

    36.ئىنساننىڭ ماڭغان يولى توغرا بولسا ،كۇنى ياخشى ئۆتىدۇ.كۇنى ياخشى ئۆتسە،بەخت-دۆلىتىمۇ مەڭگۈ بولىدۇ.
     
    37..ئوغۇل-قىزىڭغا بىلىم ۋە ئەدەپ ئۇگەت،بۇ ئۇلار ئۇچۇن پايدىلىق.
     
    38.ئەگەر ئاچچىقىڭ كەلسە،ئۆزۇڭنى تۇتىۋال،سەۋىر قىل.سەۋىرچان كىشىنىڭ كۈنلىرى شاتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.

    39. سەمىمىي دوست ئۇزۇن سەپەردە سىنىلىدۇ،ئۇ بارلىق ئازابلارنى يوققا چىقىرىدۇ.

    40. دوستۇڭنىڭ دۈشمىنىمۇ،دۈشمىنىڭنىڭ دوستىمۇ ساڭا ئوخشاشلا خەۋپ.

    41.سەككىز ياشلىق ئۇستازمۇ بولىدۇ،سەكسەن ياشلىق شاگىرتمۇ بولىدۇ.

    42. كىتاپ ئۇقۇپ پىكىر يۈرگۈزمەسلىك ،تاماقنى يەپ ھەزىم قىلمىغانغا ئوخشاش.

    43. زەن قويۇپ ئاڭلاشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ ، شۇنداق قىلسىڭىز ، قۇلاققا ياقمايدىغان ھەر قانداق مۇھاكىمىدىنمۇ زور نەپكە ئېرىشەلەيسىز .
     
    44. مەيلى كىم بولىشى ، قەيەردە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، پىكىر قىلىشىنى ئۈگەنگەن كىشىلا ، بىر خىل يورۇق نۇرغا ئايلىنىدۇ ، كۈچ قۇۋەتكە تولىدۇ .
     
    45. ئەقىللىق ئايال مۇھەببەتتىن يالقۇن ھاسىل قىلالايدۇ ، شۇنىڭدەك « ئوت ئاپىتى » يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆزىنى تارتىۋالالايدۇ .
     
    46. ھېسياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر دۇنيانى قولىدا چۆرگىلىتەلەيدۇ ، گۇمانخور كىشىلەر ھەم دۇنيانى تاشلىۋېتەلەيدۇ .
     
    47. ھەر قانداق ئۇلۇغ ھېسياتمۇ ماھىيەت جەھەتتە بىر خىل خەتەرلىك ئېزىقتۇرۇشىدۇر .
     
    48. ئۆزىدىن غالىپ كېلىش ئارزۇسى باشقىلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئارزۇسىغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ ، چۈنكى ئەڭ مۇشەققەتتە قولغا كېلىدىغان غەلبە دەل ئۆزىدىن غالىپ كېلىشتۇر .
     
    49.مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ بىر ئادىتى بار ، ئۇلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرغۇچىلار قىلىشىنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ .
     
    50.ئۆزەڭگە ئىشەنمسەڭ باشقىلارنىڭ ساڭا ئىشنىشى ناتايىن

    51.ئەتىكى قايغۇغا سەۋەپ بولغان ،بۇگۇنكى خۇشاللىقنىڭ ھىچبىر پايدىسى يوق.

    52.يالغۇزلۇق دەردىدە غېرىپ بولغاندا ،دوستلۇرۇڭنىڭ قەدرىگە يېتەلەيسەن .

    53.ئۆزەڭنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلگەندە ،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلەلەيسەن.
     
    54.مەقسىدىمگە يېتىمەن دىسەڭ ،ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يەت.
     
    55.كۆككە پەرۋاز قىلىشنى ئويلىساڭ ،ئاۋال .ئۆزەڭگە قانات ياسا.
     
    56.باشقىلارنىڭ دىلصنص ئاغرىتماي دىسەڭ ،مىڭ ئويلاپ بىر سۆزلە.

    57.ۋىجدانىمنى يوقاتماي دىسەڭ ،ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغىن ،يالغان سۆزلىمە.

    58.كۈنلۈرۈم مەنىلىك ئۆتسۇن دىسەڭ ،كىتاپ ئوقۇشنى توختاتما.

    59.تەكەپپۇرلۇق قىلساق ئاقصۋەت يالغۇز قالىسەن .

    60.ئاتا -ئانامنىك دۇئاسىنى ئالاي دىسەڭ .ئۇلار ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يەت .

    61.ھەقىقى باي بولاي دىسەڭ ،ھارام دۇنياغا كۆز سالما.
     
    62.ھورۇن بولۇپ قالماي دىسەڭ ،سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەن.

    63.دوستلۇرۇڭنىڭ قەدرىگە يېتەي دىسەڭ ،ئۇلارغا ئىشەن ،دائىم يار -يۆلەك بول.
     
    64.نورمال كەيپىياتنى ساقلاپ قالاي دىسەڭ ،دۈشمىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسما ،دوستۇڭ ئالدىدا كۆرەڭلىمە.

    65.دوست تۇتساڭ ،ئۇنىڭ ئابرۇيىغا.

    ،بايلىقىغا قارىماستىن ،ئۇنىڭ بىلىمىگە ،ساپ كۆڭلىگە قارا.

    66.مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىساڭ ،ھەممىنى بۈگۈندىن باشلا ،ئۆتۈپ كەتكەننى ئويلىما .
     
    67.ياخشى بىلەن ياماننى ،قىلغان گەپ سۆزلىرىدىن بىلەلەيسەن.

    68.ھەر بىر مىنوتنى قەدىرلەشنى بىلسەڭ ،جاھاندىكى ھەممە نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتەلەيسەن .

    69.دەرياغا چۈشمەكچى بولساڭ .ئاۋال سۇ ئۈزۈشنى ئۈگەن .

    70.ھەقىقى ئادەم بولىمەن دىسەڭ ،ئادەم بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئۈگەن .

    71. ئۆزەڭنىڭ چۇقۇم <<خاتالىق >>ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭنى بىلىشىڭ كىرەك ،چۈنكى سىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭ بىراۋلار ئۈچۈن توغرا بولسىمۇ يەنە بىراۋلار ئۈچۈن خاتالىقتۇ.

    72.ئادەم ئادىمىلىكتىن گۇمان قىلىپ ئۆزىنى <<بىئولوگىيىلىك ھايۋان >>دەپ قارىغان كۈنى ھالاكەتكە يۈز تۇتقان كۈنىدۇر .
     
    73.تۇغۇلغاندا ۋاقىت بىلەن دوسىت ئىدىم .ئەمدىلىكتە ئۇ مەسئۇلىيەت يۈكىنى ماڭا ئارتىپ قۇيۇپ ئۆزى كىتىپ قاپتۇ .
     
    74.ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ئادىمىلىك بىلەن ھايۋانلىق ئارىسىدىكى روشەن بىر خارەكتىر پەرقى !
     
    75.بىز نىمىلەرنى يۇقىتىپ ،نىمىلەرگە ئىرىشكىنىمىزنى بىلمىگەچكە ،باشقىلارنىڭ <<ئەخلەتلىرىگە >>كۆمۈلۈپ ياشاۋاتىمىز .
     
    76.ھەقىقەتنى ئىزدەيمىز ئەمما ئۇنى سۆيمەيمىز .شۇڭىلاشقا دۇنيادا ھەقىقەت يوق دەپ زارلايمىز .

    77.سىنىڭ بەش يىل سەرىپ قىلىپ قۇپارغان مۇھاببەت تېمىڭ بەش مىنۇتلۇق ھىسىيات تەۋرىنىشىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ .

    78.سەن تۆنۈگۈن قاقاھلاپ كۈلگەن ۋاختىڭدا باشقىلارنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ قۇيۇشنى ئويلىغان بولساڭ ،بۈگۈن بۇنداق ئاچچىق يىغلاپ كەتمىگەن بۇلاتتىڭ ......
     
    79.بەزى ئەرلەر ئۆزلىرىنى باشقۇرالمىغانلىقىدىن ،ئۇلارنى ئاياللىرى باشقۇرماقتا !ئەرلەر يېرىم -يالىڭاچ كىيىنگەن قىزئاياللارنى ھاقارەتلىگەن ۋاقىتتا،بۇكىيىملەرنى ئۆزلىرىنىڭلاھىلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كىرەك .
     
    80.ئاسان ئۆلۈم ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولمايدىغان ئامەتتۇر .
     
    81.قىزنىڭ ئىچىدە قىز بار ،لىكىن ئوغۇلنىڭ ئىچىدە ئوغۇل يوق !

    82.تاج ياسىماق ئاسان ،لىكىن ئۇنىڭغا مۇۋاپپىق باش تېپىش قىيىن . 

    83.غەم -قايغۇنى يۇشۇرۇشتىن خۇشاللىقنى يۇشۇرماق ئىنتايىن قىيىن ، چۈنكى بىزسەۋەنلىكنى يۇشۇرۇپ كىچىكىنە ئارتۇقچىلىقنىمۇ كۆز -كۆز قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن.

    84.ئۆز يۈرىكىنىڭ رېتىمىنى بىلىپ تۇردىغان ئادەملەر ئۈچۈن سائەت ئېلىپ يۈرۈش ھاجەتسىز .

    85.خوشلاشمايلا كەتكۈچىلەر بىر بولسا سەندىن قورقىدىغانلار ،بىر بولسا ساڭا يۈز كىلەلمەيدىغانلاردۇر .
     
    86.بۇ دۇنيادا ئىككى خىل ساتقىن بار : بىرى ئۆزىنى ساتىدۇ ،يەنە بىرى ئۆزگىنى .
     
    87.ئاياللار قانچە يالىڭاچلانسا ،ئەرلەر ئاچكۆزلىكتىن مەھرۇم قالىدۇ .ئەرلەر يالىڭاچلانغانسىرى ئاياللار شۇنچە ئاچكۆزلىشىدۇ .
     
    88.جاپانىڭ تىگى راھەت بولسا دىھقانلىرىمىز يىل بۇيى جاپاللىق ئىشلەپ يەنە شۇ قەھرىتان سوغۇقتا توڭ چاپمىغان بۇلاتتى .
     
    89.ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئەڭ كۆپ يەيدىغىنى : ئۈمۈد قاچىسىغا ئەكىلىنگەن غەم غىزاسىدۇر .
     
    90.ساڭا خىرىس قىلغان ئىتنىڭ بەزىدە تۇمشىقصغا ئۇرساڭ ،بەزىدە ئالدىغا سۆڭەك تاشلاپمۇ بەر ...بىھۇدە چىشلىنىشتىن ساقلىنسەن .
     
    91.<<ئانام ،ئانام >>دەپ ئۆز ئانىسىنىلا مةدھصيلەپ ،قەدىرلەپ كىلىۋاتقانلار ئۆز ئايالىڭغىمۇ قاراپ قوي ،ئۇمۇ بىر ئانا ! ئۆز قىزىڭغىمۇ قاراپ قوي ،ئۇمۇ كەلگۈسىدە بىر ئانا ..
     
    92.بەزى ماتىرصياللاردا رىۋايەت قىلىنىشىچە ئەجداتلىرىمىزنى بۆرە دەپ تەسۋىرلەيدۇ ! لىكىن مەن ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ كەلگەنتىم . ھازىر چۈشەندىمكى : ئادەملەرنىڭ ئاچكۆز ۋەھشىلىكىدن بۇ رىۋايەتكە ئىشەندىم ،ئاچ قالغاندا ئىزدىشىپ ،قورسىقى تويسا چەتنىشىدىغان خۇسۇسىيەت بىزگە بۆرىدىن قالغانمىكىن ؟؟

    93.مەن كىشىگە قىلسا ئۆزىگە ،قاشقا سانىسا كۆزگە دىگەن ئەقلىيە سۆزصنى ئةمدى چۈشەنگەندەك بۇلىۋاتىمەن . بىر چاغلاردا بوۋىمىز بابۇر شاھ قېلىچ -نەيزە ئوينىتىپ ھىندىستاننى ئىستىلا قىلغان بولسا ،ئەمدىلىكتە ھىندىستان چىكىدىن ئاشقان ئىشقى -مۇھاببەت فىلىملىرى ۋە ناخشا -مۇزىكىلىرى بىلەن قىز -ئاياللىرىمىزنىڭ روھىنى ئىستىلا قىلماقتا .
     
    94.ئاتا بىلەن بالا ،ئاكا بىلەن سىڭىل ۋە دوسىت بۇرادەر ئوتتۇرسىدا ھايا پەردىسىنىڭ يىرتىلغانلىقى قىيامەت پىلتىسىنىڭ ئوت ئالغانلىقىدۇر .
     
    95.ئادەم ھاياتىدا ئەڭ ئەقىللىق بوپ قالدىغان بىر كۈن بار :ئۇ بولسىمۇ سەكرات ئالدى ...
     
    96.بالىڭىزغا ئاغزىنى يۇمۇشنى ئۆگىتىڭ، ئۇ ناھايىتى تېزلا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

    97.بويسۇنۇشنى بىلمىگەن ئادەم قوماندانلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.

    98.سوتچى قانۇنغا بويسۇنۇشى، خەلق سوتچىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

    99.يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنى ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيەت، تەڭ دېمەتلىكلەرنى ھۆرمەت قىلىش ئەدەب، تۆۋەن دەرىجىلىكلەرنى ھۆرمەت قىلىش ئېسىل خىسلەت.

    100.بايلىق ئىگىدارلىق قىلغۇچىغا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن ھوزۇرلانغان ئادەمگە مەنسۇپ.

    101.ئەگەر ئۆلۈپ جەسىتىم چىرىپ كەتكەندە مېنى باشقىلار ئۇنتۇپ قالمىسۇن دېسەڭ، يا باشقىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئەرزىيدىغان بىر نەرسە ياز، يا باشقىلارنىڭ يېزىشىغا ئەرزىيدىغان بىرەر ئىش قىل.

    102.ئاۋۋال بالاڭنى ئۆزۈڭگە بويسۇندۇرۇشنى ئۆگەن، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ئۆگەت.

    103.سەن ۋىجدانىڭغا زىيان سالساڭ،ۋىجدانىڭ سەندىن ئۆچ ئالىدۇ.

    104.كىشىلەرگە قوپال سۆز قىلما،قوپال سۆز خۇددى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.

    105.سىرىڭنى قاتتىق يوشۇر،ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭگە ئۆكۈنۈش،پۇشايمان كەلمىسۇن،ھەر قانچە ئىشەنچلىك ۋە يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ ئېيتما،ئەگەر سەن بىر دوستۇڭغا سىرىڭنى ئېيتىپ بەرسەڭ،ئۇ دوستۇڭ سىرىڭنى يېيىۋەتسە،سەن دوستۇڭدىن ھەرگىزمۇئاغرىنما،چۈنكى،ئۆزۈڭ ساقلىيالمىغان سىرنى باشقىلار قانداقمۇ ساقلىيالىسۇن!

    106.سەن مۇھەببەت گۈلىنى تاللاشتا ئۇنىڭ رەڭگى ۋە ھۆسنىگە قارىماي،پۇرىقى ۋە تىكىنىنىڭ بار -يوقلىقىغا قارا.گۈل چىرايلىق ھەم پۇراقلىق بولىدۇ،ئەمما گۈللەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنداق بولىۋەرمەيدۇ،بەزى گۈللەرنىڭ تىكىنى بار،بەزى گۈللەر چىرايلىق ئەمما تىكەنسىز كېلىدۇ،ئادەممۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا.

    107.ئادەم ئەسلى ئۇلۇغ ئەمەس،ئازاپ،ھەسرەتنى،مۇھەببەتنى ۋە مۇشەققەتنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلۇغ!

    108.مۇھەببەتتىكى ئەڭ زور بەخىت--ئۆزئارا كەچۈرۈش،ئەپۇ قىلىش.

    109.ھەر قانداق ئادەم ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ؛ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم سىزنى ھەرگىز يىغلاتمايدۇ.

    110.ھەسرەت چېكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ ھەرگىز قاپاق تۈرمەڭ،چۈنكى سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامىراق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز.

    111. چوڭ ئىشلارغا ئىسىلۋىلىپ ھىچنىمىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىغاندىن ، ئەھمىيەتلىك كىچىك ئىشلاردىن بىر نەچچىنى قىلغان ئەلا .

    112 . كىيىنىشمۇ بىر ئىلىم ، ئەمما چەكتىن ئىشىپ كەتسە قىممىتىنى يۇقىتىدۇ .

    113. تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىلەر كىشىلەر ئۇچرىغان جاپا مۇشەققەت ئەمەس ، بەلكى ئۇلار سادىر قىلغان خاتالىقتۇر .
     
    114 . مىنىڭ ھاياتىمدائۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنىڭ ھەممىسى ياق دەيدىغان چاغدا ھەئە دېگەنلىكىمدۇر .

    115. تۇرمۇش خۇددى بىر باش پىيازغا ئۇخشايدۇ ، ئۇنىڭ بىر قەۋىتىنى سويسىڭىز ، بەزىدە كۆزىڭىزدىن ياش ئاققۇزۇۋىتىدۇ .

    116 . ھايات بىر ئىسىل سەنئەت نۇمۇرىغا ئۇخشايدۇ ، ئۇنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى مۇھىم ئەمەس ، بەلكى ئېسل ياكى ئېسل ئەمەسلىكى مۇھىم .

    117 . دۇنيادا بىز قۇرقىدىغان ھېچنەرسە يۇق ، پەقەت ئۇنى چۈشەنمىگەچكىلا قۇرقىمىز .

    118 . ئۆزىڭىزنى چۈشەنگەندىلا ، ئۆزىڭىزنى قۇتۇلدۇرالايسىز .

    119. ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەي ، ھاياتىڭىزنىڭ ھەققى باشلانمىغانلىقىدىن ئەنسىرەڭ .
     120. تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر ئاق قەغەز ، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى يازىدۇ

    121.دۈشمىنىڭ سىنى ئاشكارە ماختىغان ۋاقىت دەل سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئەجەل ياسىنىڭ ئوقى توغرىلانغان ۋاقىتتۇر. 

    122.ئۆتكەننى بۈگۈنگە تەتبىقلاپ ياشىيالىغان ئاقىلدۇر، بۈگۈننى كەلگۈسىگە تەتبىقلاپ ياشىيالىغان دانادۇر. 

    123.بىراۋغا سۆز قىلساڭ قىسقا، مەنىلىك قىل، چۈنكى مەرگەن بىر تال ئوق بىلەن نىشانغا دەل تەككۈزەلەيدۇ  

    124.يىڭنىنى ياراتمىغان ئادەم نەيزە بىلەنمۇ ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ.

    125.كىم ئۆزىنى زىيادە ئاشكارىلىۋېتىدىكەن، ئۇ، كىشىلەرنى چۆچىتىپ قويىدۇ.

    126.ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز يا تۆرگە باشلايدۇ ياكى گۆرگە. 

    127.دوستۇڭنىڭ بولماسلىقى سېنى غېرىپلىق باستۇرسا، دۈشمىنىڭنىڭ بولماسلىقى سېنى غەپلەت باستۇرىدۇ.

    128.ئۆزۈڭدىن يۇقىرىدىكىلەرگە ئەقىل كۆرسىتىشكە ئالدىرىما، بولمىسا ئاسانلا دۈشمەنگە ئايلىنىسەن.

    129.ئەڭ كۆپ داۋراڭ سالىدىغانلار ئەڭ تېز مەغلۇپ بولغۇچىلاردۇر.

    130.ئۆز ۋاقتىغا ئىگە بولالىغان ئادەملەر- بەختلىكلەردۇر. ئۆز ۋاقتىنى ئۆنۈملىك خەجلىگەن ئادەم ئاقىلدۇر.

    131.ئىككى خىل ئادەم ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىرى ئەقىللىق ئادەم، يەنە بىرى بىخۇدلاشقان ئادەم.

    132.ئەگەر سەن ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەتكە ئېرىشەي دېسەڭ ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەتنى باشقىلارغا ئاتا قىلىشقا تەييارلان.
    مەنبە: ئۆزۈم توپلىغان

    分享到: