-
ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەققىدە
2009-05-08
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39101547.html
ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەققىدە
ئەرلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالىغاندىلا ئاياللار ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ.
ئەرلەر كۆپ ماڭسا ئاياللار غەمكىن، ئاياللار كۆپ كۈلسە ئەرلەر غەمكىن بولىدۇ.
ئەرنىڭ شىجائىتى ئايالغا ئايال بولۇشنى ئۆگەتسە ئايالنىڭ مۇلايىملىقى ئەرگە ئەرلىك خاراكتېر ئاتا قىلىدۇ.
بىزنىڭ ئەرلىرىمىز سۈيى يوق دەرياغا، ئاياللىرىمىز ئوتى يوق تونۇرغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشى ئائىلىنى ۋەيران قىلسا ئەرلەرنىڭ بۇزۇلۇشى پۈتكۈل دۇنيانى ۋەيران قىلىدۇ.
ئاياللار بىرى زىيادە سەزگۈرلۈكتىن، يەنە بىرى زىيادە گۇمانخورلۇقتىن بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ.
ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىيلىك، راستچىللىق يوقىلىپ كەتسە ئائىلە تىنچ ۋەيران بولىدۇ.
ئاياللار دېمەك ئەرلەرنىڭ تەن سىرتىدىكى روھىدۇر، بۇ روھتىكى پەزىلەت ۋە دىيانەت، ئىزگۈلۈك ۋە قاباھەت ئەرلەر تاكامۇللىقىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.
ئاياللار قۇل بولۇشقا رازىكى قۇللارنى سۆيمەيدۇ.
ئاياللارنىڭ شوخلۇقى بەزىدە ئەرلەرگە مەغلۇبىيەت ئېلىپ كىلىدۇ ،ئەرلەرنىڭ شوخلۇقى بەزىدە ئاياللارنى يولدىن چىقىرىدۇ .
ئەرلەردە ۋىجدان،غۇرۇر يوقالغاندا ، ئاياللار ئۆزگىلەردىن بەخىت تىلەشكە مەجبۇر بۇلىدۇ .
ئاياللارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى تۆكۈلسە ، ئەرلەر باش كۆتۈرەلمەي سۈكۈتتە تۇرىدۇ . ئەرلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى تۆكۈلسە ئاياللارنىڭ تاپا تەنىسىگە قالىدۇ .
ئاياللارغا كۆرسىتىلگەن ھىسداشلىق چەكتىن ئاشقاندا ، ئەرلەر ئۇلارنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ .
بەزى ئاياللارنىڭ كۆز يېشى ئەرلەرنى شامدەك ئىرىتسە ، كۈلكىسى بەزىدە ئەرلەرنى جېنىدىن جۇدا قىلىدۇ .
ئەر ئايالدىن ۋىجدان ، غۇرۇر تەلەپ قىلسا،ئايال ئەردىن كۆيۈمچانلىق ، مەردلىك تەلەپ قىلىدۇ历史上的今天:
ھىكمەت ئۈنچىلىرىدىن دۇردانىلەر 2009-05-08ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللار 2009-05-08لوقمان ھەكىمنىڭ 300 نەسىھىتى... 2009-05-08ئەقىللىق خوتۇن ۋە ئەقىلسىز خوتۇن 2009-05-08