• كونۇپكا تاختىسىدىكى ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنى بىلۋىلىڭ

    2009-05-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39098689.html

    كونۇپكا تاختىسىدىكى ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنى بىلۋىلىڭ

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

    كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈستىگە F1~~~F12 گىچە ئىقتىدار كونۇپكىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ ، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىپ كېتىلمىسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ رولى خېلى كۆپ . تۆۋەندە ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنىڭ ئىقتىدارى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلىدۇ .

    F1 كۇنۇپكىسى : بۇ كۇنۇپكىنى كۆزنەك مەشغۇلات سېستىمىسى ئېكران يۈزىدە ياكى ئاكتىپلانغان مەلۇم يومشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزىدە باسقاندا كۆزنەكنىڭ ياكى شۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردەم ھۆججىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    F2 كۇنۇپكىسى : بۇ كۇنۇپكىنى مەلۇم ھۆججەتنى ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ تۇرۇپ باسقاندا نۆۋەتتىكى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ قايتا نام بېرىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ . بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئىقتىدارى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدىكى 重命名 بۇيرۇقى بىلەن ئوخشاش .

    F3 كۇنۇپكىسى : بۇ كۇنۇپكىنى كۆزنەك ئۈستەل يۈزىدە ياكى مەلۇم بىر ھۆججەت قىسقۇچتا باسقاندا ئىزدەش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ . بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئىقتىدارى 开始 دىكى 搜索 بۇيرۇقى بىلەن ئوخشاش .

    F4 كۇنۇپكىسى : بۇ كۇنۇپكىنى Internet explorer نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە باسقاندا ئادرىس يازىدىغان ئۇرۇندىكى ئادرىسنى تاللاش تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ . ئەگەر Alt كۇنۇپكىسى بىلەن قوشۇپ بېسىلسا مەيلى قايسى پىروگرامما بولىشىدىن قەتئىي نەزەر شۇ پروگرامما تاقىلىدۇ . ئەگەر كۆزنەك ئۈستەل يۈزىدە بېسىلسا كۆزنەكنى تاقاش رامكىسى كۆرۈنىدۇ .

    F5 كۇنۇپكىسى : بۇ كۇنۇپكىنى Internet explorer نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە ياكى ئۈستەل يۈزىدە بېسىلسا نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى يېڭىلاش رولىنى ئوينايدۇ .

    F6 كۇنۇپكىسى : بۇ كۇنۇپكىنى Internet explorer نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە ياكى مەلۇم بىر ھۆججەت قىسقۇچتا بېسىلسا نۆۋەتتە تاللانغان ئورۇننى ئۆزگەرتىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ .

    F8 كۇنۇپكىسى : كومپىيۇتېر ئەمدىلا قوزغالغاندا بېسىۋېلىنسا كۆزنەكنىڭ تاللاپ قوزغىتىش تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ .

    F10 كۇنۇپكىسى : بۇ كۇنۇپكا بېسىلغاندا ھازىرقى پروگراممىنىڭ تىزىملىكى 菜单 نى تاللاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئەگەر Shift كۇنۇپكىسى بىلەن قوشۇپ بېسىلسا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنىڭ ئىقتىدارىنى بېجىرگىلى بولىدۇ .

    F11 كۇنۇپكىسى : بۇ كۇنۇپكىنى Internet explorer نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە باسقاندا نۆۋەتتىكى كۆزنەك پۈتۈن ئېكران ھالىتىگە ئۆتىدۇ . يەنە بىر قېتىم بېسىلسا پۈتۈن ئېكران ھالىتىدىن چېكىنىدۇ .

    ئەسكەرتىش : F7 , F9 , F12 كۇنۇپكىلىرىغا كۆزنەك مەشغۇلات سېستىمىسىدا ئىقتىدار سەپلەنمىگەن ، بىراق ئايرىم يۇمشاق دېتاللىرىدا ئىقتىدار قوشۇلغان بولشى مۇمكىن . بۇنى سىناش ئارقىلىق بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ !
    分享到: